تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار 二维码登录كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 381|ئىنكاس: 2

ئۇيغۇر پىچاق مەدەنىيىتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

423

تېما

3

ئەگەشكۈچى

253 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 69
تىللا: 2510372
تۆھپە : 7008
توردا: 730
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 14:05:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
ئۇيغۇرلارنىڭ يىراق قەدىمكى ئەجدادلىرى تاش قوراللار دەۋرىدە تاشتىن، برونزا(كۈك مىس)قوراللىرى دەۋرىدە مىستىن، تۈمۇر قوراللىرى دەۋرىدە تۈمۇردىن ھەر خىل پىچاق ۋە خەنجەرلەرنى ياساپ، ئۇزاق تارىخىي جەريانلىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش- تۇرمۇش قايناملىرىدا ئۇنى كۈپ قېتىم ئىسلاھ قىلىپ، يېڭىلاپ، ئۈتكۇر، نەپس- كۈركەم، ھالەتكە كەلتۇرۇپ پىچاقتىن ناھايىتى ئۇنۇملۇك پايدىلىنىپ كەلگەنلىكىنى تارىخ، ئارخېئولوگىيە مەنبەلىرى داۋاملىق دەلىللەپ كەلدى.
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلاردىكى پىچاق مەدەنىيىتى ئۇيغۇر قول ھۇنەر سەنئىتى ۋە يىپەك يولى سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ تېخىمۇ راۋاجلانغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئۈتكۇر، نەپس،كۈركەم ۋە مەپتۇنكار پىچاق مەھسۇلاتلىرى بىر تەرەپتىن ئىستىمال قىممىتىگە ئىگە تۇرمۇش بۇيۇمى ھېساپلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىستېتىك قىممەتكە ئىگە ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇمى ھېساپلانغان. پىچاققا ئىشلەنگەن ھەر خىل نەقىش-بېزەكلەر ئۇيغۇر ھۇنەر- سەنئىتىنىڭ گۇلى ۋە ئىستېتىك بۇلىقى بولۇپ، بۇنداق خاس مىللىي نەقىشلەر ئەمگەك رېتىمى، تۇرمۇز رېتىمى، ھەر خىل گارمونىك،رەڭدارلىق ۋە تۇرلۇك مىللىي شەكىل نۇسخىلىق ئالامەتلەر ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرلەردىكى روھىي ھىسسىياتىنى ۋە ئىستېتىك قىزىقىشىنى ئىپادىلىگەن. شۇڭا ئۇنىڭ مەڭگۇلۇك زوقلانغۇچ ئىستېتىك قىممىتى كۇنسايىن ئېشىپ بارغان. شۇڭا ئۇيغۇر پىچاقلىرى يەنە ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر قول-ھۇنەر سەنئىتى خۇسۇسەن پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ نەق ماددىي پاكىتى ۋە تارىخىي گۇۋاھچىسى سۇپىتىدە، مۇھىم ئارخېئولوگىيىلىك ھەم تارىخىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە بۇيۇم ھېسابلىنىدۇ.
بۇگۇنكى كۇندە ئۈزىنىڭ ھەر خىل داڭلىق ماركىسى ھەم كۈركەم، نەپىس، گۇزەللىكى بىلەن جوڭگو ۋە چەت ئەل ساياھەتچىلىرىنى مەپتۇن قىلىۋالغان ئۇيغۇر پىچاقلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇيغۇر خەلق قول ھۈنەرۋەنچىلىك سەنئىتىنىڭ ئەڭ نەپىس مەپتۇنكار بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، زور ئىقتىسادىي قىممەت ھەم مۇھىم ئىجتىمائىي ئۇنۇم يارىتىۋاتىدۇ.
شۇڭا ئۇيغۇر پىچاق مەدەنىيىتىنىڭ يىلتىزى ھەققىدە ئىزدىنىش، ئۇيغۇر پىچاقلىرىنىڭ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى تارىخىي قاتلاملىرىنى يورۇتۇش ۋە ئۇنى پىچاق مەدەنىيىتىنى ياراتقان ۋە ئۇنىڭ ھەقىقىي تارىخىي مىراسخورلىرى بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇش- ۋىجدانىي بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ۋىجدانى پاك، ئىمانى كامىل تارىخچىلىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى بولسا كېرەك.
مەنبەسى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى 2007-يىلى 1-سان


ئاپتۇرنىڭ ئاۋات ۋە ئەڭ يىڭى تىلىرى
[ھۈنەر سەنئەت ئەسەرلىرى] تۈن
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] داڭلىق
[ئجادىيەتكە خام ماتىرىيال] ق
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] ئەخمەت
[مائارىپقا ئائىت] ئامېرىكىدى
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] چىڭخەي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] قەلب ھۈ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دولان ي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] تۆمۈر خ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دۆلەتل

نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-3-16 14:29:44
سەئىدىيەدىكى تىما كۆرۈپ تىللاغا ئىرىشىش پائالىيىتى!پائالىيەت ئادرىسى :    مۇكاپات نۇمۇرى::189
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2014-3-22 05:09:02
سەئىدىيەدىكى تىما كۆرۈپ تىللاغا ئىرىشىش پائالىيىتى!پائالىيەت ئادرىسى :    مۇكاپات نۇمۇرى::190

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-6-15 16:27 , Processed in 0.441307 second(s), 37 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش