سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
ھىجران621
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 13280
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 79
شۆھرەت: 679 كىشىلىك
پۇل : 26278 سوم
تۆھپە: 500 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 133 نۇمۇر
قوللاش: 95 نومۇر
ئالقىش: 163 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 46(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ھــىــجــران (ھېكايە)

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئەلئارا نادىرلىدى .(2009-04-16)
3G`Sce^  
ھىجران
B^yFq'7~V|  
'p@Q7R  
(ھېكايە)
U 2Ps19  
<@cxDc  
ئابدۇجېلىل جاپپار ھىجران
9 >*/LxPT  
2-N4q% =  
(مەزكۇر ئەسىرىم << يېڭى قاشتېشى>> ژۇرنىلىنىڭ 2007-يىللىق 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان) "33 Ah= G  
(63hBD< iq  
دەرىزىدىن چۈشۋاتقان ئاينىڭ شولىسى ئۆي ئىچىنى سۇس يۇرۇتۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ گۈدۈك ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى qTq /h(5 ;  
_جېنىم ماڭا قاراپ ياتقىنە . _{W%[  
- بولدى قىلىڭە، بەك چارچاپ كەتتىم . ئەتە يەنە مەكتەپكە بارىمەن . Kx8bBv  
- سەن كەلگۈچە بەك سېغىنىپ كېتىدىكەنمەن ، شۇڭا ساڭا بەكرەك قېنىۋالاي دەيمەنغۇ . c6o.r` &y  
نائىلاج ئۇ تەرەپكە ئۆرۈلدۈم . ئۇنىڭ گۆش تاغىرىدەك سېمىز تەنلىرى مېنى مەھكەم قۇچاقلاپ ،سوغۇق ،ھارارەتىسىز لەۋلىرى لەۋلىرىمنى يالمىدى. يۈزلىرىمگە ، بويۇنلىرىمىغا ،ئىش قىلىپ تەنلىرىمىنىڭ ھەممىلا يېرىگە ئۇرۇلغان تىنىقلار ،يىگىتلىك غۇرورۇمنى، ۋىجدانىمىنى ،شۇنداقلا قەلبىمىنى ۋىژىلدىتىپ كۆيدۈرمەكتە......... ھەش -پەش دېگۈچە مەن خالىمايدىغان ئىش يەنە بىر قېتىم يۈز بەردى، ئېغىر ئەمگەك قىلىپ ھېرىپ كەتكەن دېھقان بالسىدەك سۇنايلىنىپ يېتىۋاتىمەن . مەن كىچىك چاغلىرىمدا ئۇقۇغان <<چىن تۆمۈر باتۇر>>دېگەن چۆچەكىتىكى يەتتە باشلىق يالماۋۇز مەختۇمسىۇلانىڭ قانلىرىنى شوراپ ، ئۇنى بىھوش قىلغىنىدەك ، مېنىڭمۇ قانلىرىمىنى قانداقتۇر بىر نەرسە شوراپ مېنىمۇ بىھوش قىلغانىدى . تەنلىرىمدە مادار يوق ،شۇ تاپتا تاڭنىڭ كېچىكىپ يۇرۇشىنى ،كۈندە ئەسەبىي چىرقىراپ مېنى ئويغۇتىدىغان مۈشۈك يۈزلۈك سائەتىنىڭمۇ كېچىكىپ چىرقىرىشىنى تۇلمۇ ئارزۇ قىلىۋاتىمەن .<<ئاھ، تەڭرىم ، بۇرۇن سەندىن رەنجىىيتتىم،نېمىشقىمۇ مېنى نامرات ئائىلىنىڭ پەرزەنتى قىلىپ يارىتىپ قويغانسەن.مەنمۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش بەخىتلىك ياشاپ ھاياتىنىڭ پەيزىنى سۈرسەم بولمامدۇ>>دەپ ئۆكۈنەتتىم . ئاتا - ئانامدىن نارازى بۇلاتتىم . ئەمدى بولسا ماددى ئېھتىياجىم كاپالەتكە ئىگە بولۇپ ، مەنىۋىيتىم قۇرۇپ قاقشال بولغاندا مەنىۋىيەتىنىڭمۇ ئىنسان ھاياتنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم. لىكىن ،نىمىشقىدۇر ھازىر ئۆزەمنى تۇلىمۇ كېچىككەندەك ھېس قىلىپ قالىمەن . مورىدەك قارىداپ كەتكەن روھىمىنىڭ سىياقىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرسەم دۇنيا مېنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ، مەن ئۆزەمنى نەچچە يىل ئاۋۋال كىشلەر تەرپىدىن دەپنە قىلىۋېتىلگەندەك ھېس قىلىمەن . گەپنىڭ قىسقىسى روھىم ئۆلدى. روھى ئۆلگەن ئادەمىنى ھايات دېمسىمۇ بولىۋېرىدىغۇ ............... &\lZzxDEh  
كېچىچە خىيال سۈرۈپ كۆزلىرىم ئۇيقۇدىن بىدار بولدى ، مۈشۈك يۈزلۈك سائەتنىڭ چىرقىرشىنى كۈتمەيلا ئورنۇمدىن تۇردۇم . ئورنۇمدىن تۇرشۇمغا بېشىم پىررىدە قېيىپ يەنە ئولتۇرۇپ قالدىم . ئازراق ئولتۇرۋالغاندىن كېيىن ئورنۇمدىن تۇرۇپ مۇنچىغا كىردىم . توك مۇنچىسىدا ئىسىستىلغان سۇ شارقىراپ قۇيۇلماقتا .... مەن ئاخشام بىر كېچە بۇلغانغان تەنلىرىمىنى ئاشۇ مەرۋايىتتەك سۈزۈك سۇلار بىلەن يۇيىۋاتمەن . نېمىشقىكىن شۇنچە يۇيۇنساممۇ بىر يەرلىرىم مەينەتتەك مەرۋايىتتەك سۇ تامچىلىرى <<كەچۈرگىن،سېنى پاكىليالمايدىكەنمىز >>دەپ نىدا قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. روھسىز ھالدا مۇنچىدىن چىقىپ ئۇ ئېلىپ بەرگەن قىممەت باھالىق كىيملەرنى كىيىپ مەكتەپكە ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىپ ئورنىدىن تۇردى. _w+p;wx6  
- سۇبات ، مەكتەپكە ماڭدىڭما ؟ T7{t H 2  
- شۇنداق ، يىل ئاخىرى ئەمەسىمۇ ياخشىراق ئۈگىنىش قىلاي ، بولمسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىسەم خىزمەت تېپىشىم تەسكە توختايدۇ . "XjHxt@|mN  
- مەن بار تۇرسام ،نېمىدىن ئەنسىرەيسەن ؟ Qn< gk  
- شۇنداقتىمۇ قورسقىمدا ئازراق ئۇماچ بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ Vx`Zpc.-tL  
- ناشتا قىلدىڭمۇ ؟ Q_R-5E/  
- ياق ، مەكتەپكە بېرىپ بىراقلا قىلاي . h5a&av1+-  
- شوپۇرغا تېلېفۇن قىلاي ، سېنى ئاپىرىپ قويسۇن . ._sG"  
- بولدىلا ، ماشنا توسوپلا كېتەي ، ئۇنى ئاۋارە قىلمايلى . 2Ks 8\Y4!m  
ئۇ كارۋاتتىن چۈشۈپ مېنى چىڭ قۇچاقلاپ بىرنى سۆيدى - دە ، قۇلۇمغا بىر تۇتام پۇلىنى تۇتقۇزدى. d mC3DJ9P  
- بۇنى ئېلىۋال، دوستلىرىڭ بىلەن سىرتلارغا چىقىپ قالساڭ خەجلەرسەن . x) y{=>  
ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتىم . نېمىشقىكىن تاڭ ، ئۇنىڭ قىزىل رەڭلىك كىچىك ماشىنىسىغا چىققۇم كەلمىدى . چوڭ يولغا چىقىپ ئېغىر چامداپ كېتىپ بارمەن . خىياللىرىم مېنى ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئۆتمۈشۈم قوينىغا سۆرەپ ئەكىرىۋاتاتتى. مەن تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ، كىچىك بىر ناھىيىدىكى بىر دېھقانىنىڭ بالىسى ئىدىم . ئائىلە شارائىتىمىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئۇقۇيالماي قالغان كۈنلەردە ، مەكتەپتىكى بىر قانچە مۇئەللىمىنىڭ غەمخۇرلۇقى ئاستىدا تولۇق ئوتتۇردا ئوقۇش شارائىتىگە ئېرشىتم . دادام : بالام ياخشى ئوقىغىن، يەنە ئۈچ يىلغىچە بىزمۇ باي بۇلۇپ قالارمىز ، سېنى چۇقۇم ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن ، دەپ ماڭا مەدەت بېرەتتى . مەن دادام ئۈچۈن ،ئاپام ئۈچۈن ، مېنىڭ بېشىمنى سىلاپ ماڭا ئوقۇش شارائىتى ھازىرلاپ بەرگەن ئوقۇتقۇچىلىرىم ئۈچۈن ياخشى ئوقۇپ ، ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرمىسام بولمايتتى . شۇ ئىستىكىم بويىچە ئوقۇپ تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىقىغا چىققان ۋاقتىمدا ، دادام باشقىلار بىلەن سۇ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قېلىپ ، ئۇلار دادامىنى كەتمەن بىلەن چاناپ ئۆلتۈرىۋەتتى . كېيىن قاتىل تۇتۇلغان بولسىمۇ ، دادام تىرىلمىدى. ئاپام دادامىنىڭ ئۆلۈمى كاللىسىغا قاتتىق تەسىر قىلىپ ، نېرۋىسدىن ئادىشىپ قالدى. كېيىن ئاپامىنىڭ سائادەت دېگەن ئىسمىنىڭ كەينىگە ساراڭ دېگەن ئىسىم قېتىلدى. دۇنيادا بىردىنىبىر قېرىندشىم بولغان ھەدەم ئېرىنىڭ ئۆيدە بولۇپ ، ئۇلارنىڭىمۇ ئائىلە شارئىتى ياخشى ئەمەس ئىدى. ئاپام ئېلىشىپ قالغاچقا ، ئۆيدە ئولتۇرماي بېشى قايغان ، پۇتى تايغان يەردە چاچلىرىنى قۇيۇپ بېرىپ ، يىرتىلىپ ئۆتمە تۈشۈك بولۇپ كەتكەن كۆڭلىكىنى كىيىپ ، قولىدىكى كىچىك دومبىقىنى چېلىپ يۈرەتتى. ئاشۇ چاغدىكى كۈنلىرىمىنى ئەسلەشتىنمۇ يىرگىنىمەن . مەكتەپكە بارسام ساۋاقداشىلىرىم ئارىغا ئالمايدۇ . سىنىپنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىدىن ئاڭلىنىدىغان غەيۋەت - شىكايەتلەر ...... بىرى ، سۇباتىنىڭ ئاپىسى پالانىنىڭ بىرنىمىسنى ئوغۇرلارپتۇ دېسە، يەنە بىرى ، ئۇنىڭ ئاپىسى چوڭ يولنىڭ ئوتتۇرسىدا قولدىكى كىچىك دومبىقىنى چېلىپ ئۇسسۇل ئويناپ پۈتۈن خەلىقكە ئۇيۇن قويۇپ بېرپىتۇ دىگەن ، يەنە كىمدۇر بىرى ، ئاشۇنداق ساراڭ خوتۇندىن مۇشۇنداق كېلىشكەن بالىنىڭ توغۇلغىنىغا ھەيران بىز دېگەن، ئىش قىلىپ كۆڭلۈم بىر مىنۇتمۇ ئارامىدا تۇرمايتتى . ئۆيگە كەلسەم ئېتىز -ئېرىقىنىڭ ئىشى ، كەچكىچە ئۇ يەر ، بۇ يەر دەپ يۈرۈپ قورسىقى ئاچقان ئاپام بىچارىلەرچە ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان ، ئاپامىنىڭ چاچلىرىنى يۇيۇپ ، تاراپ قويۇپ ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بېرەتتىم ئاپام كۈندۈزلىرى ئۆيدە ئولتۇرمىغىنى بىلەن كەچ بولسىلا ئۆيگە پەيدا بولاتتى . ئاخىرى چىشىمنى چىشلەپ ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئىمتىھان بەردىم . لېكىن ، كۆڭلۈم يەنىلا يېرىم ئىدى. ئىمتىھاندىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ مەندە ئالىي مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيدىغان پۇل يوق ئىدى. يەر تېرىپ كىرىم قىلغان پۇل ئاپام بىلەن مىنىڭ تۇرمۇشۇمغا ئاران يېتەتتى . ئىمتىھان بېرىپ بولغاندىن كىيىن ، قانداق قىلسام تۇرمۇشۇمىنى ياخشىلاپ ، ئاپامنى ياخشى باقارمەن دەپ ئېزدىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇم ئەزىز چاقىرىق قەغىزىمنى كۆتۈرۈپ كىرىپىتۇ، ئاھ - خۇدا چاقىرىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمىنى ۋارقىرىۋېتىشىتىن تۇتۇپ قالالمىدىم . چاقىرىق مەن كېچە - كۈندۈز ئوقۇشىنى ئارزۇ قىلىدىغان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل - ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدىن كەلگەن ئىدى . لېكىن ، يانچۇقۇمنىڭ قۇرۇقلۇقى كۆڭلۈمنى ئىلگىر كىدەكلا غەش قىلدى. كۈنلەر بىر- بىرلەپ ئۆتۈپ مەكتەپكە بارىدىغان كۈنلەر يېقىنىلىشىپ قالغاندا ئەزىز بىلەن تورخانىغا كىرىشىنى ئۆگىنىۋالدىم . بۇ يەر ھەقىقەتەن جەننەت ئىدى. تورغا چىقساڭ ، كىنو كۆرگىلى ، ناخشا ئاڭلىغىلى ، تەڭرى تاغىنىڭ ھەر قايسى جايلىردىكى دوسلار بىلەن پاراڭلاشىقىلى بولدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە نېرۋا كىسەللىكلىرىنى نۇختىلىق داۋالايدىغان دوختۇرخانلارنىڭ تور بىكەتلىرىمۇ بار بولۇپ ، مىنىڭ ئاپامنى قايسى ئۇسۇلدا داۋالاتسام ئۈنۈمى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولدىكەن . (گەرچە ئاپامنى داۋالىتىدىغانغا پۇلۇم بولمىسىمۇ ، چوقۇم ئىشلەپ پۇل تېپىىپ ئاپامىنى داۋالىتىمەن دەيدىغان چوڭ ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا ، نېرۋا كىسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنىڭ ئېلان - تەشۋىقاتىلىرىنى كۆرسەملا ئۇنى تەپىسىلى كۈرۈشىنى ئۇنتۇپ قالمايتتىم ). O]\[m_9  
ئەزىزدىن باشقا دوسلۇرۇم مېنى ئارسىغا ئالمايتتى . شۇڭا، بەزى كۈنلىرى تۇرمۇشۇمدىن ئېشىنچا قىلغان ئارتۇق ئىككى يۈەن پۇلۇم بولسىلا تورغا چىقاتتىم . بىر كۈنى تورغا چىقىپ ئايگۈل ئىسىمىلىك 39-38ياشلار چاممىسىدىكى بىر ئايال بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم . ئۇ ئايالىنىڭ سەمىمىيەتچانىلىقى ، مېھىرىبانلىقى ، ئىشقىلىپ ھەممىلا تەرپى ماڭا يېقىپ قالدى. كېيىن ئۇ ئايالىنى ھەدەمنىڭ ئورنىدا كۆرۈپ كۆڭۈل خەزىنەمدىكى بارلىق دەرىتلىرىمىنى شۇ ئايالغا تۆكتۈم . كېيىن ئايگۈل بىلەن بىر - بىرىمىزنى تېلېكامىرادا كۆرۈشتۇق . ئۇ قىرقىم چاچ ، ئاق پىشماق مېھرى ئىسسىق ئايال ئىدى. ئۇ ئەھۋالىمدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن ، ئۈزىنىڭ بۇ دۇنيادا يەككە -يىگانە ئىكەنلىكىنى ، خالسام ئۈرۈمچىگە چىقسام مېنى ئۆيىدە تۇرغۇزۇپ ھالىمىدىن خەۋەر ئالغاندىن سىرت، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . مەن دەسلەپتە بۇ گەپلەرگە ئىشەنمىدىم . ئۇنىڭ ھېچقانداق بىر تۇغقانچىلىقى يوق ئادەمگە ئاشۇنداق چوڭ ياردەم قىلشىغا زادىلا ئىشەنگۈم كەلمەيتتى . كېيىن مەكتەپكە باردىغان ۋاقىت يېقىنلاشقانسېرى، بىر چاقىرىق قەغىزىگەقاراپ ، بىر ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئويلاپ تىپىرلاپ تۇرالماي قالدىم . ئاخىرى بىر سىناپ بېقىشىنى لايىق كۆرۈپ ئاپامنى ھەدەمگە تاپشۇرۇپ قويۇپ ، ئۈرۈمچىگە يولغا چىقتىم . ساي يولدا ۋۇژۇلداپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇسىنىڭ ئەينىكىدىن بوشلۇققا قاراپ ، ئوقۇشۇم پۈتسە ، بىر ياخشى خىزمەت ئورنىغا چىقسام ئايگۈلگە ھەسسىلەپ قايتۇرمەن . ئاپامنى داۋالىتىپ ھەدەمنىمۇ قولۇمدىن كىلىشچە يۈلىسەم ، دەپ تاتلىق خىياللارنى سۈرەتتىم . \!F>R]oV  
ئۈرۈمچىگە كىلىپ چوڭ بىكەتكە چۈشۈپ تورشۇمغا ئايگۈل ئاسماندىن چۈشكەندەكلا ئالدىمغا پەيدا بولدى . مەن تېخى ئۇنىڭغا تىلېفۇن قىلىپ خەۋەر قىلغاندىن كېيىن ئاندىن كېلىدۇ، دەپ ئويلىغان ئىدىم . لېكىن ئۇنىڭ كىلىشىمدىن خەۋىرى بولغاچقا ، مېنى بىكەتتە ساقلاپ تۇرۇپتۇ. كېيىن ئۇ مېنى ماشىنسىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆيىگە ئاپاردى. مەن ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىپ ھەيران قالدىم . پۈتۈنلەي ياۋرۇپا ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ئۆينىڭ رام پەردىسى ، ئۆي جاھازىلىرى ، چىنە - قاچا ، كومپىيۇتېر ، ئىشقىلىپ ھەممىسى شۇ قەدەر ئۆزگىچە بۇلۇپ ،بۇ ئۆي تولىمۇ چىرايلىق ئىدى. شۇ كۈندىن باشلاپ مىنىڭ يېڭى بىر ھاياتىم ، يېڭى بىر تۇرمۇشۇم باشلاندى . ئۇ مىنى بازارغا ئەپچىقىپ ئايلاندۇردى . ئۆمرۈمدە كىيش ئۇياقتا تۇرسۇن ،تۇتۇپمۇ باقمىغان قىممەت باھالىق كىيملەر بىلەن مىنى بېزىۋەتتى . مەكتەپكە بارساڭ ساۋاقداشلىرىڭىنىڭ ئالدىدا چېنىپ قالما ، ئەڭ ياخشسىنى ئېلىپ بىرەي دەيتتى ئۇ . كېيىن مەن ئۇنىڭ چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ دىرېكتورى ، نەچچە مىليۇن پۇلنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەندە ھەيران قالدىم . مەن بىر خىزىرغا يولۇقۇپتىمەن دەپ چەكسىز ھاياجانلاندىم . مەكتەپكە يىغدىغان كۈنى ئۇ مېنى قىزىل پىكاپىغا چىقىرىپ مەكتەپكە ئاپىرىپ قويدى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمىغا ئۈزىنى مېنىڭ ھەدەم دەپ تونۇشىتۇردى . شۇ چاغدا ئاھ .......دۇنيا دەپ ھاياجانلانغىنىم ئېنىق ئىسمىدە . x;t-wDhGw  
قارا ،مېنىڭ باي ھەدەم بار ، مېنىڭ ئۇخلايدىغان ئېسىل ئۆيۈم ، ئوقۇيدىغان مەكتىپىم ، تېخى سىمىسز خاتىرە كومپىيۇتېرىم بار . يانچۇقۇمغا قاچانلا قارساڭ لىققىدە پۇللارنى كۆرسەن . كۆردىڭمۇ دۇنيا ، مېنى خار قىلغان ، يوقسۇزچىلىقىنىڭ دەردىدە ئوغۇتسىز قالغان مايسىىدەك سارغايتقان دۇنيا سەن ئەمەسمىدىڭ ، كۆرە مانا بۇ مەن جۇمۇ . نېمە ، تۇنۇيالماي قېلىۋاتامسەن. شۇنداق سەن تۇنۇيالمايۋاتسەن . سېنىڭ ئالدىڭدا ھازىر كاللىسغا شاپاق دوپپا ، ئۇچىسغا ئۆڭۈپ كەتكەن خەسە كۆڭلەك ، ئۆز بويىغا ماس كەلمىگەن كالتە ئىشتان كىيۋالغان سۇبات ئەمەس ، بەلكى كىنو - تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدىكى بايۋاتچىلەردەك كىينىگەن ، قاپقارا چاچلىرى توزغۇپ تۇرىدىغان سۇبات تۇرىدۇ . نىمىگە قاراپ تۇرسەن دۇنيا ، پۈتكۈل جاھانغا جاكارلا ، سۇبات ئەسىلى بىر باي ئايالىنىڭ ئۇكىسى ئىكەن. بىز ئۇنى خاتا تۇنۇپ قاپتىمىز دەپ جاكارلا ، مېنى خارلىغان ، كۆزگە ئىلماي ساراڭ خوتۇننىڭ بالسى دەپ ھاقارەتلىگەنلەر مەندىن كەچۈرۈم سورسۇن . مېنىمۇ ئادەم قاتارىدا ھۆرمەتلىسۇن .......... p;Z!o/n  
ئالىي مەكتەپ دىگەندە ھەر خىل ئوقۇغۇچىلار ئوقۇيدىكەن . بىر قىسملىرى كېچىلىرى دېسكوخانلارغا بېرىپ چىرقىرشىپ ئوينىغان ئويۇنلىرىنى ھاياتنىڭ پەيزى دەپ بىلىدىكەن . بەزىلىرى بولسا كېچىلىرى ياتاقىنىڭ توكى ئۆچكەن ۋاقىتتىمۇ ، شام يۇرتۇپ ئۆگىنىش قىلىپ كەلگۈسى تۇرمۇشىغا ئۇل سېلىش ئۈچۈن ئىزدىنىدىكەن . مېنىڭ ئالىي مەكتەپ ھاياتىممۇ ئاشۇلارنىڭ تۇپىغا قوشۇلۇپ ، بىر خىل رېتىمدا كېتىپ باراتتى . توققۇزۇم تەل ، ئەتىگىنى ئايگۈلنىڭ كىچىك ماشىنسى مېنى مەكتەپكە ئەكىلىپ قويۇپ ، كەچتە ئەكىتىدۇ . يەيدىغىنىم ، كىيدىغنىمدىن تارتىپ ھەممسى ئالىي ،ھېچىنىمىدىن غېمىم يوق ، تېخى ئاپام بىلەن ھەدەمگە پات - پات پۇل ئەۋەرتىپ تۇرىمەن . بۇلارنىڭ ھەممسى ئايگۈلىنىڭ شاپائىتى . ياق ...... تېنىمىڭ ، ئۆزەمدىن يىگىرمە نەچچە ياش چوڭ ئايالىنىڭ ئاشىنسى بۇلۇپ چىرىگەن تېنىمىنىڭ پارچىلانغان روھىمنىڭ نەتىجىسى ، مەن قايغۇرىمەن،ئازاپلىنىمەن ... روھلىرىمنىڭ سەرسان بولغىنىنى ئويلسام ئۆكۈنىمەن . مەن ئويلىمغان ، بۇنداق بولۇشنى راستىنلا ئويلىمىغان، بۇ ئىشلارغا زادى كىم سەۋەپچى ؟ شۇ كۈندىن باشلانغان ئىش تېخىغىچە ئاخىرلاشىقىنى يوق . شۇ كۈنى ئايگۈل مېنى ياخشى كۈردىغانلىقىنى ، بۇرۇن مېنى توردا كۆرگەندىن باشلاپ ياخشى كۈرۈپ قالغانلىقىنى ، ئۆزىنىڭ ھاياتىدا ھېچقانداق بىر ئەر زاتىنى مېنى ياخشى كۆرگەندەك ياخشى كۈرۈپ باقمىغانلىقىنى ، لەۋلىرىمگە سۆيگۈسى تەنلىرىمنى قۇچاقلىغۇسى ، بولجۇڭ گۆشلىرى بۆرتۈپ تۇرغان يوتامغا بېشىنى قويۇپ ياتقۇسى بارلىقىنى ئېيتقاندا ، بۇنىڭ بىر چۈش بولۇپ قېىلىشنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلغانتىم . ئەپسۇس بۇ بىر رېئاللىق ، مەن قوبۇل قىلغان ئاچچىق رىئاللىق ئىدى . Lx8 =3Di+  
شۇ كۈنى مەن ئايگۈلگە جاۋابەت ھېچقانداق گەپ قىلمىدىم . كېيىن تۈگمىلىرى رەتلىك ئېتىلگەن ئاق كۆڭلىكىمنىڭ تۈگىمىلىرى بىر - بىرلەپ يېشىلگەندە، پادىچىلار ئىشتىنىمغا باغلانغان تېمساھ تېرىسىدىن تىكىلگەن كەمىرىمىنىڭ تاراسىسدە ئېچىلىپ كارۋاتقايىقىلغىنىم ، تەنلىرىمگە ئۇرۇلغان نەپەسىنىڭ ، لەۋلىرىمگە يېقىلغان لەۋلەرنىڭ ئسكەنجىسىدە ئېھ!.........دەپ ئىڭرىغنىم ھېلىمۇ ئېسىمدە شۇ كۈندىن باشلانغان ئىش تېخىغىچە ئاخىرلاشقىنى يوق . 3F7~P_hE  
شۇ كۈندىن باشلاپ كۆڭلۈكىمنىڭ تۈگىمىسنىڭ قانچە قېتىم يىشىلگىنىنى ،كەمىرىمىنىڭ قانچە قېتىم ئېچىلىپ ، تەنلىرىمىنىڭ ، لەۋلىرىمىنىڭ قانچە قېتىم سۆيۈلۈپ ، قانچە قېتىم پارچىلانغانلىقىنى بىلمەيمەن . تۇلىمۇ ئاچچىق ھاياجان ماڭا بىر دەمدىن كېيىنلا شۇنچە كۈڭۈلىىسز ھىسلارنى ئاتا قىلىدىغان سوغۇق تۇيغۇ .....  
خىيال سۈرۈپ ئۈزەمىنڭ مەكتەپكە قانداق كىلىپ قالغىنىمىنىمۇ بىلمەي قاپىتىمەن . كىچىك كىرا ماشىنىسدا ئولتۇرۇپ بارسام 15يۈەن چىقىدىغان يولىنى بۈگۈن خىياللىرىم بىلەن مۇڭىدىشىپ بېسىپ بوپتىمەن . دەرسىكە ئاللىبۇرۇن كېچىككەن ئىدىم . سىنىپىقا كىرەلمەي تۇرغۇنۇمدا سىنىپ مەسئۇلىمىز ئامانگۈل مۇئەللىم ئۇچىراپ قالدى . !ylT &\Y  
- ۋوي سۇبات ، سىنىپقا كىرمەي تۇرۇپىسزغۇ - دىدى ئۇ . t9Z !3  
- كىچىكىپ قاپىتىمەن ، شۇڭا .............. tXv1 I'  
- چىرايىڭىز نىمانداق تاتىراڭغۇ ، مىجەزىڭىز يوقما ؟ es &I-nU  
- ياق ، باشقا ئىش يوق . تېخىچە ناشتا قىلمىغان مۇئەللىم ، شۇڭا شۇنداق بولدىمىكىن . mKn)IN%CNO  
- يۈرۈڭ بىللە ناشتا قىلايلى . سالامەتلىك ھەممىدىن مۇھىم ، - مۇئەللىمگە ئۈنسىز ئەگەشىتىم . ئامانگۈل مۇئەللىم 35ياشىلار چاممىسىدىكى ، كۆزلىرىدىن ئوقۇغۇچىلىرىغا بولغان مىھىر -مۇھەببىتى تۆكۈلۈپ تۇردىغان ئېغىر بېسىق ، كەم سۆز مۇئەللىم ئىدى. نېمىشقىكىن ئامانگۈل مۇئەللىمىنى كۆرسەملا ئۇ كۆزلىرىمگە قاراپ ھەممە ئشىمىنى بىلىۋالىدىغاندەك ، كۆزلىرىدىن ئېتىلغان نۇر قارچۇقلىرىمغا سوقۇلۇپ ، قەلىبىمىنى تىڭشاپ ،بارلىق ئىچكى سىرلىرىمنى بىلىپ قېلىپ ، مېنى رەسۋا قىلىۋىتىدىغاندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالاتتىم . شۇڭلاشىقىمىكىن تاڭ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قاراشىتىن تۇلىمۇ قورقاتتىم . ئامانگۈل مۇئەللىم تاماقىتىن كېيىن : S9D%a`%tw  
- قاچانلا قارسام روھسىز كۈرنىسز ،قانداق قىينچىلىققا يولۇقىسىڭىز ماڭا ئېيتىڭ .مەن قۇلۇمدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىمەن .- دەپ چىقىپ كەتتى . #"wmaeFA)  
مەن كېينكى سائەتلىك دەرسىكە ئۈلگۈرۈپ سىنىپقا كىردىم . Y}!g6  
مەن بۈگۈننىڭ كەچ بولماسىلىقىنى شۇنچە تىلەۋاتاتتىم . كەچ بۇلۇپ قىزىل رەڭلىك پىكاپنىڭ مېنى ئېلىپ كەتمەسلىكىنى شۇنچە ئارزۇ قىلساممۇ ، كەچ بولىۋەردى. قۇياش ئۇپۇققا پېتىپ يانفۇنۇم چىرقىرىغاندا سىرىتقا چىقىپ قىزىل رەڭلىك پىكاپنى كۆردۈم . لېكىن نېمىشقىكىن ئىچىدە ئايگۈل يوق ئىدى. شۇنداقتىمۇ منىڭ كەچىنىڭ بولماسلىغىنى تىلىگەن تىلەكلىرىم ئايىغى چىقمىغان كۆلچەكتەك بىر جايىدا لېيىپ قالدى . }(/1y v  
پىكاپ مېنى ئايگۈلنىڭ يېنىغا ئەكىتىۋاتاتتى ....... پىكاپنىڭ ئىچىدە ئۈنسىز ئولتۇراتتىم . شوپۇر خۇددى كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك ماڭا بىر تال تاماكا سۇندى . مەنمۇ ئاشۇ تاماكىنى كۈتۈپ تۇرغاندەك تېزلا ئوت يېقىپ كۈچەپ شوراشقا باشىلىدىم . پىكاپ مېنى ئۇدۇل <<لالە>>رېستوراننىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ توختىدى. {5\~&?A  
- كىرىڭ ، - دىدى شوپۇر - ئايگۈل دىرېكتور سىزنى 8- ئايرىمخانىدا ساقلاپ ئولتۇرىدۇ- مەن شوپۇرغا بېشىمنى ئەلەم بىلەن لىڭىشىتتىم . ئايرىمخانىغا كىرىشمگە ئايگۈل يۈگۈرۈپ كىلىپ مېنى سۆيۈشىنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ھەر ئەتىگىنى ،ھەم كەچتە مېنى سۆيۈش ئۇنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلانغان ئىدى . "~%J!n4 U)  
- كېلە سۇباتىم ئولتۇر، - دېدى ئۇ مېنى جوزىغا تەكلىپ قىلىپ ، - كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ . 4{ HJ#\8  
- نېمە بولسا بۇلىۋېرىدۇ - دېدىم مەن . IU{B;uX'  
- بۈگۈن سېنى بۇ يەرگە نېمىگە چاقىرىتقىنىمنى بىلەمسەن ؟ - دېدى ئۇ يەنە . &@ZE{~d  
- ياق . )r)\NL  
- مەن كاناداغا بارماقچى ، شۇڭا سەن بىلەن مۇڭدىشۋالاي دەپ بۇ يەرگە چاقىرىتتىم . ئالدى بىلەن قۇرساقنى توقلىۋالايلى ، - ئۇ كۈتكۈچى قىزنى چاقىرىپ قورۇمىلارنى بۇيرۇتقاندىن كېيىن ، سۆزىنى داۋام قىلدى ، - سۇبات ، مېنى ياخشى كۆرەمسەن ؟ AdVTl^&  
- ھەئە، - دەپ جاۋاپ بەردىم . گەرچە سىزنى ھەدەم ئورنىدا ياخشى كۈرۇمەن ، لېكىن سىزگە مۇھەببىتىم يوق دىمەكچى بولغان بولساممۇ ، بۇ گەپلەرنى ئاغزىمدىن چىقىرىشىقا پېتىنالمىدىم . بەلكى سەپەرگە چىقىدىغان ۋاقىتتا كۆڭلىنى يېرىم قىلماي دەپ ياكى ئۇنىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ شۇنداق دىگەندىمەن . ئىشقىلىپ بەرگەن جاۋابىمنىڭ سەۋەبىنى ئېنىق بىلمەيمەن . Y0>.::Z`.  
- بەلكى ياخشى كۆرەرسەن ياكى ياخشى كۆرمەسسەن ،- دېدى ئۇ بىردەم تۇرۇپ كېتىپ ، - لېكىن ساڭا كۆپ رەھمەت ، ھاياتىمدا ھېچكىمدىن ئالالمىغان مەنىۋى شادلىقىنى ، ھېچكىم ماڭا ئاتا قىلالمىغان خۇشاللىقىنى سەن ماڭا بەردىڭ . مەن بۇ بەخىتىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تاپالماي كەلگەن ئىدىم . بىلىمەن ، سەن مەندىن نارازى ، سەن مېنى ھەدەڭ ئورنىدا كۆرۈپ ، ماڭا ئىشەنگەن. لېكىن ، مەن سېنىڭ خىيالىڭنىڭ ئەكسىچە ئىش قىلدىم . سەندىن سۆيگۈ -مۇھەببەت تەلەپ قىلدىم . مەيلى ساختا بولسۇن ياكى راس بولسۇن ، سەن شۇلارنى ماڭا بەردىڭ ، گاھىدا ئۆزۈمدىن قاتتىق يىرگىنىمەن . سىنى نارازى قىلىپ قىلغان ئىشىمغا ئۆكۈنىمەن . ئادەم دىگەن شۇنداق بولسا كىرەك ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن بىللە بۇلۇش ئىستىكىنى ، ئۇنىڭغا تەلپۈنگەن ھېسياتىنى ھېچىنىمە بېرەلمەيدىكەن ، شۇڭلاشىقىمىكىن تاڭ ، مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببتىمدىكى ئېچىرقىغان روھلار ، ھېسسياتلار مېنىڭ پۇشايمانلىرىمىنى روياپغا چىقارمايدۇ . گاھىدا مەنمۇ سۇباتقا ئوخشاش 22ياشلىق ۋاختىمغا قايتالىغان بولسام نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە دەپ خىيال سۈرۈپ كېتىمەن . لېكىن ، بۇ دېگەن بىر خىيال ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ؟ ھەر قېتىم ئەينەك ئالدىغا كەلسەم ۋۇجۇدۇمنى ئاچچىق بىر تۇيغۇ تاسقاپ ئۆتىدۇ . ھايات دېگەن شۇنداق بۇلىدىكەن ، ھەر كىمىنىڭ تەلپۈنگىنى ، ئارزۇ قىلغىنى ئوخشاش بولمايدىكەن . بەزىلەر ماددى جەھەتتىن گاداي بولسا ، بەزىلەر مەنىۋى جەھەتتىن گاداي ئىكەن ، ئىش قىلىپ بۇ جاھاندا بايلاردىن نامراتلار جىق ئىكەن . HAjg_ Ngfl  
ئىشىكتىن قورۇما كۆتۈرگەن كۈتكۈچى قىز كىرىشى بىلەن تەڭ ئۇنىڭ گېپى ئۈزلۈپ قالدى . كۈتكۈچى قىز قورۇمىلارنى تىزىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى . ئۇ ئالدىدىكى قورۇمىدىن بىر تىكە ئېلىپ ئاغزىمغا ئۇزاتتى . مەن چايناپ - چايناپ يۈتىۋەتتىم . ئۇ ئېغىر خورسىنىپ قۇيۇپ سۆزىنى داۋام قىلدى : !`Bey/bB,  
- ئىلگىرى ئۆزىدىن چوڭ كىشلەر بىلەن يۈرگەن قىزلارنى كۆرگىنىمىدە ،ۋۇ بۇزۇقلار، پۇلنى دىمىسە ئۇلارنىڭ كەينىدە پوق بارمۇ ئالدامچىلار ، دەپ ئۇلارنى تىللايتىم . بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاشۇ ئىش مېنىڭمۇ بېشىمغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۇلارنىمۇ چۈشەندىم . بەلكى ئۇلارنىڭ ئارسىدا پۇل ئۈچۈن مۇھەببەت باغلىغانلارمۇ باردۇ ، لېكىن مۇھەببەت ئۈچۈن ، چىن مۇھەببەت ئۈچۈن ئۆزدىن چوڭلار بىلەن ئارلاشىقانلارمۇ يوق ئەمەس . مەنمۇ ئۈزۈمدىن 20ياش كىچىك بولغان سېنى ياخشى كۆرۈپ قالدىمغۇ .......... بەزىدە مۇھەببەت ئادەمنى ئۆزىنى تۇنىيالماس قىلىپ قويدىكەن . بەزىدە شۇ مۇھەببەت ۋىجدان ، غورور دېگەنلەر بىلەن ھېساپلاشمايدىكەن. بۇنىڭ قىممتىنى، لەززىتىنى ئاشۇ مۇھەببەتىنى تاللىغانلار ئۆزى بىلشىدىكەن . دۇنيا رەزىللىشىپ كەتكەن مۇشۇ كۈنلەردە ئادەملەرمۇ ساختىلىشىپ كەتتى . لېكىن دۇنيادا ياخشى ئادەملەر ھېلىمۇ كۆپ. مەنمۇ ئۈزەمنى ياخشى ئايال دىيەلمەيمەن . سىنى ھېچ بىر جاۋابىڭىنى كۈتمەيلا ئۈزەمگە قارتىۋالدىم .ئەخلاق ،ۋىجدان دىگەنلەر بىلەن ھېساپلاشمىدىم. بۇ نىمە ئۈچۈن ؟ ھەممسى مېنى ئەسىر قىلغان ، ساڭا كۆيدۈرگەن ئاشۇ تەلۋە مۇھەببەتنىڭ كاساپىتى . سەندىكى سەمىمىيەت ، ئەرلەرگە خاس جەلىپكارلىق ، ئاق قۇنىڭ پېيىدەك ئاپپاق كۆڭلۈڭ ، ھەممسى قوشۇلۇپ مېنى ساڭا رام قىلدى . مېنىڭ سېنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغىنىم ساڭا ئايان . سەن مىنى ساڭا بولغان مۇھەببتىمدىن پايدىلىنىپ نىمە قىلساڭ قىلىۋېتەلەيتتىڭ ، بايلىقىمىغا قول ئۇزارتساڭمۇ قۇدىرتىڭ يېتەتتى . لېكىن ، سەن ئۇنداق قىلمىدىڭ مەن بەرسەم ئالدىڭ ، بولمىسا تا بۇ كەمگە كەلگۈچە مەندىن بىر پۇڭمۇ سورىمىدىڭ . ئاجىز ئاناڭ بىلەن ھەدەڭگە مەن پۇل ئەۋەتەيلى دېمسەم، چىش يېرىپ گەپ قىلمىدىڭ . دۇنيادا ساڭا ئوخشاش ئەركەكلەردىن يەنە قانچىسى باردۇ؟ ئۆزۈمگە ئايان ،مەن بىر قېرى تۇمۇچۇق ، سىنىڭ گۈلشىنىڭدە سايراشقا لايىق ئەمەسمەن . سۇبات ، قېنى دېگىنە ، سەن نىمىشقا مەندەك بىر قېرى تۇمۇچۇققا سۆيگۈڭنى بېرسەن؟ ^bea aStI  
- ..... ...... g( y9&wN  
- نىم بولدۇڭ ، گەپ قىلمايسەنغۇ . cJ?e|oy  
- بىلمەيمەن ، مېنى قىستىماڭ بولامدۇ ؟ pj->x*L`  
- نېمىشقا بىلمەيسەن ؟ .q*K!TnL@  
- مەن بۇ سوئالىنى ئۈزۈمدىنمۇ سورىغىلى ئۇزۇن بولدى . لېكىن ، قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تاپالمىدىم . سىزدىن گاھىدا نەپرەتلىنىمەن ، ئىچىمدە سىزنى مىڭنى تىللايمەن ، قارغايمەن ، بەزىدە بۇ ئۆيگە دەسىسگىممۇ كەلمەيدۇ . لېكىن ، يەنىلا كىلىپ قالىمەن . KZIHA[^on  
ئۇ جىمىپ كەتتى . .... ئارىدىكى جىمجىتلىق خېلى ئۇزۇن داۋاملاشىتى . 'w&6wvqF  
سۇبات ،- دېدى ئۇ بىر چاغدا ، - توغرا دېدىڭ ،مەندىن نەپرەتلىنشىڭ ، مېنى قارغىشىڭ بەرھەق. مەن سېنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسەڭنى ، بىر ئەركەك پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادىمىگىلا بېرىشنى خالايدىغان نەرسەڭنى رەھىمسىزلەرچە تارتىۋالدىم . مەن بىر ئەسىكى جادىگەر ، لېكىن ئەمدى سەن مېنى تىللىمايسەن . تىللاي دىسەڭمۇ يېنىڭىدا مەن يوق ، مەن ئەتە كاناداغا كەتسەم ، ئىككىنچى قايىتىپ كەلمەيمەن ، - ئۇنىڭ بۇ سۆزىدىن ھەيرانلا قالدىم . y2hfvcQao  
- نېمىشقا ئەمدى ؟ - ئۇ ئېغىر خۇرسنىپ قويۇپ ئېغىز ئاچتى . sGQ:T;qwYi  
- مەن بۇرۇن توي قىلىپ ، بىر يىلدىن كېيىن ئاجىرشىپ كەتكەنچە تا بۇ كەمگە كەلگۈچە توي قىلماي 22يىللىق ياشىلىق باھارىمنى تۇل ئۆتكۈزدۈم . نېمىشقا ئاجىرشىپ كەتكىنىمنى بىلەمسەن ، تەگكەن ئېرىمگە كۆڭلۈمنى بېرەلمىدىم . ئۇمۇ ماڭا كۆڭلىنى بىرەلمىگەنلىكىنى ، بىزنىڭ خاتا توي قىلىپ سالغانلىقىمىزنى ئېيتىپ ، ماڭا ئاجىرشش تەلىپىنى قويدى . مەن ئۇنىڭ بۇ تەكلىپىنى شەرتىسىز قۇبۇل قىلدىم . كىيىن ئۇ ئۆزىنىڭ شەخسى ئىگىلىكىدىكى كالا - قوي تېرىلىرىنى پىششقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىنى ماڭا قالدۇرۇپ ، دادىسى بىلەن كاناداغا كەتتى . ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسى شۇ يەردە مۇھاجىر بولۇپ ، چوڭ سودا قىلاتتى . كېيىن مەن يالغۇز قالدىم . ماڭا قانات سۆرەپ چالما ئاتىدىغانلار جىق چىقىتى . لىكىن ، مەن بىرنىمۇ قۇبۇل قىلمىدىم . قەلبىم كىمدۇر بىرىنى كۈتىۋاتقاندەك ، كۈتكەن ئادىمىم ھامان مېنى ئىزدەپ كېلىپ ۋىسالىمغا يىتىدىغاندەك تۇيغۇ ماڭا ئۈمىد ۋە ئىشەنىچ ئاتا قىلىپ ، قەلىبىمىنى گۈزەل ئارمانلارغا پۈركەيتتى . كىيىنكى كۈنلىرىم زاۋۇتنى تەرەققى قىلدۇرۇش ، پۇل تېپىش بىلەن ئالدىراش ئۆتتى .زاۋۇتمۇ تەرەققى قىلدى . مەنمۇ پۇل تاپتىم . ئاخىرى ۋىسال پەيتى يېتىپ كېلىپ سەن بىلەن تۇنۇشتۇم . سېنى سۆيدۈم ، ياخشى كۆردۈم ، قەلىبىمىدىكى كۈتكەن ئادىمىم ئەسىلى سەن ئىكەنسەن . ئەپسۇس ، مەن ئېرىشكەن بۇ بەخىت ماڭا ئۇزۇن نىسىپ بولمىدى . ئەمدى ھەممسسى تۈگىدى. مەن سەن بىلەن بىر ئۈمۈر بىللە ياشيالمايمەن . سەن بىلەن توي قىلشىممۇ مۇمكىن ئەمەس . بۇ ئەخلاق تېمىسىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىش . بەلكىم سەنمۇ مەندىن قۇتۇلىدىغانلىقىڭنى بىلىپ ئىچڭىدە خوش بۇلىۋاتقانسەن . بەلكى سىنىڭمۇ گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلىرىڭ باردۇ ، بىر كۈنى ئۇچۇرۇم بولغان قۇش بالسىدەك يېنىمدىن كەتكۈڭ كىلىدىغاندۇ ، سېنىڭ كۆز ئالدىمدىن كەتكىنىڭىنى كۆرگۈم يوق . سەن كەتكۈچە مەن كېتەي . شۇندىلا ئازراق بولسىمۇ ئازابلىرىم يىنىكلەر ، كىممۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىدىن ئايرىلسا ھەسرەت چەكمەيدۇ دەيسەن . ئايرىلغانغا ھېچكىم ئۆلمەيدۇ . بۇ راس . لىكىن ،ئايرىلىشنىڭ ئاچچىق ئازابى يۈرەكنى ياغاچ قۇرتىدەك غاجىلغان چاغدا ھىجراننىڭ قانداق يامانلىقىنى بىلىپ قالىسەن . ئۆتكەندە بۇرۇن ئاجىرشىپ كەتكەن يولدىشىم بىلەن ئۇچىرشىپ قالدۇق . ئۇ مېنى ئىزدەپ كەپتىكەن . ئۇمۇ تا ھازىرغىچە بويتاقكەن. ئويلاپ باقسا ئۇ مېنى ياخشى كۆرەرمىش . ئەينى چاغدا يىنىكلىك بىلەن چىقارغان قارارىغا پۇشايمان قىپتۇدەك ، نۇرغۇن ئاياللار بىلەن توي قىلىپتۇ ، لېكىن يەنىلا مېنى كۆرگەن كۆزدە كۈرەلمەي ئاجىرشىپ كېتىپىتۇ . ياش بىر يەرگە بارغاندا يارشىپ قالساق ياخشى بۇلاتتى ،ياخشى ئويلۇنۇپ تەلپىمىنى توغرا دەپ قارسىڭىز ماڭا ئۇچۇرنى بىرىڭ ، دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ منىڭ پۇلۇمنى كۆزلەمدىكىن دىسەم ، ئۇ مەندىن نەچچە ھەسسە باي . مېنى ياخشى كۆرەمدىكىن دىسەم تېخى 22يىلدىن كېيىن پولۇڭڭىدە پەيدا بولۇپ بۇ گەپنى دېدى. ئىش قىلىپ بۇلارنى بىلمەيمەن . دۇنيادا نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشۈنۈپ بولغىلى بولمايدىكەن . دېمسىمۇ راست ، مەيلى ياخشى كۆرەي ياخشى كۆرمەي ئۇنى تاللىغىنىم سەل ئۇرۇنلۇقمىكىن دەيمەن . مەنمۇ ۋاقتىدا توي قىلىپ بالا - چاقىلىق بولمسام كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى سەكراتقا چۈشۈپ قالسام بېشىمغا ياستۇق قۇيىدىغان ئادىمىم بولمسا بولماس ، ئۇمۇ ھەم شۇنداق ، تەغدىر پېشانەم شۇنداق پۈتۈلگەن بولسا كىرەك ، ئاناممۇ دادامنى ياخشى كۆرمەيدىكەنتۇق ، شۇنداقتىمۇ دادامغا تېگىپ مېنى تۇغۇپتىكەن . ئامال يوق . ۋىسال دىگەن سۆز تۇلىمۇ تاتلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ مەنزىلى ئاچچىق بۇلىدىغان ئشىلار جىقكەن . بوپتۇ سەنمۇ ھايات قوينىدا ياشاۋاتىسەن ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ، دۇنياغا تۇغۇلدۇقمۇ بەدەل تۆلىمەي بولمايدۇ . ھەر كىمىنىڭ ئويلىغنىدەك ئىش نەدە ، تەغدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوق ، - ئۇ جىمىپ كەتتى ........... M')'#I  
- يەنىچۇ ؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ ياشلانغا كۆزلىرىگە قاراپ .  Frv 8)o  
- يەنە دەيدىغىنىم يوق قالغىنىنى ئۈزەڭ چۈشىنىۋال - ئۇماڭا بىر پۇل كارتىسىنى ئۇزاتتى - ئالە ، بۇ ساڭا ئاتاپ قويغىنىم . مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بۇلاي دېدىڭ ، كېينكى تۇرمۇشڭغا پۇل كېتىدۇ . ئاپاڭنى ياخشى باقمساڭ تېخى ، ئالدىڭدا داۋانلار كۆپ ، يانچۇقۇڭدا پۇلۇڭ بولمسا غېرىپسىنىپ قالسەن . زاۋۇتنى سېتىۋەتتىم . ماشىنام بىلەن ئۆيۈمنى ساڭا قالدۇردۇم . مېنى سېغىنغان كۈنلەردە شۇلارغا قاراپ مېنى ئەسلەرسەن ، مانا ئاچقۇچ . ئەتە مېنى ئۇزۇتۇپ قويغىلى چىق ، قايتا كۆرۈشۈش بىزگە نېسىپ بۇلامدۇ -يوق ، بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ . سېنىڭ كەينىمدىن قاراپ تەلمۈرۈپ تۇرغىنڭىنى كۆرگۈم بار ، ناۋادا خالساڭ مۇئەللىمىڭدىن رۇخسەت سورا ... k!$jGT_q  
مەن ئىختىيارسىز يانفۇنۇمنى چىقىرىپ مۇئەللىمگە تېلېفۇن قىلدىم . L6!(Ojp E  
ئايگۈل بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئەنە شۇنداق ئاياغلاشىتى . .. q7UP(i`2K=  
تاڭ ئاتتى. ئۇنىڭ ئېغىر چامدانلىرىنى كۆتۈرۈپ پەسكە چۈشۋاتىمىز . ئۇ پەلەمپەيدىن چۈشۋاتقاندا ، كەينىگە تەكرار قارايتتى . ئۇنىڭ كەينىگە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىشلىرىدىن ماڭا قىيمىغانلىقى ، بۇ يەردىن كەتكۈسى يوقلۇقى چىقىپ تۇراتتى . 6MWYw-ocE  
ئايرۇپىلان كۆككە كۆتۈرۈلگەندە كۆزلىرىمگە ئىسىسق ياش كەلدى . مەن ئۇنسىز ئەمەس ، ھۆڭرەپ يىغلاۋاتقىنىمنى سەزدىم .
تۈگىدى...
[ بۇ يازماھىجران621تەرپىدىن2009-04-18 20:52دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+10(كۆمۈلگەن تۇيغۇ) ئۆزگىچە &nb ..
  • پۇل :+888(نىگارە808) سەل قىسقارتى ..
  • پۇل :+999(ئۇيغۇرشاھ) ھەقىقەتەن قە ..
  • پۇل :+33(ئىستىغپار) ئېسىــــل...
  • salkin mtv
    ئەدەبىيات سەن مىنىڭ بارلىغىم ساڭا خۇشاللىغىم ھەم ئازاپلىرىم سىڭىپ كەتكەن ...
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-16 21:56 |
    ئەزىزيانغىن
    مەڭگۈ يېنىپ تۇرىمەن !!!
    ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27990
    نادىر تېما : 14
    يازما سانى : 624
    شۆھرەت: 82 كىشىلىك
    پۇل : 502639059 سوم
    تۆھپە: 600 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
    قوللاش: 454 نومۇر
    ئالقىش: 1458 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دوستلار
    توردىكى ۋاقتى : 522(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇرۇن ئېلىۋالاي....چۇقۇم ياخشى ئەسەر . ئادىشىمنىڭ ...     
    سۈمەييە
    كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
    جاھان تۇرماق ھەتتاكى ئاسمان سىغىدۇ .
    ئەگەردە رەشىك ھەسرەت قاپلىسا ئۇنى ،
    تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ .
            __ئا. ئۆتكۈر
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:05 |
    erk uzun
    يولۋاس_خان
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 51104
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 415 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ئەسەر ئوخشايدۇ ، ئەمدى ئۇقۇپ چىقاي
    نارسىدە
    ﺩﻭﺳتﻠﯘﻕ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﭼﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰﺋﯩﻜﻜﻰﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺗۈﺭۈﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﻪﻟﻼ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺟﺎﻧﺎﻥ ﭼﯩﻨﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪﭼﯘﺷﯘﭖ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:09 |
    ئاتقۇچى
    دەرىجىسى : قىزىققۇچى


    UID نۇمۇرى : 27657
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 90
    شۆھرەت: 13 كىشىلىك
    پۇل : 395 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    قوللاش: 12 نومۇر
    ئالقىش: 12 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 30(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ياخشى ئەسەر ئەمەس...ئىسىل ئەسەر!!! 'W(Qpbr  
    ئىچىدىكى مۇڭنى بىرنېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ...
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:19 |
    بولاق ئۇزۇن
    ئۇيغۇر379
    ئالغا  ئالغا &n
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 1419
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 533
    شۆھرەت: 236 كىشىلىك
    پۇل : 595 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 87 نۇمۇر
    قوللاش: 78 نومۇر
    ئالقىش: 97 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 443(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-22
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك  ئىسىل  يىزىپسىز    رەھمەت  
    salkin mtv
    1.ئالغا ئالغا ئالغا باس
    2.ھەر  كىم  ئۆز   دەغدىرىنىڭ زەگاچىسى
    3.گۆھەر  ياتىدۇ  سايدا ،  تونىمىساڭ  نە  پايدا
    4.ئاللا  رەھمەت قىلسۇن
    5.مۇقەددىمەئۇيغۇرلار – ئۇزۇن تارىخقا ، مول مەدىنىيەتكە ئىگە ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمىي بىر مىللەت .
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:22 |
    www.nixan.cn
    يولۋاس_خان
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 51104
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 23
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 415 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -3 نومۇر
    ئالقىش: -5 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 22(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    رەھمەت سىزگە تېما ئىگىسى 4y%kO8_o5y  
      ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن
    salkin mtv
    ﺩﻭﺳتﻠﯘﻕ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺟﺎﻧﺎﻥ ﭼﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ . ﺋﯘﻧﻰﺋﯩﻜﻜﻰﺋﺎﺩﻩﻡ ﺗﻪﯓ ﻛﯚﺗۈﺭۈﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ .
    ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺳﻪﻟﻼ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﺎ ، ﺟﺎﻧﺎﻥ ﭼﯩﻨﻪ ﻳﻪﺭﮔﻪﭼﯘﺷﯘﭖ ﭘﺎﺭﻩ - ﭘﺎﺭﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ .
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:26 |
    www.nixan.cn
    ئىستىغپار
    تايانچىسىز ياشالمامسەن؟كېسەلچا
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 11637
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1596
    شۆھرەت: 2182 كىشىلىك
    پۇل : 12294 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1421 نۇمۇر
    قوللاش: 1438 نومۇر
    ئالقىش: 1530 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پال كۆز
    توردىكى ۋاقتى : 1693(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    Y4e 4^:>Y  
    tF^v5*5N;  
    تامدىم، ئۈزلۈكسىز تامچىلىماقتىمەن. شۇنچىلىك سۈزۈك ئىدىم. ئېغىر قەدەملىرىمنى سۆرەپ سەپىرىمنى داۋام قىلماقچى بولدۇم. ئۇ ھىجران سەپىرى، ئەلۋەتتە، ۋىسال لېۋىدە لىغىرلاپ تۇرغىنى مەن. ئۆتمۈش بارغانچە يىراقلاپ،ئۇنىڭ گىرىمسەن سايىسىلا قالدى. ئۇ گويا يىراقتىكى تۇمان، تۇمان ھامان يوقىلىدۇ. ئاھ، تۇمان ئىچىدىكى گۈزەل چۈشلەر، شاد ئىڭراشلار،،،،،،،،،،،،تۇمان بىلەن تەڭ يوقالماقچى. %QcRy[  
    تامدىم، سەن قەلبىڭنى قولۇڭغا ئالدىڭ. قۇپقۇرۇق قەلبىڭگە ئۈزلۈكسىز تامچىلايتتىم. غەمكىن كۈلۈمسىرىدىڭ. مەن ئۈزلۈكسىز تامچىلايتتىم، تامچىلاشنىڭ ئايقى چىقىدىغاندەك ئەمەس. تامچىلىغۇدەك ھالىم قالمىغۇچە تامچىلىدىم. سەن تامچىلاشتىن توختىغان چېغىڭدا جاھان تىمتاسلىققا چۆمدى. U3uL(>}\A!  
    <<خەير>> دېگەن سادا قەلىپ چوڭقۇرلىقىمىزدا ئۈنسىز جاراڭلاپ تۇردى . بۇ سادا شۇنچىلىك غەمكىن ئىدى. بۇ سادا ھىجران بۇلۇتلىرى ئۈستىدىن ھالقىيىتتى. z-JTpix  
    تېمىش ئاياغلاشتى.
    rgWs64  
    te_mR@c*9B  
    )`0shk5CD  
    @;(A.4/I  
    ئۇ كەتمەكچى بولدى. بىردەملىككە ئەمەس بەلكى مەڭگۈلۈككە، يۇلتۇزلار بىزدىن پەرىشان كۆزىنى ئۈزمەيتتى. |rm$Y\i  
    _ ماڭا نېمە ئامال؟ تەقدىرىمىز شۇنداق ئوخشايدۇ، ئەمدى سىز بىلەن كۆرۈشەلمەيمەن. z:{Q|p2[F  
    كۆز يېشىم تىمىپ چۈشتى، ئۇنى تىزگىنلەش ئىختىيارىمدا ئەمەس ئىدى، تېمىپ چۈشكىنى ئوت. mNJ ^PRc  
    __ تەقدىرنى ئۆزگەرتىش مۇمكىنغۇ، ئاتا _ ئانىڭىزغا.............. x0_ +G*}[  
    __ بولدى ، ئەمدى بۇنىڭ ھاجىتى قالمىدى  y } :S  
    ئۇنىڭ يىپەكتەك يۇمشاق، سۆيۈملۈك قولى تېمىپ چۈشۈۋاتقان ياشقا سوزۇلدى. مەن ئاچچىق ئىڭرىدىم. ئۆتمۈشتە مېنىڭ باغرىمدا گۈزەل چۈشىنى سۆزلىگەن قىز مۇشۇمۇ؟ ئەڭ بەخىتلىك شاھزادە سۈپىتىدە ياڭراتقان مەردانە چوقانلىرىمغا قۇلاق ياققان قىز شۇمىدۇ؟ c%9*^ Ho4  
    __ راسما؟ راس ئايرىلامدۇق؟ E{F`8n;2  
    __ راسىت، بۇ ئاخىرقى ئۇچىرشىشىمىز، تاڭ ئاتسىلا مەن باشقا ئادەمگە، باشقا بىر زېمىنغا تەۋە بولۇپ كېتىمەن، ياخشى _ يامان دېيىشكەن بولساق كۆڭلىڭىزدىن چىقىرۋېتەرسىز،،،،،،،،،،،،،،،،، :YPhVP$m  
    _ ئاھ،،،،،،،،،،،،،، 6}LGUuS:T  
    ئۇ بىرلا گەپنى تەكرارلايتتى، كۆزۈم ھېچنېمىنى كۆرمەيتتى. بېشىمنىڭ قانداقتۇر بىر يىرىدە سان_ساناقسىز ھەرە غۇڭۇلدايىتتى. vO@l$A^  
    __ خەيىر ئاللا بەختىڭىزنى بېرەر،،،،،،،،،، X]jc*mE Ok  
    ئۇ كەتتى،،،،،،،،،،،،،، \9tX/Q7j$  
    سوغۇق ھەم سۈپسۈزۈك كۆز يىشى ئۈزلۈكسىز تامچىلايىتتى ،،،،،،،،،،،،،،تامچىلاۋاتقىنى ھىجران ئىدى
    /0@3_  
    DRm+5$-  
    q86Mu<%Oq  
    "]q]D,fM^  
    سۆيگۈڭنى بەر ، بەرمىگىن ھىجران . . .
    [ بۇ يازمائىستىغپارتەرپىدىن2009-04-16 22:53دە قايتا ]
    salkin mtv
    مەن تۇغۇلۇپلا ھايات ئاپتۇبۇسىغا چىقىپ،ئۆلۈم بېكىتىگە قاراپ مېڭىپتىكەنمەن،ھازىرغىچە بۇ يولنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمەن.يەنە قانچە بېكەت قالغانلىقىنى بىلمەيمەن....بىز ئىككى بىكەت ئارىلىقىدىكى يولۇچى،خالاس...!
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 22:37 |
    www.nixan.cn
    كۇكلەم520
    http://rasim.cn/uy/rasim/5/www
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 7262
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1376
    شۆھرەت: 1389 كىشىلىك
    پۇل : 7506 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1254 نۇمۇر
    قوللاش: 1261 نومۇر
    ئالقىش: 1341 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 377(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-11-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     Re:ھىجران (ھىكايە)

    تەكرار تىمىمۇ قانداق،بۇرۇن ئوقۇغان
    salkin mtv
    بىلىپ سۆيگىن كىيىن ئىچىنما،بىلىپ تاشلا كىيىن سىغىنما.
    كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ،
    كۆڭۈل ھەر جايغا باشلايدۇ.
    سەمەرقەنىتنىڭ ئالمىسدەك،
    ئاپىرىپ چۆللەرگە تاشلايدۇ.
    دادامنىڭ دائىم ئىتىدىغان بۇ سۆزىنى چۈشەنگەندە مىڭ ئەپسۇس،مەن بەكلا كىچىككەن ئىكەنمەن ئەمەسمۇ.......................
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 23:20 |
    يالقۇن1215
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 15043
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 59
    شۆھرەت: 211 كىشىلىك
    پۇل : 470 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 206 نۇمۇر
    قوللاش: 206 نومۇر
    ئالقىش: 206 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 990(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-06-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ بۇرۇن  ئۇقىغان ،  ئەممالىكىن ھىكايىدەكلا ھىكايە بۇ. بەك ئېسىل يېزىلغان.
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-16 23:40 |
    كارامەت
    تىرىشمىساڭ بېكا
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 7785
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 554
    شۆھرەت: 342 كىشىلىك
    پۇل : 1027 سوم
    تۆھپە: 70 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 14 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كورلا
    توردىكى ۋاقتى : 1486(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى ھېكايە ئىكەن نادىرلانغىنى ياخشى بۇپتۇ .تېخىمۇ كۆپ تورداشلار كۆرەلىگۈدەك.
    salkin mtv
    ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ.
    -----------ئابدۇقادىر داموللا
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 00:04 |
    ئېنتىل
    كۆيگەن يامانمۇ كۆنگەنمۇ
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە باشقۇرغۇچى
    دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


    UID نۇمۇرى : 9691
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 1672
    شۆھرەت: 2040 كىشىلىك
    پۇل : 2146612045 سوم
    تۆھپە: 539 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1762 نۇمۇر
    قوللاش: 1782 نومۇر
    ئالقىش: 1289 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
    توردىكى ۋاقتى : 440(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-15
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    توغرا تەكرار تېما لېكىن مانىڭدىن ئېسىل تېمىنى تاپقىلى بولمايدۇ .. \&xc *C~  
    c 
    مەن يەنە قايتائۇقۇپ چىقتىم بۇتېمنى ............
    salkin mtv
    ئىزچىل تىرىشىش، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەش مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 00:05 |
    شەرىقلىق
    كۆكخان
    ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : پىشقەدەم


    UID نۇمۇرى : 7865
    نادىر تېما : 4
    يازما سانى : 1389
    شۆھرەت: 3455 كىشىلىك
    پۇل : 1945 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 1745 نۇمۇر
    قوللاش: 1431 نومۇر
    ئالقىش: 2989 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
    توردىكى ۋاقتى : 3627(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-18
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇنبەردە بىر قېتىم يوللانغان تېمىكەن ، شۇنداق بولسىمۇ قايتا ئوقۇپ قويغۇچىلىكى بار .  
    salkin mtv
    ئۆتمۇشى غۇۋا مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ
    قۇمۇللۇق سەلكىنداشلار مەرھەمەت . 83205861   . ھەممىمىز قېرىنداش
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 00:25 |
    adiljan504
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46772
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 7
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 121 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-17
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋاي ئاداش بۇ ئەسەرنى ئاخىرى تورغا چىقىرىپسەن دە !!!!! Q^8\axl x  
    بەك ياخشى يىزىپسەن .ئاداش ....تىخىمۇ غەيرەت قىل ! iS 
    مەن ئوقۇپ تولىمۇ تەسىرلەندىم ....
    salkin mtv
    Adiljan504
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 02:22 |
    ئايگۈلۈم0997
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 48802
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 205
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 906 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 209(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-19
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن.تىل ،مۇھىت تەسۋىرى،پېرسۇناژلار تەسۋىرى بولسۇن ھەممىسى شۇنداق ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ.   ئاپتورنىڭ ئچكى ھىسياتىنىمۇ ناھايىتىمۇ ئۇچۇق يۇرۇتۇپ بىرىپتۇ.
    salkin mtv
    ئاتا-ئانام باشقىغا باش ئەگمىسۇن.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 04:44 |
    نىگارە808
    http://www.negarim.cn
    ئالىي ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) يازما يوللاش ئۇستىسى
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 8
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 12198
    شۆھرەت: 8611 كىشىلىك
    پۇل : 65326673 سوم
    تۆھپە: 564 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: مۇنازىرە
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-18
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل ئەسەر،لېكىن قارىسام سەل قىسقارتىۋەتكەندەك قىلامسىز قانداق؟لېكىن ئەجرىڭىزگە رەھمەت،ئىملا خاتالىقىغا بەكرەك دېققەت قىلىڭ ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويدۇم.
    salkin mtv
    http://www.negarim.cn سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ.
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-17 08:16 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر