ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ساھىبە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-26 11:25
مەرھۇم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى ئەسلەيمەن
ساھىبە ئابلىمىت
مەرھۇم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان 1937– يىلى 3- ئاينىڭ 20– كۈنى نورۇزدا مورى ناھىيە بازىرىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1945– يىلى مورى ناھىيەلىك 1- باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەن. ئۇ چاغلاردا مورىدا ئوتتۇرا مەكتەپ بولمىغاچقا، ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپتە تەكرار ئوقۇۋەرگەن، ئۇ كىچىكىدىنلا رەسم سىزىش ۋە خەنزۇچە ئۆگىنىشكە قىزىقاتتى. 1952- يىلى ئۆلكىلىك دارىلمۇئەللىمىگە چىقىپ ئوقۇدى، خەنزۇ تىلى دەرسى بېرىدىغان شەن زىسەي دېگەن خەنزۇ ئوقۇتقۇچى ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىگەچكە، ئۇنىڭ ئۆتكەن دەرسىنى، ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئالنى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان بىلەن قاھار نۇر (مورىلىق) تەرجىمە قىلىپ بېرىپ تۇردى، دادام مەكتەپتە ئېچىلغان رەسىم كورۇسلىرىدىمۇ ئوقۇپ، سىنىپنىڭ قارا تاختاي گېزىتى، تام گېزىتلىرىنى ئىشلىدى. 1955– يىلى ئۇ ئوقۇش پۈتكۈزۈپ جىمسار ناھىيەسىگە ئوقۇتقۇچىلىققا ئەۋەتىلدى، 8 ئاي ئىشلە– ئىشلىمەيلا، ناھىيە رەھبەرلىرى دادامنىڭ خەنزۇ تىلى يېزىقى ۋە رەسىم سىزىش قابىلىيىتىگە ئاساسەن، ئۇنى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىغا تەقسىم قىلدى. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ناھىيە رەھبەرلىرى ئۇنى يەنە ئۈچ خەنزۇ كادىر بىلەن ئۈرۈمچىدىكى رادىيو كۇرسىغا ئۈچ ئايلىق ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇ سىملىق رادىيو سىنىپىدا ئوقۇدى. شۇ يىلى 8– ئايدا تۇرپانغا پىراكتىغا بېرىپ، تۇرپاننىڭ يار يېزىسىغا قاراشلىق شاڭخۇ، جاي، يار بېشى، سەيدىخان قاتارلىق مەھەللىرى بىلەن ناھىيە بازىرىنىڭ شىنچېڭ، لاۋچىڭ دېگەن يەرلىرىنىڭ ھەممە كوچىلىرى ۋە ئائىلىلەرگە سىم تارتىپ، رادىيو كانىيى ئورنىتىشقا قاتناشتى. 1956 – يىلى 10– ئايدا پىراكتىكىنى تۈگىتىپ، جىمسار ناھىيەسىگە قاىتىپ كەلگەندىن كېيىن، رادىيو ئۇزېلى قۇرۇش، ئۈسكۈنىلەرنى قۇراشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرۇپ بولۇپ، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىلەرنى ئىشلەشكە توغرا كەلدى. سىرتتا ۋە يېزا – قىشلاقلاردا مۇنتىزىم رادىيو لېنىيەسى بولمىسا، مەھەللىلەر ۋە ئائىلىلەرگە رادىيو كانايلىرى ئورنىتىلمىسا ئاڭلىتىش بەرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ سىم تارتىش، رادىيو ئورنىتىشقا قاراتتى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ناھىيە بازىرى، خۇپۇزى (بەشبالىق) ۋە چۈەنزىگەي قاتارلىق رايونلارنى رادىيولاشتۇرۇشقا ئۆزى يالغۇز 7 ئاي جاپالىق ئىشلىگەن.
1957 - يىلى 6– ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇ مورى ناھىيەسىگە يۆتكىلىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مورى ناھىيەسىگە قايتىپ كەلدى. مورى ناھىيەسىمۇ رادىيو ئۇزېلى قۇرۇش ئۈچۈن، 1957– يىلى 6– ئاينىڭ باشلىرىدا ئۈچەيلەننى شىنجاڭ رادىيو كۇرسىغا ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئارىدىن 20 كۈن ئۆتكەندە، بىرەيلەن ئوقۇماي قايتىپ كەتتى. ناھىيە رەھبەرلىرى جىمساردىن يۆتكىلىپ كەلگەن دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى ئوقۇشقا ئەۋەتتى. ئۇ ئوقۇشقا كېچىكىپ كەلگەچكە، تىرىشىپ ئوقىدى، بىرىنچى باسقۇچلۇق ئوقۇش تۈگەپ ئىمتىھان ئېلىنغاندا، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان سوئاللارغا تولۇق جاۋاب بەردى. ئۇ ئىمتىھان قەغىزىنى تاپشۇرۇپ بولۇپ، سىنىپتىن چىقىپ كېتىۋېتىپ، ماڭالماي يىقىلىپ قالدى، ساۋاقداشلىرى ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئەكەلدى، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان دوختۇرخانىدا ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىنىپ قايتىپ چىققاندا، ساۋاقداشلىرى فۇكاڭ ناھىيەسىگە پىراكتىكىغا كەتكەنىدى، مەكتەپ رەھبەرلىرى: يۇرتۇڭغا قايتىپ ئارام ئال، دېگەن بولسىمۇ، دادام فۇكاڭ ناھىيەسىگە بېرىپ، پىراكتىكىغا قاتناشتى. ئېغىر ئىشلارغا چامىسى يەتمىسىمۇ، رادىيو سېگنالىنىڭ توك بېسىمىنى تىرانسىفورماتور ئارقىلىق كۈچەيتىش ۋە چۈشۈرۈش، توك تەقسىملەش، گېنىراتور توكىنىڭ فازىسىنى ئايرىش، تەقسىملەش ئارقىلىق ھەربىر رادىيو ئۈسكۈنە ۋە ئاپپاراتلارغا كىرگۈزۈش؛ ئۆلچەش- تەقسىملەش؛ قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ئەمەلىي بىلىملەرنى تولۇق ئىگەللەپ، ئۆزىنىڭ جىمسار ناھىيەسىدە ئىشلىگەندىكى ئاجىزلىقلىرىنى تولۇقلىۋالدى. شۇ يىلى 10– ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا رادىيو ئۇزېلى ئۈچۈن سېلىنغان ئىشخانا بىلەن گېنىراتور ئۆيى پۈتكەن بولسىمۇ، گېنىراتور كەلمىگەن بولغاچقا، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان قىش كىرگۈچە ناھىيە بازىرى ئىچىگە 5 كىلومېتىر سىم تارتىپ، 70 نەچچە رادىيو كانىيى سىمى تارتتى. قىش كىرگەندە ئاپپارات ۋە ماشىنا ئۈسكۈنلىرىنى قۇراشتۇرۇپ، سىم يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇپ بولدى، 1958– يىلى 2– ئايدا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى گىنېراتور ئۆگىنىش كۇرسى ئاچقاندا، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان يەنە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى. 15 كۈندە تاق فازىلىق، ئۈچ فازىلىق گېنىراتور، دېزىلماتور، ئاكولمىياتور قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىش، رېمونت قىلىشنى پۇختا ئىگەللىدى، ئوقۇشنى تۈگىتىپ مورى ناھىيەسىگە كېلىپ ئاڭلىتىشنى باشلاش شارائىتىنى ھازىرلاپ، 1958– يىلى 5- ئاينىڭ 20– كۈنى رەسمىي ئاڭلىتىشنى باشلىدى. بۇ ئىش ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى ئىنتايىن ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ گېنىراتورنى ئايلاندۇرۇپ، ھەرىكەتلەندۈرگەندىن كېيىن، رادىيو ئاپپارات ئۆيلىرى توك يوللاپ، ئاپپارات بۆلۈمىگە كىرىپ، ئاپپاراتلارنى ئېچىپ قىزدۇرۇپ، ۋاقىت توشقاندا ئاڭلىتىش باشلايتتى. بىر تەرەپتىن رادىيو ئاپپاراتلىرىغا، يەنە بىر تەرەپتىن گېنىراتورغا قارايتتى. بۇ ئىككى ئىش نورمال بولغاندا، ماقالا تەھرىرلەش، خەنزۇچە ماقالىلارنى تەرجىمە قىلىش، قولدىن چىققان ماقالىلارنى رادىيودا سۆزلەش ئارقىلىق 15 مىنۇتلۇق مورى خەۋەرلىرى پىروگراممىسى بىلەن يېرىم سائەتلىك «سەنئەت» پىروگراممىسىنى ئۇدا 2 كۈن ئاڭلىتىش، قالغان ۋاقىتلاردا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ پىروگراممىلىرىنى ئۇلاپ ئاڭلىتىش ئارقىلىق كۈنىگە 8 سائەتلىك ئاڭلىتىشنى يولغا قويغان. ئەتىگەنلىك ئاڭلىتىش تۈگىگەندە ئۆيلىرىگە بېرىپ ناشتا قىلىپ كېلىپلا، سىرتقا چىقىپ سىم تارتىش، رادىيو ئورنىتىش ئىشلىرىنى ئىشلىگەن، چۈشتە قايتىپ كېلىپ چۈشلۈك ئاڭلىتىش بېرىپ، ئاڭلىتىش تۈگىگەندە ئۆيلىرىگە بېرىپ سوۋۇپ قالغان تاماقلارنى يەپ، ئۆيدە ئاتا – ئانا، بالا- چاقىلىرى بىلەن جەم بولۇپ تۈزۈكرەك بىرەر ۋاق تاماق يەپ باقمايتتى، كەچتە پۈتۈن كۈنلۈك رادىيو تۈگىگەندە قايتىپ كەچ ياتاتتى.
شۇ چاغلاردا مورى ناھىيەسىدە ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولمىغانلىقتىن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، ج خ ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلارغا رادىيو ئۇزېلىنىڭ ئارتۇق توكىنى يەتكۈزۈپ ئۇلارنى توك بىلەن تەمىنلەپ كەلگەنىدى. كەچلىك رادىيو تۈگەپ توكنى توختىتىدىغان چاغدا، بۇ ئورۇنلار «مۇھىم يىغىن ئېچىۋاتىمىز»، «ماتېرىيال ئىشلەۋاتىمىز»، «دېلو تەكشۈرۈۋاتىمىز» دەپ توكنى توختاتتۇرمايتتى. بەزى كېچىلىرى تاڭ ئېتىپ كېتەتتى. بۇنداق چاغدا گېنىراتور قىزىپ كېتەتتى، بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گېنىراتورنى توختاتماي قايناپ تۇرغان سۇنى چىقىرىۋېتىپ، قۇدۇقتىن چىلەك بىلەن سۇ تارتىپ تۇڭنى سوغاق سۇ بىلەن توشقۇزۇپ، گېنىراتورنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ ئىشلىدى، ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە ناھىيەلىك ھۆكۈمەت رادىيو ئۇزېلىغا 2 نەپەر ئىشچى يۆتكەپ بەردى. بۇلارنى تەربىيەلەپ يېتەكلەش يەنىلا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننىڭ زېممىسىگە يۈكلەندى. دادام ئۇلارنى ئىككى يىل ئەگەشتۈرۈپ، كۆرسىتىپ، ئۆگىتىپ مۇستەقىل ئىشلىيەلەيدىغان قىلىپ چىقتى. 1962 – يىلى ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش توختىتىلىپ، قازاقچە ئاڭلىتىش يولغا قويۇلدى. بۇ چاغدا دادام بىر تەرەپتىن قازاقچىنى ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، تەرجىمە قىلىش، يېزىش، تەھرىرلەش، دىكتورلۇق قىلىش ئارقىلىق قازاقچە ئاڭلىتىشنى ئۆزى مۇستەقىل باشقۇردى.
ئۇ چاغلاردا رادىيو ئۇزېلىدىكىلەرگە نەدىمۇ شەنبە، يەكشەنە ۋە ھېيت – بايراملىق دەم ئېلىش كۈنلىرى بولسۇن؟ بۇنداق كۈنلەردە يەرلىك سەنئەت پىروگراممىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاڭلىتىش ۋاقتىنى ئۇزارتتى. رادىيو ئۇزېلىدا ئۇيغۇرچە، قازاقچە پاتىفۇن تەخسىلىرى، ئۈن لېنتىلىرى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، نەدە مەشرەپ ۋە قازاق ئاقىنلىرىنىڭ ئېيتىشىش پائالىيەتلىرى بولسا، دادام ئۈنئالغۇنى كۆتىرىپ بېرىپ، ناخشا- مۇزىكىلارنى لېنتىغا ئېلىپ كېلىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆپەيتتى. 1964 – يىلىغا كەلگەندە ناھىيەلىك مىللى ئوتتۇرا مەكتەپتىن بىر قازاق ئايال ئوقۇتقۇچى دىكتورلۇققا يۆتكەپ كېلىندى. ئۇنىڭغا دىكتورلۇق بىلىملىرىنى، رادىيودا سۆزلەش قائىدىلىرىنى ئۆگىتىش يەنىلا دادامغا يۈكلەندى. دادام بۇ ئايالنىڭ كەلگىنىگە خۇشال بولۇپ، قازاقچە ماتېرىياللارنى رەتلەشكە ياردىمى بولارمىكىن دېگەن ئىدى، لېكىن ئۇ يېزىقچىلىقتىن خەۋىرى بولمىغاچقا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى سۇغا چىلاشتى، بۇ ئىشلار يەنىلا دادامغا قالدى. دادامنىڭ شۇنچە يىل كېچە- كۈندۈز جاپا تارتىپ ئىشلىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا يوققا چىقىپ، يازغان ماقالىلىرى، رادىيودا ئاڭلاتقان يەرلىك ناخشا- مۇزىكىلارنىڭ ھەممىسى زەھەرلىك چۆپ، ئۆزى سىنىپىي يات ئۇنسۇر، نەق ئەكسىلئىنقىلابچى، چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر بولۇپ، ئەڭ ئالدى بىلەن تارتىپ چىقىرىلىپ، 3 ئاي كۈرەشكە تارتىلدى. ئاخىرىدا پارتىيە- ھۆكۈمەت تەرەپىدىن دېھقانچىلىق مەيدانىغا ھەيدىلىپ نازارەت ئاستىدا ئىشلىدى. ئۆينى ئاختۇرۇپ خاتىرە دەپتەر، ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى، ئالغان تەقدىرنامە، شەرەپ گۇۋاھنامىلىرى، بىر قىسىم كىتابلىرى، ئاپامنىڭ ھالقا، ئۈزۈك قاتارلىق زىبۇ- زىننەتلىرىنى ئەپ كېتىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان دېھقانچىلىق مەيدانىدا يېرىم يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، رادىيو ئۇزېلى ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىپ، 3 يىل نازارەت ئاستىدا ئىشلەتكەندىن كېيىن، 1970- يىلى 2- ئايدا «بىرگە زەربە بېرىپ، 3 كە قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى باشلىنىپ، دادام يەنە ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى قىلىندى. 4- ئايدا ئۇنى «ئاممىۋىي دىكتاتۇرا تۈرمىسى»گە قاماپ، ھەر كېچىسى كۈرەشكە ئېلىپ، باغلاپ قىينىدى، بۇنى ئاز دېگەندەك بارلىق دەرت- ئەلەملىرى ئاپام سادەتخان ھاجىمنىڭ بېشىغا كەلدى:
دادامنىڭ ئاتىسى تۇرسۇن خېلىلوپ (دادامنىڭ ئاكىسى بولۇپ، دادام ئاتىسى قۇربان ھاجىدىن كىچىك قالغاچقا، ئاكىسى تۇرسۇن خېلىلوپنىڭ تەربىيەسىدە چوڭ بولغان، شۇڭا ئاكىسى ئاتا دەپ ئاتايتتى)نى شېڭ شىسەينىڭ ۋاقتىدا ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى، گومىنداڭ ۋاقتىدا مۇئاۋىن ھاكىم، ئازاتلىقتىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھاكىم بولغاچقا، 1969- يىلى 9- ئايدا ئۇنى «تارىخىي ئەكسىلئىنقىلابچى» دەپ ناھىيە بويىچە گومىنداڭنىڭ قالدۇقلىرىنى يىغىپ ئېلىپ، قاراڭغۇ تۈرمىگە تاشلاپ قىيناۋاتتى. ئەمدى بولسا دادامنىڭ ئۆزى كىرىپ كەتتى. لېكىن ئۇلارغا تاماقنى ئۆيدىن ئەپ كېلىپ بېرەتتى. بۇ ئىككى تۈرمە باشقا- باشقا يەردە بولۇپ، شۇ ۋاقىتتىكى ئۆيىمىزگە يىراق ئىكەن. ئاپام سادەتخان ھاجى رىقىپ قىشمۇ- ياز ئىككى تۈرمىگە تاماق توشۇپ جاپا چەككەن ئىكەن، بۇنى ئاز دېگەندەك «بۇزۇقلار»نىڭ ئاياللىرىنى پارتىيە- ھۆكۈمەت دېھقانچىلىق مەيدانىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالاتتى. ئاپام ئىشتىن كېلىپ، تاماق ئېتىپ ئىككى يەرگە تاماق توشۇيتتى، بەزى كۈنلىرى تاماق ئېپبارغاندا، ئاپام سادەتخان ھاجى رىقىپنىڭ قېينى ئاتىسى باغلاقلىق تۇراتتى، تاماق ئېپبارغاندا ئۇنى يېشىۋەتمەي، تاماقنىمۇ ۋاقتىدا يېگۈزمەي، تاماق سوۋۇپ كېتەتتى، 1970- يىلى 7- ئاينىڭ بىر كۈنى چۈشتە ئاپام ئىككى يەرگە تاماق ئېپبېرىپ، ئۆستەڭ ياقىلاپ ئۆيىگە قايتىپ كېلىۋاتقاندا، ئۇلۇغ سۇدا بىر بالىنىڭ بىر چۆكۈپ، بىر ئۆرلەپ ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىمنىڭ بالىسى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنى قۇتقۇزۇپ ئالاي دەپ ئۆزىنى سۇغا ئاتتى، ئۆزىمۇ سۇدا ئېقىپ يۈرۈپ، مەيدىسى بىلەن تەڭ كېلىدىغان سۇدا ھەپىلىشىپ، بالىنى قۇچاقلاپ ئېلىپ تېيىز بىر يەردىن سۇدىن چىقىپ قارىسا، ئۆزىنىڭ 3 ياشلىق كەنجى ئوغلى بولۇپ، ئاللىقاچان تىنىقى توختاپ كەتكەنىكەن. ئاپام سادەتخان ھاجى رىقىپ ئەس- ھۇشىنى يوقاتقان بولسىمۇ، بەرداشلىق بېرىپ، بالىنى ئىككى قوللاپ كۆتىرىپ ئۆيىگە ئەپكەلدى. بۇ چاغدا دادام لۇڭۋاڭمياۋ سۇ ئامبىرىدا يەر ئاستى سۇ تۇرۇببا ئازگىلى قېزىۋاتاتتى، بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكىلەر دادامنى چاقىرتىپ كەلدى، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا خۇڭۋېيبىڭلار بازاردىكى مەسچىتلەرنى بۇزۇپ، تاۋۇتلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەچكە، ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىدىكى مىللىي يولداشلار قەبرە قېزىپ، ئۆزلىرى زەمبىل ياساپ، مېيتنى يەرلىككە قويدى، شۇندىن كېيىن رادىيو ئۇزېلى دادامنى تۈرمىدىن چىقىرىپ ئېلىپ، ئارقىغا پايلاقچى قويۇپ، ئۇنى يېزىلاردا سىم تارتىشقا ئەۋەتتى.
1972- يىلى 1- ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دادامنى رادىيو تېخنىكا كىتابلىرىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە چاقىرتتى، لېكىن ناھىيە «ئۇنىڭ مەسىلىسى بار» دەپ ئۇنى ئەۋەتمىدى، رادىيو ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى: «ئۇنىڭ مەسىلىسى ئېغىر بولسا، بىز نازارەت قىلىپ ئىشلىتىمىز، ئۇ ئوبدان ئىشلەپ خىزمەت كۆرسىتىپ، گۇناھىنى يۇسۇن» دېگەن قاتتىق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، دادامنى ئۈرۈمچىگە ئەپ كەتتى، دادام ئۈرۈمچىدە ئازاد بولغاندەك يورۇقلۇققا ئېرىشتى. شۇڭا ئۇ «يېزا سىملىق رادىيوسى» دېگەن 3 كىتابنى تەرجىمە قىلىشتا ئەستايىدىللىق بىلەن ئىشلىدى. ئۇنىڭ تەرجىمىسى، ئىملاسى، تىنىش بەلگىلىرىنى ئىشلىتىشى، لوگىكىسىدىن خاتالىق كۆرۈلمىدى، چېرتىيوز ۋە ئىسخىمىلىرىنى ئوبدان سىزدى.
1972- يىلى يىل بېشىدا مورى ناھىيەسىگە قايتىپ كېلىپ، 8– ئايغىچە شىجىر، دۇڭچېڭ، چوقپارتاش، دوپتېرەك يېزىلىرى بىلەن بوستان مال فېرمىلىرىدا رادىيو ئۇزېلى قۇرۇپ، ھەممە كەنت ۋە ئائىلىلەرگە سىم تارتىپ، رادىيو كانىيى ئورناتتى.
1973- يىلى 5 – ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقسۇدا جەنۇبىي شىنجاڭ بويىچە مىللىي رادىيو تېخنىكلار كۇرسى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن بىر نەپەر ئوقۇتقۇچىنى دەرس ئۆتۈشكە تەكلىپ قىلدى، كىتاب تەرجىمە قىلىۋاتقان 4 نەپەر كىشىنىمۇ كۇرسقا ياردەملىشىشكە ئەۋەتتى. كورۇستا تەرجىمانلار تەرجىمە قىلغان ماتېرىياللار دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلدى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان كورۇستا 3 ئاي دەرسلىكتىكى چېرتىيوژ ۋە ئىسخىمىلارنى چوڭايتىپ سىزىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ چېرتىيوژ ئارقىلىق دەرس ئۆتۈشىگە ئاساس يارىتىپ بەردى، شۇ يىلى 10- ئاينىڭ ئاخىرىدا كورس ئاياقلىشىپ، تەرجىمە ئىشلىرى تۈگەپ، تەرجىمانلار ئۆز ئورنىغا قايتقاندىن كېيىن، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان يەنىلا رادىيو ئۇزېلىدا چەتكە قېقىلىپ بىر ئىشەك، ئىككى ئاتنى بېقىش، ھويلا ئاراملارنى سۈپۈرۈش، قىش كۈنلىرى قار تازىلاش ئىشلىرىنى نازارەت ئاستىدا ئىشلىدى.
1974– يىلى 3– ئايدا ناھىيەلىك پارتكوم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويدى، ئۇزېل باشلىقىنىڭ ئەمىلىنى ئەپتاشلاپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەشۋىقات بۆلۈمىدىن بىر پىشقەدەم كادىرنى يۆتكەپ ئەپكېلىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن رادىيو ئۇزېلىنىڭ خىزمەتلىرى يۈرۈشلەشتى. بۇ يېڭى باشلىق دادامنى ھۆرمەتلەپ، كەسپىي جەھەتتىن ئۇنى ئۇستاز تۇتتى، ھەرقانداق ئىش بولسا ئۇنىڭ بىلەن مەسلىھەتلەشتى، دادام ئۇنى ئىنتايىن قوللاپ، ئۇ تاپشۇرغان ئىشلارنى ۋاقتىدا پۈتتۈرۈپ كەلدى. شۇ يىلىدىن باشلاپ 3 يىلغىچە 5 گوڭشېدا رادىيو ئۇزېلى قۇرۇپ، 15 نەپەر رادىيو خادىمى، 11 نەپەر سىم يولى مانتىيورى تەربىيەلەپ يېتىشتۈردى. يىراق تاغلىق 2 چارۋىچىلىق دادۈيىگە رادىيو قوبۇللاش پونكىتى قۇرۇپ، ھەممە ئائىلىلەرگە سىم تارتىپ رادىيو ئورنىتىپ بەردى.
دەسلەپتە يېزىلارغا رادىيو سېگنالى يوللاشتا تېلېفون سىمىدىن پايدىلىنىپ، يېزىلاردىن ھەرقايسى كەنت- ئاھالىلەرگە مەخسۇس رادىيو سىمى تارتىلاتتى، 1976- يىلىدىن باشلاپ تېلېفون سىمىدىن پايدىلىنىش ئەمەلدىن قېلىپ، ھەرقايسى گۇڭشې رادىيو ئۇزېللىرىغا ناھىيەدىن مەخسۇس سىم تارتىپ، سېگنال يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ چاغدا ناھىيەلىك رادىيوڭ ئۇزېلىنىڭ خىزمەتچىلىرى 10 نەچچىگە يەتكەن ئىدى، بۇلاردىن 10 نەپىرىنى سىم تارتىشقا تەشكىللەپ، ئۇزېل باشلىقى رەھبەرلىك قىلدى. دادام تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. ئۇلارغا تاغقا چىقىپ سىتولبا كېسىپ، ناھىيە بازىرىغا توشۇپ كەلگۈچە 2 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. سىم يوللىرىنى ئۆلچىگىچە، تۇنجى قېلىن قار يېغىۋەتتى. ئۇلار قار كېچىپ يۈرۈپ، سىم يوللىرىنى ئۆلچەم سىتولبىلارنى تىكىپ ئىككى گۇڭشېغا سىم تارتىپ بولغۇچە يىل ئاخىرى بوپ قالدى، بىر كۈنى شىۋىرغانلىق ئاچچىق سوغۇقتا بىر ئىدىرلىقتىكى 9 مېتىر ئېگىزلىكتىن بىر سىتولبىنىڭ بېشىدا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان سىم باغلاۋاتقاندا، سىتولبا تۈۋىدىن ئۈزۈلۈپ يېقىلدى. دادام سىتولبا ئاستىدا قېلىپ، يوغان يوتىسىنىڭ سۆڭىكى سۇندى، بەل ئېغىر يارىلاندى، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان دەرھال جىمسار ناھىيەسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر قازاق ئۇستا سۇنۇقچىغا يەتكۈزۈلدى، 2 ئايدا ساقىيىپ قايتىپ كېلىپلا ئىشقا چۈشتى. 1978- يىلى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۆزلۈكىدىن سىم تارتىشقا ئاتلىنىپ، بىخەتەر ھالدا ئىشنى تۈگەتتى. ئۇنىڭغا بىر يىل دەم ئېلىشنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇ ئىدارىسىغا قايتىپ بېرىپ، تەھرىرلىك، تەرجىمە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇردى ۋە 7 گۇڭشېغا سىم تارتىلىپ بولۇندى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان تارتقان جاپالىرىنىڭ ھالاۋىتىنى كۆردى، 1979- يىلى ئۇ ناھىيە بويىچە «ئىلغار ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئەزاسى» بولۇپ باھالىنىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇلتىيىغا، ناھىيە بويىچە «قەھرىمانلار ئۇچرىشىش» يىغىنىغا قاتناشتى. 1980– يىلى 1– ئايدا مورى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلانغان. شۇ يىلى مورى ناھىيەلىك رادىيو ئۇزېلىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. ئۇ تەشۋىقات ۋە ئاخبارات خىزمىتىگە مەسئۇل بولسىمۇ، ناھىيەنىڭ رادىيو– تېلېۋىزىيە قۇرۇلۇشىدىكى تېخنىكىلىق ئىشلارنى قول سېلىپ قىلدى. 1982– يىلى سانجى ئوبلاستى بويىچە تەرجىمانلارنى باھالاش ئېلىپ بارغاندا، تەرجىمان (ئوتتۇرا دەرىجىلىك 翻译师) ئۇنۋانىغا ئېرىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەرجىمانلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى، شۇ يىلى مورى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلاندى، 1984– يىلى 4– ئايدا مورى ناھىيەلىك رادىيو– تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئۇ يەنىلا تېخنىكا ۋە تەشۋىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ، 1983- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن نادىر رادىيو پىروگراممىلىرىنى باھالاشتا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئىشلىگەن قازاقچە مەخسۇس پىروگراممىسى ئۇدا 5 يىل 2- ۋە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 1986 – يىلى شىنجاڭ ئاخباراتچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى. مەملىكەتلىك رادىيو- تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى تەرىپىدىن «رادىيو سېپىدە 30 يىلى ئىشلىگەن» دېگەن شەرەپلىك گۇۋاھنامىسىغا، مەملىكەتلىك ئاخباراتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «پىشقەدەم ئاخباراتچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان 1987– يىلى ئاپتونوم رايونلۇق 7- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە ۋە ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلىنىپ، تارىخىي ماتېرىياللار خىزمىتىگە مەسئۇل بولدى، سىياسى كېيەشتە خىزمەتچى ئاز بولغانلىقتىن كەلگەن ماتېرىيال- ماقالىلارنى رەتلەش، تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش ئىشلىرىنى ئۆزى قول سېلىپ ئىشلىدى، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان سىياسىي كېڭەشتە 2 نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتىگەن 6 يىلدا (شۇ چاغلاردا بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 3 يىل بولۇپ، 1993- يىلىدىن باشلاپ 5 يىلغا ئۆزگەرتىلدى) «مورى تارىخىي ماتېرىياللىرى» دىن قازانچە 5 كىتاب، خەنزۇچە 6 كىتاب نەشىر قىلىپ تارقاتتى.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان 1994- يىلى پېنسىيگە چىققاندىن كېيىن، تارىخىي ماتېرىيال يېزىش ۋە تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان. 1994- يىلى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىغا ئاتاپ «مورى شەجەرىسى» دېگەن خەنزۇچە، قازاقچە ئىككى كىتاب نەشىر قىلغان، بۇ كىتابلارغا ئۇنىڭ 12 پارچە ماقالىسى كىرگۈزۈلدى.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان پېنسىيگە چىقىپ 3 يىلدىن كېيىن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىىنىڭ تەكلىپى بويىچە پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە كەستىپتىكى ناتوغرا ئىستىللارنى تۈزىتىش خىزمىتىنى 5 يىل ئىشلەپ، 2001- يىلى قايتىدىن پېنسىيەگە چىقتى بولسىمۇ، بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتى نەزىر- چىراق، توي- تۆكۈنلەرنى ئاددى- ساددى ئۆتكۈزۈشنى باشقۇرۇش خىزمىتىدىن قويۇۋەتمىدى. ناھىيەلىك سىياسى كېڭەشمۇ تارىخىي ماتېرىياللار يازغۇچىلىقىغا تەكلىپ قىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىشلىدى. پېنسىيەگە چىقىپ 17 يىلغىچە خەنزۇچە تارىخىي ماتېرىيالىدىن 20 پارچە يازدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشلىتىلدى، مورى تارىخىي ماتېرىياللىرىدىن 2 كىتاب نەشىر قىلىندى. بۇنىڭدا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننىڭ 3-4 پارچە ماقالىسى ئىشلىتىلگەن بولسىمۇ، بۇ ماقالىلار خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىندى، ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى يازغۇچىلىرىنى باھالىغاندا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۇدا ئىككى قېتىم ئىلغار يازغۇچى بولۇپ باھالاندى.
2007– يىلى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئەسەرلىرىنى توپلاش خىزمىتى باشلانغاندا، سانجى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان «مورى تاغ مەشرىپى» نىڭ تېكىستلىرىنى بىر ئايدا خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بولغان. 2009- يىلى مورى ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش ئۈچ كىتاب نەشىر قىلغان. بۇ كىتابنىڭ ئىككىسىدە دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننىڭ ئىككى پارچىدىن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان رادىيو ئاخباراتچىلىقىدا بولسۇن، مەيلى باشقا ئىدارىلارغا ئالمىشىپ ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئىشلىگەندە بولسۇن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن بولسۇن ئاخبارات يېزىقچىلىقى بىلەن 54 يىل شۇغۇللىنىپ، يېزىقچىلىق، خەتتاتلىق، رەسساملىق، تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، «خەلق گېزىتى»، «شىنجاڭ ئورمانچىلىق گېزىتى»، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «شىنجاڭ كەچلىك گېزىتى»، «شىنجاڭ ياشانغانلار گېزىتى»، «شىنجاڭ ئۈن – سىن گېزىتى»، «سانجى گېزىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى»، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ھەرخىل ژانىردىكى خەنزۇچە، ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ماقالىلار بىلەن تەمىنلەپ كەلدى، «جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى»، «شىنجاڭ ئاياللىرى»، «شىنجاڭ ياشلىرى»، شىنجاڭ گېزىتىنىڭ «مۇخبىرلار ئىشى» دېگەن ژۇرناللىرىدىمۇ خېلى كۆپ ماقالىلىرى ئېلان قىلىندى. «يايلاقتىكى كىچىك قەھرىمان نۇرگۈل»، «چۆرىن يايلىقىدىكى خالىس باغۋەن»، «مېڭ جاۋشيەن ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى»، «بۇ يىل جىمسار ناھىيەسىدە سامساق بەك ياخشى ئوخشىغان بولسىمۇ دېھقانلار ئانچە ياخشى پايدا ئالالمىدى» دېگەن ماقالىلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» قاتارلىق گېزىتلەردە مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ مۇكاپاتلاندى. ئۆزى «شىنجاڭ گېزىتى» (ئۇيغۇرچە، قازاقچە)، شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى (ئۇيغۇرچە، قازاقچە)، «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى»، «ئاسىيا كىندىكى»، «سانجى گېزىتى» (خەنزۇچە) قاتارلىق ئورۇنلاردا 30 نەچچە قېتىم مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر، مۇنەۋۋەر تايانۋلىق ئىختىيارى مۇخبىر، 10 نەپەر مۇنەۋۋەر تەكلىپلىك مۇخبىرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىش- ئىزلىرى گېزىتلەردە سۈرىتى بىلەن تونۇشتۇرۇلدى. 1996- يىلى ۋە 2006- يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ 40 ۋە 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئۆز قولى بىلەن مۇكاپات بېرىشىگە ئېرىشىپ، 1996- يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتىنىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى بولۇپ قالدى. شۇندىن كېيىن دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۆز زىيارەت ئىشلىرىنى فوتوسۈرەت بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. مورى، گۇچۇڭ، جىمسار ناھىيەلىرىدىكى مەكتەپلەردە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلسا، بىرەر ياخشى ئىشلار بولسا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى تەكلىپ قىلىدىغان بولدى. ئ؛ىش- ئىزلىرى كۆپ قېتىم گېزىت- ژورنال ۋە رادىيولاردا ئېلان قىلىنغان گۇچۇڭ ناھىيەسىدىكى ئەرتۇڭ ئۇيغۇر مەكتىپى 1998- يىلى، مورى ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپى 2003- يىلى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباندىن ئىنتايىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇنىڭغا لەۋھە تەقدىم قىلدى ۋە بىر قېتىم مۇكاپاتلىدى. 1994- يىلىدىن باشلاپ مورى ناھىيەلىك پارتكوم مورى ناھىيەسىنى تەشۋىق قىىشتا ئەجىر سىڭدۈرگەن ئىختىيارى ۋە كەسپىي مۇخبىرلارنى باھالاپ مۇكاپاتلىغاندا، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۇدا 5 يىل مۇكاپاتلاندى. ئۇنىڭ يازغان ۋە ئېلان قىلىنغان ماقالىلىرى كەسپى مۇخبىرلارنىڭكىدىن كۆپ بولۇپ چىقتى.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان 1956- يىلىدىن بۇيان جىمسار ۋە مورى ناھىيەلىرىدە ئىدارە- جەمئىيەت ۋە سودا دۇكانلىرىنىڭ ۋېۋىسكا، پىلاكات، ئېلانلىرىنى خۇشخەت بىلەن ھەقسىز يېزىپ بېرىپ كەتكەن ئىدى. يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ خەتلەرنى كومپىيۇتېردا چىقىرىدىغان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان يەنىلا بوش قالمىدى. كىشىلەر قەبرىلەرگە خاتىرە تاش ئورنىتىدىغان بولۇپ كېتىپ، قەبرە تاشلارنىڭ خەتلىرىنى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربانغا يازدۇرۇپ كەلدى. دادام بىر جازىدا 3 خىل خەت كۆرۈنىدىغان ئوربىتىنى ئىجاد قىلىپ، 2006- يىلى «شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى» گېزىتى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش زور يىغىنىدا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، قازاقچە كۆرۈنىدىغان ئەينەكلىك جازىنى رەھبەرلەرگە تەقدىم قىلدى. 2009- يىلى سانجى ئوبلاستلىق دۆلىتىمىز قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ھۆسىنخەت مۇسابىقىسىغا «ئىناق» دېگەن سۆز ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىزچە 3 خىل كۆرۈنىدىغان ھۆسىنخەت ئەسىرىنى قاتناشتۇرۇپ 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. «شىنجاڭدىكى مەشھۇر زاتلار» قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، بۇ كىتاب شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشرىدىن چىقتى.
1994- يىلى مورى ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى مورى ناھىيەسىنىڭ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مەركەزنىڭ تەكشۈرۈپ- تاپشۇرۇپ ئېلىشى ئۈچۈن 20 مىڭ خەتلىك خىزمەت دوكلاتى يېزىپ، ئۇنى باشقا بىرسىگە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ، ئىككى خىل يېزىقتىكى دوكلاتنى ئاپتونوم رايونىغا يوللىغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى يارىماي قىلىپ، ناھىيەگە قايتۇرۇۋېتىپتۇ، ناھىيە رەھبەرلىرى ئۇنى باشقىدىن تەرجىمە قىلدۇرۇشتا دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى تەكلىپ قىلدى، بۇ دوكلاتنى دادام ئەستايىدىللىق بىلەن تەرجىمە قىلىپ، بىر ھەپتىدە قولدىن چىقىرىپ بەردى، بۇ تەرجىمە ئاپتونوم رايونغا ياراپ، مورى ناھىيەسى بۇ ئۆتكەلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتتى، ناھىيەنىڭ ھاكىم ۋە ئىشخانا مۇدىرلىرى ئالاھىدە سوۋغا- سالام ۋە ئىش ھەقلىرى بىلەن ئۆيگە كېلىپ، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربانغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتتى.
مورى ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە تاغ ناخشا ۋە مەشرەپلىرى بار ئىدى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي مەدەنىيىتىنى قېزىش، توپلاش ئىشى باشلانغاندا، ناھىيەلىك ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيگە چىققان تىل- ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ياقۇپ ھەمدۇل ئۆزلۈكىدىن يېزا- قىشلاقلارغا بېرىپ، 2 يىل ئىچىدە بارلىق ناخشا- مەشرەپلەرنىڭ تېكىستلىرىنى توپلاپ رەتلەپ، ئۇنى 6 قىسىمغا ئايرىپ چىققانىدى، ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى مورىغا كېلىپ، ناخشا- مەشرەپلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇلارنى سىنئالغۇغا ئالدۇرۇپ كەتكەنىدى. 2008- يىلى سانجى ئوبلاستى بۇ تېكىستلارنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىشنى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربانغا ھاۋالە قىلدى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان بۇرۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ باقمىغاچقا، بۇنى تەرجىمە قىلىش ناھايىتى قىيىن كەلدى. ھەربىر كۇبلېت، تېكىستلەردىكى ھەربىر مىسرانىڭ بوغۇملىرىنى تەڭلەشتۈرۈش، 2- مىسرا بىلەن 4- مىسرانىڭ قاپىيەلىرىنى ئوخشاشلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەنىداش ۋە كۆچمە مەنىلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىش ئارقىلىق 2 ئاي بولغاندا، بۇ تېكىستلەرنى قولدىن چىقاردى.
مەيلى كادىرلار بولسۇن، مەيلى شەھەر ئاھالىلىرى بولسۇن ياكى دېھقان- چارۋىچىلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئەرز- شىكايەتلىرى، سوتقا سۇنىدىغان، ھۆكۈمەت ۋە تەشكىللەرگە ھال ئەھۋال ئېيتىدىغان، ئىلتىماس سۇنىدىغان، تەلەپ قويىدىغان ئەھۋاللارنىڭ خەنزۇچىسىنى يازدۇرىدىغانلارنىڭ ھەممىسى دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننى ئىزدەيدىغان بولدى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننىڭ بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغىنىغا 40 يىلدىن ئاشتى، دادام ئۇلاردىن بىر پۇڭمۇ ھەق ئېلىپ باقمىدى. 2008- يىلى شىنخۇ يېزا شىنگۇ 5- ئەترىتىدىكى ئېرى كەلگۈندە ئېقىپ كەتكەن ئۆلگەن، ئۆيى قار- يامغۇردا ۋەيران بولغان بىر ياش ئايال ھۆكۈمەتكە ئېيتىدىغان ھال- ئەھۋالىنى دادامغا خەنزۇچە يازدۇرغىلى كەلدى. دادام شۇ كۈنى ئۆيدە زۇكام بولۇپ يېتىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئىلتىماسىنى قاملاشتۇرۇپ يېزىپ بەردى، يېزىلىق ھۆكۈمەت ئۇنىڭغا شۇ يىلى ئىككى ئېغىزلىق يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بەردى، بۇ ئايال خۇشاللىقىدىن دادامغا رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئۆيىدە بار- يوقى 2 توخۇسىنى سوۋغا قىلىپ كەلگەندە، قوبۇل قىلماي ئۆزىگە قايتۇرۇپ بەرگەنىدى.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان 1956- يىلى تۇرمۇش قۇرۇپ، سەككىز بالىلىق بولدى، بىر ئاكام 1970- يىلى سۇدا ئېقىپ تۈگەپ كەتتى، 2001- يىلى 10- ئايدا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن سىڭلىم نەنچاڭدا قازاغا ئۇچراپ ۋاپات بولدى، ھازىر بىز ئالتە بالا بولۇپ، دادام بىز ئالتە بالىنىڭ ھەممىسىنى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، تۇرمۇشلۇق قىلدى، چوڭ ئاكام ماناس ناھىيەلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئايالى ماناس ناھىيەلىك 4- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى، چوڭ ئاچام ئادالەت سانجى شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدا، كۆيئوغلى جالالىدىن ياسىن سانجى ئوبلاستلىق ئوتتۇرا سوتتا، ئىككىنچى ئاكام ئالىمجان شىنجاڭ 8112 رادىيو ئىستانسىسىدا، سىڭلىم شاراپەت مورى ناھىيەلىك يېزىلىق ھۆكۈمەتتە، ئەڭ كىچىك ئىنىم ئابلىكىم مورى ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدا ئىشلەيدۇ.
دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۆز پەرزەنتلىرىگە يۇقۇرى تەلەپ قويۇپ، پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۆز پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپلا قالماستىن، يەنە ھەرمىللەت خەلقى بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك چىقىشىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ناھايىتى كىچىك پېئىل، كەمسۆز، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ، كومپىيۇتېرخانا ۋە شەخسىلەرگە ۋېۋىسكا، پىلاكات، تامغا، تالون ۋە ھەرخىل جەدۋەللەرنىڭ تەرجىمە ئىشلىرىنى قىلىپ بېرەتتى. ئەتراپتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرز، تەكلىپ، ئىلتىماسلىرىنى تەرجىمە قىلدۇرۇش، خەنزۇچە ئانكىت ۋە جەدۋەل توشقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېرىنمەستىن ئېنىق، چۈشىنىشلىك قىلىپ تولدۇرۇپ، يېزىپ بېرەتتى، ياشىنىپ قالغانلىقىغا قارىماي، ئۇلارغا ياردەملىشەتتى. نۇرغۇن قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە ساخاۋەت قوللىرىنى سۇنۇپ، ئوقۇشسىز قالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ قوينىغا قايتىپ كېلىشىگە ياردەملىشىپ، ئۇلارنىڭ ھازىرقى بەختلىك كۈنلەرگە ئېرىشىشىگە ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىدى. دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان جىمسار ناھىيەسى شىباخو كەنتىدىكى ئۆزبېك دېھقان ياقۇپ رىقىپنىڭ يېزىلاردا توك يوق ۋاقتىدا پاتقاق گازىدىن پايدىلىنىپ، ئۆيلەردە چىراق يېقىش، تاماق ئېتىش، مال- چارۋىلارنى ئىسسىق قوتاندا بېقىش، پارنىكتىن پايدىلىنىپ سەي تېرىپ قىشتىمۇ يېڭى سەي يېيىشتەك تېخنىكىدىن ياخشى پايدىلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى گېزىت – ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى ۋە چەتئەللىك قوللىغۇچىلارنىڭ كېلىپ ساياھەت قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشىگە ھەسسە قوشقان، شۇنداقلا مورى ناھىيەسى چۆرىن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى ئامىنە مۇئەللىم، سۈنجياگو باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى مەرھۇم تۇراخان مۇئەللىملەرنىڭ ئۈمىت قۇرۇلۇش مەكتەپلىرىنى گېزىت – ژورناللاردا تونۇشتۇرۈپ شاڭگاڭ، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى قوللىغۇچىلار ۋە ئەل ئىچىدىكى بىر قىسىم ساخاۋەتچىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ۋە بۇ مەكتەپلەرنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بىر قىسىم تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن، شۇنداقلا كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئىدى.
مەرھۇم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان ئۆزىنىڭ ئاقكۆڭۈللۈكى، ئەل سۆيەرلىكى، خىزمەتنى بىرىنچى ئورۇندا قويۇشتەك روھى، تىرىشچانلىقى، باشقىلاردىن ياردىمىنى ئايىمايدىغان ساخاۋەتچىلىكى بىلەن كىشىلەر قەلبىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، ياشانغان دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان چارچاش سەۋەبىدىن 2013- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 35: 1 دە ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتتى، بۇ بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئۈچۈنلا ئەمەس، پۈتۈن مورى خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش بولدى.
كۆيۈمچان مەرھۇم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان يازغۇچىلىق، خەتتاتلىق، تەرجىمانلىق ساھەسىدە يۇقىرى باھاغا ئېرىشكەن بولۇپ، رادىيو – تېلېۋىزىيە ساھەسىدىمۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈشتەك ئەجىرلەرنى سىڭدۈرگەن. مەرھۇم دادام ئابلىمىت ھاجى قۇربان كىشىلەر قەلبىدە مەڭگۈ ھايات تۇرغۇسى، دادام ئابلىمىت ھاجى قۇرباننىڭ ئىش – ئىزلىرى، ناملىرى تارىخ بېتىدىن مەڭگۈ ئورۇن ئالغۇسى.
(ئەسكەرتىش: دادام ئابلىمىت ھاجىنىڭ بۇرۇن فامىلىسى تۇرسۇن ئىدى، 1983- يىلى قۇربانغا ئۆزگەرتىلدى)
2014 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنى
شىنجاڭ ۋاقتى 52: 4 (ئۈرۈمچى) |