- شۆھرەت
- 7502
- تىللا
- 3048
- تۆھپە
- 7502
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-5-4
- تىزىملاتقان
- 2013-8-15
- تېما
- 493
- ھەمبەھر
- 3
- نادىر
- 106
- جۇغلانما
- 26915
- يازما
- 831
    
|
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
 | |  |  |
 |
 |
 |
 |
نەسخى خەت نۇسخىسى
نەسخى خەت نۇسخىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا تۈز خەت نۇسخىسى بىلەن ئارىلاش قوللىنىلماقتا . بۇ ئىككى نۇسخىنى ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ئايرىم–ئايرىم تەرەققىي قىلدۇرۇش مەقسىتىدە نەسخى خەت نۇسخىسى ئۈستىدە ئايرىم توختىلىمىز .
‹‹نەسخ›› كۆچۈرۈپ يېزىش ، قايتا يېزىش ، ئۇششاق خەت دېگەندەك لۇغەت مەنىلىرىگە ئىگە . نەسخى خەت نۇسخىسى 6–ئەسىرنىڭ ئاخىرى 7–ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ئورنىنى دەسسەپ ئىجاد قىلىنغان چىرايلىق ھەم سىلىق ، يېزىشقا قۇلايلىق ، ئوقۇشقا ئوڭاي نۇسخا بولۇپ ، ھەرىپلىرى قىرسىز ، تولۇق ، ئوچۇق ، تەكشى ھەم ئەركىن ، دانە–دانە يېزىلىشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە . بۇ نۇسخىدا ھەرىپلەر ئاساسىي جەھەتتىن تۈز سىزىقنى بويلاپ يېزىلىدۇ . ھەرپ قۇرۇلمىلىرى تۈز سىزىققا ئۆلۈك ھالدا زورمۇ زور بەنىت قىلىنماستىن ، مەلۇم دەرىجىدە ئەۋرىشىملىكنى ساقلاپ قالغان بولىدۇ . نەسخى خەت نۇسخىسى ئۆز ئالاھىدىلىكى بىلەن خەلقئارادا پۈتكۈل مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ . قوليازمىلىرىمۇ ناھايىتى تەكشى ، چىرايلىق . بۇ نۇسخىدا مەلۇم جەھەتلەردە سۇلۇس ۋە رۇقئى نۇسخىسىنىڭ ئالامەتلىرى بولۇپ ، سۇلۇس ۋە رۇقئى ، تۈز خەت نۇسخىلىرىمۇ نەسخى خەت نۇسخىسىدىن ئىلھام ئېلىپ ئىجاد قىلىنغان . نەسخى خەت نۇسخىسىنىڭ خېلى كۆپ ۋارىيانىتلىرى بار .
ئۆرنەكلەر:
دىۋانى خەت نۇسخىسى
دىۋانى خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ناھايىتى كەڭ قوللىنىلىدىغان نۇسخا بولۇپ ، خەتتاتلاردىن بۇ نۇسخىنى بىلىدىغانلار ئانچە كۆپ ئەمەس . ‹‹دىۋانى›› دېگەن بۇ سۆز دۆلەت ، ھۆكۈمەت ، چوڭ ھەجىملىك قامۇس ۋە لوغەت دېگەن مەنىلەردىن باشقا يەنە يۇمشاق ئورۇندۇق–سافاغىمۇ قارىتىلغان . ئۇنىڭ سۆز مەنىسىگە ۋە بىر قىسىم ماتېرىياللارغا ئاساسەن ،‹‹تۈز خەت نۇسخىسى›› دىۋانى خەت نۇسخىسى دەپ ئاتىلىپ كەڭ تارقالغانىدى . خەتتاتلىقنىڭ خەلقئارادىكى ئورتاقلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ ، دىۋانى خەت نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپ نۇسخىلىرى قايتىدىن رەتلەپ چىقىلدى .
دىۋانى خەت نۇسخىسى تۈز سىزىقنى بويلاپ يېزىلمايدۇ . جۈملىلەرنىڭ ھەر بىر بۆلىكى يۇقىرىدىن باشلىنىپ قىيپاش يېزىلىدۇ . خەتلەر گەرچە قىيپاش ھەم ئىرماش چىرماش يېزىلغاندەك تۇيۇلمىسىمۇ ، لېكىن ئەدىبنىڭ راۋان قەلەم خاتىرىسىنى ئەسلىتىدۇ
ئۆرنەكلەر:
ئەسلىيە خەت نۇسخىسى
ئەسلىيە خەت نۇسخىسى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا يېڭى تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ ، قېلىپلاشقان ئەنئەنىۋى نۇسخىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ‹‹ئەسلىيە›› دېگەن بۇ سۆز ، مەركىزىي سىزىق ، ئاساسىي سىزىق دېگەندەك لوغەت مەنىلىرىگە ئىگە . ئەسلىيە خەت نۇسخىسى توغرا سىزىقنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان ھالدا يېزىلىدىغان بولغاچقا كۆركەم ، سېمىز كۆرۈنىدۇ . قىسقا ئورۇنغا ئۇزۇن جۈملىلەرنى سىغداپ يېزىشقا توغرا كەلگەندە ، خەتلەر كۆپىنچە ئىنچىكە ، ئېگىز بولۇپ كۆركەم كۆرۈنمەيدۇ ، شۇنداقلا كىشىلەرنى جەلىپ قىلالمايدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا خەتنى ئەسلىيە خەت نۇسخىسىدا يازسا ، ھۆسنىخەت يىراقتىن قارىغاندىمۇ كۆركەم ، چىرايلىق ھەمدە جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقىرى بولىدۇ
ئۆرنەكلەر:
رۇقئى خەت نۇسخىسى
رۇقئى خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا تەسىرى چوڭ ، قوللىنىشى كەڭ ، ئاممىباب نۇسخىدۇر .
‹‹رۇقئى›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىككىلىك خەت ، باغاق ، سالام خەت دېگەن لوغەت مەنىلىرىگە ئىگە . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، رۇقئى خەت نۇسخىسىنى 8–ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ياقۇت مۇستەسىم ئىجاد قىلغان . ياقۇت مۇستەسىم ئۆز دەۋرىدە خەتتاتلىقتا ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ، ‹‹كاتىپلار پىر ئۇستازى›› دېگەن ئۇنۋانغا ئىگە بولغان . 800 يىل مابەينىدە رۇقئى خەت نۇسخىسى ئەرەب ۋە ئەرەب يېزىقى ئاساسىدىكى يېزىقلارنى قوللىنىدىغان بارلىق دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىلىپ ، خەتتاتلىقتا ئاساسلىق نۇسخىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە .
رۇقئى خەت نۇسخىسىنىڭ ھەرپ شەكىللىرى تۈز خەت نۇسخىسىغا قارىغاندا سەل كالتە ، دىقماقراق كېلىدۇ . تىك سىزىقى ۋە توغرا سىزىقلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش توملۇقتا يېزىلىدۇ ، پەرقى ئازراق بولىدۇ
ئۆرنەكلەر:
تۈز خەت نۇسخىسى
تۈز خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا يېڭى ھەمدە ئاساسلىق نۇسخىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەتبۇئاتلاردا، خەت بېسىش ماشىنكىلىرى، ئېلىكتىرونلۇق ماشىنكىلاردا مەتبەئە شەكلى بىلەن ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلسا، قوليازما شەكىللىرى ئېلىپبە ۋە بىر قىسىم باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرسلىك كىتابلىرىدا ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ ھەمدە بىر قىسىم ئىدارە–ئورگان، كان–كارخانىلارنىڭ ۋىۋىسىكىلىرى، يىغىن پىلاكاتلىرىدا، كۆرگەزمە، يەرمەنكە ۋە تەشۋىقات سورۇنلىرىدا چېلىقىپ تۇرىدۇ. بۇ نۇسخىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش قىممىتى يۇقىرى، قوللىنىلىدىغان ئورۇنلىرى كۆپ، بولۇپمۇ سىياسىي تۈس ئالغان يىغىن ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ خەتلىرىنى يازسا ناھايىتى ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ.
تۈز خەت نۇسخىسىدا ھەرپلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرى توق، ئۇستىخانلىق، ئېگىز–پەسلىكى، ئۇزۇن–قىسقىلىقى نورمال يېزىلىدۇ. ھەرپلەرنىڭ تىك قۇرۇلما سىزىقلىرى قەلەم توملۇقىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىغا تەڭ ھالدا تۈز تارتىلىدۇ. بۇ نۇسخىدا ھەرپلەر قىرسىز، سىيلىق ، كىرتىكلىرى توغرا سىزىقتىن بىر چېكىت ئېگىزلىكتە ئۇچلۇق، باش كىرتىكلىرى سەل ئېگىز، كەڭ يېزىلىدۇ.
تۈز خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ۋەكىل خارەكتېرلىك، ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان نۇسخا بولغاچقا، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ يېزىشقا بولمايدۇ.ھۆسنىخەت يازغاندا ئورۇننىڭ ئۇزۇن–قىسقىلىقى، كەڭ–تارلىقىغا قاراپ خەتنى قورۇپ ياكى سوزۇپ، توم ياكى ئىنچىكە يازغاندىمۇ قۇرۇلما شەكىللىرىنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىك كېرەك.
تۈز خەت نۇسخىسى ئۆلچەملىك، قېلىپلاشقان ۋە ئاساسلىق نۇسخا بولغاچقا، ھەۋەسكارلار بۇ نۇسخىنى ئۆگىنىشتە خەتتاتلاردا بولۇشقا تېگىشلىك ئەستايىدىللىق ئىستىلىنى تۇرغۇزۇشى، زېرىكمەي ئۆگىنىش مىجەزىنى يېتىلدۈرۈشى، ھۆسنىخەتنى قائىدىلىك، ئىملاسى توغرا يېزىشنى ئۆگىنىشى كېرەك.
ئۆرنەكلەر:
كۇفى خەت نۇسخىسى
كۇفى خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا ئانچە قوللىنىلمايدىغان ، تەسىرى كەڭ بولمىغان بىر خىل نۇسخا بولۇپ ، پەقەت مەسچىت ، مەدرىسلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرىدا نەقىش بىلەن بىرگە بېزەك ئورنىدا قوللىنىپ كەلگەن نۇسخىلارنىڭ بىرى . ھازىرقى زامان خەتتاتلىقىمىزدا كۇفى خەت نۇسخىسى ناھايىتى تېز ۋە ساغلام تەرەققىي قىلۋاتىدۇ.
كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ۋارىيانتى ناھايىتى كۆپ . ھازىر كۇفى نۇسخىسىنىڭ ئەسلىدىكى شەكلى پۈتۈنلەي چۈشۈپ قېلىپ، تەرەققىي قىلىپ ئاممىبابلاشقان شەكىللىرى ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگىلىدى ۋە بارغانسېرى قېلىپلىشىپ، ھەرپلىرى قىرلىق، چېكىتلىرى يۇمىلاق قويۇلۇش ئارقىلىق ئۆزگىچە بىر خىل شەكىل بويىچە راۋاجلىنىۋاتىدۇ.
كۇفى خەت نۇسخىسىنى قەلەم بىلەن بىۋاستە يېزىشقا ھەمدە ناھايىتى كۆپ سورۇنلاردا قوللىنىشقا بولىدۇ . شۇڭا كۆپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ مۇسۇلمان ئەللەردە ھەر خىل چېچەك شەكىللىك ، گۈل شەكىللىك، كۇرگۇل شەكىللىك ۋە يەلپۈگۈچ شەكىللىك ۋارىيانىتلىرى مەيدانغا كېلىپ، خەلقئارا خەتتاتلىق كۆرگەزمىلىرىدە زور شۆھرەت قازىنىۋاتىدۇ.
كۇفى خەت نۇسخىسىنىڭ ھەرپلىرى توق ھەم قىرلىق ، غەلىتە ھەم سۈرلۈك بولغاچقا، كىشىگە بىر خىل جىددىيلىك تۇيغۇسىنى بېرىدۇ شۇنداقلا زامانىۋى سەنئەتنىڭ فانتازىيىلىك كۆرۈنۈشلىرىنى ئەسلىتىپ، بىر خىل گۈزەللىك ئالىمىگە باشلاپ كىرىدۇ .
ئۆرنەكلەر:
تەئلىق خەت نۇسخىسى
تەئلىق خەت نۇسخىسى ئۇيغۇر خەتتاتلىقىدا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك ، تارىختا ئۆتكەن خەتتاتلىرىمىز ئەڭ ياخشى كۆرۈپ يازغان خەت نۇسخىسىدۇر . ‹‹تەئلىق›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئېسىپ قويغان ، توختىتىپ قويغان ، كىتابنىڭ ئىلاۋىسى ، قوشۇمچىسى دېگەندەك لوغەت مەنىلىرىگە ئىگە . ئاتا–بوۋىلىرىمىز بۇ خەت نۇسخىسىنى ‹‹خەتتى تەئلىق›› ، ‹‹خەتتى پارىسى›› دەپ ئاتاپ كەلگەن . ئاتا–بوۋىلىرىمىزدىن قالغان كىلاسسىك قوليازما يادىكارلىقلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى مۇشۇ نۇسخىدا يېزىلغان . تەئلىق خەت نۇسخىسى شوخ ۋە ئەركىن ، ئىخچام ۋە گۈزەل نۇسخا بولۇپ ، كىشىلەرنىڭ قايناق ئىچكى ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ . بۇ نۇسخىدا يېزىلغان خەتلەر كىشىگە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان بۇلاق سۈيىنى ، خۇش ناۋا قىلىۋاتقان بۇلبۇللارنى ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشكەن ساھىبجامال رەققاسلارنى ئەسلىتىدۇ .
تەئلىق خەت نۇسخىسى كەشتىدەك چىرايلىق ، ئوقۇشقا قۇلايلىق ، سىغىمچانلىقى يۇقىرى ، يېزىشقا ئەپلىك نۇسخا بولۇپ ، ئۇنىڭدا ھەرىپلەر بىر–بىرىنى كېسىشىپ ئۆتۈشمەيدۇ ، سۆزلەر دانىمۇ دانە يېزىلىدۇ . بۇ نۇسخىدا خەتلەر گەرچە بىر تۈز سىزىققا بەنىت قىلىنمىسىمۇ ، لېكىن ئومومىي كۆرۈنۈشتىن بىر تەكشىلىككە يېزىلغاندەك تەسىرات بېرىدۇ .
ئۆرنەكلەر:
|
 |
 |
 |
 |
| |  | |  |
رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز |
|