تالون مەركىزى مال ھارۋىسىدا 0 دانە تاۋار بار 二维码登录كەڭ ھالەت

سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 دەرھال تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
كۆرۈش: 779|ئىنكاس: 1

يورۇق قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ۋە سىتىرولۇق ئوبراز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەت رامزىرى: نۇرمال چوڭ

423

تېما

3

ئەگەشكۈچى

253 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 69
تىللا: 2510372
تۆھپە : 7008
توردا: 730
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 12:34:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!

يورۇق قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ جىسىمنىڭ سىتىرولۇق ئوبرازىنى ئىپادىلەش سىدام سىزمىدىكى بىر خىل ئاساسى ئۇسسۇل، بوشلۇقتا تۇرغان بىر جىسىمغا يورۇقلۇق چۈشكەندەئۇنىڭ يۈزى يورۇق ۋە قاراڭغۇ تۈس ئالىدۇ ،-دە بۇ يورۇق ۋە قاراڭغۇ تۈسلەر بۇ جىسىمنىڭ بوشلۇق تۇيغۇسى ۋە  سىتېرېئولۇق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىدۇ.


بىز بۇ قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىپ تۈرلۈك جىسىملارنىڭ ھەجىمىنى ئىپادىلەپ ئاددىي بىر جىسىمنى مەزمۇنى چوڭقۇر،ستېرېئولۇق تۇيغۇغا باي جىسىمغا ئايلاندۇرالايمىز.


1) يورۇق قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق سىتېرېئولۇق ئوبرازنى ئىپادىلەش


2)يورۇق قاراڭغۇلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن پايدىلىنىپ سىتېرېئولۇق مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ چىقىش.


بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ بىز يەنە ئوخشاش بولمىغان تېما ۋە ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئەسەرلەرنى سىزىپ چىقالايمىز.

رەسىم سىزغاندا مەلۇم بىر سىزىش ئامىلىنى تاللاپ مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش،ئىجاد قىلىش، ئۆزىگە مۇۋاپىق كىلىدىغان سايمان ۋە ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىمىزنىڭ ئىدىيىسىنى ئىپادىلەش يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق، سىزىلغان جىسىمنى سىتېرېئولۇق تۇيغۇغا ئىگە قىلىش لازىم. بۇ يەردە سۇنداق بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، رەسىم سىزىش دىگەنلىك ئەمەلىيەتتە «ئادەم ئالداش» دىگەنلىكتۇر، ئويلاپ باقايلى،تەپتەكشى يۈزدە، ھەرخىل ئاماللار بىلەن سىزنىڭ كۆرۈش سەزگۈڭىزنى غىدىقلىغۇچى سىتىرولۇق ئوبراز شەكىللىنىدۇ، ياخشى سىزىلغان بىر پارچە بەئىي ئەسەرنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم« بۇ ئەسلى تەكشى يۈز ئىدى»دىگەننى دەماللىققا خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ...
رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى ھەر ۋاقىت سىزگە ئوخشاش بىلىمخۇمارلارنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ!!بىكىتىمىزدىكىمەزمۇنلارنى باشقا توردا ئېلانقىلماقچى بولسىڭىز ،بىكىتىمىزنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ

ئاپتۇرنىڭ ئاۋات ۋە ئەڭ يىڭى تىلىرى
[ھۈنەر سەنئەت ئەسەرلىرى] تۈن
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] داڭلىق
[ئجادىيەتكە خام ماتىرىيال] ق
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] ئەخمەت
[مائارىپقا ئائىت] ئامېرىكىدى
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] چىڭخەي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] قەلب ھۈ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دولان ي
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] تۆمۈر خ
[گۈزەل سەنئەت ئۇچۇرى] دۆلەتل

423

تېما

3

ئەگەشكۈچى

253 تۈمەن

جۇغلانما

بېكەت مەسئۇلى

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 69
تىللا: 2510372
تۆھپە : 7008
توردا: 730
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2016-6-10

ئاكتىپ يېڭى ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-9-24 12:38:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىدام سىزمىنىڭ ماتېرىياللىرى ھەممە يەردە ئۇچرايدۇ، سىدام سىزما سىزىشقا كېتەرلىك قورال بىلەن ماتېرىياللارنىڭ مۇقىم چەكلىمىسى يوق،  يەنى سىزىپ چىققان سىزما مەيلى مەخسۇسلاشقان سىدام سىزما ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىپ سىزىلغان بولسۇن ياكى ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە سىزىلغان بولسۇن، ئاخىرىدا پۈتۈپ چىققان رەسىمدە سىدام سىزمىدىكى ئۈچ ئاساسى ئۈنۈم بولغان يورۇق، قاراڭغۇ ،كۈلرەڭلىك مۇناسىۋىتى ئايرىلغان بولسىلا سىزمىڭىزنى سىدام سىزما دەپ مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولىدۇ.

سدام سىزمىدىكى مۇھىم ماتېرىيال يەنىلا قەغەز-ئادەتتە سىدام سىزما سىزغاندا كۆپرەك ئىشلىتىدىغىنىمىز سىدام سىزما قوراللىرى ئىچىدىكى قەغەزدۇر. يەنە باشقا ماتېرىياللارنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. يەنىلا شەخسنىڭ قىزىقىشىغا بېقىپ ئاندىن تاللىسا بولىدۇ.قەغەز تاللىغاندا ئالدىنقى يازمىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك قېلىنراق، مەخسۇس ئىشلىتىدىغان قەغەزنى تاللاش كېرەك. قەغەزنىڭ رەڭگىمۇ سىزىپ چىقىلغان سىزمىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل،ئادەتتە قەغەزنىڭ رەڭگى ئىككى خىل بولۇپ، بىرسى ئاق رەڭلىك نېپىزرەك، يەنە بىرى كۈلرەڭگە قېلىن قەغەز.ئاق رەڭلىك قەغەز سېۋىتىنى ئوبدان ئالىدۇ، لېكىن سىزىۋاتقاندا ياكى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، ئۆچۈرگۈچنى ياخشى ئىشلەتمىسىڭىز،ئاسان مەينەت بولۇپ كېتىدۇ.شۇڭا بۇ خىلدىكى قەغەزنى ئىشلەتكەندە ئىمكان بار پاكىزرەك سىزىش كېرەك.كۈلرەڭ قەغەز ئۆزى قېلىن ،سېۋىتنىمۇ تەستىرەك ئالىدۇ، شۇڭا بۇنىڭغا ئىشلىتىدىغان قېرىنداش قەلەم يۇمشاقراق بولسا كىيىنكى ئۈنۈم ياخشى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. سىزغاندا كۆمۈر قەلەم ئىشلەتسە تېخىمۇ ياخشى، لېكىن مىنىڭ تەۋسىيەم، سەۋىيىڭىز ئادەتتىكىدەك بولسا ئەڭ ياخشىسى قېرىنداش قەلەم ئىشلىتىڭ. كۆمۈر قەلەمگە ئالدىراپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.يەنە بۇنىڭدىن باشقا رەڭلىك قەغەزلەرنى ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، چوقۇم مۇشۇ ئىككى خىل قەغەزنى ئىشلىتىش سۈننەت ئەمەس. قەغەزنىڭ ئەسلى رەڭگى ئوخشىمىسا ئاخىرىدىكى پۈتۈپ چىققان رەسىممۇ ئوخشاش بولمايدۇ ئەلۋەتتە.شۇڭا تەييار قەغەزگە قاراپ ئولتۇرماي ئۆزىمىز قول سېلىپ ئوخشىمىغان ئۈنۈمدىكى قەغەزلەرنى ياساپ ئاندىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتسەكمۇ بولىدۇ. تۆۋەندە قەغەزنى قانداق تەييارلاش ھەققىدە قىسقىچە توختىلاي:

-كېتىدىغان ماتېرىياللار، قەغەز(ئېھتىياجغا ئاساسەن قانچە تاختا تەييارلىماقچى بولساق شۇنچىلىك) پۈركۈگۈچ، سۇدا ئېرىيدىغان ھەرخىل رەڭ، سۇ، پلاستىر، رەسىم سىزىش تاختىسى قاتارلىقلار...مەن ئاق قەغەزنى مىسال ئىلىپ سۆزلىدىم، ئالدى بىلەن ئۆز ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن مۇۋاپىق چوڭلۇقتىكى قەغەزنى تەييار قىلىۋالىمىز، ئاندىن كىيىن قەغەزنى پلاستىر بىلەن رەسىم سىزىش تاختىسىغا مۇقىملاشتۇرىمىز،مۇقىملاشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن، سىزىدىغان يۈزىنىڭ چۆرىسىدىن تەخمىنەن 4 سانتېمېتىر ئەتىراپىدىكى قىسمىنى پلاستىر بىلەن چاپلىۋىتىمىز( باشقا نەرسە بىلەن ۋاقتىنچە توسۇپ تۇرساقمۇ بولىدۇ، چاپلاش ۋاقىتلىق)ئاندىن كىيىن پۈركۈگۈچكە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ،سۇدا ئېرىيدىغان ئۆزىمىز خالىغان رەڭدىكى بوياقتىن ئازراق قوشۇپ، سۇس  قىلىپ تەڭشەيمىز( قويۇقلۇقىنى ئۆز ئھتىياجىمىزغا ئاساسەن بەلگىلىسەك بولىدۇ) ئاندىن كىيىن بايا مۇقىملاشتۇرغان قەغەز ئۈستىگە تەكشى چاچىمىز. چىچىپ بولغاندىن كىيىن، ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان جايدا قۇرۇتۇش ئۈچۈن بىر دەم قويۇپ قويىمىز، دىققەت قىلىش كېرەككى ،بەك ئاپتاپ چۈشىدىغان جايدا قويۇشقا بولمايدۇ، بولمىسا قەغەز يۈزى ئۆزگىرىپ، رەسىم سىزغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ، ئەگەر بەك كۆپ چېچىۋەتسەك ، قۇرۇغاندىن كىيىن تارتىشىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا ئىمكان بار قەغەزنى تاختىغا ئورۇنلاشتۇرغاندا پۇختىراق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.بۇ يەردىكى ئۈنۈم مەسىلىسىدە ئەگەر سىز قەغەز يۈزىدە تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئويلاشقان بولسىڭىز، تاختىغا مۇقىملاشتۇرغان قەغەزنى گورىزونتال ياكى ۋېرتىكال ھالەتتە ۋەياكى باشقا ھالەتتە تۇرغۇزۇپ قۇرۇتسىڭىز بولىدۇ،قۇرۇغاندىن كىيىن، يامغۇردا قالغاندەك،سۇ چاچراپ كەتكەندەك ئۈنۈملەرنى ھاسىل قىلىشقا تامامەن بولىدۇ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت، رەسىمنىڭ فون(ئارقا بەت قىسمى) قىسمىنى ۋاسىتىلىك ھالدا سۇنئىي پەيدا قىلىشتىن ئىبارەت.خوش ماتېرىيال تەييارلاش ھەققىدىكى يازما بۈگۈن مۇشۇ يەرگىچە بولىدۇ، چۈشەنمىگەن جايلار بولسا يازمىغا بىۋاستە سۆز قالدۇرۇڭ!

جۇغلانمىنى ئالماشتۇرغانلار كۆزنىكى

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

تاقاش

سەئىدىيە تورى تەۋسىيىسىئالدىنقى /2 كېيىنكى

ئۇلىنىش قوشوش|يانفون نۇسخىسى|سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى |

GMT+8, 2016-6-15 02:04 , Processed in 0.450762 second(s), 44 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش