بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى
«تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاپتور»لارنى باھالاپ، مۇكاپاتلاش پائالىيىتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!!! ھەممىڭلارنىڭ ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!
شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى روزى ھېيىت مۇناسىۋېتى بىلەن ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقى ۋە ئۇيغۇر توربەتچىلىكى ئۈچۈن ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان، يېڭى دەۋىردىكى مىللىي تور مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداپ، مىللىي خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئىلىم - پەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا تەماسىز ئىزدىنىۋاتقان تور دۇنياسىدىكى چەۋەندازلارغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن «بىلقۇت سوۋغىسى» پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇشنى قارار قىلدى. شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى بىر ئۇيغۇر كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن توربەتچىلىك ساھەسىدىكى ئۈن – تىنسىز ئىشلەۋاتقان مېھنەتكەشلەرگە رەھمىتىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشۇۋاتقان 10 توربەتتىن 10 دىن جەمئىي100 «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى»، 100 «مۇنەۋۋەر ئاپتور»نى باھالاپ چىقىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن شىركىتىمىز 2002 - يىلىدىن باشلاپ بىرلىكتە ئىزدىنىپ، كەڭ خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، يۇقىرى، يېڭى پەن - تېخنىكىنى خەلقىمىزگە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان «بىلقۇت خەزىنىسى» ناملىق كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى سوۋغا قىلىنىدۇ.
«بىلقۇت خەزىنىسى» كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى، مەشھۇر شەخسلىرى، تېبابەتچىلىك، ماقال - تەمسىللىرى، چۆچەك، رېۋايەتلىرى، چالغۇ – ئەسۋاب، يېمەك-ئىچمەك، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىق مەدەنىيەت خەزىنىمىزدىكى بىباھار گۆھەرلەرنى؛ كارتون ئېلىپبە، قانۇن - نىزام، ئىشارەت تىلى(گاس - گاچىلار ئۈچۈن)، پەلسەپە، تەنتەربىيە، فىزىكا، خىمىيە قاتارلىق 600 دىن ئارتۇق كەسپىي ساھە ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە 3 خىل تىل، 6 مىليوندىن ئارتۇق سۆز، ئاۋاز ھەم سۈرەت بىرگەۋدىلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭ كومپيۇتېرچىلىق تارىخىدىكى نامايەندە خاراكتېرلىك كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تېخى يېڭىلا دۇنياغا كۆز ئاچتى. دېمەك، بۇ يېڭى بوۋاق كەڭ خەلقىمىزنىڭ بىلىشىگە، ئاسرىشىغا، قارا قوللاردىن قوغداپ، يېتەكلىشىگە مۇھتاج. بىزنىڭچە ئۇيغۇر تور دۇنياسىدىكى قېرىنداشلار يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان، ئەخلاق – پەزىلەت ۋە تىرىشچانلىقتا خەلقىمىزگە ئۈلگە بولىدىغان ۋە ياخشىلىققا يېتەكلەيدىغان مۇنەۋۋەر كىشىلەردۇر. بىز ئىشىنىمىزكى بۇ پائالىيەتنىڭ ئۆتكۈزۈلىشى، ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىكى بۇ ئېسىل پەزىلەتلىك تۆھپىكارلىرىمىزغا ئىلھام ۋە مەدەت بولۇپلا قالماي، بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ خەلقىمىزنىڭ تىل ئۈگۈنىش، بىلىم ئىگىلەش، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئىشلىرىدا ئەڭ يېقىن دوستىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولغۇسى!(تەپسىلاتنى بىلقوت توربېكىتىدىن كۆرۈڭ http://www.bilqut.com.)... پائالىيەتنىڭ تەلىپى:
پائالىيىتىمىزگە قاتناشقان تۆۋەندىكى توربېكەتلەر ئۆز تور بەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچى ۋە 30دىن50 كىچە بولغان ئەزالىرىنى تاللاپ، ئۆز توربېتىنىڭ مۇنبىرى ياكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك سەھىپىسىگە قويۇپ «بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» نامىدا «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە «مۇنەۋۋەر ئاپتور»غا بىلەت تاشلاش پائالىيىتى ئېلىپ بارىدۇ، بۇ جەرياندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان توربەتلەر «بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇشى ۋە مۇۋاپىق سەھىپىلىرىدە ئېلان تەشۋىقاتىنى ئىشلەپ زىيارەتچىلەرگە بىلدۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك. پائالىيەتنىڭ ئۇسۇلى ۋە ۋاقتى:
«بىلقۇت سوۋغىسى پائالىيىتى» 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يەنى روزا ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى باشلىنىپ 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاياغلىشىدۇ. بۇ پائالىيەت پائالىيەتكە قاتناشقان 10 توربەتتە بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىپ، بىرلا ۋاقىتتا توختىتىلىدۇ. «تۆھپىكار باشقۇرغۇچى» ۋە مۇنەۋۋەر ئاپتور»لارنى باھالاشنى ھەرقايسى توربەتلەرنىڭ زىيارەتچىلىرى بىلەت تاشلاش ياكى ئاۋاز قوشۇش ئارقىلىق باھالاپ بېكىتىدۇ.
پائالىيەت ئاياغلاشقاندىن كېيىن ھەرقايسى توربەتلەردە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ئىسىم - فامىلىسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىلغان توربەتلەردە تەڭلا ئېلان قىلىنىدۇ. پائالىيەتكە قاتناشقان توربەتلەر مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تېلېفون نومۇرى، پوچتا نومۇرى قاتارلىق كونكىرىتنى ئالاقىلىشىش ئادرېسى بىلەن شىركىتىمىزنى تەمىنلەيدۇ. پائالىيەت مۇكاپاتىنى تەمىنلەش ئۇسۇلى:
بۇ پائالىيەتنىڭ مۇكاپاتىنى شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى تەمىنلەيدۇ. يەتكۈزۈپ بېرىشكە ھەرقايسى توربېكەتلەر ئۆزلىرى مەسئۇل بولىدۇ. شىنجاڭ «بىلقۇت» ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 0991 – 2552897 13999285547
=======================================================
تۆۋەندە سەلكىن تور بېكىتىنىڭ يوقارقى پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىش قائىدە - تەرتىپلىرىنى تونۇشتۇرىمەن .
1- باشقۇرغۇچىلارنى باھالاش ھەققىدە مۇنبىرىمىزدىكى نۆۋەتتە ھوقۇق يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق مۇنبەر باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ تىزىملىكى تۆۋەندىكىچە : ( ئىسىمنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋى يوق ) qokinat
ئادىلە
ئىشەنچ
ئەيساجان
خۇرسەن
خۇشخۇي
زۇلال
::چوغ::
matimatika
tajigul
tumuquk
zimistan
ئابدۇقادىر
ئۇيغۇر -ئاي
ئۈرۈمچى
ئۈمۈت
باغۋەن
باي-خېنىم
بوۋاي
تۈركەنئاي
دىلئارام0999
رۇسلان007
زىلالئاي
سىرلىق.شائىر
شاھدىيار
فىروزە
قامچا
قوغدىغۇچى
قەلىپداش
كىروران
كەلكۈن
پارول
چالقۇشى612
چايان-شاھ
چاپلىن
گۈزەل-تارىم
ھىجران
ھۆكۈمران
يوقارقىلار سەلكىن مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇنبەر باشلىقى ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ، بەلكىم بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى تورداشلار ئۇچرىتىپ باقمىغان بولۇشى مۈمكىن ، لىكىن كۆپىنچىسى مۇنبىرىمىز ۋە تورداشلار ئۈچۈن ئەجىر قىلىۋاتقان جاپاكەش باشقۇرغۇچىلىرىمىزدۇر. تورداشلار يوقارقى باشقۇرغۇچىلاردىن « بىلقۇت سوۋغىسى » مۇكاپاتى ئۈچۈن 10 نەپەر مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچىنى تاللاپ ئاۋاز قاتناشتۇرسا بولىدۇ . ئاۋاز قاتناشتۇرۇشتا تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئالدىن ئويلىشىڭ : 1-تىما تەھرىرلەشتە ۋە تەستىقلاشتا ئەستايىدىل ھەم ئاكتىپمۇ ؟ئۆزىنىڭ ئىمزاسىنى قويۇپ ئەستايىدىل تەستىقلامدۇ ؟ 2- تورداشلار ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلىشقا تىرىشامدۇ ؟ 3- تورداشلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلامدۇ ؟ 4- مۇنبەر قائىدىسىگە خىلاپ تىما ۋە ئىنكاسلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، ئۈچۈرۈپ تۇرامدۇ ؟
5- تىما ياكى ئىنكاس ئۈچۈرگەندە يوللىغۇچىغا قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق ئەسكەرتەمدۇ ؟
6- ئۆزى ئىزدىنىپ تورداشلارغا ياخشى مەزمۇنلارنى سوۋغا قىلىپ تۇرامدۇ ؟ ئىنكاس يوللاشتا ئاكتىپمۇ ؟
7- مۇنبەرگە كىرىش ۋاقتى ۋە قېتىم سانى كۆپمۇ ؟ مەسئۇلىيەتچانلىقى قانچىلىك ؟
2- مۇنەۋۋەر ئەزالارنى باھالاش
مۇنبىرىمىزدىكى باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا ھەرقانداق ئەزا بۇ پائالىيەتتە باھالىنىش ھوقۇقىغا ئىگە . مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ قۇشىدىغان ، ئۆزى ئەجىر قىلىپ ياخشى مەزمۇنلارنى يوللايدىغان ، مۇنبەر قائىدىسىگە ئاڭلىق بويسۇنىدىغان ، تىما يوللاش ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشتا قىزغىن ، مۇنبەر كەيپىياتىنى يوقۇرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ بولغان ، سەلكىن مۇنبىرىنى قەدىرلەيدىغان مۇنەۋۋەر مۇنبەر ئەزاسىدىن 10 نەپەر تاللىنىدۇ.
%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%%
سەلكىن ئاۋازلىق چايخانىسىدىكى نادىر باشقۇرغۇچىلارنى باھالاش ھەققىدە
سەلكىن ئاۋازلىق چايخانىسى ( مەيىن شامال چايخانىسى ) سەلكىن تور بېكىتىنىڭ بىۋاستە باشقۇرۇشىدىكى ئاۋاز ۋە يېزىق ئارقىلىق سۆھبەت ۋە ئالاقە ئېلىپ بارىدىغان چايخانا سورۇنى بولۇپ ، نۆۋەتتە چايخانىمىزدا 10 نەپەر ئاساسلىق باشقۇرغۇچى ، 200 غا يېقىن رىياسەتچى باشقۇرغۇچى بار، بۇلار ئاۋازلىق چايخانا پائالىيىتىنىڭ تەرتىپلىك ، نۇرمال ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن كىچە - كۈندۈز جاپالىق ئەجىر قىلىپ كەلدى ۋە قىلماقتا، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتلاش پائالىيىتىدە ئاۋازلىق چايخانىمىزدىن 10 نەپەر نادىر باشقۇرغۇچى باھالاپ ، بىلقۇت سوۋغىسىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن قىلماقچى ، بۇ ھەقتە ئاۋازلىق چايخانىدا مەخسۇس باھالاش يىغىنى ئېچىلىدۇ، شۇنداقلا مۇنبىرىمىزدىكى ئاۋازلىق چايخانا ئەزالىرى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پىكىرى ئېلىنىدۇ .
تورداشلار ۋە باشقۇرغۇچىلار تۆۋەندە ئىنكاس ئارقىلىق ئاۋاز قاتناشتۇرسا بولىدۇ . مۇنەۋۋەر باشقۇرغۇچى ۋە ئەزالارنىڭ ھەر قايسىنى ئايرىم يېزىپ يوللىسا بولىدۇ، ھەر بىر تۈردىكى ئادەم سانى چوقۇم 10 دىن ئاشماسلىقى كىرەك . پائالىيەت ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئاخىرقى نەتىجە ئېلان قىلىنىدۇ .