* ------------------ قـىـرتاق پاراڭـــلار ------------------------*
ھـايـات
تۇنجى كۈنى تەڭرى سېغىن كالىنى يارىتىپتۇ . تەڭرى كالىغا :
ــ سەن ھەر كۈنى ئېتىزلىقتا ئىشلەيسەن . ئاندىن يەنە سۈتۈڭ بىلەن موزايلىرىڭ بىلەن خوجايىنىڭنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى باقىسەن . ساڭا 60 يىل ئۆمۈر بەردىم ، ــ دەپتۇ .
ــ بۇ دوزاختەك كۈنلەردە 60 يىل ئىشلەپ نېمە قىلىمەن ! ــ دەپتۇ كالا دەرغەزەپ بىلەن ، ــ ماڭا 20 يىل يېتەرلىك ، 40 يىلنى ئۆزىڭىز ئېپقېلىڭ .
تەڭرى كالىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ .
ئەتىسى تەڭرى ئىتنى يارىتىپتۇ ، تەڭرى ئىتقا :
ــ سەن سەن ھەر كۈنى كىشىلەرنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ ، بىرەرسى كەلسە ۋاڭشىپ قاۋايسەن ، ساڭا 20 يىل ئۆمۈر بەردىم ، ــ دەپتۇ .
ــ 20 يىل ۋاڭشىپ قاۋىسام ، بۇ ۋاقىت بەك ئۇزۇنكەن ، ــ دەپتۇ ئىت ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا ، ـــ ماڭا ئون يىل يېتەرلىك ، قالغان ئون يىلنى قايتۇرىۋېلىڭ .
تەڭرى ئىتنىڭ تەلىپىگىمۇ قوشۇلۇپتۇ .
ئۆگۈنى تەڭرى ئادىمىزاتنى يارىتىپتۇ ۋە ئۇنىڭغا : ئويۇن ـ تاماشا قىلىش ، تۇرمۇشتىن لەززەتلىنىش ئۈچۈن ساڭا 20 تىل ئۆمۈر بەردىم ، ــ دەپتۇ .
بۇنى ئاڭلاپ ئادەم نارازى بولغان ھالدا :
ــ نېمە دېدىڭىز ؟ ماڭا ئاران 20 يىل ئۆمۈر بېرەمسىز ، تەڭرىم ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ 20 يىلىنى ، كالىنىڭ سىزگە قايتۇرىۋەتكەن 40 يىلىنى ، يەنە ئىت ياراتمىغان ئون يىلنى ئالاي ، 70 يىل خېلى بولىدۇ ، سىزنىڭچە قانداق ؟
ــ بوپتۇ ، دېگىنىڭدەك بولسۇن ، ــ دەپتۇ تەڭرى خۇرسىنىپ .
نەتىجىدە ، ئالدىنقى 20 يىلدا بىز تاماق يەپ ، ئۇخلاپ ، لەززەتلىنىمىز ، كېيىنكى 40 يىلدا ئۆيدىكىلەرنى بېقىش ئۈچۈن ( كالىدەك ) جان تىكىپ جاپالىق ئىشلەيمىز ، ئەڭ ئاخېرىقى ئون يىلدا ھەر كۈنى ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ ئۆتكەن ــ كەچكەنلەر بىلەن سالام ــ سەھەت قىلىشىمىز .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
كەينىمدىكـى غـەيـۋەتـلــەر
ھۆججەت سومكىسىنى قولتۇقۇمغا قىستۇرۇپ « BENZ » دىن چۈشسەم : چوقۇم پارىخور ئەمەلدار .
*سوت فورمىسىنى كىيسەم : ئۇ نەچچە جاۋابكار ۋە دەۋاگەرنى شىلىۋالغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ .
* كاستۇم ــ بۇرۇلكا كىيىپ سىڭلىم بىلەن كاتتا پىكاپتا « تاللا بازار » لارنى ئايلانسام : بۇ ئۇنىڭ نەچچىنچى ئاشنىسى ئىكەنلىكىنى خۇدا ئۆزى بىلىدۇ .
* كۆزەينەك تاقاپ ئاكا ــ ئۇكا بۇرادەرلەر بىلەن مەيخانىدا تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىسەم : قارا كۆزەينەك تاقىۋالغېنى چوقۇم قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىۋېشى .
* قىڭراقتىن بىرنى سېتىۋېلىپ ، تاماق ئېتىپ مېھمان كۈتكىلى پالاقلاپ ئۆيگە چاپسام : قاتىل ! دەرھال 110 غا تېلىفون قىلايلى ! .
* قارا تەرگە چۆمۈلۈپ ئۈچ چاقلىق رىكشا ھەيدىسەم : بۇقىدەك قاۋۇل تۇرۇپ كۆپىرەك پۇل تاپالمىغىنىنى ، ھۇ ، يارىماس !
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
ئىكـكـى مەســەل
تەجىربىلىك قۇرت
ياش قۇرتلار كىتابلارنىڭ مۇقاۋىسىنى يېيىشلىككەن ، دەپ ئاڭلاپ ، قېرى قۇرتتىن باشلاپ بېرىشكە ئۆتۈنۈپتۇ .
ــ ھەرگىز بولمايدۇ ، ــ دەپتۇ قېرى قۇرت ، ــ كىشىلەر يۈزەكى زىيانلارغا بەكراق سەزگۈر كېلىدۇ ، شۇڭا بىز كىتابلارنىڭ ئىچىنى يەپ قۇرۇقداپ قويساقمۇ ، ئۇلار ئاسانلىقچە بىلەلمەيدۇ .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
توشقاننىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى
توشقان ئۆڭكۈرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ كومپىيوتېردا خەت بېسىۋاتسا ، تۈلكە ئۇنىڭ ئالدىدا پەيدا بوپتۇ ــ دە ، توشقانغا : ــ سېنى يەيمەن ! ــ دەپتۇ . .
ــ ئالدىرىما ، مەن باكلاۋرلىق ئىلمىي ماقالەمنى پۈتتۈرىۋالاي ، ـــ دەپتۇ توشقان جاۋابەن . ــ قانداق باكلاۋرلىق ئىلمىي ماقالىسى ئۇ ؟ ـــ دەپ سوراپتۇ تۈلكە ئەجەبلىنىپ .
ــ ماقالەمنىڭ تېمىسى : « توشقان نېمە ئۈچۈن تۈلكىدىن كۈچلۈك ؟ » ــ دەپ جاۋاب بېرىپتۇ توشقان سىپايە قىياپەتتە .
تۈلكە قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ : ــ بەك كۈلكىلىك گەپكەن بۇ ، سەن قانداقسىگە مەندىن كۈچلۈك بولىسەن ؟!
توشقان ئاۋالقىدەكلا تەمكىن قىياپەتتە : ــ ئىشەنمىسەڭ ئارقامدىن ماڭ ، ساڭا بۇنى ئىسپاتلاپ بېرىمەن ، ــ دەپتۇ ــ دە ، تۈلكىنى ئۆڭكۈرگە باشلاپ كىرىپتۇ ، تۈلكە ئۆڭكۈردىن قايتىپ چىقماپتۇ .
توشقان يەنە ئۆڭكۈر ئالدىدا خەت بېسىشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ .
بىر چاغدا بۆرە توشقاننىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ ، ئوخشاشلا توشقانغا :
ــ سېنى يەيمەن ، ــ دەپتۇ .
ــ ئالدىرىما ، مەن باكلاۋرلىق ئىلمىي ماقالەمنى پۈتتۈرىۋالاي ، ماقالەمنىڭ تېمىسى : « توشقان نېمە ئۈچۈن بۆرىدىن كۈچلۈك ؟ » ــ دەپتۇ ، توشقان يەنە سىپايە قىياپەتتە .
بۆرە قاقاھلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ : ــ سەن قانداقسىگە ئۆزۈڭنى مەندىن كۈچلۈك دېيىشكە پېتىندىڭ ؟!
ــ بۇ راست ، ساڭا ئىسپاتلاپ بېرەلەيمەن .
توشقان شۇنداق دەپ بۆرىنىمۇ ئۆڭكۈرگە باشلاپ ئەكىرىپتۇ ، بۆرە ئۆڭكۈردىن چىقماپتۇ .
توشقان ئۆڭكۈر ئالدىدا ماقالىسىنى يېزىپ پۈتتۈرگەندىن كىيىن ، ئۆڭكۈرگە كىرىپ ، ماقالىسىنى سېسىق كېكىرىپ ياتقان شىرغا تاپشۇرۇپتۇ .
( بۇ يەردە ) ئىلمىي ماقالىنىڭ تېمىسى ھېچقانچە مۇھىم ئەمەس ، مەزمۇنىمۇ مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى ــــ ئىلمىي ماقالىنىڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىدە .
ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ بارغانسېرى ئوخشاپ قېلىش
* بۇ يىللاردا بەزى پروفېسورلار مەدداھلىق قىلىپ تەرەپ ــ تەرەپتىن پۇل تېپىپ ، بارغانسېرى سودىگەرگە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ ؛
بەزى سودىگەرلەر ئۆزىنى مۇنبەرگە بېغىشلاپ ، ئەسەرلەرنى يېزىپ ، نەشىر قىلدۇرۇپ ، بارغانسېرى پروفېسورغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .
* بەزى دوختۇرلار ئۆلۈۋاتقانلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ قۇتقۇزماي ، جان بىلەن ئوينۇشۇپ بارغانسېرى قاتىلغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ ؛
بەزى قاتىللار چاققانلىق بىلەن قول سېلىپ كېيىنكى ئاپەت ( يامان ئاقىۋەت ) نى قالدۇرماي ، بارغانسېرى دوختۇرغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .
* بەزى ساقچىلار زورلۇق ــ زومبۇلۇق ( ئۆكتەملىك ) قىلىپ ، بوزەكنى بوزەك ئېتىپ ، ياكى ياماندىن قورقۇپ ، بارغانسېرى لۈكچەككە ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ ؛
بەزى لۈكچەكلەر ھەممىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ،جۈرئەتلىك بولۇپ بارغانسېرى ساقچىغا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ .
شاھدىيار تەرىپىدىن 10- ئاينىڭ 14- كۈنى 21:39 دا تەھرىرلەندى[ بۇ يازما ئۇيغۇر -ئاي تەرپىدىن 2007-10-15 07:53 دە ]