- شۆھرەت
- 7308
- تىللا
- 2510372
- تۆھپە
- 7008
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-6-10
- تىزىملاتقان
- 2013-8-15
- تېما
- 423
- نادىر
- 69
- جۇغلانما
- 2533058
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 717
    
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
ئابلىمىت مۇھەممەت
رەسساملىق رەسسامنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى گۈزەل دۇنيانى رېئاللىققا ئايلاندۇرىدىغان سەنئەت شەكلى. قاتما قۇم نەپىس سەنئەت رەسىمچىلىكى ئۇيغۇر رەسساملىق سەنئىتى تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر نامايەندە.
قاتما قۇم سەنئىتىنىڭ ئىجادىيەت مەنبەسى قىيا تاش رەسىملىرى ۋە تاش كېمىر تام رەسىملىرى بولۇپ، تەبىئىيلىك بىلەن مىللىيەتلىك بىر گەۋدە قىلىنغان يۇقىرى سەۋىيەدىكى بەدىئىي سەنئەت ئەسىرىدۇر.
ئىلى ئۇيغۇر نەپىس قاتما قۇم گۈزەل سەنئەت شىركىتىدىكى ئىجادكار ئەزىمەتلەر دىيارىمىزدا تارقالغان قىيا تاش رەسىملىرى ۋە تاش كېمىر تام رەسىملىرىنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىدىن ئىلھام ئېلىپ، ئۇزاق يىل جاپالىق ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش جەريانىدا توپلىغان تەجرىبىلىرىنى ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈپ، گۈزەل سەنئەتنىڭ تارىخىي ئالاھىدىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى ئىجادىي راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا بېيىتىپ، تەبىئىي، ساپ قۇم دانچىلىرىنى ماتېرىيال قىلىپ، سانائەت يېلىمى بىلەن يەرلىك يېلىم بىرلەشتۈرۈلۈپ تەييارلانغان ئارىلاشما يېلىم بىلەن تىپىك ئويما ۋە قاپارتما تۇيغۇسىغا ئىگە ھەم ئەۋرىشىم ھەم پۇختا بولغان ئۇيغۇر قاتما قۇم نەپىس سەنئىتىنى بەرپا قىلىپ، ھۈنەر – سەنئەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئالاھىدە تۆھپە قوشتى.
قاتما قۇم رەسىملىرى تەبىئىي قۇم ۋە ئۆز يېرىدە ئىجادىي ئىشلەپچىقىرىلغان بىرىكمە يېلىم بىلەن ئىشلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ئالاھىدە ئۇسلۇب، كۆپ تەرەپلىك تۇيغۇ ۋە تەبىئىي قۇملۇق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن بوستانلىق مەدەنىيىتى بىلەن ئادەمىيەت مەدەنىيىتى بىر گەۋدە قىلىنغان. قاتما قۇم بەدىئىي سەنئەت ئەسەرلىرى كىشىلەرنىڭ قەدىمىيلىككە، تەبىئەتكە، چىنلىققا ئىنتىلىشتىن ئىبارەت يېشىل ئىستېمال قارىشىغا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. رەسىمدىكى تاملارنىڭ پارچە – پۇرات كېسەكلىرى، ئۆگزىلەردىكى مەڭگەن، ئوت – سامانلار، ئېتىز – قىرلاردا ئوتلاپ يۈرگەن چارۋا ماللار، سۈزۈك تاراملار ئادەمنى شۇ شەيئىنىڭ ئىچىگە ئەكىرىپ، تەبىئەت بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ. ئىلى ئۇيغۇر قاتما قۇم نەپىس سەنئەت ئەسەرلىرى كۆپ نۇقتىدىن تەڭ ئىپادىلەشتەك ئالاھىدە ئۇسلۇبنى يارىتىپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان رەسساملىقىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈردى.
قاتما قۇم رەسىملىرى تەبىئەتنىڭ تەييار مەۋجۇدىيەتلىرىنى ئۆزىگە ماتېرىيال قىلغاچقا، ئۇنىڭ تۈرى كۆپ، مەزمۇنى مول بولۇپ، تەبىئەت يېڭى ھەم ھاياتىي كۈچكە ئىگە بۇ سەنئەتنى ماتېرىيال جەھەتتە چەكسىزلىككە، ئۇسلۇب جەھەتتە ئۆزگىچىلىككە، نەپىس ۋە رەڭدارلىققا ئىگە قىلىپ، مۇستەقىل سەنئەت تۈرى بولۇپ شەكىللىنىشىنى مول ماتېرىياللار ۋە كەڭرى ئىمكانىيەتلەر بىلەن تەمىن ئەتكەن.
شىنجاڭنىڭ ساياھەتچىلىك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى شىنجاڭغا كېلىپ غەربىي يۇرتنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان كىشىلەر ۋە سىرتتىن كېلىدىغان سودىگەرلەرگە كەڭ زېمىن ھازىرلاپ بەردى، ساياھەتچىلىكتە شىنجاڭنىڭ مىللىي نەپىس ھۈنەر – سەنئەت مەھسۇلاتلىرى يۇرتىمىزنىڭ ئۆزگىچە ئادىمىيەت مەدەنىيىتى خاسلىقىنى ھەقىقىي نامايان قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. ئۇيغۇر قول ھۈنەر – سەنئىتى، جۈملىدىن قاتما قۇم نەپىس سەنئەت ئەسەرلىرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، كۈچلۈك مىللىي پۇراق ۋە قويۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە بولغان قۇم قاتما بەدىئىي رەسىملىرىنى كەڭرى بازار ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلىدى.
قاتما قۇم نەپىس سەنئەت رەسىملىرى تەبىئىي جەلپكارلىقى بىلەن ھەر قانداق كىشىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ، ئىش ۋاقتى ئۇزاق بولغاچقا، تەننەرخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، پەقەت ساياھەتچىلىك، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ياكى ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ زىننەتلەش، زوقلىنىش ئوبيېكتى بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى، مەنىۋى ئېھتىياجىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، نادىر قاتما قۇم سەنئەت ئەسەرلىرى يېقىن كەلگۈسىدە كەڭ خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىنلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالغۇسى.
|
|