http://uqkur.biz/uqkurelan/ ئىزدەش كىچىك چاخماق
سەلكىن
سەلكىن تورى ، ئالغا!!!
ئالاھىدە تۆھپە مۇنبەر باشقۇرغۇچى
دەرىجىسى : مۇنبەر باشلىقى


UID نۇمۇرى : 2
نادىر تېما : 65
يازما سانى : 233
شۆھرەت: 17762 كىشىلىك
پۇل : 56240141 سوم
تۆھپە: 2019 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1414 نۇمۇر
قوللاش: 936 نومۇر
ئالقىش: 1634 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
توردىكى ۋاقتى : 2137(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ( قەلىب ساداسى 7 - سان )

http://www.xjdaxue.com/
    ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم سەلكىن تور بېكىتىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى ، سەلكىن تور بېكىتى " قەلىب ساداسى " پروگراممىسىنىڭ 7 - سانىنى كۆرۈشىڭلارنى قارشى ئالىمىز ( تورداشلارنىڭ كۈچلىك تەلىپىگە بىنائەن بۇ قېتىمقى سان ئالدىن تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى . ) . 
      بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزگە ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ئوپتىكا تەتقىقات ئىنژىنىرى ، ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئالىمى، دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى . سۆھبەتتە ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ كەسپى تەتقىقات ئىشلىرى ، بىر قىسىم دۇنياۋى ئىلغار پەن - تېخنىكا تەتقىقات يېڭىلىقلىرىنى تۇنۇشتۇردى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ھايات مۇساپىسى ، مۇۋەپپىقىيەت يولى ، ئائىلە، پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبىلىرىنى سۆزلىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرى ، ئىنتىرنېتتىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۇيغۇر ياشلىرىغا ئۆزىنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى فورمۇلاسىنى شەرھىلەش بىلەن بىرگە ،زور ئۇتۇقلارنى تىلىدى .
     سۆھبەت گەرچە يېپىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، ھەرساھە ياشلىرىدىن 30 دىن ئارتۇق ياش سۆھبەت نەق مەيدانىغا كىلىپ سۆھبەتنى ئاڭلىدى ۋە ئەركىن سىدىق ئاكا بىلەن بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئۆز - ئارا پىكىرلەشتى . ( نەق مەيدان سۆھبەتكە كەلگەن ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ۋە ئەستايىدىللىقىدىن ياشلىرىمىزنىڭ ئالىمىمىزغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتىنى ، شۇنداقلا بىلىم ئىگەللەشكە ، ئۆزلىكسىز ئالغا ئىلگىرىلەشكە بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئوتتەك ئىشتىياقىنى كۆرۈپ يىتىشكە بولىدۇ .) =|C JoXTg  
     سۆھبەت ئاخىرىدا فۇرقان شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مەمتىمىن ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋەكالىتەن بۇ پەخىرلىك ئالىمىمىزغا تون كيىدۈردى ، سەلكىن شىركىتىنىڭ دىرىكتورى نۇرئەلى ئوبۇل ( سەلكىن ) ئەركىن سىدىق ئاكىغا دوپپا كىيدۈردى . L2n#%EV  
    سۆھبەت يوقۇرى كەيپىيات ۋە قىزغىنلىق ئىچىدە 2 سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى ، سۆھبەتتىن كىيىن سەلكىن شىركىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئەركىن سىدىق ئاكا ئۈچۈن ھاردۇق چېيى بېرىلدى ، چايغا 20 دىن ئارتۇق ھەر ساھە ياشلار قاتناشتى ۋە ئەركىن سىدىق ئاكا بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولدى .
       تۆۋەندە بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەق مەيدان فىلىمى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلدى .
  1- سەلكىن تورى مۇلازىمىتىرىدىن كۆرۈش :
1- قىسمى
توردىن چۈشۈرۈش
2- قىسمى ( يوللىنىۋاتىدۇ ، بىر ئازدىن كىيىن نۇرمال قويۇلىدۇ )
 
توردىن چۈشۈرۈش
cRcNn)}#c`  
W)FoSc @  
2-سوخۇ تورى مۇلازىمىتىرىدىن كۆرۈش
\`tO ma(  
5)3lzA jR  
1- قىسمى
T"~GB/@: f  
? 
2- قىسمى
7,rE=R` k  
سۆھبەتنىڭ يازما نۇسقىسى Z)>R1e "F  
rIap<t  
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! سەلكىن توربىكىتىنىڭ ئەزىز كۆرۈرمەنلىرى، سەلكىن توربىكىتى قەلىپ ساداسى پروگگىراممىسى يېڭى سانىنى كۆرۈشىڭلارنى قارشى ئالمىز! مەن پىروگگىرامما رىياسەتچىسى زاھىرە جۈمە. _5P4fLZ5}m  
  5 =,}i  
      بىز بۇ قېتىمقى پىروگگىراممىمىزغا ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان پەخىرلىك ئالىمىمىز، ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنژىنىرى ئەركىن سىدىق ئەپەندىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلدۇق. (EDRI/  
I~"S]s vL  
رىياسەتچى : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا! Y )`TjG  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام! RWTvFvZ:o  
رىياسەتچى : ئەركىن سىدىق ئاكا، سىزنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ سەلكىن توربىكىتى ۋە بارلىق تورداشلار نامىدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز! ئۇنداقتا سۆھبىتىمىزنى باشلاپ كەتسەك.
   
رىياسەتچى :ئەركىن سىدىق ئاكا، بىز سىزنىڭ ئۆز كەسپىڭىزدىكى دۇنياۋى ئۇتۇقلىرىڭىزدىن شۇنچىلىك پەخىرلىنىپ كىلىۋاتىمىز ھەمدە تور ئارقىلىق بىز بىلەن يۈز كۈرۈشۈپ تۇرىۋاتقان نادىر ماقالە، يازمىڭىزدىنمۇ ئاجايىپ زور مەنپەئەتكە ئىرىشىپ تۇرۇپتىمىز. بۇ جەھەتتە سىزگە چۇڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز. سىزمۇ ئۇيغۇر توربىكەتلىرىدىكى خىلمۇ-خىل سەۋىيەدىكى يازمىلارنى، پائالىيەتلەرنى، تۈرلۈك سۆز-ھەركەتلەرنى كۆرۈپ تۇرغانسىز. توردىكى يازمىلار، پائالىيەتلەر، سۆز-ھەركەتلەردىن دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسى ۋە ئىنتىلىشىنى قانداق چۈشىنىسىز ۋە قانداق باھا بىرىسىز؟ Z)<_TW`Y(  
  UzT7 OMyLS  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :ھەممىمىزگە مەلۇمدەك ئۇيغۇر مىللىتى ئىنتايىن ئاق كۆڭۈل، ساپ دىل، باشقىلارنى ئۆزىدىن ئۈستۈن قۇيىدىغان، باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى ناھايىتى ئالى شەرەپ دەپ بىلىدىغان مىللەت. مەن مۇشۇنىڭ ئۆزىنىمۇ ئۇيغۇر توربەتچىلىكىدىنمۇ كۆرىۋاتىمەن. ئۇيغۇر دىيارىدا نۇرغۇنلىغان توربەتلەر قۇرۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ كۆپىنچىسىنى قىلىۋاتقان ئۆزلىرى سەييارە  ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى، زىھنىنى، پۇلىنى چىقىرىپ قىلىۋېتىپتۇ. ئۆزىمىزنىڭ خەلقىگە پايدىلىق بولسۇن دەپ. شۇڭا شۇنداق تەسىرلەندىم. ھازىر ھەربىر كىشى ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ، ئۆزىنىڭ جېنىنى بېقىپ مېڭىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا سىرتىدا مۇشۇنداق ۋاقتىنى، زىھنىنى، پۇلىنى چىقىرىپ مۇنداق قىلىش ئاسان ئەمەس. ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنىڭ يۈزىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇ ئالىي جاناپ خىزمەتلىرىنى كۆرىۋالدىم. يەنە بىرسى، ئۇيغۇر توربەتچىلىكى باشلانغىلى تېخى ئانچە ئۇزۇن ۋاقىت بولمىدى، ئاشۇنداق تۇرۇپمۇ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇشۇنداق تىز تەرەققى قىلىپ، مۇشۇ سۈپەت جەھەتتىن، تېخنىكىلىق سۈپىتى بولسۇن، مەزمۇن، قۇرۇلما ھەرقايسى جەھەتلەردىن ناھايىتى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكەنلىكىدىن تەسىرلەندىم. مەن بۇرۇن مۇشۇ كونا يېزىقنى توربەتلەرگە چىقىرىشتا خېلى قىينىلىمىز دەپ ئويلايتىم، مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بۇلۇپمۇ توربەتلەر يېڭىدىن چىققان ۋاقىتلاردا. ھازىر قارىسام ئۇ ئەندىشىلەر پۈتۈنلەي يۇقۇلۇپ بولدى، مۇشۇ كومپىيۇتېردا ئىشلىتىلىدىغان يۇمشاق دىتاللار ناھايىتى تىز مەيدانغا كىلىپ ياشلارنىڭ سەييارە ئىشلىشى ئارقىلىق شۇنداق تىز تەرەققى قىلىپ يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتتى. مەن بۇنىڭدىن شۇنداق سۈيۈندۈم. چەتئەلدە تۇرۇپ ئاشۇ ئىشلارمۇ ماڭا چوڭ ئىلھام بولۇۋاتىدۇ. SI?z\`I'  
  Pj5oW*8k  
      رىياسەتچى : ئۇيغۇر تور بىكەتلىرىنى كۈزىتىشىڭىزچە ھازىرقى ئۇيغۇر تور بىكەتچىلىكىنىڭ ھالىتى، كۆلىمى، سەۋىيىسى قانچىلىك دەرىجىدە دەپ قارايسىز؟ ھازىرقى تور بىكەتچىلىكىمىزنى زادى قانداق قىلغاندا خەلقىمىزگە تېخىمۇ نەپ بىرەلەيدىغان، ئىلغار، سەرخىل، خەلىققە تېخىمۇ نەپ بىرەلەيدىغان تور بىكەتلەر سەۋىيىسىگە يەتكۈزگىلى بولار؟ بۇ ھەقتىكى تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى كەڭ-كۇشادە ئاڭلاپ باققان بولساق. tL-_wi   
  C9t[q7B&  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى :يېقىنقى بىر نەچچە يىلنىڭ مابەينىدە تور بەتنىڭ يۈزىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىش. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئىلغار شەخىسلەر، ئالاھىدە نەتىجە قازانغان ياكى ئۆز كەسپىدا باشلامچى بولۇپ مېڭىۋاتقان مۇشۇنداق شەخىسلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش مۇشۇنداق بىر تور سۆھبەت مەدەنىيىتىدەك بىر نەرسە ۋۇجۇدقا كىلىپ، ناھايىتى مول مەزمۇنلار يوللىنىشقا باشلىدى. ئەمدى بۇنىڭغا بىر مەزگىل بولۇپ قالدى. بۇ جەھەتتە ناھايىتى ياخشى دەپ ئويلايمەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قايتىدىن ئۆز-ئۆزىنى بايقاش پائالىيىتى دەپ قاراشقا بولىدۇ. نىمىشقا دىسىڭىز، خېلى ئۇزاق بىر مەزگىل ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ سەلبىي تەرىپىنىلا كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ ئىجابىي تەرىپىنى، ياخشى ئىشلىرىنى كۆرمەي بىر ئاز چۈشكۈنلىشىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن. يېقىندا مۇشۇ سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلاردا زادى قانداق ئادەملەر بار، قانداق ئىشلار بار بۇ ئىشلاردىن مۇشۇ تورچىلار خەۋەر تېپىپ، ئۇيغۇرلارمۇ بوش ئەمەسكەن. ئۇيغۇرلاردىمۇ نى-نى ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار باركەن دەپ ناھايىتى كۆپ كىشىلەرگە ئىلھام بىرىپ ناھايىتى ياخشى ئىش شەكىللەندى. ئەمدى مىنىڭچە بولسا بۇنىڭدىن كىيىن بۇنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئۇيغۇر توربىتىدىكى رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرۇشقا تىرىشسا دەپ ئويلايمەن. مەن نۇرغۇنلىغان تور بىكەتلىرىگە قارىسام، مۇشۇ مەشھۇر شەخىسلەر بىلەن سۆھبەت دەيدىغان سەھىپىلىرى باركەن. ئەمدى كۆپۈنچىسى بىزنىڭ مەشھۇر شەخىسلىرىمىزدىن ناخشىچىلار، ئارتىسلار كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدىكەن. مىنىڭچە زىيالىيلارمۇ ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىدە ئاممىباپ قىلىپ، مۇشۇ تۇلۇقسىزدىن يۇقۇرى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بار كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى خەلىققە يەتكۈزۈشكە تىرىشىپ باقسا دىگەننى ئويلايمەن. بۇ ئىشلاردا چەتئەلدە ناھايىتى كەڭرى. چەتئەلدە مەلۇم بىر كەسپى ساھەدە نەتىجە قازانغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ تور بىكىتى بار. ئەمدى ئۇنى ئۆزى ياسىشى ناتايىن. ئۇلار ئادەم ياللاپ ياساتقۇزىدۇ. ئاندىن كىيىن ئۆزىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنى شۇ يەرگە قۇيۇپ قۇيىدۇ. باشقىلار پايدىلىنىدۇ. ئۇيغۇرچىدا بىزنىڭ دىيارىمىز پۈتۈن دۆلەت مىقياسى جەھەتتىن بەك چوڭمۇ ئەمەس.  كىتاپ، ژۇرناللارنى تارقىلىشى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس. ئاشۇنداق بولغاندىكىن توربىتى ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن بۇ ساھەدە. شۇڭا زىيالىيلار بۇ قۇشۇنغا كىلىپ، ئۆز بىلىمىنى خەلىققە بىرىش، بىلىمنىڭ زاكىتىنى خەلىققە بىرىش، مۇشۇ ساھەدە بەكرەك كۈچىسە دەپ ئويلايمەن. _z#gQ8 j  
  q=RNiu q/>  
رىياسەتچى : ئەمدى سىز چەتئەللەردىمۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم تور بىكەتلىرى بار دەپ ئۆتتىڭىز، ئۇلار ئۆزىنىڭ مەزمۇنلىرىنىلا چىقىرامدۇ ياكى باشقىلارنىڭ كىشىلەرگە زوق بىرىدىغان، ياكى بولمىسا خەلىققە پايدىلىق مەزمۇنىلارنىمۇ چىقىرامدۇ؟  CI.2Z|V/3  
  #!cKy,S*I  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :مىنىڭ كۆرگەنلىرىمدە ئۆزىنىڭ تەتىقات نەتىجىلىرىنى ئاساس قىلغان، ئاشۇ ساھەدىكى بىلىمەرنى باشقىلارغا كەڭ دائىرىدە باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇش . ئاشۇنداق تور بەتلىرى بەك كۆپ. ھازىر ماۋۇ بىر ئۇچۇر لازىم بولۇپ قالسا، بىر تور بەتكە كىرىپ، شۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم سۆزدىن بىرنى ئىزدىسڭىز سىزگە شۇ ساھەدىكى نۇرغۇن توربىكەتلەر چىقىدۇ، ئاشۇ سىز ئىزدىگەن تور بىكەتلىرىنىڭ ھەممسى چىقىدۇ دە ئۇنىڭدا. ئاشۇنىڭ بىلەن بۇرۇنقىدەك كۈتۈپخانىلارغا بېرىپ ماتېريال ئىزدەيدىغان ئىشلار تۈگەپ كەتتى. بولۇپمۇ مەن دىققەت قىلغىنىم بەزى كىشىلەرنىڭ كىتاپلارغا قىزىقىپ، مۇشۇنىڭدا قانداق ئەسەرلەر باردۇ؟ نىمە مەزمۇندىدۇ دەپ ئويلاپ، تور بىتىگە كىرگۈزۈپ ئىزدەپ باقسام نۇرغۇن ئۇچۇر تاپالايمەندە شۇ ئادەم توغرىلىق. ئاندىن بىر قىسىملىرى ئۆزلىرى قۇرغان توربىكەتلىرىدە باركەن. ئۇلارنى كۆرۈپ شۇنداق تەسىرلەندىم. ئۇيۇغرلارنىڭ زىيالىيلىرىمىزمۇ خېلى بار بىزنىڭكىمۇ، ئەمدى مۇشۇ جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىسا دىگەن ئۈمۈدتە مەن. [ymL  
  _h`;d1m 3  
      رىياسەتچى : سىز چەتئەللەردە يۈز تۇرانە ۋە تور ۋاسىتىسى ئارقىلىق نۇرغۇن ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ تۇرىسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تەجرىبىلىرى ۋە تەھلىللىرى ئاساسىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىلمى، مەدىنىي ۋە ئىجتىھايەت ھالىتىنى قانداق باھالايسىز؟ XA8#%m M  
  ^)FE,  d  
     ئەركىن سىدىق ئەپەندى :چەتئەلدە ئۇقۇپ ئۇنۋان ئېلىپ بىرەر يەردە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇمۇمىي قىلىپ ئېيىتقاندا ئەھۋالى ئىنتايىن ياخشى. ئۇلار ھەممسى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورگانلىرىدا سەرخىل شەخىسلەردىن بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. مەن ئۇنى ئۆتكەندە بىر يازمىدىمۇ خۇلاسىلەپ قويدۇم. ئەمدى تولۇق خۇلاسىمۇ ئەمەس. ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرىنى كىرگۈزۈپ قويدۇم. ئىشقىلىپ ناھايىتى ئىلغار. ئىككىنجىدىن، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدىكى پەرزەنىتلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ناھايىتى كۆڭۈل بىرىپ، ئىمكان بار ئۆزى ياشىغان ماكاندا بىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ مەدىنىيىتى بۇيىچە ياشاش، باشقىلارغا ئۆزىمىزنىڭ مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئۈگۈتۈش مۇشۇ ئىشلارنى خىلى كەڭ تۈردە ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق بىر نەرسە ھازىر ھەممە يەردە شەكىللىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار بىرئاز توپلىشىپ ياشىغان جايلارنىڭ ھەممىسىدە مەسلەن، بەش ئائىلىدىن كۆپ بولسا مۇشۇنداق بىر نەرسە شەكىللىنىۋاتىدۇ. مۇشۇ يەردىكى ئۆرپ-ئادىتىمىز بۇيىچە. ئەمەلىيەتتە بىر قىسىم ئۆرىپ-ئادەتلىرىمىزنى ماۋۇ يەرگە قارىغاندا بەكرەك ياخشى ساقلاۋاتىدۇ. مەسلەن: چەتئەلدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى تاماق ئىتىشكە شۇنداق ئۇستا. شۇنداق بولغاچا مىھماندارچىلىق ئوينىغاندا بازاردىن ئەكىلىدىغان تاماق يوق، شۇڭىلاشقا ھەممسى ئۆيدىن ئەكىلىدۇ. ماۋۇ يەردە ئەتىۋارلىق چوڭ بۇلۇپ قازان بېشىغىم  يېقىن بارماي، چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن قىزلار تاماققا شۇنداق ئۇستا بولۇپ كىتىۋاتىدۇ دە. ھەممىسى ئۇيغۇر تائاملىرى، لەغمەن، پولو، چۈچۈرە، مانتا دىگەندەك تاماقلارغا شۇنداق ئۇستا. ماۋۇ يەردىكى قىزلارنى تازا ئۇنتۇپ قالدى دەپ ئاڭلىدىم. مۇشۇ جەھەتتە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلىرىمىز تېخى ئەنئەنىنى ياخشىراق ساقلاۋاتىدۇ دەپ ئويلايمەن. Xh0S# x  
  ~o"5MW  
      رىياسەتچى :مۇشۇ ھەقتە بىر مىسال ئېلىپ سۆزلەپ بىرەمسىز؟ } H&Y**:|  
  WFJoT<_k  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : مەسلەن بىزنىڭ لوس ئەنجىلىستىمۇ 18دەك ئۇيغۇر ئاھالە بار. ئۇ يەردە بىز ياشىغان ۋاقىتتا تۇرمۇشىمىز يۇرتىمىزدىكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇيغۇر مەدىنىيىتىمۇ ئۇ يەردە مەۋجۇت ئەمەس. چەتئەللىكلەر بىلەن بىللە تۇرىمىز، بىللە ئىشلەيمىز، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىز ئۇيغۇر مەدەنىيەت نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا مەدەنىيەتسىز ياشايمىز دىگەن گەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى يوق ئۇ يەردە. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ناھايىتى ئادەم سېغىنىدىغان مىللەت. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بىللە ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىنى ياخشى كۆرىمىز. شۇ مەدەنىي پائالىيىتمىزنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ يەردىمۇ ئولتۇرۇشلار بولىدۇ. بەزىدە نەزىر بولىدۇ. توي ئانچە بولمايدۇ. تويغا مەن ئامېرىكىغا چىققاندىن بېرى 2~3 قېتىم قاتنىشىپ باقتىم. ئۇ يەردىكى توي بىلەن بۇ يەردىكى توينى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. مىنىڭچە كۆپ ئاددىلىق ئۇ يەردە. بىر يەردە كۆڭۈل ئېچىپ پاراڭلىشىش ئۈچۈن،  لوس ئەنجىلىستىمۇ ئاياللار ئولتۇرىشى باشلانغان. ئۇ يەردىكى ئاياللارنىڭ كىچىك باللىرى بارلىرى كۆپ. 7 ياشلىق، 6 ياشلىق باللىرى بارلىرى كۆپتە. ئاشۇنداق بولشاچقا ئاياللار بىريىلدەك چاي ئوينىدى قاتارلىشىپ ئايدا بىرەر قېتىم چاقىرشىپ ئەرلەر ئۆيدە بالا باقتى. بىر يىل ئۆتۈپ ئەرلەرنىڭ قۇرسىقى كۆپۈپ، بىز بالا بېىقىپ ئولتۇرمىزمۇ؟ بىزمۇ ئوينايلى دەپ. ئاياللارنى بالا باققىلى قۇيۇپ ئەرلەر ئويناۋاتىمىز. مۇشۇنداق قىلساق بىز تاماقلارنى ھەممىسنى ئۆيدە ئىتىمىز. سىرىتتىن ئەكىلىدىغان، بىزنىڭ ئېغزىمىزغا تېتىيدىغان تاماق يوق ئۇ يەردە. شۇڭا بىز پولو، مانتا، چوڭ تەخسىلىك تۇخۇ گۆشى قاتارلىق تاماقلارنى ئۆزىمىز ئەكىلىمىز. سامسا دىگەندەك تاماقلارنى ئۆيدە پىشۇرۇپ، سورۇنىمىز مول ئۇ يەردە. ماۋۇ يەردىكىدەك ئىسراپ قىلمايمىز. ئەمما مول ئۇ يەردە. ئاشۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆيدە چىقىرىمىز. ئاشۇنداق بىر تەرەپتىن پاراڭلىشىپ، بىر تەرەپتىن تاماق يەپ دىگەندەك ئۆزىمىنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىيىتىگە بولغان سېغىنىشىمىزنى بىر ئاز قاندۇرۋالىمىز. eRk%.O&j  
  |J#l% B%  
      رىياسەتچى : بىلىشىمىزچە سىز بىر تەتقىقاتچىلا ئەمەس بەلكى يەنە بىر مائارىپچى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى، ياراملىق ئىككى پەرزەنتىنى تەربىيەلەپ كىلىۋاتقان ياراملىق دادا. مۇشۇ نوقتىدىن پەرزەنت تەربىيەلەش، ئائىلە مائارىپىدىكى ئاساسلىق تەجرىبىلىرىڭىزنى، تەشەببۇسىلىرىڭىزنى كونكىرىت سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز. RD<"e4]v  
  J!Fr{'&>  
     ئەركىن سىدىق ئەپەندى :رەھمەت! مەن سىزنىڭ بايام دىگەن گەپلىرىڭىزنى ماڭا بەرگەن رىغبەت دەپ چۈشىنىمەن. مەن يەنىلا بىر ئاددى ئوپتىكا ئىنژىنىرى. قالغان نەرسىلەرنى ئانچە-مۇنچە قۇشۇمچە قىلىپ قۇيىۋاتىمەن. مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان يەرلىرىممۇ يوق. مەندىن مۇشۇ ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن بېرىمۇ بالا تەربىيەلەشكە كۆپ سۇئاللار چۈشىۋاتىدۇ. مەن ئۆزۈمنى تېخى بالا تەربىيەلەشتا مۇۋەپپىقىيەت قازانغان دادا دەپ ئويلىمايمەن. كەلگۈسىدە كۆرىمىز بالىمىز قانداقراق چىقىدىغانلىقىنى. ئەينى ۋاقىتتا بۇنى نەزەرىيە نوقتىسىدىن كۆپ ئويلىمىغان. لىكىن ئاتا-ئانا ئۈچۈن بالا ئىنتايىن قىممەتلىك. بالىلار مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىسا ئاتا-ئانىلار ھەرگىز مۇۋەپپىقيەتلىك بولالمايدۇ. ئۆزىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك دەپ ھىساپلىمايدۇ. ئاشۇنداق بولغاچقا بىز بۇرۇندىن تارتىپ بالىغا كۆڭۈل بىرىپ كەلگەندە. يېقىندا مۇشۇ ھەققىدە يۇقۇرراق سەۋىيەدە ئويلىنىپ باقتىم. زادى مۇشۇ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى قانداقراق ئۇرۇندا قۇيۇش كىرەك؟ ئۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىم. ئاندىن چەتئەللىكلەرنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئائىلىگە بولغان كۆز قارىشىنى بىر ئاز كۆزىتىپ باقتىم. شۇ ئارقىلىق مىنىڭ يازمىلىرىمنى ئۇقىغان ياشلار چۇقۇم بىلىدۇ. مىنىڭ ئائىلىدىكى مۇناسىۋەت، خىزمەت قايسى ئەڭ مۇھىم دىگەننى. شۇنىڭدا ئەمدى ئەر ئۈچۈن ئايال ئەڭ مۇھىم. ئايال ئۈچۈن ئىرى ئەڭ مۇھىم. بۇ بىرىنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنجىسى بالىلار، ئۈچىنجىسى ئاتا-ئانا، تۆتىنجىسى خىزمەت، ئاندىن كىيىن دوست-بۇرادەر، تۇققان دىگەندەك. ئۇنى ئاشۇنداق تىزدىم. ئامېرىكدا بۇ نەرسە ناھايىتى ئېنىق. ئەر-خۇتۇن ئىككىسى بىرنجى ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئىككىنجىسى بالا. ئاشۇنداق بولغاچقا بۇ بالا تەربىيەلەشنى ناھايىتى مۇقىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ قارايدۇ. بۇ بالا تەربىيەلەشنى مۇقىم ئۇرۇنغا قۇيۇپ قارايدۇ دىگەن چاغدا، بالىلار ئاشۇنداق بۇيۇم بولغانلىقى ئۈچۈن، بايامقى تىزمىلاردا ئۇيۇن- تاماشا دىگەن گەپ يوق. ئۇيۇن – تاماشا دىگەن جىق ئارقىسىغا كىلىدىغان نەرسىدە. ئالدى بىلەن پۈتۈن كۈچ بىلەن بالىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئاندىن ئېشىنغاندا باشقا نەرسىگە قىلىمىز دىگەن گەپ، بۇ ئىشلار ئامېرىكىدا ئۇمۇميۈزلۈك ئاشۇنداق دە. مەيلى ياپۇنلۇقلار بولسۇن، مەيلى ياپۇنلۇقلار بولسۇن. بىر بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن بىر ئانا كۆپىنچە ئەھۋالدا ئىشلىمەيدۇ. ئىشلىمىسمۇ ئوبدان جېنىنى بېقىپ ماڭالىغانلىقى ئۈچۈن. ئىشلىمەيدۇ، بىرسى جېنىنى بېقىپ ماڭالىغانلىقى ئۈچۈن، ئككىنجىسى، بالىنى ئاشۇنداق تەربىيەلىمىسە بالىنى يۇقۇرى سۈپەتلىك تەربىيەلىگىلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن. ئانا ئاشۇ پۈتۈن كۈن پۈتۈن زىھنىنى بالىغا قارىتىپ تەربىيەلەيدىغان گەپ ئەمدى. ئاشۇنداق ئىكەن. شۇڭا ئاشۇ ئاق تەنلىكلەرنىڭ باللىرى ناھايىتى ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئاشۇلارغا كىچكىدىن تارتىپ نىمە توغرا نىمە خاتا بىردىن، بىردىن ئۆگىتىدۇ. ياپۇنلۇقلارمۇ شۇ. كىچىككىنە خاتالىقىنى تېپىۋالسا، بالام، ماۋۇ ئىشنى خاتا قىلدىڭ، بۇنى مۇنداق قىلىسەن دەپ بىردىن-بىردىن ئۆگىتىدۇ. تىللاپ-ئۇرۇپ ئۇنداق قىلمايدۇ. سىلىق ئۆگىتىدۇ. ئاشۇنداق قىلغاندىكىن ئاشۇلار كىچىكدىنلا نىمىنىڭ ياخشى ئىش، نىمىنىڭ يامان ئىش ئىكەنلكىنى ئۈگۈنۈپ چىقىدىغان گەپ. بۇ بىرسى. ئىككىنجىسى، بالىلارغىمۇ كىچىكىدىن تارتىپ مۇستەقىل ئىش قىلىش، بىر ئاز تەۋەككۈلچىلىك قىلىش ئىقتىدارى بولۇشقىمۇ ئاتا-ئانىلار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ. بولۇپمۇ بالىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. سىلەر ماۋۇ ھوللىۋوددىكى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان ئوسكار مۇكاپاتىنى تارقىتىدىغان يىغىننى كۆرۈپ باقتىڭلارمىكىن. شۇ مۇكاپاتقا چىقىپ سۆزلىگەنلەرنىڭ سۆزىگە دىققەت قىلىدىغان بولساڭلار، ئۇلارنىڭ بىرىنجى دەيدىغىنى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانامغا رەھمەت ئېيتىمەن، شۇلارنىڭ ماڭا كىچىكىمدىن تارتىپ رىغبەتلەندۈرۈپ، بالام، سەن مۇشۇنى چۇقۇم قىلالايسەن، قىلالايسەن دەپ تۇرغىنىغا رەھمەت ئېيتىمەن دەيدۇ. دىمەكچى ئاشۇ كىشىلەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بولۇشىدا ئاشۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى ناھايىتى چوڭ رول ئوينىغان گەپ. ئامېرىكىدا بالىلارنى ئاشۇنداق تەربىيەلەيدۇ. بالىنى سەن دۇنيادىكى ھەممە ئىشنى قىلالايسەن دەپ تەربىيەلەيدۇ دە. ھېلقى، دۆت! ساراڭ! دىمەيدۇ، بەلكى سەن ھەممە ئىشنى قىلالايسەن دەيدۇ. مەسىلەن مەن بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ بىر خانىم مەندىن بىر سۇئال سۇرىغانتى، بىر مىسال كەلتۈرۈپ قويدۇم، بەزى چاغلاردا بالىڭىز سىزنى گوللىدى، سىز ئۇقىسىز ئۇنىڭ ئالدىغانلىقىنى، ئاشۇنداق قىلسىمۇ سىز چاندۇرماي، ئەيىپلىمەي، ۋاي بالام قالتىس قىلىپسەن دەپ چاندۇرماي تۇرغىنى ياخشى. چاندۇرماي تۇرۇپ، بالام ماۋۇ ئىشنى قىلساڭ خاتا، ئاۋۇ ئىشنى ئىسىل قىلىپسەن دىيىشىڭىز كىرەك. ئاشۇنداق دىسىڭىز بالا ۋا!! مەن ئاتا-ئانامنى گوللىيالىدىم دەپ بىراقلا ئىشەنچىسى ئاشىدۇ بالىنىڭ. ھەرگىز بالىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەرگە ئۇرماسلىقىمىز كىرەك. ھەرقانداق ئەھۋالدا ئەكىسچە يەرگە ئۇرۇش ئەمەس، بەلكى بالىنىڭ ئۆز-ئۈزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تەرەققى قىلدۇرىشى كىرەك. ئاشۇنداق قىلسا بالا چوڭ بولغاندا چوڭ-چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئەمدى مىنىڭ يەنە بىر كۆڭۈل بەرگەن تەرىپىم، ئۇقۇپ تۇرۇپ ھازىرغا قەدەر ئادەت قىلىپ كەلگەن ئىشىمنىڭ بىرسى، بالىغا ئۈلگە بولۇش، بۇ بەك مۇھىم. مەن بەك ئادىل، ئۆيدىمۇ سىرىتتىمۇ، بالامغىمۇ بەك ئادىل. ئاشۇنداق بولغاچقا كۈپۈنچە ھاللاردا ئۆزۈمنىڭ مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىپ، بالىنى ئۆزۈمدىن يۇقۇرى ئۇرۇنغا قۇيۇپ كەلگەچكە، ئۇلارمۇ تەبئىي ھالدا بىزنىڭ گىپىمىزنى ئاڭلايدىغان، بىزنىڭ گىپىمىز بۇيىچە ئىش قىلىدىغان ئادەم. بۇلۇپمۇ ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىدىغان ئادەتكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بالا تەربىيەلەش چوڭ بىر ئىلىم ئەمدى بۇنى 4~10 مىنۇتتا سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ. يېقىندا بىرنەچچە دوستلار مۇشۇ مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسلەن، بالىنى قانداق ىلغاندا ياخشى تەربىيەلىگىلى بولىدۇ، مۇشۇ ھەقتە بىر ئىزدىنىپ باققان بولسىڭىز دەپ.  ئەمدى خۇدايىم بۇيىرسا قايتىپ بارغاندىن كىيىن مۇشۇ توغرىسىدا بىر نەرسە يازاي دەۋەتىمەن. بالىنى قانداق تەربىيەلەش توغرىلىق. ئەمدى مەن ئوپتىكا ئىنژىنىرى، نىمە سۇرىسا بىلىم چىقىۋېردىغان ئادەم ئەمەس. ئۆزۈمدە ئۇنداق بىلىملەر يوق. شۇنداق بولسىمۇ ئىنگىلىزچە ماتېرياللانى كۆرەلىگەندىكىن، ماتېريال يوللاپ، ئىزدىنىپ، توپلاپ شۇنى يېزىپ چىقاي دەپ ئويلىغانتىم. \i6qYbV@  
  9,uuXA8%  
      رىياسەتچى :كىشىلەردىن ئاڭلىشىمچە، چەئەللىكلەر بالىلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا نىمىگە قىزىقسا بىزنىڭ بۇ يەردە 9 يىللىق مەجبۇرى مائارىپ دەپ چۇقۇم بىرىنجى سىنىپتىن باشلاپ تولۇق ئوتتۇرىنى چۇقۇم ئۇقۇيمىز. لىكىن چەتئەللىكلەر بالىللىرىنى نىمىگە قىزىقسا شۇنىڭغا بىرىۋىتىدىكەن دەيدىكەن. مۇشۇ ھەقتە سۆزلەپ باقامسىز؟  _2SF2+qoP  
  D2w\k# -  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : توغرا، ئۇ دىگىنىڭىز توغرا. مەن يۇرىتقا كەلگەندىن كىيىنمۇ مۇشۇ سۇئال بىرنەچچە قېتىم چۈشتى. مەن بىر نەچچە ئەھۋاللارنى دەپ مەن كەسىپنى قانداق تاللىسم بولىدۇ دەپ ئۆزىنىڭ ئەھۋاللىرىنى دەپ، كىلىنكىك دوختۇر بولسام، ياخشىمۇ، چىش دوختۇرى بولسام ياخشىمۇ ياكى دۇرىگەرچىلىكتە ئۇقۇغىنىم ياخشىمۇ؟ سىزنىڭچە قايسى كەسىپتە ئۇقىسام ياخشى دەپ سۇرىغان. مەن دەرھاللا: سىز ئولتۇرۇپ يۈرىكىڭىزدىن سۇراپ بېقىڭ، سىزنىڭ قايسىنى قىلغىڭىز بار دەپ سۇرىدىم. ئامېرىكىدا ئاتا-ئانىنىڭ بالىنى تەربىيلەش مەجبۇرىيىتى بار. بولۇپمۇ 18 ياشقا كىرگۈچىلىك بالىغا ئوبدان قاراپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئىھتىياجىدىن چىقىپ، بايا دىگەندەك مۇھىم ئىشلاردە بالىغا كۆڭۈل بىرىپ، بالىسنى ناھايىتى ئوبدان كۈزۈتۈپ، ئۇلارنىڭ قايسى جەھەتتە ئالاھىدىلىكى بار، قايسى جەھەتتە ئاجىز، ئاجىز تەرەپلىرىنى قانداق قىلغاندا تۇلۇقلاپ كەتكىلى بولدۇ، مۇشۇ ھەقتە ناھايىتى ئىزچىل كۈزىتىدۇ ئۇلار. ئاشۇنداق قىلىپ 18 ياشقا كىرگۈچىلىك ناھايىتى ئوبدان باقىدۇ بۇلار. 18 ياشقا كىرگەندىن كىيىنلا ئۆيدىن چىقىرۋىتىدۇ. بالا ئۆز-ئۆزىنى باقىدۇ.  شۇڭا ئۇلارنىڭ ھاياتتا تۇتقا پىرىنسىپى 18 ياشقىچىلىك بالىنى ئوبدان تەربىيلەيدۇ. كىيىنكى ئىشلىرىنى بولسا ئۆزىگە قۇيۇپ بىرىدۇ. بولۇپمۇ كەلگۈسىدە نىمە قىلىش توغرىلىق قارار چىقىرىشتا بۇنى پۈتۈلەي بالا ئۆزى قارار چىقىردۇ. سەۋەبى نىمە دىگەن چاغدا، ئاتا-ئانا بەرىبىر بالىدىن بۇرۇن تۈگەپ كىتىدۇ. قىلىدىغان خىزمەتنى بالا قىلىدۇ دە، ئاشۇنداق بولغاچقا ئۇنى بالا ئۆزى تاللىمىسا، ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرەر كەسىپكە كىرىپ قالسا، ئۇ خىزمەت ئىشلەش ئۇزۇنلۇق بولمايدۇ. ئازاپ بولىدۇ، ھەركۈنىسى ئىشقا بارغۇسى كەلمەيدىغان، ئىشقا بوينىدىن تارىتقاندەك بارىدىغان، ئىشتا چۈشكۈنلىشىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ قالىدۇ. ئەمدى ئامېرىكىنىڭ كۆز قارىشىدا خىزمەتتنىڭ ئۆزىمۇ بىر ھۇزۇرلىنىش، نىمىشقا دىسىڭىز، ئاشۇ ئىش ئۆزى شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ئىش دە. كىشىلەر تولا خىزمەت ئالمىشىپ يۈرۈپ ئىزىنىڭ نىمىنى ياخشى كۈرىدۇ ، مۇشۇنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ تەڭشەش ئۈچۈن، نۇرغۇن خىزمەت ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان، ئەڭ ياخشى قىلالايدىغان، شۇنداق بىرخىزمەتتە تۇرىدۇ. ئۇنىڭدا ئۆمۈر بۇيى ماڭىدۇ. شۇڭا بۇ بەك مۇھىم. ئاتا-ئانىلار بالىغا كەسىپ تاللاشتا سىرىتتىن بىر ئاز يول كۆرسەتسە بولىدۇ. ئەمما مەجبۇر كەسىپنى تاڭسا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ كەسىپنى قىلىدىغىنى بالا بولغانلىقى ئۈچۈن بالا تاللىغىنى ياخشى دەپ ئويلايمەن. ZHvonF$)}  
  x"1 3\^h  
رىياسەتچى : ئۇنداق بولسا ئەركىن سىدىق ئاكا، سىزدىن بىر سۇئال سۇرىغۇم كىلىۋاتىدۇ . مۇشۇ سىز كىچىك ۋاقتىڭىزدىن باشلاپ ئۆزىڭىزگە بىر فورمۇلا تۈزۈپ كەپتىكەنسىز. مۇشۇ ئەسلىمىلىرىڭىزنى ئەسلەپ ئۆتسىڭىز بولۇپتىكەن؟ }%1 +0m5A  
  `hgx\!-z  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :بولىدۇ. ئەمدى بۇ فورمۇلا قانداق كىلىپ چىققان دىسىڭىز شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىدا ئۇقۇش جەريانىدا، 1~2يىللاردىن كىيىن مەندە ئۈگۈنۈش، خىزمەت، كەسىپ ئۈگۈنۈشى، تىل ئۈگۈنۈش، ئۇقۇغۇچىلار خىزمەتلىرى بۇ جەھەتتە بىر ئاز كۆزگە كۈرۈنۈپ، شۇ چاغدا ئۇيغۇر بالىلار بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزەتتىم، سىز قانداق قىلدىڭىز دىگەندەك سۇئاللار كۆپ چۈشەتتى. بۇ ئىشنى قانداق قىلسا مۇۋەپپىقىيەتلىك قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىنىپ، بىر ئاددىي تەڭلىمە تۈزۈپ باققان شۇ ۋاقتىدا. مۇۋەپپىقىيەت دىگەن تالانت+تىرىشچانلىق+پۇرسەت، بۇ ئۈچىنىڭ يىغىندىسىغا تەڭ دەپ ئۆزۈمنىڭ ئەھۋالىغا قارىتىپ بىر خۇلاسىگە كەلگەن. بۇ خۇلاسەمنى بىر قېتىم يېڭى ئۇقۇغۇچىلارنى قۇبۇل قىلىش مۇراسىمىدا يوغان بىر قەغەزگە چاپلاپ قۇيايمۇ دەپمۇ ئويلىدىم، ئۇ چاغدا مەن ئۇقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولغاچقا، ئاشۇنداق قىلالايتىم. ئەمما مەن قىلماپتىكەنمەن. يېقىندا ئۇنى سەل مۇرەككەپرەك قىلىپ ئۆزگەرىتتىم. ھازىرمۇ خېلى كۈچكە ئىگە. ئەقىل، تىرىشچانلىق، پۇرسەت. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۇرسەتنىڭ سالمىقى ئېغىر توختايدۇ.  پۇرسەت جەھەتتە ئۇيغۇرلار كۆپ كۈچىمىسە بولمايدۇ. لىكىن ئاشۇ تەڭلىمە كۈچكە ئىگە دەپ ئويلايمەن. بۇ تەڭلىمە بىرەر نەرسىنى ھەل قىلىپ بەرمەيدۇ، ھەل قىلىپ بىرىدىغىنى نىمە دىگەندە، مەسلەن، ئالىي مەكتەپ ئۇقۇغۇچىلىرىنى ئېلىپ ئېيىتساق، ئۇلار ئالىي مەكتەپكە تاللىنىپ كەلگەندە، تاللىنىپ، ئىمتىھان بىرىپ نۇرغۇن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدىن تاللىنىپ كەلگەن. يېقىندا سۈرۈشتۈرۈپ قلسام بىرەر مىڭ ئۇقۇغۇچى ئىلتىماس قىلسا قۇبۇل قىلىندىغىنى 40%دەك بولامدىكىن ياكى ئۇنىڭدىن ئازمىكىن، ئاشۇنداقراق گەپنى ئاڭلىدىم. دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇنداق ئەقلى قۇۋۋىتى ياخشى باللار تاللىنىپ كىردىكەندە. شۇ بۇ شەرىتنى ھازىرلىدى دىگەن گەپ. ئىككىنجىسى تىرىشچانلىق، ئەمدى پۇرسەتمۇ بار بولۇپ، ئەقىلمۇ بار بولۇپ تىرىشچانلىق بولمىسا، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغىلى بولمايدۇ. ئاساسى دىمەكچى بولغىنىم ئاشۇ نەرسە، شۇڭا بۇ جەھەتتە تىرىشچانلىق جەھەتتە ھەممە ئادەم ئويلانسا بولىدۇ. /{*T  
  -.M5sUvsc  
رىياسەتچى : بىزنىڭ كونا چۈشەنچىمىز بۇيىچە تەبئىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارنىڭ قۇلىدىن ئاممىباپ، ئەدەبىي ماقالىلەرنى قاملاشتۇرۇپ يېزىش تازا قۇلىدىن كەلمەيدۇ دەپ قاراپ كىلىۋاتقان ئىدۇق. سىز ماقالە يېزىشدىكى بۇ جانلىق ئۇسلۇب ۋە قانۇنىيەتنى قانداق يىتىلدۈرگەن؟ ماقالە يېزىش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىڭىزنى ئۆز ئېغزىڭىزدىن ئاڭلاپ باققان بولساق. *nsK_qm  
  Jfgg_2 ,  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :مەن ئۇنى شۇ ئۇيغۇر تىلىدىكى مەكتەپلەردە ئۇقىغاندا يىتىلدۈرگەن ،  ھازىر ئويلىسام ئاقسۇ بىرىنجى ئوتتۇرالار ئەدەبىياتنى ياخشى ئۆتۈپتىكەن. نىمىشقا دىسىڭىز مۇنداق ماقالىنىمۇنداق يېزىش ھازىرقىلار ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئۇنۋېرستىتتا ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمدىمۇ ئانچە-مۇنچە نەرسە يازاتتىم. مائارىپ ژۇرنىلىغا، ياشلار ژۇرنىلىغا ئۇلار تەكلىپ قىلغاندا يازغان. ئۇنىڭدىن باشقا مىنىڭ بىر ماقالەم بارئىدى، مەن قانداق ئۆگەندىم؟ دەپ. ئۇنىڭدىن باشقا تەبئىي پەن ئۇقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمىتىھانىغا تەييارلىق قىلىش ئۇسۇللىرى دەپ يازغانتىم. شۇ چاغدىمۇ تەھرىرخانىلارغا يوللاپ بەرسەم ئۇلارمۇ ئانچە ئۆزگەرتمەيلا باساتتى. جىق قىسقارتىۋىتەتتى مىنىڭ نەرسىلىرىمنى، لىكىن قۇرۇلمىسنى ئۆزگەرتىۋەتمەيتى. ئاممىباپ يازىدىكەندۇقمەن. ھازىر چەتئەلگە چىقىپ، بىر قىسىم كىتاپلارنى ئۇقۇپ تۇرىمەن، پەلسەپىلىك، كىشىلىك ھايات، مۇۋەپپىقىيەتلىك داھى دىگەنگە ئوخشاش بىرنەرسىلەرنى ئۇقۇيمەن. ئاشۇنى ئۇقۇپ باقسام، يازغان كىتاپلىرىمنى كۆرسەم تىلىن شۇنچىلىك ئاددى. شۇ كىتاپ ئۇيغۇرچە بولۇپ قالسا، بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۇلۇقسىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىمۇ ئۇقۇش چۈشىنەلەيدۇ. شۇنچىلىىك ئاددى تىلدا يازىدىكەن بۇنى. بۇنى مۇنداق ئويلاپ باقسىڭىز ئەقىلگە مۇۋاپىق نەرسە ئىكەن. نىمىشقا دىسىڭىز پەلسەپە، تۇرمۇشقا ئائىت كىتاپلارنى ھەممە ئادەم ئۇقىسۇن دەپ يازىدۇ، ھەممە ئادەم چۈشىنىشى ئۈچۈن ئۇنى ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان ئادەتتىكى تىلدا يازمىسا ئۇنداق قىلغىلى بولمايدىغان گەپ. ئەمدى ماۋۇ يەردە يېزىلغان بىر قىسىم نەرسىلەرنى خىلى ئوبدان سەۋىيەسى بولمىسا چۈشەنگىلى بولمايدىكەن. ئاشۇنداق بولغاندىكىن ئۇنى ئۇقۇيدۇغان ئادەم ئاز، ئۇنىڭ ئۈنۈمىدىن پايدىلىنىدىغان ئادەم ئاز بولىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىشقا تېخىمۇ كۆڭۈل بۈلىدىغان بولدۇم. ئىمكان بار ئاددىيراق سۆزلەپ، مەن بىر تەبئىي پەن ئىشلەيدىغان ئادەم، ۋەتەندىن ئايرىلغىلىمۇ 20يىلدىن ئېشىپ كەتتە ماڭا. 83-يىلى ئۇقۇش پۈتتۈردۇق، 85-يىلى ئاپرىلدا كەتتىم. ئۇيغۇر دىيارىدىن چىقىپ كەتكىلى 24 يىل بولۇپتۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن مىنىڭ يېقىنقى سۆزلۈكلەردىن ئانچە خەۋىرىم يوق. مىنىڭ كۆپلەپ ئۇيغۇرچە كىتاپ ئۇقۇيدۇغان ۋاقتىممۇ يوق. شۇڭا كۆپۈنچە بۇرۇن ئىسىمدە قالغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ يېزىۋاتىمەن. بولمىسا لوغەت ئاختۇرۇپ، پەقەت بولمسىا ئىنگىلىزچىسىنى يېزىپ قۇيىمەن. ماۋۇ سۆزنىڭ ئىنگىلىزچە مەنىسى ماۋۇ ئىدى دەپ ئىنگىلىزچىسىنى يېزىپ قۇيىمەن. ئەمدى ئاشۇنداق قىلىپ قۇيۇپ كىتىۋاتىمەن، لىكىن ئاددىيلا ئۇقۇم بۇ. ئەمدى ئۈزۈم يازغان ماقالىلەرنى باشقىلار ئۇقۇسۇن دىسەك، چۇقۇم ئاشۇلار چۈشەنگۈدەك بولۇشى كىرەك. بولمىسا ھېچكىم ئۇقىمايدۇ. ھەم ئۇنىڭ مەزمۇنىدىن پايدىلىنالمايدۇ. 2K"GW__yU  
  X1Z' GJ  
رىياسەتچى :بايا سىز بەزى كىتاپلاردا ئۇيغۇرتىلى بىزە مۇرەككەپ دەپ، مىنىڭ بىلىشىمچە ئىنگىلىزتىلىدا قانچە ئاددىي سۆزلىسە باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە شۇنچە سازاۋەر بولىدۇ دەيدىكەن. W8dNvzg60  
  .!/; 7Jn  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :شۇ ئاشۇنداق، خەقلەر كىتاپ ئۇقۇش جەريانىدا، شۇ كىشىنىڭ نامى چىقىدىغان گەپتە، مۇشۇنداق بىر كىتاپ باركەن دەپ ئېىلىپ ئۇقۇپ، ئاندىن ئۇنى مەخسۇس باھالايدىغانلار بار. باھالايدىغانلار باھا يازىدۇ ئۇ كىتاپقا. سىز ھازىر ئامازون دىگەن بىر توربىكەت بار. ئۇ مۇشۇ كىتاپ سېتىشتا ئەڭ داڭلىق بىر شىركەت. توردا كىراپ ئالىدىغانلار، ئاشۇ بەتكە قارىسىڭىز ھەر بىر كىتاپ ئاستىغا يېڭى بىر باھا يازىدۇ. باھا يازغان چاغدىمۇ كىتاپنىڭ ئاممىبابلىقى مۇھىم ئامىلدە. مەن ئۆتكەندە تور بەتتە مۇشۇ گەپنى چىقارغاندىن كىيىن، ماقالىلارنى ئاممىباپ تىلدا چىقارغاندىن كىيىن بەزى بىر تورداشلار ئۇنداق قىلىۋەرسەك كىشىلەرنىڭ يۇقۇرى سەۋىيەلىك سۆزلۈكلەرنى ئىشلەتمەي تىل سەۋىيەسى چۈشۈپ كەتمەمدۇ دىگەن پىكىرلەر چىقتى. ئۇ دىگەن توغرا، لىكىن مىنىڭچە ياغان كىتاپلارنى ئىككى تۈرگە ئايرىش كىرەك. بىرسى، پۈتۈن خەلىق ئاممىسىغا قارىتىلغان كىتاپ، يەنە بىرسى، ئىلمى ماقالە. ئىلمىي ماقالە مۇرەككەپ يېزىلسا بۇلىۋېرىدۇ. نىمىشقا دىگەندە ئىلمى ماقالە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلار شۇ كەسپنىڭ ئەھلىللىرى بولغاچقا ئۇلار قانچە مۇرەككەپ بولسىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. تىلنىڭ ساپاسىنى ئاشۇ ئارقىلىق ساقلاش كىرەك. لىكىن كەڭ خەلىق ئاممىسى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنى چۇقۇم ئاممىباپ تىلدا يېزىش كىرەك. ئۇنداق بولمىسا خەلىق ئاممىسىغا پايدىلىق بولمايدۇ. FFj6bbDC  
  {LM k!s|  
      رىياسەتچى : ئۆزىڭىزنىڭ ھازىرقى تەتقىقاتلىرىڭىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز، ئۇتۇقلىرىڭىزغىمۇ بىز ئۇزۇندىن بۇيان قىزىقىپ كىلىۋاتىمىز. مۇشۇ ھەقتىمۇ بىزنى خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز. eA:pL  
  tEq6-el  
     ئەركىن سىدىق ئەپەندى :مەرىپەت توربىتىگە كىرىپ قاراپ باقىدىغانلار بىر ئاز بىلىشى مۇمكىن. مەن ھازىرغا قەدەر ئىلان قىلغان ئىلمىي ماقالە 70دىن ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە پاتېنىتتىن 3ى بار. ئاندىن ئامېرىكىدا كىتاپ بېپى دىگەن بىر نەرسە بار. بىرىنجى باپ، ئىككىنجى باپ دىگەندەك نەرسىلەر بار ئەمەسمۇ. ئالىي مەكتەپلەردىكى، تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخخەسسىسلەرنى يىغىپ مەلۇم بىر تىما ئاستىدا بىر كىتاپ تۈزەيلى دەپ، ئۇ كىتاپنىڭ ھەربىر باپىنى ئوخشىمىغان گۇرۇپپىغا بۆلۈپ بىرىدۇ. ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسەن بىرلەشتۈرۈپ بىر كىتاپ يازىدۇ. ئاشۇنىڭغا چىققان نەرسىنى كىتاپ بېپى دەيمىز. ئۇنىڭدىن ئۈچى بار. قالغانلىرى ژۇرنال، يىغىنلاردا ئېلان قىلىندى. ھازىر مەن ئامېرىكىنىڭ NASA ئالەم قاتناش ئىدارىسىدا ئىشلەۋاتىمەن. بىزنىڭ ئىدارىدا 5000دىن ئارتۇق ئادەم بار. NASA نىڭ ئامېرىكىدا 10 مەركىزى بار. بىزنىڭ ئىدارە شۇنىڭ بىرسى. سەل مۇھىم تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارىدىغان ئورۇن. جەمئىي5000 ئادىمىمىز بار. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 1700 ئادەمنىڭ دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بار. يەنە قالغان 3\1 ئادەمنىڭ ماگىستىرلىق ئۇنۋانى بار. قالغانلىرىنىڭ ھەمممسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. كائىنتاقا چىقرىدىغان نەرسىلەرنىڭ بىزنىڭ ئىدارىدا تەتقىق قىلىمىز. ھەم چىقىرىمىز ھەم باشقۇرىمىز. بىزنىڭ ھازىر ئالەم بوشلۇقىدا ئۇچۇپ يۈرگەن نەرسىلەردىن 19 بار. مارىسنىڭ ئۈستىدە 3 ماشىنا بار.مىنىڭ يېقىندا ئۇقۇشىمچە، ئىدارىلەردىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقتىم. مۇشۇ تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئىچىدىن مەن يالغۇز ئىكەنمەن. 2يىلنىڭ ئالدىدا قىزىم كىردى، ئاندىن 2 ئۇيغۇر بولدۇق. مىنىڭ قىلىدىغان بىر ئىشىم، قىزىمنى مەن تۇنۇشتۇرمىدىم، مۇنداق خىزمەت باركەن دىدىم. ئۆزى ئىلتىماس قىلىپ كىردى. ئۇنىڭ كەسپى ئىقتىساد ئىدى، مالىيە بۆلۈمىدە ئىشلەيدۇ. لىكىن خېلى جىق پۇلنى باشقۇرىدۇ 500000000 دوللاردەك پۇلنى باشقۇرىدۇ. مىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىم كائىناتتا ئادەملەرگە ئوخشاش جانلىقلار بولغان باشقا پىلانىتلارنى كۈزىتىدىغان تېلېسكوپ ياساش. ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئۈچ چوڭ ۋەزىپىسى بار. ئۇنىڭ بىرسى، بىز نەدىن كەلدۇق؟ ئىنسانلار يەرشارى نەدىن كەلدى؟ شۇنى ئېنىقلاپ بېقىش. ئىككىنجىسى، بىز نەگە بارىمىز، مۇشۇ كائىنات بۇنىڭدىن 13مىليارد يىل بۇرۇن چوڭ پارىتلاشتىن پەيدا بولغان. ئەڭ ئاخىردا قانداق بولىدۇ بۇنىڭ تەقدىرى، پارىتلاپ پەيدا بولغاندىكىن كىيىن كىچىكلەپ يۇقاپ كىتەمدىغاندۇ؟ ياكى مۇشۇنداق تۇرامدۇ؟ ياكى داۋاملىق كڭىيىپ ماڭامدۇ؟ مۇشۇنى ئېنىقلاپ چىقىش. ئۈچىنجىسى، كائىناتتا بىزدىن باشقا ئادەم بارمۇ يوق؟ شۇنى ئېنىقلاپ بېقىش. نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئىلگىرى ئۇچار تەخسە UFO دىگەن نەرسىنى كۆپ ئاڭلىغان. ئۇچار تەخسىنىڭ ئىشىنى ئامېرىكا يالغان دەپ ئىلان قىلغان. 1974-يىلى. تەتقىقات نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى توختىتىۋەتكەن. ھازىرمۇ تەتقىق قىلىۋاتقانلار بار. كانادادا ھازىر ئۇچار تەخسە مەركىزى دەپ تەتقىق قىلىۋاتقانلار بەركەن. لىكىن ئامېرىكا ئاللىبۇرۇن توختىتىۋەتكەن ئىدى. ئامېرىكا جەمئىي 165دەك مەن ئۇچار تەخسىگە چىقىپ باققان دىگەنلەرنى تىزىملاپتۇ. بىر ھەپتە تۇرۇپ چۈشتۈم دىگەنلەردىن. ئۇنىڭ ئىچىدە خېلى يۇقۇرى خىزمەت ئۇرۇنلىرىدا ئىشلەيدىغانلار. خېلى يۇقۇرى ئۇنۋانلىرى بار. كىيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇلانىڭ يالغانلىقىنى ئاشكارلىدى. خەۋىرىڭلاردا بار ئامېرىكىدا يالغانچىلارنى تەكشۈرىدىغان ماشىنىسى بارچۇ؟ شۇنىڭدا دىگەن گىپىنىڭ راسىت- يالغانلىقىنى تەكشۈرەلەيدۇ. ئۇ 100% توغرا ئەمەسكەن. ئەمما مىنىڭ بىلىشىمچە، 95% توغرا چىقىدىكەن. ئاشۇنىڭغا سېلىپ بېقىپ ئۇلارنىڭ ھەممسى يالغانچى ئىكەن دەپ بىلدى. {T62e  
ئادەتتە ئۇلارنى 1-2 سائەت ياتقۇزۇپ قۇيۇپ سۇئال سۇراپ، ئاشۇنداق قىلىپ تۇرۇپ ئېنىقلايدۇ. كىنولاردا كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن. ئاشۇنداق قىلىدۇ. بۇلارنى يالغان ئىكەن دەپ چىقىرىۋەتتى. بىنىڭ بۇ ساھەدە ئىشلەيدىغانلار ئىككى نەرسىگە ئىشىنىمىز. بىرسى، باشقا پىلانىتلاردا جانلىقلار بار،دەپ ئىشىنىمىز. نىمىشقا دىسىڭىز، بىزنىڭ قۇياش سىستىمىمىز 8 پىلانىت. سامان يولىنى گەلەكسى دەپ ئاتىلىدىغان گەلەكسىيدە. سامان يولىنىڭ ئىچىدە 200مىليار يۇلتۇز بار. بىز ئاخشىمى كۆرىدىغان يۇلتۇزلارنى تېلېسكوپ بىلەن كۆرىدىغان بولسىڭىز. قۇمنى كۆرگەندەك كۆرىسىز. يۇلتۇزلار قۇمدەكلا قۇيۇق. ئاشۇنداق 200مىليارد يۇلتۇز بار.  پۈتۈن كائىناتتا گەلەكسىيدىن 200مىلياردى بار. ئاشۇنداق بولغاچقا، كائىنات شۇنداق چوڭ بولغاچقا چۇقۇم يەرشارىغا ئوخشاش پىلانىتتىن يەنە بىرسى بار. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ھاۋاسى بار، سۈيى بار، تىمپۇراتۇرىسى ياشاشقا ماس كىلىدىغان ئاشۇنداق باشقا پىلانىتلار چۇقۇم بار دەپ ئويلايمىز. ئىككىنجىسى، باشقا پىلانىتلاردا ئادەم بولسىمۇ بىزدەك ئەقىللىق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئەقىللىق بولغان بولسا چۇقۇم بىزنى تاپاتتى. ئۇلار تاپالمىغاچقا بىز ھازىر ئىزدەۋاتىمىز. ئىزدەۋاتقىلى خېلى ئۇزۇن بولدى. قۇياش سىستىمىسىمۇ تەخسىگە ئوخشايدۇ. ئوتتۇرىدا قۇياش بار، ئەتراپىدا 8 پىلانىت ئايلىنىدۇ. بىرسىنى ئاستىغا بىرسىنى ئۈستىگە قارىتىپ ماڭدۇرۋەتكەن. ھازىر 32 يىل بولدى ئۇنى ماڭدۇرۋەتكىلى. بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇرى ئۇچىۋىرىپ ھازىر قۇياش سىستىمىسىدىن چىقىپ بۇلاي دىدى. ئۇنىڭدا ئالتۇن تەخسە دەيدىغان تەخسە بار. خۇددىي فاتىفۇن تەخسىسىگە ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا 28 مىللەتنىڭ ئاۋازىنى، ناخشىسىنى، رەسىمىنى ئېلىپ ئۇلار توختىماي تارقىتىپ تۇرىدۇ ئۇلار. باشقا پىلانىتلاردا ئادەم بولۇپ قالسا ئۇنى قۇبۇل قىلىپ، قۇياش سىستىمىدا بىزگە ئوخشاش ئادەم باركەن، دەپ دىققەت قىلامدىكىن دەپ قۇيىۋەتكەن. لىكىن ھازىرغا قەدەر ھېچكىم ئىزدەپ كەلمىدى. شۇنىڭغا قاراپ بىز ئۇلاردىن ئەقىللىقراق ئىكەنمىز دەپ ئويلاۋاتىمىز. ئۇ تەخسىنىڭ بىرسى بىزنىڭ ئىدارىدە باركەن. ئۇنى كۆرگەزمىگە قۇيۇپ قويغان ئىكەن. كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىز، قايسى تىللار بارلىقى ھەممىسى چىقىدىكەن. مەن ئىدارىغا كىلىپلا ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئاڭلاپ باقتىم، ئاڭلاپ باقسام، سالام دىگەن گەپمۇ چىقتى، سىلەم دىگەن گەپمۇ چىقتى. شۇنىڭدىن ئۇيغۇرچىمۇ باركەن دەپ خوش بۇلۇپ كەتسەم، بىرسى تۈرىكچە، بىرسى ئەرەپچە ئىكەن. ئۇيغۇرلار يوقكەن. كىيىنكى قېتىمقى ئىشتا ئۇيغۇرچىنىمۇ كىرگۈزۈپ قۇيايلى دەۋاتىمىز. بۇ تاشقى پىلانىتلارنى ئىزدەش خېلى بۇرۇن باشلىنىپ بولغان. ئۆتكەندە قاراپ باقسسام NASAنىڭ بىر توربىتى بار، ئالەم بوشلۇقى تور بىكىتىدە قانچە پىلانىتا تېپىلدى، ئاشۇلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان سانى بار. ئۆتكەندە قاراپ باقسام ھازىرغا قەدەر 313 پىلانىتا تېپىلىپتۇ. بۇ پىلانىتلارنى بىۋاستە كۆرگەن ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ يۇپىتىرغا ئوخشاش ناھايىتى چوڭ پىلانىتلار، ئۇ پىلانىتتا يۇلتۇزلار ئايلانغان ۋاقىتتا يۇلتۇز تارتىش كۈچى بىلەن لوغايلايدۇ. شۇ يۇلتۇزغا قاراپ تۇرۇپ، مۇنچلىك پىلانىتا باركەن، چوڭلۇقى مانچىلىككەن، ئوربىتىسى مانچىلىككەن دەپ ھىساپلاپ چىققىلى بولىدۇ. ھازىرغا قەدەر شۇنىڭدىن 313نى تېپىپ بولدى. يېقىندا Capler دىگەن بىر تېلېسكوپنى قۇيۇپ بەردۇق. ئۇ تېلېسكوپمۇ سامان يولى گەلەكسىيدىكى 30 نۇريىلى ئىچىدىكى 10000يۇلتۇزنى تەكشۈرمەكچى. ئاشۇ 10مىڭ يۇلتۇزنى ھەر 30 مىنۇتتا بىر رەسىمگە ئېلىپ بۇلىدىكەن. ئاشۇلارنىڭ مىدىرلىشىغا قاراپ بېقىپ، يېنىغا پىلانىتا كېلىپ قالسا يۇلتۇزنىڭ نۇرى بىر ئاز خىرەلىشىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ئاترەپىدا پىلانىتلار بارمۇ شۇنداق ھۈكۈم قىلىدۇ. شۇنى كۈزىتىدىغانغا بۇ تېلېسكوپنى قۇيۇپ بەردى. مەن ھازىر قىلىۋاتقان تېلېسكوپنىڭ تېخنىكىسى ئاۋۇلارنىڭكىدىن تېخىمۇ يۇقۇرى. ئۇ يۇلتۇزلارنى بىۋاستە كۆرىدىغان تېلېسكوپ. پىلنىتلارنى بىۋاستە كۆرىدىغان تېلېسكوپ، نىمىشقا پىلانىتلارنى بىۋاستە كۆرىدىغان تېلېسكوپ دىسڭىز، قالغان يۇلتۇزلار بىزدىن بەك يىراق. بىزنىڭ قۇياش سىستىمىسىغا ئەڭ يېقىن يۇلتۇز 2.6 نۇر يىلى كىلىدۇ. نۇر يىلى دىگەن بىر ئارلىقنى چۈشەندۈردىغان بىرلىك. بىر نۇريىلى دىگەنلىك نۇر بىر يىلدا بارىدىغان ئارلىقنى بىلدۈرىدۇ. ئەمدى نۇر بىر يىلدا قانچىلىك باسىدۇ دىسىڭىز، ئۇنى دەپ بولغالى بولمايدۇ. شۇڭا بىر نۇر يىلى دەپ ئاتىۋالغان. نۇر بىر سىكونتىغا 300 كىلومىتىردىن ماڭىدۇ. شۇڭا قۇياشنىڭ نۇرىمۇ يەرشارىغا بىر نەچچە مىنۇتتا كىلىدىغۇ دەيمەن. ئابايا قاراپ باقسام پىلىتۇن دىگەن پىلانىتا بارتى، ھازىر ئۇنى باھالاپ چىقىرۋەتتى. بەك كىچىككەن دەپ. شۇ پىلنىتلاردىن يەرشارىغا نۇر كىلىش ئۈچۈن نەچچە سائەت 9 سائەتمۇ ۋاقىت كىتىدىكەن. شۇڭا 2.6 نۇر يىلى دىگەن خىلى يىراق گەپ. بىزگە ئەڭ يېقىنى 2.6 نۇر يىلى دىگەن گەپتە، قالغانلىرى ئۇنىڭدىنمۇ يىراق. بۇنى قانداق چۈشەنسىڭىز بولىدۇ دىسىڭىز، سىز كىچىسى ئاسمانغا قاراپ يۇلتۇزلارنى كۆرىسىز. كۆرگەن يۇلتۇزلارنىڭ ئىچىدىكى سىزگە ئەڭ يېقىنىنىڭ نۇرى 2.6 نۇر يىلىدىن بۇرۇن چىققانلار ئۇ. شۇنى كۆرىسىزدە ، قالغانلىرى تېخىمۇ يىراقلىقتا. ئاشۇنداق يىراق بولغاچقا شۇ يۇلتۇزغا سىز تېلېسكوپ بىلەن قارىسڭىز، پىلانىتا بىلەن يۇلتۇز بىر-بىرىگە چاپلىشىپ قالغان دەك بولىدۇ. ئارلىقى شۇنداق يېقىندە. ئاشۇنداق بولغاچقا پىلانىتتا كۆرەي دىسىڭىز كۆرەلمەيسىز، پىلانىتانىڭ ئۆزىدىن نۇر چىقمايدۇ. يۇلتۇزدىن نۇر چىقىدۇ، پىلانىتادىننۇر چىقمايدۇ. ئايدىنمۇ نۇر چىقمايدۇ، ئاينى كۆرەلىشىمىزدىكى سەۋەپ قۇياشنىڭ نۇرى ئايغا چۈشىدۇ، ئاندىن بىز ئاينى كۆرىمىز. پىلانىتا دىگەن ئاشۇنداق نەرسە. بۇ ئىككىسىنىڭ نۇرنىڭ پەرقى 10مىليارد ھەسسە نۇرنىڭ پەرقى بار. يۇلتۇزنىڭ نۇرى پىلانىتنىڭكىدىن 10 مىليارد ھەسسە كۈچلۈك. ئاشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن پىلانىتنى كۆرۈش ئۈچۈن يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى يۇقىتىشىمىز كىرەك. يۇقاتمىسا پىلانىتلارنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ھازىر بىز ياساۋاتقان تېلېسكوپ ئاشۇنداق تېلېسكوپ. ئاشۇ تېلېسكوپنىڭ ئىچىدە يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋىتىپ ئاندىن پىلانىتانى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇنى 2016-يىلى قۇيۇپ بەرمەكچى. بۇنداق تېلېسكوپلارغا بولغان تەلەپ بەك يۇقۇرى. بىز ياساۋاتقان تېلېسكوپنىڭ ئەينىكى سۇقىچاق، ئۇزۇنلىقى 8مىتىر، كەڭلىكى3يېرىم مىتىر. ئىللىپىس شەكىللىك. ئۇ نىمىشقا ئاشۇنداق دىسىڭىز، تېلېسكوپنىڭ ئەينىكى قانچە چوڭ بولسا ئۇنىڭ پەرىق ئىتىش ئىقتىدارنى شۇنچە يۇقۇرى بولىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ چوڭ تېلېسكوپ قۇيۇپ بەرگىمىزمۇ بار، ئەمما 8 مىتىرلىق چوڭ يومىلاقىنى قۇيۇپ بەرسىك ئۇنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان راكىتا يوق. ئۇنىڭغا 8 مىتىرلىق راكىتا كىتىدۇ دە. ئۇنى سۇقىچاق قىلىپ بىر چىلەكلەرنىڭ ئىچىگە قاچىلاپ، راكىتانىڭ ئوتتۇرىسىغا قۇيىدىغان گەپ. ئاسمانغا چىققاندىن كىيىن ئۇ ئېچىلىدۇ. تېلېسكوپنى ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ 8 مىتىرلىق تېلېسكوپتەك پايدىلانغىلى بولىدۇ. ئاشۇنداق چوڭ تېلېسكوپنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىگە قۇيۇلىدىغان تەلەپ 30 نانومىتىر. مۇشۇ 8 مىتىرلىق ئەينەككە بولغان توغرىلىق دەرىجىسى 30 نانومىتىر. نانومىتىر دىگەن قانداق بىرلىك دىسىڭىز، بىر مىتىر تەڭ 1000مىللىمىتىر. 1 مىللىمىتىر تەڭ 1000مىكرومىتىر. بىر مىكرومىتىر تەڭ 1000نانومىتىر. ئىنسانلارنىڭ چېچىنىڭ توملۇقى 15 مىكرومىتىردىن 180 مىكرومىتىرغىچە كىلىدىكەن. قارا قاشلىق توم چاچلار 180 مىكرومىتىر. سېرىقراق چاچلار 15مىكرومىتىر كىلىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ئويلاپ بېقىڭ، 8 مىتىرلىق تېلېسكوپنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى 30 نانومىتىر بولۇشى كىرەك دە. شۇڭا تەلەپ بەك يۇقۇرى، ھەم بەك تەس. ئۇنىڭغا ۋاقىت جىق كىتىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ پىلانىمىزدا ئۇنى 2016-يىلى قۇيۇپ بەرمەكچىمىز. بىزنىڭ پەرىزىمىزچە 2030-يىلى باشقا پىلانىتتىكى جانلىقلارنى تاپالىشىمىز مۇمكىن. شۇنىڭغا ئىشەنچىمىز بار. شۇڭا تور كۆرۈۋاتقان ياشلار ھەممسى كىيىن كۆرەلەيدۇ دەپ ئويلايمەن. مۇشۇنىڭغا ئۇلاپلا دىۋەتسەم، كائىنات قانچلىك چوڭ دىگىنىگە، كائىناتمۇ تەخسىگە ئوخشايدۇ. بىر تەىپى يۇملاق    چوڭ، بىر تەرىپى نىپىزرەك. تەخسنىڭ بۇ تەرىپىدىن ئۇ تەرىپىگىچە بولغان ئارىلىق 100مىڭ نۇريىلى ئىكەن. قېلىنلىقى 3 مىڭ نۇر يىلى. ھازىرغا قەدەر ئۆلچەپ چىققىنى ئاشۇنداق. iM\]u !*Z  
  r 9 (cF ZI  
رىياسەتچى : سىز شۇنداق مۇھىم تەتقىقاتلار بىلەن تۇلىمۇ ئالدىراش ئىكەنسىز. شۇنداقتىمۇ تور ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ سىزدىن سۇرىغان سۇئاللىرىغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاپ بىرىپ كىلىۋاتىسىز، ياكى سۆھبەتتە بولۇۋاتىسىز، سىز بۇ جەھەتتە ۋاقتىڭىزنى قانداق ئۇرۇنلاشتۇردىڭىز؟ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزغا تەسىرى بولمىدىمۇ؟ b( 
  Gsnk4}n  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى :ئازراق توسالغۇ بولىدۇ، ئايالىم ئامانگۈلمۇ بەك ئوبدان قوللاۋاتىدۇ مىنى. نۇرغۇن يۈكلىرىمنى كۈتۈرۈپ دىگەندەك. يېقىندىن بېرى ئۇقۇغۇچىلارمۇ بۇ ساھەدە مەندىن كۆپ سۇرىدى، مەن 1-سىنىپتىن تارتىپ ئۆزۈمنىڭ ئۆگۈنۈشى ياخشى بولغاچقا، باشقىلارغا ياردەم قىلىش بىر ئادەت بولۇپ قاپتىكەن. ئوبدان چۈشەندۈرۈپ ياردەم قىلاتتىم. بۇ ئادەت ئىزچىل تۈردە داۋاملاشتى، يەنە بىرسى مىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كىلىشىمگە مىنىڭ تارىتمىغان جاپايىم ئاز قالدى. دۇنيادا بار جاپالارنىڭ ھەممىسىنى تارتىپ باققان. ئۇنى ئۇقمىغانلار ئاسانلا كىلىپ قالغاندەك، ھازىر دىسەم، ئۇنى بىرنەچچە مىنۇتتىلا سۆزلەپ بولغىلى بولىدۇ. لىكىن ئەمەلىيەتتە ھەممە ئىشلارنى كۆرۈپ باققان، بىز مەكتەپتە ئۇقۇۋاتقان چاغلاردا ئىشىكنى ئېچىپ قۇيۇپ مەكتەپ باشقۇرۇش بولۇپ كەتتى، شۇنداق قىيىچىلىق، قىغ يىغىپ ئۆتكۈزىدىغان ئىشلار بار ئىدى. دىھقان بولدۇق، ئىشچى بولدۇق، پادىچى بولدۇم بىرمەزگىل. ئاشۇنداق قىلىپ كىيىن ئۇقۇتقۇچى بۇلۇپ دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلارنى بېسىپ ئۆتتۈم. مۇشۇنداق ئىگىز-پەسلەرنى كۆرۈش جەريانىدا ئادەم تەجرىبىلىك بولۇپ كىتىدىكەن. ھازىر ئەمدى ياشلارنىڭ مەندىن سۇرىغان سۇئاللىرى مەن ئۈچۈن بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار بولغاچقا جاۋاپ تېپىش تەس ئەمەس. مىنىڭ ئويلايدىغىنىم، ئىنساننىڭ باشقىلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە، باشقىلارنىڭ ئەھۋالىدا ئازراق ئۆزگىرىش بولسا، ئۇ ئادەمگە زور خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدۇ. بۇ خۇشاللىق ئېلىپ كىلىشنىڭ مەنبەسى بەك كۆپ. بەزەنلىرى كىنو كۆرۈپ خوش بولىدۇ، بەزەنلەر تېلېۋىزور كۆرۈپ خوش بولىدۇ. بەزى قىزلار گىرىم قىلىپ، ئوبدان كىيىنىپ خوش بولىدۇ... دىگەندەك. ماڭىمۇ خۇشاللىق ئېلىپ كىلىدىغان ئىش باشقىلارغا ياردەم قىلىش، شۇلارنىڭ ھاياتىدا ئازراق ئۆزگۈرۈش پەيدا قىلالىسام مەن ئىنتايىن خوش بۇلىمەن. شۇنداق بولغاچقا مەن ئۆزۈمگە ئادەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. مەن ھازىر ئىدارىدا كۈنىگە 9 سائەت ئىشلەيمەن. بىزنىڭ ئىدارە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ ھەركۈنى 9 سائەت، 2 ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە كۈنى دەم ئالىدىغان قىلىۋەتكەن ئىدى. شەنبە- يەكشەنبە كۈنى چۇقۇم دەم ئالىمىز، 2 ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە كۈنى دەم ئالىمىز. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن خىزمەتكە 9 سائەت كىتىدۇ. چۈشلۈك تاماقتا بىر سائەت تاماق يەيمىز. تاماق ۋاقتىدىمۇ مەن تامىقىمنى خىزمەت ئۈستىلىمگە ئەكىتىپ، شۇ يەردە يەپ ماڭا كەلگەن خەتلەرگە جاۋاپ يازىمەن. ئاندىن يولغا 2 سائەت كىتىدۇ، بىزنىڭ ئىدارە ئۆيدىن 45 كىلومىتىردەك يىراقلىقتا. شۇڭا ئىشقا بارغۇچە بىر سائەت كىتىدۇ، كەلگۈچە بىر سائەت كىتىدۇ. شۇنداقتا 12 سائەت تۈگدى دىگەن گەپ. كەچتە ئۆيگە كىلىپ تاماق يەپ، ئازراق چېنىقىمىز. ماڭىمىز، چۈش ۋاقتى يېرىم سائەتتەك ماڭىمەن، كەچ ۋاقتى يېرى سائەتتەك ماڭىمەن. ئاندىن كىيىن كومپىييۇتېرنى ئېچىپ قۇيۇپ كەلگەن خەتلەرگە جاۋاپ يازىمەن. ھېرىپ كىتىمەن. بولۇپمۇ بىلىم تېلىپ كىتىدۇ. ئاشۇنداق ۋاقىتلاردا سافادا ئولتۇرۇپلا ئاشۇنداق قىلىمەن. يېقىندىن بېرى دەم ئېلىش كۈنلىرىم پۈتۈنلەي يازىدىغان نەرسىلىرىمگە كىتىۋاتىدۇ. ياكى ئارقا-ئارقىدىن چىقىرىمەن دىسەم. ئاشۇنداق بولسىمۇ زىرىكىشلىك ھىس قىلمايمەن، چارچايمەن، ئەمما زىرىكىشلىك ھىس قىلمايمەن. چۈنكى ئاشۇنى يېزىش ئارقىلىق نۇرغۇن بالىلارنىڭ ئەھۋالىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ. ماڭا بۇرۇن مۇنداقتىم، ھازىر مۇنداق بولدۇم دەپ. ئۇنىڭدىن شۇنداق خوش بۇلۇپ كىتىمەن. ئاندىن ھەر يىلى ياۋرۇپاغا نەچچە بالا چىقىۋاتىدۇ، ئامېرىكىغىمۇ كىلىۋاتىدۇ. ئۇلارمۇ كېلىپ بولغاندىن كىيىن ماڭا خەت يازىدۇ. ئەركىن ئاكا، سىز ماڭا ياردەم قىلغانتىڭىز، مانا چەتئەلگە چىقىپ بولدۇم دەپ. شۇڭا شۇنداق خوش بولۇپ كىتىمەن. ئەينى ۋاقىتتا بىز ياپۇنىيەگىمۇ چىققاندا بەك تەس توختاپ كەتكەن ئىدى. بىز 85-يىلى ياپۇنىيەگە چىقتۇق. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىز چەتئەلگە چىقىش دىگەننى تەسەۋۋۇر قىلالمايتۇق. بۇ قېتىم بۇ ئىش ھەل بولدى، چەتئەلگە چىقىپ بارا-بارا ئۈسۈپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلدۇق. ئاشۇ بالىلارغىمۇ ئاشۇنداق پۇرسەت چىقسۇن. بولسا ھەممە ئادەملەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرالىسا ئىكەن دىگەن ئۈمىتتە قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم قىلاي دەپ تىرىشىپ كىلىۋاتىمەن. 4FD'~Wy/B  
  \2[m^-0!=s  
رىياسەتچى : بايا زىيارەت قىلىشنىڭ ئالدىدا باشقىلاردىن بىر گەپنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇلار سىزدىن شۇنچىلىك تىز سۇرايدىكەن، ئەمما سىز شۇنچىلىك ئالدىراش تۇرۇپمۇ شۇنچىلىك تىز جاۋاپ قايتۇردىكەنسىز. ئاڭلىسام شۇنداق سۈيۈنۈپ كىتىپتۇ. Y[F8y#P  
  d$n_h]lW  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى :رەھمەت!  ئۆزۈمگە سۇئاللارغا چۇقۇم 3 كۈن ئىچىدە جاۋاپ بىرەي دەپ پىرىنسىپ قىلىۋالغان ئىدىم. شۇڭا كۆپۈنچە 3كۈن ئىچىدە جاۋاپ بىرىۋاتىمەن. شۇڭا چەتئەلگە چىقماقچى بولغان ياشلار كىچىك سۇئالنى ئارقا ئارقىدىن سۇراۋىرىپ، مەسلەن: ماۋۇ جەدۋەلنى تولدۇرۇپ بەرسىڭىز، مەكتەپكە يوللاپ بەرسىڭىز دىگەندەك. ئۇنداق قىلىشقا مىنىڭ پەقەت قۇدرىتىم يەتمەيدۇ. ئۇكام مەن قىلالمايمەن، يۇرىتتىن ئىنگىلىزچىنى بىلىدىغان بىرسىنى تېپىپ قىلدۇرۇڭ دەپ. ماڭا كىلىدىغان خەتلەر ناھايىتى كۆپ، مەن قىلالمايمەن دىدىم. بەزىلىرىنى توختىتۋەتتىم. لىكىن كۆپىنچە ھالدا ئۇنداق ئەمەس. ئىمكان بار 3 كۈن ئىچىدە جاۋاپ بىرەي دەپ تىرىشىپ كىلىۋاتىمەن. {<3]S Wp  
  $Q@gK_6)  
رىياسەتچى : بەلكىم سىزنىڭمۇ خەۋىرىڭىز بار بولۇشى مۇمكىن، يېقىندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى كۆپ تەرەپلىمىدىن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئۇيغۇر دوپپا مەدىنىيىتى بايرىمىنى يولغا قۇيۇپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇرۇنلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرىشىگە ئىرىشتى. سىز بۇنداق تۈردىكى پائالىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەدىنىي مەۋجۇتلۇقىدىكى رولىغا قانداق قارايسىز؟ مۇشۇ ھەقتە بىر توختىلىپ ئۆتەمسىز؟ w c!dn|H  
  [ W.<4mX  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : بۇ بەك مۇھىم، سەلكىن تورىدا ئاشۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. مۇشۇ ئۇچۇرنى مىنىڭ تور بىتىمگىمۇ چىقىرىپ قويدۇم. بەك خوش بولدۇم، نىمىشقا دىسىڭىز بۇ بەك مۇھىم. مۇشۇ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەر فىرانسىيە، ئىتالىيە، ياپۇنىيەگە قاراپ باقىدىغان بولساڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىۋىي نەرسىلىرىنى ئىنتايىن ئايايدۇ. كونا بىنالىرىنى پەقەت چاقمايدۇ، كونا كىتاپلىرىنى پەقەت يۇقاتمايدۇ. كونا ئۆرپ-ئادەتلىرىنى، كىيىملىرىنى پەقەت يۇقاتمايدۇ، بەك ئەتىۋارلايدۇ. ياپۇنيەدە مەخسۇس قوغدايدۇ. بۇ يىل فىرانسىيەگە بېرىپ كەلدىم، فىرانسىيىنىڭ پارىژغا باردىم. پارىژنىڭ ئىككى شەھىرى باركەن. بىرسى، كونا شەھەر، يەنە بىرسى، يېڭى شەھەر. كونا شەھەر قەدىمىي شەھەردە، ئەڭ يېڭى بىنالىرىمۇ نەچچە 100 ئاۋالقى بىنالار. ئۇلار ھازىرقى زامان بىناكارلىقىدىن قېلىپ قالمايلى دەپ، پۈتۈن يېڭى شەھەرنى يېڭى يەر ئاجرىتىپ سېلىشقا باشلاپتۇ. لىكىن كونا بىنالارنىڭ ئارىسىغا ھېچقانداق يېڭى بىنا ئارلاشتۇرماپتۇ. شۇڭىلاشقا پارىژنىڭ كونا شەھىرىگە بارسىڭىز، ئۆزىڭىزنى نەچچە 100يىل بۇرۇنقى دۆلەتكە بارغاندەك ھىس قىلىدىكەنسىز. شۇڭا ئۇلار بەك كۆڭۈل بىرىدۇ. مىنىڭچە بىر مىللەت ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى، مەدەنىيىتىنى،  ئۆزىگە تەۋە نەرسىلىرىنى ساقلاشتا ئۆزىنىڭ ئۆرپ-ئادىتىنى ساقلاش بەك مۇھىم. شۇڭا مىنىڭچە بۇ دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى شۇنداق زور رول ئوينايدۇ. بەك ياخشى بولۇپتۇ، ئىنتايىن خوش بولدۇم. (M'v(6pY  
  !>W"%DBY2  
      رىياسەتچى : پارىژدا كونا شەھەر بىلەن يېڭى شەھەر دەپ ئايرىدىڭىز، ئۇ ئاسارە-ئەتىقە سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالامدۇ ياكى ئۇ يەردە كىشىلەرمۇ ياشامدۇ؟ P@2H95  
  >{1EE /  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : ياشايدۇ. ھەممسى ئىشلىتىۋاتقان بىنالار، لىكىن شەھەرنىڭ تۈسى ئۆزگىرىپ كەتمىسۇن دەپ ھېچقانداق يېڭى بىنا سالماپتۇ. يېڭىدىن قۇرۇلۇش سالىدىغانلارغا يېڭى شەھەردىن يەر بىكىتىپ بىرىپتۇ، ئىككى شەھەرنىڭ ئارلىقىمۇ خېلى يېقىن پىيادىمۇ بارالايدىكەن. ئاندىن ئۇلارنىڭ بىر ئىشكى بار، كىنولاردا كۆرىسىلەر، ماشىنا كىلىپ ئىشىكتىن ئۆتىدىغان. كونا شەھەردە كونا ئىشىك، يېڭى شەھەردە يېڭى ئىشىك بار. ئىككىسى بىر-بىرىگە پاراللىل قاراغلىق. v.^'TDzB  
  ;z#wd]  
رىياسەتچى : ئەركىن سىدىق ئاكا، سىزدىن ئاخرىدا سۇراپ باقسام، سىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىغا دەيدىغان قانداق يۈرەك سۆزلىرىڭىز بار؟ sgA!},% #  
  ([j78> ;  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى : مەندىن يېقىندا كۆرۈشكەن ئۇقۇغۇچىلاردىن نۇرغۇنلىغان سۇئال سۇرالدى. سىز قانداق ئۈگەنگەن؟ سىز قانداق قىلغان؟ دەپ،ئۇلارغا قانداق قىلىپ ھازىرقى دەرىجىگە كەلدىم دىگەن نەرسىنى چۈشەندۈرۈپ قويدۇم. مەن كىچىكىمدىن تارتىپ بۇ ئىشلارنى نەزەرىي دەرىجىسىگە كۈتۈرۈپ ئويلىغان ئەمەس. دەسلەپتە ئۆزۈمنىڭ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەي دەپ، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىزنىڭ ئائىلىمۇ شۇنداق قىيىنچىلىق ئائىلە ئىدى. دادام كادىر ئىدى، كادىر بولغان بىلەن، دادام يالغۇز ئىشلەپ، 8 جان دادامنىڭ قۇلىغا قاراشلىق، شۇ چاغدىلا مەن ئوبدان ئۇقۇپ تەقدىرىمنى ئۆزگەرتەي دەپ دەسلەپتە مەندە شەكىللەنگەن ئاڭ شۇ ئىدى. مەكتەپكە بەك ئامراق ئىدىم، كىيىن 5-6سىنىپلارغا چىقىپ ئىش قىلالايدىغان، ھارۋا سۆرىيەلەيدىغان بولغان ۋاقتىمدا، دادام بەزى چاغدا مەكتەپكە بارماي ئۇن ئەكىلىشىپ بەر دەيتى، مەن ماقۇل دەپ قۇيۇپ، دادامغا ئۇقتۇتماي تالاغا سومكامنى تىقىپ قۇيۇپ، تالاغا چىققان بولۇپلا سومكامنى ئېلىپ مەكتەپكە قېچىپ كىتەتتىم، بەزى چاغلاردا كەچ كىلىپ تاياق يەيتىم. مەكتەپكە شۇنداق ئامراق ئىدىم. كىيىنچە بۇنداق ئارزۇ، نىشان تېخىمۇ كېڭەيدى، تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىن بۇيان ئۈچ نەرسىنى ئۆزۈمگە نىشان قىلغانتىم. بىرسى دۇنيادا بار ئۇقۇشنىڭ ھەممىنى ئۇقۇي دەيدىغان، كىيىنچە ئويلىسام دۇنيادا بىرىلدىغان ئۇنۋاننىڭ ھەممىسىنى ئالاي دەپتىكەنمەن. بىر ئادەم بىلىمنىڭ ھەممىسنى ئۈگۈنۈپ بولغىلى بولمايدىكەن. ئۈگەنسىمۇ بىر ساھەدە دوكتۇر ئاشقۇچە ئۇقۇيدۇغان گەپ ئىكەن. مەن ئۇنى قىلدىم. ئىككىنجىسى، مەن بىر بەخىتلىك ئائىلە قۇراي دەيتىم. ئۈچىنجىسى، ئىقتىساد جەھەتتە ئۆزۈمنىڭ، بىزنىڭ ئائىلىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتەي دىگەنتىم. ھازىر مانا ئۈچىلىسىگە يەتتىم. ھازىر دىسەم نۇرغۇن ياشلارغا ناھايىتى ئاددىي ئاڭلىنىدۇ. لىكىن شۇ دەرىجىگە ئىرىشىش ئۈچۈن بەك كۆپ بەدەل تۈلىدىم. مەن ئاساسەن ياش ۋاقتىمدا ياشلار بەھرىمان بولىدىغان نۇرغۇن ئىشلاردىن بەھرىمەن بولالمىغان. ئۆزۈم ئاشۇنداق بىر يولنى تاللىغاندە، ئاشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كىچىپ، مەكتەپكە، ئۇقۇشقا بىرىلىپ، ھازىرقى كۈنگە كەلدىم. مىنىڭ ياشلارغا دەيدىغان گىپىم: مۇنداق ئىككى نەرسىگە ئادەتلەنسە دەپ ئۈمىد قىلىمەن. ئۇنىڭ بىرسى، ئادەم ھەر بىر كۈنى نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە خىزمەت، ئۇيۇن تاماشا، باشقا ئىشلار بار. مەن ياشلاردىن ھەربىر ئىشنى قىلغاندا، بۇ ئىشنىڭ نىمە قىممىتى بار دەپ سۇراپ باقسا دەيمەن. ئاشۇ مىنىڭ ئادىتىم. مەن ھەركۈنى قىلىدىغان ئىشلارنى تىزىۋېلىپ، ئۇنىڭ قايسىنىڭ قىممىتى قانچىلىك دەپ ئويلاپ باقىمەن. بەزى ئىشلارنىڭ قىممىتى بولمىسا پۈتۈنلەي تاشلاپلاۋىتىمەن. ئۇنداق قىلىشتىكى سەۋەپ، بىر ئادەم قالغان ئادەملەردىن ياخشىراق بىر نەتىجىگە ئىرىشەي دىسە، چۇقۇم باشقىلاردىن ياخشىراق قىلىش كىرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق. ئاندىن كىيىن، ئادەمنىڭ زىھنى، كۈچى، ۋاقتى چەكلىك بولىدۇ. ئاشۇنداق بولغاندىكىن تاللاشنىمۇ مۇۋاپىق قىلىش كىرەك. ئەگەر ئۇنى تاللىيالمىسا ئادەم ئىلگىرلىيەلمەيدۇ. كىيىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ. شۇڭا مەن ئاشۇنداق دەپ ئادەتلەنگەن. بەزى ئىشلارنى ئويلايمەن، ئەمما قىممىتى يوق بولسا ئاشۇ ۋاقىتتىلا 100% ۋاز كىچىپ زىھنىمنى قىممىتى بار ئىشقا يۆتكەيمەن. ئىككىنجىسى، مەن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن تارتىپ، ھەركۈنى كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بۈگۈن قانچىلىك نەرسە ئۈگەندىم دەپ ئۆزۈمدىن ئۆزۈم سۇراپ باقىمەن. ئەگەر بىرەر كۈنى ئۈگەنمىگەن بولسام شۇ كۈنى كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولۇپ، ياق، بۇ ئىشىم بولمىدى، ئەتە چۇقۇم تىرىشمىسام بولمايدۇ دەپ ئويلايمەن. مەن ھەر بىر ياشلاردىن ئاشۇنداق ئادەتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ماڭا بۈگۈن تېخى بىر ئۇقۇغۇچى تېلېفۇن قىلىپ سۇرىدى، ئەركىن ئاكا، مەن بەك تىرىشىپ ئۇقۇيمەن، بەزى چاغلاردا شۇنداق تىرىشىپ ئۇقۇيالايمەن، بەزى چاغلاردا تىرىشىپ ئۇقىيالمايمەن، زىرىكىپ قالىمەن دەيدۇ. سىز مۇشۇنى قانداق قىلغان دەيدۇ. ئەمدى ئادەمنىڭ ئۈگۈنۈشتىكى رۇھى قىزغىنلىق داۋاملىق بۇلىۋەرمەيدۇ. مىنىڭمۇ بىر خىل بۇلىۋەرمەيدۇ. مىنىڭمۇ بەزى كۈنلىرى ھېرىپ قالىدىغان، كاللام ئىشلىمەس بولۇپ قالىدىغان كۈنلىرىممۇ بار. ئاشۇنداق ۋاقىتتا بىر ئىشنى قىلىپ ھېرىپ قالسام، مەن ئۆزۈم مۇھىم دەپ قاراپ، ھېرىپ قالسام، يەنە بىر ئىش بار، ئانچە مۇھىم ئەمەس ئەمما بەك قىلغۇم كەلگەن ئىشدە ئۇ. ئۆزۈمنىڭ قىلغۇم بار، ئەمما بۇ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ۋاقتىنچە توختىتىپ قويغان ئىش دە. شۇڭا بۇ ئىشنى قىلىپ ھېرىپ كەتكەندە ئۇ ئىشنى قىلىۋالىمەن. ئۇ ۋاقىت بەرىبىر ئىسراپ بولغاندىكىن دە. ئاشۇنداق بولغاندىكىن ۋاقىتتىن تۇلۇق پايدىلىنالايمەن. شۇڭا مەندىن ئۈگۈنۈش ئۇسۇللىرىنى سۇرىغان ياشلارمۇ كۆپ. بۇنىڭدا ئۇنۋېرسال بىر ياخشى ئۇسۇل دەيدىغان بىر نەرسە يوق. بۇنىڭ ھەممىسى ئادەمگە باغلىق. مىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىم، مەن بەك كۆپ تەجرىبە قىلىمەن. ھەممە ئىشتا تەجرىبە قىلىمەن. بىر نەرسىدە ئۈگۈنۈش قىلسام ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى، ھەممە نەرسىنى تەجرىبە قىلىپ بېقىپ، نەچچە خىل ئكزۈم ئويلىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سىناپ بېقىپ ئەڭ ياخشىسىنى تاللاپ شۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا باشلايمەن. ئۈگۈنۈش ئۇسۇلۇم مۇشۇنداق شەكىللەنگەن. شۇڭا ياشلارغا نىسپەتەن ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى بەزى ئادەملەر كىچىچە ئۇخلىماي ئۈگۈنۈش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزەنلەر ئولتۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلىشنى ، بەزەنلەر ئۆرە تۇرۇپ ئۈگۈنۈش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئوخشىمايدۇ دە.  شۇڭا ھەر بىر ئادەم ئۈگۈنۈش ئۇسۇلىنى ئۈزىگە تەجرىبە قىلىپ بېقىپ، شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە ئەڭ ياخشى ئۇسۇلنى تېپىۋالغىنى ياخشى. شۇڭا بۇ قانداق بىر سىرلىق، ياخشى ئۈگۈنۈش ئۇسۇلى بار ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالماسلىق كىرەك. مەن دەسلەپتە دىگەن ئىككى نەرسە بەك مۇھىم. ئۈچىنجىسى، بىر نىشاننى تىكلىگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا چۇقۇم مەن دىگەندەك بىر قىسىم ئىشلاردىن ۋاز كىچىپ، ئاشۇ نىشانغا يىتىمەن دەپ قاتتىق تىرىشىشى كىرەك. ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق. چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار بىز بۇ يەردە دىگەندەكلا ئاسان ئەمەس، ھەم قىزىقارلىق ئەمەس. مەسلەن: تىل ئۈگۈنۈش قىزىقارلىق ئىش ئەمەس ئۇ. شۇنداق زىرىكىشلىك ئىش. شۇڭا بىر قىسىم ئادەملەر مەن ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىمەن دەيدۇ، ئەمما ۋاقىتنى مەڭگۈ چىقىرالمايدۇ. ۋاقىت تاپسام ئۈگىنىمەن ئەمەس، بەلكى چۇقۇم ۋاقىت چىقىرىپ ئۈگىنىمەن دىيىش كىرەك. چۇقۇم زىرىكىپ كەتسىمۇ ئۈگۈنۈش كىرەك، بولمىسا ئۇنىڭدىن نەتىجە قازانغىلى بولمايدۇ. قالغان ئۈگۈنۈشلەرمۇ ئاشۇنداق. شۇڭا مىنىڭ دەيدىغىنىم، بىر نىشاننى تىكلەپ بايامقىدەك ھەركۈنى، ھەر سائەتنىمۇ ئىسراپ قىلماي بۈگۈن نىمە ئۈگەندىم دەپ سۇراپ، ھەربىر ئىشنى قىلغان چاغدا بۇنىڭ نىمە قىممىتى بار دەپ سۇراپ مېڭىش كىرەك. يەنە بىرسنەرسە ، يەنى ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەردىكى دوستلارغا دەيدىغىنىم، بىئولوگىيە بىلىمى بۇيىچە ئېيىتقاندا، ئادەمنىڭ ئەسلى ياشاش يىلى 120 يىل، ئەگەر ھەممە ئىشنى ئۆز جايىدا قىلىپ ماڭسا 120 يىل ياشىيالايدۇ دىگەن گەپ. ھازىر دۇنيادا 110 ياشقا كىرگەن بىرقانچە ئادەملەر بار، مىنىڭ بىلىشىمچە. ھازىرقى دەۋىردە بىرئادەم كەم دىگەندە 80 ياش ياشىيالايدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپ باللىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا، ئۇلارنىڭ ئالدىدا 55يىلدەك ياشاش دەۋرى بار. شۇ 55 يىلنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چۇقۇم ئوتتۇرامەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى ئۇقۇشنى جاپالىق ئۆتكۈزۈش كىرەك. تىرىشىش كىرەك، ئىسراپ قىلماسلىق كىرەك. بۈگۈن مۇشۇ گەپنى بىر ياشقا دىدىم. مۇشۇ 10 يىل ئىچىدە بىر قىسىم نەرسىلەرنى قۇربان قىلىپ، كىيىنكى 55 يىلنى ياخشى ئۆتكۈزىشى كىرەك، ياشلار بۇ ھىساپنى چۇقۇم ياخشى قىلىش كىرەك. ئەگەر مۇشۇ 10 يىلنى ياخشى ئۆتكۈزمەيدىكەن، كىيىنكى 55 يىلنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن ھەربىر ئۇيۇغر ياشلىرىدىن بۇ ئىشنى ئىسىدە چىڭ ساقلىسا دىگەن ئۈمىدتە مەن. Ep$i@L  
  V3+BA$.~G  
      سۆھبەت كۆرۈرمىنى : بايا سىز دەپ ئۆتتىڭىز، پۇرسەتلەر ئادەمگە تەستە قولغا كىلىدۇ، جەمئىيىتىمىزگە قارايدىغان بولساق، ئۆزىمىزنىڭ كۈزىتىشىچە، مىنىڭ نۇرغۇن ئىلغار پىكىرلىك ساۋاقداشلىرىم بار، ئۇلارنىڭ ئۇقۇش ئاخىرىغىچە ئۇقۇپ باقسام دەيدىغان ئىرادىسى بار. ئۇلارغا ئائىلە شارائىتى، جەمئىيەتتە پۇرسەتلەر قىيىن بولغاندىكىن، مەسلەن ئۇقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن مەلۇم دەرىجىگە بارغان ۋاقىتتا، ياخشى خىزمەت پۇرسىتى، داۋاملاشتۇرۇپ ئۇقۇش ئارزۇسى، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ نۇرغۇن تەۋسىيىسى قاتارلىقلار بولغاندىكىن گاڭگىراش ئىچىدە ئۈتۈپ كىتىۋاتقاندۇ. ھازىرقى دەۋىردە ياۋرۇپا-ئامېرىكىلار پەن تېخنىكىدا ئالدىغا ئۈتۈپ كەتتى، ئەڭ ياخشىسىنى ئىگەللەيلى دىگەندىكىن شۇ يەرگە بېرىش ئارزۇسى تۇغۇلىۋاتىدۇ. سىز مۇشۇنداق ياشلارغا چەتئەلگە چىقىشقا نىسپەتەن، قىيىنچىلىققا نىسپەتەن، ئاتا-ئانىسىغا نىسپەتەن سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىزنى ئاڭلاپ بېقىش كۆز قارىشى بار ئىدى. y3ks@   
  hPO}gXE}  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى :مەن يېقىنقى 1-2يىلنىڭ ئىچىدە تور بەتلىرىدە ئاتا-ئانىسىنى دەپ ئۆزىنىڭ يۇرتىغا كىتىپ، قاتتىق پۇشايمان قىلغان يازمىلارنى كۆردۈم. باياتىن دىگەندەك كەسىپنىڭ ئىشىغا باغلىنىپ قالىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بۇيىچە قارىغاندا، بىر بالىنىڭ ئۆزىنىڭ بالىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتىمۇ بار. ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىمۇ بېقىش مەجبۇرىيىتى بار. غەرىپلىكلەردە ئۇنداق ئەمەس، غەرىپلىكلەردە ئۆزىنىڭ بالىسىنى بېقىش مەجبۇرىيىتى بار، ئاتا-ئانىسىغا ئانچە قاراپ كەتمەيدۇ. قارايدىغانلارمۇ بار، ئەمما ئۇيغۇرلار بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرۇشقا بولمايدۇ. مىنىڭچە بالىنىڭ ئاتا-ئانىنى بېقىش ئىنتايىن ئىسىل ئەنئەنە دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاشۇنداق بولسىمۇ تاللاش مەسلىسىگە كەلگەندە، ئاتا-ئانىلارمۇ ئويلىشىپ باقسا بولىدۇ. چەتئەللەرنىڭ كۆز-قارىشى بۇيىچە، بىر ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بالىسىنى ناھايىتى ياخشى باقسا، نۇرغۇن قۇربان بىرىپ، بۇ ئاتا- ئانىنىڭ تاللىشى. ئۆزى رازى بولۇپ تاللىغان ئاشۇنى. بالامنى ئوبدان باقاي، مەن ئۆزەم يىمەي بالامنى ئوبدان باقاي دەپ ئاتا-ئانا مۇشۇنداق تاللىغاندە، بۇلارنى بالىلارنىڭ مەجبۇرلىغان بۇلۇشى ناتايىن. ئاشۇنداق بولغاندىكىن قېرىغاندا مەن سىنى باققانتىم، ئەمدى سەن مىنى باق دەپ ئەقىل جەھەتتىن، بولۇپمۇ ئىلمىيلىك جەھەتتىن توغرا بولمايدۇ. بۇلۇپمۇ ئامېرىكىدا. بايامقى چەتئەلگە چىقىش مەزمۇنىمۇ شۇ، يۇرىتقا قايتىش مەزمۇنىمۇ شۇ. ھازىر ئاتا-ئانىلار ياشىنىپ، ياكى تۈگەپ كىتىپ بالىلار قاتتىق نارازى بولغان ئەھۋاللارنىمۇ كۆردۈم. بۇمۇ بايام دىگەندەك نەرسە، چۇقۇم بالىغا تاللاش ھۇقۇقىنى بىرىش كىرەك. ئەگەر بالا ئىنساپلىق چوڭ بولغان بولسا بالىلىرىغا قولىدىن كىلىشىچە قارايدۇ. ئاغرىپ قالسا دوختۇرخانىغا ئاپىرالماسلىقى مۇمكىن، لىكىن باشقىچە يول بىلەن ئاتا-ئانىسىنى بېقىشقا، ياردەملىشىشكە تىرىشىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ پەرزەنىتلىرىدە بۇ. شۇڭا ئەينى ۋاقىتتا سىنى باققانلىقىم ئۈچۈن سەن ئەمدى قايتىپ كىلىپ مىنى باققىن دىگەن غەرىپلىكلەرنىڭ كۆز قارىشى بۇيىچە ئېيىتقاندا توغرا نەرسە ئەمەس. شۇڭا بالىغا بۇ جەھەتتىكى ئۆمۈرلۈك كەسىپ، ئۆمۈرلۈك ھايات يولىنى تاللاشنى بالىغا بەرگەن ياخشى. بولمىسا بالا بىر ئۆمۈر بەخىتسىز ئۈتۈپ قالىدىغان ئەھۋال بار. بۇنى مەن نۇرغۇن توربەتلىرىدىن كۆردۈم. -KtI1n4E  
  cxap]9  
     سۆھبەت كۆرۈرمىنى : نۇرغۇن چەتئەلگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن چەتئەلگە چىقىش پۇرسىتى ناھايىتى قىيىن بولىۋاتىدۇ. مەسلەن بىر قىسىم بالىلارغا نىسپەتەن ئۆزىنىڭ كەسپىنى ئىنتايىن قىزغىن سۈيىدۇ. چەتئەلگە چىققاندىن كىيىن، ئۇنىڭغا نىسپەتەن ئازراق ئوخشىمىغان دائىرىسىدە. شۇنىڭغا نىسپەتەن تەييارلىقنى پۈتۈن تەقلىۋېلىپ چىقىش كىرەكمۇ ياكى ئاشۇ يەرگە چىقىۋېلىپ ئاندىن بىرەر ئىش قىلسىمۇ بۇلامدۇ؟ مۇشۇ ھەقتە سىزنىڭ پىكىرىڭىزنىڭ ئاڭلاپ باققۇم بار ئىدى. |+ 5~$*r  
  |N~/Rx0K  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى :چەتكە چىقىش مەسلىسىدە ھەممە شەرىتنى ھازىرلاپ ئاندىن چەتكە چىقىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. ئاشۇنداق بولغاچقا چەتكە چىقىپ بولغاندىن كىيىن ھەممە شەرىتنى ھازىرلاپ چەتكە چىقىش ئىمكانىيىتى بارمۇ دىگەن سۇئالنىڭ مەزمۇنى ئىككى تەرەپكە قارىتىلغان، بىرسى چەتكە چىقىپ ئۇقۇشتىكى ئىقتىساد مەسلىسى، يەنە بىرسى مەكتەپلەرگە ئۈتۈش مەسلىسى. مەسلەن: ئامېرىكىغا ئۇقۇشقا بارماقچى بولسا، توفېل ئىمتىھانىدىن ئۈتۈشى كىرەك. ئاندىن كىيىن GRYدىيدىغان ئىمتىھانىسى بار. ئەمدى ئۇنىڭغا شەرتى توشمىسا قانداق قىلىش كىرەك؟ ئىككىنجىسى، ئۇلار تەلەپ قىلغان پۇلنىڭ ھەممىسى بولمىسا قانداق قىلىش كىرەك دىگەن مەسلە. ئەمدى پۇل مەسلىسىگە كەلسەك، بۇلار ۋىزا بىرىدىغان چاغدا پۇلنى قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالىدۇ. مەسلەن ياۋرۇپا غا بارماقچى بولسا چۇقۇم بىرىنجى يىللىقى 7000دوللاردىن10مىڭ دوللارغىچە پۇل بارلىق ئىسپاتىنى ئەكەلمىسە بولمايدۇ. شۇ پۇلنى ئاپىرىپ شۇنچىلىك پۇل بىلەن بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بار، باشقا مىللەتلەرمۇ بار. ئىسپاتنى تەييارلىۋېلىپ، ئازراق پۇل بىلەن بېرىۋېلىپ ئاۋۇ يەرگە، ئاندىن بىرتەرەپتىن ئىشلەپ بىر تەرەپتىن ئۇقۇپ كىتىۋاتقانلامۇ بار. بۇ جەھەتتە ياۋرۇپادىكى پۇرسەت ياخشىراق ئىكەن. ياۋرۇپادا ئۇقۇغۇچىلار بىرئاز سىرىتتا ئىشلەپ، جېنىنى بېقىپ ئۇقۇيدۇغان ئاشۇنداق پۇرسەتلەر بار ئىكەن. ئامېرىكىدا بىر ئاز تەسرەك، ئامېرىكىدا ئۇقۇغۇچىلارغا مەكتەپنىڭ سىرتىدا ئىشلەشكە يول قويمايدۇ. مەكتەپ ئىچىدە ئىشلەشكە يول قۇيىدۇ، ئەمما مەكتەپ سىرتىدا ئىشلەشكە يول قويمايدۇ، ئىچىدە ئىشلەشكە يول قۇيىدۇ. ئىشلىگەندىمۇ بىر ھەپتىسىگە 20 سائەت، يېرىم سائەت دىگەن يېرىم كۈن. يېرىم كۈن ئىشلىگەن پۇل بىلەن تۇرمۇشنى پۈتۈنلەي قامداپ كىتىش تەس. ئاشۇنداق بولغاچقا يەنە بەلگىلىك ئىقتىساد بولمىسا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى ئىلتىماس قىلغان مەكتەپلەرنىڭ شەرتىنى تولۇق ھازىرلاپ، بولسا ئۇقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئۇقۇشقا تىرىشسا ئەڭ ياخشى. ھازىر ئامېرىكىغا ھەر يىلى جۇڭگۇدىن 60-70مىڭ ئۇقۇغۇچى بېرىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تەڭدىن تۇلىسى ئۆزىنىڭ شەخسى پۇلى بىلەن بېرىۋاتقانلار. شەخسى پۇلى بىلەن دىگەندىمۇ ئۇقۇش مۇكاپات پۇلى بىلەن بېرىۋاتقانلار كۆپ. ياۋرۇپا ئامېرىكىغا ئۇقۇشقا بېرىش ئۈچۈن مۇنداق بەش شەرىتنى ھازىرلاش كىرەك. بىرسى، ئۇقۇش نەتىجىسى، مۇشۇ يەردىكى تۇلۇق كۇرۇشتا ئۇقۇغان چاغدىكى ئۇقۇش نەتىجىسى. ئىككىنجىسى دىپلوم. ئۈچىنجىسى TOFELئىمتىھانىسى. تۆتىنجىسى GR ئىمتىھانىسى. بەشىنجىسى ئىقتىساد. مۇشۇ بەش نەرسىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر ئۇقۇش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلەر ئۈچۈن ئىقتىساد دىگەن نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئەگەر نەتىجىسى ياخشى بولسا، TOFEL,GRئىمتىھانلىرىدىن ياخشى نەتىجە ئالالىسا ئۇقۇش مۇكاپاتى بىلەن ئۇقىيالايدۇ. بولۇپمۇ ئاساسلىقى تەبئىي پەن، ئىنژىنىر كەسپىدىكىلەر. شۇڭا 63مىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئاران 4-5 ئادەم چىقىۋاتىدۇ. سانى بەك ئاز. بولسا بىزنىڭ ئۇقۇغۇچىلىرىمىز مۇشۇ نوقتىنى چۈشىنىپ، بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلار كىچىكىدىن مۇشۇ نەرسىنى بالىلىرىغا  تولۇق كۇرۇسنى ئۇقۇپ بولغىچە TOFEL,GRغىچە لاياقەتلىك بولغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ قىلالايدۇ بۇنى. شۇڭا بالدۇرراق تەييارلىق قىلىشنى باشلاپ ۋاقىتنى زايە قىلىۋەتمەسلىكى كىرەك. مەن بۈگۈن بىر ياش بىلەن پاراڭلاشتىم. ئۇ دەيدۇ. مەن مۇشۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ, مەخسۇس TOFEL ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىدىغان قىلىدىغان كۇرۇسلاردا ئۇقۇپ چىقسام، ئىنگىلىزتىلىنى ئۈگۈنۈپ چىقالامدىم؟ دەيدۇ. تىلنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۈگەنگىلى بولمايدۇ. نىمىشقا دىسە، ئادەمنىڭ بىر كۈن ئىچىدە تۇتىۋالىدىغان سۆزلۈكىنىڭ چىكى بار. ئۇ سۆزدىن ئېشىپ كەتسە تۇتىۋالغىلى بولمايدۇ. ئاشۇنداق بولغاچقا ئۇنى ئۇزۇن مۇددەت يىغىش كىرەك. ئىنگىلىزتىلىنى پۇختا ئۈگۈنۈش ئۈچۈن 2-3 يىل ۋاقىت كىتىدۇ. شۇڭا بۇنى بالدۇرراق باشلىغان ياخشى. ھەرگىزمۇ مەن ئاخىرىدا 1 يىلدىلا ئۈگۈنۈپ بۇلىمەن دىمەسلىكى كىرەك. لىكىن ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ. گىرامماتىكىلارنى ئۈگۈنۈپ بولغىلى بولىدۇ. ئەمما سۆزلۈكلەرنى ئەستە تۇتۇپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا 2-3يىل ۋاقىت چىقىرىپ بالدۇرراق باشلاش كىرەك. wfaLF(Xamw  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى : مەن يەھۇدىيلارنى ئىنتايىن چۈشىنىپ كەتتىم، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىمۇ 5-6 يەھۇدىي بار. يەھۇدىي دوستۇم بار، ئۇلار بىلەن كۆپ پاراڭلىشىمەن. ئۇلار ئۈچۈن بالىسىغا كىتاپ ئۇقۇتۇش، بالىسىنى بىلىم ساھەسىدە باشقىلاردىن كۆپ تەربىيەلەش شۇنداق قاتتىق ئەنئەنە بولۇپ كەتكەن ئۇلارغا. يېقىن ئۈتىدىغان بىر سەپدىشىم بار. ئۇنىڭ ئۈيى بىزنىڭ ئىدارىغا 5 كىلومىتىر يىراقلىقتا ئىدى. يېقىندا ئۇ ئۆيىنى مەن تۇرىۋاتقان شەھەرگە يۆتكەپ كەلدى. 50 كىلومىتىر يىراقلىقتا دە. نىمىشقا ئۇنداق قىلدىڭ دىسەم، بىزنىڭ مەكتەپنىڭ سۈپىتى چۈشۈپ كىتىۋاتىدۇ، سىلەرنىڭ مەكتەپنىڭ سۈپىتى ياخشىكەن دەيدۇ. بالىسىنى بۇرۇنقى مەكتەپنىڭ سۈپىتى تۈۋەنلەپ كىتىپتۇ دەپ، 50 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى شەھەرگە كۈچۈپ كەلدى. ئىدارىغا 5 كىلومىتىر كىلىدىغان يەرنى سېتىۋىتىپ، 50 كىلومىتىر يىراقلىققا كۈچۈپ كەلدى. يېقىندا بولغان مىسال بۇ. ئەمدى بېرىپ كىلىشكە ھەركۈنى 100 كىلومىتىر ماشىنا ھەيدىمىسە بولمايدۇ دە. مىنىڭ ئاشۇ دوستلىرىم ئىچىدىمۇ ئاتا-ئانىسى شۇنچىلىك كەمبەغەل، 2-3خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ، بالىسىنى دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغىچىلىك ئۇقۇتقانلارمۇ بەك كۆپ. سىلەرمۇ ئۇقىسىلەر ھازىر يەھۇدىينىڭ ئىسرائىلىيىدە 5مىليۇندىن ئارتۇق ئاھالىسى بار. ئامېرىكىدا 6 مىليۇن ئاھالىسى بار. لىكىن دۇنيانى سۇراۋاتىدۇ بۇلار. ئىسرائىلىيىدىكى نۇپۇسنىڭ4\1قىسىمى ئىنژىنىر. ئامېرىكىدىكىمۇ ھوللىۋوددىكى سىتودىيىلەرمۇ يەھۇدىيلارنىڭ قۇلىدا. ئاندىن بانكا ئاشۇلارنىڭ قۇلىدا. ئىشقىلىپ بۇلار دۇنيادىكى قىيىن ئىشلارنى قىلىشقا قادىر ئىكەن. ئاشۇنداق بولۇپ قېلىش بايا دىگەندەك بالىنى قاتتىق تەربىيەلىگەنلىكى ئۈچۈن. مەن بۇرۇنقى كىتاپلىرىمدىمۇ يازدىم. مەن ھازىرغا قەدەر يەھۇدىيلارنىڭ ئۇسسۇل ئويناپ، ناخشا ئېيىتقانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ يىغىلىشىغىمۇ بېرىپ باقدىم. ئەمما ئۇنداق قىسمىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ سەنئەت مەدىنىيىتى بەك ئىسىل نەرسە بۇ. ئۇيغۇرلار ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدىمۇ سەنئەت ئارقىلىق خۇشال يۈرەلەيدىغان مىللەت. لىكىن بىرئاز تەڭپۇڭلۇق بولمىسا بولمايدۇ. مەسلەن ئۇيغۇرلار قەد كۈتۈرىمە دەيدىكەن، چۇقۇم بالا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بىرىش كىرەك. ھازىر پۈتۈن تەشۋىقات ناخشا ئۇسۇل بولغانلىقى ئۈچۈن، كىچىك بالىلار چوڭ بولىۋاتقاندا كىتاپقا بىرىلمەي ناخشا-ئۇسۇلغا بىرىلىپ كىتىۋاتقاندە. كىتاپ مۇسابىقىسى يوق، زىھىن سىناش مۇسابىقىسى يوق. ئۇسسۇل ئويناش مۇسابىقىسى باردە. شۇڭا پۈتۈن نەزىرى ئارتىس بولۇش، ئۇسۇلچى بولۇشقا قارىتىلغان. بۇ ناھايىتى چوڭ تەڭپۇڭسىزلىق. شۇڭا مىنىڭچە بۇ ساھەدە زىيالىيلارنىڭ رولى چوڭ. زىيالىيلار ئوبدان تەتقىق قىلىپ باقسا بولىدۇ. بىزنىڭ مۇنداق مېڭىشىمىز ئۆزىمىز ئۈچۈن ئىــنتايىن پايدىسىز. ناخشا-ئۇسۇل دىگەن ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن ئېيىتقاندا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى. ئۇنى مەڭگۈ يۇقاتماسلىقىمىز كىرەك. داۋاملاشتۇرىشىمىز كىرەك. ئەممـا  ئۇنى بىلىم ئېلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ قويساق ھەرگىز بولمايدۇ. ئەگەر ئۇيغۇرلار يەھۇدىي بولۇپ كىتىمەن دىسە، يەھۇدىي بولۇپ كىتىدۇ. يەھۇدىيدەك بولۇپ كەتمىسمۇ، ئوتتۇراھال ھېچ بولمىغاندا تەرەققىي قىلغان مىللەتلەر قاتارىغا ئۈتىمەن دەيدىكەن، چۇقۇم بالىلىرىغا كىتاپ ئۇقۇشنى ئادەت قىلدۇرىشى كىرەك، چۇقۇم كىتاپ قۇيىدىغان جازا بولىشى كىرەك. كىتاپ ئۇقۇيدىغان ئۈستەل بولۇشى كىرەك. مەن جىق ئۆيلەرگە كىردىم، مۇنداق نەرسىلەرنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈيىدە كۆرگىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىز مۇشۇ يەردىن تەدرىجىي يۆتكەلمىسەك بىز ھەرگىز قەد كۈتۈرەلمەيمىز. 94 4 t  
  JN;""u;.  
      رىياسەتچى : سىزنىڭ ئالەمشۇمۇل مول نەتىجىلىرىڭىز ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىگە شان-شەرەپ كەلتۈرگەنلىكىڭىزگە رەھمەت ئېيتىش، ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا مەيلى تور، مەيلى سۆھبەت ئارقىلىق يول كۆرسىتىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىش مەقسىتىدە ئۇيغۇر ياشلىرىغا ۋاكالىتەن تون كېيدۈرۈشنى لايىق تاپتۇق. شۇڭا فۇرقان شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مەمتىمىن ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىمىز. dm]uD-  
  d[+ [*7  
      ئەركىن سىدىق ئەپەندى :رەھمەت
  wpczK=ZW  
      رىياسەتچى : سەلكىن تور بىكىتىنىڭمۇ كىچىككىنە سوۋغىسى باركەن. يەنى ئۇيغۇر دوپپىسى. سەلكىن شىركىتىنىڭ دىرىكتورى – نۇرئەلى ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىمىز. E4+v U#  
  ZZi)A^:tZ  
   Y'dT#6:f  
      ھۆرمەتلىك تورداشلار. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈنلۈك سۆھبەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى . كىلەر ساندا كۈرىشەيلى. خەيىر-خوش!!! ku"%DI,vN  
  9'IexMp  
  t#GSD[*#B  
QEVG29=  
'EhwvJ  
: 'zM7jA  
تۆۋەندىكىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم كۆرۈنۈشلەر : 7RU.li>+  
ViH  EK8;  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى " قەلىب ساداسى " پروگراممىسىدا سۆھبەتتە
}pTq(YZr@  
x5_R_Kl4  
/7&Us +E*  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى قىزغىن سۆھبەتتە d,0x~pd  
2Sa,>  
,n(ewD  
سۆھبەت يوقۇرى كەيپىياتتا ، قىزغىن داۋاملاشماقتا <m 6 B  
2=oh]"W  
)}$1-v$  
سۆھبەت مەيدانىدىن كۆرۈنۈش +p,2"?IJG  
p{'Ad9  
f 
سۆھبەت تاماشىبىنلىرى ئەركىن سىدىق ئاكىدىن سوئال سورىماقتا  JMm@+!  
ICN@uH}  
^5)-?+RV  
!h,23UH  
9+.Ksx8m  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى سوئالغا جاۋاپ بەرمەكتە {\KPQi  
Wwg9wn H  
A Ez^XW#  
!fVm~`"jg  
Q18~O )h:+  
rBj% PA  
"6HH^GPX  
فۇرقان شىركىتىنىڭ دىرىكتورى مەمتىمىن ئەپەندى ئەركىن سىدىق ئاكىغا تون كىيدۈردى #KvDG U>  
G$-&N6M  
G=("""wZ  
8sp5&(  
q::D ?T1^  
سەلكىن شىركىتىنىڭ دىرىكتورى ، سەلكىن تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى نۇرئەلى ئوبۇل ( سەلكىن ) ئەركىن سىدىق ئاكىغا دوپپا كىيدۈرمەكتە eAa4b E  
[$b7Jkp"9  
A_a56wu9  
.cn$@\y1  
`*R`(L2  
tNPS nq;.  
ztN(H[<  
dIKr  
jU9~ $@E=  
;=R6v"uF  
سەلكىن شىركىتى ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە ھاردۇق چېيى بەردى ov:K5)^G  
eKvE#hT(  
g9?sM:7O@  
سۆھبەتداشلار ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ ئالدىراشچىلىق ئىچىدىمۇ نۇرغۇن ۋاقىت چىقىرىپ ، ياشلارنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە تۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلىرىگە ئەستايىدىللىق بىلەن دەل ۋاقتىدا جاۋاپ بېرىپ كەلگەنلىكى ۋە توغرا يول كۆرسەتكەنلىكىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ، شۇنداقلا ، باشقا يەنە نۇرغۇن زىيالىيلارنىڭمۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە ئوخشاش ئۈن - تىنسىز ۋە سەمىمى ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يىتەكلەپ ، ئۈلگە بولۇپ كەلگەنلىكىدىن مىننەتدار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .
uA.9:d y_  
VY|-ye/  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە =qTkZ0OS  
>u}9Zc'tt  
}2q[h`Ff&  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە Tw8'{-~<  
*F .3\}:  
vAvzIQJ @  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ئۆزىنىڭ سەلكىن تور بېكىتىنى بۇرۇندىن ياخشى كۆرۈپ زىيارەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى ، بۇنىڭدىن كىيىنمۇ تورداشلار بىلەن قىزغىن پىكىرلىشىش بىلەن بىرگە ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى سەلكىن تور بېكىتىدە داۋاملىق ئېلان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . I 1Ht 9c  
hl#e:WLe/J  
f% 6A{_  
چاي سۆھبىتى قىزغىن داۋاملاشماقتا ] zpU& "i  
_!1>O7|  
+1cdF  
ئەركىن سىدىق ئەپەندى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ خەلق ئۈچۈن سەمىمىي ۋە دادىل يوسۇندا خىزمەت قىلىش روھى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى m` %D;S   
  W  
~H.|WP  
بۇ قېتىمقى سۆھبىتىمىزنى ياخشى شارائىت ۋە ئورۇن بىلەن تەمىنلىگەن " نىجات يۇلتۇزى " بەدىئىي سۈرەتخانىسىغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز .
 سۆھبىتىمىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولغان ئورۇنلار :
   نىجات يۇلتۇزى بەدىئىي سۈرەتخانىسى
   شىنجاڭ فۇرقان بىئۇ- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
   مۇنتاژ مېدىيا تور بېكىتى
   چىن ماچىن سىتۇدىيىسى
   چاقماق سىتۇدىيىسى
   يوقارقى ئورۇنلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز .
   , & y: ^  
*;'P.3k"  
سۈرەتلەرنى سەلكىن تورى فوتوگرافى چىمەلتەك ( نىجات ) تارىتقان . y?_<w@6  
m Scc(0  
سەلكىن تور بېكىتى 8I\@?\w[  
2009 - يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى
[ بۇ يازماگۈليارتەرپىدىن2009-06-16 16:39دە قايتا تەھ ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • تۆھپە:+5(razwiqik) ئىسىل ئەسەر
  • پۇل :+100(ئۇلتاش) بۇ سۆھبەت پى ..
  • پۇل :+1000(ئاناقۇشئۇۋىسى) مەسئۇلىيەتل ..
  • پۇل :+1000(ئەلكىزەر) بارىكاللا،ئ ..
  • salkin mtv
    سەن كۈلسەڭ پۈتۈن دۇنيا كۈلىدۇ، سەن يىغلىساڭ دۇنيادا بىر سەنلا يىغلايسەن . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇتقۇزايلى !!
    ئىزدىگەن ئاجايىپ نەرسىمىزنىڭ يېنىمىزدا ئىكەنلىكىنى ھەمىشە كېچىكىپ ھىس قىلىمىز.
    ھاياتنىڭ لەززىتى ئەگرى توقايلىقتا.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-06-10 21:50 |
    شەھرىستان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 69498
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 55
    شۆھرەت: -14 كىشىلىك
    پۇل : 1086 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -12 نۇمۇر
    قوللاش: -10 نومۇر
    ئالقىش: -14 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 59(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    http://salkin.cn/english/
    ئېچىلمىدىغۇ؟ يا چۈشەرگىلى بولمىدى...
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+800(ئالىپتىكىن) بار پۇلۇم
  • ئىزدەش تورى
    مۇشرىكلار ئىبراھىم (ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن ) نى بۇتلارنى چىقىپ ،بۇددىىستلار بىلەن قارشىلاشقانلىقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ،ئىبراھىمنى (ئۇنىڭغا ئاللانىڭ سالامى بولسۇن ) ، ناھايتى چوڭ ئوتنىڭ ئىچىگە تاشلىدى . ئوت تازا كۆيۋاتاتتى ،تۇيۇقسىز بىر قۇشقاچ ئۇ ئوتنىڭ ئۈستىدىن ئۆتۈپ كىتىپ بىرىپ ئۇ ئوتقا ئاغزىدا كىچىككىنە سۇنى تۈكۈرۈپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى ، دەل شۇ ۋاقتىدا بىر پەرىشتە بۇ قۇشقاچنىڭ (ياكى بىر قۇش ) قىلغىنىغا سەل ھەيران بولغاندەك سورىدى : ھەي ئەخمەق سەن ئاشۇ كىچىككىنە سۈيۈڭ بىلەن ئاشۇ چوڭ ئوتنى ئۆچۈرمەكچىما ؟  
    قۇشقاچ ئىتتى : ياق ئۇ ئوتنى مەن ئۆچۈرەلمەيمەن ،ئاللا ئۆچىرىدۇ ئۇ ئوتنى ،لىكىن مىنىڭ قىلالايدىغىنىم شۇنچىلىك ،مەن ئۆزەمگە يارىشا بۇرچۇمنى ئادا قىلدىم خالاس !
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 21:54 |
    erk uzun
    ئابدۇقادىر
    كۈلكەڭ ئۈچۈن
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش مۇنبەر قىززىقچىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئۆمۈرلۈك شەرەپ
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 1198
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 7936
    شۆھرەت: 10875 كىشىلىك
    پۇل : 15863 سوم
    تۆھپە: 620 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7940 نۇمۇر
    قوللاش: 7585 نومۇر
    ئالقىش: 6961 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 1985(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    http://salkin.cn/english/
    مۇشۇنداق پالىيەتنىڭ داۋاملىق بولۇشىنى ئۈمۈد  قىلىمەن! KxNjdzYkj  
    ئاپىرىن ئەركىن سىدىق ئاكا. 6Z'*4Z]nl~  
    ئاپىرىن سەلكىن!
    سۈمەييە
    كىم دادېسىدىن چوڭ؟ ھا ھا ھا ھا
    يىشۇنىڭ چىچى يوق دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ھې ھې ھې ھې
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 21:58 |
    شارزات
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 69849
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 114 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 8(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-06-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    na  hay   ti  yah  xi  yizp   cilar    dawam lik   yizip   tor  xig  lar  ni   umut  kiliman       
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:06 |
    تور مەكتىپى
    باھاريامغۇرى
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 11422
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 82
    شۆھرەت: -3 كىشىلىك
    پۇل : 1232 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -3 نۇمۇر
    قوللاش: 30 نومۇر
    ئالقىش: -3 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ساننى قاچان چىقىراكى دەپ تۆت كۆزۈم بىلەن ساقلاۋاتقان ئىدىم،رەھمەت سىلەرگە! /n`tP=)  
    ھازىر چۈشىرىۋاتىمەن.
    سەن بىر نەزەر تاشلاپلا ئۈرۈمچىنىڭ ئىچ – باغرىنى كۆرەلەيسەن، ئەمما قەشقەرنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ جۇدا كۆزلىرىگە يوشۇرۇنغان مەنىلەرنى بىلەلىشىڭ مەڭگۈ مۇمكىن ئەمەس
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:09 |
    http://www.altuntarim.com
    ئالىپتىكىن
    http://bure.blogbus.com/
    ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە ئىجاتچان ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3545
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 5032
    شۆھرەت: 3075 كىشىلىك
    پۇل : 2147482834 سوم
    تۆھپە: 1085 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3642 نۇمۇر
    قوللاش: 3441 نومۇر
    ئالقىش: 4108 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1563(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قاچانمۇ يېڭى سىستىما  قاچىلارمەن ، يا بىر نەرسە چۈشۈرگىلى بولمىغان . ; _Py(d_o  
    چۈشۈرۈپ بولۇپ ئاندىن باشقا ئىنكاسى يازاي .
    قازى نامەرد بولسا ، ئوغرى مۇتتەھەم كىلۇر
    بارلىق ئەسەرلىرىم تور تۇرايىم كۆكيال بلوگىدا ....
    http://bure.blogbus.com/
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:12 |
    تۈرۈكلەر
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 6838
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 193
    شۆھرەت: 143 كىشىلىك
    پۇل : 646 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 152 نۇمۇر
    قوللاش: 154 نومۇر
    ئالقىش: 150 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 109(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    كۈرۈشكە  ئنتىزار  بوپ تۇراتتىم  
    salkin mtv
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:13 |
    xjalexa.cn
    sleepingbeauty
    <ئۇيقۇدىكى نازىنىن>
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 9372
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1194
    شۆھرەت: 931 كىشىلىك
    پۇل : 9732 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1060 نۇمۇر
    قوللاش: 924 نومۇر
    ئالقىش: 1165 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1069(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-05
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نىمىشقا مۇشۇنداق ياخشى ئىشلاردىن بېخەۋەر قالغاندىمەن؟ ئۆزىنى شۇنچىلىك بىر كۆرگۈم بار ئىدى، بىلمەي قاپتىمەنغۇ؟؟؟؟؟
    salkin mtv
    ھايات سىنى يىغلىتىدىغان مىڭ تۈرلۈك سەۋەپ كۆرسەتكەن بولسا، سەنمۇ ئۆزەڭنى كۈلدۈرىدىغان مىڭبىر تۈرلۈك سەۋەپ تاپالايسەن.......
    ./read.php?tid-15906.htm

    http://blog.salkin.cn/4288l
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:13 |
    .پادىشاھ
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 63267
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 29
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 252 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سەلكىنگە رەخمەت،ئەركىن ئاكىمىزنى قوللايمەن،ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن،تېنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن```
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:19 |
    پەن-تېخنىكا
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 63514
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 91
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 1380 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 162(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-20
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    erkin sidiq ependigege salametlik tileymen
    [ بۇ يازماگۈليارتەرپىدىن2009-06-16 20:27دە قايتا تەھ ]
    salkin mtv
    مىللەت چوقۇم پەن - تېخنىكىغا تايىنىشى كىرەك!
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:20 |
    ئۇيغۇرشاھ
    ھەي...توردا ئېسىل ئۇيغۇرۇم!
    ئىجاتچان ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە باشقۇرغۇچى ئىلغار باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 8017
    نادىر تېما : 12
    يازما سانى : 4954
    شۆھرەت: 3657 كىشىلىك
    پۇل : 926092 سوم
    تۆھپە: 3545 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 3428 نۇمۇر
    قوللاش: 2512 نومۇر
    ئالقىش: 3238 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: تەبەسسۇم
    توردىكى ۋاقتى : 2234(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەمسە ئىككى قولنى يانچۇققا سېلىپ كۆرۈشكە باشلىدىم~
    salkin mtv
    باشقىلار كۆكتە ئۇچـۇپ ، سـۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق!
    مەن مىسال يالاڭ ئاياغ دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن!
      ـــــــــــ ئا.ئۇيغۇر
    http://blog.salkin.cn/48**    
    «ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىمدىن نومۇس قىلىمەن!»دېيىشكۈچىلەر!ئۇيغۇر بولۇپ قالغىنىڭدىن ئەمەس!ئۇيغۇر تۇرۇپ ئۇيغۇردەك ياشىيالمىغانلىقىڭدىن نومۇس قىلىش !!!
    ***********************************************************
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:24 |
    مىھنەتكار
    يەتتە ئۆلچەپ،بىر كەس.
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 48102
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 399
    شۆھرەت: -2 كىشىلىك
    پۇل : 1311 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 607(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىلەرگە كۆپ رەخمەت.نەچچە ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇ پائاليەتنىڭ سىنئئالغۇلۇق كۇرۇنىشى قاچان چىقاركىن دەپ ساقلاپ كەۋاتقان.
    salkin mtv
    بەزىلەر دەيدىكەن گۇللەر چىرايلىق،
    گۇللەرنى كۇيلىگەن ئۇنلەر چىرايلىق.
    مەن دەيمەن ھالال تەر ئەجىرسى بىلەن،
    گۇلباغلار ياسالغان چۆللەر چىرايلىق.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:33 |
    istanbul
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 65035
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 261
    شۆھرەت: -20 كىشىلىك
    پۇل : 9000425 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -18 نۇمۇر
    قوللاش: 14 نومۇر
    ئالقىش: -20 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 414(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نورئېلى سۆھبىتىڭلار خېلى ئەھمىيەتلىك بوپتۇ ، بىز بولغان بولساقمۇ قاتنىشاتتۇق . ئەپسۇس  
    salkin mtv
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:36 |
    جەمشىر
    يالقۇنجاب تۇر ، ئۆچۈپ قالما !
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 42772
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 453
    شۆھرەت: 58 كىشىلىك
    پۇل : 195721 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 14 نۇمۇر
    قوللاش: 21 نومۇر
    ئالقىش: 17 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاخىرى چىقتى..ساقلاپ كۆزۈم4 بولاي دىگەن  
    salkin mtv
    ئەركەك دىگەننىڭ جەينامازدا ئىمانى ، ئەل ئالدىدا ۋىژدانى ، يۈرىكىدە پىغانى ، سەپ ئالدىدا مەيدانى ، تىغ ئالدىدا تەن جانى ، يۈرىكىدە ھەر ۋاقىت دۇلقۇنلاپ ئېقىپ تۇرىدىغان ساپ قېنى بۇلىشى كېرەك .
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:46 |
    مۇنقەرىز
    شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ !!!
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 18160
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1210
    شۆھرەت: 10169 كىشىلىك
    پۇل : 51992225 سوم
    تۆھپە: 9929 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 596 نۇمۇر
    قوللاش: 94 نومۇر
    ئالقىش: 428 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~مۇنقەرىز~
    توردىكى ۋاقتى : 3040(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-06-21
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھاياجانلىق مىنۇتلارنى يەنە ئەسكە سالدى ماۋۇ تىما ، ئالىمىمىزنىڭ ھەر بىر سۇئالغا تەمكىنلىك بىلەن، ئەتراپلىق، ئىنچىكە ،ئەستايىدىل جاۋاپ بىرىشى ،مىنى تولىمۇ سۆيۈندۈردى .قەلىب ساداسىنىڭ بۇ سانى ئالىمىمىزنىڭ خۇشپىئىل ،مەسئۇلىيەتچان پوزىتىسىيسى بىلەن ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقتى دەپ قارايمەن .مىنىڭ نەزىرىمدە ،ئالىمىمىز پەقەت ئۆز كەسپىدىلا ئۇتۇق قازانغان مۇۋەپپەقىيەتچى بولۇپلا قالماستىن ،بىرگە ماھىر كۆپكە قادىر ،بىلىم قۇرۇلمىسى مۇكەممەل ،مىللەتپەرۋەر ،ۋەتەنپەرۋەر ...........ئالىيجاناپ كىشى ! +Kn>? $R%  
    ئاللا ئىگەمدىن ،ئالىمىمىزنىڭ تىنىنىڭ سالامەت  ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىنى  تىلەيمەن ! J/'oW]6K!  
    يەنە دىدارلىشىش نىسىپ بولغاي!!ئاللا خالىسا !!!
    salkin mtv
    ئاللا خالىسا،شۇنداق بىر كۈنلەر كىلىدۇ !!!  ...........
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-06-10 22:56 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » قەلىب ساداسى
    
    oy muluk