http://salkin.cn/english/ ئىزدەش كىچىك http://www.yadikar.com
ئابدۇرەھىم ئابلەتخان
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 13670
نادىر تېما : 9
يازما سانى : 49
شۆھرەت: 329 كىشىلىك
پۇل : 11410 سوم
تۆھپە: 260 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 774 نۇمۇر
قوللاش: 168 نومۇر
ئالقىش: 409 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 171(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرلار كەلگۈسىنى قانداق كۈتىۋالىدۇ ؟!

http://salkin.cn/english/
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاناقۇشئۇۋىسى نادىرلىدى .(2009-05-11)
v5&+:{KT  
(كوت-كوتتىكى سۆھبەتلەر)نىڭ داۋامى
l3!5KG )  
بىز كەلگۈسى دۇنيا ، ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى (ئىستىقبالى) توغرىسىدا سۆھبەتلەشسەك بولامدۇ ؟ qr!"e}  
ئۇيغۇرلارنى نىمە كۈتىۋاتىدۇ ؟ `+MGS.  
ئۆتكەن تارىخىمىز توغرىلىق نۇرغۇن بايانلار سۆزلەندى. بۇ روشەن بولدى. :W V-IDU"  
ئەمدى نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدىن قارىغاندا بىزنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتمىز شۇنداقلا ناتورال ئىگىلىك ئاساسىدىكى ئاجىز ھاياتلىق پائالىيىتمىز دەۋر ئېقىمىنىڭ دولقۇنلىرىغا غەرق بولۇپ كېتەرمۇ ؟!
(سۆھبەت مەزمۇنى قىسقارتىلدى. تۆۋەندىكى مۇلاھىزە شەخىسنىڭ ئوي-پىكرىگىلا ۋەكىللىك قىلالايدۇ). tE4D2$T:  
بۇ تېمىدا سىز بىلەن مۇڭدىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىم ئۈچۈن مەنمۇ خۇرسەن. ez 
ئىستىقبالىمىز توغرىلىق سۆزلەشسەك ئەلۋەتتە بولىدۇ. ^Vl QSp#I  
ئەتراپىمىزدىكى بەزى كۆزى كىچىكلەر "ئۇيغۇرلارمۇ سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىدىغان بولۇپ قالدى" دىيىشىپ كۈلۈشۈپ قويىدۇ، ياكى ئورۇنسىز ئەندىشە ئىچىدە تولغىنىدۇ. ~e@4 8wNz^  
مەركەزدىكىلەر بىزنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە پىكىر بېرىشكە ئۈندەپ ئاۋارە، تۆۋەندىكى بەزى پۇرۇچ ئەمەلدارلار "كىم سۆزلەۋاتىدۇ" دەپ ماراپ ئاۋارە.  O1At&k  
شۇنداقلانى كۆرۈپ قالسىڭىز يۈزىگە تۈكۈرۈپ "خاپا بولماڭ،كۆرمەپتىمەن" دەپ قويۇڭ. ساۋاپ بولىدۇ، چۈنكى ئەنە شۇلار دۆلەتنىڭ ھەقىقى دۈشمەنلىرى. iEVc8 k  
گېپىمىزگە كەلسەك، سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بۈگۈنلا بولغان ئەمەس. تۈنۈگۈن ئۈلۈشكۈنمۇ بۇ توغرىلىق مۇلاھىزە، ئەندىشە-ئۈمۈتلەر بولۇپ ئۆتكەن. >]%5lM'  
سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىش قانداقتۇ مەلۇم مىللەت  ياكى شەخىسكىلا خاس بولغان پائالىيەت ئەمەس. G/ aw k  
ئۆزى ياشاۋاتقان دۇنيا توغرىلىق ۋە تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار توغرىلىق، نورمال ئەقىلگە ئىگە بولغان ھەرقانداق ئادەم مۇلاھىزە قىلىش ھوقوقىغا ۋە پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە. 7aXG  
بۇ ئىنسانىي ھوقوق ،پەقەت مۇستەبىت فېئوداللىق جەمىيەتتىلا چەكلەنگەن ئەركىنلىكتۇر. d|}3,9yRC  
بۈگۈنمۇ سىياسى توغرىلىق مۇلاھىزە قىلىش قانداقتۇ ئوباما بىلەن ھېلارىغا ياكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن سىياسى-قانۇن شۇجىسىغىلا مەنسۇپ ئىش بولۇپ قالماي، بەلكى سىزدەك مەلۇماتلىق كادىر بىلەن مەندەك دېھقانغىمۇ مۇناسىپ پائالىيەتتۇر. g*>x1bL"  
چۈنكى بىز ھازىر فېئوداللىق جەمىيەتتە ئەمەس بەلكى دۇنيادا كىشىلىك ھوقوق تەكىتلىنىۋاتقان، جوڭگودا بولسا ئىنسانىي ھوقوق ھەركىتى ئەمەلىي كۈنتەرتىپكە كىرگەن دەۋردە ياشاۋاتىمىز. xeU(o]4  
بىز ئۇيغۇرلار دۇنيا تارىخى ۋە بۈگۈنكى مەدەنىيەت بايلىقى جۇغلانمىلىرىدا، شۇنداقلا ھازىرقى جوڭگونىڭ قۇدرەت تېپىپ گۈللىنىشىدە چوڭ رول ئوينىغان مىللەتلەرمىز. +!`m1B-  
ئەلۋەتتە بۇنداق تۆھپە قوشۇش ئىقتىدارى بولغان توپنىڭ چوقۇمكى سىياسى توغرىلىقمۇ مەلۇم مۇلاھىزە قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ. G c8X]+6  
چۈنكى، كالىدىن سۈت ئېلىش ئۈچۈن سامان بولسىمۇ بېرىش كېرەكتە.                     dt!n^_'h   
شەخسەن، ئۆزەممۇ ھاياتىي دۇنيانىڭ يىراق كەلگۈسى ۋە بۇ توپنىڭ ئەزاسى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تەغدىرى، زامان ئىمكانىيەتلىرى توغرىسىدا ئەلۋەتتە "مۇلاھىزە قىلىش ھوقوقىمىز ۋە بۇرچىمىز بار" دەپ ئويلايمەن. }N+  
بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ياشلارغا ئوخشاشلا يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويدى. بۇ يېڭى قەدەملەرنىڭ زىلزىلىسى، نۇرغۇن ياشلىرىمىزدا تېڭىرقاش ۋە كەلگۈسىدىن گۇمانلىنىشتەك روھىي ھالەتنى پەيدا قىلماقتا. 1DEsd{a  
ئۇلار كۈنسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتقان ئازادىلىكنىڭ ئورنىنى يوقىتىۋاتقان دۇنياۋىلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىش باھانىسىدىكى غەيرى مەدەنىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرى مەنسۇپ مەدەنىيەتنى سىقىپ چىقىرىشقا ۋە يوقۇتۇشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلماقتا. "X+VZE>$e(  
بىزمۇ ئەشۇ تەغدىرگە دۇچار بولىۋاتقانلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغانلىقىمىز سەۋەپلىك بۇ توغرىسىدا ئەھۋاللىشىپ ئۆتسەك يامان بولماس. y'u ;09k  
ئۇيغۇرنىڭ  دۇنيادا تۇتىۋاتقان ئورنى ،بۈگۈنكى ۋە ئەتىكى تەغدىرى قانداق ؟ soOzw<~1  
ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەغدىرىگە ئۈنۈملۈك قىلالايدىغان بىر نەچچە نۇقتا بويىچە مۇلاھىزە قىلىپ باقمامدۇق. S$?7t1  
\G&@(J;Zdl  
XYL2 XY  
1-    نوپۇس ۋە جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكى ۋە بۇنىڭدىكى بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئاقىۋىتى.بۇ زىمىندىكى ھازىرقى نوپۇس سانى بىلەن ئېكىلوگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايلىنىش زەنجىرى، يەرلىك نوپۇس مەۋجۇتلىقىنىڭ كۆچمەن نوپۇس تەرىپىدىن يىيىلىپ كېتىشىدەك ئاقىۋەتنى چەكلىيەلەيدۇ........... I\^9H3j  
نوپۇس ۋە تەبىئەت چەكلىمىسىدىن ئىبارەت، بۇ ئاخىرقى قورغان دەل يەرلىك خەلىقنىڭ تارىختا كۆرۈلمىگەن ھايات-ماماتلىق تەغدىرىنى بەلگىلەيدۇ. R#x_"Uj(  
تارىختىن بۇيان ياشاپ كېلىۋاتقان مىللەتلەر بولسۇن ياكى يوقالغان مىللەتلەر بولسۇن، ئۇلارنىڭ تەغدىرىدە رول ئوينىغان تۈپكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى نوپۇس بايلىقىدۇر. K^2RN E  
نوپۇس سانى نۇرغۇن ۋاقىتلاردا شۇ مىللەتنىڭ ئەقلىي دەرىجە كۆرسەتكۈچىدىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ رول ئوينىغان. K. w}M1@9  
ئىلگىرى ماۋزېدوڭ "جوڭگولۇقلارنىڭ نوپۇس ئامىلى"نى دۆلەت سىياسىتىدىكى مۇھىم ئورۇنغا قويغان. t+ db{KtI  
بۇ ئەينى دەۋردىكى ئەسكەر سانى بىلەن ئۇرۇش تەغدىرىنى بېكىتىدىغان ئۆلچەمنى نەزەردە تۇتسىمۇ، نوپۇسنىڭ يەنە، ئىستىخىيلىك رولى بىلەن مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدىغانلىقىنىمۇ دەلىللەيدۇ. uz9yIY_CB  
مەلۇم مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان نوپۇس نېسبىتى ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 10٪ لىك مىقدارنى ساقلاپ قالالىسىلا ئۇنىڭ قانداقلا قىيىن شارائىتتىكى ھاياتلىق كۈچى يەنىلا ئۇزۇن زامانلارغىچە مەۋجۇت بولالايدۇ. s j@&U?)U  
ئەمما ھازىرقى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋارىسلىرىنىڭ رايونىمىز نوپوسىدا ئىگەلللىگەن نېسبىتى 50 ٪ دىن يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. دىمەك بۇ توپنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمدىنمۇ كۆپ يوقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. };Q=$Don  
10 مىليوندىن ئاشىدىغان نوپۇس ھەمدە بۇ نوپۇس ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاددى ئىقتىساد ئايلانمىسى بىلەن ماسلاشقان مۇرەككەپ مەدەنىيەت ئامىللىرىنىڭ، ھەرقانداق يۇمشاق ئاسمىلاتسىيەگە قارشىلىق كۈچى ناھايىتى ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ. cw -~] C  
بىز نۇرغۇنلىغان مەۋجۇت تاشقى ئامىللارنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ ئويلىساقمۇ بۇ ئۇزۇنغا سۆزۇلغان رىقابەت چوقۇمكى يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاياقلىشىدۇ. I~>?Hv  
رايونىمىزدىكى مۇقىم ئاھالە نوپۇسى 20 مىليوندىن ئارتۇقراق بولۇپ، ئاقما نوپۇس سانىنى ئىستاتىسكا قىلىش مۈمكىنچىلىكى بولمىسىمۇ شۇنىسى ئېنىقكى ھازىرقى ئومومى ئاھالە مەملىكەتنىڭ ئەڭ مەكەزلەشكەن شەھەرلىرىدىكى ئاھالە نېسبىتى بىلەن تەڭ ياكى يۇقۇرى ئورۇندا تۇرىدۇ. 9_&EBy&G  
رايونىمىز ئىچكى قۇرقلۇققا جايلاشقان قۇرغاق رايون تىپىغا تەۋە ئاز ساندىكى رايونلارنىڭ بىرى. IF8r7CbMF  
سۇ زاپىسى ۋە ئولتۇراقلىشىشقا مۇۋاپىق زىمىن كۆلىمى ئۇنىڭ زور كان بايلىقلىرى جايلاشقان ئورۇن بولۇش ئەۋزەللىكى بىلەن تەتۈر تاناسىپ شەكىللەندۈرگەن. #4xJxTd  
كۈنسېرى روشەنلىشىۋاتقان سۇ كىرزىسى قانداقتۇ ئىلمىلىكتىن سىياسىلىقنى سۆيىدىغان مۇتەخەسىسلەر ئېيتقاندەك مەلۇم ھاۋا كارىدورىدىكى سۇ مەنبەسى ياكى يىراقتىكى ئىگىزلىكلەردىن سۇ باشلاشتەك ئەپسانىلەر بىلەن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ پەقەت روھىي تەسەللىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. nVi]sB,P  
ئەگەر ئالدىنقى يېرىم ئەسىردىكى سۇ كېمىيىش ئەھۋالى بىلەن ھازىر تېخىمۇ ئاشقان سۇ ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدىكى كېمىيىش ۋە پايدىلىنىش سۈرئىتىنى نېسبەتلەشتۈرگەندە پات يېقىندا كۆرۈلدىغان ھەقىقى قۇرغاقچىلىق كۆز ئالدىمىزدا ئىلگىركىدىن بىرقانچە ھەسسە تېزلىك بىلەن نامايەن بولىدۇ. بۇ پات يېقىن ئون يىل ياكى يىگىرمە يىلدەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس. r>k(?Y#*(  
شۇڭلاشقا ھازىرقى جۇغراپىيىلىك شارائىت، سىرتتىن نوپۇس ئېقىشىنى ئۈنۈملۈك چەكلىيەلەيدۇ. bvgFs6?  
قىسقىسى.تەبىئى شارائىت بىلەن ئاران ماسلىشىپ كېتىۋاتقان ئېكىلوگىيىلىك ھاياتلىق سېستىمىسىغا يەنە زور تۈركۈمدىكى نوپۇسنى سىغداپ كىرگۈزۈش ئىمكانىيىتى مەۋجۇت ئەمەس. fn3Yg  
20مىليونلۇق نوپۇسنىڭ ئېھتىياجىلىق ئېكىلوگىيىسىنى 40 مىليون ياكى 60 مىليونلۇق نوپۇسقا سۇندۇرغاندا نىمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى ھەممىزگە روشەن بولغان قورقۇنۇچلۇق خۇلاسىدۇر. g 8ADh  
ناۋادا بۇ خىل رىئاللىقنى چەتكە قېقىپ، مەجبۇرى نوپۇس نېسىمىنى ئاشۇرۇشقا تىرىشساق، كەلگۈسىدە كۆرۈلىدىغان يەرلىكلەر بىلەن كۆچمەنلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتلىق زەنجىرىنى تالىشىش ۋەھشىلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ,  Bqh4q  
تامىللار بىلەن سىنگاپور ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى، جەنۇبى ئافرىقىدىكى ئاق تەنلىكلەر بىلەن يەرلىكلەر ئوتتۇرىسىدىكى، پەلەستىنلىكلەر بىلەن ئىسرائىللار ئارىسىدىكى مەۋجۇت زىدىيەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى نېسبەتەن زامانىۋى ئاڭغا ئىگە، مەلۇم سىياسى يۈكسەكلىكتىكى سەزگۈر كىشىلەر توپىنى ئاساس قىلغان. چۈنكى ئۇلار پەقەت ئەتراپىدىكى ھوقوق كاپالىتى ئۈچۈنلا زىدىيەتلىشىدۇ. vcC{#t6?R  
ئەمما بىز ئېيتىۋاتقان مەسىلە، مەلۇم كىشىلەر توپىغىلا ئەمەس،  بەلكى مەيلى ئەقىللىق ياكى ئاددى دېھقانغا قەدەر بارلىق كىشىلەرنىڭ ھايات-ماماتىغا چېتىلىدىغان ئېكىلوگىيە كاپالىتىدۇر. بۇ زىدىيەت يۇقۇرقى زىدىيەتلەردىنمۇ كەسكىن بولغان ماجرانى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (\d 4F[^G;  
نۆۋەتتە دۇنيادا ھاياتلىق تالىشىش ئىچىدىكى مىللەتلەرنىڭ قارشىلىشىش ۋە دۈشمەنلىشىش ئىچىدىكى ۋەھشىلىكىنى ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمىز. ;bFv-HIZK  
رايونىمىزغا نېسبەتەن بۇ خىل زىدىيەتنى يوق دەپ ئېيتساقمۇ بىراق كەلگۈسىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋەتلىرىدە چوقۇمكى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ نۆۋەتتىكى سىياسەت ۋە ئېچىش ئىستىراتىگىيىسىدە ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىلەن ئويلىنىشتىكى مۇھىم مەسىلە. *TZ[(  
بەزىلەر بۇ ئىلمىلىكنى پەقەت ئادەم گوللايدىغان سەپسەتە قىلىۋالمىسىلا. 1j4-#Ncr  
M&Rs;-^1  
@iSb@uC  
L:t\P#"K  
2-    ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ جاھىللىقى ۋە كەلگۈسى تەغدىرى، eIb>Uq y  
رايونىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى، خۇددى شورلۇق تۇپراققا يىلتىز تارتقان گىياھدەك پەقەت ئازراق يامغۇر سۈيى بىلەنلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى يەنە نۇرغۇن يىللار ساقلىيالايدۇ. ^S_jdf  
مەيلى قەھرىتان قىشنىڭ شىۋىرغانلىرى ياكى زىمىننى قاغجىرىتىپ كېلىدىغان قۇرغاقچىلىقنىڭ زەربىلىرى بولسۇن ، ئۇ يەنىلا كۆكۈرۈپ تۇرىۋېرىدۇ. 3KBz 'Ke  
چۈنكى ئۇزۇن يىللار داۋاملاشقان ئاجىزلىقى، ئۇنىڭ تاشقى دۇنياغا قارشى تۇرۇشتىكى ئىقتىدارىغا ئايلىنىپ قالغان. j):(vY"h  
تۈرۈك، ئىسلام ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيەت كېسىشمىسىدىكى خەلقىمىزگە، تارىخ ھەر-خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ سەلبى ۋە ئىجابى ھاسىلاتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. w[]0`PPH  
ئۇزۇن يىللىق بۇنداق ئۇنۋېرسال مەدەنىيەت ئۇچرىشىشىنى باشتىن كەچۈرگەن ئۇيغۇرلاردا قارىماققا يۇمشاق، ئەمما ئۇزۇنغا سوزىلىدىغان جاھىل مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى ھاسىل قىلغان. ]7Z,eG]  
بۇ خىل پىسخىكا يېڭىلىق بولسىلا ئۆزىنىڭ تۈۋرۈك ئىدىلوگىيىسىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىۋېرىدىغان چېچىلاڭغۇلۇقنى چەتكە قاقىدۇ. {- 4Y^  
شامان دىنى، مانى دىنى ۋە بۇددا دىنىغا ئاخىرىدا ئىسلام دىنىغا قەدەر بولغان ئېتىقاد يەڭگۈشلەش ھەركەتلىرى، ھەر بىر دەۋر رىئاللىقىدىكى ئۈمۈتسىزلىك، بارلىق ئىمكانىيەتلەردىن مەھرۇم بولۇشتەك بىر قاتار تارىخىي سەۋەپلەرنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولسا، يەنە ئەتراپتىكى دۇنيانىڭ ماسلىشىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولغان. )al/H?_E  
بۇ ئەسىر بوسۇغۇسىدا بىز تۆنۈگۈنلا باشتىن كەچۈرگەن ئىدىيە-ئىزىملارنىڭ "قۇيرۇقىنى قۇم باستى". R.at\ evYj  
قىسقىسى، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ مەدەنىيەت خاتىمىسى "تام تۈۋىدىن ھوشۇر ساراڭ قوپقاندەك"لا ئىدىيە-ئىزىملارنىڭ يەرلىك ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە قانچىلىكلا زورۇقسىمۇ قارشى تۇرالمايدىغانلىقى بىلەن خۇلاسىلەندى. Xr x*mHhu`  
بۇ خىل رىئاللىق بىلەن ياندىشىپ يەرلىك مەدەنىيەت بىلەن تۇققاندارچىلىققا ئىگە، يېڭى دىنىي ۋە مىللىي ئىسلاھاتلارنىڭ ھارارىتى يۇقۇرى پەللە مەزگىلىگە قەدەم قويۇش ئالدىدا. Ig6=a&q)_  
بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇرلارنى ئەسلىدىكى مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن تارتىپ چىققۇدەك ۋە ئۇنىڭدىن گۇمانلاندۇرغىدەك يېڭى مەدەنىيەت ۋە يېڭى ئۇقۇم مەۋجۇت ئەمەس. "=!8OoXT  
كۆز ئالدىمىزدىكى قىسمەن ئىمتىيازغا ئىگە بولىۋاتقان ماددى دۇنيانىڭ رەڭدارلىقى، پەقەت ئۆتكۈنچى يامغۇردىن باشقا نەرسە ئەمەس.ئۇنى مەدەنىيەت دەپ سۈپەتلەش، مەدەنىيەتنى كالا گۆشى ئۈگرىسى ياكى قۇم قازان شورپىسى دەۋالغاندەكلا ساددىلىق.   @)W ^'2Ha  
ھەقىقى مەدەنىيەت ئىنسانغا ماددى ھوزوردا بولمايدىغان ئۆزلۈك،تۇققانلىق ۋە مەڭگۈلۈك تۇيغۇسىنى بېرەلەيدۇ. ;I^/rYJ^  
ئۆمۈر بويى ماددى كاپالەت ئۈچۈن تىرىشقان ئادەممۇ ئاخىرىدا چوقۇمكى ئەشۇ ھەقىقى مەنىۋى چەمبىرەككە قايتىش قارارىغا كېلىدۇ. بۇ مۇتلەق قانۇنىيەت. EC75B0)  
ئەلۋەتتە سىياسى ۋە ئىقتىسادى قوللاش بىلەن مەدەنىيەت تەسىرىنى كېڭەيتىش بەكمۇ ئۇزۇن جەرياننى تەققەززا قىلىدۇ. 7>|Bhf(h  
بۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇمكى ئىككى ياكى ئۈچ ئەۋلات تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەمما ھازىرقى دۇنيا تەرتىۋىدە بۇنداق كۈچ ۋە بىزنى قايىل قىلالىغۇدەك مەدەنىيەت ئۈندۈرمىسى مەۋجۇت ئەمەس.  S*P,$2g  
شۇنداقلا بىز ئۈن-تىنسىز قوبۇل قىلىشقا مايىل مىللەتمۇ  ئەمەس. ^6>3c}{  
ئەتراپىمىزدىكى كۈنسېرى قويۇقلىشىۋاتقان مىللى ۋە دىنىي ئورتاق مەدەنىيەتلەرنىڭ تەسىرى بىلەن كۈچ سىنىشىۋاتقان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ياكى غەرپ مەدەنىيەت كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق پەقەت باراۋەر بولمىغان مۇسابىقىدىن ئىبارەت . o"` R-O  
بۇ باراۋەرسىزلىك يەنىمۇ كۈچىيىپ مەجبۇرلىنىش دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلمەيدۇ.چۈنكى مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ پارتىلاش دەرىجە كۆرسەتكۈچى بولىدۇ،ئەلۋەتتە. uQ0JpUk  
ناۋادا مەجبۇرلىنىش دەرىجىسىگە يېتىپ قالسا، يەرلىك خەلىقتە تەبىئىلا ئويلىنىش ۋە قارشىلىشىش كەيپىياتىنى پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاجىز ئورۇندىكى مەدەنىيىتىگە ھېسداشلىق قىلىش ۋە قوللاش ھىسياتىنى پەيدا قىلىدۇ. 4R!W-B5  
يەنە بىر تەرەپتىن، ئەسلىدىنلا يىلتىزداش بولغان مەدەنىيەت تەرەپدارلىرىنىڭ تەسىر قىلىش كۈچى يىلتىزداش بولمىغان مەدەنىيەت كۈچلىرىدىن قانچىلىكلا ئاجىز ئورۇندا بولمىسۇن، يەنىلا ئالدىنقىسىنىڭ تەسىر كۈچىدىن يۇقۇرى بولىدۇ. \' Y;?e  
.بۇ خۇددى ئاتمىش يىلغا قەدەر نۇرغۇن ئىقتىساد ۋە سىياسى ھىلىلەر سەرپ قىلغان ئورۇس مەدەنىيىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە بىر كېچىدىلا ئاجىز ئورۇندىكى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە يېڭىلىپ قالغىنىدەكلا بىر ئىش. td2 `(,B  
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چەت قىرغاقلىرىغا قەدەر تىكلەنگەن ئورۇس كومىنىستلىرىنىڭ ھەيكەللىرىنىڭ ئىپادىسى، پەقەت بىر دەۋرنىڭ تەشۋىقات غالجىرلىقىدىن ئىبارەت .بۇ سۈنئى مەجبۇرلاش ۋە سىياسى مەخسەتنى چىقىش قىلغان مەدەنىيەت ھىلىسى پەقەت كەينىدە يۆلەپ تۇرغان يۆلەنچىكى بولغاچقىلا مەلۇم ۋاقىت ئۆرە تۇرالايدۇ. _7vSvm)0  
ماھىيىتىدىن ھەقىقى مەدەنىيەتكە تەۋە بولمىغان بۇ غەيرى ئۈندۈرمە پەقەت يۆلەنچىگىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ۋاپات بولىدۇ. }Y8{{U+FT  
ھەقىقى مەنىدىكى مەدەنىيەت ھەرقانچە پاسسىپ ئورۇندا تۇرسىمۇ ھەرۋاقىت دەۋر چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي قەلبلەردە ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ ياشايدۇ. ئۇ ئازراقلا نەملىكنى كۆرسە بىخ سۈرۈپ چىقالايدۇ. jIuNu@}  
دىمەك ئۇيغۇرلارنىڭ قارىماققا ئاجىز ئورۇندا تۇرغاندەك كۆرۈنىۋاتقان مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى ئەمەلىيەتتە تەرەقىيات باسقۇچىدىكى مۇقىم ۋە تىنىق ھالەتنى ساقلاپ تۇرماقتا. br;^ 
بۇ شاۋقۇن-سۈرەنسىز  تىنىقلىق، ئېنىرگىيە خورىتىش ھېساۋىغا تەرەقىي قىلىۋاتقان مەنزىرىدىنمۇ كۈچلۈك بولغان ئېنىرتسىيە ۋە ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 02 Foh  
مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيىسى قانچىكى كۈچەيسە، ئۇنىڭغا ماس قەدەمدە يەرلىك خەلىقنىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت قوغدىغۇچى ئەزىمەتلەرنىڭ چاقىرىقى شۇنچىكى قوللاشقا ئېرىشىدۇ. بىپايانلىقتا توۋلانغان ئاۋازدىن بۇرۇقتۇملۇقتىكى يېنىك چاقىرىقمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. $cr)|v  
يۇقۇرقىدەك سەۋەپلەر تۈپەيلى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىمۇ غايەت زور قارشىلىشىش كۈچىگە ئىگە. dLg#,ZGd  
ئۇ مىڭ يىل بۇرۇن بولغان بولسا ئېھتىمال رەھىمسىز باستۇرۇلۇش ۋە زورلاش ۋاسىتىسى بىلەن ئۆز يۆلىنىشىدىن چىقىپ كېتىشى مۈمكىن دىسەكمۇ، بىراق بۈگۈنكىدەك دۇنيا مىقياسىدا يەرلىك مەدەنىيەت ۋارىسلىرى، قانۇن ئارقىلىق قوغدىلىۋاتقان ۋە قىممىتىنى يوقاتماسلىق ئۈچۈن ئاسرىلىۋاتقان بىر دەۋردە مۈمكىن ئەمەس. XBTCHv+Q  
خەلقىمىز يېزىقتا خاتىرلەنگەن تارىخىنى نېسبەتلەشتۈرۈپ ھېساپلىغاندا ھازىرقى مەدەنىيەت تەسىرىدە ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. h>[+!\|_^  
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەدەنىيەت خەلقىمىز بېشىدىن كەچۈرگەن ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە ھەقىقى ھەمرا بولۇپ ئۇلارنى بۈگۈنگە يەتكۈزۈشتە زور رول ئوينىغان. ~B(FTG#{  
بۇ يامان كۈنلەردىكى سەپەرداشنىڭ يامان ئوتىغا ئەلۋەتتە خەلقىمىز بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. c"Z7]9CXiO  
بۇ نۇقتىنى دەرىجىدىن چوڭ دۆلەتلەر ھېس قىلمىسىمۇ بىراق ئاددى خەلقىمىز ۋە ئومومى دۇنيا خەلقى ھېس قىلالايدۇ. |*D8guIF}G  
قىسقىسى، مەدەنىيىتىمىزنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەمدى كۈچىنى نامايەن قىلىدۇ. V@Vt%&U6B  
To Uv1x  
;;S/3Y\pl  
3-    مىللى ئىقتىسادتىكى نامراتلىقنىڭ ئەۋزەللىكى، LN hnw@  
(ئادەمنى پەقەت مۇشەققەت ۋە قىيىنچىلىقلا سەمىمى ئىتىپاقلاشتۇرىدۇ.) 7pGMSf{6f  
تەرەقى تاپمىغان مىللى ئىقتىساد بەزى دەۋرلەردە پايدىلىق ئورۇندا تۇرۇپ قېلىشى مۈمكىن. eajS :8  
دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادى بەلۋاغقا كىرەلمىگەن ئاددى ئىقتىسادى ئايلىنىش بىلەن جاھاندارچىلىق قىلىۋاتقان مىللى گەۋدىمىز، كۆلەملەشكەن ئىقتىسادى كۈچى زور مىللى يەرلىك گۇرۇھلىرىنىڭ بولمىغانلىقى سەۋەبىدىن خەلقىمىز ماددى كاپالەت ۋە تېخىمۇ مول ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم . *ckeHxhI  
بۇ خىل مەھرۇملۇق يەرلىك خەلىقنىڭ ئىقتىسادىنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاددى شەكىللىرى بىلەن باغلاپ قويغان. G~bdcCU/+  
بۇ خىل چەكلىمە ئىچىدىكى خەلىقتە، دەرىجىدىن تاشقىرى گۇرۇھلارنىڭ دۇنياۋى ياكى مەملىكەت خاراكتىرلىك ئىقتىسادى پائالىيەتلىرىمۇ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. J7&Udv   
بۇ خىل بولماسلىق خەلقىمىزدە ئەتراپتىكى دۇنيا تەرىپىدىن، كەمسىتىلگەندەك ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىغاندەك تۇيغۇنى شەكىللەندۈرىدۇ. GVK U5  
ئۆزىنىڭ جانىجان مەنپەئەتى ئۆزىدىكى قاتلامدىن ھالقىپ كېتەلمىگەچكە، ئۇلاردا ئىشلىرى يۈرۈشىۋاتقان ئىقتىسادى مىللەتلەرگە قارىتا چەتكە قېقىش، ئۆچ كۆرۈشتەك خاراكتىرلەرنى شەكىللەندۇرىدۇ. [YmgN[  
مىللى گەۋدىنىڭ، باشقا گەۋدىلەرگە نېسبەتەن ئىقتىسادى ۋە مەدەنىي سېلىشتۇرمۇشۇناسلىقىدىن شەكىللىنىدىغان زىدىيەتلىك پوزىتسىيەسى شۇنىڭ بىلەن بىخ سۈرىدۇ. `>!Y,4o  
بۇ خىل بىنورمال قارشىلىق پىسخىكىسى دەۋرىمىزگە سەلبى قىياپەت بىلەن نامايەن بولغاندەك كۆرۈنسىمۇ مىللى گەۋدىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە بولغان مۇھەببەت ۋە ئىتىپاقلىقىدىكى يوشۇرۇن ئېنىرتسىيەنى كۈچلەندۈرىدۇ. ۋە ئىتىپاقلىق ۋە تەغدىرداشلىق تۇيغۇسىنى كۈنسېرى كۈچلەندۈرىدۇ. Kg,NF("|fk  
دىمەك نامراتلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس پايدىلىق تەرەپلىرى بار.   i27 *fq  
[PSlKSf,  
4-    ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئەسىردىكى ھاياتىي كۈچى ۋە دۆلەت تەغدىرىدىكى ئەۋزەللىكى، DYM6K '  
(سۈكۈت قىلىش، يوقىلىشتىن ياكى قورقۇنچاقلىقتىن دېرەك بەرمەيدۇ.) i1:10%_  
بۇ ئەسىر ئۇيغۇرلارغا نېسبەتەن زور ئۆزگۈرۈشلەر بىلەن يېتىپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. @lFTPSvj  
مەركەز، بۇ ئەسىردىكى تەرەقىيات پىروگىراممىسىنى ئىلمى ۋە رىئالنى بولغان تەرەقىيات نىشانى بىلەن باشلىدى. +yhjJn9K  
ئالدىنقى ئەسىردىكى چىڭ تۇتۇلمىغان بەزى مەسىلىلەرنى ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتى بىلەن ماسلاشتۇرۇپ، ئوڭۇشسىزلىق ئىچىدىكى تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش باشلاندى. tI?3Xpc  
مەركىزى ھۆكۈمەتمۇ، كۆپ مىللەتلىك جوڭگودا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقوقلىرىنى بۇ ئەسىردە تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بېرىش كېرەكلىگىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 2F6I#YBP  
جوڭگونىڭ، مىللى تېروتېرىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنىغا مۇناسىۋەتلىك قاتار ماقالىلارنى ئېلان قىلىشى ياكى ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانىنى ھوججەتلەشتۈرىشى ۋە ياكى مىللەتلەر قانۇنىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشلىرى بولسۇن ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا مۇئەييەن دەرىجىدە كۆڭۈل بولۇش ئىمكانىيىتى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. k<5(Ss  
ئالدىنقى ئەسىردىكى مەدەنىيەتلەر توقۇنىشى بۇ ئەسىردە مەنپەئەت توقۇنىشىغا ئورۇن بوشاتتى. f8iCkXC  
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ خۇلاسىسى ئوتتۇرا شەرقتەك قىززىق رايوننىڭ خاتىمىسى بىلەن ئاياقلاشتى. <TzR |  
+95OVB  
بۇ ئەسىر بولسا ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت يېڭى قىززىق نۇقتىغا سەھىپە ئاچتى. WMQEqG-\  
بۇ تېروتېرىيىدە ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلارمۇ، دۆلەتنىڭ قوللىشى ۋە دۇنيانىڭ يۈكسەك دىققىتى ئىچىدە تۇرماقتا. XM5/c([  
دىمەك يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا كۆرۈلمىگەن ھەقىقى ئىستىقبال ئەمەليەتتە بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا. بۇ ئىستىقبالنىڭ مۇقەرەرلىكىنى توساش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھازىرچە قانداقلا تەشكىلات ۋە دۆلەتنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. sKUe8$~  
چۈنكى ئومومى دۇنيا ۋە تارىخىي يۈزلىنىش مۇتلەقلەشكەن فورمۇلا-پىروگىرامما خاراكتىرىگە ئايلىنىپ بولغان. E \Vi1k6o  
ئۇزۇن يىللار جەريانىدا ئورنىدىن قوزغالغان تارىخ ھارۋىسىنى توساش، تېزلىك بىلەنلا ئورۇنلىنىپ قالىدىغان ئىش ئەمەس. H'vxQ1?  
ھازىرقى زامان مەدەنىيەت ئاسمىلاتسىيەسىنىڭ تېزلىكى ۋە رەڭدارلىقى بىلەن ماسلاشقان يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ چۇقان سېلىشى بىلەن ئىلغار ئاكتىپلىقىمۇ جەڭگاھقا چۈشتى.  z}W5oAH]  
قىسقىسى،ئومومى دۇنيا تېخىمۇ باراۋەر بولغان قەدەمگە مەجبۇرلانماقتا. %3PM[+g  
بۇنداق تارىخىي پۇرسەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەغدىرى قانداق بولىدۇ؟ 7#, ch1s  
ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى نۇرغۇن قاتماللىقلار تۈگىتىلىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى ، دۆلەت سىياسىسىغا پىكىر بېرىش ئىمكانىيىتى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ.مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىچە دىكتاتورا ۋە مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك ئىدارە قىلىش ئاستا-ئاستا ئاياقلىشىدۇ. \Dgf@m;/P  
ب د ت نىڭ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ مىللى رايونلارغا ماسلاشتۇرۇلغان پىروگىراممىلىرى  ھەممىنى مۇقىمسىزلىق بىلەن سۈپەتلىۋالىدىغان قاتمال ئادەم ۋە ئورۇنلار ئويلىغاندەك ئەكسىيەتچىل ئىدىيە ۋە ياكى پاسسىپ دۇنيا قاراش قالپىقىدىن قۇتۇلىدۇ. @F/&[x8c  
مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدەك ئومومىلىق ئۈچۈن يەرلىك ئالاھىدىلىكنى قۇربان قىلىشتەك چوڭ مىللەتچىلىكمۇ يوقىلىدۇ. ~F&3'+?  
Ye}0P  
جوڭگونىڭ بۇ يېڭى قەدىمى ئەلۋەتتە يېڭى جوڭگو تارىخىدىكى نۇرۇغۇنلىغان ئىجابى ئىسلاھاتلارغا ئوخشاشلا كونىلىق ۋە جاھىللىق بىلەن ئۇزۇنغىچە كۈرەش قىلىدۇ ۋە بۇ جەرياندا كۈنسېرى مۇكەممەللىشىپ ماڭىدۇ.كاڭيۈۋېي ۋە لىياڭچىچاۋ، زامانداش ئەمەلدارلار تەرىپىدىن جىنايەتچى بولغان بولسىمۇ بىراق ھازىرقىلار تەرىپىدىن قەھرىمان سانالغاندەكلا كۈلكىلىك تىراكومىدىيەلەر يەنە بولۇپ تۇرىدۇ. vlijI6 D}}  
ھەممىلا ئادەمنىڭ دۆلەتنى  سۆيۈش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ. xCj"(cXKw'  
بۇ خىل ئوخشىماسلىق نۇرغۇن چۈشەنمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇ چۈشەنمەسلىك پەقەت دىكتاتورا ياكى دىمكىراتىيە قۇرۇلىشى بىلەنلا چوقۇم ھەل بولىدۇ. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى. n ,*?R.E  
رايونىمىزدىكى مول ئېنىرگىيە زاپىسى بىلەن تەغدىرى باغلانغان 20 مىليوندىن ئوشۇق خەلقنىڭ ئاپتونومىيەلىك ھوقوقى شۇنداقلا 10 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسەت ۋە دۆلەت ئىستىراتىگىيىسىدىكى ئورنىغا مۈجىمەل ياكى پاسسىپ مۇئامىلە قىلىش شەخسنىڭ ئارزۇسىلا بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. jTE<.ifZv  
يېڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن بۈگۈنگە قەدەر بۇ نەچچە مىليون خەلىق ئۆزىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە دۆلەتكە مۇناسىپ تۆھپە قوشۇپ كەلدى. بۇ تۆھپىنى تارىختىكى ھەرقانداق بىر دەۋر-سۇلالە بىلەن سېلىشتۇرۇش مۈمكىن ئەمەس. Ep6M4#Ks  
رايونلار ئارا ھەر خىل پەرىقلەرنىڭ كىچىكلەپ ئومومى دۇنيا قول تۇتۇشۇپ ياشايدىغان رەھىمسىز ئىللىقلىقتىن جوڭگو، شۇنداقلا رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر خەلقى مەنپەئەتدار بولىشى ئاددى باراۋەرلىك ئىمتىيازىدۇر. 0)|SJx  
نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز، ئۈگىنىش-سىياسەتلەرنىڭ پەقەت قەغەز يۈزىدىكى نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقى ،ئەمەليەتتە بۇ قېتىمقى يېڭى سىياسەتلەرنىڭمۇ ئالدىنقىلاردىن جىق پەرقلىنىپ كەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۈمۈتسىز كەيپىياتىنى ئىپادىلەيدۇ. Qo`%P+)  
توغرا، بۇ قېتىمقى ياكى ئىلگىركى سىياسەتلەرنىڭ جانلىق ئىجرا بولالماسلىقىدىكى سەۋەپلەر بىر تەرەپتىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خىزمەت پوزىتسىيىسىدە بولسا يەنە بىر تەرەپتىن كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ مەركەزنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىغا نېسبەتەن پەرۋاسىزلىقى،  پايدىلىنىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش ئېڭىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن دەپ ئېيتساق تامامەن بولىدۇ. P^*W!4vl  
بۇ، ھەر-بىر پۇخرانىڭ دۆلەت ئالدىدىكى جاۋاپكارلىقتىن ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىپەرۋالىق ئەڭ چوڭ جىنايەت. h[Qj;'B  
گەپنى ئاخىرلاشتۇرساق ، ئۇيغۇرنىڭ پارلاق كەلگۈسى دەل جوڭگونىڭ كەلگۈسى. P`x r^Z$k  
جوڭگونىڭ كەلگۈسى، ئۇيغۇرنىڭمۇ كەلگۈسى. R,i-{4TS  
بۇ خىل تەغدىرداشلىق بۈگۈن ۋە ئەتە تېخىمۇ مۇقەرەرلىشىدۇ ۋە روشەنلىشىدۇ. 6\$]~zT]R  
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ، كەلگۈسىگە ئۈمۈت ۋە ئىشەنچ بىلەن يۈزلىنەيلى. p(+!6IC(&r  
|{,,iK>+  
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت. cc 0A^du  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان. {W&L`n  
2009-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى. #ZaPDe  
nV<cdWK  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ  ULY يېزىقىدىكى يازمىلىرىنىڭ ئادىرىسى. d`;lIgl:  
ct\ -'Ry(  
http://tumarim.googlepages.com/ =p}>  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى. Fg5 *yu34  
AtU jA(@  
http://ablathan.blogbus.com/
[ بۇ يازمامۇنقەرىزتەرپىدىن2009-05-11 23:05دە قايتا ت ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+1000(مۇنقەرىز) ياخشى ماقالە
  • تۆھپە:+1000(ئاناقۇشئۇۋىسى) ئەجىرىڭىزگە ..
  • پۇل :+10(غەمكىن007) قايىل قىلارل ..
  • salkin mtv
    جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى !
    بۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج .
    بۇ بىزدىن ئاشكارىلىقنى ۋە سەمىمىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
    شۇڭا ئىدىيىدىكى ئەنئەنىۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى  روھ بىلەن ھەمكارلىشايلى.
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-05-11 18:35 |
    دانىشمەن
    http://www.muglan.cn
    يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : پىشقەدەم


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 4952
    شۆھرەت: 5360 كىشىلىك
    پۇل : 99797 سوم
    تۆھپە: 699 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4815 نۇمۇر
    قوللاش: 4378 نومۇر
    ئالقىش: 5470 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2179(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ماۋۇ تىمىنى نادىرلەڭلار ، تىز بولۇڭلا دەيمەن... مەن ھېلى ئوقۇي....   
    ئىزدەش تورى
    ئازاپ ئوقۇبەت:  تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى!.                            
     تىك تۇرغان ئادەمنىڭ ھەممىسىلا داڭلىق شەخس بولمايدۇ ،يۇكۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئاجىز بولمايدۇ. قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ!! ئىش قىلغاندا يۈكۈنۈڭ - مانا بۇ نەتىجە قازىنالايدىغان ھەقىقى ئەركەك!     بىرسى شۇنداق دەپتىكەن . بىر كىچىك بالا بىر توپ قۇينى(ھەتتا نەچچە يۈز قوينى) بىرتال  چىۋىقنى قولىدا تۇتقان ھالدا  ھىچبىر قىينالماي باقالايدۇ.نىمىشقا ؟ چۈنكى،قويلار بىرەر ۋەھىنى ،خەتەرنى سەزگەن ھامان ئۈز تىلى ئارقىلىق بىر بىرىگە خەۋەر بىرىپ دەرھال بىر يەرگە توپلىشىدۇ.   لىكىن سىز تۆت چۆشقىنى دالاغا قويۇۋىتىپ سىناپ بىقىڭ.باشقۇرالامسىزكى؟تۆت چوشقا تۆت تەرەپكە پىتىراقشىپ سىزگە ھەرگىز ئارام بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار دىگەندەك بىزدىكى ياۋاشلىق بىزنىڭ قوي گۆشى ئىستىمال قىلغانلىقىمىزدا بولسا.نىمىشقا بىزگە قويدىكى ئۆملۈك ،ئىناقلىق ،ئىتىپاقلىق سىڭمىگەن؟
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:45 |
    erk uzun
    مەشقاۋۇل
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 3021
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 233
    شۆھرەت: 24 كىشىلىك
    پۇل : 1604 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 45 نۇمۇر
    قوللاش: 39 نومۇر
    ئالقىش: 27 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 354(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئاۋال ئورۇن ئاپ قوياي
    سۈمەييە
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:45 |
    كىتاپ.ئۇقۇڭ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 48300
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 491
    شۆھرەت: -3 كىشىلىك
    پۇل : 2610 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەشھۇر ئا.ئابلەتخان 'دىگەن سىز ئوخشىمامسىز؟! بارلىق ئەسەرلىرىڭىزنى بەكمۇ ياقتۇرۇپ ئۇقۇيمەن! بۇ ئەسرىڭىزنى ئىنكاس يوللاپ بۇلۇپ ئالدىرماي ئۇقۇپ چىقاي!
    (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن خالىغان ئادەم كافىر بولسۇن»دېگىن بىز ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش يۈزلەرنى كۆيدۈرۋىتىدىغان (ناھايتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
    Say, "The truth is from your Lord": Let him who will believe, and let him who will, reject (it): for the wrong-doers We have prepared a Fire whose (smoke and flames), like the walls and roof of a tent, will hem them in: if they implore relief they will be granted water like melted brass, that will scald their faces, how dreadful the drink! How uncomfortable a couch to recline on
    (29: 18)
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:46 |
    تور مەكتىپى
    دانىشمەن
    http://www.muglan.cn
    يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
    دەرىجىسى : پىشقەدەم


    UID نۇمۇرى : 13352
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 4952
    شۆھرەت: 5360 كىشىلىك
    پۇل : 99797 سوم
    تۆھپە: 699 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4815 نۇمۇر
    قوللاش: 4378 نومۇر
    ئالقىش: 5470 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئۇيغۇر
    توردىكى ۋاقتى : 2179(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-07
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز بىلەن بىر كۆرۈشكۈم بار  ئابدۇرەھىم ئابلەتخان ئاكا..
    ئازاپ ئوقۇبەت:  تۇرمۇشنىڭ ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچىسى!.                            
     تىك تۇرغان ئادەمنىڭ ھەممىسىلا داڭلىق شەخس بولمايدۇ ،يۇكۇنۇپ ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئاجىز بولمايدۇ. قەددىڭىزنى تىك تۇتۇڭ!! ئىش قىلغاندا يۈكۈنۈڭ - مانا بۇ نەتىجە قازىنالايدىغان ھەقىقى ئەركەك!     بىرسى شۇنداق دەپتىكەن . بىر كىچىك بالا بىر توپ قۇينى(ھەتتا نەچچە يۈز قوينى) بىرتال  چىۋىقنى قولىدا تۇتقان ھالدا  ھىچبىر قىينالماي باقالايدۇ.نىمىشقا ؟ چۈنكى،قويلار بىرەر ۋەھىنى ،خەتەرنى سەزگەن ھامان ئۈز تىلى ئارقىلىق بىر بىرىگە خەۋەر بىرىپ دەرھال بىر يەرگە توپلىشىدۇ.   لىكىن سىز تۆت چۆشقىنى دالاغا قويۇۋىتىپ سىناپ بىقىڭ.باشقۇرالامسىزكى؟تۆت چوشقا تۆت تەرەپكە پىتىراقشىپ سىزگە ھەرگىز ئارام بەرمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار دىگەندەك بىزدىكى ياۋاشلىق بىزنىڭ قوي گۆشى ئىستىمال قىلغانلىقىمىزدا بولسا.نىمىشقا بىزگە قويدىكى ئۆملۈك ،ئىناقلىق ،ئىتىپاقلىق سىڭمىگەن؟
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:48 |
    شوخ بوۋاي
    سەلكىن چايخانىسىغا مەرھەممەت
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 21189
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1101
    شۆھرەت: 1452 كىشىلىك
    پۇل : 932460124 سوم
    تۆھپە: 2109 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1359 نۇمۇر
    قوللاش: 1281 نومۇر
    ئالقىش: 1510 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 2835(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-19
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نادىرلىسا بولغىدەك تىمىكەن
    http://idc.xj88.cn
    دوستلارنىڭ سەلكىن چايخانىسغا قەدەم تەشرىپ قىلىشنى قىزغىن قارشى ئالىمەن !!
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:49 |
    كىتاپ.ئۇقۇڭ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 48300
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 491
    شۆھرەت: -3 كىشىلىك
    پۇل : 2610 سوم
    تۆھپە: 30 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: 1 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 47(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇقۇپ بولدۇم! ھەقىقەت!!!!!!!!
    hakyol
    (ئى مۇھەممەد!) «(بۇ) ھەق (قۇرئان) پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نازىل بولىدۇ خالىغان ئادەم ئىمان ئېيتسۇن خالىغان ئادەم كافىر بولسۇن»دېگىن بىز ھەقىقەتەن كافىرلار ئۈچۈن تۈتۈن پەردىلىرى ئۇلارنى ئورىۋالىدىغان ئوتنى تەييارلىدۇق ئۇلار (تەشنالىقتىن) سۇ تەلەپ قىلسا ئۇلارغا مەدەن ئېرىتمىسىگە ئوخشاش يۈزلەرنى كۆيدۈرۋىتىدىغان (ناھايتى قىزىق) سۇ بېرىلىدۇ بۇ نېمىدېگەن يامان شاراب! جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!
    Say, "The truth is from your Lord": Let him who will believe, and let him who will, reject (it): for the wrong-doers We have prepared a Fire whose (smoke and flames), like the walls and roof of a tent, will hem them in: if they implore relief they will be granted water like melted brass, that will scald their faces, how dreadful the drink! How uncomfortable a couch to recline on
    (29: 18)
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:55 |
    xjalexa.cn
    غەمكىن007
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 47144
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 837
    شۆھرەت: -10 كىشىلىك
    پۇل : 13 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -20 نۇمۇر
    قوللاش: -20 نومۇر
    ئالقىش: -20 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 157(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز مەن بىر دىھقان دەپسىز لېكىن مەن ئىشەنمىدىم،پىكىريولىڭىز راۋان ،قايىل قىلارلىق چۈشىنىشلىككەن . Q6 AtL_  
    يوللىغان تىمىلىرىڭىزنى كۈرۈپ بەكمۇ خۇشال بۇلىمەن ،ھەم سۈيۈنىمەن .
    salkin mtv
    ياشىسۇن ئۇيغۇرۇم.
    يا ياشاش كىرەك ياكى ئۈلۈش كىرەك.
    ئوينايلى دوسلا ،كۈلەيلى دوسلار دەپ ناخشا ئېيتقانلارنىڭ بېشىغا تاپانچامنى تەڭلەپ تۇرۇپ سىگانلارنىڭ تارىخىنى ئۇقۇپ بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 18:59 |
    قالقان22
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61104
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 156 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەر ئابازستىن بىر كىتاپ پۇتەمدۇ -قانداق؟
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 19:03 |
    يولباشچى0903
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 12634
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 108
    شۆھرەت: 66 كىشىلىك
    پۇل : 929 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 67 نۇمۇر
    قوللاش: 65 نومۇر
    ئالقىش: 72 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 299(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

      نادىر تېمىكەن،دىيارىمىزدىكى  ھەر خىل مەۋجۇت مەسىلە،زىددىيەتلەرگە ئويغۇر ،خەنزۇ قاتارلىق  ھەرمىللەت خەلقىنىڭ ئوبېكتىپ ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ مۇئامىلە قىلىشىنى بولۇپمۇ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەرنىڭ شۇنداق قىلىشىنى ،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز غا تىنچ،ئىتتىپاق دەۋر يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىت قىلىمەن!!!!!!!!!!!!
    salkin mtv
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 19:07 |
    قالقان22
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 61104
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 18
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 156 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 23(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-10
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەركەزدىكىلەر بىزنى ھۆكۈمەت خىزمىتىگە پىكىر بېرىشكە ئۈندەپ ئاۋارە، تۆۋەندىكى بەزى پۇرۇچ ئەمەلدارلار "كىم سۆزلەۋاتىدۇ" دەپ ماراپ ئاۋارە. 2ukU={(X(   nE?mBu  
    AJi$  
    دەل كەپتۇ.
    salkin mtv
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 19:07 |
    قاباھەت@
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 52627
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 114
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 418 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 324(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەخمەت سىزگە!!!!تېمىڭىز ئادەنى ئويلاندۇردۇ!!!
    salkin mtv
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 19:09 |
    قاپ يۈرەك
    تىلىڭنى تات..ئۇيغۇردىن
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 17377
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1440
    شۆھرەت: 196 كىشىلىك
    پۇل : 112530 سوم
    تۆھپە: 1029 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 860 نۇمۇر
    قوللاش: 534 نومۇر
    ئالقىش: 1062 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 1196(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-29
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەرھۇم ئابدىرىيىم ئابلەتخان سىزما ..خاتا ئاڭلىدىممۇ يە .......
    salkin mtv
    ھايات مۇساپىسى ئۇزۇن دىسەڭ. ئۇزۇن ،
    قىسقا دەپ قارالسا قىسقا .
    ئۈمۈتۋارلىق .ھاياتلىق مۇساپىسى.
    ئۈمۈدۈم جەننەت .ئاخىرقى يول ،
    ئىنساندا بىرلا نەرسىدە  ئاجىز!
    ئۇ بولسىمۇ ئازغۇنلۇق،،
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 20:28 |
    ئولمەسجان
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 58653
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 122 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 160(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-05-01
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-28
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇيغۇرلارغا تەسەللىي بىرىدىغان ماقالە
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مەسىلىنىڭ قارشى تەرىپىدىن چىققاندا، ئىسپاتلاپ ئۆگۈنۈڭ .
    salkin mtv
    مەن بىرمۇساپىر
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 20:34 |
    سارا2008
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 21835
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 405
    شۆھرەت: 312 كىشىلىك
    پۇل : 2030 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 323 نۇمۇر
    قوللاش: 317 نومۇر
    ئالقىش: 338 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 89(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-29
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-27
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ساقلىۋالدىم....
    salkin mtv
    مېنى يېنىڭغا كۆمۈۋەت!!
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-05-11 20:34 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلار
    
    oy muluk