باش بەت قىلىشساقلىۋېلىش مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار OPEN-MUSIC

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 0

پەخىرلىك خەتتات ۋە فوتوگرافىمىز قاينام جاپپار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

493

تېما

14

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 831
نادىر تېمىسى: 106
تىللا: 3049
تۆھپە : 7503
توردا: 961
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2017-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2016-9-29 10:24:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
9.JPG

پەخىرلىك خەتتات ۋە فوتوگرافىمىز قاينام جاپپار ئەپەندى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت–تارىخ تەتقىقات يۇرتى خەتتاتلار–رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، دۇنيا تىل-يېزىق سەنئىتى كۆرگەزمىسىنىڭ تەكلىپلىك سەنئەتكارى.
دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك خەتتات قاينام جاپپار 1958-يىل 5- ئايدا مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، قاينام جاپپار ھازىر جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو خەتتاتلار جەمئىيىتى ئاخبارات – نەشرىيات خىزمىتى كومتېتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، قوشۇمچە ئاز سانلىق مىللەتلەر خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق فوتوگرافلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت – تارىخ تەتقىقات يۇرتى خەتتاتلار–رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، دۇنيا تىل-يېزىق سەنئىتى كۆرگەزمىسىنىڭ تەكلىپلىك سەنئەتكارى.
قاينام جاپپار كىچىكىدىن باشلاپلا گۈزەل سەنئەت ۋە خەتتاتلىققا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان. 1976-يىلدىن 1996-يىلغىچە سابىق شىنجاڭ «1- ئىيۇل» پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىنچىكە ئىگىرىش سېخىنىڭ رېمونتچىسى، پەرزەنتلەر مەكتىپىنىڭ گۈزەل سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1996-يىلى «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»گە يۆتكىلىپ، گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى، فوتۇ سۈرەت مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن.

نەتىجە-ئۇتۇقلىرى ۋە بىر پارچە ۋەكىللىك ئەسىرى «جۇڭگو ھازىرقى زامان خەتتاتلىرى لۇغىتى» ( 1993-يىلى بۈگۈنكى جۇڭگو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان)گە كىرگۈزۈلگەن؛ 2008-يىلى 8-ئايدا باشقا خەتتاتلار بىلەن بىرلىكتە ئىجاد قىلغان «مىڭ مېتىرلىق ھۆسنخەت ئەسىرى يۆگىمى» ئەسىرى «جۇڭگو گۈزەل ئەخلاق چوڭ لۇغىتى»گە كىرگۈزۈلگەن، تەشكىلىي ھەيئەت ئۇنىڭغا «مېھرىبان خەتتات» دېگەن شەرەپلىك نامنى تەقدىم قىلغان؛ 2008-يىلى 8-ئايدا «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە بېغىشلانغان شىنجاڭ ئوتتۇرا ياش ۋە ياش خەتتاتلار ۋەكىللىرىنىڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارىدا بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كىتابى نەشر قىلىنغان؛ 2008-يىلى 10-ئايدا تەكلىپكە بىنائەن كورىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «كورىيە –جۇڭگو خەلقئارا خەتتاتلىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى»گە قاتناشقان. 2008-يىلى پىنسىيەگە چىققان.
1984-يىلىدىن ئېتىبارەن «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلى، «تارىم» ژۇرنىلى، «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى قاتارلىق گېزىت-ژۇرناللاردا 3000 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت، فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 1989-يىلىدىن كېيىن ئىجاد قىلغان 100 پارچىغا يېقىن ھۆسنخەت ئەسىرى «ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» (1997-يىل شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان) ۋە «ئۇيغۇر خەتتاتلىق ئەسەرلىرىدىن تاللانما»، «ھۆسنخەت ۋە ئۆرنەك رەسىملەر» (1999-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان) ناملىق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن؛ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا نەشر قىلىنغان مۇھىم كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن؛ قىسمەن ئەسەرلىرى ئۆزبېكىستان، پاكىستان، مالايسىيا، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن مەدەنىيەت-سەنئەت بايرىمى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە كۆرگەزمە قىلىنغان.
1987-يىلى ئۈرۈمچى رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن نەق مەيدان خەتتاتلىق ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدا بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن؛

1994-يىلىدىن ھازىرغىچە كۆپلىگەن ئەسەرلىرى دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ھۆسنخەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلۇپ، تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى غەربىي شىمال رايونى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن گۈزەل سەنئەت، ھۆسنخەت، فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن. 1995-يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆز ئالدىغا تۇنجى قېتىم ھۆسنخەت، فوتوسۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان. قاينام جاپپار توقۇمچىلىق فابرىكىسىدا ئىشلىگەن مەزگىلدە كۆپ قېتىم خەتتاتلىق كۇرسى ئېچىپ نۇرغۇنلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلىگەن. ئۇنىڭ ئەجىر قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان شاگىرتلىرى تۈرلۈك خەتتاتلىق مۇسابىقىلىرىدە ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.

قاينام جاپپار «شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى»دە ئاخبارات-تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مەزگىلدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقتىن، 1998-يىلى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن «ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يېتىشكەن سەنئەتكار» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن. قانۇنغا ئائىت ئىككى پارچە تەپسىلى خەۋىرى 1-دەرىجىلىك، باشقا تېمىدىكى ئۈچ پارچە ئەسىرى 2-، 3-دەرىجىلىك «شىنجاڭ ئاخبارات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. شەرەپ بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 4-، 5-، 7-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان، شۇنداقلا مەملىكەتلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 5- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ سايلانغان.

2009-يىلى بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى كورىيە، جۇڭگو، ياپونىيە بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن «6-نۆۋەتلىك دۇنيا يېزىق سەنئىتى كۆرگەزمىسى»دە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان باھالاش پائالىيىتىدە «يۈز مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات–سەنئەت خادىمى»نىڭ بىرى دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن؛ بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى 2009-يىلى 6-ئايدا 3-نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات–سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن. 2009 –يىلى 7-ئايدا بىر پارچە ھۆسنخەت ئەسىرى جۇڭگو خەتتاتلار-رەسساملار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى بېيجىڭ سەنئەت ئىجادىيىتى مەركىزىنىڭ باھالاش پائالىيىتىدە «جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش جۇڭگو خەتتاتلىق–رەسساملىق سەنئىتى مۇكاپاتى» ۋە «جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش جۇڭگو خەتتاتلىق-رەسساملىق سەنئەتكارلىرى مۇكاپاتى»غا نائىل بولغان، مۇكاپاتلانغان ئەسىرى «جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە دائىر نادىر شېئىر، ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرى توپلىمى»غا كىرگۈزۈلگەن. 2011 –يىل 3-ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل–سەنئەت سارىيىدا «ئانا يۇرتقا مۇھەببەت» تېمىسىدىكى فوتو-سۈرەت، ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ جامائەتچىلىك ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

QQ图片20160929102316.png

QQ图片20160929102341.png

QQ图片20160929102351.png

QQ图片20160929102355.png

QQ图片20160929102400.png

QQ图片20160929102404.png

QQ图片20160929102408.png

QQ图片20160929102412.png

QQ图片20160929102416.png



رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2017-5-6 22:44 , Processed in 0.263494 second(s), 39 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش