ئەزىزاننىڭ بۇ تېمىسى خېلى ياخشى چىقىپتۇ .
3xjriqO{ مەن تۆۋەندىكى قۇرلار ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى ئويلاپ يۈرەتتىم . ياخشى چىقىپتۇ دېيىشىمگە مەن نەقل قىلغان قۇرلار سەۋەپ بولۇشىمۇ مۇمكىن . بولسا تورداشلار ئەزىزان يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە ئوبدانراق مۇنازىرە ئېلىپ بارساق .
_zyk@79( #(< rUYh ئۇنىڭدىن باشقا <رىشتە > نامىدىكى تورداش ئېيتقان مەسىلە ئەزىزاننىڭ كۆپ قىسىم تېمىلىرىدا ئۇچرايدۇ . بۇ ھەقتە كەمىنە كۆكيال ئەزىزان بىلەن بەزىبىر مۇنازىرىلەرنى ئېلىپ بارغان ، ئەزىزاندىكى ئۇ خىل سۈنئىيلىق، ئەدەبىياتقا يەڭگىلتەكلىك قىلىش ۋە ئۆزىنى باسالماي ھاياجانلىنىپ كېتىشلەر بارا - بارا ئوڭشىلىپ بارىدۇ دەپ قارايمەن .
);pNTo|n:f ئەزىزاننىڭ تېمىسىدىن نەقل :
ck|H\yi z( v]B`). مەسىلەن ، سەلكىن تورىدىكى ئۈزۈمچى ئەپەندىنىڭ " پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى " دېگەن ھېكايىسى تارالغاندىن كېيىن ( ئاساسىي جەھەتتىن ئاۋازغا ئېلىنغاندىن كېيىن ) ، تور يېزىقچىلىقىغا قىزىققۇچىلار بۇ ئەسەردە ئىپادىلەنمەكچى بولغان مەلۇم ئاساسىي ئىددىيەلەرگە كۈچەپ پىكىر يۈرگۈزمەستىن ، پاھىشە سۆزىگە قارىتا باشقىدىن ئېنىقلىما بېرىشكە بەكرەك كۈچەپ قالدى . مەسىلەن ، شۇ ئەسەردىن كېيىن مەيدانغا چىققان ياكى چىقىشقا ئۇرۇنغان نەسىرىي ئەسەرلەر كۆپىيىپ ، مۇنبەر يۈزلىرىدە " پاھىشە بىلەن ئوغرى " ، " مەن ئەسلى پاھىشە ئەمەس " ، " ماڭا ئۇچرىغان پاھىشە " ، " پاھىشە قىزنى ئالسام بولامدۇ ؟ " ، " ئىچكىرىدىكى پاھىشە قىز " ، " پاھىشە ھەدەشنىڭ كەچمىشى " ... دېگەندەك نۇرغۇن-نۇرغۇن " پاھىشە " لەر ئارقا-ئارقىدىن تور يۈزىدە ياكى نەسرىي ئەسەر ياكى مۇنازىرە شەكلىدە تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى . كەمىنىنىڭ ھېس قىلغىنى پەقەت " بۇ دۇنيادا پاھىشىگە ئۇچرىمىغان مەنلا قالغان ئوخشايمەن " بولدى ... مەن بۇ ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىيلىكى ۋە قىممىتىگە باھا بېرىشكە قىلچە رايىم بارمىدى . خۇددى تىنچلىق دەۋرىمىزدە دەرسلىك كىتابلىرىمىزغا كۆپلەپ كىرگۈزۈلگەن كۆكىرىپ كەتكەن لۇشۈن ئەسەرلىرى ۋە ئىنقىلابىي ئەسەرلەر كىشىلەرگە خۇددى ھازىرمۇ پۈتۈن جۇڭگودا ياپونغا قارشى ئۇرۇش بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلدۇرغىنىغا ئوخشاش ، بۇنچە كۆپ " پاھىشە " تېمىسىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر خۇددى ئۇيغۇر جەمئىيىتى پاھىشىلەرنىڭ ئىشغالىيىتىدە قالغاندەك ھېسسىي-تۇيغۇلارنى شەكىللەندۈرۈشى تامامەن مۇمكىن . بۇ ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرى ھەتتا ئاشۇ پاسكىنا تىرىكچىلىككە قايتا باھا ياكى ئېنىقلىما بېرىشكە ئۇرۇنغان . خۇددى " پاھىشە قىزنىڭ مۇھەببىتى " دىن كېيىن پاھىشىلەر توردا ئاقلىغۇچى ئادۋوكات تەكلىپ قىلغاندەك ، بارغانسېرى ماھىيەت ۋە رىئال قىممەت قاراشلىرىدىن ھالقىغان تەبىرلەر پاھىشىدىن ئىبارەت بۇ گۇناھىي ۋە جىنايى كەسىپكە باشقىچە ئېنىقلىمىلار بېرىشكە ئۇرۇنغاندەك پىسخىكا ئىپادىلەشكە باشلىدى . نېمىشقا ؟ چۈنكى تورداش ئۈزۈمچى ياكى مەلۇم بىر يازغۇچى ئىپادىلىگەن شۇ نادىر ئەسەردە باشقا بىر نۇقتىدىن چىقىش قىلىنغان ، ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان لېكىن رىئال بولغان ياكى رىئال بولۇشى مۇمكىن بولغان مەلۇم ھېسسىي تۇيغۇلار ئىپادىلىنىپ چىققان ، بۇ تەرىپى ئوقۇرمەنلەرنى مەلۇم نۇقتىدىن قىزىقتۇرغان ياكى قايىل قىلغان ، ئەمما يېزىقچىلىققا قىزىققۇچى قىسمەن ئوقۇرمەنلەر بارغانسېرى ئەۋجىگە ئېلىۋاتقان " پاھىشە " مۇنازىرىلىرى ئىچىدە ئەسلى ئەخلاق قىممەت قارىشىدىن قىيسىغان ھالدا ، يەنە باشقىچە نۇقتىلاردىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ، مەلۇم ھادىسىگە ئەمەس بەلكى شۇ " پاھىشە " دېگەن كىشىلەرگە ئېنىقلىما بېرىش خاراكتېرلىك يازمىلارنى يېزىپ چىقىشقا ئۇرۇنغان .
@UB%SZpT ئەلۋەتتە ، كەمىنە يۇقاردا پەقەت شۇ بىر ئېقىمدىكى مەسىلىلەرنى مىسال ئېلىپ ، پىسخىكىنىڭ تور ئەدەبىياتىدا يۇقاردا ئېيتىلىپ ئۆتكەن باسقۇچلاردا ئېقىم شەكىللەندۈرۈشى ، ۋە شۇ ئېقىمنىڭ يەنە پىسخىكا ئىچىدىكى ھەرىكەت باسقۇچىغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى قەيت قىلماقچىمەن ، خالاس . ئەسەرلەرنىڭ بەدىئىيلىكىگە يەنىلا ئوقۇرمەنلەر جاۋاب بېرىدۇ .
تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
رەھمەت . شۇڭا شېئىرىيەت توغرىسىدا گەپ ئاچمىدىم ياكى ھازىرچە ئاچماسلىقنى قارار قىلدىم . چۈنكى شېئىر بەك گۈزەل بولغاچقا بۇ تېمىغا تازا ماس كەلمەي قالدى ... ھى ھى ...