سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » تورداشلار ئىجادى ئەسەرلىرى » تەرجىمە ئەسەرلەر » سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى
تېما: سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى
بۇ تىما 211 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا يوق كىروران

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1225
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 774
مەزھەپ:كورلا يىگىتى كورلا يىگىتى
UID نۇمۇرى : 159
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 11
يازما سانى: 1001
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1001دانە
شۆھرەت: 1591 نۇمۇر
پۇل: 9749 سوم
تۆھپە: 480 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1743 نۇمۇر
قوللاش: 1326 نومۇر
ئالقىش: 197 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى تەسىس قىلىندى

بۇ يازما كىروران تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-10-03)
سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتلىق پائالىيىتى لايىھىسى

ھۆرمەتلىك سەلكىن ئەھلى:
سەلكىن مۇنبىرى تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسى سەلكىن مۇنبىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەزالارنىڭ تىرىشىچانلىقى بىلەن كۆپلەپ نادىر ئىجادىي تېمىلار بارلىققا كەلدى، بولۇپمۇ تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق پائالىيەتتە نۇرغۇن نادىر ئىجادىي تېمىلار بارلىققا كەلدى، ئەزالار ئىزچىل قوللىدى، بىر تۈركۈم  تەرجىمە ھەۋەسكارلىرى بارلىققا كەلدى، بۇنىڭ بىلەن قىسمەن خەنزۇچە يېڭى ئۇچۇر ۋە نادىر تېمىلار تەرجىمە قىلىنىپ، مۇنبەردىكى ئەزالارنى يېڭى- يېڭى تېمىلار بىلەن ھوزۇرلاندۇردى، مۇنبەر باشلىقلىرى ئىزچىل قوللاپ كەلدى. بۇ قېتىممۇ تەرجىمە سەھىپىسىنىڭ بۇ پائالىيەتلىرى قىزغىن قوللاپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈش، ئەزالارنىڭ قىرىنداش مىللەتلەرنىڭ نادىر تېمىللىرىنى تەرجىمىدىن ئىبارەت كۆۋرۈك ئارقىلىق، مۇنبەرگە ئېلىپ كىلىپ، مۇنبەرنى تېخىمۇ بېيىتىشىنى قوللاش ئۈچۈن، سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە كۈچ چىقىرىپ  « سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى » نى تەسىس قىلدى. سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق ياخشى  پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. شۇنداقلا مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تىجارەت ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئۇتۇق تىلەيمىز.

پائالىيەتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى :
تەرجىمىدە بەلگىلىك ئارتۇقچىلىقى بار، شۇنداقلا تەرجىمە خىزمىتىگە ئالاھىدە قىزىقىدىغان  ھەۋەسكار ئەزالارنىڭ غەيرەتكە كېلىپ، 2007 - يىلى 10- ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ، تولۇپ_ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن يېڭى- يېڭى تەرجىمە ئەسەرلەرنى يارىتىپ «سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى» پائالىيىتىگە يوللايدۇ . پائالىيەت باھالىغۇچىلىرى پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى قايتا- قايتا باھالاشتىن ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مۇكاپات نامزاتلىقىغا يوللايدۇ . ئاخىرىدا بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى بىرلىكتە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئەزالارنى سايلاپ چىقىدۇ .
بۇ  پائالىيەت ھەر پەسىلدە بىر قېتىم، يىلدا تۆت قېتىم ئۆتكۈزلىدۇ. (دەسلەپكى پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولىدۇ)
بىرىنچى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ۋاقتى 2007 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنىدىن  31- كۈنىگىچە بولىدۇ، 11- ئاينىڭ 15- كۈنى پائالىيەتنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ. مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ قوبۇل قىلىنىپ، 31- كۈنى مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش توختىلىدۇ. 11- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىدۇ، قۇربان ھېيتنىڭ ئالدى- كەينىدە مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلىدۇ.

تەييارلانغان مۇكاپاتلار :
1- دەرىجىلىك مۇكاپات «جۇڭخۇا خەت دەستۇرى»  يۈرۈشلۈك ماتېرىيالى ( پىلاستىنكا) 390 يۈەن قىممىتىدە، 1 دانە.
2- دەرىجىلىك مۇكاپات: «سىھېرلىك ئېنگىلىز تىلى» يۈرۈشلۈك ماتېرىيالى ، 168 يۈەن قىممىتىدە ، 3 دانە .
3- دەرىجىلىك مۇكاپات : «ھىكمەت شىپائى جەۋھىرى»  ،120 يۈەن قىممىتىدە. 5 دانە.

مۇكاپات تۈرلىرى ۋە سانى
1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا بىر پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىپ، ئەسەر ئاپتورىغا 390 يۈەن قىممىتىدىكى «جۇڭخۇا خەت دەستۇرى»  يۈرۈشلۈك ماتېرىيالى ( پىلاستىنكا)  بېرىلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا سەلكىن ئىجادكار مىدالى ۋە 3000 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئۈچ پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىپ، ئەسەر ئاپتورلىرىغا  168 يۈەن قىممىتىدىكى «سىھېرلىك ئېنگىلىز تىلى» يۈرۈشلۈك ماتېرىيالى بېرىلىدۇ .  ئۇنىڭدىن باشقا 2000 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ .
3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا بەش پارچە ئەسەر تاللاپ چىقىلىپ، ئەسەر ئاپتورلىرىغا  120 يۈەن قىممىتىدىكى «ھىكمەت شىپائى جەۋھىرى»  بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا 1000 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات  بېرىلىدۇ.
رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: سان چەكلىمىسى يوق بولۇپ يۇقىرىدىكى مۇكاپاتلارنىڭ ھەممىسى يېرىم باھادا بېرىلىدۇ .  ياخشى يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسى ئېرىشەلەيدۇ . 500 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ.

سىرىتتىن مۇكاپاتلىنىدىغان ئەزالار :
پائالىيىتىمىزنى ئاكىتىپ قوللىغان-قۇۋۋەتلىگەن ، پىكىر - تەكلىپ خاراكتېرىدە  ئىنكاس يوللىغان، سەھىپىمىز ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ چىقارغان ئەزالارنى كۆرسىتىدۇ . بۇلار بىردەك ئەڭ تۆۋىنى 50 سوم مۇنبەر پۇلى، ئەڭ يۇقىرىسى 200 سوم مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ، يۇقارقى تاللاپ چىقىلغان نادىر تەرجىمە ئەسەرلەرنى سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ئەسەر ئاپتورىغا ۋاكالىتەن ئايرىم ھەر قايسى نەشرىيات ئەپكارلىرىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
ئەسكەرتىش: پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەر سانى بەلگىلەنگەن سانغا يەتمىسە باھالاش تۈرلىرى ياكى سانى قىسقارتىلىدۇ

يوللىنىدىغان تەرجىمە ئەسەرلەرنىڭ ژانېرى چەكلەنمەيدۇ ( خەت سانى چوقۇم 500 دىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك)، تەرجىمە توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئىجادىي بولغان تەتقىقات ماقالىلىرىمۇ قوبۇل قىلىنىدۇ.

پائالىيەت تەشكىللىگەن ئورۇن :  سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى

تەشكىللىگۈچىلەر :  سەلكىن سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، مۇنبەر باشلىقى
كىروران      باشقۇرغۇچى

باھالىغۇچىلار : كىروران            باشقۇرغۇچى
ئەمىلىيە            سەھىپە مەسئۇلى
چايان- شاھ      باشقۇرغۇچى
ھۆكۈمران          باشقۇرغۇچى
دوستۇم             ئالىي ئەزا
تەكلىماكان        قەھرىمان
ئەنقا                ھەۋەسكار
باھالىغۇچىلار ئەڭ ئاۋۋال يەنىلا  سەلكىن ئەزالىرىدۇر . ھەر قانداق بىر ئەزانىڭ ياخشى ئەسەرلەرنى تەۋسىيە قىلىش ۋە تەنقىد قىلىش ھوقۇقى بار .
پائالىيەت باشقۇرغۇچىلار : كىروران، ئەمىلىيە، چايان- شەھ، ھۆكۈمران
نازارەتچىلەر : ئەيساجان، ئىشەنچ، چۆلچى ۋە بارلىق مۇنبەر ئەزالىرى

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :
1. تەرجىمە ئەسەر چوقۇم يېڭى بولۇشى، ئىجادىي بولۇشى كېرەك؛
2. ئەسەر چوقۇم بېكىتىلگەن پائالىيەت كۈنى ئىچىدە يوللانغان بولۇشى، ئەسلىي ئەسەر بىرگە يوللىنىشى ياكى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇلۇشى، ئەسەرنىڭ تەرجىمە قىلىنغان ئاي، كۈن ۋاقتى تولۇق يېزىلىشى كېرەك؛
3. يوللانغان ئەسەر تېمىسىنىڭ ئارقىسىغا «سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى» دەپ ئەسكەرتىپ يېزىپ قويۇشىڭىز كېرەك، شۇنداقلا ئەسىرىڭىزنى چوقۇم تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ «سەلكىن مۇكاپاتى» دېگەن تېما تۈرى ئىچىگە يوللىشى كېرەك؛
4. ئەسەرىڭىز باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ كىلىنگەن بولماسلىقى ھەم باشقا مۇنبەرگە يوللىنىپ قېلىنماسلىقى كېرەك. ئەگەر بايقىلىپ قېلىنسىڭىز بۇنىڭدىن كىيىنكى مۇسابىقە قاتنىشىش سالاھىيىتىڭىز مەڭگۈ ئېلىپ تاشلىنىدۇ . بايقاپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان ئەزالارغا بىردەك 300 سوم مۇنبەر پۇلى مۇكاپات بېرىلىدۇ.
5.  ئەسىرىڭىز چوقۇم پىشىقلاپ ئىشلەشتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشى، ئىملا، لايىھىسى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان بولۇشىڭىز كېرەك. ئىملا خاتالىغى كۆپ بولسا ھەم قالايمىقان لايىھىلەنگەن بولسا، پائالىيەت باھالاشتا شاللاپ چىقىرىلىدۇ.
6. ئەزالارنىڭ بۇ پائالىيەتكە تېما يوللاش ۋە يوللانغان تېمىلارغا قارىتا ئۆز پىكىرىنى بايان قىلىش ئەركىنلىكى بولىدۇ، لېكىن تېما ۋە ئىنكاس يوللىغاندا، چوقۇم سەلكىن مۇنبىرىنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ۋە تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسىنىڭ قائىدىسىگە رىئايە قىلىشى، تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلىشى، ئىملاغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. زۆرۈر بولمىغان ئىنكاسلارنى يېزىش، تېما مەزمۇنىغا خىلاپ ۋە يات بولغان قالايمىقان ئىنكاسلارنى يېزىش قەتئىي چەكلىنىدۇ، ئەگەر شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا، ئېغىر- يىنىكلىكىگە قاراپ، ئاگاھلاندۇرۇش، جەرىمانە قويۇش، ئىنكاس يېزىش ھوقۇقىنى مۇددەتلىك ۋە مۇددەتسز ئېلىپ تاشلاش چارىسى قوللىنىدۇ. تېما ئۈستىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگەنلەر بىردەك مۇكاپاتلىنىدۇ.

پائالىيەت باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ ۋەزىپىسى :
يوللانغان ئەسەرلەرنى تەھرىرخانىدا تەستىقلاش ۋە تەھرىرلەش ،باھالىغۇچىلارغا ئادرېسىنى تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسى «سەلكىن مۇكاپاتى» تۈر تېما ئىچىگە، بەلگىلەنگەن تېمىغا ۋە باھالىغۇچىلارغا يوللاپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ . ۋە ئۆز ئالدىغا پائالىيەتكە  ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بار .

باھالىغۇچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى :
پائالىيەتكە يوللانغان ئەسەرلەرنى ئەستايىدىل كۆرۈش، ئاپتورلارغا ئىنكاس شەكىلدە پىكىر بېرىش، ئۇلارنى يىتەكلەش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، باشقا باھالىغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەسەرلەرنى مۇكاپات نامزاتلىقىغا ئەسەر كۆرسىتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.  ۋە ئۆز ئالىدىغا پائالىيەتكە  ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بار .

نازارەتچى خادىملارنىڭ ۋەزىپىسى  :
ئەسەرلەرنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن- نىزاملىرى ۋە ئالاقىدار تور باشقۇرۇش سىياسەتلىرى، مۇنبەر قائىدە- تۈزۈملىرى، تەرجىمە ئەسەرلەر سەھىپىسى قائىدىسى ۋە پائالىيەت لايىھىسىگە خىلاپ بولغان- بولمىغانلىقى، باھالاش جەريانىنىڭ ئادىل بولغان- بولمىغانلىقىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە پائالىيەتنىڭ مەزمۇن ۋە شەكلىنىڭ ساغلام ئىلىپ بېرىلىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۆز ئالىدىغا پائالىيەتكە  ئەسەر يوللاش ھوقۇقى بار .

مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرگە ئاكتىپ پىكىر- تەكلىپ بېرىشىنى ھەمدە ھەر جەھەتتىن پائالىيەت جەريانىنى نازارەت قىلىپ باھالاش جەريانىنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

ئاخىردا، بىزگە مۇشۇنداق سورۇن ھازىرلاپ بەرگەن سەلكىن خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئىيتىمەن .

ئەسكەرتىش: پائالىيەت تەشكىلىي گۇرۇپپىسىنىڭ بارلىق ئەزالىرى تەرجىمان دوستلۇق توپىغا كىرىشى كېرەك.

سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتى گۇرۇپپىسى

2007- يىل 10- ئاينىڭ 2- كۈنى

[ بۇ يازما كىروران تەرپىدىن 2007-10-03 11:59 دە قايت ]
atlan
[fly][size=5] [b][font= UKIJ Tuz Tom] ھەجەپ گۆش ئىكەن يۈرەك دىگەن،[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ھەر تەندە ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ئەگەر ئىچمىسە ئۇ ۋىجدان شارابىنى،[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.[/font] [/b] [/size] [/fly]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 02:17
بۇ ئەزا توردا يوق رەنا

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 831
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1168
UID نۇمۇرى : 2120
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
شۆھرەت: 548 نۇمۇر
پۇل: 366 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 810 نۇمۇر
قوللاش: 792 نومۇر
ئالقىش: 266 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مەن تەرجىمە ئەسەرلەرنى  باھالاشقا تەييارلىق قىلىپ قويدۇم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 02:23
بۇ ئەزا توردا يوق ئىدىرىسجان

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 785
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 14
UID نۇمۇرى : 2095
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 763
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە763دانە
شۆھرەت: 731 نۇمۇر
پۇل: 4277 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 793 نۇمۇر
قوللاش: 776 نومۇر
ئالقىش: 669 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مەنمۇشۇ تەرجىمە قىلالمىساممۇ باھا بىرەلەيمەن.
ئىدىرىسجان
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 10:22
بۇ ئەزا توردا بار ﻛﯘﻟﻤﻪﺱ

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2092
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2907
UID نۇمۇرى : 689
دەرىجە: ئوت يۈرەك
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2035
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2035دانە
شۆھرەت: 1294 نۇمۇر
پۇل: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 2091 نۇمۇر
قوللاش: 1694 نومۇر
ئالقىش: 452 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

بىزدەك تەرجىمدە يوقلار ئەسەرنى ياخشى يامىنىغا قارايمىزدە ئەمدى.
atlan
ئالدىراپ بىرسىگە ئىشەنمەڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 11:24
بۇ ئەزا توردا يوق تەكلىماكان

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1412
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 587
مەزھەپ:تەكلىماكان تەكلىماكان
UID نۇمۇرى : 2038
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 1291
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1291دانە
شۆھرەت: 782 نۇمۇر
پۇل: 313 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1389 نۇمۇر
قوللاش: 1283 نومۇر
ئالقىش: 368 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

چوقۇم ئاكتىپ ئاۋاز قوشىمىز.
atlan
ۋاقىت ئاتقان ئوق.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 12:14
بۇ ئەزا توردا يوق ئەيساجان

ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىلغار باشقۇرغۇچى تەشۋىقات ئەلچىسى ئالاھىدە تۆھپە موللا تاپقاق مۇنبەر قىززىقچىسى يازما يوللاش ئۇستىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2710
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2289
مەزھەپ:كىرورەن كىرورەن
UID نۇمۇرى : 1
دەرىجە: مۇنبەر باشلىقى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 497
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە497دانە
شۆھرەت: 4001 نۇمۇر
پۇل: 9031 سوم
تۆھپە: 899 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1304 نۇمۇر
قوللاش: 1255 نومۇر
ئالقىش: 336 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2006-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ھەمدەمدە بولىمەن!
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 12:19
بۇ ئەزا توردا يوق ئەمىلىيە

ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 420
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 379
UID نۇمۇرى : 2223
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 285
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە285دانە
شۆھرەت: 453 نۇمۇر
پۇل: 879 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 365 نۇمۇر
قوللاش: 328 نومۇر
ئالقىش: 101 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتىغۇ ،تېخى ئاپتۇلارنىڭ ئەسىرىنى ۋاكالىتەن نەشىرىياتقىمۇ ئەۋەتىپ بىرىدىكەن ،مەن قاتناشسام بولامدۇ يە
دۇنياغا بىر كىلىپ كىتىدۇ ئادەم،
ئادەمنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ئالەم .
مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ۋە ياكى گاداي ،
بىشى توي ئاخىرى قايغۇلۇق ماتەم .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 16:11
بۇ ئەزا توردا يوق كىروران

ئالاھىدە ئىلگىرلەش
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1225
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 774
مەزھەپ:كورلا يىگىتى كورلا يىگىتى
UID نۇمۇرى : 159
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 11
يازما سانى: 1001
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1001دانە
شۆھرەت: 1591 نۇمۇر
پۇل: 9749 سوم
تۆھپە: 480 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1743 نۇمۇر
قوللاش: 1326 نومۇر
ئالقىش: 197 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

لايىھىنى تەپسىلىي ئوقۇمامسىزمۇ نىمە؟ ھەممىمىز قاتناشساق بولىدۇ، تېخى سىز باشلامچى بولۇپ قاتناشمىسىڭىز بولمايدۇ.
[fly][size=5] [b][font= UKIJ Tuz Tom] ھەجەپ گۆش ئىكەن يۈرەك دىگەن،[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ھەر تەندە ھەر خىل ھېس قىلار ئىكەن.[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ئەگەر ئىچمىسە ئۇ ۋىجدان شارابىنى،[/font] [/b] [/size] [/fly]
[fly][size=5][b][font= UKIJ Tuz Tom] ئىلغىدا ئېسىقلىق سېسىق گۆش ئىكەن.[/font] [/b] [/size] [/fly]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 16:59
بۇ ئەزا توردا يوق چايان-شاھ

ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1291
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 708
UID نۇمۇرى : 164
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 1073
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1073دانە
شۆھرەت: 1016 نۇمۇر
پۇل: 18 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1102 نۇمۇر
قوللاش: 952 نومۇر
ئالقىش: 68 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

مۇنبەردە ياخشى ئىشلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ جۇمۇ.
سەلكىن ئەدەبىيات مۇكاپاتى ۋە سەلكىن تەرجىمە ئەسەرلەر مۇكاپاتىدىن ئىبارەت ئىككى پائالىيەتنىڭ يولغا قۇيۇلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە يېقىندىن قوللايمەن.
مەن تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ مۆجىزىسى.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 18:09
بۇ ئەزا توردا يوق ئەمىلىيە

ئالاھىدە تۆھپە
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 420
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 379
UID نۇمۇرى : 2223
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 7
يازما سانى: 285
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە285دانە
شۆھرەت: 453 نۇمۇر
پۇل: 879 سوم
تۆھپە: 60 نۇمۇر
ياخشى باھا: 365 نۇمۇر
قوللاش: 328 نومۇر
ئالقىش: 101 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

Quote:
بۇ مەزمون 7 - قەۋەتتىكى كىروران نىڭ 2007-10-03 16:59 دە يوللىغان يازمىسى“”:
لايىھىنى تەپسىلىي ئوقۇمامسىزمۇ نىمە؟ ھەممىمىز قاتناشساق بولىدۇ، تېخى سىز باشلامچى بولۇپ قاتناشمىسىڭىز بولمايدۇ.

كەچۈرۈڭ كۆزۈمدىن چاتاق چىققان ئوخشايدۇ ،ئاۋۇ باشقۇرغۇچىلار ،باھالىغۇچىلار ،نازارەت قىلغۇچىلار نىڭ ۋەزىپىسدىكى مەزموننىڭ ئاخىرىدىكى ئۆز ئالدىغا تىما يوللاش ھوقۇقى بار دىگەننى ھوقۇقى يوق دەپ كۆرۈپتىمەن ،باھالىغۇچىنىڭكىنى راستلا تېىما يوللاش ھوقوقى يوق دەپ كۆرگەندەك قىلغانتىم ،خاتا كۆرۈۋاپتىمەندە .كەچۈرۈڭ .
دۇنياغا بىر كىلىپ كىتىدۇ ئادەم،
ئادەمنى ئۇزۇتۇپ قويىدۇ ئالەم .
مەيلى ئۇ شاھ بولسۇن ۋە ياكى گاداي ،
بىشى توي ئاخىرى قايغۇلۇق ماتەم .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 18:21
سەلكىن مۇنبىرى » تەرجىمە ئەسەرلەر

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )