فرانسىيە ھاۋا يوللىرى (ئاۋىئاتسىيە شىركىتى) غا ئائىت 216 يولۇچى ۋە 12 ئايروپىلان خادىمى بار بولغان ئايرباس ئايروپىلاننىڭ برازىلىيە تەۋەلىكىدە رادار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى. فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژدىكى ئاۋىئاتسىيە مەنبەلىرى، رىئو دې جانېئرو بىلەن پارىژ ئوتتۇرىسىدا قاتناۋاتقان ئايروپىلاننىڭ برازىلىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە رادار بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى قەيت قىلدى. =p'6P !z
ئايروپىلاننىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 03:15 ئۆتكەندە پارىژغا قونۇشى كۈتىلىۋاتاتتى. فرانسىيىلىك مەسئۇللار، ئايروپىلان بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ بىرازىلىيىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى فېرناندېنو دې نورونھا ئارىلى ئەتراپىدا ئۇچۇۋاتقاندا ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.فرانسىيە ھاۋا يوللىرى مەسئۇللىرى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن بۇرۇن، ئايروپىلاننىڭ كۈچلۈك بىر ۋورتېكسنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشى تۈپەيلى ئايروپىلاننىڭ توك يولى سىستېمىسىدا كاشىلا كۆرۈلگەنلىكىگە دائىر بىر ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى. 1M`q `I
ئايروپىلان ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن، پارىژ چارلېس دې گائۇللې ئايرودرومىدىكى ئەنسىز كۈتۈشلەرنىڭ ئورنىنى غەم - قايغۇلار ئىگىلەشكە باشلىدى. ئايروپىلان ھەققىدە تا ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. ئايروپىلاندا 126 ئەر، 82 ئايال، 7 نەپەر كىچىك بالىنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.
فرانسىيە پرېزىدېنتى نىكولاس ساركوزى، ۋەقەدىن تولىمۇ كۆڭلى يېرىم بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مىنىستىرلارنىڭ چارلېس دې گائۇللې ئايرودرومىغا بېرىپ، ۋەقەنى يېقىندىن كۈزىتىشلىرىنى تەلەپ قىلدى. b1=Xnjw
يوق بولۇپ كەتكەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار تىزىملىكىنىڭ ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت Dpg1FijP
WV$(ZF#6=
20:00 ئەتراپىدا ئېلان قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
;`3"$Ynz KmD>X1C+J ,[u\3>m,h c.=66'^< Nr=HXA D_/x/'=D| (}R"Yi w~RCF`uYd B@2~H 0$` ?`ouQ"J$N :UD[{), D!%Ca^#v ;zE $+LW z%#VTO:q3 A!;TSx
~ d5^k2Moz 'c\d B^ p0wv!{h #O@W9&E^ >izHxa5B[6 330LY8pCr /~B[D.3m
< }+oWNtAI r$H]NZ-B{ JG]xuMx d\6i}WoZ PL>kn;5!B !I_iL#s