12 مۆچەل: چاشقان يىللىقلار سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار » 12 مۆچەل: چاشقان يىللىقلار
تېما: 12 مۆچەل: چاشقان يىللىقلار
بۇ تىما 93 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا بار شۈكۈران0998


تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 58<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 41
UID نۇمۇرى : 80
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
قوللاش: 70 نومۇر
ئالقىش: 92 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

12 مۆچەل: چاشقان يىللىقلار



1.چاشقان يىللىقلار

چاشقان يىلى:1948،1960،1972،1984،1996،2008،2020


ئالاھىدىلىكى: يېقىملىق، دىپلومات، تەسىرچان، زېھىنلىك، ئىقتىسادچىل، جەزبىلىك.
كەمچىلىكى: قاتىلاڭ، مەنسەپپەرەس، شۇپۇر ئېغىز، مەككار، نەپسىگۈر، چېپىلغاق.
      چاشقان يىللىقلار خۇددى فور دىسسىنې تەسۋىرلىگەن چاشقانچاققا ئوخشاش كىشىلەر ياخشى كۆرىدىغان ۋە چۈشىنىدىغان مەپتۇن قىلىش خاراكتېرىگە ئىگە كىشىلەردۇر. ئۇلار ناھايىتى ئاق كۆڭۈل ھەم سەمىمىي كېلىدۇ، لېكىن ئاغىنىدارچىلىقى دائىم دېگۈدەك سىزنى ئەيمەندۈرۈپ قويىدۇ.
چاشقان يىللىقلار چىقىشقاق، خىزمەتتە تىرىشچان، تۇرمۇشتا تېجەشلىك كېلىدۇ، ئۆزلىرى بەك ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن باشقىلارغا سېخىيلىق قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا، ناۋادا سىز ئۇلاردىن بىرەر قىممەتلىك نەرسىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز ئۇلار سىزگە خېلىلا يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. قانچە ئىنچىكە ھېساب قىلىشنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۆز - كۆز قىلىشنى بىلسىمۇ ئەزەلدىن چوقۇنغۇچىلارغا موھتاج بولمايدۇ.
        چاشقان يىللىقلار جىمىغۇر كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلار ئەزەلدىن تىنچ ئۆتمەيدۇ. ئۇلار ناھايىتى ئاسان ھاياجانلانسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدۇ. بۇ باشقىلارنىڭ ئۇلارنى ياخشى كۆرۈشىدىكى ھەمدە نۇرغۇنلىغان دوستلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلىشىدىكى سەۋەبتۇر.
      چاشقان يىللىقلار ئادەتتە ئوچۇق، شوخ ۋە ئالاقىگە ماھىر كېلىدۇ. بەزىدە تەنقىدخۇمار، كوت - كوت، قۇسۇرچى چاشقان يىللىقلارغا يولۇقۇپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ئومۇمەن ئېيتقاندا ئۇلار شايكا توپلاشقا، يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە ھەمدە باشقىلارنى يەكلەش خاراكتېرىدىكى تەشكىلاتلارغا تىرىشىپ - تىرمىشىپ كىرىشكە ئۇستا كېلىدۇ. پېشانىڭىزگە پۈتۈلگەن بولسا قويۇق دوستلۇق رىشتىسى ئىچىدە ياكى شېرىكچىلىك جەريانىدا ئۇلار بىلەن تېپىشىپ قالىسىز. ئۇلار ھەممىلا جايدا سىز بىلەن بىرگە بولۇپ، ياخشى دوستىڭىز ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىدۇ.
      چاشقان يىللىقلارنىڭ ھەقىقىي قەدىرلەيدىغىنى چىن دوستلىرى بىلەن بولغان ياخشى مۇناسىۋىتى بولۇپ، سىز بەزىدە ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن قويۇش بېرىش - كېلىش قىلىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز. بۇ ئۇنىڭ مەلۇم بىرىگە ياخشى تەسىرات قالدۇرۇپ بەكمۇ تەستە ئىشىق - مۇھەببەت رىشتىسىدىن قۇتۇلغانلىقىدىن بولغان. شۇنداقتىمۇ كىشىلەر ئۇنىڭ مەيدانىنى زادىلا ئايرىۋالالمايدۇ. ئۇنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئىقتىدارى ئۇنىڭ سەگەك ۋە پۇلغا ئامراقلىقىنىڭ تەسىرىدىن بولغان.
چاشقان يىللىق خوجايىنلار ياللانغا خادىملىرىغا ئىنتايىن كۆيۈنىدۇ، خوجايىن ئۇلارنىڭ تولۇق ھەرىكەت قىلىش ياكى غىزالىنىش ئىشلىرىغىچە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياللانما خادىملار كېسەل بولۇپ قالغاندا، يوقلاپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ئۆزىنىڭ قىيىنچىلىقى كۆرۈپ ھەل قىلىپ بېرىدۇ. لېكىن، ياللانما خادىملارغا خېلى بۇرۇنلا مائاشنى ئۆستۈرۈپ بېرىش توغرىسىدا گەپ بولغاندا، ئۇ گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ، ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ. چاشقان يىللىقلارنىڭ يېنىدىن پۇلغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىش ۋە سودىلىشىش ئارقىلىق ئاندىن پۈتۈشەلەيسىز.
چاشقان يىللىق خانىملار ھەمشە تىرىشچان - ئىقتىسادچىللىقى بىلەن سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ئۇلار ھامان باشقىلارغا كونا كىيىملىرىنى، كونا ئويۇنچۇقلارنى تارقىتىپ بېرىدۇ، بىر قولىدا ئېلىپ، بىر قولىدا ساتىدۇ، بىر ۋاخلىق تامىقىنى بۆلۈپ بىر قانچە قېتىم غىزالىنىدۇ ھەمدە ئائىلە چىقىمىنى ئىمكانقەدەر، تاكى ئۆيدىكىلەرنىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىغانغا قەدەر ئازايتىدۇ. ئۇلار ھەتتاكى بالىلىرىغىمۇ شۇنداق قىلىشتىن يانمايدۇ. ئەگەر ئۆيدىكىلەر پۇل ئىشلەتمەكچى بولسا، ئۇلار ھەرگىز بېخىللىق قىلمايدۇ. چاشقان يىللىقلار بەزىدە ياخشى ھەمراھ بولالايدۇ. ئۇلارنىڭ ئادەم كۆپ بولسا بىخەتەر بولىدۇ دېگەن قارىشى ئورۇنلۇق بولسا كېرەك. ئۇلار ئەزەلدىن قاچا بىكارلايدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلمايدۇ. ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئىزدىشىپ تۇرىدۇ. دوستلىرى ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە بەخىرامان تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ، نېمە ئۈچۈن دېگەندە، ھىيلىگەر چاشقان يىللىقلار ئۇلارغا قىلىدىغان ئىش تېپىپ بېرىپ كىيىم - كېچەك ۋە ئوزۇق - تۈلۈك چىقىمىنى شۇنىڭدىن ئۈندۈرۈۋالىدۇ.
      ھۇرۇن كىشىلەر، قەلەندەرلەر ۋە نەپسانىيەتچىلەر ئۇلارنىڭ ئۆيىدە ناھايىتى ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. مېھرىبانلىقنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. شۇڭا بۇ قابىلىيەتلىك چاشقان يىللىقلارغا تولۇق ئىشەنچ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ.
      چاشقان ئەسلىدىنلا ئۆز مەخپىيەتلىكىنى ساقلىيالايدىغان ھايۋان. ئۇلار باشقىلارنىڭ سىرىنى بىلىۋېلىشنىڭ ئەھلى. ئۇلار توپلىغان ئۆلۈم خەۋەرلىرى رەھمەتلىك بولمىش ئاشۇ كىشىلەر قازايى قىسمەتكە دۇچار بولا - بولمايلا تارقىلىپ بولىدۇ. پۇرسەت تېپىپ باشقىلارنىڭ يارىسىغا تۇز سېپىشتىن كۆڭلى كۆتۈرۈلىدۇ. ئومۇمەن ئۇلار ھەر قانداق ئەھۋالدا ئاخبارات ئىگىلەش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمايدۇ، ئىشنى بېجىرىشتە كىرمەيدىغان تۆشۈكى قالمايدۇ.
      ئۇلار ئىمكانقەدەر ئۆز ھېسسىياتىنى بىر ياققا قايرىپ قويمايدىغان بولغاچقا، مىجەزى ئاسان ئۆزگىرىدۇ. ئەدەپسىزلىك ياكى قاراملىق قىلغاندا ئىچى تىت - تىتلاپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ. يەنە بەزى چاشقان يىللىقلار كوت - كوت كېلىدۇ. چاشقان يىللىقلار ئاكتىپ ۋە تىرىشچان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن باشقىلارنىڭ ھۇرۇن ۋە ئىسراپخورلۇقىدىن غەزەبلىنىدۇ.
      چاشقان يىللىقلارنىڭ پاسسىپ تەرىپى شۇكى، ئۇلار كىچىك ئىشلارغىمۇ چېچىلىدۇ، باشقىلارنى تەنقىد قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ، تالاش - تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ، قۇسۇرچى ۋە سودىلىشىشقا ماھىر بولىدۇ. ئۇلار دائىم كۆپىنچە ھاللاردا ئۆزى ھەقىقىي ئېھتىياجلىق بولمىغان نەرسىلەرنى سېتىۋالىدۇ ھەمدە دائىم سودىلىشىش جەريانىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆيىدە خاتىرە بۇيۇملار ساقلانغان، كۆڭلىدە ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەسرىتى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇلار يوقىلاڭ ئىشلارغا ئارىلىشىۋالىدۇ. كۆپىنچىسى توغرا نىيەتتە شۇنداق قىلىدۇ.
      چاشقان يىللىقلارنىڭ خاتىرىسى بەك ياخشى بولۇپ، ھەربىر ئىشنى ئېسىدە قالدۇرالايدۇ ھەمدە بۇنىڭ بىلەن ئىچ - پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ. شۇڭلاشقا چاشقان يىللىقلاردىن داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ چىقىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
      چاشقان يىلى تۇغۇلغانلار مەيلى قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ھەممىسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆزى بىلەن ئوخشاش مۈچەللىك كىشىلەر ئالدىدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش تۇتىدۇ. ئۇلار جاپاغا چىدايدۇ ھەمدە خەۋپ - خەتەردىن قورقمايدۇ. ئۇلار سالماق ۋە ھوشيار، ئۆتكۈر بىۋاستە سېزىمغا ئىگە بولغاچقا، يىراقنى كۆرەلەيدۇ ۋە تىجارەتتە زېرەك، بولىدۇ. پالاكەت باسقاندا توغرا يول كۆرسىتەلەيدۇ. دائىم ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىدۇ.
    ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز. ھەر قېتىم سىرتقا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلار قايتىدىغان يولىنىمۇ ئويلىشىپ قويىدۇ. مۇبادا بىرەر كېلىشمەسلىك يۈز بەرسە دەرھال قايتىپ كېلىدۇ. ئۇلار ئۆز ئامانلىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۇلار دائىم خەتىرى ئەڭ ئاز بولغان لايىھىنى قوللىنىپ ئىش قىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاۋارىچىلىقتىن چاپسان قۇتۇلاي دېسىڭىز، ئۇلارنىڭ (چاشقان يىللىقلارنىڭ) كۆرسەتمىسى بويىچە ئىش قىلىڭ. ئۇلار خۇددى يېنىدا خەۋەرلىشىش - مەلۇم قىلىش ئاپپاراتى بىلەن مۇداپىئەلىنىش قورالى ئېلىپ يۈرگەندەكلا توغرا ھۆكۈم قىلالايدۇ. ھۆكمى ئاسانلىقچە خاتا چىقمايدۇ. ئەگەر پەشنى قېقىپ كېتىپ قالالىسا ھەمدە قەتئىي بوشاشماستىن ئىشلىرىنى پۈتتۈرەلىسە، بۇنداق چاشقان يىللىقلار چوقۇم باي بولالايدۇ، بۇ پۇل تېپىش داۋلىسى بىلەن ئوخشاش گەپ.
    گەرچە چاشقان يىللىقلار خەۋپ - خەتەرنى ئالدىن سېزىش ھەم بۇنىڭلىق بىلەن ئىشنى مۇۋاپىق دەرىجىگە يەتكەندە توختىتىپ قويۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئەزەلدىن سودىلىشىش ۋە <ياخشى ئالاقە> قىلىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويمايدىغان ھەم كۆپىنچە ھاللاردا توغرا ھۆكۈم قىلالمايدىغان بولغاچقا باشقىلارنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇلار ئاچكۆزلۈكتىن ساقلىنالىسا ھەمدە چىداشلىق بولالىسا، ئۇلارنىڭ ھايات يولى ناھايىتى ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. ئۆمرىدە نەپسانىيەتچىلىكنىڭ پايدىسىز ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئاۋۋال، ئاز دېگەندە بىر قېتىم پۇل جەھەتتىكى زەربىگە ئۇچرايدۇ. شۇنداقتىمۇ چاشقان يىللىقلار ئىچىدىن نامراتلارنى تېپىش ئاسان ئەمەس.
      12 مۈچەل ئىچىدە چاشقان يىللىقلار ھەقىقىي دەردمەنلەر بولغاچقا ئۇلارنىڭ بالىلىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ ھەم چوڭلارغا يۆلىنىۋالىدۇ. چاشقان يىلى تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئاتا - ئانىسى چوقۇم بالىلىرىنىڭ ياخشى قارىشىغا مۇيەسسەر بولالايدۇ.
      چاشقان يىللىق ئانىلار ناھايىتى ياخشى ئايال خوجايىن بولالايدۇ. ئۇلار يولدىشىنىڭ ئىشلىرىنىڭ راۋاج تېپىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدۇ. ئۇلار بالىلىرىغا ساز چېلىش، ئۇسسۇل ئويناش، گارمون چېلىش ئىشلىرىنى مەشىق قىلدۇرىدۇ، ئۇلار يەنە ئېغىر ئىجتىمائىي خىزمەتلەرنىمۇ زىممىسىگە ئالالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن چاشقان يىللىق ئەرلەر ئۆي ئىشلىرىغا قارىشىدۇ ھەم ئۆيدىكىلەر بىلەن بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى شاد - خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ.
چاشقاننىڭ تۇغۇلغان پەيتى چاشقان يىللىقلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كەچتە تۇغۇلغانلار كۈندۈزى تۇغۇلغانلاردىن بەكرەك قىزغىن، ھېسسىياتچان كېلىدۇ.
      چاشقان يىللىقلار كالا يىللىقلارنى ئاسان جەلىب قىلىۋالىدۇ، ئۇلار كالا يىللىقلارنىڭ كۈچلۈك كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ، ئۇلارنىڭ كۆرسەتكەن پىداكارلىقىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ ۋە ئۇلارغا تايىنىدۇ. ئوىشاشلا بېلىق يىللىقلارمۇ چاشقان يىللىقلار بىلەن ناھايىتى ماسلىشىپ ئۆتىدۇ. ئۇلار يەنە سەزگۈر يىلان يىللىقلارنىمۇ جەلىب قىلىپ ئۇلار بىلەنمۇ مۇۋاپىق ئارىلىشىپ ئۆتۈشى مۇمكىن. ھوقۇق كۈچىنىڭ مەپتۇن قىلىشىدىن چاشقان يىللىقلار تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان مايمۇن يىللىقلارنىڭ ئەتراپىدا پەرۋانە بولىدۇ. ئەقىللىق مايمۇن يىللىقلار ئىش بېجىرگەندە ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن چاشقان يىللىقلارغا ئۆزىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش بېجىرىشكە سالىدۇ، چاشقان يىللىقلار يولۋاس، ئىت، توڭگۇز ياكى يەنە بىر چاشقان يىللىق كىشىلەر ئوتتۇرىسىدا چىقىشىپ ئۆتىدۇ.
      چاشقان يىللىقلار ئات يىللىقلار بىلەن چىقىشالمايدۇ، ئات يىللىقلار ھەمراھ بولۇپ يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان چاشقان يىللىقلارنى بەكمۇ غېرىب (يېتىم) كۆرىدۇ ھەمدە چۈشەنمەيدۇ. چاشقان يىللىقلار توخۇ يىللىقلار بىلەن توي قىلسا خەيرلىك، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. خىيالپەرەس توخۇ يىللىقلار ۋاتىلداپ چاشقان يىللىقلارنى ئاچچىقلاندۇرۇپ قويىدۇ. توشقان يىللىقلار بىلەن توي قىلسىمۇ تۇرمۇشى دېگەندەك كۆڭۈللۈك ئۆتمەيدۇ. مېھرىبان توشقان يىللىقلارمۇ چاشقان يىللىقلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن تاپقان پۇلىنىڭ بەرىكىتىنى قويمايدۇ.
      ئادەتتە چاشقان يىلى تۇغۇلغانلارنىڭ تېنى ئانچە ساغلام، ئانچە بەستلىك بولمايدۇ، ھەتتا شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىچىكىڭىزدىن باشلاپلا كېسەلمەن بولسىڭىز، ئاسانلا ھارغىنلىق ھېس قىلىسىز، دائىم زۇكام بولىسىز، بولۇپمۇ ئاشقازان، ئۈچەي كېەللىكلىرى سىزنى دائىم بىئارام قىلىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇ سىزنى ئۆمۈر بويى كېسەللىك چىرمىۋالىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بۇنىڭ ئەكسىچە، سىز روھىي جەھەتتە ئىرادىڭىز ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولىسىز. لېكىن، مەيل - خاھىشىڭىزنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكلى پاسسىپ ئىرادە كۈچىدۇر.
      دائىم كېسەل بولىدىغانلار <ساق يېرىنىڭ ھالى يوق، كېسەل يېرىنىڭ تايىنى يوق> كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى (كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى) ئادەتتە ئاز كېسەل بولىدىغان كىشىلەردىن كۆپ كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا بەختكە يارىشا سىز ئېغىز كېسەل بولمايسىز. لېكىن، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى شۇكى، سىز <يېنىك كېسەلدىن قۇتۇلالمايدىغان> دەك، ھەمىشە كېەلمەن يۈرىدىغاندەك كۆرۈنىسىز. شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان قوناق شېخى، بۇ باشقىلارنىڭ چاشقان يىلى تۇغۇلغانلارغا بېرىدىغان باھاسى. ھالبۇكى، كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغىنى شۇكى، چاشقان يىلىقلارنىڭ ئۆمرى ئادەتتە كىشىلەرنىڭكىدىن كۆپ ئۇزۇن بولىدۇ.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، چاشقان يىلى تۇغۇلغان بولسىڭىز، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئۆزىڭىزنى چەتكە تارتقىنىڭىز تۈزۈك. چۈنكى، سالامەت ئەھۋالىڭىز سىزنىڭ ئېغىر ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىڭىزنى بەلگىلىگەن، جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت ئادەتتە سىزنىڭ ئالاھىدىلىكىڭىزگە ماس كەلمەيدۇ. ھاۋا رايىنىڭ سوغۇق ياكى ئىسسىق بولۇشىدەك ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن خېلى سەزگۈر بولۇش سىزنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكىڭىزدۇر. سىز سوغۇقتىنلا ئەمەس، ئىسسىقتىنمۇ قورقىسىز. زىيادە سوغۇق ۋە زىيادە ئىسسىق تېمپېراتۇرىمۇ سىزنى ئاسانلا زۇكامغا مۇپتىلا قىلىدۇ. دائىملىق زۇكام سالامەتلىكىڭىزگە زور خەۋپ كەلتۈرۈپ ئىممۇنىتېت كۈچىڭىزنى ئاجىزلىتىدۇ.
      ئۇنىڭدىن باشقا، ئاشقازان، ئۈچىيىڭىزدىن دائىم كاشىلا چىقىپ تۇرىدۇ. سىز ئاشقازان، ئۈچەي سىستېمىڭىزنىڭ ئانچە ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلسىڭىزمۇ، كۆپ ھاللاردا يېمەك - ئىچمەكنىڭ تۈرى ۋە ۋاقتىغا سەل قارايسىز. يەنە كېلىپ يېمەك - ئىچمەكنىڭ سۈپىتى ۋە مىقدارىغا ئەھمىيەت بەرمەيسىز. دائىم ئاش - توق يۈرۈپ، ناشتىدا تاماق يېسىڭىز چۈشتە تاماق يېمەيسىز. شۇڭا سىزنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرى بىلەن ئاغرىپ قېلىشىڭىز ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
يېمەك - ئىچمەكتە ئېسىل تائاملارنىمۇ، غورىگىل غىزالارنىمۇ يەۋېرىسىز. بۇ ئېھتىمال سىزنىڭ ئىشلارغا بىپەرۋارلىق بىلەن قاراشتەك مىجەزىڭىز ۋە پوزىتسىيىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
شۇنداقتىمۇ، دائىم ئېسىل تائاملار بىلەن غورىگىل غىزالارنى ئارىلاشتۇرۇپ يەۋېرىش سىزدە تويمىغۇرلۇق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، سالامەتلىكىڭىزگە كۈتۈلمىگەن زىيان - زەخمەت يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئاخىرىدا ھاراق - تاماكىنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىز زۆرۈر. كۆپ تاماكا چېكىش ۋە زىيادە ھاراقخورلۇق دائىم دېگۈدەك سىزگە ئەجەللىك زىيان يەتكۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بۆرە، دوۋساق، مۇسكۇل ۋە بوغۇملىرى ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەردىن ساقلىنىش كېرەك.
        ئاياللار فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەر ۋە جىنسىي كېسەللىكلەردىن ھەزەر ئەيلەش كېرەك.
        ئالىيجانابلارغا يېقىن، چاكىنىلاردىن يىراق تۇرۇشنى ھەممىلا ئادەم ئارزۇ قىلىدىغان ئىش. ھالبۇكى، دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ئالىيجانابمۇ ئەمەس، چاكىنىمۇ ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئالىيجانابلار بىلەن چاكىنىلارنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پەرقلەندۈرۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ھاياتلىق پائاىيىتى مۇئەييەن دەۋرىيلىك ۋە قانۇنىيەت ئاساسىدا داۋام قىلىدۇ، مۈچەللەر ۋەكىللىك قىلىدىغان يىل - دەۋرلەر مۇئەييەن دەۋرىيلىكنى توغرا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. شۇنداق ئىكەن، بىر 21 مۈچەلگە ئىشىنىشكە ھەقلىقمىز ھەم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر - بىرىنى تۇغدۇرۇش ۋە بىر - بىرىنى چەكلەش مۇناسىۋىتىنىڭ بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. كىم سىزگە ئۆمۈرلۈك تەقدىرداش بولالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن ھايات - ماماتتا بىرگە تۇرالايدۇ؟ كىم سىز بىلەن غىل - پاللا دوست بولۇپ ئۆتۈشى مۇمكىن؟ كىم سىز بىلەن قاتتىق - يىرىك بولۇپ غىژ - غىژلىشىپ ئۆتىدۇ؟ سىز كىمگە سىر بەرسىڭىز بولىدۇ؟ كىمدىن نېرى تۇرۇشىڭىز كېرەك؟ مۈچەللەرنى تۆۋەندىكىدەك گۇرۇپپىلاش سىزگە پايدىلىق مەسلىھەتلەرنى بېرىشى مۇمكىن.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - خېلى ياخشى ئۆتۈشىدۇ، لېكىن ھەقىقى دوست بولالمايدۇ، ئۆز مەقسىتىگە يېتىش يولىدا رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ، قارشى تەرەپنى ئالدايدۇ، قارشى تەرەپتىن پايدىلىنىدۇ.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -ئادەتتە باردى - كەلدىسى ئاز بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا ئورتاق تىل بولمايدۇ.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار -ئىككى تەرەپنىڭ دوست ئۆتەلىشىدىن ئېغىر ئاچقىلى بولمايدۇ، چۈنكى يولۋاس يىللىقلارنىڭ غايىۋىزمچىلىق ھالىتى بىلەن چاشقان يىللىقلارنىڭ ماتېرىيالىزمچىلىق ھالىتىنىڭ بىرىكىشى تەس.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئۆز ئارا دوست بولالمايدۇ، چۈنكى توشقان يىللىقلار چاشقان يىللىقلارغا باشتىن - ئاخىر بىر تەرەپلىمە قارايدۇ.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار - ھەر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ ئىستېداتىغا خۇشتار بولغاچقا دوست بولالايدۇ.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - دوست بولالايدۇ، ۋاقىت ۋە پۇرسەت ئۇلارنىڭ دوست بولۇشىغا يار بولىدۇ، ئۇلار ئوچۇق - ئاشكارە، سەمىمىي بولسىلا دوستلۇق تەبىئىي بارلىققا كېلىدۇ.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - بىر - بىرى بىلەن ئەشەددىي رەقىبلەردۇر، ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان بولغاچقا، ئۆز ئارا دوست بولالىشى زادى مۇمكىن ئەمەس.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار - ئۇلار دوست بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ دوستلۇقى ۋاقىتلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلاردا ئىرادە، ھېسسىيات - قىزىقىش ۋە مېھىر - مۇھەببەت ئۇزاققىچە ساقلىنىشى تەس.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار - ياخشى دوستلاردىن بولالايدۇ، لېكىن مايمۇن يىللىقلار دائىم چاشقان يىللىقلاردىن پايدىلىنىدىغان بولغاچقا، چاشقان يىلىقلار ئۆز ئارا ئالاقىدە كۆپرەك پەخەس بولۇشى كېرەك.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار - ئېغىزىنىڭ ئۇچىدىلا دوست بولىدۇ، يا قۇرۇق پاراڭ سېلىشىپ ياكى باش لىڭشىتىشىپ قويىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقىسىگە ھەق تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، خالاس.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار - غايىۋىزمچى ئىت يىللىقلار چاشقان يىللىقلارنى ياراتماي، چاشقان يىللىقلارنىڭ ئىرادە، قىزىقىشى ۋە خاراكتېرى بەك چاكىن،ا ئۇلا ئالاقە قىلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارىغاچقا، ئۇلارنىڭ دوست بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
        △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار - ئۇلار بىر جۈپ ھۇزۇر - ھالاۋەت ئىزدىگۈچىلەردۇر، ئەممە سىرتقا سەيلە - ساياھەت، ئويۇن - تاماشىغا چىققاندا، چاشقان يىللىقلار ئۆزىنىڭ دەخلى - تەرۇز قىلىش خاراكتېرىنى يىغىشتۇرۇۋېلىشى كېرەك، چۈنكى توڭگۇز يىلىقلار بۇنىڭغا جور بولمايدۇ.
        چاشقان يىللىق ئەرلەر چوڭ شىركەتلەردە خىزمەت قىلغاندىن كېيىن ۋاقىت ۋە تەشكىلنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغان كەسىپلەرنى، جۈملىدىن رېستۇران باشقۇرۇشقا ئوخشاش يېمەك - ئىچمەك كەسپىي ياكى ئەركىنلىك تۈسى بىر قەدەر قويۇق بولغان يازغۇچىلىق، مۇزىكانتلىق، سەنئەتكارلىق، ئوبزورچىلىق، دوختۇرلۇق، ئىختىراچىلىققا ئوخشاش كەسىپلەرنى قىلىشقا مايىل كېلىدۇ. ئاياللارغا كەلسەك، ئۇلار كەسىپلىك ئايال بولۇپ ئۆتكەنكىگە قارىغاندا، ناخشىچى، ئارتىس ياكى ئاشپۇزۇل، قەھۋەخانا قاتارلىق ھېسسىياتقا ئېتىبار بېرىلىدىغان ۋە مەنىلىك سورۇنلاردا خىزمەت قىلىشقا تېخىمۇ باب كېلىدۇ.
      ئۆمۈرلۈك ئامىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، چېچەن، قابىلىيەتلىك بولغانلىقتىن، ئاسانلىقچە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىمايدۇ. ئازدۇر - كۆپتۇر كىچىك داۋالغۇش بولغان تەقدىردىمۇ، ئومۇمەن <قەدىر ئەھۋال> تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.<ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا> دېگەندەك ئادەم ھەقىقەتەنمۇ چۈشىنىش ئەڭ تەس مەخلۇق. بولۇپمۇ بۈگۈنكى جەمئىيەتتە،
نام - مەنپەئەت قوغلىشىش ئىدىيىسى ھەممىلا ئادەمگە مەۋجۇت. شۇڭا كەسپىي شېرىك تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق تاللاشتا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك. سودا - تىجارەت قاتارلىق پۇل - مال بىلەن بىۋاستە ئالاقىدار ئىشلاردا شېرىك تاللىغا ۋاقىتتا، كۆڭۈلسىز
ئىشلارنىڭ تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، تېخىمۇ ئېھتىيات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشتا باشتا ھەمشېرىكلەردىن بولۇپ، كېيىن ئەشەددىي رەقىبلەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايىتى تولا. كىشىلەر ھەمىشە: مۇشۇنداق بولارىنى بالدۇرراق بىلگەن بولسام، باشتىلا ئۇنداق قىلىپ يۈرمەس ئىكەنمەن، دەپ ھەسرەت چېكىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، سىز بۇنداق ئىشلارنىڭ تامامەن ئالدىنى ئالالايسىز.
      12 مۈچەل ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي مىجەز - خاراكتېرىنى بىلىۋالغىلى بولغاچقا بۇ جەھەتلەرگە دىققەت قىلىپ قويسىڭىز سىزگە زىيىنى يوق. مۈچەللەرنىڭ ماسلىق مۇناسىۋىتىدىن مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولالايسىز. مۇۋاپىق تاپسىڭىز قوبۇل قىلىسىز، مۇۋاپىق تاپمىسىڭىز رەت قىلىسز. ئىش شۇنچىلىك ئاددىي.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن چاشقان يىللىقلار - ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئەڭ ناچار بولىدۇ، ئىش - ئوقەتتە دائىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىرغاچقا، ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىمۇ شۇ ۋەجىدىن بۇزۇلىدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن كالا يىللىقلار -ھەمكارلىشالايدۇ، كالا يىللىقلارنىڭ ئىش - ئوقەتكە ئېپى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ شىجائەت بىلەن ئىشلەش ئارتۇقچىلىقى بار، شۇڭا ھەمكارلاشسا بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ چاشقان يىللىقلار ئىش - ئوقەتتە كۆپرەك باش قاتۇرۇشى كېرەك.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن يولۋاس يىللىقلار - مەلۇم دەرىجىدە ھەمكارلاشسا بولىدۇ، چاشقان يىللىقلاردىن سەمىمىيلىكنى تەلەپ قىلىش زۆرۈر، چۈنكى ئۇلار ھامان ئاز - تولا پۇرسەتپەرەسلىك بولىدۇ، يولۋاس يىللىقلار تىزگىنلەپ تۇرمىسا، چوقۇم پۇشايمان قىلىدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توشقان يىللىقلار - ئۇزاققىچە ھەمكارلىشالماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى ئۇلار ھەمكارلاشقاندا، توشقان يىلىقلارنىڭ تىجارەت ئۇسۇلى خېلى كۈلكىلىك بولىدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن بېلىق يىللىقلار -ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى كۆڭۈلدىكىدەك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدۇر، لېكىن چاشقان يىللىقلار بېلىق يىللىقلارنىڭ پىلانىغا ھۆرمەت قىلىشى، چوڭ ئىشلاردا بېلىق يىللىقلار ئىگىدارچىلىق قىلىشى لازىم.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن يىلان يىللىقلار - ئۆزگىچىلىك يارىتىدىغان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، باشقىلار ئۇلار تۈپ ئاساسىدىن ھەمكارلىشىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايدۇ، شۇنداقتىمۇ بۇنداق ھەمكارلىقنىڭ ھەممىسى مال - مۈلۈكنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن ئاقىۋەتلىنىشى ناتايىن.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن ئات يىللىقلار - ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاقمايدۇ، ئۇلار بىر - بىرىدىن بىزار، دائىم قىلتاق قۇرۇپ قارىشى تەرەپكە زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن قوي يىللىقلار -ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى خېلى يۇمۇرلۇق تۈسكە ئىگە، قوي يىللىقلار ھامان سەنئەتكارلارنىڭ نەزەرى بىلەن چاشقان يىللىقلارنى كۆزىتىدۇ، غەيرىي سودىگەرلەرگە خاس سۈپەت بىلەن سودا ساھەسىدىكىلەرگە ھەق بېرىدۇ، بۇنىڭ قانداق نەتىجە بېرىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئېنىق دېيەلمەيدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن مايمۇن يىللىقلار -ھەمكارلاشسا بولىدۇ، لېكىن چاشقان يىللىقلارنىڭ جەزمەن ئۆز ئالدىغا ئويى بولۇشى كېرەك، چۈنكى چاشقان يىللىقلار ھامان مايمۇن يىللىقلارغا ئاز - تولا قارىغۇلارچە چوقۇنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دائىم دېگۈدەك كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توخۇ يىللىقلار -ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى قىمار ئوينىغاندەك خېلى تەۋەككۈلچىلىك ۋە قارىغۇلارچە ئىش قىلغانلىق بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئىش - ئوقەتنى قانداق قىلىشنى بىلمەيدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن ئىت يىللىقلار -ئادەتتىكى ئەھۋالدا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتمىغان تۈزۈك، چۈنكى ئەمەلىيەتچىل بولغان ئىت يىللىقلاردا باشتىن - ئاخىر قويۇق غايىۋىزملىق تۈس بولغاچقا، ئۇلار ئىش - ئوقەتكە كىرىشسە، كۆپ ھاللاردا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرايدۇ.
      △ چاشقان يىللىقلار بىلەن توڭگۇز يىللىقلار -ئۇلار ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتالايدۇ، پۇل ئىشلىرىدا توڭگۇز يىللىقلارنىڭ ئامىتى باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدۇ، چاشقان يىللىقلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ نەپكە ئېرىشەلەيدۇ. يەنە كېلىپ توڭگۇز يىللىقلار چوڭ زىيان تارتمايدۇ، ئۇلار ھەمكارلاشسا ئادەتتە خېلى خۇشال - خۇرام ئۆتىدۇ.
      توشقان يىللىقلارنىڭ بالىلىق دەۋرى ئومۇمەن بەختلىك ئۆتىدۇ. ياشلىق دەۋرىدىمۇ ئەركىن - ئازادە ئۆتىدۇ، يەنە كېلىپ ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولىدۇ. ئوتتۇرا ياشقا بارغاندا، ھەمىشە ئۇششاق - چۈششەك ئاۋارىگەرچىلىكلەر پەيدا بولۇپ، ئاز بولمىغان ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىدۇ. بۇ ئېھتىمال ئىشىق - مۇھەببەت جەھەتتىكى كۆڭۈلسىزلىك، تىجارەت، خىزمەت جەھەتتىكى مەغلۇبىيەت بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، چاشقان يىللىقلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى بەختلىك، كۆڭۈللۈك ئۆتىدۇ.
        چاشقان يىللىقلار يەنە ئاجايىپ بىر خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولىدۇ، ئامانەت قويىدىغان پۇل نىشانىنى ئېنىق بەلگىلىۋالغاندىن كېيىن پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئاتلىنىدۇ، مەقسەتكە يەتمىگۈچە بولدى قىلمايدۇ. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، سىز ئىنتايىن ئىجتىھاتلىق بىر ئادەمسىز. دەل مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن، ھاياتىڭىزدا پۈل - پۈچەك جەھەتتىكى باش ئاغرىقىغا ناھايىتى ئاز ئۇچرايسىز. ئەمما، يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ پۇلنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى ئاجىزلىقىڭىزدۇر. سىز گەرچە پۇلنى ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلالىغان ھالەتتىمۇ، لېكىن دائىم دېگۈدەك كۆڭۈلچەكلىك قىلىپ ئوڭايلا باشقىلارنىڭ دامىغا چۈشۈپ كېتىسىز.
سىزنىڭ تۇتۇمسىز مىجەزىڭىز تۈپەيلىدىن، كۆپ ھاللاردا ئەقلىڭىزنى كونترول قىلالماي قالىسىز - دە، نەتىجىدە ئەپلەشمىگەن ئىشلارنى قىلىپ قويىسىز. ئېھتىمال سىز باشقىلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىەلن قىمارغا بېرىلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن. چۈنكى، سىز دائىم ئۆز تەلىيىڭىزنى سىناپ بېقىش كويىدا يۈرىسىز، دو تىكمەي تۇرۇپلا ئۆزىڭىزنىڭ جەزمەن ئۇتىدىغاندەك ھېس قىلىسىز. ئەمما، شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، <ئون قېتىملىق قىمارنىڭ توققۇز قېتىمىدا ئۇتۇلىدۇ> دېگەن سۆز ئەسلا بىكار ئېيتىلغان ئەمەس.
      سىز گەرچە پۈتكۈل ئۆمرىڭىزدە پۇل توغرۇلۇق باش قاتۇرمىسىڭىزمۇ، لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز پەقەت ئۆزىڭىزنى <كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەش> نىڭ ماھىرى دېيەلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى، سىز جاپا - مۇشەققەت چېكىش بەدىلىگە قولغا كەلتۈرۈلگەن پۇلنىڭ بىر تىيىن - بىر سىنىتتىن يىغىلىدىغانلىقىنى بىلىسىز. سىزدە ئەسلا مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئۇقۇمى ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساۋات يوق. ھاياتىڭىزدا ئىلمىي بولغان مالىيە باشقۇرۇش ۋە پۇل ئوبوروت قىلىش ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن تامامەن چىقىپ كېتەلمەيسىز. كۆپ ھاللاردا ئازغىنا ئۆسۈمگە تايىنىپ ئۆمرىڭىزنى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىسىز.
      چاشقان يىللىقلار كىشىلەرگە بىردىنلا بېيىپ كېتىش روھىي ھالىتىدە بولماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئەگەر سىز جەزمەن تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ بىر ئۆمۈر توپلىغان زېھىن ۋە كۈچىڭىزنى بىر يولىلا دوغا تىكىپ، زور پايدىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەنسىز، بۇ خىل روھىي ھالەت ۋە ئىش - ھەرىكەتنى ھەقىقەتەن ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەس ئىش دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا سىز پۇل باشقۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قىسىم ساۋاتلارنى ئۆگىنىشىڭىز، ھازىر بار بولغان پۇلنى جانلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىقىنى ئۆگىنىشىڭىز كېرەك. كۆپرەك ئۆگەنسىڭىز، تىرىشىپ پىكىر يۈرگۈزسىڭىز ياشايسىز. كونىلاردا <تىنچلىقنىڭ ئۆزى بەختتۇر> دېگەن سۆز بار.
      ئەر - ئاياللار ئوخشاش باش قاتۇرىدىغان بىر ئىش. بولۇپمۇ ئاياللار بۇ ئىشقا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. يەنى ئۇلاردا تۇغۇلۇشىدىنلا ئاياللارغا خاس بولغان ئاق كۆڭۈللۈك ۋە ھېسداشلىق تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى سىرتتا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا مايىل كېلىدۇ. ئاياللار بولسا پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ. ئائىلىنى رەتلىك ھەم چىرايلىق تۇتىدۇ. ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىدۇ، سەزگۈرلۈكى ئۈستۈن كېلىدۇ، ئەتراپلىق ئويلاپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئىش قىلىدۇ. بۇخىل ئاياللارنى ئائىلىنىڭ ئەقىللىق ئايال خوجايىنى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
لېكىن، چاشقان يىللىق ئاياللاردىمۇ كەسپىي دىپلوماتلارغا خاس قەيسەرلىك بولىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىككى خىل تىپقا ئايرىشقا بولىدۇ، بىر خىلى ئائىلىگىمۇ ھەم خىزمەتكىمۇ تەڭ ئېتىبار بېرىدىغان سەمىمىي ئاياللار بولسا، يەنە بىر خىلى تامامەن مۇستەقىل ھالدا، كۆپ خىل ئىگىلىك بىلەن شۇغۇللىنىش ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرالايدىغان ئاياللاردۇر.
يۇقىرىقىلار چاشقان يىللىقلارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى مىجەز - خاراكتېرى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ، ئەمدى تۆۋەندە ئاياللار مەيدانىدا تۇرۇپ، چاشقان يىللىق كىشىلەرنىڭ تەبىئىتىگە زادى قانداق كىشىلەرنىڭ مۇناسىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى.
    سىزنىڭ گۈزەللىكىڭىز ھەم ئوماقلىقىڭىز ھەر قانداق كىشىنىڭ ئامراقلىقىنى كەلتۈرىدۇ. چۈنكى، سىز ھەر قانداق بىر ئىشنى ناھايىتى چىۋەرلىك ھەم ئەستايىدىللىق بىلەن قىلىسىز، باشقىلارغا ياردەملىشىشنى ياخشى كۆرىسىز، مۇھەببەتكە نىسبەتەن بىر خىل رومانتىكلىق خىيالىي تۇيغۇدا بولىسىز، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، جىنسىيەتكە بولغان قىزىقىشىڭىزنىمۇ سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ، سىز ئەسلا قارشى تەرەپنى ئۆزىڭىزدىن بىزار قىلىۋېتىدىغان كىشى ئەمەس. ئەگەر چاشقان يىللىق بولمىش سىزگە ئوخشاش بىر ئادەمنى ئاددىيغىنا بىر نەچچە جۈملە سۆز بىلەن تەرىپلەشكە توغرا كەلسە، ئۇ ھالدا، بويتاق چېغىڭىزدا ئىختىيارىي مۇھەببەتلىشىشتىن بەھرىمەن بولىسىز. نىكاھلىنىپ ئائىلە تۇرغاندىن كېيىن بولسا، ئېرىگە ماسلىشالايدىغان، پەرزەنتلىرىنى ئوبدان تەربىيىلەپ كېتەلەيدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق سەمىمىي رەپىقە، پەزىلەتلىك ئانا بولىسىز. مۇشۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەرلەرنىڭ قارىشىچە سىز ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھلىشىش ئوبيېكتى ھېسابلىنىسىز. ئەمەلىيەتتە قىسمەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، سىز مۇتلەق كۆپ سانلىق كىشىلەر بىلەن خېلى ئۇزاقلارغىچە ياخشى ئۆتۈپ كېتەلەيسىز. ئەمما، قىسمەت جەھەتتىن ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك بولالايدىغىنى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل كىشىلەردىن ئىبارەت.

☆ كالا يىللىقلار

كالا يىللىق ئەرلەرنىڭ كۆكسى - قارنى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، خىزمەتكە ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئائىلىسىدىن ئوبدان خەۋەر ئالىدۇ. ئەمدى چاشقان يىللىق سىز بولسىڭىز ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش قىلىسىز، دېمەك ئىككىڭلار ئۆز ئارا ھەمدەمدە بولۇپ، بىر - بىرىڭلارغا ماسلىشىپ، ئۆمۈرلۈك ھەمراھلاردىن بولالايسىلەر. شۇڭا بۇنى كۆڭۈلدىكىدەك ئىش دېيىشكە بولىدۇ.
ئەمما، كالا يىللىق ئەرلەر سەل گالۋاڭراق كېلىدۇ، كۆپ ھاللاردا دىققىتىنى بىر يەرگە يىغىۋالالمايدۇ. لېكىن، بۇ تەرىپىنى دەپ ئۇلارغا ھەددىدىن زىيادە كايىپ كەتسىڭىز بولمايدۇ.

☆ ئىت يىللىقلار

ئىت يىللىق كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقلىق بولمايدۇ. بىر ئىشقا ئوڭايلا ئاچچىقلىنىپ قالىدۇ. ئەمما، سىزنىڭ سەزگۈرلۈكىڭىز ھەم كەيپىياتنى ئوڭشاش ئىقتىدارىڭىز يۇقىرى. بۇ خىل كەمچىلىكنى تىلغا ئالمىغاندا، ئىت يىللىق كىشىلەر ئۆزىنى قۇربان قىلىش روھىغا ئىگە بولۇپ، سۆيۈملۈك ئايالى ھەم پەرزەتلىرىگە ئىنتايىن سادىق كېلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم جىددىي ھالەتتە يۈرىدىغان سىزگە ئوخشاش كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ خىل ئەرنىڭ كۆيۈمچانلىقى سىز ئۈچۈن غايەت زور تەسەللىيدۇر. بۇ خىل قوشۇلۇشنى ئۆزئارا بىر - بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش قىسمىتى دېيىشكە بولىدۇ.

☆ توڭگۇز يىللىقلار

توڭگۇز يىللىق ئەرلەر ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا بېرىلىپ كەتمەيدۇ. كۆڭلى - كۆكسى كەڭ، ئۈمىدۋار ھەم ئالغا ئىنتىلىشچان كېلىدۇ ھەمدە ھەر قانداق سورۇندا ئۆز سالاپىتىنى يوقاتمايدۇ. بۇ خىل ئەرلەر ئىت يىللىقلارغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بۇنى يەنە بىر خىل ئۆز ئارا بىر - بىرىنىڭ يېتەرسىزلىكلىرىنى تولۇقلاش قىسمىتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. بۇنداق ئادەم بىلەن قوشۇلسىڭىز كۆڭۈللۈك ھەم ئىناق ئائىلە قۇرغان بولىسىز.
      يۇقىرىدىكى ئۈچ خىل ئۈچەللىك ئەرلەردە بىر خىل ئورتاقلىق بار. ئۇ بولسىمۇ ئۆز <ئۇۋىسى> - ئائىلىسىگە كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت. سىزگە ئوخشاش چاشقان يىللىق كىشىلەر ئۆيىنى پاكىز ھەم رەتلىك تۇتۇپ، ئېرىنى ياكى بالىلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ. دېمەك، سىز ئائىلىنىڭ ناھايىتى تىپىك ئايال خوجايىنى بولۇپ قالىسىز. شۇڭا يۇقىرىقى ئۈچ خىل مۈچەللىك كىشىلەر ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك نىكاھلىشىش ئوبيېكتى بولالايدۇ.

كىلەركى قېتىمقىسى كالا يىللىقلار .

باشقا مۇنبەرلەرگە يوللىغاندا مەنبە ۋە يوللىغۇچىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتماڭ!


ئشەنچ تەستىقلىدى


[ بۇ يازما شۈكۈران0998 تەرپىدىن 2007-10-11 00:17 دە ]
atlan
[url] http://6517634.163888.net/[/url]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-10 23:56
بۇ ئەزا توردا يوق بالىلىقىم


تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 41<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 58
UID نۇمۇرى : 3101
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 39
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە39دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 195 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 28 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

رەھمەت
مەن 1988 يىلىنىڭ نىمە مۇچلدىمەن بىلەتىم ئۇنتۇپ قاپتىمەن
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:33
بۇ ئەزا توردا يوق قامچا

ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1382<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 617
مەزھەپ:ئىمپىرىيە دەۋرى ئىمپىرىيە دەۋرى
UID نۇمۇرى : 78
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 14
يازما سانى: 1076
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1076دانە
شۆھرەت: 2311 نۇمۇر
پۇل: 12 سوم
تۆھپە: 1110 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1850 نۇمۇر
قوللاش: 1571 نومۇر
ئالقىش: 251 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

« ☆ » مۇشۇ كاتەكچە بەلگە پەقەت كۆزۈمگە سىغمايدۇ . بۇ ئېنىقلا « مەن باشقا يەردىن ئەينەن كۆچۈرۈپ چاپلاندىم » دىگەن سۆز .....
بەلكىم مەن باشقىچە چۈشۈنۈپ كەتكەندىمەن...
atlan
سۆزنى ئېغىزدىن چىققۇچە ئادەم باشقۇرىدۇ ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەن سۆز ئادەمنى باشقۇرىدۇ.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:36
بۇ ئەزا توردا يوق گۈل_سەنەم


تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 518<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 281
UID نۇمۇرى : 5208
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 494
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە494دانە
شۆھرەت: 519 نۇمۇر
پۇل: 3048 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 537 نۇمۇر
قوللاش: 516 نومۇر
ئالقىش: 542 كىشلىك
دوستلۇق توپى: پەرىشتە
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-30
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ھەي ........مەن يولۋاس يىللىقتىم ئەمەسمۇ ؟.........
ئەپسۇس يوقكەن .......
atlan
[img]http://mumayi1.999kb.com/pic/2007-05-17/1id5cchc79d49cunnb0d.GIF[/img]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:38
بۇ ئەزا توردا يوق بىغەم


تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 115<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 184
UID نۇمۇرى : 3112
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 103
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
شۆھرەت: 69 نۇمۇر
پۇل: 226 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 102 نۇمۇر
قوللاش: 101 نومۇر
ئالقىش: 20 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

مەن چاشقان يىللىق  ،
  ئارتۇقچىلىرى  ھەممىسى مەندە بار  ،ھەقىقەتەن توغرا چىقىدىكەن ،
atlan
زوررو
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:51
بۇ ئەزا توردا بار شۈكۈران0998


تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 58<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 41
UID نۇمۇرى : 80
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 42
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە42دانە
شۆھرەت: 77 نۇمۇر
پۇل: 110 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
قوللاش: 70 نومۇر
ئالقىش: 92 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

Quote:
بۇ مەزمون 2 - قەۋەتتىكى قامچا نىڭ 2007-10-11 00:36 دە يوللىغان يازمىسى“”:
« ☆ » مۇشۇ كاتەكچە بەلگە پەقەت كۆزۈمگە سىغمايدۇ . بۇ ئېنىقلا « مەن باشقا يەردىن ئەينەن كۆچۈرۈپ چاپلاندىم » دىگەن سۆز .....
بەلكىم مەن باشقىچە چۈشۈنۈپ كەتكەندىمەن...

قامچا سىز ھەقىقەتەن ھۇشاركەنسىز. راست مەن بۇنى Uyghuredit تا تەھرىرلەپ بۇ مۇنبەرگە چاپلىغان.  ئۇ بەلگە ئەسلى ئۈچ بۇلۇڭ شەكلى ئىدى. لېكىن بۇ مۇنبەرگە كېسىپ - چاپلىغاندا  مۇشۇنداق بولۇپ قاپتۇ.

Quote:
بۇ مەزمون 3 - قەۋەتتىكى گۈل_سەنەم نىڭ 2007-10-11 00:38 دە يوللىغان يازمىسى“”:
ھەي ........مەن يولۋاس يىللىقتىم ئەمەسمۇ ؟.........
ئەپسۇس يوقكەن .......

  ساقلاپ تۇرۇڭ مەن 12 مۆچەلنىڭ ھەممىسىنى بىردىن يوللايمەن.
[url] http://6517634.163888.net/[/url]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 01:16
بۇ ئەزا توردا بار ::چوغ::

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 746<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 53
مەزھەپ:دېڭىز قاراقچىسى دېڭىز قاراقچىسى
UID نۇمۇرى : 618
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 707
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە707دانە
شۆھرەت: 613 نۇمۇر
پۇل: 136 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 727 نۇمۇر
قوللاش: 639 نومۇر
ئالقىش: 53 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

پاھ ، ھەقىقەتەن ئەجىر قېپسىز. بىراق مەن بۇ مۆچەللىك ئەمەس.
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششە.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 04:37
سەلكىن مۇنبىرى » ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار


سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )