- شۆھرەت
- 898
- تىللا
- 6201487
- تۆھپە
- 898
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-1-13
- تىزىملاتقان
- 2013-8-19
- تېما
- 47
- نادىر
- 2
- جۇغلانما
- 6204405
- ھوقۇقى
- 100
- يازما
- 214
  
|
.:ۋەششى تاققا تۇققىلا
زھەرلەر كەلتۈردى شاراپلەر تۇتتۇم،
غەيۋەتلەر ئويدۇردى ئىتائەت تۇتتۇم.
5موچەن دەسمىي سېلىپ 50كوي ئۇتتۇم،
شۇ پۇلنىمۇ قويىۋەتتى دىلىمدىكىلەر،
مەن سەندىن ئۆتۈنەي، قايتۇرۇپ بەرگىن...
*
ھەيران بولما كۆرگەنلىرىڭگە ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن تېخى.
ياراتمىساڭ تۇلپارنى بۈگۈن،
ئېشەك ئىزدەپ يۈرىسەن تېخى...
*
يارىمنىڭ مېڭىشلارى،
ماڭسا قول سېلىشلارى.
ھېچكىشىگە ئوخشىماس،
ئاپىسىغا سەل ئوخشايدۇ...
*
بورانلىق كېچە، يامغۇرلۇق كېچە،
ساقلىدىم سېنى توپتوغرا كۆزۈمگە قۇم كىرىپ كەتكۈچە.
ۋوججون! ساقلىماخ شۇنداق تەسكەنيا، ئەينا…
*
ئات مىنىپ سەھراغا چىقساڭ،
قامچە دەستىڭ مەن بولاي.
ھەممە خەقنىڭ كۆزى سەندە،
ئۆيدىن چىقماي جىم ئولتا، جىما!!!
يارىم مەن سېنى باردەپ،
بېرىپ مەلەڭدە ئوينايمەن.
ئەگەر مەلەڭدە بولمىساڭ ،
ئۆيگە كىتىپ ئۇخلايمەن .
ساراڭ بولمىسام مەن ساقلاۋېردىغان....
*
يامغۇر ياغدى، قار ياغدى شارقىراپ كەتتى،
مەن بېشىمنى مايلىمساممۇ پارقىراپ كەتتى،
كىمنىڭ دەردى چىمدە بولسا يامغۇردىن ئالسۇن،
مەن يارنى خىيال قىلسام تېخىمۇ قۇيىۋەتتى...
*
ساراڭمۇ ساراڭدەك ساراڭلار ساراڭ،
ساراڭغۇ ساراڭدىن ساراڭغا ساراڭ.
ساراڭكەن ساراڭنى ساراڭچە ساراڭ،
ساراڭسىز ساراڭمۇ ساراڭدۇر ساراڭ.
*
قول تۇتۇشۇپ يۈرۈشكەنلە،
چىن يۈرەكتىن سۈيۈشكەنلە،
مەڭگۈلۈك دەپ پۈتۈشكەنلە،
توۋا خۇدايىم! بۈگۈن ئايرىلىپ كېتىپتۇ...
*
ئاق بېلىق، ئاپپاق بېلىق
ئاپتاپتا ياتقانىڭ قېنى ؟
مېنى "يامان" دەپ بېرىپ،
……
ياخشىنى تاپالىدىڭمۇ؟
تۇنجى كۆرگەن مەن سېنى،
گۈزەل باھار پەسلىدە.
قوقاق چىقتى ئەتىسى،
بەك سەتكەنسەن ئەسلىدە...
*
كۆڭۈل دېگەن ساراڭ نېمە،
ھەر خىيالغا باشلايدۇ.
يولدا قاراپ ماڭمىساڭ،
شاشىدۇغا تاشلايدۇ...
*
مامۇق چاپان يۈرۇڭفۇ ،
راھەت ئىشتان شىيۇشەنكۇ،
ئانا تىلدا سۆزلىمىسەڭ،
دەپ تىللايدۇ: ۋاي سىڭكۇ!
پىڭگو ئەمەس ئالما ئۇ،
داڭگال ئەمەس چالما ئۇ .
ئۆز تىلىدا سۆزلىمىگەن،
ئـۇيـغـۇر ئەمەس لالما ئۇ …
*
تاش ئۆستەڭدىن سۇ تاشسا ،
مىراپ كىلىپ قاشلايدۇ,
ۋېيشىن ئويناپ يار تۇتماڭ،
بەش كۈن ئويناپ تاشلايدۇ.
*
سەدىقە بـالانى يە ، تۆۋە گۇنــانى يە،
غەربىي گېرمـانىيە، شەرقىي ئىتــالىيە،
خالىساڭ لەغمەن يە، خالىمىساڭ پولونى يە،
ئۇ يەر - بۇ يەر پوكۇنىيە،
ياخشىسى سىڭگەن نېنىڭنى يە |
|