سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى_19 سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر » باشقا تۈردىكى ئەسەرلەر » سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى_19
بۇ بەتتىكى تېما: سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى_19 پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 177 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق خۇشخۇي

موللا تاپقاق تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر قىززىقچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئالتۇن
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 54472
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 45527
مەزھەپ:بىكەت باشلىقى بىكەت باشلىقى
UID نۇمۇرى : 34
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 42190
ئۇنۋان:ناھىپ پادىشاھ ھازىرغىچە42190دانە
شۆھرەت: 5749 نۇمۇر
پۇل: 10198 سوم
تۆھپە: 8463 نۇمۇر
ياخشى باھا: 4391 نۇمۇر
قوللاش: 3756 نومۇر
ئالقىش: 2376 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دوسلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-17

سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى_19

بۇ يازما ئۇيغۇر -ئاي تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-10-16)
سەلكىن مۇكاپاتلىق تەلەي يۇلتۇزى_19

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، بۈگۈنكى نۆۋەت ماڭا كىلىپ قاپتۇ. باي ئاچىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن بولۋاتقان بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۋاتقان بارلىق دوستلارغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
ھەر بىر سوئالغا 200 مۇنبەر پۇلى مۇكاپات
بىلمىسەڭلا مەجبۇرلاش يوق، بولسا ئەستايىدىل بولۇڭلار!!!!

1_سوئال:
قولىڭىزدىكى بۇ تارىخى پوۋېسىتتا، بىر ئاتلىق چەۋەندازنىڭ تىراگىدىيەلىك رىئال سەرگۈزەشتىلىرى، ھەمدە ئۇنىڭ مەرھۇم شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ۋە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى بىلەن بولغان رومانتىك مۇناسىۋەتلىرى تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەر قەھىرمانى قوچقار پالۋاننىڭ ئۆسمۈرلۈك ھاياتى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى ھەمدە جەڭگىۋارلىق بىلەن تولغان تىراگىدىيەلىك  ھايات ئىزلىرى، ئوقۇرمەنلەرگە بەئەينى خەلىق داستانلىرىنىڭ جەزبىدارلىقىنى ئەسلىتىدۇ.

بۇ قايسى تارىخى پوۋېسىتتىن ئىلىنغان پارچە؟ ئاپتۇرى كىم؟

2_سوئال
frogs cannot swallow with their eyes open

بۇ جۈملىنى تەرجىمە قىلىپ بىرىڭ

3_سوئال:
ئەرلەرگە ئوخشاشلا تاز بولۇپ قالىدىغان بىر ھايۋان با، ئىسمىنى ئىيتىپ بىرىڭ؟

4_سوئال:
بۇكىڭخام ئوردىسىدا قانچە ئىغىز ئۆي بار؟

5_سوئال:
4 ياشلىق بىر بالا ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن كۈنىگە نەچچە ئىغىز سوئال سورايدۇ؟

6_سوئال:
چىش چوتكىسى قاچان بارلىققا كەلگەن؟

7_سوئال:يەر شاردىكى ھەر قانداق ھاياتلىقنىڭ تىنىدە كاربون ئىلمىنتى بولامدۇ؟

8_سوئال:
چېرچىل قايسى دۆلەتنىڭ باش ۋەزىرى؟ ئۇ قاچان ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەن؟

9_سوئال:
دۇنيادىكى <ئەڭ ئېگىز> ۋە <ئەڭ ھەشەمەتلىك> مىھمانساراي قەيەردە؟ قاچان سودا باشلانغان؟ ئىگىزلىكى قانچىلىك؟

10_سوئال:
مۇھەممەتجان راشىدىن، ئابدۇرىھىم ئۆتكۈر، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر،،،،،،،،،،،،،،،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دانالىرىمىزنىڭ شىئېرلىردىن بىلگىنىڭىزنى يىزىپ بىرىڭ!

[ بۇ يازما ئۇيغۇر -ئاي تەرپىدىن 2007-10-16 13:15 دە ]
ھەجىگەبارغان ئشەك < <ھاجى>> بولماس، قۇرئان ئارتقان خچىر<<قارى>>بولماس.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 09:18
بۇ ئەزا توردا يوق ئەمىلىيە

ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 468
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 331
UID نۇمۇرى : 2223
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 329
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە329دانە
شۆھرەت: 527 نۇمۇر
پۇل: 3710 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 433 نۇمۇر
قوللاش: 384 نومۇر
ئالقىش: 199 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

6-سۇئالغا مەن جاۋاب بىرەي ،چىش چوتكىسى تەخمىنە مىلادىيە 1770-يىلى بىر تۈرمىدىكى ئادىس دىگەن كىشى تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن .

مەنبە :http://www.why.spen.cn/society/world_history/05012023H00705012023H0072023705012023H007.html
atlan
دۇنياغا بىر كىلىپ كىتىدۇ ئادەم،
ئادەمنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ئالەم .
مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ۋە ياكى گاداي ،
بىشى توي ئاخىرى قايغۇلۇق ماتەم .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 10:31
بۇ ئەزا توردا يوق گۈزەل-تارىم

ئىلغار باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 489
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 310
UID نۇمۇرى : 111
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 416
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە416دانە
شۆھرەت: 905 نۇمۇر
پۇل: 3377 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 594 نۇمۇر
قوللاش: 438 نومۇر
ئالقىش: 370 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

ئاشنا

(مۇھەممەتجان راشىدىن )

چىن پۈتۈپ يۈرمە كۆڭۈل، ئاشناڭ ساڭا باقى ئەمەس،
ئاشنا شەيتان سۈرىتىدۇر، ۋەجى بىر دەملىك ھەۋەس.
قايمىقى يوق سۈت ساڭا ئۇ، خەقتىن ئاشقان ياكى ئاش،
قانچە تاتلىق بولسىمۇ، ئەسلا ھالال رېزقىڭ ئەمەس.
ئاشنا ئەبجەق كەپە گويا،تەكتىنى تەسۋىرلىسەڭ،
تەۋرىسە يەر، چىقسا بوران، ئاندا ساق تۇرماقى تەس.
ئاشنا چىن ئاشىق ئەمەستۇر، لەۋزىلەر يالغان تامام،
<<چىن>> دىگەنلەرنىڭ ئۇنى كۆڭلى تۇمان كۆزى ئەلەس.
ئۆز بېغىدا گۈل تۇرۇپ ،بويلاپ يۈرەر ئەل بېغىن،
بىرلىرى ئاسى ئۆيىگە، بىرلىرىنىڭ كوڭلى پەس.
كەينىگە كىرسەڭ كۆڭۈلنىڭ مەنزىلىڭ ھەر جايدىدۇر،
تۆت قەدەھ مەيدەك سېنى ئاشناڭ ئەگەر قىلغاندا مەست.
ھارۋىدۇر تار يولدىكى، ئاشناچىلىق، رەسۋاچىلىق،
بۇ ھاياسىزلار ئۈچۈن قىلمايلى گەپ ئارتۇقچە، بەس.
يايغىنى يايغان چاۋاڭنى چىتقا ئاخىر بىر كۈنى ،
بولمىغىن كۆڭلۈم، شۇڭا تا ئۆلگىچە ئاشنا پەرەس  .

كۆڭلۈم ~~~ «مۇھەممەتجان راشىدىن»

ئېچىل ، دېسە ئالدىراپ ئېچىلما ، كۆڭلۈم ،
مارجان بولساڭ يىپىڭدىن چېچىلما ، كۆڭلۈم.
بىرى سېنى ئالدايدۇ : «ئاشىقىڭ بىز!»دەپ،
بىرى يالغان يىغلايدۇ ، ئېچىنما كۆڭلۈم .

يۈگۈرۈپ يۈرمە كەينىدىن چىرايلىقلارنىڭ ،
ساداقەتسىز سەپلەرگە قېتىلما ، كۆڭلۈم.
كىملەرنىڭدۇر مەيلىگە بېرىپ بارىڭنى ،
ئۆرۈك بولۇپ شاخلاردىن قېقىلما كۆڭلۈم.

خىللاپ يۈرمە ، خىلىڭنى خۇدا بەرگىچە ،
قولۇڭ يەتمەس شاخلارغا ئېسىلما ، كۆڭلۈم .
سېنى ئالداپ كۆرمەكچى ئالتۇنى بارلار،
گۆھەر كۆرسەڭ ، زەر كۆرسەڭ سېتىلما ، كۆڭلۈم.

ﺋﯩﺰ
ئاﺑﺪۇرېھىم ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ

ﻳﺎﺵ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ئەﻣﺪﻯ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺩﻩﻙ ﺑﻮﭖ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﻪﻳﻨﺎ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

ﯪﺯ ﺋﯩﺪﯗﻕ ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺰ،
ئەﻣﺪﻯ ﭼﻮﯓ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﺰ.

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ،ﮔﺎﻫﻰ ﺩﺍﯞﺍﻧﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﻧﻪ،
ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻧﻰ-ﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﻼﺭ ﺩﻩﺷﺘﻰ-ﭼﯚﻟﺪﻩ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺰ.

ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺩﯦﻤﻪﯓ،ﻳﻮﻟﻐﯘﻥ ﻗﯩﺰﺍﺭﻏﺎﻥ ﺩﺍﻻﺩﺍ،
ﮔﯜﻝ - ﭼﯧﭽﻪﻛﻜﻪ ﭘﯜﺭﻛﯩﻨﯘﺭ ﺗﺎﯕﻨﺎ ﺑﺎﻫﺎﺭﺩﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯩﺰ،ﻗﺎﻟﺪﻯ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ،ﻗﺎﻟﺪﻯ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﺎ ﻫﻪﻣﻤﯩﺴﻰ،
ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺑﻮﺭﺍﻥ،ﻛﯚﭼﺴﻪ ﻗﯘﻣﻼﺭ ﻫﻪﻡ ﻛﯚﻣﯜﻟﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﯨﻤﯩﺰ.

ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﺱ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﻼﺭ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﺭﯗﻕ،
ﺗﺎﭘﻘﯘﺳﻰ ﻫﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ،ﺑﯘ ﺋﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻧﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ،
ﻳﺎ ﺋﻪﯞﺭﯨﻤﯩﺰ.

6- ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ

ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﮭﯩﻢ ﯲﺗﻜﯘﺭ

1

ﻛﯘﻣﯘﺵ ﻛﻪﺑﻰ ﻳﺎﻟﺘﯩﺮﺍﻕ ،
ﻣﻪﺭﯞﺍﻳﯩﺘﺘﻪﻙ ﭘﺎﻗﯩﺮﺍﻕ .
ﺑﯩﺮ ﭼﻮﻗﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺑﯧﺸﻰ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﻯ ، ﺗﯩﻴﺎﻧﺸﺎﻧﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ .

ﻣﻪﺷﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺋﺎﭘﺘﺎﭖ ،
ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯞﺍﻝ ﺑﺎﺷﻼﭖ .
ﺷﯘ ﭼﻮﻗﯩﻨﻰ ﺳﻮﻳﯩﺪﯗ ﻣﻪﯕﺰﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﻣﻪﯕﺰﯨﻦ ،
ﺋﻮﺗﯘﭖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ، ﻏﻪﺭﯨﭙﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺭ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ .

ﻛﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻟﯘﻥ ﺋﺎﻱ ،
ﺋﻮﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ﺋﯘﻧﺪﺍ ﻗﻮﻧﻤﺎﻱ .
ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯ ﮬﻪﻡ ﮬﯘﻛﻪﺭ ، ﺯﯗﮬﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺷﺘﯩﺮﻯ،
ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﺋﻮﺗﯩﺪﯗ ﺗﺎﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ .

ﺋﯧﺮﯨﻤﻪﻳﺪﯗ ﻗﯩﺶ - ﻳﯧﺰﻯ ،
ﺋﺎﻕ ﺷﺎﻳﯩﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﻣﯘﺯﻯ .
ﻛﻮﻛﺮﯨﮕﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﺴﻰ -
ﺗﺎﺷﻨﻰ ﻳﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯘ ﻣﻮﺟﯩﺰﻩ ﺗﺎﻍ ﻟﻪﻳﻠﯩﺴﻰ .

ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﭼﻮﻗﺎ ،
ﺑﻪﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮬﻮﺭﻟﯩﻘﺎ .
ﻛﻮﺭﯨﻨﯩﺪﯗ ﻛﻮﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻕ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﮔﯘﻝ ﻛﻪﺑﻰ ،
ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﻛﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻗﻘﯘ ﻗﻮﻧﻐﺎﻥ ﻛﻮﻝ ﻛﻪﺑﻰ .

2

ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻧﺎﭖ
ﺧﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﭖ ،
ﺩﻩﭖ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ : < ﺑﯘ ﭼﻮﻗﺎ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ----
ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻘﺎ > .

3

ﺧﺎﻧﺘﻪﯕﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ،
ﻛﯘﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ﻗﺎﻗﺎﻗﻼﭖ .
ﺩﯨﺪﻯ : ﻧﻪﺩﻩ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﺎﭘﺎﻕ ﺟﺎﻧﺎﭘﺴﯩﺰ ،
ﻗﯘﻻﻕ ﺳﯧﻠﯩﯔ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ ﺑﯘ ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺟﺎﯞﺍﭘﺴﯩﺰ .

ﺩﻩﺭﯞﻩﻗﻪ ، ﺋﺎﻕ ﻣﻪﻥ ﺋﻮﺯﯗﻡ ،
ﺳﺎﻗﺎﻝ ﭼﯧﭽﯩﻢ ﮬﻪﻡ ﻳﯘﺯﯗﻡ .
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ،
ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﻢ - ﻣﯩﺠﻪﺯﯨﻢ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻕ .

ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﺎﺗﺎ ﮬﻪﻡ ﮬﺎﯞﺍ
ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،
ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﺑﯘ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﻩ ،
ﺑﻮﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ، ﺋﯘﺭﯗﻕ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﯞﺍﺩﻯ ﺗﯧﺮﯨﻤﺪﻩ .

ﻧﻮﮬﻨﯩﯔ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯘﭘﺎﻧﺪﺍ ،
ﻳﻮﻝ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ ،
ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻐﺎ ﺯﻩﻳﺘﯘﻥ ﭼﯩﺸﻠﻪﭖ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻛﻪﭘﺘﻪﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،
ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ----- ﺋﺎﺷﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،

ﻗﻮﺵ ﻣﯘﯕﮕﯘﺯﻟﯘﻙ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ
ﺑﺎﺷﻼﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺧﻪﺗﻪﺭ ،
ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﻪﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﺎﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ،
ﺷﻪﺭﯨﻘﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯘﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﭖ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ .

ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﯘﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﺎﺭﯞﺍﻥ
ﻗﻮﯕﻐﯘﺭﺍﻕ ﺟﺎﺭﺍﯕﻼﺗﻘﺎﻥ
ﺋﺎﺷﯘ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﻳﻮﻟﻼﺭﺩﺍ ﮬﻪﻡ ﻗﯘﺭﯗﻗﭽﻰ -- ﭘﺎﺳﯩﺒﺎﻥ ،
ﺋﺎﺵ - ﺗﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﺎﺭﯞﺍﻧﻐﺎ ﮬﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ﺳﺎﮬﯩﭙﺨﺎﻥ .

ﺋﻪﻱ ﺟﺎﻧﺎﺑﻰ ﻣﻮﮬﺘﯩﺮﻩﻡ ،
ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﯓ ﺷﯘﻧﻰ ﮬﻪﻡ .
ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﻰ ﻣﻪﻧﺪﻩ ﭘﯘﺗﯘﻟﮕﻪﻥ ،
ﻧﻰ -ﻧﻰ ﭼﯩﮕﯩﺶ ﺗﯘﮔﯘﻧﻠﻪﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﻠﮕﻪﻥ .

ﻗﻪﻏﻪﺯ ، ﻛﻮﻣﭙﺎﺱ ، ﻣﻪﺗﺒﻪﺋﻪ ،
ﺩﻭﺭﺍ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻮﺟﯩﺰﻩ
ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﯘﭖ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﮬﻪﻡ ﻛﯧﯖﯧﻴﮕﻪﻥ ،
ﻣﻪﺩﯨﻨﯩﻴﻪﺕ ﺑﻮﺷﯘﮔﯩﻦ ﺋﻮﺯ ﻗﻮﻟﯘﻣﺪﺍ ﺗﻪﯞﺭﻩﺗﻜﻪﻥ .

4

ﺩﯨﻤﻪﻙ ، ﺗﺎ ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ----
ﺑﯧﺮﻯ ﺑﺎﺭﻣﻪﻥ ﺋﯘﺯﺍﻗﺘﯩﻦ .
ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺋﺎﻗﺎﺭﻏﺎﻥ ، ﮬﻪﺗﺘﺎ ﻛﯧﻴﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻡ ﺋﺎﻕ ،
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺯﯗﻡ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ ﺳﯩﺰ ﺋﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

ﺑﯘ ﮬﻮﺭ ﺯﯨﻤﯩﻦ ﯞﻩﺗﯩﻨﯩﻢ ،
ﺋﺎﯕﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺟﺎﻥ - ﺗﯧﻨﯩﻢ ،
ﭼﺎﭺ ﺳﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﻠﯩﻐﻰ -- ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﻰ ،
ﻛﻮﻛﻜﻪ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﺷﯘ ﯞﻩﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﻮﯞﯗﻟﻰ .

ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻟﯘﺕ ﺗﻮﺳﺴﯩﻤﯘ ،
ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﻮﻗﺴﯩﻤﯘ .
ﺋﯩﮕﯩﻠﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﯧﺸﯩﻢ ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﯞﺍﻕ ،
ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻻﻱ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ .

ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﻮﻍ ﺗﯘﺭﯗﭖ ،
ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﯘﻏﻨﻰ ﻛﻮﺗﯘﺭﯗﭖ .
ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺴﺎﻡ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﻧﺎﺧﺸﺎﻡ ﻏﺎﻟﯩﭗ ، ﻳﺎﯕﺮﺍﻕ ،
ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯘﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﻨﻰ ﺩﻩﻳﺴﯩﺰ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ !

ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ

(ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ)

ﺋﻪﻱ ﭘﯧﻘﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻳﻐﺎﻥ، ﺋﯘﻳﻘﯘﯓ ﻳﯧﺘﻪﺭ،
ﺳﻪﻧﺪﻩ ﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺟﺎﻥ ﻛﯧﺘﻪﺭ.
ﺑﯘ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﺎﺯﻣﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﺎﮪ، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﮬﺎﻟﯩﯔ ﺧﻪﺗﻪﺭ، ﮬﺎﻟﯩﻖ ﺧﻪﺗﻪﺭ.

ﻗﻮﭖ، - ﺩﯦﺪﯨﻢ، ﺑﯧﺸﯩﯔ ﻛﯚﺗﻪﺭ! ﺋﯘﻳﻘﯘﯕﻨﻰ ﺋﺎﭺ!
ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﯔ ﺑﺎﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﺱ، ﻗﺎﻧﯩﻨﻰ ﭼﺎﭺ!
ﻛﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﺎﯓ،
ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﻧﺎﺋﯩﻼﺝ.

ﮬﯧﻠﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﺴﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ ﺗﯧﻨﯩﯔ،
ﺷﯘﯕﺎ ﻳﻮﻗﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﻏﯧﻤﯩﯔ؟
ﻗﯩﭽﻘﺎﺭﺳﺎﻡ ﻗﯩﻤﯩﺮﻟﯩﻤﺎﻳﻼ ﻳﺎﺗﯩﺴﻪﻥ،
ﺋﻮﻳﻐﺎﻧﻤﺎﻱ، ﺋﯚﻟﻤﻪﻛﭽﯩﻤﯘ ﺳﻪﻥ ﺷﯘ ﭘﯧﺘﯩﯔ؟!

ﻛﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﺑﺎﻕ،
ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﯔ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﻮﻳﻼ ﺋﯘﺯﺍﻕ.
ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﻰ،
ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻙ ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ، ﺋﯩﺸﯩﯔ ﭼﺎﺗﺎﻕ.

ﺋﯧﭽﯩﻨﺎﺭ ﻛﯚﯕﻠﯜﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯗﻡ،
ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻢ، ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ، ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻢ.
ﻛﯚﻳﯜﻧﯜﭖ ﮬﺎﻟﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﻳﻐﺎﺗﺴﺎﻡ ﺳﯧﻨﻰ،
ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺴﻪﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﯔ؟

ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﭘﯘﺷﺎﻳﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪﻥ،
ﺗﻪﻛﺘﯩﮕﻪ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺘﯩﺴﻪﻥ.
"ﺧﻪﭖ!" ﺩﯦﺴﻪﯓ ﺋﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﻣﻪﻱ ﻗﺎﻻﺭ،
ﺷﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﻥ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ.

ئۈچ شىئىر (ئابدۇخالىق ئۇيغۇر)

1
ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯩﻴﯘ،ﻳﻮﻟﻰ،ﺗﯜﺯﯛﻙ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﯩﺪﻯ،
ﺟﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﺴﻘﺎﻟﭽﯩﻤﯘ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﻳﺎﯓ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﺗﺎﭘﺘﻰ ﻟﻪﮬﻪﺕ،ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ،
ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﻪ ﺟﯘﻣﮭﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﺋﯧﺘﻰ ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺟﯩﻦ،ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻗﯩﻴﯩﻦ،
ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻴﯩﻦ،ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.

ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺭﻩ ﺗﺎﺭﺕ،ﺋﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﻘﺎﻥ،ﺋﻪﻧﻪ ﺋﺎﺕ،
ﺋﯘﺧﻼﭖ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺑﻪﻙ ﺋﯘﻳﺎﺕ،ﺟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﺪﻯ.
1928-ﻳﯩﻠﻰ
2
ﮬﯩﻤﻤﯩﺘﯩﯖﺪﯨﻦ،ﻏﻪﻳﺮﯨﺘﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻝ،ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ،
ﮬﻪﻗﻠﯩﻘﯩﻦ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﻳﻮﻟﯘﯕﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭ،ﻗﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﻣﺎﻧﯩﺌﯩﯔ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ،ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﻱ ﺋﯜﺯﯛﭖ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻐﺎ ﺑﺎﺱ،
ﺗﺎﻏﯘ-ﺗﺎﺵ،ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﮔﻪ ﺳﻪﻥ ﺗﺎﯓ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﺋﺎﺕ ﺋﯚﺯﯛﯕﻨﻰ ﺑﻪﮬﺮﯨﮕﻪ،ﻳﺎ ﻏﻪﺭﻕ ﺑﻮﻝ،ﻳﺎ ﺗﺎﭖ ﮔﯚﮬﻪﺭ،
ﺷﯩﺮﻧﻪ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻛﻪﺑﻰ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﺰﯨﯖﺪﯨﻦ ﮬﯧﭻ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﺗﯚﺕ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﻳﺎﯞ ﮬﯘﯞﻟﯩﺸﯩﭗ،ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺗﯩﻎ ﺗﻪﯕﻠﯩﺴﻪ،
ﺋﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻧﻐﺎ ﺑﻮﻳﺎﻝ،ﻧﻮﻣﯘﺳﻨﻰ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰ ﺳﺎﺗﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﻛﯩﻤﻜﻰ ﮬﻪﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺷﯘﻧﯩﯔ،
ﺑﯘ ﻧﯧﭽﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻩﭖ،ﻳﻮﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﺳﻪﻥ ﯞﻩﺗﻪﻥ،ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺩﯦﺴﻪﯓ،ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﻧﺎﻣﯩﯔ ﻗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ،
ﺑﻮﻝ ﺟﻪﺳﯘﺭ،ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﯩﺸﺎﻥ،ﻛﯚﻟﭽﻪﻙ ﺑﯘﻻﻗﻘﺎ ﻗﺎﻧﻤﯩﻐﯩﻞ.

ﺋﺎﺑﺪﯨﺨﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﺩﻩﭖ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﭗ،
ﺋﯘﺷﺒﯘ ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻨﻰ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﻤﻪﺱ ﺋﺎﺯﺍﺑﻘﺎ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻞ.
1929-ﻳﯩﻠﻰ
3
ﻗﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ياتسا ﺑﯘﻟﯘﯕﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺰ ﺋﻪﭘﻴﻮﻥ ﺷﻮﺭﺍﭖ،
ﻗﺎﻧﭽﯩﻼﺭ ﺷﻮﭘﺎﯕﺪﺍ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﻣﻪﺳﺖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺧﻪﻣﺮﻩ-ﺷﺎﺭﺍﺏ.
ﺋﻪﻱ ﭼﯩﺮﺍﻏﯘ،ﺋﻪﻱ ﮬﺎﺭﺍﻕ،ﺑﺎﺭﻣﯘ ﻧﻮﻣﯘﺱ،ﺑﻪﺭﮔﯩﻞ ﺟﺎﯞﺍﭖ؟
ﺳﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪﯨﻜﻪﻥ،ﺑﯘ ﮬﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺯﻩﺑﯘﻥ،ﺧﺎﺭﺍﺏ؟

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺩﻩﭖ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ،ﯞﺍﻱ ﺋﯩﺴﯩﺖ ﻛﻪﭘﻘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،
ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﯘ ﮬﺎﺭﺍﻣﻐﺎ ﺗﻪﯓ ﺷﯧﺮﯨﻚ ﺑﻮﭘﻘﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،
ﺗﯘﺭﻏﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﯩﺮﺍﻗﺘﯘﺭ،ﺋﯚﻳﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻢ،
ﺋﺎﺑﺪﯗﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ،ﮬﯧﭻ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎﻱ ﻣﯘﻧﺪﺍ ﺳﺎﯞﺍﺏ.
1932-ﻳﯩﻠﻰ
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• پۇل:+100(ئۇيغۇر -ئاي) رەھمەت
• atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 10:41
بۇ ئەزا توردا يوق hitman-x

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 574
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 225
UID نۇمۇرى : 151
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 472
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە472دانە
شۆھرەت: 390 نۇمۇر
پۇل: 155 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 597 نۇمۇر
قوللاش: 535 نومۇر
ئالقىش: 291 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

9. ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ...
5. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 30 سوئال سورامىكىن ...
ھەممە ھاياتلىق ئۈچۈن !!!!!!!!

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 11:00
بۇ ئەزا توردا يوق تەكلىماكان

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1493
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 506
مەزھەپ:تەكلىماكان تەكلىماكان
UID نۇمۇرى : 2038
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1362
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1362دانە
شۆھرەت: 878 نۇمۇر
پۇل: 315 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1477 نۇمۇر
قوللاش: 1362 نومۇر
ئالقىش: 480 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى چايان-شاھ نىڭ 2007-10-16 10:44 دە يوللىغان يازمىسى“”:
1- بۇ پارچە <<ئىگەرلىك ئات>> دېگەن دېگەن تارىخىي پوۋېستتىن ئېلىنغان. ئاپتۇرى ئەخەت تۇردى.
3- ئەرلەرگە ئوخشاش تاز بۇلۇپ قالىدىغان ھايۋان مايمۇنمىكى.
7- ھەر قانداق ھاياتلىقنىڭ تېنىدە كاربۇن بولىدۇ.
8- چېرچىل ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى. 2000-يىلى ئىستىپا بەرگەن.
قالغانلىرىنى بىلمەيمەن.

چېرچىل ئەنگىلىيىنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى باش ۋەزىرى. ئۇ خېلى بۇرۇنلا ئۆلۈپ كەتكەن.جاۋابىڭىز خاتا بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.
atlan
ۋاقىت ئاتقان ئوق.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 11:28
بۇ ئەزا توردا يوق ئۇيغۇر -ئاي

ئالاھىدە تۆھپە ئىلغار باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1481
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 518
مەزھەپ:مۇئەللىمە مۇئەللىمە
UID نۇمۇرى : 1020
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 1392
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1392دانە
شۆھرەت: 2699 نۇمۇر
پۇل: 1212 سوم
تۆھپە: 35 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1701 نۇمۇر
قوللاش: 1396 نومۇر
ئالقىش: 451 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر _ئاي
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-18
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

جاۋاپ بەرسەم ھەممىنى بىرۋىتىدىغاندەك قىلىمەن
ئەڭ ياخشىسى كۆپچىلى بەرسۇن،،،جاۋابىڭلا توغرا

[ بۇ يازما ئۇيغۇر -ئاي تەرپىدىن 2007-10-16 11:55 دە ]
atlan

قىزلار گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ھەقىقى گۈزەل
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 11:47
بۇ ئەزا توردا يوق گۈزەل-تارىم

ئىلغار باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 489
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 310
UID نۇمۇرى : 111
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 416
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە416دانە
شۆھرەت: 905 نۇمۇر
پۇل: 3377 سوم
تۆھپە: 30 نۇمۇر
ياخشى باھا: 594 نۇمۇر
قوللاش: 438 نومۇر
ئالقىش: 370 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى چايان-شاھ نىڭ 2007-10-16 10:44 دە يوللىغان يازمىسى“”:
1- بۇ پارچە <<ئىگەرلىك ئات>> دېگەن دېگەن تارىخىي پوۋېستتىن ئېلىنغان. ئاپتۇرى ئەخەت تۇردى.
3- ئەرلەرگە ئوخشاش تاز بۇلۇپ قالىدىغان ھايۋان مايمۇنمىكى.
7- ھەر قانداق ھاياتلىقنىڭ تېنىدە كاربۇن بولىدۇ.
8- چېرچىل ئەنگىلىيەنىڭ باش ۋەزىرى. 2000-يىلى ئىستىپا بەرگەن.
قالغانلىرىنى بىلمەيمەن.

ئىگەرلىك ئات رومانى ئابدۇللا تالىپنىڭ ئەسىرى
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 11:53
بۇ ئەزا توردا يوق گۆھەرتاش

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 123
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 176
UID نۇمۇرى : 5879
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 108
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە108دانە
شۆھرەت: 173 نۇمۇر
پۇل: 2975 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 160 نۇمۇر
قوللاش: 134 نومۇر
ئالقىش: 225 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-22
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-17

تۆت ياشلىق بالا پەقەت ئۆزىنىڭ بىر ئىغىزى بىلەنلا سۇئال سورايدۇ.....
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 12:55
بۇ ئەزا توردا يوق بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1124
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 875
UID نۇمۇرى : 2446
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 992
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە992دانە
شۆھرەت: 659 نۇمۇر
پۇل: 24 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1014 نۇمۇر
قوللاش: 922 نومۇر
ئالقىش: 323 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-17

كىرىمەن-چىقىمەن،ئەجەپ ئىچىم پۇشتى.بۇ سەلكىندە مەنلا دۆت ئوخشايمەن جىمۇ.
atlan

ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 17:37
بۇ ئەزا توردا يوق پەرھاد

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 7
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 92
UID نۇمۇرى : 5254
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 5
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە5دانە
شۆھرەت: 5 نۇمۇر
پۇل: 4215 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
قوللاش: 5 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-31
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

بىرىنچى سوئالغا جاۋاپ بىرەلمىدىم.كىتابنى ئۇقۇپمۇ باقماپتىكەنمەن..

ئىككىنچىسى.frogs cannot swallow with their eyes open
تۈز تەرجىمسى قۇدۇقتىكى پاقا يىراقنى كۆرەلمەيدۇ دەپ تەرجىمە قىلساق سەل مۇۋاپىق بولىدىكەن.

ئۇچۇنچى سوئال،،مايمۇن جاۋابى ئەڭ يېقىن كىلىدىغان ئوخشايدۇ..

تۆتىنچى سوئال
بۇككىنخام سارىيى 1703-يىلى سېلىنغان بۇلۇپ 1837-يىلىدىن باشلاپ خان جەمەتى تۇردىغان مۇقىم قورغانغا ئايلانغان..600 دىن كۆپ ئۆي بار

بەشىنچى سوئال
قانچىلىك سوئالغا جاۋاپ بىرىشىمىزگە باغلىق بولىدىغۇ دەيمەن.

ئالتىنچى سوئال ئەمىليەنىڭ جاۋابىكەن..مەنبەدىمۇ شۇنداق يىزىلىپتۇ.

يەتتىنچى سوئال....
جانلىقلار تېنىنى تۈزگۈچى ئېلمىتلار ئىچدە كاربون ئېلىمىتىنىڭ مىقتارى ئەڭ كۆپ .
تۇلۇقسىزنىڭ بىئولوگىيە دەرسىدە بار.

سەككىزىنچى سوئال
Winston Churchill چېرچېل، 1874-يىلى 11ئاينىڭ 30-كۈنى  ئەنگىلىيەدە دۇنياغا كەلگەن
1965-يىلى 1-ئاينىڭ 24- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.77 يېشىغىچە ھەر خىل ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
1955 -يىلى بارلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپاھ بىرىپ ئارام ئېلىشقا چىققان ۋە ئىنگىلىز مىللىتىنىڭ تارىخى دىگەن 4 توملۇق ئەسەرنى يىزىپ پۇتتۇرگەن.
1965-يىلى 1-ئاينىڭ 24- كۈنى مېڭىگە قان چۇشۇش سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن.

توققۇزىنچى سوئال.
دۇبەي شەھرىدىكى بۇرجۇل-ئەرەپ يەنى چىكاكو دېڭىز ساھىلى مىھمانسارىيى 1994-يىلى قۇرلۇش باشلاپ 1999-يىلى 12-ئايدا سودا باشلىغان..ئىگىزلىكى 321 مىتىر.56 قەۋەت

ئونىنچى سوئال.
مۇھەممەتجان راشىدىن ئەپەندىم

روبائىلىرىدىن تاللانما

مىنگەن ئات، كىيگەن تون بەختىڭ بۈگۈنكى،

تاڭ ئاتسا ئۆزۈڭمۇ ئۆتمۈشنىڭ مۈلكى.

بىر قولۇڭ گۈل ئالسۇن، بىر قولۇڭ قامچا،

دوستلىرىڭ بار يەردە دۈشمەن بار چۈنكى.

كۆرۈنگەن ئامەتتىن كەتمىگىن چۆچۈپ،

تاغ كۆچسە كۆچسۇنكى سەن يۈرمە كۆچۈپ.

ئۆمۈرلۈك گۈلخان بوپ ياشايمەن دېسەڭ،

ئۆكۈنچى يامغۇردا قالمىغىن ئۆچۈپ.

تاغ-تاشنى سۇ بوزار، ئەلنى ئۆسەك سۆز،

ئىشەككە چىقىپتۇ ، دېگەندەك مۆڭگۈز.

پىچىرلاپ سۆزلەشنى قويغىن ئۈگۈنۈپ،

بولسىمۇ ئىنساننىڭ بارى ساڭا ئۆز.

سۆيگنىنى ساتقىلى بولمايدۇ پۇلغا،

كۆڭۈلنى ئالغىلى بولمايدۇ پۇلغا.

كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرسە، گۈللەرمۇ،

تىكەنلەر ئالدىدا ئايلىنار قۇلغا.

ھەقىقەت ئالدىدا قىلما مەنمەنلىك،

ھەقىقەت ئالدىدا ھەيۋەڭ بىردەملىك.

ھەقىقەت سۇكۈتتىن تاپار سەلتەنەت،

ھەقىقەت_ھەقىقەت! ئەمەس ئۆكتەملىك.

ھەقىقەت ئالەمنى كەزگۈچى سەيياھ،

ئۇ پۈتكۈل ئالەمگە غايىۋانە شاھ.

<<ھەقىقەت ئاقلايدۇ ئۆزىنى-ئۆزى>>،

ئۇ ھەرگىز سۇنمايدۇ، ئېگىلسىمۇ گاھ.

بىلىمسىز ئوخشايدۇ ياغسىز چىراققا،

بارمايدۇ يورۇقى ھەرگىز يىراققا.

بىلىملىك، بىلىمسىز ئىنساننىڭ پەرقى،

ئوخشاتساڭ ئوخشايدۇ ئاغرىققا، ساققا.

قىڭغايغان دەرەخنى غۇلىماس دېمە،

قىڭغايسا ھالاكەت يولىماس دېمە.

ھەر كىمگە يار يۆلەك زۆرۈردىن-زۆرۈر،

تىرەكلىك تاملاردىن ئەسلا غەم يىمە.

زىيادە خوشاللىق بىردەملىك ئېقىن،

زىيادە مەيخورلۇق ئەجەلگە يېقىن.

قانائەت ئىنسانغا ئۇيقۇ دورىسى،

ئىجات ۋە ئەمگەكتە ئۇلغىيار ئەقىل.

راست سۆزنىڭ ھېچ يەردە خىجالىتى يوق،

يالغان گەپ يايلاقتۇر مىنەر ئېتى يوق.

يالغاننىڭ بېغىدا كۆكلىمەس دەرەخ،

يا پىشان ئۇرۇكى ياكى قېقى يوق.

رۇزى سائىت شېئىرلىردىن

روھنى پاكلاش تەس  ( روزى سايىت )

روھنى پاكلاش تەس

<< دېھقان بولماق تەس >> دېگەن شېئىرىم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دوراپ يازىدىغانار بىر مۇنچە << تەس >> لەرنى يېزىشتى. يېققىندا بىرەيلەن << ھاراق ئىچمەك تەس >> ماۋزۇسىدا بىر ھەجىۋىي تەييارلاپ سورۇنلاردا ئوقۇپ يۈرۈپتۇ. ئۇنۇڭ كۆچۈرۈلمىسى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇ مۇشائىرىنى يازدىم .....

ئاڭلاپ قالدىم، بۇرادەر، بىر پىيەنچۈك ناكەس،
كۆتۈرۈپتۇ نالە - پەرياد ( ئۈنى شۇنچە پەس،)
دەپتۇ: << ئىچمەي تۇرالمايمەن بىردەم، بىر نەپەس،
ئازغا قانماس نەپسىم، كۆپى قىلدى رەسۋا مەست،
دېھقان بولماق قانچىلىك ئىش، ھاراق ئىچمەك تەس ... >>

<< ھاراق دېگەن قوناق سۈيى _ ئىچىپ < خوش! > دەيمەن،
مەينى كۈنلەپ بوتۇلكىدىن < ماڭا توشى! > دەيمەن،
مەھبۇبەم بول، ۋۇجۇدىڭنى جانغا قوش دەيمەن،
ئىچمەسلەرنى ئەركەك ئەمەس، بېلى بوش دەيمەن،
دەيمەن دېھقان بولماقتىنمۇ ھاراق ئىچمەك تەس... >>

ئاڭلىشىمچە ئېزىپ ئۇ < زات > ئەزمىلىرىنى،
مەيگە چىلاپ دات جىسمىنىڭ رەزمىلىرىنى،
پاراكەندە ئەيلەپ شادلىق بەزمىلىرىنى،
بۇزۇپ ئوقۇپ ئۆمەر ھەييام نەزمىلىرىنى،
قاخشايدىكەن، دەپ: ھەممىدىن ھاراق ئىچمەك تەس...

<< ئاز ئىچەيلى، ساز ئىچەيلى >> دەيدىكەن باشتا،
سەل قىزىسا قالىدىكەن رومكا تالاشتا،
كۆڭلى ئاينىپ قەيدىن كېيىنكى كالپۇك يالاشتا،
تۈگەيدىكەن سورۇن جىدەل - كالپۇك ياماشتا،
دەركەن مەجرۇھ ھالدا ۋايساپ << ھاراق ئىچمەك تەس ...>>

ئىقرارىچە، يۇمۇر - چاقچاق ئېيتاركەن دەسلەپ،
ئىچكۈزەركەن كىم ئېزىقسا ئۈچ رومكا، قەستلەپ
يىغلايدىكەن، يىغلاتقىنى << ئانامنى ئەسلەپ >>
چۈشىدىكەن خورەككە كېيىن مىجەزى پەسلەپ،
غىڭشىيدىكەن دەپ: ھەممىدىن ھاراق ئچمەك تەس ..

ئادىمىيلىك قىممىتىنى تونالماي ئۇ << زات >>،
رېستوراننىڭ نامى چىقسا تۇرالماي ئۇ << زات >>،
خەق كەينىدىن سوكۇلداپ - ھېچ ئۇيالماي ئۇ << زات >>،
مۇتقا ئىچىپ، ئۆزى بىر رەت قۇيالماي ئۇ << زات >>،
دەيدىكەن: ئاھ، ھەممىدىن بەك << ھاراق ئىچمەك تەس ...>>

دەركەن: پۇلۇم بولسا كۈلرەڭ - تۆت باش سىزىلغان،
جوزام بولسا توخۇ، ئۆردەك، بېلىق ... تىزىلغان،
مەيىم بولسا << ئىلىنىڭ ! >> دەپ ماركا يېزىلغان ...
ھېچقايسى يوق، ئالەم خەسىس، ئالەم بۇزۇلغان !
<< دېھقان بولماق تەس >> مىش تېخى، ھاراق ئىچمەك تەس! ...

ئامەتلىككە نازىنىنلار ئېتىپ قېشىنى،
مۇلازىملار ئۇدۇللايدۇ بېلىق بېشىنى،
<< چاپانچى >> چايناپ ھارماس توخۇ تۆشىنى،
تەقدىر نېچۈن ئايار مەندىن پاخلان گۆشىنى؟
ئاھ، ھەممىدىن بۇ جاھاندا ھاراق ئىچمەك تەس! ...

توۋا دەيمەن، خەق مەردلىكتە كولىشار يانچۇق،
ئوت چاقنىتار كۆزلىرىمدىن تومپايغان قاپچۇق،
جېنىم قاخشار سوقۇشقاندا رومكىسى<< جاق - جۇق >>،
( رومكا تۇتقان ئاق ئالىقاندا نەدە قاپارچۇق؟ )
شۇڭا دەيمەن: ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...

__ مەست ئەمەسمەن __ مەستانىمەن، مەستلىك - قاراملىق،
قاراملارچە ئىچ ! << مەي ھالال ، كەيپى ھاراملىق >> ،
نەق ئىمان شۇ مەي خۇمارى بەرگەن ئاراملىق ،
قىلغاي شاراپ خۇي - مىجەزنى قابىل، ياراملىق ! ...
دەيمەن شۇڭا: مەست بولغىدەك ھاراق ئىچمەك تەس ...

ئىچەلمەسلەر << ئىچمەي >> دېسە، بوپتۇ دېمەيمەن،
<< كىم قولۇمنى ياندۇرغان ؟ >> دەپ چىشنى بۆلەيمەن،
<< شاتىراقلىق >> تا تەخسە چېقىپ، پۇلىنى تۆلەيمەن،
يولغا چىقىپ لەيلەپ، تەننى لايغا مىلەيمەن،
ھۇشسىز يېتىپ، غىڭشىپ دەيمەن: ھاراق ئىچمەك تەس ...

رۇستلىيالماي لەڭپۇڭ كەبى لۆمشىتىپ تىزنى،
<< ئوۋ ئۇچرىدى >> دەپ مەستلىكتە قوغلايمەن قىزنى،
>< دادامكەنغۇ ؟ >> دېسە، دەرھال كاچاتلاپ يۈزنى،
لەنەتلەيمەن، بولىشىچە ھاراق دەيۈزنى،
ھالىم ئاشۇ ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...

تامبال تىزدا ... دەرەخلەرگە مەڭىز يەملەيمەن،
قىستاپ كەلسە ھايا قىلماي يولنى نەملەيمەن،
كۈندە زەخمە ، كۈندە زىدە ... كۈندە ئەملەيمەن،
بۇنچە جىق پۇل نەدە ؟ ئۆيدىن قاساپ جەملەيمەن،
ۋاي بۇ غەمنى، ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...

ياندۇرالماي خېخىردەككە كەپلەشكەن قەينى،
قەي ئىچىدىن سۈزەلمەي شۇ سۆيۈملۈك مەينى،
ئوڭشىيالماي ئېسىلگەن باش، تارتىشقان پەينى،
تىڭشاپ يېتىپ << دېھقان بولماق تەس >> دېگەن دەينى،
دوراپ دەيمەن: ھەممىدىن بەك ھاراق ئىچمەك تەس ...

تەنگە ئەمەس، ئەقلۇ ھۇشقا قەست قىلغان ھاراق،
ۋىجدان، ئىمان، پەزىلەتنى << مەست >> قىلغان ھاراق،
روھنى بۇلغاپ، ئاڭنى مەجرۇھ، خەس قىلغان ھاراق،
مىللىتىمنىڭ ھال - كۈنىنى تەس قىلغان ھاراق،
چىن ئىنسانغا، راست، بۇ كەمدە ھاراق ئىچمەك تەس ؟

<< ھاراق ئىچمەك تەس >> ئىكەنۇ، تاپماي ئاساننى،
<< تەس >> كە كۆنگەن، قويە، سەندەك ھالى سەرساننى !
ئېيت، بۇ كۈنگە قويغان نېمە ئەھلى ئىنساننى ؟
بىلەلمىگەچ زۇلمى سىتەم، خەيرۇ ئېھساننى،
ھاڭۋېقىشتا دېدىڭ يىغلاپ: ھاراق ئىچمەك تەس ...

كاساڭ ئوچۇق، رومكاڭ پۇچۇق، ۋىجدان يېرىڭ دەز،
بېشىڭ قاپاق، كۆزۈڭ چاپاق، كالپۇكلىرىڭ گەز،
ئورنۇڭ پەستە، كۈنۈڭ تەستە، يۈزۈڭ قېلىن - بەز،
__ ئەل ئەختەردە، سەن خەتەردە! __ دېسە، مىس قىل - سەز؟
پەرۋايىڭ يوق، دەيسەن تىنماي: ھەرەق ئىچمەك تەس ...

<< ھاراق ئىچمەك تەس >> ؟ - بۇ تەسلىك كىمنىڭ سورىدىن ؟
نومۇس قاخشاش مەي ئۆتمىسە گالنىڭ << نو >> رىدىن!
دېھقان بولماق تەس - بۇ تەسلىك كىمنىڭ زورىدىن
بىز كۈلەمدۇق دەردمەنلەرنىڭ تەلەي شورىدىن؟
ئېيتە، ھاراق ئىچمەك تەسمۇ دېھقان بولماق تەس؟! ...

ھاراقكەشلەر، ئۇنتۇپ قالماڭ ئەسلىڭىزنى سىز،
سۈرۈشتۈرۈڭ دېھقانمۇ يوق، نەسلىڭىزنى سىز،
مەيدىن ئەمەس، شاندىن ئىزدەڭ ۋەسلىڭىزنى سىز،
پاكلاڭ ۋىجدان - روھنى، باھار پەسلىڭىزنى سىز،
روھنى پاكلاش تەس، ھەممىدىن دېھقان بولماق تەس!!!

1997-يىل 3-يانىۋار، خوتەن.

تاماكا بايان (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)

توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس،
ئۆرگۈلدى پەلەك ، تاماكا بايان:
ئەمەستى ماڭا چېكىش بىر ھەۋەس،
كۆيىدۇ يۈرەك ، تاماكا بايان.

يانار تاغ ئىچى بولغاچقا يالقۇن،
دائىم ئۈستىدىن كەتمەيدۇ تۈتۈن.
ھەيران قالمىغىن چىقسا ئاغزىمدىن
كۆكۈچ چەمبىرەك ، تاماكا بايان.

بىلىمەن دىلدار ، يۇتىمەن زەھەر،
تېگەر ھەر سائەت يۈرەككە نەشتەر.
ۋە لېكىن شۇنى ئىستەيدۇ كۆڭۈل،
ئەمەسمەن گۆدەك ، تاماكا بايان.

سارغايدى دېمە رەڭگىمنى جانان،
نىكۇتىن ئەمەس مېنى سارغايتقان.
بېغىمنى كەچ كۈز بورىنى باسسا،
سولمامدۇ چېچەك ، تاماكا بايان.

قاچانكى باقسام غەمكىن يۈزۈڭگە،
ئاچچىق ياشلىرىم تولۇر كۆزۈمگە.
قايغۇ-ئەلەمنى باسىمىش دەيدۇ،
شۇ كۆكۈچ تۈتەك ، تاماكا بايان.

توسما مېنى يار ، چېكەي بىر نەپەس،
چەكمەي دېسەممۇ ، بۇ مەيلىم ئەمەس.
مەيلى ئەمەسمۇ شۇ زەھەر بىلەن،
سەگىسە يۈرەك ، تاماكا بايان.

1948 - يىل 12 - دېكابىر ، ئۈرۈمچى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ماي - كۆرەشچان ئاي

بۇگۇن ، بۇ كۆرەشچان مايدا ،
تەبىئەتتە باھار تويلىرى ... ئۇزىيدۇ .
خۇددى شۇنداق ، پۇتۇن دۇنيادا
كىشىلىكنىڭ پارلاق كۆرەش بايرىمى كېزىدۇ .

زۇلۇم تېغىنى ئاغدۇرۇشقا
كۆپچىلىكنىڭ يالقۇنلۇق كۆرىشى قاينايدۇ .
كاپىتالىسلاردا زاۋۇد ، فابرىكىلار ،
ئىستانۇك ، ماشىنلار ئۇخلايدۇ .

جاھانگىرلارنىڭ قانلىق قامچىسىدىن
قان تامغان ھەر بىر ماكاندا ،
كەسكىن كۆرەش ،
ئۇلۇق تەۋرەشلەر
تېترىتىدۇ ئۆلۇمگە يۇزلەنگەن چىرىك دۇنيانى .
دولقۇنلۇق نامايىشلار ...
ئېگىز كۆتۇرۇلگەن مىليۇن مۇشتلار ،
تەلەپ قىلىدۇ بىر ئېغىزدىن
ھۆر ، سائادەت ، ئەركىنلىكنى .

بىرىنچى ماي ، كۆرەشچان ئاي ، چېلىشقا باي ...
ئازاتلىق ئۇچۇن كۆرۇشىدۇ ھارماي ...
جۇڭگۇدا بۇ كۆرەشچان مايدا
نۇمۇسلۇق ۋە پاجىئەلەر ،
قايغۇلۇق ۋەقەلەر
تېزىلىپ ئۆتكەن .
جىنەن كوچىلىرىغا تولغان قانلار ،
جۇڭخۇا تارىخىغا
يېزىلىپ ئۆتكەن .

بىكار ئاقمىدى قانلار ،
ئۇ قانلاردىن گۈلۈستان ئۈندى .
ماي پۇراقلىرى بىزگە شۇنى تاپشۇردى :
بۇندىن كىيىن بىز جۇڭخۇا
شۇ دەسسەلگەن نۇمۇسنى ،
قارا داغلارنى ئاقلايمىز .
جاندىن ئەزىز بۇ ۋەتەننى
قەھرىمانلارچە كۆرۇشۇپ ،
ئازات قىلىمىز ، ساقلايمىز .
كۆپچىلىكنىڭ ئازاتلىقىنى
ئەبەدى ياقلايمىز .

بىرىنچى ماي ، كۆرەشچان ئاي ، چېلىشقا باي ،
چېلىشىمىز بىز ۋەتەننى ئازات قىلىش يولىدا ھارماي .

1942-يىلى 1- ماي ، ئۈرۈمچى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر

ئايلىناي

بىر كۆرۈپ ئىككى كۆزۈڭدىن،
ئۈچ بېشىڭدىن ئايلىناي.
تۆت كۆرۈپ قانداق چىداي،
جاندىن كېچىپ بەش ئايلىناي.

ئالتە كۆرسەم مەن بويۇڭنى،
يەتتە تۈرلۈك دەرد بىلەن.
سەكرىبا سەككىز بېرىپ،
توققۇز بېشىڭدىن ئايلىناي.

ئون قېتىم كۆرسەم بويۇڭنى،
مەن يۈگۈردۈم ئاھ ئۇرۇپ.
ئوتتۇز ئەيلەپ مەن پىغان،
قىرىق بېشىڭدىن ئايلىناي.

بولسا دۈشمەن ئەللىك-ئاتمىش،
مەنكى مەن بىچارىگە.
قىلسا سەكسەن پارىمەن،
توقسان بېشىڭدىن ئايلىناي.

يۈز كىشى دۈشمەن بولۇپ،
گەر ئىككى يۈز تۇرسا قاراپ.
ئۈچ يۈز ئەيلەپ مەن پىغان،
تۆت يۈز بېشىڭدىن ئايلىناي.

باشىمە بەش يۈز قىلغۇچ،
گەر ئالتە يۈز تىغ تەڭلىسە.
يەتتە يۈز پەرياد ئۇرۇپ،
بىرمىڭ بېشىڭدىن ئايلىناي.

ئىشقى-مۇھەببەت

سەن-سەن يۈرەككە ئوتلارنى سالغان،
ئەقلى ھوشۇمنى سۆز بىلەن ئالغان.
مۇھەببەت سازىن خۇش ئاۋاز چالغان،
باقمامسەن قىيا، ۋاي سەتەڭ بالىخان.

چىنمىدى-يالغان،جاۋاب بەر ئۆزۈڭ،
ياغدەك ياراشۇر ھەسەلدەك سۆزۈڭ.
جانلارنى ئالغان بۇلاقتەك كۆزۈڭ،
سەندۇرسەن مېنىڭ بەخت يۇلتۇزۇم.

دەردىڭدە كۆڭۈل ھەركۈنى غەمدە،
ئىسىت، گۈل ئۆمرۈم ئۆتەمدۇ غەمدە.
كەبەڭگە بېقىپ، كۆزدىن ياش ئېقىپ،
ساقلارمەن جانىم ھەربىر قەدەمدە.

قىلغىل ئىلتىپات، كۆرمە بىزنى يات،
ھالىم خەتەردۇر يېتىشكىل پات-پات.
كۆرۈپ بويۇڭنى، سۆيدۈم خۇيۇڭنى،
كۆيگەن يۈرەكنى ئەيلىگىن بىر شاد.

تۈنلەردە دائىم تارتۇرمەن ۋايىم،
دەردىڭ قىلىپتۇر دوۋزاخنى جايىم.
كۆيدۈم ، كۈل بولدۇم، سۆيدۈم،قۇل بولدۇم،
كەلتۈر يادىڭغا بىزنى ھەم جانىم.

سەن بىر قىزىلگۈل، شائىرىڭ بۇلبۇل،
تۈنلەردە سايرار دەردىڭدە غۇلغۇل.
بىزنى ئۇنۇتما، گۈلنى قۇرۇتما،
ئۇيغۇر بىچارە بولدى ساڭا قۇل.

جاۋاپلىرىممۇ تۇگەيدىغاندەك ئەمەس،،،ئەمما يېقىن كىلدىغانلىرنى يازدىم..بۇ پائالىيەتكە قاتنشىشتىكى مەقسەت ئۆزىمىزنى سىناش،تور دۇنياسىدا ۋە رېيال تۇرمۇشتا قانچىلىك بىر نەرسىلەرنى بىلىمىز،تۇرمۇشقا قانداق قارايمىز،ئەستايىدىلمۇ ياكى بىپەرۋارمۇ؟!~17 -سانىدىن باشلاپ قاتناشتىم،،،،17.18 ھەر ئىككىلى ساندا بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپاتلاندىم،،،تەلىۋېم،،مەندە ئۇيغۇر سوفىتنىڭ 2005-2007 ھەممە نەشىرى بار بولدى،،،ئەمدى 18 ساندىكى ئۇيغۇر سوفىت لۇغىتى ماڭغا ئارتۇقلۇق قىلىدۇ.قەدرىنى بىرىلدىغان كىشىگە بىرىلسە،،..شۇڭلاشقا 20-ساننىڭ سوئالىنى چىقارسام مۇكاپاتنى بەرگۇچىلەر شۇ ساندىكى مۇۋاپىقىيەت قازانغان كىشىگە بەرسە.،قۇشۇلارسىلەرمۇ؟
يازمىللىرىم بۇ يەردە،،ۋاقتىڭىز بولسا كۇرۇپ بېقىڭ..
http://perhad.ilghar.net/
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 18:33
بۇ ئەزا توردا يوق ئوكو

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 819
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1180
مەزھەپ:پادىشاھ پادىشاھ
UID نۇمۇرى : 730
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 787
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە787دانە
شۆھرەت: 681 نۇمۇر
پۇل: 6185 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 810 نۇمۇر
قوللاش: 757 نومۇر
ئالقىش: 545 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

بۇ تەلەي يۇلتۇز سانى ھەر ھەپتىدە بىر سان چىقامدۇ----؟
كىچىكىپ قاپتۇق...........

1-سۇئالنىڭ جاۋابى ئاغزىمىنىڭ ئۇچىدا بار بولمىسا....
atlan
ھايات مەن ئۇچۇن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىمۇ  قىممەتتۇر  مۇھەببەت.
ۋە لىكىن كېچىمەن ھەر ئىككىلىسدىن،
ئەركىنلىك ، ئازاتلىق ئۇچۇن مەن پەقەت.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 20:29
بۇ ئەزا توردا يوق پەرىزات

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 22
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 77
UID نۇمۇرى : 4200
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 3 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
قوللاش: 14 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

10-سۇئال

atlan
坚持就是胜利
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 20:44
بۇ ئەزا توردا يوق پەرىزات

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 22
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 77
UID نۇمۇرى : 4200
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 18
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە18دانە
شۆھرەت: 11 نۇمۇر
پۇل: 3 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 19 نۇمۇر
قوللاش: 14 نومۇر
ئالقىش: 5 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-05
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

كەچۈرۈڭلار ئۇكام يېزىۋېتىپـتۇ
坚持就是胜利
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 20:52
بۇ ئەزا توردا يوق تاجىگۈل

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 97
UID نۇمۇرى : 6356
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 1
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە1دانە
شۆھرەت: 1 نۇمۇر
پۇل: 103 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
قوللاش: 1 نومۇر
ئالقىش: 1 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-16

uk  mawu  sualga  karapla  werip  kattim jumu

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-16 22:21
سەلكىن مۇنبىرى » باشقا تۈردىكى ئەسەرلەر

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )