رىقابەت
بايۋەتچە : - سوت سېنى قاماققا ھۆكۈم قىپتۇ ، نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگنتىڭ ؟
ئەركىن قۇياش : - رىقابەتتىن چىققان چاتاق بولمامدۇ .
بايۋەتچە : - قانداق رىقابەت ؟
ئەركىن قۇياش : - مۇنداق ئىش ، مەن ياسىغان قەغەز پۇل ھۆكىمەتنىڭكى بىلەن ئوپئوخشاش چىقىپ قاپتۇ
باشقىلار ئېنىق كۆرسىلا بولدى ...
ئۈزۈمچى بىلەن كەپسىز قىز سائەت دۇكىنىغا كىردى ، كەپسىز بودەكنىڭ كۆزى نەپىس ئىشلەنگەن بېغىغا بىليارت كۆزلەر قۇيۇلغان ، ئالىي دەرىجىلىك ئاسەتكە چۈشتى .
- بۇ سائەتنىڭ ئىستىرېلكىسى بەك كىچىك ئىكەن ، كۆرۈش قۇۋۋىتىڭىز ئانچە ياخشى ئەمەس ، ئۇنى ئىنىق كۆرەلمەسسىزمىكىن ، - دېدى ئۈزۈمچى .
- كېرەك يوق ، سائىتىمنى باشقىلار ئېنىق كۆرسىلا بولدى ،- دېدى بودەك
تاماكا چەكمەڭ
ئەركىن قۇياش بىر بوتۇلكا بېنزىننى ھاراق دەپ قېلىپ ئىچىپ سالدى ، ئۇ بۇ ئىشتىن قورقۇپ كېتىپ دوختۇرغا باردى .
- قورقماڭ ،- دېدى دوختۇر ، - مۇشۇ بىر ھەپتە ئىچىدە تاماكا چېكىپ سالمىسىڭىزلا بولدى .
ئەر بولماق تەس
كەپسىز قىز دوستىغا شۇنداق دېدى :
- ئايال قوشنامنىڭ ئېرى توغرىلىق نېمىلەرنى دەپ يۈرگىنىنى بىر ئاڭلاپ باقساڭ دەيمەن ئۇنىڭ ئاغزى بىر ئىچىلىدىغان بولسا ، بىچارە ئېرىنىڭ يامان گېپىنى قىلىپ ھارمايدۇ ، مېنىڭچە، بۇ ياخشى قىلىق ئەمەس . ماڭا قاراپ باققىن ، ئۈزۈمچى شۇنداق سەت سېمىز ، ھورۇن ، تاپقان تۆت تەڭگىسىنڭ تايىنى يوق ، لېكىن ئۇنىڭ بىرەر ئېغىز يامان گېپىنى قىلغان يېرىمنى ئاڭلاپ باققان يىرىڭ بارمۇ ؟
وماق بودەك پەقەت خاپا ولماڭ جۇمۇ سىز سەلكىندىكى يۇمۇر چاقچاقلارنىڭ قىززىق نوقتىسى بۇلۇپ قالدىڭىز