gs.jNT, ^&+bJr1l ياللانما ئارمىيە ئارىلاشما توپتىن تۈزۈلىدىغان بولغاچقا،تەركىبىدە مول تەجرىبىگە ئىگە كونا ئەسكەرلەر،جېنىدىن تويغان لۈكچەكلەر،تۇرمۇش غېمىدىن قۇتۇلۇشنى مەقسەت قىلغانلار،ھەتتا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرمۇ بولىدۇ.مەسىلەن،19-ئەسىردە ياۋروپادىن ئافرىقىغا كەلتۈرۈلگەن مەھبۇسلار ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن ياللانما ئەسكەر بولغان مىلادىدىن ئىلگىرىكى2000-يىلللىردىكى تۇنجى ئۇرۇش توغرىسىدىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا،بۇ ئالاھىدە توپتىكىلەر سىياسىي ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە رازى بولغان بولسىمۇ،ھۆكۈمدارلار بۇ ئالاھىدە توپتىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمرانلىق ئۇلىنى پۇختىلىغان.قەدىمكى زامان ھەربىي سىياسىي نەزىيىچىسى ماك ۋېللى<ھۆكۈمرانلار دەستۇرى>دېگەن كىتابىدا:<پادىشاھلار تەختنى مۇستەھكەملەشتە ئۆزلىرىنىڭ مۇنتىزىم ئارمىيىسىگە تايىنىدۇ،ياللانما ئارمىيە پەقەت ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنتۇلىدىغان توپ>دەپ يازغان.
R:;q^y+jA ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرى ئامېرىكا كۇبا سەرگەردان ھۆكۈمىتىنى يۆلەپ كۇبا سەرگەردانلىرىدىن ياللانما ئەسكەر قوبۇل قىلىپ مەشىقلەندۈرگەندىن كېيىن<كۇباغا ھۇجۇم قىلشى>بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان.بۇ قوشۇن ئامېرىكا ئاجراتقان بومباردىمانچى ئايروپىلان،پاراخوتلاردىن پايدىلىنىپ مىئامى بوغۇزىدىن ئۆتۈپ،كۇباغا كىرمەكچى بولغان.نەتىجىدە سەرخىل قوراللانغان بۇ ياللانما قوشۇن كۇبا چىگرا مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى بىلەن تارمار بولغان.
sDtr\YC5w ئالدىنقى ئەسىرنىڭ70-يىللىرىدىن باشلاپ خەلقئارا جەمئىيەت سىياسىي مەقسەت ئۈچۈن ياللانما ئەسكەر قوبۇل قىلىش ھەرىكەتلىرىنى مەنئى قىلغان.1977-يىلىدىكى <جەنۋە ئەھدىنامىسى>نىڭ قوشۇمچە كېلىشىمنامىسىدە ياللانما ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى چەكلەش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.1980-يىلى 35-نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيى قارار ماقۇللاپ،ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ياللانما ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى مەنئى قىلغان.2003-يىلى ب د ت قۇرۇلتىيى قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ<چەتئەل ياللانما ئەسكىرى>كەسپىنى مەنئى قىلغان.
s1>7 .U جەمئىيەتنىڭ تاۋارلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشى،بازارنىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى بىلەن ياللانما ئارمىيىدىن ئىبارەت بۇ ئالاھىدە تاۋار يەنىلا قارشى ئېلىىنىۋاتىدۇ.فرانسىيە چەتئەل تەۋەلىكىگە ئىگە ياللانما ئارمىيىنى ساقلاپ كەلگەن دۆلەت بولۇپ،ئۇالرنى چەتئەللەردىكى زېمىنلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.ئامېرىكا كۆچمەنلەرگە<ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش>پىلاننى يۈرگۈزگەن بولۇپ،بۇ ماھىيەتتە ياللانما قوشۇن ھېسابلىنىدۇ.
Yw[,C*m ئىگىلىنىشىچە ئىسرائىلىيىنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۈچلۈك.ئۇلارنىڭ مەشىقى قاتتىق، ئۈنۈمى يۇقىرى تاللاش ئۆتكىلىمۇ قاتتىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.20-ئەسىرنىڭ80-يىللىرىنىڭ باشلىرى فىلىپپىننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەردە ئىسرائىلىيىلىكلەردىن مۇھاپىزەتچى ياللايدىغان ئادەت شەكىللەنگەن،ھەتتا بەزى پۇلدارلار ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىدە مەجبۇرىيەت ئۆتىگەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ،خۇسۇسىي ئارمىىيسىنى مەشىقلەندۈرۈشكە قويغان،لاتېن ئامېرىكىسىدىكى ھەربىي گۇرۇھلاردىمۇ ئىسرائىلىيىلىكلەردىن مەشقاۋۇل تەكلىپ قىلىش مودا بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا،ئىسرائىلىيە ياللانما ئەسكەرلىرى ئىران ،ھىندىنوزىيە،سىرىلانكا قاتارلىق دۆلەتلەردە پەيدا بولغان.بۈگۈنكى دۇنيادا<قەيەردە ئۇرۇش بولسا شۇ يەردە ئىسرائىلىيە ياللانمىلىرى بار>بولغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن.
L\Iig$O ئىلمىي فانتازىيىلىك ئۇيۇن<ياللانما ئارمىيە:مەخپىي ئۇرۇش>تىمۇ 2010-يىلنى ئۇرۇش پارتلايدىغان ۋاقىت قىلغان نۇرغۇن ئەللەر<ياللانما ئارمىيە>نى ئۇرۇشقا سالغان. كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشلاردا ياللانما ئەسكەرلەردىن پايدىلىنىشتەك ھادىسىنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ.
/0 m"mnb: !W>YRAG http://www.pantekin.com/bbs #(y`,\zb+