تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار 二维码登录كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 0

ۋاڭ داخاۋ ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان ماقالىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

423

تېما

3

ئەگەشكۈچى

253 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 69
تىللا: 2510372
تۆھپە : 7008
توردا: 730
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-4-14 08:52:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
ۋاڭ داخاۋ 1941- شاڭخەيلىك،ھازىر بېيجىڭدا تۇرىدۇ،جوڭگو رەسساملىق جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى،ھەيكەلتاراش،رەسسام.ئۇ شىنجاڭ مەسىلىلىرى توغرىسىدا يازغان ماقالىلىرى بىلەن داڭلىق.
ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ھازىر كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەن.بەزى تەرەپلەردە بىر قەدەر كەينىدە. بىراق بۇ مىللەت مەڭگۈ قالاق تۇرىۋەرمەيدۇ. دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يوشۇرنۇپ تۇرغان ئىلغار سۈپەتلىرى كۈنسېرى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.ھەمدە كەلگۈسىدە چوقۇم تېخىمۇ چوڭ ئىجادىيەت كۈچىگە ۋە مەدەنىيەت سېھرى كۈچىگە ئىگە بولىدۇ. بۇ بىر كۈن يېتىپ كەلگەندە بارلىق خەنزۇلار شۇنى بايقايدۇكى،خەنزۇ بىلەن ئۇيغۇر ئارىسىدا ئىلغار قالاقلىق پەرقى بولمايدۇ،ھەتتا نۇرغۇن جەھەتلەردە ئۇيغۇرلار خەنسۇلاردىن بەك ھالقىپ چىقىدۇ.
بۇ ئەزەلدىن ئۆزىگە ئىشەنچ ۋە خوشاللىق كەم بولمىغان مىللەت.مەن ئۇيغۇرلارنى چۈشەنگەنسېرى،بۇ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە شۇنچە سەل قارىغىلى بولمايدىغىنىنى ھېس قىلىۋاتىمەن،بۇ بىر يوشۇرۇن كۈچى چەكسىز مىللەت ئىكەن.

بەزى خەنزۇلاردا ئازدۇر-كۆپتۇر مىللەت ئەۋزەللىك تۇيغۇسى مەۋجۈت،ئۇلار تېخى «قالاق» مىللەتلەر بىلەن قانداق ئالاقىلىشىشنى بىلمەيدۇ.ئۇلار كەلگۈسىدە قالاقلىقتىن ئىلغارلىققا ماڭىدىغان مىللەت بىلەن قانداق ئالاقىلىشەلىسۇن؟
خەنزۇلار بۇ جەھەتتە چوقۇم پۇختا تەييارلىق قىلىشى كېرەك.ئازاتلىقنىڭ دەسلىپىدە ، شىنجاڭنىڭ مەلۇم بىر يېرىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان تۇنجى قېتىم ماشىنىنى كۆرۈپ ، ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن ئالدىغا چۆپ تاشلاپ بەرگەن ئىكەن .بۇ شىنجاڭدا كەڭ تارقالغان يۇمۇر ، بەزى خەنزۇلارنىڭ نەزىرىدە ، ئۇيغۇرلار «قالاق» مىللەت . ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار ھەرگىزمۇ ھەممىدە قالاق مىللەت ئەمەس .
1. ئۈرۈمچىدىكى ئاممىۋى باغچىلاردا ، شەھەر-ناھىيىلەردىكى خەلق مەيدانلىرىدا نۇرغۇن ئادەم ئۇسۇل ئويناپ چېنىقىش ئېلىپ بارىدۇ . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خەنزۇلار ، بىراق ئۇلارنىڭ ئوينايدىغىنى ئۇيغۇر ئۇسۇلى ، ئوينىغاندىمۇ مەستخۇشلارچە ئوينايدۇ . گەرچە 7-ئىيۇل ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولسىمۇ ، بىراق شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئوينايدىغان خەنزۇلار بارغانسىرى كۆپەيدى ھەم يەنە كۆپىيىدىغىنى ئېنىق . ئۇنۇڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر ، خۇيزۇ ، قازاق مىللەتلىرى بۇ توپقا قېتىلىپ ئورتاق تاماشا قىلماقتا . تېخىمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغىنى نۇرغۇن خەنزۇ ياشانغانلار قىشتىمۇ باغچىدا ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئويناپ ، قار بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدىكەن . نۇرغۇن خەنزۇلار بىر كۈن ئۇيغۇر ئۇسۇلى ئوينىمىسا ئارامسىزلىنىدىكەن . دېمەك ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا-ئۇسۇل مەدىنىيىتى ئاللىقاچان شىنجاڭدىكى خىنزۇلارنىڭ مەدىنىي تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ بوپتۇ . ئۇسۇل-مۇزىكا جەھەتتىن شىنجاڭدىكى خەنزۇلار ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئاسمىلاتسىيە قىلىنىۋېتىپتۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىش شۇنداق رازىلىق بىلەن بولىۋېتىپتۇ .
2. ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ، ئەگەر سىز ئاشخانىلارنىڭ ئالدىدا تىكىلگەن كۆچەتلەرنى كۆرسىڭىز (كۆپىنچىسى ئەنجۈر كۆچىتى) دېمەك كۆچەت يېنىدىكى ئاشخانا ئېنىق ئۇيغۇرنىڭ .تېخى بەزى چوڭراق ئاشخانىلارنىڭ ئالدى گۈللۈككىلا ئوخشايدۇ . بىرقېتىم مەن بىر ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئالدىدا شۇنى بايقىدىمكى ، ھەتتا بىر تۈپ شەھەر يېشىللاشتۇرۇش دەرىخىنىڭ ئەتراپىغا ئۇلار تەرىپىدىن گۈللەر تىكىلىپتۇ . ئېتىز پۇرىقى بېرىپ تۇرغان نەچچە تال قوناق مايسىسىمۇ بار ئىكەن . بۇ نەرسىلەر شەھەر يېشىللاشتۇرۇش دەرىخىنىڭ ئەتراپىدىكى ئاران بىر كۋادىرات مېتىر يەرگە تىكىلگەن بولسىمۇ ، ئەمما ئۇيغۇرلار ئۇنى ئاق قويماپتۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل يېشىللاشتۇرۇش ئېڭى بىلەن ھازىرقى زامان مۇھىت ئاسراش ئېڭى مەنبەداشتەك تۇرىدۇ . شۇنداقلا بۇ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشنى سۆيىدىغان ، ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ، تىنىم تاپمايدىغان روھىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ .
3. بىر كۈنى مەن ئۈرۈمچى خەلق باغچىسىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتىم ، يىراقتىن بىرنەچچە ئۇيغۇر يىگىتلەر يېتىپ كەلدى . ئارىدىن كېلىشكەن بىر ياش دادىل قەدەملەر بىلەن ئالدىمغا كەلدى . بۇ تەخمىنەن ئون نەچچە ياشلاردىكى ياش يىگىت كۆكرىكىگە ئېسىۋالغان سۇلياۋدىن قاپلانغان كىنىشكىسىنى ماڭا بىمالال كۆرسەتتى . بىر ئېغىزمۇ گەپ يوق ، ئېھتىمال سالاھىتىنى ماڭا بىلدۈرۋاتقان بولسا كېرەك . مەن ئەدەپ بىلەن كىنىشكىگە سەپ سالدىم . ئەسلىدە بۇ «ياشلار مۇخپىرلىق كىنىشكىسى» ئىكەن . يىگىت كورلىدىن كەپتۇ . مەن كۈلۈمسىرەپ ، ئۇنىڭغا باش مالتىقىمنى چىقىرىپ : «ياخشى ، ياخشى » دەۋەتتىم . ئۇ ناھايىتى تەبىئىي ھەم مەغرۇر ئىدى . ئۇ ئاغىنىلىرى بىلەن خوشال ئۆتۈپ كەتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ كونا مۇخپىر ئالدىدا مۇخپىرلىقىنى كۆز-كۆز قىلغىنىنى بىلمەي قالدى . بۇ نېمىدىگەن

ساپ ، سەمىمىي ئۇيغۇر يىگىتى،-ھە !
ئۇيغۇر مىللىتى شان-شەرەپنى سۆيىدىغان مىللەت ئىكەن ، بۇنداق مىللەت ئېنىقكى ئۈمۈدكە تولغان مىللەتتۇر .
4. ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى ناھايىتى ئاددى ئىدى ھەم خەنزۇلاردە زىننەتلەشنى مۇھىم بىلمەيتتى . بىراق يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا ناھايىتى كاتتا بىزەلگەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى قەدەممۇ-قەدەم بارلىققا كەلدى . ئاشخانىلار ئۆزىنى زىننەتلەشتىلا توختاپ قالماي ، تاماق قاچىلىرى ۋە جوزىلارغىمۇ قويۇق مىللىيچە پۇراقنى سىڭدۈرۈپتۇ . پۈتكۈل ئاشخانىلار ناھايىتى نەپىس سەنئەت بۇيۇمىغا ئوخشاپ قاپتۇ . ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزگىچە بولغان كاتتا ، مەردانە ، ئېسىلزادىلەرچە پۇرىقى بىلەن ھەرقانداق ئېسىل ئاشخانىدىن قېلىشمىغۇدەك ھالغا كەپتۇ . مەن بىر قېتىم دوستۇم بىلەن دۆڭ كۆۋرۈكتىكى نەپىس زىننەتلەنگەن ئۇيغۇر ئاشخانىسىغا كىردىم . ئۇيغۇر كۈتكۈچى ئەدەپ بىلەن يېتىپ كېلىپ نېمە يەيدىغىنىمىزنى سورىدى . مەن ئاشخانا ئىچىگە كۆز ئغزمەي قارىغاچ : «بىز پەقەت كۆرۈپ باقايلى دىگەن»دېدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىر خىل مەغرۇرلۇق نۇرلىرى چاقناپ چىقتى،-دە ئاندىن : «سىلەر كۆرېۋىرىڭلار »دېگىنىچەئۆز ئىشىغا كەتتى . ئاشخانىدىن چىققاندا ئاغىنەم بۇ ئاشخانىنى ماختاپ ئاغزى بېسىقمايلا قالدى . مەن ئۇنىڭغا : «سەن بۇ ئاشخانىنى ئالاھىدە بىلگەن بولساڭ ، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارنىمۇ ئالاھىدە بىل ، ئۇلار ھەقىقەتەن ئىلغار مىللەت» دېدىم . باشقا مىللەتلەر ئورۇندىغان ئىشنى ئۇيغۇرلارمۇ ئورۇندىيالايدۇ . كېيىن نۇرغۇن جەھەتلەردە تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قازىنىدۇ . ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئاددىيلىقتىن نەپىسلىككە ئۆزگىرىشى بۇ بىر ئۇشقاندەك تەرەقىيات . بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ توختاپ قالماي داۋاملىق ئىلگىرلەيدىغان ھەم ئىلگىرلەۋاتقان مىللەتلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ تۇراتتى .
5. ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىدا دائىم ئۇيغۇر ئېلىپ-ساتارلارنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە پەقەت ئاددىيلا بىر قانچە نەرسە . ياكى بىر نەچچە دىربۇن ، ياكى بىر نەچچە تال قاش تېشى ، ياكى بىر نەچچە تال پىچاق . قوللىرىدا مال كۆپ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۇلار ھەممە كوچىنى ئالا قويماي ئايلىنىپ سودا قىلىدۇ . ئۇچراتقان ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىگە قويماي مال تونۇشتۇرىدۇ ، بۇ جەرياندا زېرىكمەيدۇ ، ھارمايدۇ . كاللامدىن ئۆتمەيدىغىنى ئۇلار ھەر كۈنى مۇشۇنداق سودا قىلىپ ، كۈندە قانچىلىك نەرسە سېتىپ چىقىرار ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشەققەتلىك تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قىلغان چىداملىقى مەندە ئۇلارغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئويغاتتى .
جەنۇبىي شىنجاڭلىق بىر ئۇيغۇر دېھقاننىڭ خەنزۇتىلى ئۇقمىسىمۇ ، دادىللىق بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ شىنجاڭنىڭ يەرلىك مەھسۇلاتىنى سېتىپ ، نەچچە يىلدىلا ئالدىن بېيىغانلار قاتارىغا كىگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم . ھازىر ئۈرۈمچىدىكى نەچچە كورپۇس بىنا ئۇنىڭ ئىكەن . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سودىغا ئائىت رىۋايەت خارەكتىرلىك ئىش-ئىزلىرى شىنجاڭدا ساناپ تۈگەتكۈسىز ئىكەن .
6. شىخەنزە ئۇنۋېرستىتىنى پۈتتۈرگەن بىر ئوقۇغۇچى 2010-يىلى قەشقەر تەۋەسىدىكى شۇلا ناھىيىسىنىڭ ئالال يېزىسىغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ بېرىپتۇ . ئۇ مۇبداق دېدى : « بىزنىڭ سىنىپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى قالتىس تىرىشچان ، ھەر كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى ۋاقتى بەشتىلا ئورنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆگىنىشنى باشلايدۇ . كەش سائەت ئون ئىككىلەردە ئاندىن ياتاقلىرىغا قايتىپ ئارام ئالىدۇ . ھەر كۈندىكى ئۇخلاش ۋاقتى بەش سائەتكىمۇ يەتمەيدۇ . بۇرۇن يېزا مەكتەپلىرىدىكى تولۇقسىز ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بۇنداق تىرىشىدىغانلىقى ، بۇنداق جان تىكىپ ئۈگۈنۈش قىلىدىغىنىنى ھەرگىز تەسەۋۋۇر قىلالمايتتىم . » بىر كۈنى كەشتە ئۇ سەككىزىنچى يىللىق ئىككىنچى سىنىپقا ھېساپتىن تەكرار قىلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن . تۇيۇقسىز توك توختاپتۇ . ئوقۇغۇچىلار دەرھال يېنىدىن شام ، قول چىراقلىرىنى چىقىرىپ ئۈگۈنۈشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ . بەزىلىرى ھەتتا بەش-ئالتەيلەن بىر بولۇپ بىر شامنى چۆرىدەپ ئۈگۈنۈش قىلىشىپتۇ . شۇ يىلى مائارىپ ئورگانلىرى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ : « قايتىلىغۇچىلار ھەم ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ بولغانلارنىڭ قايتا ئىمتىھان بېرىش سالاھىتى بولمايدۇ »دەپتۇ . ئۇنىڭ 39 نەپەر ئوقۇغۇچىسى شۇ سەۋەپتىن قايتا ئىنتىھان بېرىش سالاھىتىدىن ئايرىلىپ قاپتۇ . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلار سىنىپتا ھۆكىرەپ يىغلىشىپ قىيا-چىيا قىلىشىپتۇ . مۇئەللىم ئۇلارغا نەسىھەت قىلىپ تاڭ سەھەر ئۈچتە ئاران دىگەندە ئۇلارنى ياتىقىغا قايتىپ كېتىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپتۇ . نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار ئازاپتىن ئۈچ ۋاق تامىقىنىمۇ يېمەپتۇ .
ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئادەم چوقۇم ئالغا ئىلگىرلەشنى ئىستەيدىغان ئادەم ، ئۆگىنىشنى قىزغىن سۆيىدىغان مىللەت گەرچە «قالاق» بولسىمۇ ، ئۇ چوقۇم بۇ ھالىتىدىن قۇتۇلالايدۇ . ئەگەر بىز بىلىمنىڭ كۈچىگە ئىشەنسەك ، ئۇنداقتا بۇ مىللەتكە سەل قارىمايلى ، كىم بۇ نۇقتىنى ئىنكار قىلسا شۇ ھەقىقى ئەخمەقتۇر .
7. گەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بەزىلەر بەلكىم ئۆزىنى باسالماي : « سەن نېمىشقا ئاۋۇ تېرورچىلارنىڭ ۋەھشىيلىكى توغرىسىدا ئېغىز ئاشمايسەن ؟ »دىيىشى مۈمكىن . ھەرقانداق مىللەتتە ئاق كۆڭۈل ۋە قارا نىيەت ئادەملەر بار . خەنزۇلار ئارىسىدىمۇ شۇ ، ئۇنداقتا پۈتكۈل خەنسۇ مىللىتىگىمۇ ئاشۇلار ۋەكىللىك قىلامدۇ ؟ مېنىڭچە ھەربىر خەنسۇ ئاق كۆڭۈللەرنىڭ مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغىنىنى بىلىدۇ . ئاق كۆڭۈللۈك ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ ئادەم بولۇشتىكى ئورتاق قىممەت قارىشى . بۇ ئومۇمىيۈزلۈك قىممەت قاراش دەرۋەقە پۈتۈن مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ . شۇڭلاشقا ھەرقانداق مىللەتتە پەقەت ياخشىلارلا مىللەتكە ھەقىقىي ۋەكىللىك قىلىش سالاھىتىغا ئىگە .
ئىلگىرى بىر ئۇيغۇر كادىر ماڭا مۇنداق دىگەن : « دۇنيادا قايسىلا مىللەت بولمىسۇن ، ياخشىلىرىمۇ بار ، يامانلىرىمۇ بار ، ھەرقانداق مىللەتتە ئوخشاش ، ھەرقانداق خەلىقتىمۇ ئوخشاش .
ئۇيغۇر مىللىتىدە داڭلىق ناخشا-ئۇسۇلچىلارلا بولۇپ قالماي ، ئۇلاردا كاتتا داچىلارغا ئىگە بايلار ھەم ھەرخىل ساھەلەردە يۇقىرى تېخنىكا بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نۇرغۇنلىغان دوكتۇرلىرى بار . بىر مىللەتنىڭ ئىلغارلىقىغا بۇ مىللەتتىكى قالار نەرسىلەرگە قاراپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ . ئەكسىچە بۇ مىللەتتىكى ئەڭ ئىلغار توپ ئىپادىلىگەن سۈپەتكە قاراپ باھا بىرىش كېرەك . ھەممە مىللەتتە قالاق نەرسىلەر مەۋجۈت بىراق مىللەتتىكى ئەڭ ئىلغار توپلا بۇ مىللەتنىڭ تەرەقىيات يۆلىنىشىگە ، كەلگۈسى ئىستىقبالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ .
مەن ئىلگىرى بىر ماقالەمدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كۆز قارىشىمنى ئوتتۇرىغا قويدۇم : « ئۇيغۇر مىللىتى ناھايىتى ئىلغار مىللەت ، ھۆرمەتكە لايىق مىللەت ، كەلگۈسى پارلاق مىللەت . » مەن بۇ ماقالەمنى بىلوگىمغا يوللاپ بولغاندىن كېيىن ، ئىككى ئۇيغۇر بالا سۆز قالدۇرۇپ ھەم رەھمىتىنى بىلدۈرۈپتۇ ھەم ماقالىنى كۆرۈپ تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشقانلىقىنى ئېيتىشىپتۇ . مەن ھەيران بولدۇم ، مېنىڭ قوپال ماقالەمنىڭ ئۇلارنى يىغلىتالايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن . بۇ ئىش ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى .
8. ئەڭ ئاخىرىدا مەن ناھايىتى تەسىرلىك بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىشنى لايىق تاپتىم ، بۇ ئىش بىر ئاغىنەمنىڭ بېشىدىن ئۆتۈپتىكەن .
قىش ، قار لەپىلدەپ يېغىۋاتقان ، يول چىراقلىرى مۈگدەك بېسىپ ئۇيقىغا ئىلىنغان كۆزلەردەك تۇتۇق ، يولدا ماشىنىلار تېز سۈرئەتتە ئۆتىۋاتاتتى . كىملا بولمىسۇن بۇ زېرىكىشلىك قىشنى كەينىدە قالدۇرۇپ تېزراق ئىللىق ئۆيىگە قايتىشنى ئويلاۋاتقاندەك قىلاتتى .
شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن قىەش پەسلىدە ، بۇنداق قىش كېچىسىنىڭ ئەتىۋارلىغۇچىلىكىمۇ يوق ئىدى . كەش سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا بىر ئۇيغۇر مويسىپىت ئەسكى ۋېلىسپىتىنى يېتىلەپ يول ياقىسىدا كېتىپ باراتتى . ئۇنىڭ ۋىلىسپىتىگە پىچاق چاقنايدىغان ئەسۋاپلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ ، قارىماققا بۇ كېچە ، بۇ ۋاقىت ئۇنىڭ سودىسىغا ئالچۇ چۈشمەيدىغاندەك قىلاتتى . ئۇ 60 ياش ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۈستى-بېشى قار . تۇيۇقسىز بىر ئايالنىڭ چىقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ھەرقانداق ئادەم ئاڭلىسا تېنى شۈركىنىپ كېتەتتى . ئەسلىدە ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان بىر ماشىنا بىر مۈشۈكنى مىجىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ . بۇنى ۋارقىرىغان ئايال ئېنىق كۆرۈپ قالغان ئىدى . بۇنداق كۆرۈنۈشنى ھېچكىممۇ كۆرۈشنى خالىمايتتى . ھەممەيلەن ئۆزلىرىنى چەتكە ئالدى . كىم ئۈچۈن بولسۇن بۇ مۈشۈكنىڭ ياتقان يېرىدە كېچىچە باشقا ماشىنىلار تەرىپىدىن مىجىلىپ ئۆتىدىغانلىقى ئېنىق ئىدى . ھېلىقى بىشىنى ئىچىگە تىقىپ كېتىپ بارغان ئۇيغۇر مويسىپىت قەدەملىرىنى توختاتتى . ئۇ ۋېلىسپىتىنى رىشاتكىغا يۆلەپ مۈشۈك تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ نېمە ئىش قىلماقچى ؟ مۈشۈكنىڭ پۈتۈن بەدىنى قان ، ناھايىتى ئېچىنارلىق ئىدى . بوۋاي ئىككىلەنمەستىن ئۆلگەن مۈشۈكنى قوش قوللاپ يەڭگىل كۆتۈردى ، ئاندىن بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن يول ياقىسىدىكى چىملىققا كېلىپ ، بەللىرىنى ئېگىپ مۈشۈكنى دەرەخلەر ئارىسىغا خۇددى ئۇخلاۋاتقان بوۋاقنى ئويغىتىۋېتىشتىن قورقۇپ كارىۋاتقا ئاستا قويغاندەك يەڭگىل قويدى . بوۋاي ۋىلىسپىتىنى سۆرەپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك بولىغا راۋان بولدى . ئۇنىڭ كۆلەڭگىسى قار گۈللىرى ئارىسىدا ئاستا-ئاستا غايىپ بولدى . يولدا ئادەملەر ئاز ھېچكىم ئۇنىڭغا دىققەت قىلمىدى .

رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ

ئاپتۇرنىڭ ئاۋات ۋە ئەڭ يىڭى تىلىرى
[ھۈنەر سەنئەت ئەسەرلىرى] تۈن
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] داڭلىق
[ئجادىيەتكە خام ماتىرىيال] ق
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] ئەخمەت
[مائارىپقا ئائىت] ئامېرىكىدى
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] چىڭخەي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] قەلب ھۈ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دولان ي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] تۆمۈر خ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دۆلەتل

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-6-14 15:14 , Processed in 0.393283 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش