Quote:
بۇ مەزمون 4 - قەۋەتتىكى زەررەئۇچقۇنى نىڭ 2007-10-12 00:22 دە يوللىغان يازمىسى“”:
باغۋەن ئەپەندىم تارىخىمىزدىن خىلى خەۋىرىڭلار بار ئۇخشايدۇ،مەن خۇجانىيازھاجىنىڭ قانداق بۇلۇپ ئۇرۇمچىگە بىرىپ تۇرمىغا چۇشۇپ قالغانلىغغا ھازىرغىچە كۇڭلۇم يىرىم شۇڭا بۇلسا شۇ ئىشنىڭ ھەققىتىدىن بىر بەھرىمان بۇلسام،كۇڭلۇم ئارام تاپاتتى،؟؟؟؟؟

خوجىنىياز ھاجىم ئۈچ ئەلاد قۇللۇقتا ئۆتكەن قۇل دورغىسى ئىمىننىياز ئائىلىسىدە 1889-يىلى دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئائىلە تەربىيىسىنى ئالغاندىن كېيىن دادىسى ئىمىننياز دورغا خوجانىيازنى قۇللادىن يىراق تۇتۇش ئۈچۈن ،قۇمۇلغا ئەۋەتىپ ،قۇمۇل شەھرىدىكى خانلىق مەدىرىسكە ئوقۇشقا بېرىدۇ.(خوجىنىياز بۇ مەدرىستە شاھ مەخسۇتنىڭ نەۋرىسى بېشىر شاھزادە بىلەن بىرگە ئوقۇيدۇ). خوجىنىياز كىچىكىدىن كەم سۆز،تېز ئاچچىغى كېلىغان،زېرېك،ئۇچۇرغان ھادىسە-ۋەقەلەرنى تېز تەھلىل قىلىپ ئۈلگۈرەلەيدىغان،ئۆتكۈر،قاۋۇل ھەم يۈرەكلىك بولۇپ يېتىلىدۇ.ئۇ مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىدا ئۇستازىدىن كۆپ سۇئال سورايتتى.
ۋاڭلىق بەلگىلىمىدە ،قۇللار بالىلىرىنى 18 ياشقا كىرگەندە ۋاڭنىڭ تىزىمىغا ئالدۇرۇشى كېرەك.شۇنىڭدىن كېيىن تىزىمغا ئېلىنغان قۇلغا بېقىش ئۈچۈن چارۋا،تېرىش ئۈچۈن يەر بېرىلەتتى.ئىمىننياز دورغا ئوغلىنىڭ قۇللار تىزىملىكىگە كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ،ئۇنى 17 يېشىدىلا ساۋۇراخۇن دىگەن قۇلنىڭ قىزىغا ئۆيلەپ ،ئۆيىنى ئايرىپ قويىدۇ.1907-يىلى 1-ئايدا ئىمىننىياز ئاخۇن ئائىلىسىگە شىڭشىڭشىيادىكى ھۆكۈمەت چېرىكلىرىگە ئوتۇن،سامان ئاپىرىش ئالۋىڭى كېلىدۇ.ئىمىننىياز ئاخۇن شۇ ئالۋاڭغا ئوغلى خوجىنىيازنى ئەۋەتىدۇ...
خوجىنىيازلار سەيسىنى تۈگۈتۈپ قايتىشىدا يولدا جۇدۇن بولۇپ قالىدۇ.سەيسىچىلەر يولدىن ئېزىپ قېلىپ،نۇرغۇن ئادەم ۋە ئات ،ئېشەكلەر ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇ ئالۋانغا مەسئۇل بولغان ئوردا بېگى ئسھاق بىلەن خوجىنىياز قاتارلىق ئۈچ كىشى ھايات قالىدۇ. بۇلار ئاچچىقسۇ دىگەن دېگەن يەردىكى چازاغا كەلگەندە ،گەنسۇ تەرەپتىن ھارۋىدا كېلىۋاتقان ھارۋىكەش بىلەن 20نەپەر چېرىكنىڭ توڭلاپ ئۆلگەنلىگىنى كۆرۈدۇ.بۇ چازىدا تۇرغان چېرىك ئەمەلدارلار بۇ ئۈلۈكلەرنى كۆرسۈتۈپ:«يۇقۇردىن ئۇقتۇرۇش كەلدى،بۇلارنىڭ يېنىدا ئىككى جىڭ ئەپيۇن،50سەر تەڭگە بار ئىكەن،لېكىن بىز ئۇلارنىڭ يېنىنى تەكشۈرسەك يوق تۇرۇدۇ،بۇنى سىلەر ئوغۇرلاپ كېتپسىلەر»دەپ خوجىنىياز باشلىق ئۈچ كىشىنى تەكشۈرۈدۇ.نەتىجىدە خوجىنىيازنىڭ يېنىدىن دادىسى يول خىراجىتى ئۈچۈن بەرگەن بىر سەر تەڭگە پۇل چىقىدۇ.چېرىكلەر بۇنى كۆرۈپ،باقىلارنى قويىۋېتىپ ،خوجىنىيازنى تۇتۇپ قېلىپ ، قالغان پۇللارنى تاپشۇرۇشقا قىستايدۇ بىر ئاي ئېغىر ئەمگەككە سالىدۇ.بىر كۈنى قۇمۇل تەرەپتىن كېلىپ بۇ چازىغا چۈشكەن ھارۋىكەشلەر قۇمۇلدا «تورپاقلار قوزغىلىڭى» بولغانلىغىنى،بۇ قوزغۇلاڭنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچۈيۈپ،شەھەرگە ھۇجۇم قىلىش ئالدىدا تۇرغانلىغىنى ئېيتىشىدۇ.
خوجىنىياز بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ،شۇ كېچىسى ھارۋىكەشلەرنىڭ بىر ئېتىنى ئېلىپ تاغ ئىچى -ئوغرى يولى بىلەن قېچىپ ئۆز يۇرتىغا بارماي ،قوراي يېزىسىغا كېلىدۇ.
خوجىنىياز قوراي يېزسىغا كەلگەندە ،قورايدىكى 300دىن ئارتۇق كىشى تولۇشۇپ قۇمۇل شەھرىگە -ۋاڭ ئوردىسىغا تەييارلىنىۋاتقان ئىدى.خوجىنىياز ھاجى بۇ قوزغىلاڭغا ئىشتىراك قىلىدۇ.خوجىنىيازنىڭ ياش،قابىللىقى،ئەقىل پاراسىتى ۋە تارتقان ئازاپ ئوقۇبەتلىرى ،جۈملىدىن قوزغىلاڭ قىلىش ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى كۆرگەن قوزغىلاڭچىلار خوجىنىيازنى قوشۇنغا ئالىدۇ ،ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ،ئۇنى قوزغۇلاڭنىڭ مۇھىم ئادەملىرى قاتارىغا قويۇدۇ.
قوزغۇلاڭچىلار ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئىسىكىنى تاش-كېسەك بىلەن تاقايدۇ.بىراق كۈتۈلمىگەندە ئۇلار ئوردا ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولىدۇ.قوزغۇلاڭ باستۇرۇلىدۇ.خوجىنىياز تاراتۇغا كېتىدۇ.شاھ مەخسۇت ۋاڭ قوزغىلاڭچىلار ئەھۋالىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن ،خوجىنيازنىڭ بۇ قوزغىلاڭنىڭ مۇھىم ئادىمى ئىكەنلىگىنى بىلىپ،ئۇنى ئىزلەيدۇ.خوقىنىيازنى تۇتالماي ئامالسىز قالغان ۋاڭ ئۇنىڭ دادىسى ئىمىننىياز دورغىنى زىندانغا تاشلايدۇ.خوقىنىيازنى تۇتۇش توغرىسىدا مۇنداق ئېلان چىقىرىدۇ : «خوجىنىياز شارلا تېغى - تاراتۇ تېغىدىن ئىمىىننىياز قۇلنىڭ ئوغلى.ئۇ شىڭشىڭشىيا يولى ئاچچىقسۇ چازىسىدىن ھۆكۈمەتنىڭ 50سەر تەڭگە،ئىككى جىڭ ئەپيۇن،بىر ئاتۋە جۇۋا ....نەرسىلەرنى ئوغۇرلاپ ،قورايدىن چىققان تورپاقلار قوزغۇلىڭىغا قاتناشقان،ئۇ پاكار بوي ،يۇمۇلاق يۈز ،دۈگۈلەك كۆز ،قارا قاش ئادەم،ئۇنى كۆردۈم دىگۈچىلەر ئۈچ يامبۇياكى ئۈچ ئات ،تۇتۇپ بارگەن كىشىگە 12يامبۇياكى 12ئات ئىنئام بېرىلىدۇ» .ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن خوجىنىيازنى ئىزدىگۈچىلەر كۆپۈيۈشكە باشلايدۇ.خوجىنىياز ئانىسىنىڭ ياردىمى بىلەن يۇشۇرۇن ھالدا تۇرپانغا بېرىپ ، ئىسھاق دىگەن نام بىلەن ئاستانە مەدىرسىدە بىر يىل مەخسۇت مۇھىتى،مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن بىللە ئوقۇيدۇ.
شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ خوجىنىيازنى تۇتۇش ھەركىتى تۇرپانغىمۇ يېتىپ بارىدۇ.بۇ يەردىمۇ ئڭنىڭغا ئاراملىق بولمايدۇ.ئاخىر ئانىسى ئۇنى ھەجىگە بارىدىغانلارغا قوشۇپ ،ھەرەمگە يولغا سالىدۇ .
ئۇ ھەج قىلىپ بولۇپ،قايتىپ كېلىشكە پۇلى بولمىغاچقا ،شۇ جايدىكى بىر باينىڭ خورمىزارلىقىدا ئۈچ يىل ئىشلەپ ،يول خىراجىتىنى ھازىرلاپ ئاندىن ۋەتەنگە قايتىدۇ.1912-يىل بېشىدا ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىدۇ.
* * *
1912-يىلى ،قۇنۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇت ئۆزى ئۈچۈن خەتەرلىك دەپ ھىساپلىغان ئادەملەرنى ئەسكەرلىككە ئالىدۇ ۋە ئۈرۈمچىگە يولغا سالىدۇ.بۇ ئەسكەرلەر ئىچىدە تومۈر خەلىپىمۇ بولۇپ،ئۇ يولدا ئەسكەرلىرىگە باشچىلىق قىلىپ ،قوزغىلاڭ كۆتۈرۈدۇ.ئۇ قوشۇننى باشلاپ كېلىپ ،قورالنىڭ ئۇچىنى قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتقا قارىتىدۇ.ئازاپ چەككەن قۇمۇل خەلقى بۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. بۇ ۋاقىت خوجىنىياز ھاجىنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەن ۋاقتى بۇلۇپ،خوجىنىتاز ھاجى بۇ قوزغۇلاڭغا پىدائى بولىدۇ بىر قانچە قېتىملىق جەڭدە جاسارەت بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ،كۆزگە كۆرۈنىدۇ -دە ،تۆمۈر خەلىپە قوشۇنىدىكى باتۇرلار سېپگە قوشۇلۇدۇ.خوجىنىياز ھاجى بىر تەرەپتىن ئۇۇرۇشقا قاتناشسا ،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تۆمۈر خەلىپىگە مەسلىھەتچى بولىدۇ.تۆمۈر خەلىپە قوزغۇلۇڭى «سۈلىھ» بىلەن تېنچىتىلغاندا خوجىنىياز ھاجى ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ،مىلتىق ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىدۇ.1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ،قۇمۇل ۋاڭى تۆمۈر خەلىپىنىڭ قاكدۇق قىسىملىرىنى يوقۇتۇشقا قوشۇن ئەۋەتىدۇ.
خوجىنىياز ھاجى تاغدىكى قوشۇنلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ ،بىر مەزگىل ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇدۇ. قورال -ياراغنىڭ ناچار بولۇشى ،سان جەھەتتىن ئاز بولۇشتەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ،خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلارنى تارقىتىۋېتىپ ئۆزىلا يەككە قالىدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ بارلىق چارە-تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىپ ،خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇغقا كىرىشىدۇ.
* * *
1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى تۆمۈر خەلىپە ئۆلتۈرۈلدى.بۇنىڭدىن خوشاللىغى ئىچ-ئىچىگە سىغماي قالغان شاھ مەخسۇت ۋاڭ قالغان قوزغۇلاڭچىلارنى بېسىقتۇرۇش ئۈچۈن 12تاغ،بەش شەھەرگە لەشكەر چىقىرىپ ،تېنىتىش ئېلىپ بېرىپ قوزغۇلاڭ ئىشتىراكچىلىرىنى بېسىقتۇرۇشقا كىرىشتى. پۈتۈن قۇمۇل زېمىنىدا خوجىنىياز ھاجىنىڭ دەسسەشكە ئايىغى ئەمەس ،بەلكى تىنىقى چىققىدەكمۇ بوشلۇق قالمىدى.......
خوجىنىياز ھاجى بارىكۆل ئارقىلىق ئالتايغا بېرىپ تاشقى موڭغۇلىيىگە بېرىشنى پىلانلىدى -دە،بارىكۆلگە بېرىش بىلەنلا ئىسمىنى يەنە ئسھاق دەپ ئاتاپ ،ئالتاي چىڭگىلدە ئاكام بار ،شۇنى ئىزلەيمەن .دەپ يۈردى.
خوجىنىياز ھاجى ئالتايغا قاراپ يولغا چىققاندىن كېيىن ،يولدا قامزا دىگەن بىر قازاق يىگىتى بىلەن ئۇچىرشىپ ،ئۇنىڭغا ھەمراھ بولدى.(قامزا ئەسلىدە بارىكۆل ،ئالتاي ئارلىقىدا ئوغۇرلۇق ،بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان داڭدار ئوغرى ئىكەن).يول ئۈستىدىكى بىر قونالغۇدا ،قامزا خوجىنىياز ھاجىم ئۇخلاپ قالغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ،ئۇنىڭ ياخشى ئېتىنى ،ئۆزىنىڭ توكۇر بايتىلىنى تاشلاپ كېتىدۇ .خوجىنىياز ھاجىم ئامالسىز قېلىپ ئالىپ ئوكۇرداينىڭ .ئاۋۇلىدا بىر يىل قوي باقىدۇ.ياڭ زېڭشىن بى؛ەن شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز كېلىشىمى بويىچە ،ىوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇش قارارىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.ھەممە يەرگە تەڭ ئېلان تارقىتىدۇ.تاغلىقلار ئالىپ ئوكۇرداينىڭ مالچىسى ئىسھاقتىنمۇ گۇمانلىنىدۇ ھەتتا تۆت قازاق يىگىتى ھاجىمنى تۇتقىلى كېلىدۇ.خوجىنىياز ھاجىم بۇلارنىڭ ھەركىتىنى سېزىپ قېلىپ ئالىپ ئوكۇرداينىڭ بىر ئېتىنى مىنىپ ،ئۇ قايدىن كېتىپ قالىدۇ.بەختىگە قارشى ئات ئۆلۈپ پىيادە قالىدۇ.ئۇ بىر قانچە كۈن جاپالىق يول يۈرۈپ چۆچەككە يېتىپ كېلىدۇ .
خوجىنىياز ھاجى چۆچەكتە بولغان مەزگىلدە ئىسمىنى قامزا ،دەپ ئاتايدۇ.چۈنكى بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى كىيىم-كېچەك ،گەپ-سۆز جەھەتتىن قازاقلىشىپ بولغانىدى .شۇ كۈنلەدە خوجىنىياز ھاجى مامۇت باي دىگەن ئۇيغۇر چارۋىچىنىڭ مېلىنى باقىدۇ.مامۇت باي ئۆزىگە سادىق بۇ مالاي«قامزا»غا ئىشەنچ باغلايدۇ -دە،قويلارنى بورتالانىڭ قىزىل يۇلتۇز دېگەن يېرىگە ئاپىرىپ بېقىشنى تاپىلايدۇ.خوجىنىياز ھاجى بورتالاغا بارغەندىن كېيىن بىر تەرەپتىن مامۇت باي قويلارنى قوغداش ئۈچۈن بەرگەن قورال بىلەن ئوۋچىلىق قىلىدۇ. شۇ باھانە بىلەن قارىغا ئېتىشنى مەشىق قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجى ئۆزى ئوۋلىغان ئۈچ دانە بۆكەن مۈڭگۈزىنى مامۇت بايغا بېرىدۇ .مامۇت باي بۇنىڭدىن بەكمۇ رازى بولىدۇ ۋە خوجىنىياز ھاجى (قامزا) نى يېتەرلىك ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇدۇ.خوجىنىياز ھاجىنىڭ مالچىلىق كۈنلىرى ئوۋچىلىق قىلىش ۋە قارىغا ئېتىش بىلەن ئۆتىدۇ.
شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆز شايكىلىرىنى خوجىنىياز ھاجىنى تەرەپ-تەرەپكە يولغا سالغانىدى .ئۇلار خوجىنىياز ھاجىنىڭ چۆچەكتە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ۋاڭغا مەلۇم قىلىدۇ.شاھ مەخسۇت ۋاڭ توخسۇنلۇق نىياز شەنزۇ(شەنزۇ-يېرىم ھاكىم)نى خوجىنىياز ھاجىنى تۇتۇپ كېلىشكە ئەۋەتىدۇ.خوجىنىياز ھاجى بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ۋەتەندىن چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ -دە،چېگرىدىن ئۆتۈپ چارروسىيىگە بارىدۇ.
* * *
خوجىنىياز ھاجى چېگرىدىن ئۆتۈپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رايۇنى-يەركەنتكە بارىدۇ ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر قىشلاققا ئورۇنلىشىدۇ.ئۇزۇن ئۆتمەي شۇ جايدىكى ئۇيغۇر،قازاق قېرىنداشلار بىلەن چىقىشىپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ دوست -بۇرادەرلىرى بارغانسىرى كۆپۈيۈشكە باشلايدۇ.خوجىنىياز ھاجى چېگرىدىن ئۆتۈش ئالدىدا،بورتالادىن ئوۋلىغان بۆكەن مۈڭگۈزىنى مامۇت بايغا بېرىشكە ئۈلگۈرەلمەي ئېلىۋالغانىدى .خوجىنىياز ھاجى بۇ مۇڭگۈزلەرنى يەركەنت بازارىدا غۇلجىلىق ۋەلباي دېگەن كىشىگە ساتىدۇ. ۋەلباي مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوجىنىياز ھاجى بىلەن تونۇشىدۇ ھەم ئۇنىڭ داۋاملىق ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرىشىغا ئات ،تايغان،ياخشى قورال ۋە ئوق -دورا بېرىدۇ.
خوجىنىياز ھاجىنىڭ شارائىتى ياخشىلىنىدۇ.ئۇ ئوۋچىلىق ئىشى بىلەن چارروسىيىنىڭ بىر قانچە چوڭ -كىچىك شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ چىقىدۇ.كۆپلىگەن كىشىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولىدۇ.يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىدۇ. .ئاڭ سەۋىيىسى ئۆسىدۇ.جەمىيەت ۋە ھاياتنى چۈشۈنىدۇ. چارروسڭيىنىڭ سىياسى،ئىجتىمائى ۋەزىيىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ سىياسى،ئىجىتىمائى ۋەزىيىتىنى سېلىشتۇرىدۇ.چارروسىيىدىكى ئىلغار تىپلىق قورال ياراغلارنى كۆرۈپ ،1907-يىلىدىكى«تورپاقلار قوزغۇلىڭى»ۋە 1912-يىلىدىكى «تۆمۈر خەلىپە قوزغۇلىڭى» دا ئىشلەتكەن قارا مىلتىق ۋە 9،10،11،12،ئاتار مىلتىقلارنى ئەسكە ئېلىپ ،«ھەتتىڭەي،ئەگەر شۇ ۋاقىتلاردا مۇشۇنداق قوراللار قولىمىزدا بولغان بولسا ،تەغدىرىمىز ئاللاقاچان ھەل بولۇپ ،زۇلۇمغا زاۋال ئاتا قىلغان بولۇركەنمىز،....ھېلىمۇ خۇدا نۇسرەت قىلسا ،خەلقىم بىلىن بىرلىكتە مەقسەتكە يىتۇرمەن ...»دەيدۇ.
1917-يلى روسىيە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى پارتىلاپ غەلبىگە ئېرىشتى .ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلبىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېزىلگۈچى خەلق ۋە مىللەتلەرنى ئويغاتقىنىدەك، ئۆمۈر بويى ئىنقىلاب ئارزۇسىدا چەت جايلاردا خارى -زارلىقتا تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان خوجىنىياز ھاجىمنىمۇ ئويغاتتى.ئۇنىڭ كۆڭلىدە يانغان ئىنقىلاب ئوتى ئۇنى قوراللار بىلەن تونۇشۇش،نوقتىلىق ھەربي تەلىم -تەربىيە ئېلىشقا ئۈندىدى. ئۇزاق ئوتمەي ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى.
ئۆكتەبىر ئىقىلابى غەلبىسىدىن كېيىن ،روسىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن روسىيە گىراژدانلىرىغا ھەربى تەلىم -تەربىيە ئېلىپ بېرىش لازىملىقى ھەققىدە مۇراجئەتنامە ئېلان قىلدى. خوجىنىياز ھاجى ھەربى -تەلىم تەربىيە ئالىدىغانلىغىنى بىلدۇردى.ۋەلباي ھىممەت بىلدۇرۇپ ،خوجىنىياز ھاجىمنى ئۆز ئوغلى نامىدا تىزىمغا ئالدۇردى . ئۇ ھەربى تەلىم -تەربىيە جەريانىدا ئۇرۇش قانۇنىيەتلىرى نەزىرىيسىنى ئوبدان ئىگەللىدى. بارلىق ئېغىر -يىنىك قوراللار،ھەر خىل چوڭ -كىچىك تىپتىكى توپ زەمبىرەكلەر ۋە پارتىلاتقۇچ دورىلار بىلەن تونۇشتى.ھەتتا زېنت پىلىموتقا قەدەر تونۇشۇپ چىقتى.ئۇىنىڭ كونا مەرگەنلىكى بىلەن قارىغا ئېتىش ماھىرى بۇلۇپ قالدى. تەلىم -تەربىيىنى ئالى نەتىجە بىلەن ئاياغلاشتۇردى.
خوجىنىياز ھاجىم ھەربي تەلىم -تەربىيە ئالغاندىن كېيىن ،روسىيىنىڭ بىر قانچە شەھەرلىرىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتىنىڭ ۋاستاسى بىلەن روسىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئەڭ دەسلەپ قۇرۇلغان «كالتە چاپانلار تەشكىلاتى»،«مەدەنىيەتپەرۋەرلەر تەشكىلاتى» ۋە «ئۇيغيرلار ئىتتىپاقى» نىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ھەمدە 3-ئنتېرناتسىئۇنالنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىلى ئابدۇللا روزىباقىيۇۋ قاتارلىقلار بىلەن كۆۈشتى ۋە سوھبەتتە بولدى.بولۇپمۇ شىنجاڭلىق سودىگەرلەر كۆپرەك بلغان شەمەي ،زەيسان ،توقماق ،قارا قول ...قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ،شىنجاڭلىق سودىگەرلەر بىلەن ئۇچىرشىپ ،ئۇلار بىلەن تونۇشتى.كونا ساۋاقدىشى مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار بىلەن شىنجاڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ ،شىنجاڭدا سوۋېت ئوكتەبىر ئىنقالابىنىڭ تەجىربە -ساۋاقلىرى بويىچە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىش قارارىغا كېلىشتى .لېكىن شارائىت ئۇلارنىڭ ھەركەت ئېلىپ بېرىشىغا يار بەرمەيتتى .خوجىنىياز ھاجى 1923-يىلغىچە روسىيىدە بولۇپ ،بۇ مەزگىلدە ئۆتكۈر سىياسى پىكىرلىك ،يۈكسەك ھەربى ماھارەتكە ئىگە ،ئاقىل پاراسەتلىك بىر كىشى بولۇپ يېتىلدى.
1923-يىلى روسىيە ئىچكى ئۇرۇش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن ،شىنجاڭلىق سودىگەرلەر ۋەتەنگە كايتىشقا باشلىدى.بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجىممۇ ۋەلباي بىلەن ئىلىغا كەلدى.ئىلىدا تۇرغان مەزگىلدە ۋەلباينىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن ھۈسەن باي ھاجىم ،ياقۇپ باي ۋە ھەكىم بەگ خوجىلار بىلەن ئۇچراشتى.
خوجىنىياز ھاجى روسىيىدىن ۋەتەنگەن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بىر مەزگىل ئىلىدا تۇردى،كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ ئۈرۈمچىدە تۇردى.ئۈرۈمچىدە تۇرغان مەزگىلىدەتەشكىللىك ۋە پىلانلىق ھالدا تەشكىللەش خىزمىتىبىلەن شۇغۇللاندى.شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۇرت كاتتىلىرى ،ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەت باغلىدى.ئۇلارنىڭ ئىنقىلاب قىلىش ئېڭىنىڭ ئۆسۈشىگە يادەم بەردى،خوجىنىياز ھاجى خەلقنى ئويغۇتۇش ئىشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىنى ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ بەردى .(پىشقەدەم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا ،كىشىلەر روسىيىدە بولغان ئۆزگۈرۈشلەرنى پەقەت خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىغانلىقىنى ،بۇرۇن بۇنداق سۆزلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە يوقلىقىنى ئېيتقان ).ئۇ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ قۇمۇل ،تۇرپان ،توقسۇن ،ئالتاي ،ھەتتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتىكى سىياسى ۋەزىيەتنى كۆزىتىدۇ ،جايلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەيدۇ.
1927-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەخمۇت مۇھىتىلار بىلەن كېلىشىپ ،خوجىنىياز ھاجى قۇمۇلدا ،مەخسۇت مۇھىتىلار تۇرپاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ .
1927-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خوجىنىياز ھاجىم دادىسىنىڭ ۋاپات بولغان خەۋىرىنى ئاڭلاپ ،قۇمۇلغا بارىدۇ ھەم مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قۇمۇلنىڭ ئەجىتمائىي ئەھۋالىنى كۆزىتىدۇ.1928-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئۆلۈپ ئورنىغا ئوغلى نەزەر ۋاڭ بولىدۇ.-1928-يىلى 7-ئاينىڭ 7- كۈنى ،ياڭ زېىڭشىن فەن ياۋنەن تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن جىن شۇ رېن فەن ياۋنەننى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالىدۇ.قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بولىۋاتقان بۇ ئۆزگۈرۈشلەر قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنىڭ جىددى ئېلىپ بېرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
جىن شۇرېن ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەنلا «جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدە ۋاڭلىق ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ،بۇنىڭدىن كېيىن ۋاڭلىق دېگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس »دەيدۇ. ئۆزىگە نۇرغۇن سوۋغا -سالاملارنى نەزەر ۋاڭنى ئۈرۈمچىدە ئېلىپ قېلىپ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەزاسى قىلىپ بەلگىلەيدۇ.
شىنجاڭدا ئومۇمىيۈزلۈك ھاكىملىق تۈزۈم ئورنىتىلىدۇ.قۇمۇل ئۈچ ناھىيىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىنىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتتىن كېيىن مەخسۇت مۇھىتى ۋە تاھىر بەگلەر (1929-يىلى)سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئىلغار ئىنقىلاب تەجىربىسى ۋە ئىلىم -پەن ،مەدەنىيەت -مائارىپىنى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ،سودىگەرچىلىك باھانىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ ،موسكۋا قاتارلىق جايلاردا بولىدۇ. ھەر ساھەلەردىن ئۆگۈنۈش ئېلىپ بارىدۇ.
* * *
«بۆرىدىن قۇتۇلۇپ ،يولۋاسقا تۇتۇلدۇم » دىگەندەك ،قۇمۇل ۋاڭنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتۇلدۇق ،ئويلىغان خەلق ھىلىگەر جاللات - جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ چېرىك ئەمەلدارلىرىنىڭ دەھشەتلىك زۇلۇمى ئاستىدا قالىدۇ.
جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭ قول-چوماقلىرى ئاسانلا قولغا كېلىپ بۇ «تاجۇ -تەخت »نىڭ ئۇزۇن دەۋر سۈرەلمەيدىغانلىغىنى ياخشى بىلەتتى .شۇڭا ئۇلار بۇ «ئامەت » پايدىلىنىش ئۈچۈن بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ،ئاۋان -ياساقلارنى كۆپەيتتى .خىيانەتچىلىك ،پارىخورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىپ ،خەلقنى ئازابلاش بەدىلىگە ئۆز چۆنتەكلىرىنى تولدۇرۇشتى .خەلق بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولدى. شۇ ۋاقىتتا ئايرىم كىشىلەر ئىچىدە ؛«چىچەنگە ئۇنىماي ،باچەنگە ئۇنىدۇقمۇ؟»، «بۇ قانداق يېڭى ھۆكۈمەت بولسۇن ،بۇنداق ھۆكۈمەتتىن ۋاڭ ياخشى ئىكەنغۇ «دىگەندەك پاراڭلارمۇ بولدى.خەلىقنىڭ بۇ ئىنكاسى بەزىلەر دىگەندەك ھەرگىز قۇمۇل خەلقىنىڭ ۋاڭلىق تۈزۈمىنى قايتا تىكلەشنى تەلەپ قىلىش بولماستىن ،ئەكسىچە جىن شۇرېن ھاكىمىيىتى ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت ئىدى.
بۇ ۋاقىتتا پۇرسەتتىن پايدىلانغان يولۋاس خەلقنڭ بۇ خىل پىكىرنىڭ پىكرىنىڭ ھىمايىچىسى بولىۋالىدۇ-دە ،نەزەر ۋاڭ قۇمۇلدا بولمىغانلىغى ئۈچۈن بېشىر شاھزادىنى (ئەينى ۋاقىتتا ئوردا ھەربىي ئىشلار نازارەتچىسى ئىدى) ۋاڭ قىلىپ تىكلەپ ،ئۆزى ئوردا بېگى بولىۋالىدۇ .قۇمۇل جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىغىدىن ئايرىلىدۇ.جىن شۇرېن نەزەرنى ئۇلارغا نەسىھەتكە ئەۋەتىدۇ.لېكىن بېشىر ۋە يولۋاسلار نەزەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمايدۇ .نەزەر ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈدۇ.
بېشىر شاھزادە ۋاڭ بولغاندىن كېيىن ،ئوردا قائىدىسى بويىچە تاغلىق پالۋانلارغا مىلتىق تارقىتىپ ،بىر تال مىلتىق ئۈچۈن ئىككى دانىدىن بۇغا مۈڭگۈزى تاپشۇرۇش ئالۋىنى قويدى .بۇ قېتىم تاراتۇ تېغىغا قويۇلغان ئالۋانغا خوجىنىياز ھاجىممۇ قاتناشتى .خوجىنىياز ھاجىم ۋاڭ بەرگەن ئىككى دانە مىلتىققا مەقسەتلىك ھالدا ئالتە دانە بۇغا مۇڭگۈزى تاپشۇردى .بۇنى كۆرگەن بېشىر ۋاڭ ھەيران بولۇپ ئەھۋالنى سورىغاندا ،مال تاپشۇرغۇچىلار :«تاراتۇ تېغىدىن بىر مەرگەن چىقتى ،ئاتقان ئوقى زايا كەتمەيدۇ،ئۇچار قۇشلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ »، دەپ تەرىپلىدى .ۋاڭ ئۇ كىشىنىڭ ئىسمىنى سورىغاندا ،بىز ئۇنى «پالۋان دەپلا ئاتايمىىز ،ئاڭلىساق ئۆزلىرى بىلەن مەدرىستە بىللە ئوقىغان كىشى ئىكەن »-دەيدۇ .بېشىر ۋاڭ سۈرۈشتۈرۈپ ،بۇ كىشىنىڭ خوجىنىياز ھەجىم ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ ۋە ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ.
* * *
بېشىر ۋاڭ خوجىنىياز ھاجىم بىلەن بىللە بولغان ساۋەقداشلىق ۋە دوستلۇق يۈزسىدىن ،بولۇپمۇ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قابىل مەرگەنلىكىگە ىۇشتار بۇلۇپ ،ئۇنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىدۇ .بېشىر ۋاڭنىڭ خوجىنىياز ھاجىنى ئوردىغا تەكلىپ قىلىشتىكى ئۇنىڭ تالانتىدىن پايدىلىنىش ئىدى .خوجىنىياز ھاجى ئوردا بەگلىرىدىن يۈسۈپبەگ چىقىپ ئۈچۈنچى قېتىم تەكلىپ قىلغاندا ئاندىن ئوردىغا كېلىدۇ .بېشىر ۋاڭ ھاجىمنى ناھايىتى بەك ھكرمەت قىلىدۇ .بېشىر ۋاڭ ھاجىمنىڭ مەرگەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئۋغا چىقىدۇ .ۋاڭ ئۇچىرغان جانلىقلارغا نىشانسىز ئوق ئاتىدۇ.ئوقنىڭ بىرەرسىمۇ تەگمەيدۇ .خوجىنىياز ھاجى ئارقىدا تۇرۇپ ،ئۇچرىغان جانلىقلارنى يوقىتىدۇ ۋە :«ۋاڭ ئالىيلىرى ،ئۆلىرى ئاتقان ئوق دەل تەگدى »،_ دەيدۇ .ۋاڭ بۇنىڭدىن بەكمۇ خوشال بولىدۇ.بارا-بارا ۋاڭنىڭ ھاجىمغا بولغان ئىشەنچىسى كۈچۈيىشكە باشلايدۇ.جۈملىدىن خوجىنىياز ھاجى ئۈستىدىن تولاراق شىكايەت شىكايات قىلىدىغان ھەسەتخور ئوردا بېگى يولۋاسنى ئوردا بەگلىكىدىن ،بازار بېگى قىلىپ قويىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنى ئوردا بېگى ھەم ئوردا پالۋانلىرىنى تەربىيلىگۈچى قىلىپ تەيىنلەيدۇ.خوجىنىياز ھەجى ئوردا بېگى بولغان مەزگىللىرىدە راھەت-پاراغەت،ئەمەل مەنسەپكە بېرىلمەي ،ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە ھەم ۋاڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش ئارزۇسىدا بولىدۇ .ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قۇيۇقلاشتۇرىدۇ .مەخسۇت مۇھىتى ۋە مەخمۇت مۇھىتىلار ھەم توخسۇنلۇق توختى لۈيجاڭ(توختى ئېلى)،كۇچالىق تۆمۈر ئېلى(تۆمۈر سىجاڭ) ،ھادى ئەلەم قاتارلىقلار بىلەن ھەم ھەرقايسى جايلاردىكى يۇرت كاتتىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتتە بولۇپ ،قوزغىلاڭ ھازىرلىقىنى .ىلئەىرى سۈرۈدۇ.
دىمەك شىمالدا ئالتايدىن ،جەنۇپتا خوتەنگىچە بولغان ئارلىقتا ھەركەت ئېلىپ بارىدۇ .1929-يىلى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى بېشىرۋاڭغا قايتا -قايتا ئادەم ئەۋەتىپ ،ئۆلكىگە بويسۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.بېشىر ۋاڭ ۋاڭلىقنى ساقلاپ قېلىش ئۈمىدىدە ،قۇمۇلغا قاراشلىق 12تاغ ۋە بەش شەھەردىن مەرگەن تاللاپ ،ھەربى مەشىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خوجىنىياز ھاجىمنى بۇ ئىشقا مەسئۇل قىلىدۇ. خوجىنىياز ھا جىىم بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ 12تاغ ۋە بەش شەھەردىكى كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىدۇ. دىمەك ،خوجىنىياز ھاجىم 1929يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1931-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا ناھايىتى كۆپ قوزغىلاڭ ھىسداشچىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈدۇ.
كىيىن خوجىنىياز ھاجىم دىگەن بۇ كالتە پەم ماجۇڭيىڭ بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ قېلىپ ئاقسۇغا كىلىپ ئورۇنلىشىدۇ، بۇ چاغدا قەشقەردە ساۋۇت داموللا باشچىكىقىدا « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلغان بولۇپ سابىت داموللام باشلىق كىشىلەر ئاللىبۇرۇن « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ھۆكىمىتىنىڭ ھەرقايسى مىنىستىرلىكلىرىنى قۇرۇپ دۆلەت ئاپپاراتىنى مۇكەممەل بىر سەۋىيەگە يەتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار « سابىت داموللا باشلىق باشقا ھەرقايسى مىنىستىرلەر » شەخسى مەنپەئەتنى قايرىپ قويۇپ ئاقسۇدا تۇرۇپ قالغان خوجىنىيازغا، ئۇلار ئۆزلىرى قۇرغان « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » ھۆكىمىتىگە رەئىسلىك ئورنىنى ئەپ قويغان ئىدى. ئەمما بۇ چاغدا شىڭشىسەي خۇجىنىيازغا مەكتۇپ يوللاپ ئۇنىڭ بىلەن كىلىشىپ قېلىش ئارزۇيىنىڭ بارلىقىنى، شىنجاڭنى ئىكىسى بىللە تىنجىتىپ بولغاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ خوجىنىياز بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىشنى لايىق تاپقانلىقىنى، ھەمدە خوجىنىياز ھاجىغا شىنجاڭنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك مەرتىۋىسىنى بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى : ئاۋال خوجىنىياز ھاجىنىڭ قەشقەرگە بېرىپ مەزكۇر ئۆكتىچى كۈچلەر قۇرغان « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نى يوقۇتىشىنى، سابىت داموللا ۋە باشقا قوزغۇلاڭچىلار رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ ئۈرۈمچىگە ئەپ كىلىپ ھۆكىمەتكە تاپشۇرىشى كىرەكلىكىنى ئېيتىدۇ. شىڭشىسەينىڭ شىڭشىسەينىڭ بۇ ياغلىما گىپىگە ئىشەنگەن خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدىن قەشقەرگە قاراپ يولغا چەقەدۇ. ئۇ قەشقەرگە بارغاندىن كىيىن سابىت داموللا باشلىق باشقا ھۆكىمىت مىنىستىرلىرى خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئالدىغا چىقىپ چوڭ ھۆرمەتلەر بىلەن ئۇنى كۈتىۋالىدۇ. ئەمما خوجىنىياز دەگەن بۇ كالتە پەم شىڭشىسەينىڭ دىگەنلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەن بولغاچقا سابىت داموللا باشلىق بىرنەچچە ئىنقىلاپ رەھبەرلىرىنى تۇتۇپ ، دۇنياغا كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ياش ھۆكىمەت « شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى » نى ئەسلى ۋەسلىدىن پاچاقلاپ يوقىتىۋېتىدۇ. خوجىنىياز سابىت داموللىنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كىتىۋېيتىپ يول ئۈستىدە بولغان بىر ئۇرۇشتا خو جىنىيازنىڭ ئادەملىرى سابىت داموللىنى يۇتتۈرۈپ قويۇدۇ. « بۇ يەر كورلا لوپنۇر ئەتراپىغۇ دەيمەن » كىيىن سابىت داموللا شۇ يەردىكى كىشىلەر ئارىسىدا بىر مەزگىل تۇرۇپ قالىدۇ، سابىت داموللام ئۆزىنىڭ مول دىنى بىلىمى، چوڭقۇر مەنالىق پىكىرلىرى ئارقىلىق ئۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئۇ كىشىلەر سابىت داموللامنىڭ ئۆزلىرىگە ئىماملىق قىلىپ بېرىشنى ئېيتىپ تۇتۇپ قالماقچى بولغاندا سابىت داموللام مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىنى كۆڭلىگە پۈككەن كىشى بولغاچقا ئۇ كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى چىرايلىقچە رەت قىلىپ يولغا چىقىدۇ. ھەمدە شۇ ماڭغىنىچە يول بويى خوجى نىيازنىڭ دىرىكىنى قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۇنىڭ قېشىغا بارىدۇ. بۇ چاغدا سابىت داموللىنى يۇتتۈرۈپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۆز كىشىلىرىگە قاتتىق ئاچچىقلىنىپ تۇرغان خوجىنىياز سابىت داموللىنىڭ ئۆزىنى تۇتۇپ بەرگىلى كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، سابىت داموللىدىن نىمىشقا شۇنداق قىلغانلىقىنى سورىغاندا، سابىت داموللام : مىللەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى ئۈچۈن، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ شىڭ دوبەن ئالدىدا يەرگە قاراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۆزەم مۆھتەرەم ھاجىمنىڭ ئالدىغا كەلدىم دەيدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە سابىت داموللام خوجىنىيازغا مىللەت، ۋەزىيەت، دۇنيادىكى ئىشلار توغۇرلۇق كۆپ سۆزلەرنى قىلىدۇ. ئەمما بۇ گەپلەر بۇ پەمسىز ھاجىمنىڭ قۇلىقىغا كىرمەيدۇ ھەمدە سابىت داموللامغا بىر مۇنچە قاتتىق سۆزلەرنى قىلىپ ئۇنى يەنە يالاپ ئېلىپ بېرىپ شىڭشىسەرگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.