ھىندىستان ئاياللىرىنىڭ زىبۇزىننەتلىرى ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئىنتايىن مۇھىم نەرسە ھېسابلىنىدۇ،ھەتتا نېنىنى ئاران تېپىپ يەيدىغانلارمۇ زىبۇزىننەت تاقىماي يۈرەلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زىبۇزىننەت ئاياللار خاراكتېرىنىڭ سىمۋولى بولۇپ،ئۇلارنىڭ تاقىۋالغان زىبۇزىننەتلىرى ئۆز ئالدىغا مەلۇم مەنىلەرگە ئىگە بولىدۇ.
P+( }rSD ھىندىستاندا كېلىنچەكلەر پۇتىغا قوڭغۇراق تاقايدۇ،بۇنىڭ مەنىسى قوڭغۇراق ھەرقېتىم جىرىڭلىغاندا شۇ ئايال ئېرىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىشتىن باش تارتىش،ئائىلىسىگە سادىق بولۇشتىن ئىبارەت ئىكەن.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ھەرقېتىم ئاياللار ئېرىگە خىيانەت قىلىشنى ئويلىغاندا،قوڭغۇراق ئاۋازى ئۇلارنىبۇ ئىشتىن توسۇدىكەن.
&04~ ھىندىستاندىكى توي قىلىپ بولغان ئاياللار بۇلاپكىسى ئالتۇندىن،باشقا يەرلىرى قارا مەرۋايىتتىن ياسالغان زەنجىر تاقايدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە،قارامەرۋايىت شۇ ئايالنى باشقا ئەرلەرنىڭ نەزەرى چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدىكەن.
cKJ&
ھىندىستاندىكى ئاياللارنىڭ چېچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن پېشانىسىگە چۈشۈرۈپ ئېسىۋالغان يۇلتۇزسىمان ھالقىسى ئۇلارنىڭ پات ئارىدا توي قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن. U>p\/!ro6
ھىندىستاندا تويلۇق ئۈچۈن ئېلىنىدىغان زىبۇزىننەتلەرنىڭ تۈرى،سانى كۆپ بولغانلىقتىن،كۆپىنچە تويدا جېدەل-ماجرا چىقىدىكەن.ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن<تويلۇق زىبۇزىننەت قانۇنى>تۈزۈپ چىققان بولۇپ،خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ئالتە ئايدىن ئىككى يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىدىكەن.ئەگەر ئەر ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرى قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن ئايالنىڭ زىبۇزىننەتلىرىنى ئىگىلىۋالسا ھەم ئايالنى خورلىسا ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا،ئەگەر ئايال توي قىلىپ يەتتە يىلغىچە ئەرنىڭ ياكى ئۇنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىسا،جىنايەت سادىر قىلغۇچىلارغا يەتتە يىل ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىدىكەن. q1j.|'St/
(F/ScO<
<>)_c4S?
http://www.pantekin.com/bbs/index.php