- شۆھرەت
- 7503
- تىللا
- 3049
- تۆھپە
- 7503
- ئاخىرقى قېتىم
- 2017-5-6
- تىزىملاتقان
- 2013-8-15
- تېما
- 493
- ھەمبەھر
- 3
- نادىر
- 106
- جۇغلانما
- 26919
- يازما
- 831
    
|
تېمامغا خۇش كەپسىز.مەزمۇنغا قارىتا كۆز قاراشلىرىڭىزنى يىزىشنى ئۇنۇتمىغايسىز.!!كۆرۈۋاتقىنىڭىز يانفۇن نۇسقىسى،كومپىوتىردا زىيارەت قىلسىڭىز تىخىمۇ كۆپ ئىقتىدار ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمان بولىسىز.
 | |  |  |
 |
 |
 |
 |
مۇھەممەتجان نەسىردىن 1964- يىلى تۇغۇلغان، 1985 – يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماي بوياق كەسپىنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر شەھەرلىك 3 – ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. شۇندىن بېرى مەزكۇر مەكتەپتە گۈزەل – سەنئەت ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە. ئۇ يىللاردىن بېرى، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلارنى كەسپىي جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەش بىلەن بىرگە، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بارلىقىنى ماي بوياق ئەسەرلىرى سىزىش، ئىجات قىلىش بىلەن ئۆتكۈزدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇنىڭ بىر بۆلۈك ئەسەرلىرى ۋىلايەت ۋە ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلدى ۋە مۇكاپاتلاندى. مۇھەممەتجان نەسىردىننىڭ «كۇلالچى» نامىلق ماي بوياق ئەسىرى 1997- يىلى ئاپتونۇم رايون بويىچە شاڭگاڭنى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە تاللىنىپ مىس مېدال مۇكاپاتىغا ئېرىشتى،«تەشنالىق» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 2007- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق ماي بوياق ئىلمىي جەمىئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان «تۇنجى نۆۋەتلىك ياش رەسساملار ماي بوياق ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى»گە قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ئەسەر» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى .«بوۋايلار»، «قارباسقان كوچا »، «قوغۇنچى بوۋايلار» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك كۆرگەزمىلەرگە قاتنىشىپ ، 1-، 2 -، 3–دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى . «بازار »ناملىق ماي بوياق ئەسىرى 2011-يىلى شىنجاڭ گۈزەل -سەنئەتچىلەر جەمىئىيىتى، ماي بوياق سەنئىتى ئىلمىي جەمئىيىتى ئويۇشتۇرغان «ھازىرقى زامان ماي بوياق سەنئىتى كۆرگەزمىسى» گە قاتناشتۇرۇلدى . «ئەگلەكچى» ناملىق ماي بوياق ئەسىرى «ئىلىغا سەپەر، ئەڭ گۇزەل ماكان يەنىلا بىزنىڭ شىنجاڭ» تېمىسىدىكى گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىگە قاتناشتۇرۇلدى . ئۇندىن باشقا 10 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسەر «شىنجاڭ سەنئىتى»، «شىنجاڭ مائارىپ ژۇرنىلى»،«قەشقەر ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە ماي بوياق ئەسەرلىرى ئەنگىلىيە، ياپونىيە ، كورىيە ، ئىتالىيەنىڭ SOFT شىركىتى، گېرمانىيە قاتارلىق ئەللەر ساياھەتچىلىرى تەرىپىدىن يىغىپ ساقلانماقتا ....
|
 |
 |
 |
 |
| |  | |  |
رەخمەت سىزگە!! سەئىدىيە گۈزەل سەنئەت تورى 支付宝: 308206035@qq.com ئېسىم: 吐尔孙江 سەئىدىيەدىكى ھەر قانداق تىجارەت ھىسابات مۇشۇ ئىسىم، نۇمۇر بىلەنلا بولىدۇ..باشقا ھەر قانداق ھىسابات ئىناۋەتسىز |
|