ئويغۇر ئاۋازلىق چايخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچىلارغا خوشخەۋەر
ئويغۇر توربەتچىلىگىمىز كۈندىن-كۈنگە يۈكسىلۋاتقان،ئويغۇر ئاۋازلىق چايخانىلىرىمىزمۇ ماس ھالدا،ئويغۇرخەلىقنى پەزىلەت ۋە ئەخلاق جەھەتتىن يىتەكلەپ كېلۋاتقان مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەتتە بارلىق ئويغۇر چايخانىلىرىنىڭ قولنى -قولغا تۇتۇشۇپ ،ئويغۇر مەدىنىيىتىمىزنى ئورتاق يۈكسەلدۈرۈش ئۈچۈن،چايخانىمىزنىڭ نادىر باشقۇرغۇچىسى ARiK ئەپەندى ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ ،ئويغۇر چە سېستىما سەپلەنگەن DVDئاپپاراتىدىن 10 دانىنى مۇشۇ قېتىمقى باھالاشقا ياردەم قىلدى.
باھالاش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 24 - كۈنىدىن، 12- ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە.
باھالاش شەرتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1:باھالاش ئادىل ۋە دېمۇكىراتىيە ئاساسىدا بولىشى ،شەخسىي غەرەز ئارلاشماسلىغى كېرەك.
2:قاتنىشىش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن چايخانىلار ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى ھەقىقى نادىرلارنى تاللاپ چىقىشى كېرەك.
باھالاش ئۇسوللىرى:
1:بۇ قېتىمقى باھالاشقا قاتنىشىدىغان چايخانىلار ۋە نادىرلار سانى:
سەلكىن چايخانىسى ____ 3نەپەر
شەبنەم چايخانىسى ____ 3نەپەر
شىنجاڭ لېنىيەسى ____ 1نەپەر
جۇڭغارىيە ____ 1نەپەر
نۇرلۇق ____ 1نەپەر
ئىلىم مەرىپەت ____1 نەپەر
ھەر قايسى چايخانا مەسئوللىرى باھالاشقا باشتىن ئاخىر مەسئۇل بولىدۇ ۋە ئاخىرقى نەتىجىنىڭ ۋاقتىدا، ئادىل چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .
------------------------------------------------------------------------------
سەلكىن تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىمقى باھالاش ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇنداق :
1. باھالاش دائىرىسى – سەلكىن ئاۋازلىق چايخانىسىدىكى بارلىق ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ۋە رىياسەتچى باشقۇرغۇچىلار .
2. باھالاش ۋاقتى – باھالاش ۋاقتى 2007 – يىلى 12– ئاينىڭ ئاخىرقى ھەپتىسى شەنبە چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 2:00 دە باشلىنىپ ، شۇ كۈنى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ .
3.تەلەپ – چايخانىغا كىرىش ۋاقتى ئۇزۇن ، باشقۇرۇش قىزغىنلىقى يوقۇرى ، چايخانىنى تەرتىپلىك باشقۇرىدىغان ، گەپ – سۆزلىرى سىلىق ، ئەستايىدىل بولىشى ، چايخانا تەرتىۋىنى ساقلاش ۋە چايخانا پائالىيىتى ئۈچۈن زىھنى ۋە ۋاقتىنى سەرىپ قىلغان بولىشى كىرەك .
4. باھالانغۇچىلار چايخانىمىزنىڭ بارلىق كونا يېڭى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ بۇرۇنقى ۋە بۇنىڭدىن كىيىنكى چايخانىدىكى ئىپادىسىنى ئاساس قىلىدۇ ۋە شۇ بۇيىچە باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ .
5. مۇكاپاتنى چايخانىمىز باشقۇرغۇچىسى ـ ARIK ئەپەندى ئۆزى تەمىنلەيدۇ، سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى نازارەت قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ .