باش بەت قىلىشساقلىۋېلىش مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار OPEN-MUSIC

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 626|ئىنكاس: 1

پەرھات يۇنۇس تەرجمھالى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

1

تېما

0

دوست

40

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  636
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
تىللا: 9
تۆھپە : 10
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2014-3-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-3-3 12:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
پەرھات يۇنۇس،ئەر،ئۇيغۇر،گۆزەل-سەنئەت ماگېستىرى.-1980يىلى قۇمۇلدا زىيالى ئائلىسىدە تۇغۇلغان. -2003يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ كېرىم نەسىردىن ماي بوياق كافىدىراسىنى «مۇنەۋۋەر ئوقۇش پۈتتۈرگۈچى»دىگەن نام  بىلەن پۈتكۈزگەن.-2006يىلى شاڭخەي شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىغا ئاسپىرانتلىق ئوقۇشىغا كىرگەن ھەمدە جۇڭگو ئابىستراكت رەسساملىق پېشۋاسى، داڭلىق رەسسام جۇۋ چاڭجاڭدىن(周长江) ھازىرقى زامان رەسساملىقى ۋە سەنئەت تەتقىقاتى جەھەتلەردە تەربىيە ئالغان.ئۇ ئاسپىرانتلق ئوقۇش جەريانىدا ئۇدا ئۈچ يىل دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ،-2010يىلى ئوقۇشىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملىغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستۇتىدا كەسپىي ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئشلەۋاتىدۇ.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونۇم رايونىمىزدا ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كۆرگەزملەرگە قويۇلغان ۋە مۇكاپاتلانغان، بەزى ئەسەرلىرى شاڭخەيدىكى گالېرىيە،يىغىپ ساقلىغۇچىلار تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان.
   رەسسامنىڭ «شاپاق دۆۋىسى»ناملىق ئەسىرى -2003يىلى -1ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ماي بوياق كۆرگەزمىسى»گە ۋە شۇ يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ باھارنى كۈتۈۋېلىش كۆرگەزمىسى»گە قويۇلغان.«قوغۇنچى بوۋاي»ناملىق ئەسىرى -2005يىلى -4ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «شنجاڭ -2نۆۋەتلىك ماي بوياق كۆرگەزمىسى»گەقويۇلغان.
-2006يىلى «قوغۇنچى بوۋاي»ناملىق ئەسىرى قۇمۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن «گۆزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»دە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.  -2008يىلى «توغراق ئادەم-2نومۇر»ناملىق ئەسىرى شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئونۋېرسىتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئاسپىرانتلار گۆزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»گە تاللىنىپ قويۇلغان.-2009يىلى «توغراق ئادەم -3نومۇر»ناملىق ئەسىرى شاڭخەي خۇڭمىياۋ گۆزەل-سەنئەت سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن «سەپەر (启航)_ماي بوياق كۆرگەزمىسى»گە تاللانغان.ئۇ يەنە شۇ يىلى شەرقى جۇڭگو پىداگوگىكا ئونۋېرسىتى بويىچە «مۇنەۋۋر ئازسانلىق مىللەت ئاسپىرانتى» دىگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشكەن.   
  پەرھاتنىڭ سىزغان رەسىملىرىدىكى ئۆزگىچە ئىلھاملار كىشىنى جەلىپ قىلىدۇ.تۆۋەندە شۇ رەسىملەردىن بىر قانچىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىڭ.



رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /1 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2017-5-6 15:32 , Processed in 0.431685 second(s), 34 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش