ئانا - دېگەن بۇ سۆز ھەقىقەتەن تولىمۇ يېقىملىق ھەم مۇبارەك سۆزدۇر.شۇنداقلا سېھرى كۈچكە ئىگە سۆزدۇر.
bM&`V>;$ PWUjxS
P~ ئانا سەن دۇنيادىكى ئەڭ جاپاكەش، ئەڭ ۋاپادار ۋە ئەڭ قابىلەتلىك ئۇستاز ھەم بىر ئۇستا ئىجادكار. پۈتكۈل كائىناتنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلىغۇچى ئۇستا ھۈنەرۋەن.
&8k|ma#g BS
^1!g| ئانا ، قارىغىنا!؟ تۈن كېچە بولدى، ھەممە تاتلىق ئۇيقۇدا، ئەمما سەنچۇ؟ سەن يەنىلا تولىمۇ - تولىمۇ يالغۇز ھالدا مېنى پەپىلاۋاتىسەن، ماڭا يالغۇز ھەمراھ بولىۋاتىسەن. مانا مەن چوڭ بولدۇم، مېنىڭ ساغلام ئۆسۈپ چوڭ بولغۇنۇمغا قاراپ ئىچ- ئىچىڭدىن خۇشال بولدۇڭ. مانا مەن توي قىلىپ ئۆي ئوچاقلىق بولۇپ، سېنىڭدىن ئايرىلدىم. مەن سېنى ھەپىتە، ھەپتىدە، ئايدا يىلدا بىر قېتىم يوللايمەن ھەم بەزىدە يادمۇ ئېتەلمەيمەن. ئەمما سەن مېنى ھەربىر تېنىقىڭدا ، ھەربىر قەدىمىڭدا، يۈرۈكۈڭنىڭ ھەربىر سوقۇشلىرىدا ياد ئېتىپ تۇرىسەن، بەختمىنى تىلەيسەن.
ytd5/jOo YK7D@Bz! ئانا قۇچىغى - ئىنسان بالسىنىڭ ئەڭ بىخەتەر قوغدىنىش ئورنى ھەم ئەڭ بىخەتەر ماكان. ئانا قۇچىغى، جىمى يامانلىقلاردىن، ساختا مۇھەببەتتىن، خىيانەتتىن، ئۇنتۇلۇشلاردىن، تەرك ئېتىشلەردىن يىراق.
E =[#+E 5h_3 = " ئانا يىغلىسا راست يىغلار، باشقىسى يالغان " ، " ئانا قەلبى تەۋرىسە زېمىن تەۋرەيدۇ " ، " ئانا بىر قولىدا بۆشۈكنى تەۋرەتسە، بىر قولىدا مىللەتنى تەۋرىتىدۇ " .... دېگەن دۇردانىلەر سېنىڭ پاكلىقىڭ، مۇھەببىتىڭنىڭ چىنلىقىغا ، ھەم سېنىڭ ئورنىڭنىڭ يۇقىرلىقىغا بېرىلگەن ھەقىقى باھا ھەم سېنىڭ شەرىپىڭ.
8E<Vy_Doj j<,6_e
` ئانا ، ئېسىڭدىمۇ؟ مەن يىراق جايغا ئوقۇشقا ماڭغىنىمدا، جان بالام، ئامان بول، سەپىرىڭ قۇتلۇق بولسۇن ،،، دەپ كۆزلىرىڭدىن جۇدالىق ياشلىرىڭىنى تۆكۈپ ، كۆزۈڭ قېيىمىغان ھالدا مېنى ئۇزاتقىنىڭ. قاچان كېلەرسەن؟ سالامەتمۇسەن؟ ئامانمۇسەن ؟ ......؟ دەپ سانسىزلىغان كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزگۈنۈڭ، سانسىزلىغان كۈنلەرنى ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، غەمكىن ،مىسكىن ھەم ئۈمىدلىك كۆزلىرىڭ بىلەن ماڭا قاراش بىلەن ئۆتكۈزگۈنۈڭ.
u:
Q
Cf0 4ar2gU0L) ئانا ، سەن مېنىڭ تۇمۇرۇمدا ئاققان ھەربىر تامچە قاننى، تىنىقىمدىكى ھەربىر تىنىقنى، ئاتا قىلغان ئەمەسمىدىڭ، ئەمما سەن نېمىشقا دائىم غەمكىن، دەرتلىك يۈرۈيسەن ؟؟؟ ئانا بەلكىم خورلانغان، بەلكىم خىيانەتكە ئۇچرىغان، بەلكىم ئۇنتۇپ كېتىلگەن ۋە بەلكىم تاشلىۋېتىلگەن، ئەمما ئانا بىزنى ئەبەدىي تاشلىمايدۇ ، ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ جېمىكى مۇھەببىتى پەقەت پەرزەنت ئۈچۈنلا. ئۇ ھەرۋاقىت بىزنىڭ ئامانلىقىمىز ، بەختىمىز ئۈچۈن باش قاتۇرغان، ياش ئاققۇزغان شەپقەتلىك پەرىشتە. لېكىن ئۇ يەنىلا يالغۇز، مەيۈس، دەرتلىك، غېرىپ، شۇنداقلا ئەڭ كۆپ ئازار يېگۈچى. ....
dMPlKf3 ~~,<(YN دۇنيادا ئەڭ كۆپ ، ئەڭ سەرخىل ، ئەبەدىي ئۇنتۇلماس نەرسە ---- مۇھەببەت بولسا كېرەك. ئەمما بۇ مۇھەببەتنى ھەقىقى ئاتا قىلالايدىغان، كىشىگە ئالەمچە سۆيگۈ ئاتا قىلالايدىغان، ئىللىقلىق، ئالەمچە خۇشاللىق بېغىشلىيالايدىغان پەقەت ۋە پەقەت بىرلا ئىنسان بار. ئۇ بولسىمۇ--- ئانا.
i[{&6 CRBzXn ئانا، مەن يېقىلسام يۈرۈگۈڭ ئاغرىيدۇ. كۆزلۈرۈمدىن ياش تامچىلىغاندا، يۈرۈگۈڭدىن قان تامچىلايدۇ. مېنىڭ كۈلكەم سېنىڭ بەختىڭ، مېنىڭ كۆز يېشىم سېنىڭ ئازابىڭ. .........
1{e ?@$#4 Y [C ئانا ، بۇ دۇنيادا ھەممە نەرسە خوراپ تۈگەيدۇ. پەقەت ۋە پەقەت سېنىڭلا مۇھەببىتىڭ مەڭگۈ خورىمايدۇ. مەڭگۈ پاك ، غۇبارسىز، مېھنەتسىز، چەكسىز!.......
DVh$>"t Hw P U ئاپتۇردىن _____________ بارلىق ئانىلارنىڭ ئانىلار بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن. ئانىلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى، ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك بولۇشىنى، چېھرىدىن كۈكلە، دىلىدىن مۇھەببەت ئۆچمەسلىكىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.!
_yK`AEF.r #;:G$PQti ئاناجان ----- ئەكبەر قەھرىمان.
http://v.youku.com/v_show/id_XODU3MDYyMDQ=.html[ بۇ يازمازىيالىيتەرپىدىن2009-05-10 11:30دە قايتا تە ]