ھېسسىيات ئوغرىسى.!! سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » قانۇن ساۋاتلىرى » ئەمەلى دىلو مىساللىرى » ھېسسىيات ئوغرىسى.!!
تېما: ھېسسىيات ئوغرىسى.!!
بۇ تىما 108 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا يوق بۇدۇنيا

ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 32
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 67
UID نۇمۇرى : 2255
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 32
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە32دانە
شۆھرەت: 68 نۇمۇر
پۇل: 902 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 68 نۇمۇر
قوللاش: 42 نومۇر
ئالقىش: 96 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ھېسسىيات ئوغرىسى.!!

ھېسسىيات ئوغرىسى

قىلدى پۇشايمان ھېسسىيات ئوغرىسى، ئىنساپ، دىيانەت ئىدى توغرىسى!

م X X 24 ياشقا كىرپ قالغان، چىرايى تۈزۈك، گەپ – سۆزى جايىدا چوكان ئىدى. ئۇ خەنزۇ تىلىدا ئوقۇغانلىقتىن، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسى ئالاھىدە ياخشى، مۇناسىۋەت، مۇلازىمەتكە ماھىر ئىدى. 2005 – يىلى 8 – ئايدا، تەقدىر ئۇنى كورلا شەھىرىدىن قەشقەر شەھىرىگە سۆرەپ كەلدى. ئۇ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، قەشقەر شەھەر «جاڭجاگاڭ» كىچىك كۆڭۈل ئېچىش تانسىخانىسىغا مۇلازىمەتچى بولۇپ تاللاندى. ئىش ھەققى يامان ئەمەس بولغاچقا، ئۇ تېزلا كۆنۈپ قالدى. لېكىن كۆپرەك پۇل تېپىشنىڭ كويىدىلا يۈردى. ئۇ شۇ  يىلى 9 – ئاينىڭ مەلۇم بىر كېچىسى تانسىخانىغا كۆڭۈل ئاچقىلى كىرگەن ۋاڭ X X ئوچۇق – يورۇق، قىزغىن ئادەم بولۇپ، مەلۇم چېگرا مۇداپىئە گازارمىسىدا ھەربىي ئىدى. م X X ئۇنىڭ بىلەن بىردەمدىلا يېقىن بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بۇ ئادەمنىڭ بىللە ئېلىپ كىرگەن دوستىغىمۇ يەنە بىر قىزنى تونۇشتۇرۇپ قويدى. بۇ  تۆت كىشى تولىمۇ قىزغىن پاراڭلاشتى. شۇ چاغدا ۋاڭ X X م X X تىن ئىلگىرىكى ئىشلىرىنى سورىدى.

-ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئوقۇيالماي، ئىستىقبالىم نابۇت بولغان بىر بىچارىمەن ! – دېدى م X X ھەسرەت بىلەن، - ئەسلىدە مەن بەك ياخشى ئوقۇغان ئىدىم. يۇقىرى نومۇر بىلەن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆتكەن ئىدىم، ئۇ يەرگە بېرىپ بىر مەزگىل ئوقۇدۇم، كېيىن ئوقۇش پۇلىنى تۆلىيەلمەي ئوقۇشتىن توختاپ قايتىپ كەلدىم.

- سىزنىڭ قايتا ئوقۇش ئارزۇيىڭىز بارمۇ ؟ - دەپ سورىۋىدى ۋاڭ X X ھېسداشلىق قىلىپ.

- بار، لېكىن مەندە نەدىمۇ ئوقۇغىدەك پۇل بولسۇن؟

- راست ئوقۇغىڭىز بولسا، مەن ياردەم قىلاي.

-سىز نېمە دېگەن ياخشى، ئەجەپ كۆڭلىڭىز ياخشى ئادەمكەنسىز، سىزنى ئاكا قىلىۋالسام بولغىدەك؟

- بولىدۇ.

- پۈتۈشتۇق ئەمىسە!

- پۈتۈشتۇق !

ئۇلار قول بېرىشتى ۋە تېلېفون نومۇرلىرىنى يېزىۋېلىشتى. م X X ۋاڭ X X نىڭ دەۋىتى بىلەن تانسىخانىدا ئىشلىمەيدىغان بولدى. ئۇلار كۆڭلى بىر – بىرىگە مايىل بولۇپ، بىر – بىرىگە يېقىپ قالغاندەك قىلاتتى.

ئەتىسى ۋاڭ X X م X X كە تېلېفون بېرىپ كىنو كۆرۈش تەكلىپىنى بەردى، ئۇ قىزغىنلىق بىلەن ماقۇل بولدى. ئۇلار مەلۇم جايدا كىنو كۆرگەندىن كېيىن، ۋاڭ X X م X X كە مەلۇم مېھمانسارايغا بېرىپ بىللە يېتىش تەكلىپىنى قويدى. بۇ چاغدا م X X مىجەزىم يوق، دەپ رەت قىلدى. ۋاڭ X X ئۇنىڭ قولىغا 500 يۈەن تۇتقۇزۇپ قويدى. ئەتىسى يەنە ۋاڭ X X تېلېفون بېرىپ، م X X بىلەن كۆرۈشۈپ، مەلۇم مېھمانسارايغا كىردى. شۇ يەردە ۋاڭ X X م X X نىڭ مەكتەپ بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ بېقىشىنى، مەكتەپ قوبۇل قىلسا، قايتىپ بېرىپ ئوقۇشىنى، ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. م X X ۋاڭ X X كە ئۇچۇر يوللاپ مەكتەپنىڭ خەۋىرىنى بېرىدىغان بولدى، لېكىن ئەتىسى ئۇ ئۇنداق قىلمىدى. ۋاڭ X X ئۆزى ئۇچۇر يوللاپ :«مەكتەپ بىلەن ئالاقىلەشتىڭمۇ؟ » دەپ سورىدى. م X X :«ئۇقۇشتۇم، ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن 3800 يۈەن تاپشۇرىدىغان بولدۇم» دەپ جاۋاب قايتۇردى. ۋاڭ X X ئەتىسى ئۇ تەلەپ قىلغان پۇلغا 3000 يۈەن قوشۇپ، 6800 يۈەن ئاپىرىپ بەردى ۋە :«ھەر ئايدا 300 يۈەندىن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن » دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، م X X قەشقەردىن غايىپ بولۇپ، ئاتالمىش «جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» گە يۈرۈپ كەتكەن ئوقۇغۇچى بولدى. ۋاڭ X X ئۇنىڭ يىراقتا تۇرۇپ سېغىپ ئىچىدىغان «سېغىن » كالىسىغا ئايلاندى. م X X پات – پات ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپ، بانكا كارتا نومۇرىنى دەپ بېرىپ، پۇل سېلىشنى جېكىلەپ تۇردى. بىر قېتىم ئۇ مۇكاپاتلىق چەك تارتسا، 1 – دەرىجىلىك مۇكاپاتقا 130 مىڭ يۈەنلىك «POLO» ماركىلىق ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىل چىققانلىقى، ئاپتوموبىلنىڭ رەسمىيەت ھەققى ئۈچۈن ئۆزى تۆلىگەن پۇلنى باشقا بىرسىنىڭ ئېلىپ قاچقانلىقى، شۇڭا بۇنىڭ ئورنىغا شىركەت 238 مىڭ يۈەنلىك «passat» ماركىلىق ئاپتوموبىل بېرىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ رەسمىيىتىگە پۇل ئەۋەتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. يەنە بىر قېتىم مەكتەپ ئۇيۇشتۇرغان ئىمتىھاندا 1 –دەرىجىلىك بولغانلىقىنى، ئەمدى باشقا جايدىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، شۇڭا پۇل تاپشۇرۇشى زۆرۈرلۈكىنى، ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەچكە، پۇلدىن بەك قىسىلىپ قالغانلىقىنى، دەرھال پۇل ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلدى.يەنە بىر قېتىم ئۇ :«ئاتا –ئانامدىن قالغان ئۆينى ئاكام ئىگىلىۋالغانىدى، ھازىر ھۆكۈمەت ئۆينى چېقىۋەتتى، ئورنىغا ئۆي بەرمەكچى ئىدى، سىز كىملىكىڭىز بىلەن ھەربىيلىك كىنىشكىڭىزنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئەۋەتىپ بەرسىڭىز، ئۆينى سىزنىڭ نامىڭىزدا بېجىرىپ قويىمەن، ئۆينى ئاز بولغاندىمۇ 100 مىڭ يۈەنگە ئالاتتى» دەپ ئۇچۇر يوللىدى ...

شۇنداق قىلىپ، م X X 2005 – يىلى 9 – ئايدىن 2006 – يىلى 2 – نويابىرغىچە 26 قېتىم ۋاڭ X X دىن ئالداپ پۇل ئالدى. ۋاڭ X X م X X نىڭ مەكتەپتە ئوقۇماي، ئۆزىدىن پۇل ئېلىپ ئالداپ يۈرگەنلىكىنى ئېنىقلاپ، قەشقەر شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىگە م X X نىڭ ئالدامچىلىقى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى. م X X 2006 – يىلى 10 – نويابىر كورلا شەھىرىدە قولغا چۈشتى. بىراق ئۇ ۋاڭ X X دىن ئالداپ ئېلىۋالغان پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەچكە، پەقەت 26 مىڭ يۈەنلىك بىر ئاپتوموبىل قايتۇرۇۋېلىندى.

م X X بۇ يىل يانۋاردا قەشقەر شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى، ئۇ سوراق جەريانىدا ۋاڭ X X دىن جەمئىي 182 مىڭ 900 يۈەن نەق پۇلنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىقىنى ئىقرار قىلدى.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

خۇشخۇي تەستىقلىدى
ئادەمسەن ئادەمدەك ياشاشنى بىل
ئۆز مىللتىڭ ئۈچۈن بولما ھەرگىز خائىن
كىچىككىنە  پايدا مەنپەئەت  ئالدىدا
مىللىتىڭگە بولما ھەرگىز خائىن
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-10 23:06
بۇ ئەزا توردا يوق مەرپەت

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 163
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 136
UID نۇمۇرى : 2103
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 131
ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە131دانە
شۆھرەت: 107 نۇمۇر
پۇل: 25 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 168 نۇمۇر
قوللاش: 140 نومۇر
ئالقىش: 27 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

بۇ تىما بۇرۇن يوللۇنۇپ بۇلۇنغانغۇ دەيمەن. كۆرگەندەكلا قىلمەن.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:20
بۇ ئەزا توردا يوق بالىلىقىم

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 41
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 58
UID نۇمۇرى : 3101
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 39
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە39دانە
شۆھرەت: 33 نۇمۇر
پۇل: 195 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 39 نۇمۇر
قوللاش: 39 نومۇر
ئالقىش: 28 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

رەھمەت
تۇۋا دىقەت قىلايلى جۇمۇ!!!
نىمى دىگەن؟؟؟
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 00:30
بۇ ئەزا توردا يوق ئۆركەش530

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 103
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 196
UID نۇمۇرى : 6084
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 98
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە98دانە
شۆھرەت: 138 نۇمۇر
پۇل: 510 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 130 نۇمۇر
قوللاش: 114 نومۇر
ئالقىش: 170 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-04
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

ماڭا شۇنداق تەلەي كالگەن بولسىدى ئىسىت ~ شۇنداق ئاق كۆڭۈللەرنى ئەخمەق قىلغاندىكىن
ئاق كۆڭۈللەر ئازلاپ كەتتى~~~~
atlan
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ    ،
كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 01:43
بۇ ئەزا توردا بار ::چوغ::

ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 747
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
مەزھەپ:دېڭىز قاراقچىسى دېڭىز قاراقچىسى
UID نۇمۇرى : 618
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 707
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە707دانە
شۆھرەت: 613 نۇمۇر
پۇل: 136 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 727 نۇمۇر
قوللاش: 639 نومۇر
ئالقىش: 53 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

قانۇندىن قېچىپ قۇتۇلالماپتۇ دە؟
atlan
ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششە.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 08:16
بۇ ئەزا توردا بار ئۆكتېچى

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 104
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 195
UID نۇمۇرى : 1702
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 81
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە81دانە
شۆھرەت: 62 نۇمۇر
پۇل: 140 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 84 نۇمۇر
قوللاش: 77 نومۇر
ئالقىش: 21 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

ساۋاپنىڭ قوڭى تۆشۈك بوپتۇدە ئاخىر!!!!!!!!
atlan
قەدىمىم ئاستىدا تالاي ئارمانلار،
چىقارماس نامراتلىق پەلەمپەيلەرگە.
بىرمۇ قىز بىلمەيدۇ دىلكەش يىگىت كىم؟
بىراق، ئۇ ئوخشىماس بىتالەيلەرگە.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 09:58
بۇ ئەزا توردا بار ئىدىرىسجان

تەجىرىبە: _ئوت
UID نۇمۇرى : 2095
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 777
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە777دانە
شۆھرەت: 750 نۇمۇر
پۇل: 4346 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 811 نۇمۇر
قوللاش: 792 نومۇر
ئالقىش: 692 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

182مىڭ يۈەننى ساراڭدەكلا تۇقۇزۇپ قويغان ئاۋۇ ساراڭمۇ نىمە؟
ئىدىرىسجان
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-11 11:35
سەلكىن مۇنبىرى » ئەمەلى دىلو مىساللىرى

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )