جەننەتنى تاللامسىز ، دوزاخنى ؟ سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر » باشقا تۈردىكى ئەسەرلەر » جەننەتنى تاللامسىز ، دوزاخنى ؟
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )
تېما: جەننەتنى تاللامسىز ، دوزاخنى ؟
بۇ تىما 1197 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا يوق سەفىيە

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 51
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 48
UID نۇمۇرى : 5815
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 28
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە28دانە
شۆھرەت: 133 نۇمۇر
پۇل: 726 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 113 نۇمۇر
قوللاش: 72 نومۇر
ئالقىش: 197 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-19
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

جەننەتنى تاللامسىز ، دوزاخنى ؟

بۇ يازما ئۈمۈت تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-09-24)
جەننەتنى تاللامسىز ، دوزاخنى ؟
( بىر ئايالنىڭ ئاغزىدىن )

مەن ئۈچ ياشقا كىرگەندە دادام تۈگەپ كېتىپتىكەن ، مەكتەپ يېشىغا توشقاندا ئاپاممۇ تۈگەپ كەتتى . ئۈرۈمچىدە تۇققانلىرىمىز بارمۇ - يوقمۇ بىلمەيمەن . مەن ئىگە چاقىسىز قالغاندىن كىيىن مېنى قوشنىمىز بىقىۋالدى . بىز دادامنىڭ موزدوزچىلىق قىلىپ تاپقان پۇلىغا تاينىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق . تۇرمۇش بېسىمى مېنى ئوقۇشتىن يالتايتتى . مەن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن فابرىكىغا ئىشچىلىققا كىردىم .
بىر كۈنى بىر دوستۈمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە دېسكوخانىغا باردۇق . مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ يەر مېنىڭ داۋاملىق بارىدىغان ماكانىمغا ئايلاندى .  ھاراق - شاراب ، تاماكىغا ئۆگەندىم ، ئۇلار خۇمارىمنى باسالمىغاندا نەشنى ھەمرا قىلدىم .
ئاپام - دادام :  -  نەگە بارسىز ؟  دەپ سورسا ، «  - كەچتە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەيمەن »  دەپ قوياتتىم . ئېرىم تاھىر بىلەن دېسكوخاندا تونۇشتۇم ، تونۇشقان تۇنجى كۈنىلا ئۈلپەت بولۇپ ئىچىشتۇق ، ئاخىرى مەستلىكتە يۈز بىرىشكە تېگىشلىك بولمىغان ئىش يۈز بەردى .  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماي ئامالىم يوق ئىدى .  شۇنىڭ بىلەن ئاتا - ئانامغىمۇ ئېيتماستىن ئۇنىڭ كەينىدىن كېتىپ قالدىم .

بىر مەزگىلدىن كىيىن تاھىر مىنى ئىشتىن توختاتتى . ئۇ باشقىلارنىڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەيتتى . ئۆي تۇتقان دەسلەپكى مەزگىللەردە خېلى كۆڭۈللۈك ئۆتتۇق . ئىككى - ئۈچ ئايدىن كىيىن ئۇ ئىشتىن توختاپ قالدى .  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆيگە كىرمەيدىغان ، كىرسە مېنى ئۇرىدىغان بولىۋالدى .  شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بويۇمدا قالدى .
بالىنى ئالغۇزىۋىتەي دېسەم ئىقتىسادىي ئەھۋالىم ئىنتايىن ناچار ئىدى .  بۇ ۋاقىتتا دادام - ئاپام ئېسىمگە كەلدى ،  لېكىن خېجىلچىلىقتا بارالمىدىم .  ئۇلار دوستلىرىمدىن  « ئۇنداق قىزىم يوق » ،  دەپ گەپ ئەۋەتىپ بېرىپتۇ ، يەنە قايسى يۈزۈم بىلەن ئۆيگە قايتاي ؟!
ئاخىرى بىر ئاشخانىدىن ئىش تېپىپ ئىشلىدىم .  ئىش ھەققىم چىقىدىغان كۈنى تاھىر مېنى ئىزدەپ باراتتى ھەمدە پۇلنى ئېلىپ كېتىپ قالاتتى .  ئېغىر بويۇمنى سۆرەشتۈرۈپ ئاشخانىدا ئىشلەپ ، ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ بولسىمۇ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، جېنىمنى جان ئەتتىم .  شۇنداق قىلىپ ئاي - كۈنۈم توشۇپ ئۆيدە بوشاندىم .  « يېڭى تۇغۇتلۇق ئايال ياخشى بېقىلمىسا ئاغرىقچان بولۇپ قالدۇ » ،  - دىدى تۇغۇت ئانىسى .
تاھىر :  « - ئېپىنى قىلىپ باقاي »  دېگىنىچە چىقىپ كېتىپ توخۇ دىن بىرنى كۆتۈرۈپ كىرىپتۇ .  ئۇ بىر دەمدىلا توخۇ شورپىسى تەييار قىلىپ ئالدىمغا ئېلىپ كەلدى ...
قىرىقىم توشماي تۇرۇپ تاھىرنىڭ ئىلگىركى ئايالى توققۇز ياشلىق ئوغلىنى بىزنىڭكىگە ئەكىلىپ قويدى . ئۆيىمىزدە يەنە بىر ئەزانىڭ كۆپىيىشى ، تۇرمۇش بېسىمىمنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋەتتى .  بىر كۈنى ج خ ئىدارىسىدىن تاھىرنىڭ ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم . ئەسلىدە ئۇ ئەتىگەندە « - ئىشلەيمەن »  دەپ چىقىپ كېتىپ ئۇ يەر - بۇ يەرلەردە ئوغرىلىق قىلىپ يۈرگەنىكەن .
شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆيدە ئايال تالادا ئەر بولۇپ بالىلىرىمنى باقتىم .  سوغۇق سۇغا قولۇمنى تولا تىقىۋەرگەچكىمىكىن قورسىقىم ئاغرىيدىغان بولۇپ قالدى . كېيىنكى كۈنلەردە قورسىقىمدىكى ئاغرىق ئاستا - ئاستا كېڭىيىشكە باشلىدى .  بەزىدە كۆكسۈم چىڭقىلىپ ، يىڭنە سانچىلغاندەك ئاغرىيتتى .
ئاخىر بولماي بالىلىرىم ئۈچۈن يىققان 200 يۈئەننى ئېلىپ دوختۇرخانىغا باردىم .
دوختۇر :  «  - تۇغۇتتىن كىيىنكى ئەگەشمە كېسەللىك كەلتۈرۇپ چىقارغان بالياتقۇ بوينى شەلۋەرەپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئالامەتلەر ،  ۋاقتىدا داۋالاتمىسىڭىز ، راك كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىش مۇمكىن » .  - دىدى .  يا يىغلىشىمنى يا كۈلۈشۈمنى بىلمەي قالدىم .  ئاتا - ئانامنىڭ يۈرىكىنى قان قىلغىنىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ ؟!  كۆيۈمچان دادامنىڭ بىگىز تېشىۋەتكەن قوللىرىنى ئىسسىق سۇدا بىرەر قېتىم يۇيۇپ قويماپتىكەنمەن .  « - قولۇم بەك ئاغرىپ كەتتى »  دەپ ياتسا ، « - نىمانداق ئۇششۇقلۇق قىلىدۇ ؟! »  - دەپ ئويلاپتىكەنمەن .
بىرەر قېتىم : « - ھالىڭ نېچۈك ؟ »  - دەپ سوراپ قويغان بولسامچۇ كاشكى .  ئاپام ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالسا ،  « - ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەيمەن » دېگەن باھانىلەر بىلەن كېچە - كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان دەل مەن نائىنساپ قىز ئەمەسمۇ ؟!  « - بالام ، ئاچچىق - چۈچۈك سۇيقاش ئېچكۈم كېلىۋاتىدۇ ، بىر پىيالە ئاش ئېتىپ بەرسەڭ بوپتىكەن »  - دېسە ، « - تەييار چۆپ ئىچسەڭمۇ ئوخشاشقۇ ~  ئادەم ئىشلەپ ھېرىپ كەلگەندە نېمانداق گېپىڭ تۈگىمەيدۇ ؟! »  - دەپ سىلكىشلىگەن مەن ئەمەسمۇ ؟  چوڭلار : « ياخشى ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن جەننەتكە كىرىدۇ ، يامان ئادەملەر دوزاخقا كىرىدۇ »  دەيدىكەن .  مەن كۆرگەن كۈننىڭ قايسىبىرى دوزاخ ئازابىدىن قېلىشقۇدەك ؟!
ئەسلى ئاتا - ئانىنىڭ ئالدىدا چوڭ بولۇشنىڭ ئۆزى جەننەت پەيزىنى سۈرگەن بىلەن تەڭكەن ئەمەسمۇ ؟! .  دادامنى موزدوز دېيىشتىن نۇمۇس قىلىپ ، ئۇنىڭغا : « - بۇنىڭدىن كېيىن يۈزۈمنى چۈشۈرۈپ يەنە شۇ ئىشلارنى قىلىپ يۈرمە ! »  - دەپ كۆڭلىنى ئاغرىتقانلىرىمچۇ تېخى .  ئىش قىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىم سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز .

- ئەپسۇس ، بۇنى بەك كېچىكىپ ھېس قىپتىمەن .

« شىنجاڭ قانۇنچلىق گېزىتى » دىن ئېلىندى

تەھرىر :ئۈمۈت
10:12  دە

[ بۇ يازما ئۈمۈت تەرپىدىن 2007-09-24 12:15 دە قايتا ]
atlan
ﻗﯩﻴﺎﻣﻪﺕ ﻧﯩﻤﯩﺪﯗﺭ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ،
ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪﻥ ﺟﺎﯞﺍﭖ.
ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﻰ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻞ ﺩﺍﺋﯩﻢ،
ﺩﻩﭘﺘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﺴﯘﻥ ﻫﻪﺳﺴﯩﻠﻪﭖ ﺳﺎﯞﺍﭖ.

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 11:07
بۇ ئەزا توردا يوق ئۈمۈت

ئىلغار باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1100
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 899
UID نۇمۇرى : 286
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 5
يازما سانى: 915
ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە915دانە
شۆھرەت: 830 نۇمۇر
پۇل: 2712 سوم
تۆھپە: 26 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1004 نۇمۇر
قوللاش: 767 نومۇر
ئالقىش: 147 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ئىھ  ......  ئىنسانلار  بىز نىمىنى ئويلايمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ نەگە قاراپ كىتىپ بارمىز ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ياراتقۇچىغا قارايدىغان يۈز بارمۇ بىزدە ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھەممىمىز  سۇئالغا جاۋاپ تەييارلايلى!!!!!!!!!!!!!!!!!!
اللا بىردۇر
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 12:30
بۇ ئەزا توردا يوق گۈلسىما

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 580
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 219
UID نۇمۇرى : 1593
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 6
يازما سانى: 441
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە441دانە
شۆھرەت: 296 نۇمۇر
پۇل: 950 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 490 نۇمۇر
قوللاش: 433 نومۇر
ئالقىش: 56 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

بىچارە قىز ،ئەمدى نىمە كۈنلەرنى كۈرە.
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 12:35
بۇ ئەزا توردا بار ﻛﯘﻟﻤﻪﺱ

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2092
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2907
UID نۇمۇرى : 689
دەرىجە: ئوت يۈرەك
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2035
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2035دانە
شۆھرەت: 1294 نۇمۇر
پۇل: 770 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 2091 نۇمۇر
قوللاش: 1694 نومۇر
ئالقىش: 452 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

نىممۇ دەي بۇتىمىغا يەنلا خاتىرمنى ئاقتۇراي.

<<ئاھ-جۇداللىق تالاي سويۇملۇك ئانلارنى،ئاتىلارنى بالىلاردىن،تالاي ئاشۇق -مەشۇقلارنى بىر -بىردىن ئاييرىپ،دەشتى چولدە
باياۋاندا مۇساپىر قىلغۇچى تىغسىز دۇشمەن،مىھرى -شەپقەتكە تەشنالق بىلەن تەلمۇرگەن ئوماق قەلبلەرگە،قاراڭغۇلۇق
لىباسنى ياپقۇچى قارا تۇن>>

ھىكمەت خاتىرەمدىن.....................
ئالدىراپ بىرسىگە ئىشەنمەڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 12:47
بۇ ئەزا توردا يوق ساك19

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 107
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 192
UID نۇمۇرى : 2551
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 86
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە86دانە
شۆھرەت: 43 نۇمۇر
پۇل: 188 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 86 نۇمۇر
قوللاش: 75 نومۇر
ئالقىش: 3 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-07
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

بۇنىڭدا ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن بەك چوڭ ئىبرەت باركەن .
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 12:59
بۇ ئەزا توردا يوق زىننۇرە

مۇنبەر قىززىقچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 596
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 203
UID نۇمۇرى : 1673
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 483
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە483دانە
شۆھرەت: 411 نۇمۇر
پۇل: 1207 سوم
تۆھپە: 27 نۇمۇر
ياخشى باھا: 587 نۇمۇر
قوللاش: 518 نومۇر
ئالقىش: 155 كىشلىك
دوستلۇق توپى: پەرىشتە
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-26
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

اللە ئىنسانلارغا ئەقىلنى بىرىپ شۇنىڭ بىلەن قايسى يولنى تاللاش ئىختىيارلىغىنى بەردى.
قايسى يولغا مېڭىش ئىنساننىڭ ئىختىيارلىغىدىكى ئىش،بىز قايسى يولدا مېڭىۋاتقاندىمىز ؟توغرا يولدىمۇ  ؟بىزنىڭ ماڭغان يۇلىمىز دوزاققا ئاپىرامۇ جەننەتكىمۇ ؟
atlan
بىلىڭلاركى دىللار پەقەت اللەنى ئەسلەش بىلەنلا ئارام تاپىدۇ.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 13:36
بۇ ئەزا توردا يوق wayit6273

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 319
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 480
UID نۇمۇرى : 388
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 304
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە304دانە
شۆھرەت: 383 نۇمۇر
پۇل: 578 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 305 نۇمۇر
قوللاش: 275 نومۇر
ئالقىش: 39 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

مەن بۇ  تىمىنى  ئوقۇش  ئارقىلىق  شۇنى  ھىس  قىلدىمكى  بىز  ئۇغۇر  باللىرى  زادى  ئاتا
_ئانىمىزنىڭ  گىپىگە  كىرمەيمىز  .،شۇڭا  ئاشۇنداق  ئىشلار  كۆپ  يۇز  بىرىدۇ ، ئاتا_ئانىنىڭ  بىر  ئىغىز  گىپى  بىز  ئۇچۇن  بىر  پايدىلىق  دورا
ئابدۇۋايىتجان ئابدۇللا
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 14:46
بۇ ئەزا توردا يوق رەنا

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 831
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1168
UID نۇمۇرى : 2120
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
شۆھرەت: 548 نۇمۇر
پۇل: 366 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 810 نۇمۇر
قوللاش: 792 نومۇر
ئالقىش: 266 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

بەزى بالىلار  ئاتا ئانىسنىڭ قىشىدا تۇرۇپ    ئۇلارنىڭ  قەدىرنى بىلمەيدۇ .
شۇ ئاتا ئاننىڭ قەدىرنى بىلگەندە بولسا ئاللىبۇرۇن كىچىككەن  بولدۇ .
atlan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 14:53
بۇ ئەزا توردا يوق ئالماچېچىكى0999

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 88
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 11
UID نۇمۇرى : 3882
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 77
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە77دانە
شۆھرەت: 66 نۇمۇر
پۇل: 90 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 83 نۇمۇر
قوللاش: 77 نومۇر
ئالقىش: 55 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-29
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

خاتالىقنى ۋاقتىدا تۈزىتىۋالمىسا شۇنداق تۈگىمەس ئازاپلارغا مۇپتىلاقىلىدۇ،
لېكىن.....
atlan
ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمۈرى بىراق
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىغى
ياشلىق گۈلىدىن تۆكىلەر بىر ياپراق [img] - Open
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 15:16
بۇ ئەزا توردا يوق خاتالىق

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 69
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 30
UID نۇمۇرى : 2073
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 43
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە43دانە
شۆھرەت: 26 نۇمۇر
پۇل: 152 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 42 نۇمۇر
قوللاش: 40 نومۇر
ئالقىش: 10 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

ئىنسان ھاياتىدا كىچىككىنە خاتالىق تۈپەيلىدىن بۇ پاتقاققا بارغانسىرى پىتىپ كىتىدۇ،ھەي.،،،،
atlan
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-24 15:40
بۇ ئەزا توردا يوق رەنا

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 831
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1168
UID نۇمۇرى : 2120
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 805
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە805دانە
شۆھرەت: 548 نۇمۇر
پۇل: 366 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 810 نۇمۇر
قوللاش: 792 نومۇر
ئالقىش: 266 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

atlan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-01 02:14
بۇ ئەزا توردا يوق نۇرگۈزەل

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 29
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 70
UID نۇمۇرى : 5986
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 23
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە23دانە
شۆھرەت: 23 نۇمۇر
پۇل: 169 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 23 نۇمۇر
قوللاش: 23 نومۇر
ئالقىش: 23 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-05

نىمدىگەن تەسىرلىك  ھەم قورقۇنۇچلۇق ، تىمىسىنىڭ ئۆزىمۇ بىر قورقۇنۇچلۇقكەن زادى ، ............
ياراتقان ئگەم ئۆز پانايىڭدا ساقلىغايسەن !
ئاللا ھىچكىمگە بۇنداق دوزاقنى كۆرسەتمىگەي ،  پەرزەنتلەرنى ئاتا - ئانىسىنىڭ يىنىدا بەخىتلىك  ۋە جەننەتتىكىدەك ياشاشقا نىسىپ قىلغاي ...........................................................................!!!
atlan
شاكىلات قىز!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-01 14:31
بۇ ئەزا توردا يوق ئىدىرىسجان

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 785
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 14
UID نۇمۇرى : 2095
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 763
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە763دانە
شۆھرەت: 731 نۇمۇر
پۇل: 4277 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 793 نۇمۇر
قوللاش: 776 نومۇر
ئالقىش: 669 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-02
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

نىمە قىز بالىغا دىبادا؟ مانا مەن چوڭ بولۇپ دىباغا كىرىپ باقمىدىم.
بەزى قىزلا سۆيگىنى بىلەن دىباغا كىرىدىكەن.
بىلىپ قىلىڭلاركى ھەرقانداق ئوغۇلبالا ئۆز لايىقىنى ئاۋۋال دىباغا ئەكىرىپ، قىلىنقتا پىشۇرۇپ ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلارمۇ؟
ئىدىرىسجان
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 10:59
بۇ ئەزا توردا يوق مىھىرىبان

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 7
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 93
UID نۇمۇرى : 6036
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 7
ئۇنۋان:1 دەرىجە ھازىرغىچە7دانە
شۆھرەت: 7 نۇمۇر
پۇل: 121 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
قوللاش: 7 نومۇر
ئالقىش: 7 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-03
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-03

يارتىش ئاللادىن ،يارلىش ئۆزۈڭدىن،دوزاقنىمۇئۆزۈڭ تاللايسەن،جەننەتنىمۇ ئۆزۈڭ.
atlan
نىم ئۈچۈن؟
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-03 14:16
بۇ ئەزا توردا يوق لۇكچەك

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 16
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 83
UID نۇمۇرى : 5985
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 13
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە13دانە
شۆھرەت: 13 نۇمۇر
پۇل: 132 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
قوللاش: 12 نومۇر
ئالقىش: 12 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-10-01
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

atlan
سدس
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-10-05 14:32
سەلكىن مۇنبىرى » باشقا تۈردىكى ئەسەرلەر
« 1 2» Pages: ( 1/2 total )

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )