ئۆي - مۈلۈك كىچىك سالقىن
رۇمەيسە
ئاپامغا دەيمەن....
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 2750
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 339
شۆھرەت: 1873 كىشىلىك
پۇل : 223 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
قوللاش: 379 نومۇر
ئالقىش: 501 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 846(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن (پوۋىست)

ئەمدى سىزنى يىغلاتمايمەن
JbhczBZ`G  
2.?4mA3{"  
5 
?[`]3[xgm  
(ئىلاۋە: مەزكۇر ئەسەرنىڭ بېشىنى مەن باشلىدىم، ئاخىرىنى مۇنبەردىكى زۇلقەرجان بىلەن ھەمكارلىشىپ داۋاملاشتۇرۇپ يازماقچى. ئىككىلىمىز ئوقۇغۇچى بولغانلىقىمىز، يەنە كېلىپ بۇ ئەسەر تورغا بىۋاستە يېزىلماقچى بولغانلىقى تۈپەيلى، ئەسەر بۆلەكلەرگە بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىنىدۇ. ئامال بار ئىككىمىزنىڭ بىرى بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ ئەسەرنى تېز داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز. تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىپ، تەكلىپ-پىكىرلەر بىلەن تەمىنلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەسەرنىڭ ئاپتورلۇق ۋە تارقىتىش ھوقوقى پەقەت زۇلقەر ۋە رۇمەيسەگە تەۋە! رۇخسەتسىز ئىشلەتمەڭ.) Qtc?H#q9  
U_bG#3Fh  
AL"0!P($  
^+yjHz?[+  
X>_bq.VUM  
ـ ئايقۇت، دىققەت قىلىڭ-ھە، تېيىلىپ كەتمەڭ يەنە. Y yy0_5;y  
ـ خاتىرىجەم بولىڭە، مەن كىچىك بالا ئەمەسقۇ ... D Y;LHu  
ـ شۇنداقتىمۇ دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ، قاراڭە يان تەرىپىڭىزگە، شۇنچە خەتەرلىك تۇرسا. ئەكىلىڭ قولىڭىزنى تۇتىۋالاي. (/lE]ES  
ـ ماقۇل، ماقۇل، تېزرەك ماڭايلىچۇ بابۇر  ... TGr&&u#8  
ئايقۇت بىلەن بابۇر ئىككىسى جۇڭگودىكى داڭلىق تاغلارنىڭ بىرى بولغان خۇاشەن تېغىغا چىقىپ كېتىۋاتاتتى. شۇنداق، ئۇلار ئىچكىرىدە، يەنى شىئەن شەھرىدە ساياھەتتە ئىدى. خۇاشەن تېغىغا چىقىدىغانلار ئادەتتە كېچىچە تاغقا يامىشىپ ئەتىسى ئەتىگەندە كۈننىڭ چىقىشىنى كۆرۈپ ئاندىن قايتىپ چۈشەتتى. تاغ يولى بەك تىك ھەم بەكلا ئىگىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېچىسى يامىشىدىغان بولغاچقا خېلى مەن-مەن دىگەن ئەركەكلەرنىمۇ تەرلىتەتتى. ئۇچىسىغا قارا رەڭلىك تەنھەركەت كىيىمى كىيگەن، قاپقارا چاچلىرىنى بىر بوغۇۋالغان ئۇيغۇر قىزى ئايقۇت، بابۇرنىڭ قولىنى چىڭ تۇتقىنىچە ئۈستىگە قاراپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ ھېچ بىر ھارىدىغاندەك ئەمەس، بابۇر بىلەن تەڭ قەدەم تاشلىغىنىچە تاغنىڭ چوققىسىنى نىشانلاپ توختىماستىن ئىلگىرلەۋاتاتتى. بابۇر بولسا مەكتەپ پۇتبۇل كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى، قامەتلىك، بويى ئىگىز، ئۇستىخانلىق كەلگەن ئۇيغۇر يىگىتى. ئۇمۇ ھەربىر قەدىمىدە ئۆزىنىڭ پۇتىنىڭ ياخشى دەسسەلگەن دەسسەلمىگىنى بىلەن كارى بولماي ئايقۇتتىن ئەنسىرگىنىچە ئۇنىڭ قولىنى بارغانسىرى چىڭ سىقاتتى.  ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىر كېچە مېڭىپ ئاخىرى تاغ چوققىسىغا چىقتى، تاغ ئۈستى خېلىلا سوغۇق ئىدى. ئىككىلىسى ئالدىن تەييارلىق قىلىپ مامۇق چاپانلارنى ئېلىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا توڭۇپ تىتىرەپ كېتىۋاتاتتى. بابۇر ئايقۇتنىڭ سوغۇقتىن چىرايلىرى ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، چاپىنىنى سالدىدە، ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي كىيدۈرۈپ قويدى. m0?p0 z  
ـ بۇنى كېيىۋېلىڭ، سوغۇق ئۆتۈپ قالىدۇ. y{(IpWs9  
ـ سىزچۇ ؟ ئۇ سوغۇق سىزگە ئۆتمەمدىكەن؟ -ئايقۇت شۇنداق دېگىنىچە چاپاننى سېلىپ ئۇنىڭغا تەڭلىدى ، dCOHT[lEL  
ـ مەن دىگەن ئوغۇل بالا تۇرسام، ئۇنىڭ ئۈستىگە  خېلى چېنىقىپ تۇرىمەن، بەدىنىم ياخشى، ئاسان ئاغرىپ قالمايمەن. xpy, v GB  
ـ سوغۇق دېگەن ما ئوغۇلكەن، ماۋۇ قىزكەن دەپ ئايرىپ ئولتۇرمايدۇ. تولا جاھىللىق قىلماي كېيىڭە. u6zmvdj_$  
ـ ياق، مەن كىيمەيمەن،-بابۇر شۇنداق دېگىنىچە چاپاننى زورلاپ ئايقۇتقا ئارتىپ قويدى. ئايقۇتنىڭ بەدىنىگە ئىللىق بىر ئېقىم شۇررىدە قىلىپ تارقىدى. بابۇرنىڭ سوقۇقتىن تىترەپ تۇرسىمۇ، چاپاننىڭ جاھىللىق بىلەن ئۇنىڭغا كەيدۈرۈپ قويۇشى ئۇ ئىلگىرى ئاڭلىغان نۇرغۇن شىرىن-شېكەر گەپلەردىن بەكراق ئۇنىڭغا تەسىر قىلغانىدى. v}m7}<@g  
    ئۇلار سەل بالدۇر چىقان بۇلۇپ، كۈننىڭ چىقىشىغا يەنە بىر ئاز ۋاقىت بار ئىدى. ئىككىسى يانمۇ-يان ئولتۇرۇشقىنىچە، شەرق تەرەپكە قاراپ كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلىدى. ئالدى تەرەپ سۇس ئاي نۇرىدا شۇنداق گۈزەل كۆرۈنەتتى، بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىنى يېرىپ چىققان بەزى ئىگىز تاغ چوققىلىرى «مانا بىز» دېگەندەك بوينىنى سوزۇپ، قەددىنى تىك تۇتۇپ تۇراتتى. ئاپپاق بۇلۇتلار ئاينىڭ نۇرىدا شۇنچىلىك گۈزەل كۆرۈنەتتىكى، قارىغان كىشى ئۆزىنى شۇ بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدا ئۈزۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. ھازىر تاغ چوققىسدا كۈننىڭ چىقىشىنى ساقلاۋاتقان ساياھەتچىلەر شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، شۇنداق جىمجىت ئىدى، چۈنكى ھەممەيلەن جىمجىت ھالدا  كۆز ئالدىدىكى بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. ئايقۇت بىلەن بابۇرمۇ پۈتۈن ئۆمرىدىمۇ بىر كۆرۈش تەستە نېسىپ بولىدىغان بۇ كۆرۈنۈشتىن ھەيران بولغىنىچە ئۈنسىز ئولتۇرىۋاتاتتى. O5*}R!ST  
u[ ogcD-d  
ـكۈن  چىقتى، بابۇر، قاراڭ، كۈن چىقتى،- ئايقۇت تۇيۇقسىز ئورنىدىن تۇرۇپ، خۇشاللىقتىن سەكرەپ كەتتى. قىپقىزىل قۇياش بۇلۇتلارنىڭ ئارىسىدىن ھەممە ياقنى قىزىل رەڭگە بويىغىنىچە تارتىنىپ چىقىپ كەلدى. بۇ مەنزىرە ھەقىقەتەنمۇ بەك گۈزەل ئىدى. بايىقى ئاي نۇرىدا سۈزۈك كۆرۈنگەن بۇلۇتلار ئەمدىلىكتە قان ئىچكەندەك، خىجىلچان قىزنىڭ يۈزىدەك قىزارغانىدى. {7[9Sel 8  
ـپاھ، نېمىدىگەن گۈزەل! بۇ قېتىم شىئەنگە كېلىپ، بولۇپمۇ بۇ تاغقا چىقىپ توغرا قىلىپتىمەن جۇمۇ. رەھمەت سىزگە بابۇر،- ئايقۇت  توختىماي سۆزلەيتتى. 6 eIx*  
«نېمىدىگەن تاتلىق ئاۋاز ھە» بابۇر بولسا ئەمدى قۇياشنىڭ مەنزىرىسىدىن بەكرەك ئالدىدىكى بۇ ساھىپجامالغا مەپتۇن بۇلۇپ ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قالغانىدى. ئۇ ئايقۇتنىڭ سوغۇقتىنمۇ ياكى خۇشاللىق، ھاياجاندىنمۇ سۇس قىزارغان مەڭزىگە قاراپ خىيال قۇشلىرى ئۇچۇپ كەتتى. شۇنداق، ئۇ ئايقۇتنىڭ ئاۋازىغا بەكمۇ ئامراق، ئۇنىڭ ئۆزىنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان ۋاقىتتا ئاۋۋال ئاۋازىنى ئاڭلىغانىدى. شۇ چاغدىمۇ بۇ ئاۋاز شۇنچىلىك يېقىملىق بىلىنگەن  ... >=UR/Kf  
Onac; 5UQ  
**********
&h{doo_Au  
ـ ئاداش، ئۇرغۇي ئەمەس ئۇيغۇر دېگىنە مانداق، - پويىزدا ئارقا تەرەپتىكى ئالتە كىشىلىك ئورۇندىن چىققان بۇ ئاۋاز ئەمدى ئۇخلاشقا تەرەددۇت قىلىپ، ئالدىدىكى ئالقانچىلىك كىچىككىنە ئۈستەلنىڭ بۇرجىكىگە بېشىنى قويغان بابۇرنىڭ بېشىنى ئىختىيارسىز كۆتۈرىۋەتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئارقىغا قاراپ بېقىشنى ئويلىدىيۇ، بىراق ئۇنداق قىلسا سەل قاملاشمايدىغىنىنى ھېس قىلىپ، ئورنىدا جىم ئولتۇرغىنىچە بۇ ئاۋازغا داۋاملىق قۇلاق سالدى. EUqGr8*  
ـ ۋاي –ۋۇي، ئاداش، تولىمۇ دەپ كەتتىڭ مۇشۇنى، چۈشەنسەڭلا ئوخشاش ئەمەسمۇ،- بۇ باشقا ئاۋاز ئىدى. j a7~)GX9  
ـ ياق ھەرگىز ئوخشىمايدۇ، ھەممەيلەن ئۇنداق ئوخشاش دەۋېرىدىغان بولساق ئاخىرى بېرىپ راست «ئۇرغۇي » غا ئايلىنىپ قالىمىزبىز! - بۇ ئاۋاز شۇنداق جانلىق ھەم يېقىملىق ئاڭلىناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە دېيىلىۋاتقان ئۇ گەپلەر بابۇرنىڭ كۆڭلىدىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. bFdty`u&t  
ـ ماقۇل، ماقۇل، جېنىم ئادىشىم، مەن ئەمدى ئۇرغۇي دېمەي، بولغاندۇ؟ MO3la!A  
ـ قىيدىما ئاداش، بىز ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قەدىرلىمىسەك، باشقىلار كېلىپ بىزنى قەدىرلەپ قويمايدۇ،- ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆزىنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ دېيىشىۋاتقىنى بابۇرنىڭ كاللسىغا كىرمىدى، ئۇ پەقەت ئۇ  يېقىملىق ئاۋازنىلا ئاڭلايتتى. ئۇنىڭ بايا دىگەن سۆزلىرى بابۇرغا تەسىر قىلدى، چۈنكى قىزلارنىڭ ئىچىدە بۇنداق دەيدىغان قىزلار ئاز ئۇچرايتتى، يەنە كېلىپ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىچىكىرىگە قاراپ كېتىۋاتقان پويىزدا... Yc9JiMtE  
تۇيۇقسىز ئارقا تەرەپتىن ئاڭلانغان چىرقىراشقان ئاۋازلار بابۇرنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ بەك تارتتى.
[ بۇ يازمارۇمەيسەتەرپىدىن2009-04-27 00:19دە قايتا تە ]
تېما تەستىقلىغۇچى : ئەلئارا
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-26, 15:52
salkin mtv
«نادان بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرا كەلسە سۈكۈتتە تۇر، ئۇ سىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلگەن بولسا نادان بولماس ئىدى..... »
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-26 23:26 |
رۇمەيسە
ئاپامغا دەيمەن....
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 2750
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 339
شۆھرەت: 1873 كىشىلىك
پۇل : 223 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
قوللاش: 379 نومۇر
ئالقىش: 501 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 846(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

p vU/# X  
ـ ئاپا! ۋاي قولۇم! ]Zbh:/^@a  
ئەمدى بابۇر داۋاملىق ئولتۇرالمىدى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ كەينىدىكى ئورۇنغا قارىۋېدى، دەرۋەقە، ئارقا تەرەپتىكى ئورۇندا ئىككى ئۇيغۇر قىزى ئولتۇرغانىدى. ئۇلارنىڭ ئەنسىز چىرقىراشلىرىغا، جىددىيلەشكەن چىرايىغا، قاپقارا چاچلىرىنى ئاددىيلا قىلىپ ئېگىز تۈگىۋالغان، چىرايلىرى سۈپسۈزۈك، قوشۇمىلىرى بىلىنەر-بىلىنمەس تۈرۈلگەن بىر قىزنىڭ سول قولى بىلەن ئوڭ بېغىشىنىڭ سەل ئۈستىنى تۇتۇپ ئىڭراۋاتقىنىغا قاراپ، ئۇلارنىڭ بىرەر ياردەمگە مۇھتاج بولغانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بابۇر دەرھال ئۇلارنىڭ يېنىغا ئۆتتى: tz43&  
ـ نېمە ئىش بولدى؟ TL_OQ[Z  
ـ ئۇنىڭ قولىغا قايناقسۇ تۆكۈلۈپ كەتتى،- سېمىزراق كەلگەن، سارغۇچ بۈدرە چاچلىرى يەلكىسىگە چۈشۈپ تۇرغان بىر قىز نېمە قىلارىنى بىلەلمەي جىددىيلەشكىنىچە جاۋاپ بەردى. D.3)7J  
ـ مەن كۆرۈپ باقايمۇ؟ ^{-+rSzb  
قاپقارا، يۇمىلاق كۆزلىرىدىن ياش يالتىراپ تۇرغان قىز قولىدىن كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ، ئاۋايلىغىنىچە قايناقسۇ تۆكۈلگەن يەرنى بابۇرغا كۆرسەتتى. قايناقسۇ بەلكىم يېڭى ئەكىلىنگەن بولسا كېرەك، قىزنىڭ بېغىشىنىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىدىكى ئىككى بارماقچىلىك ئورۇن قېپقىزىل قىزىرىپ قالغان ئىدى. بابۇر دەرھال ئورنىغا قايتىپ سومكىسىدىن چىش پاستىسىنى ئېلىپ كېلىپ، ئاۋال قىزنىڭ قولىنىڭ كۆيگەن يېرىنى بىردەم پۈۋلىدى، ئاندىن چىش پاستىسىنى ئاۋايلاپ سۈرۈپ قويدى. شۇ ئەسنادا بىر تامچە ياش بابۇرنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە «توككىدە» ئېقىپ چۈشتى. A6bk6{x  
ـ باشتا بىر ئاز ئېچىشىدۇ، ئاندىن تېزلا ئاغرىقنى توختىدۇ. بىر ئاز چىداڭ،-دېدى بابۇر قىزنىڭ ئوماق يۈزلىرىگە بىر قاراپ قويۇپ. قىز بېشىنى لىڭشىتىپ قويۇپ، جاۋاپ بەرمىدى. )dL0;p=15  
ـ رەھمەت سىزگە، كۆپ رەھمەت،- دوستىنىڭ قولىغا قايناقسۇنى تۆكۈپ قويۇپ جىددىيلىشىپ ئولتۇرالماي قالغان قىز ئەمدى سەل خاتىرجەم بولغاندەك ئىدى. .ww7<_$4?a  
ـ ھېچقىسى يوق. ئىككىڭلار يالغۇزمۇ؟ !2`}7NI8'  
ـ ھەئە، بىز سەل كېچىكىپ ماڭغان، شۇڭا ئىككىيلەنلا ماڭدۇق. سىزمۇ ...ئوقۇغۇچىمۇ؟ PR?'{AE!  
ـ ھەئە، مەنمۇ ئوقۇغۇچى، مەنمۇ يالغۇز ماڭغان،- دېدى بابۇر. ئۇ پات-پات ئۇ قىزغا قاراپ قاراپ قوياتتى، قىز بولسا كۆيگەن قولىنى پۈۋلىگىنىچە گەپ قىلماي ئولتۇراتتى. LygCVQn  
ـ ئۇ قولىڭىزنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ، بولمىسا تېخىمۇ ئاغرىپ كېتىدۇ،-دېدى بابۇر. ME]/=KH`  
قىز ئەمدى بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا قارىدى. ئىككىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇچرىشىپ قالدى. قىزنىڭ كۆزلىرى چىرايلىق ئىدى، بايىقى ياشلار گۈل بەرگىگە قونغان شەبنەمدەك، قىزنىڭ ئۇزۇن كىرپىكلىرىنى سەل نەمدەپ، بۇ كۆزلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىۋەتكەنىدى. بابۇر سېھىرلىنىپ قالغاندەك قاراپلا قالدى، قىزمۇ ئۇنىڭغا قاراپ بىر پەس تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن تۇيۇقسىز كۆزلىرىنى ئېپقېچىپ يەنە قولىغا قارىۋالدى. بابۇرمۇ بۇنىڭ بىلەن ئېسىگە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىدىن خىجىل بۇلۇپ قالدى . f#!seuhO  
ـ ئاداش، ھېلىمۇ بۇ شۈەيگې (كېلىشكەن يېگىت دېمەكچى) بولۇپ قاپتىكەن، بولمىسا قولۇڭنى قانداق قىلاتتۇ ھە؟- ياندىكى قىزنىڭ بۇ گېپى ئىككىسنى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدۇردى . 22N0`P@+  
ـ رەھمەت سىزگە. HW2%g^h  
بۇ ئاۋاز ئەمدى تېخىمۇ يېقىملىق بىلىنمەكتە. n Puy   
ـ ھېچقىسى يوق، ئەرزىمەيدۇ، ھازىرچە مۇشۇنداق تۇرۇپ تۇرسۇن، سەل تۇرۇپ تېڭىپ قويايلى. ئازراق شامالدىمىسا بولمايدۇ،- دېدى بابۇر. o>Yum V  
ـ ماقۇل،- خېجىل بولىۋاتامدۇ ياكى ئاغرىقتىنمۇ ئەيتاۋۇر قىزنىڭ بايىقى سۆزمەنلىكىدىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى.  s $Aa06  
ـ تونۇشۇپ قالايلى، بۇ پويىزدا بىز ئۈچلا ئۇيغۇر بار ئوخشايمىز، مېنىڭ ئىسمىم بابۇر، شىئەندە ئوقۇيمەن. Fn]rq\B  
ـ مېنىڭ ئىسمىم ئايقۇت،- دېدى قولى كۆيگەن قىز بابۇرغا سۇس كۈلۈمسىرەپ.   k^T8'&c  
ـ مېنىڭ ئىسسمىم  گۈزەلنۇر. ئۇنداقتا ئەتە چۈشۈپ قالىسىز دەڭە پويىزدىن؟ بىز يەنە خېلى ماڭىمىز تېخى،-دېدى يەنە بىر قىز. z`Ot^J/  
ـ ئاخىرقى بېكەتتە چۈشەمسىلەر؟- بابۇر ئۇ قىز توغرىسىدا كۆپرەك ئۇچۇر بىلىشكە تىرىشاتتى.   bhmw,2(  
ـ ھەئە. /,-nNt?M  
ـ جاپا تارتىدىغان بولدۇڭلاردە، بولۇپمۇ دوستىڭىز.-  بابۇر يەنىلا قىزنىڭ قولىدىن ئەنسىرەپ ئۇنىڭغا قاراپ قويۇپ دېدى. tpeB 8]x  
ـ بولمىسا سىز ماۋۇ يولداشلارنىڭ بىرەرى بىلەن ئالمىشىپ كېلىڭە، بىللە ئولتۇرايلى. ئايقۇتنىڭ قولىنى سىز تېڭىپ قويمىسىڭىز ھېچ ئەپلەشتۈرەلمەيدىغاندەك قىلىمىز قارىسام. خېلى بەك كۆيگەن ئوخشايدۇ جېنىم ئادىشىمنىڭ قولى،- گۈزەلنۇر بەكلا ئوچۇق قىز ئىدى. _3M] O{2  
بابۇر ئايقۇتقا لاپپىدە بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن «ماقۇل» دەپ يۈك تاقلىرىنى ئەكىلىشكە ماڭدى. ئۇ قىزلارنىڭ ئۇدۇلىدىكى يولوچى بىلەن ئالمىشىپ جايلىشىپ بولغاندىن كىيىن، ئايقۇتتىن سورىدى : 8?j}HTu  
ـ يەنە ئاغرىۋاتامدۇ؟ T:#ppzrdD(  
ـ ياق، ئەمدى ئاغرىقى خېلىلا توختاپ قالدى، راستتىنلا رەھمەت جۇمۇ سىزگە. {m6d'  
ـ بولدى تۈزۈت قىلماڭ، ھەممىمىز «ئۇيغۇر» تۇرساق،- بابۇر قەستەن ئۇيغۇر دىگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق ئېيتتى، قىز ئۇنىڭ ياپما چاقچىقىنى تېزلا چۈشەندى. 7x |5os&E,  
ـ بايا ھەممىنى ئاڭلاپسىز–دە؟- قىزنىڭ ئوماق مەڭزىللىرىگە يەنە قىزىللىق يۈگۈرگەنىدى. :)zcDEmG  
ـ كەچۈرۈڭ، قەستەن ئوغۇرلۇقچە ئاڭلىۋالمىدىم، بىراق بايىقى گەپلىرىڭىز بەك توغرا بولدى ... 'ha!<~K  
شۇنداق قىلىپ ئارىدىكى تەكەللۇپلار بىر ئاز كۆتۈرۈلۈپ، ئىككىسى مۇلاھىزىگە چۈشۈپ كەتتى. >-4Ad |9P  
ـ يا ئاللا، ئايقۇتنىڭ تەربىيلىرىدىن قۇتۇلالمايۋاتسام، سىز قوشۇلدىڭىز ئەمدى ھە؟- گۈزەلنۇر مۇشۇنداق دىگىنىچە دېرىزىگە يۆلىنىپ ئۇيقۇغا  كەتتى. Qq6of.4L  
ـ سىزمۇ بىر ئاز ئۇخلىۋالامسىز؟ سەل تۇرۇپ پويىزدىن چۈشىسىز، ھېلىمۇ بەك چارچاپ كەتتىڭىز. Q8MgzeT![  
ـ ياقەي، مەن ئۇيقۇنى مەكتەپكە بېرىپ ئۇخلىۋالسام بولىدۇ، سىز ئارام ئېلىۋېلىڭ. J-EX' k5  
ـ مېنىڭمۇ پەقەتلا ئۇيقۇم كەلمىدى. 61dbL|  
ـ قولىڭىزنى تېڭىپ قويايمۇ ئەمىسە؟ PZN~<'S9 >  
ـ سىزنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم. :Js!  
ـ ياقەي، تۈزۈت قىلماڭ. `=eqbQ2  
بابۇر ئايقۇتنىڭ قولىنى ئاۋايلاپ تېڭىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار يەنە پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇلار ئۇيغۇر تارىخىدىن تارتىپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىچە، ھازىرقى زامان ئەسەرلىرىدىن تارتىپ كىلاسسىك ئەسەرلەرگىچە توختىماي سۆزلىشىپ تاڭنى ئاتقۇزدى. ھەر ئىككىسىنىڭ كۆرگەن كىتاپلىرى بەك كۆپ ئىدى، شۇڭا مۇلاھىزىلەردە بىر-بىرىگە گەپ بەرمەي سۆزلىشىپ كېتەتتى. نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ، كۆز قارىشىنىڭ بىر يەردىن چىقىشى، قىزىقىشلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىشلىرى ئۇلارنىڭ ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىۋاتقاندەك قىلاتتى. d;bUs).-0  
گەپ ئارىسىدا بابۇر ئايقۇتنىڭ تېلىفون نۇمۇرلىرىنى خاتىرلىۋالدى : +mKb+E]32  
ـ ئالاقىلىشىپ تۇرايلى،- دېدى ئۇ- كۆپرەك پىكىرلىشىپ تۇرايلى. Aw>*M>  
ـ ئىم، بولىدۇ، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى. '\OMq@jM  
ـ پۇرسەت بولسا شىئەنگە كېلىڭ. bJ+\dS$uz  
ـ ماقۇل، مېنىڭمۇ شىئەننى بىر كۆرۈپ باققۇم بار، سىزمۇ پۇرسەت بولسىلا بىزنىڭ ئۇ تەرەپلەرگە بېرىڭ.
6Rb &LIQ  
%.wWQF  
داۋامىنى زۇلقەر يازىدۇ.
[ بۇ يازمارۇمەيسەتەرپىدىن2009-04-27 13:50دە قايتا تە ]
ئىزدەش تورى
«نادان بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرا كەلسە سۈكۈتتە تۇر، ئۇ سىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلگەن بولسا نادان بولماس ئىدى..... »
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-26 23:55 |
erk uzun
يارباغ
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 40886
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1055
شۆھرەت: 40 كىشىلىك
پۇل : 5669 سوم
تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
قوللاش: 1 نومۇر
ئالقىش: -6 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

داۋامىنى تېزراق يوللىغايسىز؟
سۈمەييە
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 00:04 |
ھىلال0908
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 19375
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 39
شۆھرەت: 65 كىشىلىك
پۇل : 425 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
قوللاش: 38 نومۇر
ئالقىش: 81 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 72(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-03
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى باشلىنىپتۇ ئوماق،داۋامىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن.
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
رەھمەت سىزگە
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 00:16 |
بولاق ئۇزۇن
سىتار
توۋا ~~~
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 11217
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1895
شۆھرەت: 1265 كىشىلىك
پۇل : 10833 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1832 نۇمۇر
قوللاش: 1496 نومۇر
ئالقىش: 1744 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 735(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-19
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئورۇن ئەپ قويۇپ سەل تۇرۇپ تەپسىلى ئوقۇي . [R_ B W  
"^hy55 V  
مۇنبەردىكى ئىسمىڭىز بەكمۇ چىرايلىق ئىكەن ...  قىزىقىپ قالدىم . مەنسى نىمىكىن ؟ بىلسەك بولارمۇ ؟
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
ئەسەرنى ئوقۇپ بولسىڭىز دەپ بېرىمەن، ھى ھى
salkin mtv
كۆرەڭلەپ كەتتڭىمۇ تىپىپ باشقىنى ،
خۇش بولۇپ كەتتىڭمۇ سۆيۇپ باشقىنى .
جانلىنىپ كەتتىڭمۇ كۆرۇپ باشقىنى ،
بەرىبىر سەن مەندىن  ئاشقىنى ............

سەن ئۆزۇڭنى بۇ دۇنيادا يىگانە دەپ قارا ، سەن ھىلىھەم يىگانە . سەن يىگانە پىتى ، يىگانە ھالدا يىراق دۇنياغا سەپەر قىلىسەن
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 00:20 |
www.nixan.cn
جىنەستە
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 17996
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
پۇل : 1395 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2 نۇمۇر
قوللاش: 1 نومۇر
ئالقىش: 1 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 182(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-08-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-05
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئنكاس بىلەن ساقلاپ ئەتە ئوقۇي ، ھازىر بەك كەچ بوپ كىتىپتۇ ،،،،،،،،
http://idc.xj88.cn
ئايرىلغانغا ئۆلمەيمەن،
ئەقىدەمگە يىغلايمەن.
........................................................
كەت ، مەڭگۈلۈككە كەت،سىنى ئەمدى كۆرە كۆزۈم يوق كۆزى ئوچۇق قارىغۇ!!!!!!!!!!!!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 00:23 |
www.nixan.cn
Dildash
ئىشىنىڭ مەن سىزنىڭ دىلدىشىڭىز.
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 12743
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 527
شۆھرەت: 984 كىشىلىك
پۇل : 2838 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 489 نۇمۇر
قوللاش: 473 نومۇر
ئالقىش: 549 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1297(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-04-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ياخشى باشلىنىپتۇ.داۋامىنى تىزراق يوللاڭا...........
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
ماقۇل.
salkin mtv
ئىشەنمىسەڭ سۆيمە.
سۆيسەڭ ئىشەنگىن.
پەقەت بىرلا گۈلنىڭ  پۇرىقىغا خۇشتار بولغان  كۆڭۈل مەڭگۈ بەخىتلىكتۇر........
مەن ياخشى ئەمەس ، لىكىن ئەڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىمەن..............
مەن ياخشىسىنى تاللاپ بولالمايمەن،ئەڭ ياخشىسى مىنى تاللىسۇن.................
ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﯩﯔ ﮬﯧﺴﺎﺑﻰ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻥ،ﺋﻪﺗﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﻧﯧﺴﻰ. ﮔﻪﭖ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺭﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﺎ..................................
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 00:27 |
xjalexa.cn
گـۈلزىبا
ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 27450
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 206
شۆھرەت: 654 كىشىلىك
پۇل : 8816 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1304 نۇمۇر
قوللاش: 223 نومۇر
ئالقىش: 416 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 268(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساقلىۋالاي ،،،،،،،،،،،،،،داۋاملىق ئوقۇيمەن ...........................
salkin mtv
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 01:05 |
نەفىسە
ئاتا-ئانا رازى ئاللاھ رازى
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 451
نادىر تېما : 1
يازما سانى : 834
شۆھرەت: 10936 كىشىلىك
پۇل : 8394 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 969 نۇمۇر
قوللاش: 894 نومۇر
ئالقىش: 1109 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1704(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

دىيارىم مۇنبىردىمۇ بىر جۈپلەرنىڭ يازغان كۆز ياشقا چىلانغان تەغدىر دىگەن ئەسىرنى ئۇقۇپ بەكلا تەسىىر قىلغان ئىدى،ئەمدى سەلكىندىمۇ شۇنداق يازغان ئەسەرنى كۆردىغان ئۇخشايمەن ،  بولسا ياخشى ھەمكارلشىپ تىخىمۇ ياخشى ئەسەرنى بارلىققا كەلتۇرۇڭلار ،  داۋامىنى ساقلاپ قالدۇق ئەمسە،
salkin mtv
مۇھەببەت- خۇددى يىنىك مۇزىكا،ئۇ يۈرەك تارىلىرىمدىن،سېغىنىشلىرىمدىن ،ئنتىلىشلىرىمدىن ئۇرۇلۇپ چىقىدۇ.ئۇنى ئاڭلىسام ئاڭلىغۇم كېلىدۇ،زىرىكمەيمەن.گەرچە ئاڭلىنىۋاتقىنى بەكمۇ كونا،بەكمۇ ئۇزۇندىكى مۇزىكا بولسمۇ ھەر قېتىمقى ئاڭلاشتا يېڭىچە تۇيغۇ،يېڭىچە كەيپىيات ھاسىل بولىدۇ ،مەن شۇنىڭغا خۇشتار.
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 01:09 |
رەڭگىناز
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 44925
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 187
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 2596 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 1 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 250(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ  ساقلىدىم  ئەمسە ....
salkin mtv
ياخشى  ياشا  ئۇيغۇرۇم ...
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 01:34 |
sumbul
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 46331
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 130
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 784 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
قوللاش: -3 نومۇر
ئالقىش: -5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 122(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

  يەنە بىر ياخشى ئەسەرنى ئۇقۇشقا مۇيەسسەر بولغىنىمدىن بەكمۇ خۇشالمەن.  داۋامىنى كۆرۈشكە بەك تەشنامەن.
salkin mtv
مەن سەلكىن مۇنبىرىنى  ياخشى كۆرىمەن!
كىشىلىك ھايات يىغا ۋە كۈلكىلەر ئارلاشقان مۇرەككەپ مۇساپە، گاھىدا ئويلىماي بېسىپ سالغان بىر قەدەم بىر ئۆمۈر ئۇنتۇلغۇسىز ئازاپ ، تولدۇرغۇسىز پۇشايمانلارنى ئېلىپ كىلىشى مۇمكىن!
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 01:44 |
يالقۇن1215
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 15043
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 394
شۆھرەت: 209 كىشىلىك
پۇل : 608 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 204 نۇمۇر
قوللاش: 214 نومۇر
ئالقىش: 204 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1161(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تۇگىگەندە بىراقلا  ئۇقاي چۇ  ،  ھىلىمۇ  ئايىغى چىقمايۋاتقان  ئەسەرلە  ئاز  ئەمەس .
salkin mtv
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 01:45 |
ئوۋچى بۈركۈت
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 53050
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 556
شۆھرەت: -2 كىشىلىك
پۇل : 296 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
قوللاش: -5 نومۇر
ئالقىش: -7 كىشلىك
دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
توردىكى ۋاقتى : 202(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھازىر ئورۇن ئېلىپ قويۇپ  داۋامى چىققاندا بىرنەرسە دەي!!!
salkin mtv
سۆيگەن قىز ئالدىدىكى يىگىتنى بىر نەرسە بىلەن تەڭلەشتۈرگى،ئۆلچىگىلى بولمايدۇ .ئۇ چاغدا يىگىتلەرنىڭ بىر قۇلىدايىگىتلىك غورورى،يەنە بىر قۇلىدائۈلۈم(روھىي بەرباتلىق) بولغان بولىدۇ.ھەم بۇ ئىككىسى خۇددى ئىككى قول مۈرەئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرغاندەك ،بىر-بىرىگە چىگىلگەن بولىدۇ.شۇڭا ،ئەي سۈيۈملىك قىزلا ئۆزىڭلار كۆڭىل بەرگەن يىگىتنى سىنايمىز دەپ يىگىتلىك غورورى جاراھەتلىنىدىغان ئىشلارغا مەجبورلىماڭلار!!!
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 10:17 |
ھۆسنەر
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 48828
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 122
شۆھرەت: 8 كىشىلىك
پۇل : 455 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
قوللاش: -2 نومۇر
ئالقىش: -2 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 234(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ئورۇن ئېلىپ قويۇپ داۋامى چىققاندا بىراقلا ئوقۇي .   بىر جۈپلەر ، ئەسىرىڭلەرگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
salkin mtv
دۇنيادا مىننەتسىز بىر مۇھەببەت بار ،ئۇ بولسىمۇ ئانىنىڭ پەرزەنتىگە بولغان مۇھەببىتىدۇر
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 11:24 |
رۇمەيسە
ئاپامغا دەيمەن....
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
دەرىجىسى : سەلكىنداش


UID نۇمۇرى : 2750
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 339
شۆھرەت: 1873 كىشىلىك
پۇل : 223 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 548 نۇمۇر
قوللاش: 379 نومۇر
ئالقىش: 501 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 846(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-05-06
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

زۇلقەر كومپىيوتىرىم بۇزۇلۇپ قالدى دەپ ھورۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ دەيمەن~~     
salkin mtv
«نادان بىلەن مۇنازىرىلىشىش توغرا كەلسە سۈكۈتتە تۇر، ئۇ سىنىڭ نىمە دەۋاتقىنىڭنى بىلگەن بولسا نادان بولماس ئىدى..... »
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-27 12:45 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر