سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
تىلماچ
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 16069
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 3 كىشىلىك
پۇل : 264 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 21 نۇمۇر
قوللاش: 21 نومۇر
ئالقىش: 21 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 312(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-07-01
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 3 چوڭ توسالغۇ كەلتۇرۇپ چىقرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى سەلكىن نادىرلىدى .(2009-04-13)
-P!Mz&  
3 چوڭ توسالغۇ كەلتۇرۇپ چىقرىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر توغرىسىدا SzQ)g|7;  
ئىلمى تەرەققىيات قارىشىنىڭ يادروسى-ئادەمنى ئاساس قىلىشتا.بۇ نۇقتىنى ئالدىنقى ماقالىدە ئىنىق شەرىھلەپ ئوتكەن ئىدۇق،بۇ يەردە يانا قايتا سوزلەش بىھاجەت دەپ ئويلايمەن . =DAToI2L  
تەكىتلەش زورور دەپ قارايدىغىنىم شۇكى ،ئىلمي تەرەققىيات دىگەنلىك ،ھەر قانداق شەيىئئ ۋە جىسىمنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى تەبىئئ قانونىيىتى ئارقىلىق ئىش قىلىش ۋەتەرەققى قىلىش دىگەنلىك بولغاچقا ،قوش تىللىق ئوقو-ئقوتۇش ئىشلىرىنى يولغا قويغاندا، بىزچوقوم شۇ قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇشنىڭ ئوبىكتى بولغان ،ئەقلى، ئەخلاقى، جىسمانى جەھەتتە ئوسۇپ يىتىلىۋاتقان،ئاق-قارىنى پەرىق ئىتىش ئىقتىدارى تىخى تولۇق شەكىللەنمىگەن،ھوقوق-مەنپىئەتى قانون تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان سەبى،ئوسمۇر پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ ئىچكى ،تەبىئئ قانونىيىتى بويىچە ئىش كورىشىمىز لازىم .ئەلۋەتتە .ئاتاغلىق رۇس پېداگوكى ك.دئۇشىنىسكى ئانا تىلنى(ئەڭ ياخشى خەلىق ئوقۇتقۇچىسى ) دەپ تەرىپلىگەن .قەدىمكى ئوتمۇشتە كىتابمۇ، مەكتەپمۇ بولمىغان چاغدا،ئاناتىل ياش ئەۋلاتلارنى ئۆز جىسمىدىكى قانونىيەت بويىچە تەربىيەلەپ ئوستۇرگەن ،ئۇلارغا بىلىم-ئىلىم ئۇگەتكەن ،ئانا تىل بۇ ۋەزىپىنى ھازىرمۇ ئادا قىلىۋاتىدۇ ،بۇنىڭدىن كىيىنمۇ چوقوم ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدۇ .مانا بۇ ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ كومولمەس بۇيۇك توھپىسى . ~V 6VLP  
ئاساسى مەخسەتكە كەلسەك،سەبى ئوسمۇر بالىلارنىڭ ئىچكى ماھىيەتلىك تەبىئئ قانونىيەتلىرى ئارقىلىق ئىش كورمەي ،يەسلى ما ئارىپىدىن باشلاپ قوش تىللىق ئوقو-ئوقوتۇشنى يولغا قويغاندا،توۋەندىكىدەك توسالغۇلار يۇز بىرىپ يامان ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىدۇ : d3?PHg  
1.تەپەككۇر تو سالغۇسى .تەپەككۇر دىگەن نىمە ؟(1)ئادەم مېڭىسىنىڭ رىئاللىقنى ئوموملاشتۇرۇپ ئىنكاس قىلىشى،ئوبىكتىپ ۋەقەلىك ھەققىدىكى چۇشەنچە، تەسەۋۇر. %\iU^c<  
(2)پىكىر يۇرگۇزۇش،مۇھاكىمە قىلىش،ئويلاش ،خىيال قىلىش دىگەنلەرنى كورسىتىدۇ .دىمەك تەپەككۇر-پىكىر قىلماق ،ئويلىماق دېمەكتۇر .[[تىل]]--تەبىئئ يەنى فىزىئۇلۇگىيەلىك جەھەتتىن ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ ئاغزىدىكى بىر ئەزاسى ،ئۇندىن باشقا [ئاۋاز}،{ئۇن} دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۇرىدۇ .ئىجتىمائي جەھەتتە تىل پەقەت ئالاقە قورالىلا ئەمەس،ئۇ يەنىلا مەدەنىيەت توشۇغۇچى،مىللى ھىسسىياتنىڭ بەلۋېغى ،مىللەتنى تونۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.ئنسانلارمەدەنىيىلىكىنىڭ مۇھىم نەتىجىسى. }n0M !"  
ياكوپ گىرىم مۇنداق دەيدۇ :بىر مىللەتنىڭ تىلى ئوز نوۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر ،بىر مىللەتنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئۇستىخان-سوڭەك،قەبرە ،كېپەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇجانلىق بىر پاكىت باركى،ئۇ بولسىمۇ تىلدۇر . ]}a30br  
تىل تەتقىقاتچىلىغىدا تىل-تەپەككۇرنىڭ قورالى چۇنكى تىلسىز كىشىلىك جەمىئەت بولمىغاندەك ،تەپەككۇرسىز تىلنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ . تىل تەپەككۇر نىڭ قورالى بۇلۇپلا قالماي ،تەپەككۇر بارلىققا كىلىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر ،تىل-ئەقىلنىڭ ئەينىگى،تەپەككۇرنىڭ ئاپپاراتىدۇر .تىل-تەرەققياتنىڭ بىر خىل ئىجتىمائي ھادىسىيىسى ،تەپەككۇر ئوخشاشلا ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگۇلىرىنىڭ بىرى.ئىنسانلارتەپەككۇرىنى پەقەت تىل ئارقىلىق ئىپادڭلەيدۇ مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ ھايۋانلاردىن پەرىقلىنىدىغان ئەڭ تۇپكى ئالامەتلىرى .مۇشۇ نۇقتىدىن ئېيىتقاندا تىل دىگەن سوزلەپ تۇرغان تەپەككۇر ،تەپەككۇر دىگەن ئۇنسىز تىلدۇر . تىل مىللى خاسلىق بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ ،مەدەنىيەت پەرقىنى تۇزىدىغان ئاساسلىق ئامىللاردىن تىل، ئىدىيە،ئېتىقاتلارمىللى تەپەككۇر شەكلى سۇپىتىدە ئۇزاق زامانلار داۋامىدا گىن بەلگىسى بوپ قالىدىكەن . بىز(ئۇيغۇرلار)تەپەككۇر قىلغاندا ئەلۋەتتە ئوزىمىزنىڭ لىكسىكىمىزدىن ،گىرامماتىكىلىق تەرتىپلەردىن ،مۇرفولۇگىيەلىك سوز ياساش قوشۇمچىلىرىدىن ئايرىلالمايمىز بۇ بىزنىڭ مىللى خاسلىقىمىز ،بۇ بىزنىڭ مىللەت گىنمىز ، بۇ بىزنىڭ تىل تەپەككۇر يولىمىز ،ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنىڭ لىكسىكىسى (سوزلۇكلىرى)،گىرامماتىكىسى ،سوز ياساش قوشومچىلىرى بىر بىرىگە تۇپتىن ئوخشىمايدۇ ،ئىككى مىللەتنىڭ مۇشۇنداق ئوزىگەخاس تىل قۇرۇلمىسى ،تىل تەپەككۇرى بۇ ئىككى مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يىلتىزى .بىز تەپەككۇر قىلغاندا ئەڭ ئەقەللىسىئ ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى بويىچە ئىگە-ئىنىقلىغۇچى تولدۇرغۇچى-ھالەت- خەۋەر تەرتىۋى بويىچە تەپەككۇر قىلىمىز لىكىن خەنزۇ تىلى بويىچە تەپەككۇر قىلغاندا بۇنداق جۇملە تەرتىۋىگەھەرگىز چۇشمەيدۇ ،سەبى پەرزەنىتلىرىمىزنىڭ 3ياشقا توشقان ۋاختى ئوز ئانا تىلنى ئۇگىنىدىغان ئالتۇن دەۋرى ھەم يەسلىگە كىرىدىغان ۋاختى.ئۇلار ئوز ئانا تىلنى ئەمدىلا ئۇگىنەي دىگەندە ئۇلارغا خەنزۇ تىلىنى ئۇ گىتىش ئۇلاردا دەرھال تەپەككۇر توسالغۇسىنى كەلتۇرۇپ چىقرىدۇ--دە،ئۇلار يا ئوز ئانا تىلىنى ياخشى ئۇگىنەلمەيدۇ يا خەنزۇچىنى ياخشى ئۇگىنەلمەيدۇ ،بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى كاللىسى ئىشلەيدىغان ھەرقانداق ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ ،ھورمەتكە سازاۋەر،پىشقەدەم پېداگۇك مەھمۇت ئىلياس ئىدىقۇتلۇق{تىل ۋە ئادەمنىڭ تەرەققىياتى }دىگەن ماقالىسىدەئوخشاشمىغان مىللەتلەرنىڭ تىل تەپەككۇرىنىڭ پەرقى توغرىسىدا مىسال كورسىتىپ مۇنداق يازىدۇ:{تىل مىللەتنىڭ ئوزىگە ئوخشاش شۇنداق خاسلىققا ئىگە ئىكەنكى ،بەزىدە بۇ خاسلىق زىيادەئۇزگىچىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن،بىر مىللەت تىلىدىكى مەلۇم بىر ئۇقۇمنى باشقا بىر تىل ئاسانلىقچە ئىپادىلەپ بىرەلمەيدۇ .ئۇيغۇر تىلىدىكى((داستىخان))دىگەن سوزنى ئېلىپ ئېيىتساق،تاماق ۋاختىدا شىرەگە ،نەزىر-چىراغ،توي-توكۇنلەردەپالاز،كىگىز،گىلەمنىڭ ئۇستىگە،دىھقان ئايال ئېرىگە يىمەكلىك ئاپارغاندا ئوت-چوپ ياكى داق يەرنىڭ ئوزىگە بىۋاستە سېلىنىدىغان،ئادەتتىكىچاغلاردانان قاتارلىق قۇرۇق يىمەكلىكلەر يوگەپ قويىلىدىغان بۇ بىر پارچە رەخىت داستىخاننىڭ يەنە باشقا قوللىنىشلىرى بارلىقىنى بىلىمىز. ((داستىخىنى چوڭ))دىگەن ئىبارىنىڭ مېھماندارچىلىققا ئەھمىيەت بىرىدىغان ئادەمنى،((ئالدىلىرىغا داستىخان سالاي))دىگەن ئىبارىدىن سوزلىگۇچىنىڭ مېھمان قىلىپ كۇتۇۋىلىش ئويى بارلىقىنى،((داستىخىنىمىزغورىگىل بوپ قالدى))دىگەن جۇملىنىڭ ((ياخشى كۇتۇۋالالمىدىم)) دىگەن مەنىسى بارلىقىنى ،((داستىخان قىلىپ بارىمەن)) ياكى((داستىخان كىرگۇزمەكچى)) دىگەن ئىبارىلەرنىڭ تۇققان،قۇلۇم-قوشنىلار ئارىسىدىكى ئادەمگەرچىلىك-يوقلاش ئىشلىرىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز .مانا مۇشۇ ((داستىخان)) نى باشقا بىر مىللەت تىلىدا بارلىق مەنىلىرى بىلەن تۇلۇق ئىپادە قىلىش توغرا كەلسە ،ئۇنىڭغا مۇناسىپ بىر سوزنى تېپىش ،ئەگەرسىزخەنزۇ تىلى ياكى ياپون ۋەباشقا بىرەر تىل مۇتىخەسىسى بولسىڭىز ،ئۇنىڭ ئۇنچىۋالا ئاسانغا چۇشمەيدىغانلىقىنى ،ھەتتا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىسىز . ئۇيغۇر بالا ئوز ئانا تىلدىكى بۇ ((داستىخان))دىگەن سوزنى ئۇگەنگەندە ،ئۇ بىر پارچە رەخىتنىلا ئەمەس ،ئوز مىللىتىنىڭ غىزالىنىش تۇرمۇش ئادىتى،مېھماندارچىلىق،كىشىلىك مۇناسىۋەت ، بىرىش-كىلىش يۇسۇنلىرىنى چۇشىنىۋالىدۇ...} >!b SUw&&  
\b*d2L  
يەسلى يىشىدىكى بىر خەنزۇ بالىنى يەسلىدەئۇيغۇرچە ئۇگىنىشكە قىستىساق ، ئۇ بالا بۇنىڭ ئۇچۇن قانچىلىك بىلىم، ھىس-تۇيغۇ ،پىكىر ،لوگىكىنى بىلىشكە توغرا كىلەر؟ يەسلى يىشىدىكى بىر ئۇيغۇر بالىنى ئوخشاشلا خەنزۇچە ئۇگىنىشكە زورلىساق ، ئۇ بالا بۇنىڭ ئۇچۇن قانچىلىك بىلىم، ھىس--تۇيغۇ ،پىكىر، لوگىكىنى بىلىشكە توغرا كىلەر؟خەنزۇ يولداشلاردا مۇنداق بىر ئېدىيۇم بار:پىچاقنى ئوزەڭگەسال ،ئاغرىمىسا كىشىگە. خۇلاسە شۇكى ،تىل --سوزلەپ تۇرغۇچى تەپەككۇر ،تەپەككۇر--ئۇنسىز تىلدۇر تىل بىلەن تەپەككۇر قان بىلەن گوشتەك بىر بىرىدىن ئايرىلالمايدۇ ،تەپەككۇر توسالغۇغا ئۇچرىسا تىل ئۇگىنىشمۇ ئوخشاشلا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ،تەدبىر- چارىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىق سەۋەبى بىلەن ياخشى نىيەتلىرىمىز يامان ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ . |d{\0~me  
2.پىسخىك توسالغۇ : qL#x!yE  
ساغلاملىق--پىسخىك ساغلاملىق ،جىسمانى ساغلاملىق ،ۋە ئىجتىمائي ئىقتىدارنىڭ مۇكەممەللىكىنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ .پىسخىك ساغلاملىق ئىنسانلارنىڭ ساغلام ياشاپ، ئۇزۇن ئومور كوررۇشىدە ھەل قىلغۇچ شەرىتۋە مۇھىم كاپالەت ھىساپلىنىدۇ . ئادەم جىسمانى ساغلاملىقنى ساقلاپلا قالماي ،تېخىمۇ مۇھىمى پىسخىكىلىك ساغلاملىقنى ساقلىيالىغاندىلا ، ھەقىقى ساغلام ھىساپلىنىدۇ . n Q/tQxz  
ئادەملەردىكى پىسخىك تەڭپۇڭلۇق ئادەمنىڭ مەلۇم ئىېھتىياجىنىڭ قاندۇرۇلغان چىغىدىكى پىسخىك ھالىتىدىن ئىبارەت بولۇپ ،ئادەمنىڭ پىسخىك زىددىيىتىنىڭ تونۇش ۋەھىسسىيات جەھەتتە ھەل بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ،ئادەم بىلەن مۇھىتنىڭ ماسلاشقانلىغىدىكى بىر خىل ئىنكاس . 2z(x7Xr  
قوش تىللىق ئوقو- ئوقوتۇش ئىشلىرىنىڭ ھازىرقى ئەمىلى ئەھۋالىدىن قارىغاندا ، يەسلى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى بالىلاردا كورۇلگەن تەپەككۇر توسالغۇسى زەنجىرسىمان تەسىرقوزغاپ ،بالىلارداپىسخىكىلىك زىددىيەتلەرنى قوزغىماقتا .بۇنىڭ تېپىك ئىپادىلىرى :تېڭىرقاش ،جىددىلىشىش ،قورقوش ،غەزەپلىنىش ،قورۇنۇش ،ياتسىراش ،جىمىغۇرلۇق ، ئوقوشتىن بىزار بولۇش ھەتتا ئوقوشتىن ،مەكتەپتىن قىچىش قاتارلىق بولۇپ،نۆۋەتتە ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يەتكۇزمەكتە. Sj~/c+f  
3.جىسمانى توسالغۇ . 7mpL%fl  
جىسمانى ساغلاملىق ئادەملەر سالەمەتلىكىنىڭ مۇھىم شەرتى ۋە كاپالىتى. OEClxVh~  
ئادەملەر ئۇزىنىڭ پىسخىكىسىنى دائىم تەمكىن ،مۇتىدىل ھالەتتە ساقلىيالىغاندىلا نۇرغۇن جىسمانىي كىسەللىكلىكلەرنىڭ يۇز بىرىشىدىن ساقلانغىلى ،ياكى يۇز بىرىشنى ئارقىغا سۇرگىلى بولىدۇ. باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى قوش تىللىق ئوقۇتۇش شارائىتىىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا يۇقىرىدا سۇزلەپ ئۆتكىنىمىزدەك پىسخىك كىسەللىكلەرنىڭ يۇز بىرىشى ئۆز نۇۋىتىدە بالىلاردا جىسمانى توسالغۇلارنى-كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ .مىجەز خۇلق بىر ئادەمنىڭ >K\5 s~E1  
پۇتكۇل روھې قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بىرىدۇ. مىجەز خۇلىقنىڭ ئۆزگىرىشى ئەمدىلا ئاغزىدىن ئانىسىنڭ سۇتى كەتمىگەن بالىلاردا پىسخىك زىددىيەتلەرنى پەيدا قىلىپ،جىسمانى كىسەللىككە ئىلىپ بارىدۇ .بىر مۇنبەردىشىم ئاتەش ماكاندىن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە يوللىغان ماقالىسىدە شىنجاڭ گىزىتىدىن مۇنداق بىر ھىكمەتنى سۆزلىگەن يەنى (چەتئەل تىل ئۈگىنىش-ئادەمنىڭ مىجەز خۇلقىنى ئۆزگەرتىدۇ.) خەنزۇ تىلى گەرچە چەتئەل تىلى بولمىسىمۇ،لىكىن ئۇ بىر مىللەتنىڭ تىلى ،بىزنىڭ ئانا تىلىمىز ئەمەس.مۇشۇ ھىكمەتلىك سۆزدىن قارىغاندا زادى قانداق بولىشىدىن قەتئىينەزەر باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى ئۈگۇنىشتە بولۇپمۇ سەبئ ئۆسمۇر بالىلارغا نىسبەتەن تىل ئۇگۈنۇشنىڭ مۇۋاپىق ۋاختىنى ئىگەللىمەسلىك سەبى ئۆسمۇر بالىلارغا يامان ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدۇ. N_fhk*X3  
خۇلاسە شۇكى تەپەككۇر توسالغۇسى زەنجىرسىمان تەسىر قۇزغاپ پىسخىك كىسەللىكلەرنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ.پىسخىك توسالغۇمۇ جىسمانى كىسەللىكلەرنى پەيدا قىلالايدۇ.جىسمانى كىسەللىكلەرمۇ پىسخىك توسالغۇلارنى پەيدا قىلالايدۇ.بۇنى تەكىتلەشتىن مەخسىدىم شۇكى بۇ ئامىللارنىڭ <<ئايلانما سەۋەپ-نەتىجە>>مۇناسىۋىتىدە ئۆز-ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇش.يۇقىردا سۆزلەنگەن ئۇچ چوڭ توسالغۇنىڭ ئىلىپ كىلىدىغان يامان ئاقىۋەتلىرىنى داۋاملىق ئىزدىنىشىمىز تەتقىق قىلىشىمىز لازىم. 4aN3o,`~  
ئۆتكەن يىلى خەيكو شەھىرىدە ئىچىلغان مەملىكەتلىك مىللى تىل يىزىق خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇ مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى:مىللى تىل يىزىق خىزمىتى - دۆلتىمىزنىڭ ھەر دەرىجەلىك خەلق ھۆكۇمەتلىرىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسەت،قانۇن -نىزاملىرىنى ئاساس قىلىپ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن تىل-يىزىق ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۇرۇپ،ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل -يىزىق باشقۇرۇش جەھەتتىكى تۈرلۇك پائالىيەتلىرىدە ماركىسىزىملىق مىللى تىل يىزىق باراۋەرلىكى پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ،ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىل-يىزىقىنى قوللىنىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش جەھەتتىكى ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۇرۇش--------دۆلىتىمىزنىڭ مىللى تىل يىزىق خىزمىتىنىڭ تۈپ يىتەكچى ئىدىيىسى. WOL C|'  
بىز پارتىيىنىڭ بۇ تۇپ يىتەكچى ئىدىيسىنى قىبلىنامە قىلىپ،ئىلمى تەرەققىيات قارىشنى قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا يىتەكچى قىلىپ،ئەمەلى ئەھۋالنى ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ،كۆپ تىل ئىناقلىقى ئاساسىدىكى تىل ھاياتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىشىمىز لازىم. Nx?.T\QJ1  
مەن قوش-تىل ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرنى سەبى ئۆسمۇر بالىلارنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى تەبىئىي قانۇنىيىتىگە ئاساسەن ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 4-سىنىپىدىن باشلاپ يولغا قويۇش كىرەك دەپ ئويلايمەن. مۇنبەرداشلارنىڭ بۇ تىمىغا ئىنكاس يازغاندا ئىلمىي مۇھاكىمە قىلىش پوزىتسىيىسىدە بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. dK8bRM]s`?  
بۇ ماقالىنىڭ كۆچۇرۇلمىسنىڭ بىر نۇسخىسى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىگە،بىر نۇسخىسى قوش تىللىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى تەتقىقات ئورنىغا يوللاندى. ILsNb1 M  
K|l -Ucv[r  
@92/i;| >  
6/qalU PG  
تېما تەستىقلىغۇچى : سەلكىن
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-04-13, 15:28
salkin mtv
ئانا تىل ...
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-04-13 22:31 |
كىروران~يىگىتى
خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى!
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 666
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 1897
شۆھرەت: 1449 كىشىلىك
پۇل : 513567 سوم
تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1622 نۇمۇر
قوللاش: 1410 نومۇر
ئالقىش: 1280 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 489(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۈچ چوڭ تۇسالغۇ.....
سۈمەييە
-كىروران يىگىتى(خەلق ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى)
ئاغزىدا سىنى قوللايدىغانلار،
ئىڭىشىپ سالام يوللايدىغانلار.
كەشىڭ سىڭايەن كەتكەندە،
ئۇ چۇقۇم سىنى پۇتلايدىغانلار.
1.ئۈزىمىزنى ھەم كىينىكى ئەۋلاتلارنى زور بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ،چەتئەلدىكى داڭلىق ئونۋىرستلاردا ئوقۇشىمىز ھەم ئۇقۇتۇشىمىز كىرەك. 3.دۇنيانى پەقەت تەبىئى پەنلەر ھەم ئىجتىمائى پەنلەرلا تەرەققى قىلدۇرالايدۇ....ھەرگىزمۇ ساۋاتسىز قاراقۇرساقلار  تەرەققى قىلدۇرالمايدۇ!!!  4.بەش پەرزەنتىم بولسا:قانۇن ،بىناكارلىق،سىياسىيشۇناسلىق، بىئو-خىمىيە،تىببى پەنلەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئونۋانىغا ئىرىشتۈرسەم دەپ ئاللادىن تىلەيمەن...بۇ ئۇلۇغۋار نىشانلىرىم ئەمەلگە ئاشسا ...بۇ دۇنيادا ئارمانىم يوق ئىدى.
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-13 23:43 |
erk uzun
913
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 42263
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 70
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 75 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
قوللاش: -2 نومۇر
ئالقىش: -2 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-25
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

پىچاقنى ئوزەڭگەسال ،ئاغرىمىسا كىشىگە.   
نارسىدە
بىر اللا  دىن تىلەيمەن. بىزنىڭ قەلبىمىزنى دۇرۇس ۋە پاك قىلغىن، شەكسىزكى بىز سەن بىلدۈرگەندىن باشقىنى بىلمەيمىز.. بىزنى چۈشكۈنلۈكتىن ،رەزىللىكتىن ساقلىغىن....................
                                             _____913
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:09 |
ئالتۇن0903
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11849
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 122 كىشىلىك
پۇل : 1074 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 141 نۇمۇر
قوللاش: 95 نومۇر
ئالقىش: 168 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇنىڭغا بولغان مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىنكاسنى بىز يەنىلا كۈتىمىز .پۇلغا ھەممىنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ .  ..
پەن بىلەن دىن ئارىسىدامۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت يوق.تېنىمىز بىلەن دىلىمىز ئوتتۇرىسىدا ھايات -ماماتلىق تاللاش بىھاجەت،تېخنىكا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا<<سىەن تۇر،مەن تۇر>>دېگەن تاللاشلارنىڭ بۇلۇشى ھاجەتسىز.
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:14 |
بولاق ئۇزۇن
ئالتۇن0903
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 11849
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 8
شۆھرەت: 122 كىشىلىك
پۇل : 1074 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 141 نۇمۇر
قوللاش: 95 نومۇر
ئالقىش: 168 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 430(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-31
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭ يازما سانىم ئىككى ئەمەستى ھەمىسى يۇقاپتۇغۇ .
salkin mtv
پەن بىلەن دىن ئارىسىدامۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت يوق.تېنىمىز بىلەن دىلىمىز ئوتتۇرىسىدا ھايات -ماماتلىق تاللاش بىھاجەت،تېخنىكا بىلەن ئىبادەت ئوتتۇرىسىدا<<سىەن تۇر،مەن تۇر>>دېگەن تاللاشلارنىڭ بۇلۇشى ھاجەتسىز.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 00:18 |
www.nixan.cn
سالام~دوستلار
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 54125
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 103 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-14
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

           مائارىپ --  مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىپادىسى. ئانا تىل -- مىللىي مائارىپنىڭ جان تومۇرى. ئانا تىلدىن باشقا تىلنى ئۆگىنىش -- ئىلغار مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىش، يېڭى - يېڭى بىلىملەرنى ئگەللەش، يات تىلدىكىلەر بىلەن ئۆز ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشتا ئەۋزەل شارائىت ھازىرلاش... قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ -ئەلۋەتتە. لېكىن بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئاساسىدا بولىشى كېرەك. تېمىدا دېيىلگەندەك تەپەككۈر- پىسخىك- جىسمانىي جەھەتلەردىكى توسالغۇلارنى نارسىدە پەرزەنتلىرىمىز ئالدىغا  رەھىمسىزلەرچە، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ تاشلاپ بېرىشكە ئەلۋەتتە بولمايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، مىللىي مائارىپ << جان تومۇر >> ىدىن ئايرىلىدۇ، مىللىي خاسلىقتىن، كەلگۈسىدىكى مىللىي مەۋجۇتلۇقتىن سۆز ئېچىش ئەسلا مۈمكىن بولمايدۇ خالاس!!! ~>uzQ0 n  
          تەرەققىياتنىڭ مەقسىدى ھەرگىزمۇ  توسالغۇ پەيدا قىلىش ئەمەس، بەلكى توسالغۇلارنى پاكىز تازىلاپ، ئىلمىي ۋە " ئەقىلگە مۇۋاپىق " يېڭىچە تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىزچىل ئىلگىرىلەش... شۇڭا يىراقنى كۆرەر تەدبىر بەلگۈلىگىچىلىرىمىز مۇشۇ مەسىلىدە چوقۇم يەنىمۇ ئويلىشىپ كۆرىدۇ دەپ ئويلايمەن ھەم ئويلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن...
salkin mtv
كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-14 03:00 |
www.nixan.cn
تانىھا
دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


UID نۇمۇرى : 52561
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 1
شۆھرەت: 0 كىشىلىك
پۇل : 99 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
قوللاش: -3 نومۇر
ئالقىش: -5 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 3(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-08
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

الاوزپاناھېداساكلېسۇن   
salkin mtv
تانھا
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-15 13:59 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
سەلكىن مۇنبىرى » ئوبزور- ماقالىلەر