ئىككى تەنگىلىك توي!
'[($I||S تابىئىلارنىڭ«1» كاتتىلىرىدىن بىرى بولغان سەئىد بىن مۇسەييەب قىزىنى شاگىرىتى ئابدۇللاھقا ئىككى تەنگە بەدىلىگە خوتۇنلۇققا بەردى.
>(Xw[:n سەئىدنىڭ قىزىغا زامانىدىكى خەلىپە ئوغلىغا تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، سەئىد قىزىنىڭ ئىستىقبالىنى « قىيامەتتىكى» ئويلاپ، قىزىنى بەرمىگەن ئىدى. سەئىدنىڭ قىزى زامانىدا ئىسلام دۇنياسىغا ئىلىم-مەرىپەت، تەقۋادارلىق، ھۆسن-جامالدا تەڭداشسىز بىر قىز ئىدى.
2;W*hW A سەئىد قىزىنى خەلىپىنىڭ ئوغلىغا بەرگىلى ئۇنىمىغاندىن كېيىن خەلىپە دۆلەتنىڭ كۈچىدىن پايدىلىنىپ، سەئىدنى 100 توقماق ئۇرغۇزغان بولسىمۇ، سەئىد مەيدانىدىن يانمىغان ئىدى.
SwdXC3f سەئىد دەمەشىقتىن مەدىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، سەئىدنى يېقىن شاگىرتلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇللاھ ئىسىملىك بىرى يوقلاپ كەلدى، سەئىد شاگىرىتى بىلەن ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، شاگىرىتىنىڭ يېقىندا ئايالىنىڭ ۋاپات بوپكەتكەنلىكىنى بىلدى. ۋە:
_b.Y{I(E/ - يىڭىدىن توي قىلساڭ بولمامدۇ؟
@:saDv5/^w - ماڭا كىممۇ قىزىنى بېرىدۇ؟ مىنىڭ يىنىمدا ئارانلا 2 تەنگە پۇل بار تۇرسا؟!!!
FZw)D T4 - مەن قىزىمنى بېرىمەن!
X >|{:Y - سەنما؟!!!
+_,
x0Rr? - ھە، مەن!
q}cc-TW شۇنىڭ بىلەن سەئىد قىزىنى ئىككى تەنگەگە ئابدۇللاھقا بەردى.
hSR[TY_-s ئابدۇللاھ دەيدۇ : مەن خوشاللىقتىن ئۆزۈمنى بىلمىگەن ھالەتتە ئۆيۈمگە قايتتىم، مەن روزىدار ئىدىم، ئىپتار قىلىش ئۈچۈن ئىپتارلىق سۇ بىلەن ناننى تەييارلاپ ئەمدى ئېغىز تېگەي دەپ تۇرسام، ئىشىك قېقىلدى، مەن ئىشىكنىڭ يىنىغا كىلىپ:
[$N|(EK-U - كىم؟ دېدىم.
Sdq~&V7sc - مەن، سەئىد، دېگەن ئاۋاز كەلگەندە، كاللامغا ئۇستازىمدىن باشقا مەن تونۇيدىغان ھەممە سەئىد بىر قېتىمدىن ئۆتتى. ئىشىكنى ئىچىپ، داڭقىتىپ تۇرۇپلا قالدىم، چۈنكى ئۇستازىم قىزىنى ئىلىپ كەلگەن ئىدى. مەن ئانامنى چاقىردىم، ئانام قىزنى چىرايلىق ياساندۇرۇپ بەردى، مەن قىز بىلەن بىر ئۆيگە كىرگەندە قىزنىڭ ئاينى خىجىل قىلغۇدەك جامالىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم.
(`I%8 مۇشۇ تويدىن كېيىن ئابدۇللاھ ئايالى بىلەن بەختلىك تۇرمۇشنى باشلىۋەتتى.
NPgd^h A} «1» تابىئى: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىنى كۆرۈپ، دەرسلىرىنى ئاڭلاپ، سۆھبىتىدە بولغان كىشىلەر.
-S\^!3lTU4 ســـالىھـــلار ھـــاياتدىن مـــىڭ بـــىر قىـــسسە دېـــگەن كـــىتاپتىن ئـــىلىندى.
]E,?*2# ئـــەرەپچىدىن تـــەرجىمە قىـــلغۇچى: پـــــــــــــالۋان
[ بۇ يازماگۈليارتەرپىدىن2009-06-02 19:49دە قايتا تەھ ]