ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!
جاللات خىنىم(مۇھتىرەم خىنىم)ئوبرازىنى قانداق ياراتتىم
تۇرسۇنجان ئەخمەت سەئىدىيە

مەن يۇقاردىكى جاللات خىنىم ئوبرازىنى يارىتىشتا يازغۇچىمىز ياسىنقان سادىق چوغلاننىڭ يازغان روماندىكى تەسىۋىرىنىمۇ تولۇق كۆرۈپ چىقتىم.تەسۋىرلەر بۇرۇنقى ئىغىزاكىي تارىخلار،ۋە بىر قىسىم قول يازمىلاردىكىدىنمۇ بەكراق جانلىق يارىتىلغان بولۇپ ،ئەلۋەتتە مۇھتىرەم خىنىمنىڭ ئوبرازىنى يارىتىشتىكى بىرىنچى قول ماتىرىيال بولالايدۇ.لىكىن مەن جاللات خىنىم رومانىدىكى بۇ ئوبرازلارنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ مەرھۇم تارىخچى يازغۇچىمىز ساۋۇت داۋۇتكامنىڭ بىر قوللۇق دەپ بەرگەن مۇنۇ سۆزىنى چوڭراڭ ئاساس قىلىۋالدىم.يەنى:
مۇھتىرەم خىنىم يەكەن دىيارىغا كەلگەندە يەكەننىڭ سىياسىي ھالىتى ناھايىتى ناچار بولۇپ ،ئادەملەر سوپىلىشىپ دىۋانىلار ئەدەپكەتكەن،بىر خىل بۇرۇقتۇملۇق ئىچىدە ياشاۋاتقاندەك ئادەملەر ئنتايىن روھسىز.....مۇھتىرەم خىنىم كىيىنچە بۇخىل ھالەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قاتتىق،كەسكىن بىر تەدبىرلەر بىلەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلىدۇ……ۋاھاكازالار
يۇقۇرىدىكى بايان ساۋۇتىكام سۆزلەپ بەرگەن ھىكايىنىڭ كىچىككىنە بىر قىسمى،مەن مۇشۇ ئابزاسلارغا ئاساسەن ئوبرازنى قايتا قايتا لاھىيەلەپ چىقتىم .بولۇپمۇ رەسىمنىڭ پون قىسمى(كەينى تەرىپى)نى ئىپادىلەشتە شۇ دەۋىردىكى جاللات خىنىم كەلگەن ۋاقىتىكى يەكەننىڭ سىياسىي ھاۋاسىنىڭ ناچارلىقىنى ھاۋا بىلەن ئىپادىلەپ چىقتىم.ئاندىن:ھەم قەيسەرلىك ،ھەم گۈزەللىك ئىپادىلىنىپ تۇرغان مۇھتىرەم خىنىم نىڭ چىرايىدىن بىر خىل يىراقنى كۆرۈۋاتقان،چوڭ بىر ئشنى ئويلاۋاتقان سىماسنى گەۋدىلەندۈردۈم.ئەلۋەتتە ماي بوياق رەسىمدە قانداق ىپادىلىسا ،قانداق ئنچىكە ۋە قوپال سىزسا بولىۋىرىدۇ.ئوبراز يارىتىشتا :رەسسامنىڭ ئىدىيىسى،تارىخي بايانلار،ئىزدىنىشلەر ھەممىسى ئورتاق مۇھىم.مەن بۇ خىل ئزدىنىشلەرنى ئاساسەن ئورۇندىغانمۇ بولدۇم..لىكىن ئەلۋەتتە يىتەرسىزلىكلەر چوڭ...قىرىنداشلارنىڭ تەنقىدىي پىكىر بىرىشىنى،تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. ---سەئىدىيە
|