ئىدىقۇت باغرىدىكى كەشپىيات - كارىز
تەييارلىغۇچى : قامچا
ئىدىقۇت - قەدىمكى ئۇيغۇرچە سۆز بولۇپ ، مەنىسى « بەخىت بەرگۈچى تەڭرى » دېمەكتۇر ، بۇ جاي ھازىرقى تۇرپان ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. تۇرپان ئويمانلىقى دېڭىز يۈزىدىن 154مېتىر چوڭقۇر بولۇپ ، قۇرغاق ھاۋا كىلىماتىغا ئىگە .
ئىدىقۇت - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئانا يۇرتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ جاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق پارلاق مەدەنىيەت تارىخى بار . ھازىرغىچە ئىزى ئۆچمىگەن يارغۇل قەدىمكى شەھىرى ، ئىدىقۇت خارابىلىكى ، بېزەكلىك مىڭ ئۆيى قاتارلىق ئاسار ئەتىقە ئورۇنلىرى ئىدىقۇت مەدەنىيىتىگە گۇۋاھلىق بېرىپ تۇرىدۇ .
ئىدىقۇت ئۇيغۇرلارنىڭ قەيسەر ۋە ئەمگەكچان خەلق بولۇپ ، ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك شارائىتقا ئىگە بۇ مۇنبەت زىمىننى گۈللەندۈرۈش يولىدا نۇرغۇن كەشپىياتلارنى ياراتقان ، ئۆزىگە خاس ئالاھىدە مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپ چىقارغان . مەسىلەن ، كارىز - ئىدىقۇت خەلقلىرىنىڭ پەم-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى ۋە ئۆزىگە خاس كەشپىياتى ، ئىدىقۇت تېغى باغرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان مۇشۇ كارىزغا تايىنىپ بۇ ۋادىنى بۈگۈنكىدەك مۇنبەت بوستانللىققا ، دۇنياغا مەشھۇر « ئۈزۈم شەھىرى » گە ئايلاندۇرغان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىقۇت خەلقى كارىزنى ھاياتلىق مەنبەسىنى دەپ تەرىپلەيدۇ.
تېخى يېقىنقى يىللارغىچە تۇرپان ۋادىسىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى كارىز ئىدى . كارىز خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇرلاردەك تۇرپان ، پىچان توقسۇن رايۇنلىرىغا مەركەزلەشكەن .
كارىز ئونلىغان ، يۈزلىگەن يەر ئاستى سۇ قۇدۇقلىرىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرىلىشلىرىدىن ياسالغان يەر ئاستى سۈيىنى يەر ئۈستىگە باشلايدىغان ئاجايىپ مۆجۈزىلىك بىر خىل ئېرىق بولۇپ ، ئۇ پەقەت ئىدىقۇت باغرىنىڭ يەر تۈزۈلىشىگە ماسلاشقان .
ئۇزاق زامانلار ئىلگىرى ئىدىقۇت تاغ باغرىدىكى سۇلۇق بۇلاق بولغان ، ئەسىرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇلاق سۈيى يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقالماي ، سۇ قاتلىمى پەسلەپ كەتكەن ، كىشىلەر سۇنى چىقىرىش مەقسىتىدە يەرنى چۇڭقۇر كولاپ ، بۇلاق سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلىغان . بۇنىڭ بىلەن ئەڭ دەسلەپكى بىر قۇدۇقلۇق كارىز بارلىققا كەلگەن . كېيىن سۇنى كۆپەيتىش ئۈچۈن قۇدۇق بىلەن قۇدۇقنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرغان يەر ئاستى ئېرىق چېپىپ ، ئېرىق ئىچىدىكى توپىلارنى سىرىتقا يۆتكەش ئۈچۈن « تۈڭلۈك » ئاچقان. مۇشۇ تۈڭلۈك ئارقىلىق قۇدۇقنى تۇتاشتۇرغان يەر ئاستى قانالنىڭ توپىلىرىنى ياغاچ چىغىرىق ياكى قول كۈچى بىلەن يەر ئۈستىگە تارتىپ چىقارغان . ھازىرغىچە « يەتتە قىز » نىڭ تاش ھەيكىلى بار تاغ باغرىدىكى قورۇلۇپ كەتكەن بىر قۇدۇقلۇق ، ئىككى قۇدۇقلۇق كارىز ئىزلىرى بۇنى ئىسپاتلايدۇ . كارىزلار يەر تەكشىلىكىگە ئاساسەن ، ئېگىزلىكتىن پەسلىككە قاراپ كولىنىدۇ . باش تەرتىپى چۇڭقۇر بولۇپ ، بارغانسېرى تېيىزلىشىپ ، ئاخىرى يەر ئۈستىگە ئۇلىنىدۇ . ھازىرغىچە بۇ يۇرتتا قېزىلغان كارىزلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇنى ئون كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، 200گە يېقىن قۇدۇقى بار . پىچان ناھىيىسىنىڭ چىقتىم يېزىسىدىكى كىچىك كارىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 كېلىمىتىر بولۇپ ، 165 قۇدۇقى بار . پىچان لەمجىندىكى « سەپتە گور » كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.75 كېلومىتىر بولۇپ 180 قۇدۇقى بار . پىچان دالانكارىزىدىكى « مۇلۇڭ » كارىزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 8 كېلومىتىر بولۇپ 195 قۇدۇقى بار . مۇشۇنداق كارىزلاردىن تۇرپان ۋادىسىدىن نەچچىسى بولۇپ ، ئومومىي ئۇزۇنلۇقى 5مىڭ كېلومتىردىن ئاشىدۇ ( ۋاھ !!! نىمانداق ئۇزۇن )
كارىز سۈيى ھەم سوغۇق ، ھەم سۈزۈك بولغاچقا ، تۇرپاننىڭ 40گىرادوستىن ئاشىدىغان يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرىدە كارىز ئىچىگە كىرىپ ئولتۇرۇش ۋە سۇ ئىچىش كىشىگە ھوزۇر بېغىشلايتتى .
گەرچە ھازىر سۇ قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىغا ئەگىشىپ ، تۇرپان ۋادىسىنىڭ سۇ مەسىلىسى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولغان بولسىمۇ، كارىز ئىدىقۇت باغرىدا يەنىلا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ كەلمەكتە .
قىسقىسى ، خۇددى روسىيە ئالىمى گرۇم گرژىمايلۇف ئېيىتقاندەك : « ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجايىپ پاراسەت بىلەن تۇرپاندا ئىجاد قىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك قەدىمىي كارىز سۇ ئىنشىئاتى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ناھايىتى بۇرۇنقى زاماندىلا يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ كارىز مىسىرلىقلارنىڭ پىرامىداسىدىن قېلىشمايدۇ ، قايىل قىلارلىق كۈچىگە ئىگە سۇ ئىنشىئاتىدۇر ! » پايدىلانغان ماتىريال : « ئۇيغۇر - ئۆرپە ئادەتلىرى » ناملىق كىتاب
مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر :
[ بۇ يازما قامچا تەرپىدىن 2007-10-18 23:39 دە قايتا ]