كاللا قەلئەيىمگە بىرلەشمەخىياللار قوشۇنى توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ، كاللا قەلئەيىمدىكى
تەپەككۇر قوشۇنىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى .شۇنىڭ بىلەن مىڭە قوماندانلىق شىتابىدىكى ھەرقايسى بۆلۈملەر مەسلىھەتلىشىپ، تاشقى ئىشلار ئالاقە بۆلۈمىدىكى كۆزنى ، ئوبىكتىپ قەلئە مۇداپىيە قىسىمنىڭ سەركەردىسى، مىڭە بۇيرۇقىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئىجراچىسى، چوپان قەلئەسىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق تايانچ كۈچى بولغان ئاكا-ئۇكا قولنى ، سەلكىن دۆلىتىگە ياردەمچى قوشۇن باشلاپ كىلىش ئۈچۈن ئەۋەتىشنى قارار قىلدى .ئۇلارنى سەلكىن دۆلىتىگە بارىدىغان نۆۋەتچى كومپىيۇتېر
بار تورخانىغا ئاپىرىپ - ئەكىلىش ۋەزىپىسى ، سىسىق ۋە تۆشۈك پايپاققا مەھكەم يۆگىلىپ چۇخەي تۈرمىسىگە ھەركۈنى ئون نەچچە سائەت بەنت قىلىنغان پۇتقا چۈشتى .
ئۇلار سەلكىن دۆلىتىدىن ياردەمچى قوشۇن ھىسابىدا بىر نەچچە پارچە ئۇچۇر ئىلىپ كەلدى .
بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۇچۇرنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئايىغى داۋاملىق پارقىراپ تۇرمىغان ئەر ، پىشىپ يىتىلگەن ئەرلەر قاتارىغا كىرەلمەيدىكەن . شۇ ئۇچۇرنى مىڭىگە يەتكۈزگەن كۆزگە ، مىڭە قوماندانلىق شىتابىدىن << پۇتقا قايلا >> دىگەن يەرلىك شىىۋىدىكى بۇيرۇق كەلدى.كۆزنىڭ پۇتقا قارىغاندىن كىيىن يەتكۈزگەن ئاخباراتىغا ئاساسلىنىپ << تىخى تولۇق پىشىپ يىتىلمىگەن >> دىگەن رەھىمسىزلەرچە يەكۈن چىقىرىلدى .
بۇ يەكۈندىن خەۋەر تاپقان پىسخىكا بۆلۈمى ئۆزىنى ئالداش ئىشخانىسىدىكى خادىملار دەرھال ئىتراز بىلدۈردى . ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە ، بۇ مۇھىت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسلە ئىكەن . ئەگەر تىمىدا ئىيتىلغان قاراش توغرا دەپ قارالسا ، ئۈرۈمچىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىشىپ يىتىلگەن قاتارغا، يەكەن ، خوتەندىكى ئەرلەرنىڭ كۆپىنچسى پىشىپ يىتىلمىگەن قاتارغا تىزىلىپ كىتىدىكەن . بۇ ھەرگىزمۇ ئادىللىق بولمايدىكەن .
مىڭە قوماندانلىق شىتابىدىكى خادىملار ئۇلارنى ئىترازنامىسىنى تەپسىلى تەھلىل قىلىپ ئاساسى بار دەپ قاراپ ، قايتا ھۆكۈم چىقارماقچى بولدى . شۇنىڭ بىلەن مىڭە ئارخىپ ساقلاش ئىشخانىسىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، شۇ تىمىدىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى ئىزدەتكۈزدى .
لىكىن ئارخىپ ئىشخانىسىدىكىلەر پەقەت << ئايىغى داۋاملىق پارقىراپ تۇرىدۇ . يىڭى ئارلىشىۋاتقان قىز دوستىنى ، كىلىشكەن دوسىتلىرىغا كۆرسەتمەيدۇ . تورداشلىرى بىلەن كۆرۈشمەيدۇ .
كۆپ گەپ قىلمايدۇ . >> قاتارلىق بىر نەچچە پارچە ئۇچۇرنىلا تاپالىدى . قالغانلىرى بولسا ،
توختىماي ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىرلەشمە خىياللار قوشۇنىنىڭ پاراكەندىچىلىكىدە نەلەرگىدۇر يوقالغانىدى . قارار چىقىرىش دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرى،سەلكىن دۆلىتىگە بىرىپ شۇ تىمىدىكى بارىلىق ئۇچۇرلارنى قايتىدىن ئىگەللەپ كىلىش لاھىيەسىنى سۇنغان بولسىمۇ ، ئارخىپ ئىشخانىسىدىكى ۋە مالىيە ئىشخانىسىكى خادىملار ، بۇ تىما سەلكىن دۆلىتىنىڭ قايسى سەھىپە ئۆلكىسى ، قايسى تارماق شەھىرى، قايسى ئاپتور مەھەلىسى ، قايسى ۋاقىت ئۆيىدە ئولتۇرۇشلۇق ئىكەنلىكىنىڭ ئىنىق ئەمەسلىكى ، ئەگەر كەڭ كۆلەملىك ئىزدەشكە توغرا كەلسە ، بۇنىڭغا كىتىدىغان ئىقتىساد ۋە ۋاقىتنىڭ نورمال چەكتىن ئىشىپ كىتىدىغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ، بۇ لاھىيە گە قارشى چىقتى .
شۇنىڭ بىلەن ساقلىنىپ قالغان تۆت پارچە ئۇچۇر بىلەنلا ھۆكۈم چىقارماقچى بولۇشتى . << ئايىغى داۋاملىق پارقىراپ تۇرىدۇ >> دىگەن شەرتتىن باشقا ئۈچ شەرىتكە چۈشۈپ قالغانلىقىم ئۈچۈن
<< %70 پىشىپ يىتىلگەن >> دىگەن ھۆكۈم چىقىرىلدى .
بۇ ھۆكۈم ، پىسخىكا بۆلۈمى ئۆزىگە بىسىم قىلىش ئىشخانىسىدىكىلەرنىڭ نارازىلىقىنى
قوزغىدى . ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە ، مىنىڭ كىلىشكەن دوستۇمغا كۆرسەتكىدەك قىز دوستۇمنىڭ يوقلۇقىنىڭ ئۆزىلا مىنىڭ پىشىپ يىتىلمىگەنلىكىمنى ئىسپاتلايدىكەن . يەنەماڭا تورداشلىرىم بىلەن كۆرشكىدەك پۇرسەتمۇ ئەزەلدىن بولۇپ باقماپتۇ . كۆپ گەپ قىلماسلىققا كەلسەك ، ھەرقانداق بىر ئەر جىنىسلىق مىڭە قەلئەسى ئۆزىنىڭ 22- باھارىنى ئۆتكۈزىۋاتقان مەزگىلدە، تاشقى ئىشلار ئالاقە بۆلۈمىدىكى ئىغىزغا كۆپ كۆڭۈل بۆلەلمەيدىكەن . شۇڭا يۇقارقى ئۇچۇرلار مىنىڭ پىشىپ يىتىلگەن
ياكى يىتىلمىگەنلىكىمگە ھۆكۈم قىلىشقا يىتەرلىك ئەمەسكەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ ھۆكۈممۇ كۈچتىن قالدۇرۇلۇپ ، قايتىدىن قاراپ چىقىشقا بۇيرۇلدى . مەيلى قانداق بىر ھۆكۈم چىقىرىلمىسۇن ، مىڭىدىكى مەلۇم بىر بۆلۈمنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايتتى . ئۇلارنىڭ دە - تالاشلىرى ھىچ بىسىقىدىغاندەك قىلمايتتى .شۇ ۋاقىتتا كۆڭۈل قومانداقلىق شىتابىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالغان شەيتان
بۇ دە - تالشنى قىلىۋاتقان ئەزالارنى بىر دەم تىنىچلاندۇرۇش ئۈچۈن قولغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، ئىغىزغا بىر تال تاماكا يەتكۈزۈپ بىرىش لاھىيەسىنى ئوتتۇرغا قويدى . مىڭە قوماندانلىق شىتابى كۆپ ئويلاشمايلا بۇ قارار لاھىيەسىنى تەستىقلىۋەتتى . قول بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىۋاتقان شۇ پەيىتتە چوپان قەلئەسى سەھىيەساقلىقنى ساقلاش تەشكىلاتى بىلەن ئىسلام دىننى جەمىيتى مىڭىنىڭ بۇ بۇيرۇقىغا قەتئىي قارشى تۇردى .ئەمدىكى تالاش تارتىش كۆڭۈل قوماندانلىق شىتابى بىلەن
سەھىيە تارمىقى ۋە دىننىي جەمىيەت ئوتتۇرىسىدا پارتىلىدى . بۇ جىدەللەرگە قانداق ئىنكاستا بولۇشنى بىلەلمەي ، چاقماقنى تۇتۇپ تۇرغان قول ، تاماكىنى چىشلەپ تۇرغان ئىغىز ، قولنى نازارەت قىلىۋاتقان كۆز ئۆز ئارا پاراڭلىشىپ قالدى ۋە تەڭلا دىدى << بۇ سىياسىيونلارنىزە .....
نىمىشقا يوقىلاڭ ئىشنى تالىشىپ بىزنى ئاۋارە قىلىدىغاندۇ ؟؟!!!!>>
(داۋامى بار )
ئىككىنجى قسمىنى ئوقىماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادىرىسقا كىرىڭ !مەنزىل:
./read.php?tid-9474-keyword-.html[ بۇ يازما ئۈمۈت تەرپىدىن 2007-10-28 12:24 دە قايتا ]