قۇدرەتتىن تورداشلارغا ئوچۇق خەت
قۇدرەت ئەپەندىمنىڭ تورداشلارغا يازغان تۆۋەندىكى ئوچۇق خېتى جېك ئەپەندىمنىڭ تور خاتىرىسىدىن ئېلىندى. ئادرېسى:
http://www.uighur.cn/blog/more.asp?name=Jeck&id=9558 ~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*~*
قۇدرەتتىن تورداشلارغا ئوچۇق خەت
ھۆرمەتلىك تورداشلار:
ئالدى بىلەن مەن ئۈچۈن تىلىگەن ئالىي تىلەكلىرىڭلار ۋە مەندىن كۈتكەن سەمىمىي ئۈمىدىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەيمەن... شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىمتىھان مەزگىلى تۈپەيلى ئالدىراش بولۇپ قېلىپ، سىلەرگە بالدۇرراق جاۋاپ يازالمىغانلىقىم ئۈچۈن ئەپۇ سورايمەن. كەچۈرىسىلەر!
سىلەرنىڭ بۇ تورغا يازغان ئىنكاسلىرىڭلارنى ۋە ماڭا ئەۋەتكەن خەتلىرىڭلارنى كۆردۈم ھەمدە يازغىنىڭلاردىن كۆپ ئىلھام ئالدىم. رىغبەت بەرگىنىڭلارغا رەھمەت. خۇدا بۇيرىسا ئۈمىدىڭلارنى يەردە قويماسلىققا تىرىشىمەن.
تۆۋەندە مەن تاپشۇرۇپ ئالغان سۇئاللارنىڭ ئىچىدىن نىگىزلىك قىلىپ مۇنۇ ئۈچ سۇئالغا دوستۇم تۇرسۇنجان (Jeck) نىڭ تور مەھەللىسى ئارقىلىق جاۋاپ بېرىشنى زۆرۈر دەپ ئويلىدىم.
1. سۇئال: سىز بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلماقچى ؟ قانداق پىلانلىرىڭىز بار ؟
ھەر بىر ئادەم ھاياتنىڭ مەلۇم بىر پەيتلىرىدە ئۆز- ئۆزىدىن «مەن مۇشۇ قىسقىغىنە ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزمەكچى ۋە ياكى مەن ھازىر ھايات سەھىپىلىرىمنىڭ قايسى بېكىتىگە كەلدىم» سورىشى مۇمكىن....
مەنمۇ بۇ سۇئاللارنى ئۆزۈمدىن بۇرۇن سورىغان ھەم ھەر ۋاقىت سوراپ تۇرىمەن، ئەلۋەتتە.
گەرچە كېلەچەكتە نېمە ئىشلارنى قىلىشنى كۆڭۈلگە پۈككەنلىكىم - ئۆزۈمنىڭ خۇسۇسىي ئىشى بولسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقاننىڭ ئاراڭلاردىكى بەزىلەرگە نىسبەتەن ئىلھام، ئۆزۈمگە نىسبەتەن ھەيدەكچى ۋە تۈرتكە بولىدۇ دەپ قاراپ بۇ يەردە ئۇچۇق ھالدا ئوتتۇرغا قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
مەن ئۈچۈن بۇ دۇنيادا ئاتا-ئانامدىنمۇ ئۇلۇغ ئىنسان يوق. ئۇلارنىڭ ماڭا بەرگەن مىسلىسىز-چەكسىز بولغان ئاتا-ئانىلىق مېھرى-مۇھەببىتى، شەپقىتى ۋە تەربىيسى ئۈچۈن مەن ئۇلارنى بەيتۇل مۇقەددەسكە ھاپاچ قىلىپ ئازلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى رازى قىلىش -مېنىڭ مۇقەددەس بولغان پەرزەنتلىك بۇرچۇمدۇر، مەن مۇشۇ بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن ھەم تىرىشىۋاتىمەن.
مەن بىر ئادەمنىڭ قانداقلىقىغا باھا بېرىشتە شۇ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىگە سەۋەپچى بولغان ئاتا-ئانىسىغا، قان-قېرىنداش بولغان ئۇچۇق-تۇغقانلىرىغا ۋە ئۆزىگە ئەقىل ھەم مەدەنىيەت ئۆگەتكەن، پاك ۋە ئېسىل ھىس-تۇيغۇ سىڭدۈرگەن خەلقىغە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنىڭ ساپ ۋە شەرتسىز ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلۋەتتە مەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ۋە خەلقىمنىڭ باشقا تەرەققىي قىلغان ئەل-خەلقلىرىگە ئوخشاش ئەركىن-ئازادە ۋە باياشاتلىق ئىچىدە ياشايدىغان كۈنلەرگە ئېرىشىشى ئۈچۈن تىگىشلىك تۆھپەمنى قوشسام دەيمەن. بەلكىم بەك غايىۋىدۇرمەن، ئەمما كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا مەن يەر يۈزىدىكى ھەر بىر ئىنساننى باراۋەرلىك ۋە ئادالەت ئىچىدە ھۆر ۋە بەختىيار، شۇنداقلا زىددىيەتتىن خالىي دوستانە ياشىسا ئىكەن دەپ ئارمان قىلىمەن.
ئۆز نۆۋىتىدە ياشلىق ھىسلىرىمنىمۇ يۇشۇرۇشنى خالىمايمەن. جاۋابى شۇكى: چۈنكى مەن بۇ يىل 24 ياشتا. دادام بۇ يېشىدا ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان ئىكەن. شۇڭا مەن ئۆزەمگە مۇۋاپىق بولغان بىر ئۇيغۇر پەرىشتىسى بىلەن مەڭگۈلۈك بەختلىك ئائىلە قۇرۇشنى، پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۇلارنى غايىلىك، ئىمانلىق ۋە ياراملىق قىلىپ، مەنىۋى ھەم جىسمانىي جەھەتتىن قۇدرەتلىك قىلىپ تەربىيلەپ قاتارغا قۇشۇشنى ئارزۇلايمەن. ھازىرغا قەدەر، مەن ئاشۇ تېخى نامەلۇم پەرىشتەمنى ئىزدەۋاتىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇشۇ دۇنيانى ئامالىمنىڭ بارىچە ئوخشىمايدىغان كۆزنەكلەردىن تاكى ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە كۆپرەك، ياخشىراق ۋە تولۇقراق چۈشەنسەم دەيمەن.
دىمەك، يوقىرىقى ئۈچ ئىشنى قانچە ياخشى قىلسام ھاياتىمنى شۇنچە مەنىلىك ئۆتكۈزگەن بولىمەن.
بەلكى بەزى ئوقۇرمەنلەر «قانداق قىلىپ خەلقىڭىزگە ياردەم قىلماقچىسىز؟» دەپ سورىشى مۇمكىن ... بۇنى ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ، خۇددى «سۆزلىگەنگە تۈگىمەس بىزنىڭ يارنىڭ دەردلىرى» دىگەندەك... ھازىر ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىمىز سەل ناچار، لىكىن مەڭگۈ شۇنداق دەپ ئېيتىشقا ۋە ئۈمىدسىزلىنىشكە بولمايدۇ. كەم دىگەندە شۇنداق بولىدىغانغا (تەرەققىي قىلالايدىغانلىقىمىزغا، كۆتىرىلەلەيدىغانلىقىمىزغا ___ تېما ئىگىسىدىن قىستۇرما) ئىشىنىپ ياشىشىمىز ۋە تىرىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى ياخشى كۈن ئۆزى مېڭىپ كەلمەيدۇ ياكى ئاسماندى «توك»كىدە چۈشۈپ قالمايدۇ، بەلكى ھەر بىرىمىزنى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە ئورتاق تىرىشىشىمىز ئارقىلىق قولغا كېلىدۇ. مېنىڭچە بىز ئىقتىساد، خەلقىمىزنىڭ ئەقىل ۋە جىسمانىي ساغلاملىقى ھەمدە مائارىپ سەۋىيسى قاتارلىق جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىمىز ۋە كۆتۈرۈلىشىمىز زۆرۈر. شۇڭا ماڭا ئوخشاش بالىلارنىڭ چەتئەلدە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ تۆۋەنگە قايتىپ قىلىشقا تىگىشلىك ۋە قىلغىلى بولىدىغان ئىشلىرى بەك كۆپ. شۇڭا مەن تۆۋەندىكى قابىلىيەتلىك ۋە ئىرادىلىك كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ خەلقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلمىي تۆھپە قوشالايدىغان ئىگىلىك تىكلىسەم دەيمەن.
2. سۇئال: قانداق بولغاندا ئىرادىلىك بولغىلى بولىدۇ؟ سىز قانداق بولۇپ شۇنداق ئىرادىلىك بولالىدىڭىز؟
بىر ئادەم كۈچلىنىشى ئۈچۈن باشتا مەنىۋى جەھەتتىن قۇدرەتلىنىشى كېرەك. يەنى كۈچلۈك ئىرادىلىك بولۇشى كېرەك. ئۇنداقتا قانداق قىلىپ ئىرادىلىك بولغىلى بولىدۇ؟
مىنىڭچە، ئىرادە مۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا پەيدا بولىدۇ ۋە بارغانسىېرى كۈچلىنىپ بارىدۇ:
بىر ئادەم ئۆزىنىڭ مەجبۇرىيتى، غايىسى ۋە قىسقىغىنە ھاياتىدا بەزى ئىشلارنى قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندە، مېنىڭچە شۇ ئادەمدە ئەنە مەجبۇرىيەت ۋە غايىسىگە چۇشلۇق ئىرادە پەيدا بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن. شۇ مەجبۇرىيەت ۋە غايىسىنى ھەر ۋاقىت سەمىدىن چىقارمىسىلا شۇ مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغۇچە ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىچە ئىردە يوقىمايدۇ، بەلكى بارغانسېرى كۈچىيىدۇ.
مىسال ئۈچۈن، شۇ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ۋە غايە ماڭا ئىرادە بەخش ئەتكەن ھەمدە مېنى بۈگۈنكى پۈرسەتلەرگە ئېرىشتۈرگەن. ئاتا-ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك ئەجر سىڭدۈرگەنلىكىنى بىر خۇدايىم بىلىدۇ، بىر ئۆزەم بىلىمەن. ئەنە شۇ «ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ياخشى جاۋاب قايتۇرىمەن ۋە خەلقنىڭ بۈگۈنكى جاپالىق ئەھۋالدىن قۇتۇلىشىغا تۆھپە قوشىمەن» دىگەن مەجبۇرىيەت ۋە غايىلەر ماڭا ئىرادە ئاتا قىلغان.
ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ ئەگەر ئەتراپىڭىزغا قاراپ باقسىڭىز__ مەجبۇرىيتىڭىزنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى، غايىڭىزنىڭ تېخى قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىڭىزنى، ۋاقىتنىڭ نەقەدەر تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقايسىز-دە، مەلۇم بىر ئەھمىيەتلىك ئىشنى قىلىشقا ئىردە باغلايسىز، مۇبادا سىز ئاشۇ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىڭىزنى ھەر زامان ياد ئېتىپ تۇرسىڭىز ھەم شۇنىڭ كويىدا بولسىڭىز سىزدىكى ئىرادە مۇستەھكەملىشىپ بارىدۇ.
بەلكى بەزىلەر « مەن مەجبۇرىيتىمنى بىلىمەن، غايەممۇ بار، ئەمما يەنىلا كۈچلۈك ئىردە يوق» دىيىشى مۇمكىن، مېنىڭچە مۇنداق ئادەملەرنىڭ مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى ئاجىز، غايىسى كۈچلۈك ئەمەس.
ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە يېتەرلىك ئىرادىنى پەيدا قىلىدىغان ئېغىر مەجبۇرىيەتنى ۋە ياكى غايىنى ھېس قىلالمىغان بولسىڭىز، مېنىڭ سىزگە بېرىدىغان تەكلىپىم- سىرتقا چىقىپ، ئۈرۈمچى دۆڭگۆۋرۈكنىڭ بازارلىرىنى ئايلىنىپ كۆرۈڭ، ئىقتىسادىي شارائىتىڭىز يار بەرسە شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى ناھىيە ۋە قىشلاقلىرىغا بېرىپ، ھاياتلىق ئۈچۈن تىرىشىپ-تىرمىشىپ ياشاۋاتقان دېھقانلارغا ۋە كوچىدا جان بېقىش ئۈچۈن «تاماك، گازىر ساتىمەن» دەپ تەلمۈرۈپ يۈرگەن سەبىي بالىلارغا قاراپ بېقىڭ ھەمدە يەنە شۇ كوچىدە 60~70 ياشتىن ئاشقان ئاق چاچلىق بوۋاي-مومايلارنىڭ جان بېقىش ئۈچۈن ئۆپكە-ھېسىپ ۋە ياكى كاللا-پاقالچاق ساتىمەن دەپ يۈرگەن ھالىتىگە نەزەر سېلىڭ....
ئىشىنىمەنكى، ھەر قانداق بىر ۋىجدان بار ئىنساندا ئەنە ئاشۇنداق بىر ئېچىنىشلىك ئەھۋالنى كۆرگەندە، كۆزىگە يىغا كەلمىگەن تەقدىردىمۇ « مەن تىرىشاي، كەلگۈسىدە بولسىمۇ خەلقىمنىڭ تۈۋرۈكى بولۇش ئۈچۈن تىرىشاي» دىگەندە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى پەيدا بولماي قالمايدۇ ھەمدە شۇنىڭغا ماس ھالدا مەلۇم ئىرادىمۇ پەيدا بولىدۇ.
3. سۇئال: سىزنىڭ ئۆگىنىشتە ئىشلىتىدىغان بىرەر ئالاھىدە ئۇسۇلىڭىز بارمۇ؟بىزگە دەپ بەرگەن بولسىڭىز.
مېنىڭچە ئەڭ موھىم بىر ئۇسۇل__ ئەستايىدىللىق. مېنىڭچە ھاياتىمىزدا كاللىمىزغا ئەڭە كۆپ كېلىدىغان بىر ئىش__ سۇئاللارغا جاۋاپ بېرىش. كۈندە، ھەر ۋاقىت، ھەر مىنۇت «قانداق قىلىپ مەكتەپتىكى ئىمتىھاندىن يوقىرى نومۇر ئالىمەن» دىگەندەك ئاددىي سۇئاللاردىن تارتىپ «مەن ھاياتىمدىكى شۇ چوڭ غايىلىرىمگە قانداق ئېرىشىمەن» دىگەندەك چوڭ سۇئاللارغا جاۋاب بېرىشكە دۈچ كېلىمىز. لېكىن بىز ئەنە شۇ سۇئاللارنىڭ ھەممىسىنى يېتەرلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلانمايدىكەنمىز.
بەزى ئادەملەر نېمىشقا ئاشۇنداق قىيىن ئىشلارنى قىلالايدۇ، لېكىن بەزىلىرىمىز نىمىشقا قىلالمايمىز؟ كۆپىنچە ئادەملەر « XX تۇغما ئەقىللىق ئىكەن ياكى ئۇنىڭ پالانىچى، پۇكۇنىچى نەرسىسى بار، مەندە يوق، شۇڭا ئۇ قىلالىدى» دەپلا ئاسانلا يەكۈن چىقىرىدۇ. مەن بۇنىڭغا قوشۇلمايمەن. مېنىڭ بۈگۈنكى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمنى ئاڭلاپ، شۇنداق كۆپ كىشىلەر «سىز تۇغما ئەقىللىق ئىكەنسىز» دىيىشتى ھەمدە « كاللىسى ئەقىللىق بولغاچقا شۇنداق قىلالاپتۇ» دەپ يەكۈن چىقىرىدۇ. لېكىن مەن «تۇغما ئەقىللىق ئەمەس، بەلكى كاللىسى نۇرمال ئىشلەيدىغان ھەر قانداق بىر ئادەم يېتەرلىك ئەستايىدىللىق بىلەن ئىرادىلىك بولۇپ تىرىشسىلا مەن قىلالىغان ئىشنى قىلالايدۇ، بەلكى مەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن» دەپ قارايمەن.
ئادەتتە، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ بىر ئىشلاردا چوڭ ئۇتۇق قازانغۇسى بار ياكى بىرەر چوڭ ئىگىلىك تىكلىگۈسى بار ۋە ياكى بىرەر ئالىم بولۇپ دۇنيا ئۈچۈن تۆھپە قوشقۇسى بار، لېكىن قانچىلىك كىشىلىرىمىز ئەستايىدىللىق بىلەن رەسمىي ئولتۇرۇپ، قەغەز-قەلەمنى ئېلىپ، قەدەممۇ-قەدەم ياخشى ھېسابلىشىپ، قانداق قىلغاندا، قانچىلىك ۋاقىتتا، قانچىلىك قۇربان بەرگەندە ئەنە شۇ غايىنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى ھەققىدە باش قاتۇرىشىدۇ ھەمدە ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىدۇ ؟ مەن ھازىر شۇ غايىدىن قانچىلىك يىراقلىقتا دەپ پىلان تۈزۈپ ھەر ۋاقىت شۇ پىلانغا رىئايە قىلىپ، قەدەممۇ-قەدەم غايىسىگە قاراپ تىرىشىدۇ؟ بۇ سىلەرگە ئايان.
دىمەك، بىز كۆپ ئىشلارنى تەس دەپلا بىر يانغا تاشلاپ قويىمىز. ئىچىمىزدىن بىرەرى چىقىپ ئاشۇ «تەس» دىگەن ئىشلارنى قىلالىغاندا ئاندىن «ۋوي، بەك ئەقىللىق ئىكەن، يامان ئىكەن، مۆجىزە ياراتتى» دەپ ھەيران قالىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇ ئادەم ھېچكىمدە يوق ئەقىل بىلەن تۇغۇلغانمۇ ؟ سىز راستىنلا شۇ ئىشلارنى قىلالمامسىز؟ بۇنىڭ جاۋابىنىمۇ ئۆزۈڭلار ئويلاپ باقساڭلار بولىدۇ.
شۇڭا مەن قېرىنداشلىرىمدىن بولۇپمۇ تەڭتۈشلىرىمدىن ھاياتىمىزدىكى ھەر قانداق بىر سۇئالغا دۈچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ئالدى بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىر ئىشنى «تەسكەن» دەپلا تاشلىۋەتمىسەك دەيمەن. تەس دىگەنلىك قىلغىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. بىر كىم قىلىپ باققان ئەمەس دىگەنلىكمۇ قىلغىلى بولمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس، ئەلۋەتتە.
بۈگۈنگە قەدەر كۆپ ئۇتۇق قازانغان كىشىلەرنى كۆردۈم ھەمدە ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىش، ھېكايىلىرىنى ئاڭلاش پۈرسىتىگە ئېرىشتىم. مېنىڭ ھېس قىلغانلىرىم، ئۇلارنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىكى ئەڭ موھىم بىر ئامىل ئوخشاشلا _ ئەستايىدىللىق ئىكەن. ئەستايىدىللىق بولۇپ بىر ئىشقا كىرىشىدىكەنمىز، ھاياتىمىزدىكى كۆپىنچە سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايمىز، دەپ ئويلايمەن ۋە چوڭقۇر ئىشىنىمەن. تۇغما ئەقىل ياكى تەلەي دىگەنلەر يوق دىگەنلىك ئەمەس، بار! لېكىن كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ بۇ ھاياتىدىكى كۆپىنچە غايىلىرىنى بىر باشقا ئېلىپ چىقىشىغا بۇ نەرسىلەر توسالغۇ بولۇپ كېتەلمەيدۇ، دەپ ئويلايمەن. خەلقىمىزگە كەلسەك، بىزنىڭ تۇغما ئەقىلىمىز دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر مىللەتتىن قېلىشمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. تەلەينى دىسەك، بىزگە خۇدايىم كۆپ بەرگەن ۋە ھېلىمۇ بېرىۋاتىدۇ.نۆۋەتتە ھەر بىرىمىزگە زۆرۈرى:____ يېتەرلىك ئەستايىدىللىق، ئىرادە ۋە ئىشەنچ بىلەن تىرىشىشتۇر.
خۇلاسىلىغاندا، مەجبۇرىيەت ۋە غايە بىزدە چوقۇم مۇشۇ ئىشنى قىلىمەن دەيدىغان ئىرادىنى پەيدا قىلىدۇ، ئەستايىدىللىق بىزنى ئۇتۇقلار غەزىنىسىگە باشلاپ بارىدۇ. كۆرىۋالالايمىزكى: ئۇتۇق قازىنىشنىڭ فورمىلىسى مانا مۇشۇنچىلىك ئاددىي. مېنىڭچە ئۇنى ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز مۇرەككەپ ۋە تەس قىلىپ كۆرسىتىۋاتىمىز.
ئەمدى گەپ سىزدە ئاشۇ فورمۇلا بويىچە ئىش ئېلىپ بارغۇدەك ئەستايىدىللىق ۋە شىجائەت ھەمدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ ئۇنچىۋالا مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى كۆرگۈدەك كۆز بارمۇ؟
قۇدرەت ياقۇپ
2007-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا، بوستۇن شەھرى.
ئىزاھات:
يوقىرىدا دەپ ئۆتكەنلىرىم مېنىڭ ھازىرچە ھېس قىلغانلىرىم! ئەگەر يازغانلىرىمنىڭ بىرەر مۇۋاپىق بولمىغان يەرلىرى بولسا تۈزىتىپ بېرىشىڭلارنى تۆۋەنلىك بىلەن سورايمەن. رەھمەت!