12مۆچەل: يىلان يىللىقلار سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار » 12مۆچەل: يىلان يىللىقلار
بۇ بەتتىكى تېما: 12مۆچەل: يىلان يىللىقلار پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 37 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق شۈكۈران0998


تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 86<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 13
UID نۇمۇرى : 80
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 62
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە62دانە
شۆھرەت: 137 نۇمۇر
پۇل: 536 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 138 نۇمۇر
قوللاش: 106 نومۇر
ئالقىش: 184 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-17

12مۆچەل: يىلان يىللىقلار


        تۆۋەندىكىلەرنىڭ يۈزدە-يۈز توغرا چىقىشى مۆمكىن ئەمەس، مۇۋاپىق دەپ قارىغىنىڭىزنى  قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.بۇنى نىمە دەيتۇق~~~ ھە، مىغىزىنى ئايرىۋىلىپ، شاكىلىنى تاشلاش دەيتۇق.

يىلان يىللىقلار

توشقان يىلى: 1905،1917،1929،1941،1953،1965،1977،1989،2001،2013،2025،2037،2049،2061،2073،2085،2097،



ئارتۇقچىلىقى: بىۋاستە تۇيغۇلۇق، پاراسەتلىك، جەزبىلىك، راھەتپەرەس، چاققان - چېچەن، ئېھتىياتچان، دىلكەش.

كەمچىللىكى:ئەيىبىنى يوشۇرىدۇ، نەپسىگۈر، راھەتپەرەس، مەمەدان، ھۇرۇن، يار - يۆلەكسىز.


      يىلان يىللىقلار پەيلاسوپ، دىندار، سىياسىئون ۋە پۇل - مۇئامىلىچى بولالايدۇ، ناھايىتى ئۆتكۈر مۇتەپەككۈرلاردىن بولۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. ئۇلار 12 مۈچەل ئىچىدىكى ئەڭ چۈشىنىكسىز شەخىستۇر. ئۇلار تەبىئىتىدىن ئەقىل - پاراسەتلىك ۋە پەۋقۇلئاددە يىراقنى كۆرەر بولغاچقا، ھەم بىر تالانتلىق مىستىتىزمچى (تەسەۋۋۇپچى) بولۇشىمۇ مۇمكىن. سىلىق - سىپايە ۋە ئەدەپلىك يىلان يىللىقلار كىتابقا ھېرىسمەن، مەشھۇر مۇزىكىلارنى ئاڭلاشقا خۇشتار، ئېسىل نازۇ نېئمەتلەرنى يېيىشكە ئامراق كېلىدۇ ھەمدە دراما كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇرمۇشتىكى بارلىق گۈزەل نەرسىلەرگە رام بولۇپ قالىدۇ. ئەڭ ساھىبجامال ئاياللار بىلەن خاراكتېرى ئەڭ كۈچلۈك ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى يىلان يىلىدا تۇغۇلغان بولىدۇ. شۇڭا، يىلان يىللىق بولسىڭىز، جەزمەن ياخشى قىسمەتلەرگە داخىل بولىسىز.
      يىلان يىللىق كىشىلەر ئادەتتە ئۆزىنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكمىگە ئاساسەن ئىش قىلىدۇ، باشقىلار بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك پىكىر ئالماشتۇرالمايدۇ. ئۇلار بەلكىم ناھايىتى يۈكسەك دىنىي مەلۇماتقا ئىگىدۇر ۋە بەلكىم سېپى ئۆزىدىن تازا بىر راھەتپەرەستۇر. مەيلى قانداق بولسا بولسۇن، ئۇلار ئۆزىنىڭ خام خىيالىغا ئىشەنسە ئىشىنىدۇكى، باشقىلارنىڭ پەند - نەسىھىتىگە قۇلاق سالمايدۇ. لېكىن، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھامان ئۇلارنىڭ توغرا بولۇپ چىقىدۇ.
      بېلىق يىللىقلارغا ئوخشاش يىلان يىللىقلارمۇ ئۆز تەقدىرىنىڭ تىمسالىدۇر. ئۇلار ئۆمۈر بويى كۆڭۈللۈك ئۆتۈشى ياكى ھاياتىنى پاجىئەلىك ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن. ئۇلار تادان ۋە پىشىپ يېتىلگەندەك كۆرۈنگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە تولىمۇ گۇمانخوردۇر. لېكىن، ئۇلار بۇنى تەن ئالمايدۇ. باشقا يىللىق كىشىلەر قەرزىنى ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن، لېكىن يىلان يىللىق كىشىلەر خۇددى پىشانىسىگە پۈتۈلگەندەك بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن بارلىق قەرزلىرىدىن ئۈزۈل - كېسىل قول ئۈزىدۇ. بەلكىم ئۇلار رازىمەنلىك بىلەن شۇنداق قىلىدىغاندۇ. چۈنكى يىلان يىلىدا تۇغۇلغانلار قىزغىن ۋە ئەستايىدىل كېلىدۇ، قىلغان - ئەتكەن ھەممە ئىشلىرىدا خالاپ - خالىماي قەرزنى ئۈزۈش كويىدا بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار پۇلسىزلىقتىن پەرىشان بولمايدۇ. ئۇلار ئۆزى ئېھتىياجلىق ھەممە نەرسىگە ئاجايىپ زور ئامەت بىلەن ئىگە بولالىشى مۇمكىن. ئەگەر پۇلدىن قىسىلسا، ئۇلار بۇ ھالەتنى ناھايىتى تېزلا ئۆزگەرتىدۇ. ھالبۇكى يىلا يىللىقلار قىمار ئوينىماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئۇلار قۇرۇق ساپاق بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر ئالدىنىپ ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىسا، ئۇلار يەنە ئىككىنچىلەپ زەخىم - زەخمەت تارتماسلىقى لازىم. ناۋادا شۇنداق بولۇپ قالسا، ئۇلار ناھايىتى تېزلا ئېسىگە كېلىپ، تېز ئۆزىگە كېلەلەيدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقانداق، ئۇلار سودىلاشقاندا ئېھتىياتچان ۋە سەگەك بولىدۇ.
      ياش ۋاقتىدا نامراتلىشىپ ۋە غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى دىشۋارچىلىقلىرىنى مەڭگۇ ئۇنتۇلماسلىقى مۇمكىن، ئۇلار بەلكىم ھە دېسىلا پۇل - مال يىغىش بىلەنلا بولۇپ، بىر دۇنياپەرەسكە، پۇلنى جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرىدىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.
      ماھىيىتىدىن ئېيتقانداق، يىلان يىللىقلار تولىمۇ گۇمانخور كېلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ يولۋاس يىللىق كىشىلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، ئۇلار گۇمانىنى كۆڭلىنىڭ قېتىدا ساقلايدۇ، ئۆز مەخپىيىتىنىمۇ كۆڭلىدە ساقلايدۇ.
      گەپ - سۆزى سىلىق، ئىش - ھەرىكىتى سىپايە بولغانلىقتىن، يىلان يىللىقلار بىر پۇل پايدىسى يوق قۇرۇق پاراڭ ۋە ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا بەند بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار پۇل - پۈچەككە ئىنتايىن مەرد كېلىدۇ، لېكىن ئۆزى كۆزلىگەن مەلۇم نىشانغا يەتمەكچى بولغاندا، رەھىمسىزلىك ۋە يۈزسىزلىكتىمۇ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇلار بەلكىم ئۆز يولىنى توسقان ھەر قانداق ئادەمنى سۈپۈرۈپ تاشلاپمۇ ئوڭايسىزلىق ھېس قىلمىسا كېرەك.
      يىلان يىللىق بەزى كىشىلەر گەپ قىلغاندا تولىمۇ ئاستا ۋە ئەزمە كېلىدۇ، لېكىن بۇ ھال ئۇلارنىڭ مەنتىقىي تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتىنىڭ سۈرئىتىنى كۆرسەتمەيدۇ. ئۇلار پىكىر يۈرگۈزۈشكە ھېرىس كېلىدۇ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىدىتلىق، سىستېمىلىق ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا بايان قىلالايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقانداق، ئۇلار گەپ قىلغاندا بەك ئېھتىيات قىلىدۇ.
يىلان يىللىق كىشىلەرنىڭ قانداق بولۇپ كېتىشى ۋە ئۇلارنىڭ كۆكلەپ قانداق دەرىجىگە بېرىشىغا ئالدىن بىر نېمە دېمەك تەس. ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئېلېكترون مېڭىگە ئوخشاش كاللىسى بىر نېمىلەرنى ئۈزلۈكسىز پىلانلاپ تۇرىدۇ، بۇنڭدىن زادىلا توختىمايدۇ. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئۇلار 12 مۈچەل ئىچىدىكى ئەڭ قەيسەر كىشىلەردۇر.
      باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە، ئۇلار ھەمىشە ئىگىلىۋېلىش ئارزۇسىدىلا بولىدۇ، يەنە كېلىپ باشقىلارغا ناھايىتى يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ، دوستلىرىغا نىسبەتەن مۇئەييەن دەرىجىدە ئىشەنمەسلىك روھىي ھالىتىدە بولىدۇ، ۋەدىسىدە تۇرمىغان كىشىلەرنى زادىلا كەچۈرمەيدۇ. ئۇلار تەھلىكىلىك ۋە شەك - شۈبھىلىك ئىشلاردا، ئاسانلا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشى، ھەتتا بىر خىيالپەرەس بولۇش كېتىشى مۇمكىن.
      ئۇلار غەزەبلەنگەن ۋاقىتتا، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىكى يوشۇرۇن بولىدۇ ھەمدە ئاداۋىتى قاتتىق بولىدۇ. ئۇلار ئۆز نارازىلىقىنى مۇزدەك دۈشمەنلىك كەيپىيات بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىدۇ، يەنە كېلىپ ئاچچىق تىل ۋاستىلىرىنى ئىشلىتىپ يۈرمەيدۇ. يىلان يىللىق يەنە بىر خىل كىشىلەرمۇ باركى، ئۇلار رەقىبلىرىنى بىر زەربە بىلانلا، ئۈزۈل - كېسىل ئۇجۇقتۇرۇۋېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئۆزىلا بىر خىل چوت بولۇپ، ۋاقتى كېلىپ پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن ئۆچ ئالىدۇ. ئۇلارنىڭ زىتىغا تېگىپ قويغان ئاشۇ بەخىتسىز كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، پېشىنى قېقىپ سىبىرىيە قېچىپ كېتىشمۇ يامان ئىش ئەمەس.
يىلان يىللىق ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ تەمكىن، خاتىرجەم روھىي ھالىتى ۋە تەڭداشسىز گۈزەل رۇخسارى ئادەمنى مەپتۇن قىلىدۇ. ئۇلار ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ھەمدە ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىن، ئازادە، بىمالال تۇتۇپ يۈرىدۇ. گەرچە ئۇلار ھەمىشە ھەممىلا يەردە لايغەزەللىك بىلەن لەلەڭشىپ يۈرۈپ كىشىلەرگە ھورۇن، راھەتپەرەستەك تەسىرات بەرسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ ماھىيىتى ئەمەس، ئۇلارنىڭ مېڭىسى ئەزەلدىنلا بىر خىل جىددىي ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرىدۇ.
      يىلان يىللىق كىشىلەرنىڭ تېرىسى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ، تېرە دۆڭچە ئەسۋىسى، دانىخورەك دېگەندەك نەرسىلەر چىقمايدۇ، ھەتتا تېرىنى ئاسراشقا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئەھۋالدىمۇ ئاشۇنداق بولىدۇ. ئەيتاۋۇر پەقەت جىددىي كەيپىياتلا ئۇلارنىڭ ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىگە ھېچقانچە تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. يىلان يىللىق نۇرغۇن كىشىلەر ئاشقازان يارىسى كېسەللىكى ۋە روھىي بەرباتلىقتا ئۆلۈپ كېتىدۇ. چۈنكى بۇ كېسەللىكلەرنى غەمكىنلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      يىلان يىللىق ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى مودا قوغلىشىشقا ئامراق كېلىدۇ، كىيىمنى ياراشتۇرۇپ كىيىدۇ. ئۇلار ئۈنچە - مەرۋايىت ۋە زىبۇ زىننەتلەرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ، كىيىم - كېچەكلەرنى تاللىغاندا ئىنتايىن تۈجۈپىلەپ كېتىدۇ، ئەگەر ئىقتىسادىي ئەھۋالى يار بەرسە، ئەڭ ياخشىسىنى، نەرخى - باھاسى مۇۋاپىق ھەقىقىي ئالماس ۋە جاۋاھىراتلارنى سېتىۋالىدۇ. پەقەت ئۇلار تويلا قىلسا، جۆرىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پۇل خەجلىگۈچىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. پەقەت ئەرلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىلا بولسا، ئۇلار بىر ئاماللارنى قىلىپ ئەرلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشنى ئويلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى بېزەپ - پەردازلاپ مۇكەممەل بىر ئايال غوجىدارلىق رولىنى ئالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەرلىرىگە تۇرمۇشتىكى ھەربىر پۇرسەت - غەنىيمەتلەرنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. مانا مۇشۇنداق يېتەكلەش، بېغىشلاش ۋە قوللاپ - قۇۋۋەتلەش نەتىجىسىدە، ئۇلار ئۈزلۈكسىز يۇقىرى ئۆرلەشتىن باشقا يولغا ماڭمايدۇ.
      كۆكسى - قارنى كەڭ يىلان يىللىق ئاياللار ئەر - ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسىگە ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيدۇ، ئاياللارنىڭ ھوقۇقى مەسىلىسى ئۈچۈن ئازابلىنىپ يۈرمەيدۇ. ئۇلار ئەرلەرنى ناھايىتى ئاسانلا ئۆز سىزىقى بويىچە ئىش قىلدۇرالىغان يەردە، نېمىدەپ ئەرلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ يۈرسۇن؟! ئاياللار ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئۇلار كاللىسىدا ئويلاپلا قويۇشتىن باشقىنى قىلمايدۇ.
      شۇڭلاشقا، ئۇلار ئەر - ئاياللار باراۋەرلىك ھوقۇقى تۈپەيلى كېلىپ چىققان داۋالغۇشلاردا نېمە قىلارىنى بىلمەي مەڭدەپ قالغان ۋاقىتتا، ئۇلارنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەك. چۈنكى ئۇلار ئىزچىل ھالدا قىزلار تۇغۇلۇشىدىنلا باشقىلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ قارايدۇ. مۇكەممەل ھەم زۆرۈر بولغان ئاقىلانە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن نېمىشقا ۋاز كەچكۈلۈك؟ ئەرلەر پەقەت ئۇلارنىڭ خاھىشىغا بويسۇنسىلا، ئۇلار ئاشۇ بايقۇشلارنى گوللاپ يايرىتىۋېتىدۇ.
      ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، يىلان يىللىق كىشىلەر يۇمۇرىستىك كېلىدۇ، بۇنداق ئەمەسلىرىمۇ بار. بەزىلەر مۇز تەلەپ كېلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ھەمىشە كۈلكە - چاقچاق قىلىپ باشقىلارنى ھەزىل قىلىدۇ. بەزىلىرى مۇلايىم كېلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئىنتايىن قارا نىيەت ۋە رەھىمسىز بولىدۇ. بۇلارنى كۈزىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى يىلان يىللىق ئەرلەر ياكى ئاياللار ئاللىقانداق بىر نەرسىگە ياكى ئىشقا مەجبۇر قىلىنغان، كرىزىسكە ئۇچرىغان چاغلاردۇر. ئۇلار كۈلكە - چاقچاق شەكلى بىلەن كەيپىياتنى جانلاندۇرالايدۇ، ھەتتا بېشىغا ناھايىتى ئېغىر كۈن چۈشكەن ھالەتتىمۇ، چىرايىنى ئۆزەەرتىپمۇ قويمايدۇ.
      بەزىلەر يىلان خەۋپلىك، چۈشەنگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ بەك ئۇزۇن بولىدىغانلىقىدىندۇر. ئۇلار ھەر قېتىم تۆلىگەندە (تېرە تاشلىغاندا) بىر قېتىم يېڭى ھاياتقا ئېرىشىدۇ. بۇ خىل پەۋقۇلئاددە خۇسۇسىيەت ئۇنى ئۈزلۈكسىز قايتا تۇغۇلۇشتەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلغان. بىر قېتىملىق جەڭدىن كېيىن، ئۇلار ناھايىتى تېزل دەرمانىغا كېلەلەيدۇ.
ھازىرغا قەدەر، سىز يىلان يىللىق كىشىلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى بايقىغانسىز. ئەمەلىيەتتە، تاقابىل تۇرۇش ئەڭ تەس بولغىنى ئۇلارنىڭ ئىچى بىلەن تېشىنىڭ بىردەك بولماسلىقى. ئۇلارنىڭ ئاشۇ تىپتىنىچ تاشقى كۆرۈنۈشىنىڭ ئارقىسىغا ھەمىشە سەگەك تۇرىدىغان ئىچكى دۇنياسى يوشۇرۇنغان بولۇپ، ئۇلار خاپىلىقى بىلەن خۇشلۇقىنى تېشىغا چىقارمايدۇ. ئۇلار بىر ئىشقا كىرىشىشتىن ئىلگىرى ئاللىقاچان پۇختا پىلنلاپ قويغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىرادىسى مۇستەھكەم بولۇپ، ئىستىھكامنى ئۆلگۈچە ساقلاپ تۇرالايدۇ. ئۇلار ئىنتايىن مەككار ۋە قۇۋ، سىز ئۇلارنى ئەمدى قولغا چۈشۈردۈم دەپ تۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ئۇلار غىپلا قىلىپ تىكىۋېتىدۇ. ئۇلار بىرەر ئىشنى قىلىش ئىرادىسىگە كەلگەن ۋاقىتتا، ئاپئاشكارا ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇنى كۆڭلىنىڭ قىرىغا ئېلىپ قويمايدۇ.
      كىشىلەر باھار ۋە ياز پەسلىدە تۇغۇلغان يىلان ناھايىتى يامان بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. قىشتا تۇغۇلغان يىلان رايىش ۋە مۇلايىم كېلىدۇ. چۈنكى، قىشتا يىلاننىڭ ئۈچەك مەزگىلى ناھايىتى ئۇزۇن بولىدۇ. ھاۋا ياخشى كۈندە تۇغۇلغان ئادەم ھاۋا ئوسال كۈندە تۇغۇلغان ئادەمدىن خۇشال - خۇرامراق بولىدۇ ھەمدە ئاسانلر قانائەتلىنىدۇ.
      يىلان يىللىقلار ناھايىتى ھېسسىياتچان ئاشىق - مەشۇقلاردۇر، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ھەمىشە يوشۇرۇن جىلۋە قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر سىز ئۇلارنى مۇھەببەتلىشىۋېتىپتۇ دەپ قارىسىڭىز، يېڭىلىشىسىز. چۈنكى ئۇلار ھەر قانداق ئىشقا نىسبەتەن ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ، پايدىسى ناھايىتى زور بىر سودىنى قىلىشقا ئىنتىلىپ تۇرغان ۋاقىتتا، كۆزلىرىدە ھەمىشە قىزغىنلىققا ئوخشاش بىر خىل نۇر چاقناپ كېتىدۇ، گويا تۇنجى مۇھەببەتكە گىرىپتار بولغاندىكىدەك خۇمارلىشىپ كېتىدۇ.
يىلان يىللىقلار ئادەتتە تىنچسىز، قايناق ھېسسىياتلار بىلەن تولغان ۋە جىددىي زېھنىي پائالىيەتلەر ئىچىدە تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. بولۇپمۇ ئاشۇ شۆھرەتخۇمار، نام - مەنپەئەتكە تەڭلا ھەملا قىلىپ تۇرىدىغان كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ.
      قىيىن شارائىتتا، يىلان يىللىقلار بىر خىل تەۋرەنمەس كۈچتۇر. ئۇلار ۋاقىتلىق خەۋپ ئالدىدا قورقۇپ قالماي، ھەر قانداق تاسادىپىيلىقلارغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولىدۇ، يەنە كېلىپ نىشانىمۇ ئېنىق بولىدۇ. ئۇلۇغۋار غايە ۋە تۇغام ئۈستۈنلۈك ئۆز ئارا بىرلىشىپ، ئۇلارنى ھوقۇق ۋە ئىمتىيازنىڭ يۈكسەك چوققىسىغا چىقىرىدۇ.
      يىلان يىلى تۇغۇلغان كىشىلەر شۇنىسى سەمىڭىزدە بولسۇنكى، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى تەن ساغلاملىقىڭىزنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى ئادەتتە سىزنىڭ ئەسلىدىكى بەدەن ساپايىڭىزنىڭ قانداقلىقىغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بولۇپمۇ ئېرسىيەت تەسىرى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىزنىڭ ئاتا - ئانىڭىزنىڭ بەدەن ئەھۋالىنىڭ ياخشى - يامان بولۇشى سىزنىڭ تېنىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەيدۇ.
ئالدى بىلەن شۇنىڭغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەككى، سىزنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىڭىزنىڭ ئىقتىدارى دېگەندەك مۇكەممەل ئەمەس، شۇڭا ھەمىشە سىزدە تەن ئاجىزلىشىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.
خاراكتېرىڭىزدىن ئېيتقاندا، ئادەملەرنىڭ ياخشى - يامىنىنى ئاسان پەرقلەندۈرەلمەيسىز، ھەتتا تاماققا نىسبەتەنمۇ شۇنداق قىلىسىز. سىزدە تاماق تاللايدىغان ناھايىتى ئېغىر بىر ئادەت بار، ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن تاماقلارنى جان - جەھلىڭىز بىلەن يەيسىز، تېنىڭىزنىڭ مۇۋاپىق مۇۋازىنەتتىكى ئوزۇقلۇققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئەسلا ئويلاپ قويمايسىز. بىلىشىڭىز كېرەككى، ئادەم بەدىنىدىكى نۇرغۇن كېسەللىكلەر بەدەننىڭ ئىچكى مۇۋازىنىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالايلۇق، سىز گۆش تورىدىكى يېمەكلىكلەرگە ئامراق بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەيسىز، كۆكتاتنى بولسا ناھايىتى ئاز يەيسىز؛ ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەدىنىڭىز ئۈچۈن جىددىي كېرەكلىك بولغان ۋىتامىن قاتارلىق ئوزۇقلۇق تەركىبلىرى جەزمەن ئازىيىپ كېتىدۇ - دە، مۇقەررەر ھالدا بەزى كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇڭا، مۇشۇنداق ئېغىر دەرىجىدىكى تاماق تاللاش ئادىتىڭىز بولغانلىقى ئۈچۈن، بەدىنىڭىزنىڭ ئىچكى مۇۋازىنتى ئۈچۈن مۇھىم بولغان ئوزۇقلۇققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىڭىز كېرەك!
بۇنىڭدىن باشقا، سىزنىڭ يەنە بىر ناچار ئادىتىڭىز بولۇپ، ئادەتتە سىر تەرتىپلىك تاماقلىنىشنى ۋە بەدەننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ كەتمەيسىز، ئەكسىچە ئوزۇقلۇق تەركىبى كەمچىل بولغان پارچە - پۇرات يېمەكلىكلەرنى ياكى تەمى ئاشۇرۇلغان تېتىتقۇلۇق يېمەكلىكلەرنى يەيسىز. بۇ ئادىتىڭىزمۇ تەن ساغلاملىقىڭىزغا ئىنتايىن پايدىسىز.
شۇڭلاشقا، توغرا بولمىغان يېيىش - ئىچىش ئادىتى سىزنىڭ ھەزىم قىلىش ئورگانلىرىڭىزدىن ھەمىشە چاتاق چىقىرىدۇ، سىزنى ئاشقازان ئاغرىقى، ئاشقازان ياللۇغى، يەنە كېلىپ ھەزىم ناچارلىق، 12 بارماق ئۈچەي يارىسى، ئاشقازان پەسلەپ كېتىش، قەۋزىيەت قاتارلىق ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغا دائىر كېسەللىكلەرگە گىرىپتار قىلىدۇ.
      سۆڭەك جەھەتتىكى ئاغرىق - سىلاقلار، جۈملىدىن بوغۇم ياللۇغى، ئومۇرتقا سۆڭىكى دېگەندەك تەرەپلەر ياخشى بولمايدۇ. بەزىدە ھاۋا ئانچىكىم ئۆزگىرىپ قالسىلا، بەدىنىڭىز چىدىغۇسىز ئاغرىپ كېتىدۇ، سۆڭەكلىرىڭىزگە بولغان يېتەرلىك ئوزۇقلۇق تولۇق بولمىغاچقا، تۆۋەندىكى يېرىڭىز پارالىچ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىز ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك.
      بۇنىڭدىن باشقا، يىلان يىللىق ئاياللار بولۇپمۇ ئورولوگىيە (سۈيدۈك ئاجرىتىش) سىستېمىسى ۋە ئاياللار كېسەللىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇششاق كېسەللىكلەردىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك.
يەنە شۇنىڭدەك، كەيپىياتنىڭ مۇقىمسىزلىقى سىزنىڭ يۈرەك قان تومۇرىڭىز ۋە ئىچكى ئەزالىرىڭىزغا زەنجىرسىمان تەسىر قىلامدۇ، قانداق؟ چۈنكى ھەددىدىن زىيادە قاتىلاڭ جىددىي تۇرمۇش ستىخىيلىك ھالەتتىكى نېرۋا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئاسانلا پەيدا قىلىپ، سىزنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىڭىزنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىدۇ - دە، سالامەتلىكىڭىز ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ.
دورا سىزگە ئاسانلا رىئاكسىيە بېرىدۇ؛ ھاراق، تاماكا قاتارلىق غىدىقلاش خاراكتېرىدىكى ناچار كەيىپلىرىڭىزنى تاشلىشىڭىز كېرەك. كېسەلمەن بەدەنگە دورا ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلغاندىلا ئاندىن مۇۋاپىق بولىدۇ.
      ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
      يىلان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ئىجىل - ئىناق ئۆتەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا سىردىشىدىغان، بىرلىكتە ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان نۇرغۇن ۋاقتى ۋە پۇرسىتى بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - مىجەزىدە ئۆزئارا زىت كېلىدىغان نۇرغۇن تەرەپلەر بولسىمۇ، لېكىن ئىككەيلەن ئۆزئارا سەمىمىي - سادىق ئۆتەلەيدۇ، شۇڭلاشقا ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار -دوست بولالمايدۇ، دائىم بىر - بىرى بىلەن ئۆلگۈدەك ئۆچەكىشىپ تۇرىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئىنتايىن يېقىن دوست بولالايدۇ، بىر - بىرىگە دېيىشىدىغان نۇرغۇن گەپلىرى بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - چوڭقۇر ۋە سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتالايدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت بىرگە ئۆتۈش جەريانىدا ئۆزئارا ياردەملىشىدۇ، ھەمكارلىشىدۇ؛ دوستلۇق ھېسسىياتى ھەر ئىككەيلەننىڭ قەلبىدە ئىنتايىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئۇلار ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئۆتىدىغان بىر جۈپ دوست بولۇپ، جەمئىيەت ئۈچۈن بايلىق يارىتالايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى بەجايىكى ئىككى پەيلاسوپنىڭ ھەمكارلىقىدۇر، مەقسەت دۇنيانى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈندۇر؛ لېكىن بىر - بىرىگە ئەكسىچە ھالدا قارىمۇ - قارشىلىشىپ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئۆز ئارا داد - مۇئامىلىدە بولالايدۇ، يىلان يىللىقلار ئات يىللىقلارنىڭ تېرىككەك مىجەزى بىلەن كارى بولمايدۇ، بەلكى ھەمىشە ھەقىقىي ھېسسىياتى بىلەن ئات يىللىقلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، ئۇلارنىڭ مىجەزىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - دوست بولالىشى مۇمكىن، لېكىن قوي يىللىقلارغا يىلان يىللىقلارنىڭ ياردىمى بولمىسا بولمايدۇ، يىلان يىللىقلارمۇ قوي يىللىقلارغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم بېرىشى كېرەك.
      يىلان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - دوست بولالايدۇ، لېكىن مۇناسىۋىتى سۇسراق بولىدۇ، ئىككى تەرەپ ئاسانلىقچە چوڭقۇر ۋە سەمىمىي دوستلۇق ئورنىتالمايدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - بىر جۈپ قوشماق دوست، ھەر ئىككىلا تەرەپ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى بىر - بىرىگە رازىمەنلىك بىلەن ئېيتىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ئادەتتە قويۇق ئارىلاشمايدۇ، ئادەتتىكىدەك ئارىلاشسىمۇ بولىدۇ ياكى ھەر ئىككىلا تەرەپكە پايدىسى تېگىدۇ، چۈنكى بەك قويۇق ئارىلىشىپ كەتسە، كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشى ئېھتىمالى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - دوست بولالايدۇ، لېكىن ئۇزۇنغا بارمايدۇ، ھەر ئىككىلا تەرەپ چىن قەلبىدىن كۆڭۈل بەرسە، ئەھۋال بىر ئاز ياخشىلىنىشى مۇمكىن.
      يىلان يىللىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بىلىم خاراكتېرلىك كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەۋقۇلئاددە ئىستېداتلىق بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە نام ۋە مەنپەئەتتە تەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلار ئاز ئەمەس. ناۋادا ئۇلار ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىستېداتىنى يامان تەرەپكە ئىشلىتىدىغان بولسا، قىلمىشى ئەڭ قەبىھ چوڭ جىنايەتچىگە ئايلىنىشى مۇمكىن، بۇنداقلارمۇ بولمىغان ئەمەس.
ئەر - ئاياللار بىردەك ئەڭ ئېسىل خىسلەتلەر بىلەن خاراكتېرلەنگەن بولىدۇ، بولۇپمۇ ئاياللار ئاجايىپ سىرلىق جىنسىي جەزبىدارلىققا ئىگە بولۇپ، تېخى نارەسىدە ۋاقتىدىلا ئۇلاردىن ئادەمنى مەپتۇن قىلىدىغان بىر خىل سېھرىي كۈچ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، ھەتتا ئەرلەر ئەقىل - ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ. يەنە كېلىپ، ئۇلار ھەشەم قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. شۇڭلاشقا، توي قىلىپ ئائىلىنىڭ ئايال غوجىدارى بولۇپ، ئۆي ئىشى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەش ھەلەكچىلىكىدە چېپىپ يۈرۈشتىن كۆرە، ھەتتا ئاغىچا خېنىم بولغان تەقدىردىمۇ پۇل - پۈچەك ۋە ئارامخۇدا يۈرۈشكە بەكرەك ھېرىس بولۇپ، تۇرمۇشنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشكە مايىل كېلىدۇ.
      يەنە بىر تەرەپتىن، بۇلارنىڭ ئىچىدە لىۋەنلىك ۋە زىبالىق قوغلىشىش پىسخىكىسى تۈپەيلى تېخىمۇ چېچەنلىشىپ، ئېسىلزادە خېنىملاردىن بولۇپ قالغانلارمۇ ئاز ئەمەس.
      ھوللوۋوت كىنو چولپانلىرىدىن موناكو ئاغىچىسى گېرسكىرغىچە، گەندى خانىمدىن دۇنيا دېڭىز ترانسپورت پادىشاھى ئوناسىس خانىمغىچە، ئوناسىس ئۆلگەندىن كېيىن، ئالماس پادىشاھى مورس دانبوس (ئاياللىق) قا ياتلىق بولغان جاگرىن ئوناسىسقىچە بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى يىلان يىلى ئاياللارغا خاس سېھرىي كۈچنى ۋايىغا يەتكۈچە ئادا قىلغانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۆزىدىكى جىنسىي جەزىبە ۋە ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئەڭ ئېسىل ئىقتىدارى بىلەن نام - ئاتاققا ۋە بايلىققا ئېرىشكەن ۋەكىللىك شەخسلەردىن يۇقىرىدا نامى زىكرى قىلىنغان خانىملاردىن باشقا، يەنە ياش بىر ئەۋلاد كىنو چولپانلىرىمۇ ئاز ئەمەس.
      <ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە، نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
      12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
      يىلان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ھەمكارلاشسا بولىدۇ، لېكىن ياد ئادەملەرنىڭ نەزەرىدە بۇ خىل ھەمكارلىق خېلىلا قىزىقارلىق تۇيۇلىدۇ، شۇڭا ھەر ئىككىلا تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس قارىشى بولۇشى كېرەك، مۇستەقىل پىكىر يۈرگۈزۈش ئادەمنى ھەمىشە توغرا نەتىجىگە ئاپىرىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار - ئورتاق ئىشلاردا يەنىلا ھەمكارلاشمىغان تۈزۈك، چۈنكى ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلابى بەك چوڭ بولىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - ئوبدان ھەمكارلىشالمايدۇ، ئىككى تەرەپ مەڭگۈ بىر پىكىرگە كېلەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئۇلارنىڭ ماسلىشىشىمۇ تەس، بەزىدە توقۇنۇشۇپمۇ قالىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئەگەر ئىككى تەرەپ بىردەك ھەرىكەت قوللىنىشقا تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلسە، نۇرغۇنلىغان تىجارەتلەردە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمكارلىشىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار -ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ، لېكىن يىلان يىللىقلار ھەممە ئىشنى بېلىق يىللىقلارغا ئارتىپ قويماسلىقى كېرەك، چۈنكى بۇ نورمال ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىسىز.
      يىلان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس، ئۇلار ئورتاق پىلان تۈزەلەيدۇ، لېكىن ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشى تەس.
      يىلان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئاساسەن كۆڭۈلدىكىدەك ھەمشېرىكلەردۇر. يىلان يىللىقلار تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ؛ ئات يىللىقلار خىزمەتتە ئىجتىھاتلىق بولۇپ، پىلاننىڭ ئىشقا ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ھەمكارلىشالىشى مۇمكىن، چۈنكى يىلان قانداق قىلىشنى بىلىدۇ. بىراق، يىلان كەسىپنى مۇھىم دەپ بىلىشى كېرەك، ئىمكانقەدەر خاتالىقلارنى ۋە ئاۋارىگەرچىلىكلەرنى ئاز سادىر قىلغىنى تۈزۈك.
      يىلان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ھەمكارلىق دېگەندەك جايىدا بولۇپ كەتمەيدۇ، چۈنكى مايمۇن بەك ئەقىللىق، ھەمىشە يىلانغا باش ئاغرىقى تېپىپ بېرىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەمشېرىكلەردىن بولالمايدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىلا تەرەپ تولىمۇ تاۋى بوش كېلىدۇ، ئىشلارنى قۇرۇق گەپكە ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - ھەمكارلىشىشى مۇمكىن، لېكىن بەك يۇقىرى ئۈمىد كۈتۈپ كېتىشكە بولمايدۇ، ئادەتتە بەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ كەتمەيدۇ.
      يىلان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ھەمكارلىشىشقا بولىدۇ، لېكىن يىلان يىللىقلار ھىيلە - نەيرەڭنى ئاز قىلىپ، ھەمكارلىقنى مۇھىم دەپ بىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ توڭگۇز يىللىقلارغا ھېچقانداق دەخلى - تەرۇز كەلتۈرەلمەيدۇ، ئەكسىچە پالاكەت باسىدىغىنى ھەمىشە يىلان يىىلقلارنىڭ ئۆزى بولۇپ چىقىدۇ.
      يىلان يىلى تۇغۇلغان كىشىلەرنى بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرىلىرىنى تىنچ ۋە خاتىرجەم ئۆتكۈزىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. سىز كىشىلىك دۇنياسىغا سەبىي ۋە پاك چۈشلىرىڭىز بىلەن قەدەم قويىسىز، تىنچ، مۇقىم مۇھىتتا چوڭ بولىسىز. لېكىن، ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا نۇرغۇنلىغان كۆڭۈلسىز ئاۋارىگەرچىلىكلەر كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. لېكىن بۇلار ئەڭ ئاخىردا سىزنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىڭىزغا ھېچقانداق چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، بىراق سىز قېرىلىق مەزگىلىڭىزدە ئالاھىدە ئېھتىيات قىلىشىڭىز كېرەك. چۈنكى سىزنىڭ ئاشۇ تولىمۇ سەزگۈر بولغان خۇيلانغاق خاراكتېرىڭىز، تەۋەككۈلچىلىكنى ياقلايدىغان مىجەزىڭىز سىزنى قېرىلىق مەزگىلىڭىزدە بىھۇدە ئوڭۇشسىزلىقلارغا ئۇچرىتىدۇ.
      ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۇغۇلغان پەسلىڭىز ۋە ۋاقتىڭىز سىزنىڭ ئۆمۈر مۇساپىڭىزگە سەل قارىغۇسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز قوش پەسلى كۈندۈزى تۇغۇلسىڭىز، خۇشال - خۇرام، تىنچ ئۆتىسىز؛ ئەگەر ياز كۈنى تۇغۇلسىڭىز، بىر ئاز جۇشقۇن، تېتىك بولىسىز، لېكىن بەزى داۋالغۇشلاردىن خالىي بولالمايسىز؛ ئەگەر سىز بوران - چاپقۇنلۇق كېچىسى تۇغۇلغان بولسىڭىز، ھاياتىڭىز خېيىم - خەتەرلەر بىلەن تولغان بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلغان گەپ، كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، كېيىنكى ئامىللارنىڭ تەسىرىمۇ بار.
      تەلەيدىن ئېيتقاندا، سىزنى ئىنتايىن ئامەتلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئاسەتتە، سىز خەيرلىك قىسمەتلەرگە نائىلسىز، ئېسىلزادە خانىملار سىزگە ھىممەت قولىنى سۇنۇپ تۇرىدۇ، ھەمىشە كۈتۈلمىگەن بايلىقلارغا ئېرىشىپ تۇرىسىز. ۋەھالەنكى، سىزنىڭ كىرىمىڭىز ھەرگىزمۇ سىزنىڭ ئۆز كۈچىڭىز ياكى مول دۇنياپەرەسلەرچە بىلىملىرىڭىزگە تايىنىپ كەلگەن ئەمەس، پەقەت ئامەتلىكسىز. لېكىن، بۇنداق ياخشى تەلەي ھەمىشىلا بولۇپ تۇرمايدۇ، ناۋادا پۇرسەتنى ياخشى تۇتمىسىڭىز، ئۆزىڭىزگە ئۆزىڭىز قىلىپ قويىسىز.
      ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سىزنىڭ پۇل - مېلىڭىز ۋە ئۇنىڭ مەنبەسى سىزنىڭ جاپالىق ئىگىلىك ياراتقانلىقىڭىزنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى پۇرسەت خاراكتېرلىك سېلىنمىلارغا تايىنىپ پايدىغا ئېرىشكەنسىز. سىز پۇل - مال ماجىراسى تۈپەيلى بىئاراملىققا چۈشۈپ قالمايسىز، سىز گويا تۇغما ئامىتىڭىز يۈزىسىدىنلا مۇشۇنداق بەخت - تەلەيگە ئېرىشكەندەك قىلىسىز.
سىز كىچىكىڭىزدىنلا تولىمۇ راھەت - پاراغەتلەرچە تۇرمۇشقا ئادەتلەنگەنسىز، دوقمۇشلاردىكى يايمىلارغا ئەسلا نەزەر كۆزىڭىزنى سالمايسىز، چۈنكى سىز باھاسى يۇقىرى ئالىي بۇيۇملار بىلەن ئۆزىنى كۆرسەتكىلى بولىدۇ دەپ قارايسىز.
      مۇقىم ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز، ھالىمىزغا بېقىپ ھال تارتىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى تېجىشىمىز ھەمدە پۇلنى پايدا ئېلىپ كېلىدىغان مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىشىمىز كېرەك.
      مۇھەببەت - يۇقىرىقىدەك خۇسۇسىيەتلەردىن باشقا، ئۇنىڭ يەنە بىر تەرىپى باركى، خۇددى يىلان ئۆز ئولجىسىنى ئاسانلىقچە قويۇۋەتمىگىنىگە ئوخشاش، يىلان يىللىق ئاياللار لايىقىنى چەنلەپ بولغان ھامان، ئۇلارنىڭ ئوڭچە ئىگىلىۋېلىش ئارزۇسى بەك كۈچلۈك بولغانلىقتىن، كۈندەشلىكى كۈچلۈك بولۇشتەك خاھىشىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ.
      دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەرلىرى جەزمەن سەمىمىي - سادىق بولۇشلىرى شەرت. قىسقىسى، ئەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، شېرىندەك بىر ساھىبجامال كېرەكمۇ؟ ياكى ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان بىر ئائىلە ئايالى تېپىشى كېرەكمۇ؟ يىلان يىللىق ئاياللارغا يولۇققاندا، ھەقىقەتەنمۇ خېلىلا چوڭ تاللاشقا دۇچ كەلگەن بولىدۇ.
يەنە كېلىپ، يىلان يىلىق ئاياللارنىڭ مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇمۇ بىر ئالاھىدە ئەھۋال.
      يۇقىرىقىلار يىلان يىللىق كىشىلەرنىڭ مىجەز - خاراكتېر ۋە تەلەي - پىشانىسىگە دائىر ئومۇمىي ئەھۋاللاردۇر. ئەمدى سىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق بىر ئادەمگە ماس كېلىدىغان ئەرنىڭ زادى قانداق بولۇشى ئۈستىدە توختىلىمىز.
      ئەقىللىق، جاسارەتلىك، ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا تولىمۇ ماسلىشىشچان، ئىچ - ئىچىدىن ئۇرغۇپ تۇرىدىغان چۈشىنىپ يەتكۈسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە كىشى 12 مۈچەل ئىچىدە پەقەت سىزلا بولسىڭىز كېرەك. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، جاھاندىكى ئەرلەر ئىچىدە سىز بىلەن تونۇشۇشنى خالىمايدىغىنى يوق. لېكىن، زىبالىقىڭىز تۈپەيلى، ھەشەمخورلۇق ۋە ئابرويپەرەسلىككە خۇشتارسىز، ھېسسىياتىڭىز مۇقىم ئەمەس، ئىچىڭىزگە ھامان بىر خىل ئارزۇ يوشۇرۇنغان بولىدۇ، چىرايلىق ياسىنىپ يۈرۈشنى، تېخىمۇ كۆپ ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى ئۈمىد قىلىسىز.
لېكىن، مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئوڭچە ئىگىلىۋېلىش ئارزۇيىڭىز بەك كۈچىيىپ كېتىدۇ، ھەتتا تېرىقچىلىق ئىشىمۇ نەزەر كۆزىڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، بۇ يىلان يىللىق ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى، ياد جىنىسلىق دوستلار بىلەن بەك قالايمىقان ئارىلىشىپ يۈرمەك.

=================================================


شۈكۈران يازمىسى: باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغاندا، مەنبە ۋە ئەسلى يوللۇغۇچىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ!!![/color]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • پۇل:+100(::چوغ::) ئەجرىڭىزگە ر ..
  • atlan
    تېما تەستىقلىغۇچى : ::چوغ::
    تەستىقلىغان ۋاقىت: 2007-10-16, 15:05
    [url] http://6517634.163888.net/[/url]
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 20:26
    سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار
    

    سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

    تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )