بۇ شېئىرىنىڭ ئۆزىنى ئوقۇماي تۇرۇپ باشقىلاردىن داڭقىنى ئاڭلىغانىدىم . ئەپسۇس بۈگۈن باشقىلارنىڭ قولىدا كۆرۈپ، ھەقىقەتەن ياخشى شېئىر ئىكەن دەپ ئويلاپ دەرھال يانفۇنۇمدا سۈرەتكە ئىلىۋىلىپ مۇنبەرگە يوللىدىم . « ئەڭ ياخشى نەرسىلەرنى ئۆزۈڭ ئەڭ ياخشى كۆردىغانلار بىلەن بىللە بەھرىمەن بول » دېگەن گەپ بار. ھەممىڭلار بىلىسلەر شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژۇرنىلىغا ئاسانلىقچە شېئىر بېسىلمايدۇ . بۇ شېئىردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگىنى ئاپتورنىڭ پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئومۇمىي فورماتسىيسىگە بولغان چۈشەنچىسى ئىكەن . شۇڭا ھەممىڭلارنىڭ بىرلىكتە پىكىر يۈرگۈزىشىنى خالايمەن.
بوۋا تىلىكى
( تۇنجى تۇغۇلغان نەۋرەم مۇتەللىپنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە يادىكار )
قاۋۇل ساۋۇر
قولۇڭ بارىدا ئوينا، يايرىۋال ،
تارتىپ ئۈزۈۋەت قۇلاقلىرىمنى .
يۈزۈمنى موتاپ چاچلىرىمنى يۇل ،
قانسۇن ئەركىگە بىر جۈپ يىپەك قول ،
قوچۇپ ئوينا كۆز چاناقلىرىمنى ،
تۈرسەم تىلغىۋەت قاپاقلىرىمنى .
پۇتۇڭ بارىدا كەزگىن بىمالال ،
تاپساڭ ئېغىنا يۇمشاق تۇپراقنى .
باراي يىتىلەپ دەريا بويىغا،
چۆلگە، ئورمانغا-قۇشلار تويىغا .
كىچىۋال سۇنى قۇمنى پاتقاقنى .
ھىدلىۋال يانتاق، يۇلغۇن، توغراقنى .
تىلىڭ بارىدا قاينا سايرىۋال ،
ۋىچىرلىشىڭدىن تاڭ قالسۇن قۇچقاچ .
ئۆز تىلىڭ قۇچقاچ بىلەن ئاتاپ ھەممىنى ،
ئۆز دىتىڭ بىلەن ياساپ ھەممىنى ،
ئۆزۈڭدەك يۇمران يىڭى دۇنيا ئاچ ،
ئۇندا بىھاجەت ۋەزچى ھەم تىلماچ .
نەۋكىرىڭدۇر مەن ئۈچ ياشلىق شاھىم ،
سەلتەنىتىڭگە بولايمەن زاكات .
نىتەي، تەشۋىشتە سانايمەن سانايمەن كۈن ، ئاي ،
يىللار لەشكىرى رايىمغا باقماي ،
كەلمەكتە سېلىپ بەختىڭ تامان ئات ،
يەتتە ياش سېنى ئەيلەيدۇ بەربات .
دۇنيايىڭ شۇندىن باشلاپ مۇنقەرىز ،
قول-پۇت ئېغىزلار بولماس ئۆزۈمنىڭ .
بىتون قەپەسكە بولىسەن بەنىد ،
كىرەر چۈشۈڭگە چەت، يېشىل كەنىت ،
قۇشلار تېگىگە يەتمەس سۆزۈڭنىڭ ،
رەڭ، تەمى ئوخشار قىش، ياز، كۈزۈڭنىڭ .
سەبىي جىسمىڭنى بۆلىگەن تۇپراق ،
بوپقالار بەلكى روھىڭغا قالقان.
چىقىرار بەلكىم توغراق ۋە يانتاق
ئۈمۈد شېخىڭدا سارغايماس ياپراق .
يۇلغۇن چوغىدا سىڭىپ پىشقان نان
بېغىشلار بەلكىم جېنىڭغا دەرمان.
ئېلىم - پەن، « قوش تىل » ، ئىنگىلىز تىلى،
سەپىرىڭدە ئۈچ تىلسىم داۋان .
كۈتىدۇ ئۇندا ئۈچ ئاچقۇچ سېنى ،
سىرلىق، خىسلەتلىك بىرىدىن بىرى.
بولمىسا سەندە ئۈچ كىشىلىك جان.
ئېلىشقا ئۇنى بولمايدۇ ئىمكان.
نە ئاچقۇچكى ئۈچ ئەنگۈشتەر گويا ،
ئۇ بىلەن جاھان خاقانىدۇر سەن .
ھەقىقىي ئىلىم بەختنىڭ ئۇلى ،
چۈنكى سەن ئۇنىڭسىز تەقدىرنىڭ قۇلى ،
ھەتتاكى قۇلنىڭ نىمجانىدۇر سەن.
بەلكى قۇل ئارا پەيخانىدۇر سەن ،
بىلمىسەڭ قوش تىل كېتەر قولۇڭدىن .
جاھاننىڭ شەكسىز ئالتىدىن بىرى.
كېتىدۇ پۈتۈن جاھان ئىلكىڭدىن .
ئالمىسا ئورۇن زۇۋان مۈلكۈڭدىن
ئىنگىلىزچە تىل - « تىللار سەرۋەرى » .
چۈنكى ئۇ تىلنىڭ چوڭ جاھانگىرى.
كۆپ تىل ئىگىلەش كاتتا مۆجىزە،
بىرەر ئۇ ساڭا كۆپ قۇلاق، ئېغىز ،
توسالماس سېنى كۆپ ھىچ چىگرا سېپىل ،
كېلەر قول تەڭلىشىپ ئىينىشتىيىن نوبىل .
تىكلىنەر ئۇ چاغ باش قەددىڭ ئىگىز ،
كۆرەر جاھاننىمۇ دوستىدەك ئەزىز .
بىراق ئۆزگە تىل « تىل » كىتابىڭنىڭ
بولغاي ئىككىنچى ، ئۈچۈنچى . . . بابى .
ئانا تىل مەڭگۈگە ھاياتقا تۇتقا ،
ئوخشار ئۇ تەننى تىرىگەن پۇتقا،
سەپەرنى پۇتتەك قىلالماس جارى ،
ئۆزگىنىڭ ئالتۇن ھاسىسى زادى .
ئانا تىلىڭسىز بىلگىن مىڭ زۇۋان م
چالا ئېشىلگەن تاناپسەن، زەيسەن ،
ئەگدۈرسەڭمۇ گەر ئاتايدۇ مايمۇن،
سۇنۋۇكۇڭ بولۇپ پەلەكنى بويۇن
« ئادەم » لىكىڭنى كۆتۈرەلمەيسەن ،
كۆكتە لەيلىگەن قاناتسىز پەيسەن .
تىل بىر مىللەتنىڭ ھاياتى جېنى ،
تىلنىڭ ئۆلۈمى - مىللەت ئۆلۈمى .
مەھمۇد كەشغەرىي، لۇتفىي ، ناۋائىي ،
ئانا تىل ئۈچۈن بولدى پىدائىي .
بولماس بۇنىڭچە مىللەت كۆيۈمى ،
تىلدىدۇر ئەلنىڭ ئۆلۈم كۆرۈمى .
بولۇر ياشاشتا لازىم بىر ساڭا ،
ئۈچ ئىنگىلىزنىڭ قۇدرىتى دېمەك .
يولۇڭدا ئۆتكەل داۋانلىرىڭ كۆپ،
بېشىڭدا قاينار قازانلىرىڭ كۆپ.
رىقابەت جەڭگە چىداملىق كىرەك .
جەڭدە بەل يەشمەك ئۆلۈمدىن دېرەك.
مەيلى دۇچ كەلگىن قانچە ئۆتكەلگە ،
« كىم » لىكىڭ بىلەن يۈزلەنگىن دادىل ئ
جاھاننىڭ مەركىزى - يۈرىكىدىمۇ .
دۇنياۋى تىللارنىڭ كۆۋرىكىدىمۇ .
ئۆز ئەسلىڭ بىلەن كۆرسەتكىن ۋەسىل.
سەندىن ئىپتىخار ئەيلىسۇن ۋەسىل .
سوۋغام بۇ ساڭا چۈجە بۈركۈتۈم ،
ئۇچساڭ پىيىڭغا ئېسىۋال ئۇنى .
تۇغۇلغان كۈنۈڭدە ئۈندەپ كۆڭۈلنى ،
چىن مىھرىم بىلەن سۇندۇم بۇ گۈلنى .
چىقسا ساۋاتىڭ قىسۋال ئۇنى ،
دىل تەشتىكىڭگە تىزىۋال ئۇنى .
2007 - يىل ئاۋغۇسىت قاغىلىق .
ئاپتور قاغىلىق ناھىيە مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونىرى
[ بۇ يازما قەلىپداش تەرپىدىن 2007-10-24 02:24 دە قاي ]