./music2/mp3/kismitim/kismitim.mp3 [DR*.bb
\3Wp7%o[
)A]=vb\b/
ئەسەر مەزمۇنى
0@T[(-^
{$~ng7?
N]1;?i,u
يىڭى مەكتەپ ھاياتىمنىڭ بۇنداق كۆڭۈللۈك باشلىنىپ يىغا ۋە خوشاللىقنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن بولسام ، ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن خوشاللىقى ۋە قايغۇسىدىن گاھ ھاياجانلانسام گاھ ئولتۇرۇپ مۇڭغا چۈمەتتىم . بۇ ھايات شۇنچىلىك قەدىرلىك ، ئەمما شۇنچىلىك قىسقا ئىدىكى ، ھايات مۇساپەمگە كۆڭۈللۈك ، ئەمما ئاچچىق بىر ئەسلىمىنى قالدۇرۇپ قويغانىدى . `-R,>hu
ئوقۇشقا ماڭىدىغان كۈنۈم ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ تۇنجى قىتىم ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغىنىم ئۈچۈن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ ، ئۇلار بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشقان بولسام ، رەھمەتلىك دادام بىلەن ئىنتايىن ئاددىي خوشلاشتىم . ئۇ گويا مىنىڭ ئالدىمدا كۆز ياشلىرىنى كۆرسەتكۈسى كەلمىگەندەك ، ماڭا كەينىنى قىلىۋالدى . ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشۇمنى قوللايدىغانلىقىنى بىلسەممۇ ، ئۇنى بۇنداق ھالەتتە تاشلاپ كىتىش ماڭا ھەقىقەتەنمۇ ئىغىر كەلگەنىدى . ئۇنىڭ كۆڭلى شۇ ۋاقىتلاردا بىرەر ئىشنى سەزگەنمىكىن دىگۈم كىلىدۇ . ئۇ ماڭا شەرەتلەپ :« سەن كەتسەڭ ، ئەمدى بىز كۆرۈشەلمەيمىز بالام » دىگەنلەرنى ئۇقتۇرسىمۇ ، مەن رىئاللىقنى قۇبۇل قىلغۇم كەلمىگەندەك بۇ گەپلەرگە :« نىمە دەيدىغانسىز دادا ، خۇدايىم سىزنىڭ ئۆمرىڭىزنى ئۇزۇن قىلسۇن ، مەن تىخى سىزنى كۆرۈپ قانمىدىم » دەپ تۇرۋالاتتىم .شۇ قىتىم ، ئۇ مىنىڭ بىلەن خوشلاشقان ئاخىرقى قىتىم بىز ئىككىمىز قىيالمىغان نەزىرىمىز بىلەن شۇنچىلىك ئاددىي خوشلاشتۇق . ئەمما ئۆزۈممۇ بىلمىگەنكەنمەن ، بۇ دادامنىڭ ئىسسىق يۈزىنى ئاخىرقى قىتىم كۆرىشىم ئىدى ...ئۇ چەكمىگىلى ئۇزۇن بولغان تاماكىسىدىن بىرنى ئىلىپ مىنىڭ تۇتاشتۇرۇپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلدى . بۇ دادامنىڭ ئاخىرقى قىتىم مىنىڭ ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلىشىم ئىكەن ... دادام تىزلا ماڭا ئارقىنى قىلىۋىلىپ ، ئۆزىنىڭ كۆز ياشلىرىنى مىنىڭدىن يۇشۇردى . دادامنىڭ تىتىرىگەن گەۋدىسى ، بىلەر -بىلىنمەس سىلكىنگەن ھالىتىدىن ئۇنىڭ بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى سىزىپ تۇراتتىم . z/Um7Z?
-مەن يەنە قايتىپ كىلىمەن ئەمەسمۇ دادا ، ئۆزىڭىزنى ئاسىراڭ ، ئەمدى تاماكا چەكمەڭ دادا ... ئاللاغا ئامانەت ! مەن شۇلارنى دەۋىتىپ دادامنىڭ ئۇرۇقلاپ بىر تىرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان مۆرىسىدىن تۇتۇپ ئۇنىڭ چوققىسىغا سۈيۈپ قويۇپ ئۆيدىن يىنىپ چىقتىم . {)&n7-Y/]
كۆزلىرىم يىغىدىن قىززىرىپ ئىششىغان ، كاللامدا پەقەت شۇ ئاپام بىلەن دادام ... ماشىنا قوزغىلىپ خىلى بىر يەرگىچە ئاپامنىڭ كەينىمدە ئاستا -ئاستا كىچىكلەپ سۇسلىشىۋاتقان گەۋدىسىگە قاراپ يىنىش -يىنىشلاپ قول پۇلاڭلىتىپ كەتتىم . خۇددىي مەن ئوقۇشقا ئەمەس، مەن ئولتۇرغان بۇ ماشىنا مىنى بارسا كەلمەس يولغا زورلاۋاتقاندەك يىغىدىن ھىچ توختاي دىمەيتىم . ماشىنىدا كىم بار ، كىمنى تۇنۇيمەن ، بۇلارغا قارىغۇدەكمۇ بولماپتىمەن . پەقەت ماشىنا بىر ماڭغانچە مىڭىپ ئاقسۇنىڭ دائىرىسىگە كىرگەندە ، يىغىدىن بىر ئاز توختاپ ئەتىراپتىكى كۆزۈمگە سىڭىپ كىرەلمەيۋاتقان مەنزىرىگە قاراپ ئولتۇردۇم . كاللامدا يەنە شۇ دادام ، ئۇنىڭ سۆزلىرى ...
مەن 10 ياشقا توشمىغان ۋاقىتلىرىم . باشلانغۇچنىڭ ئەمدىلا 4 -يىللىقىغا كۆچۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتىۋىمىزدە بىر قىتىملىق چوڭ كۆلەملىك ئائىلە يىغىنى ئىچىلماقچى بولدى . يىغىننىڭ تەلىۋىگە ئاساسەن ھەممىمىز ئاتا -ئانىمىزنى يىغىنغا باشلاپ كىلىشىمىز ، تۇنۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يىنىدىن جاي ئىلىشىمىز كىرەك ئىدى . شۇ ۋاقىتلار دەل دادامنىڭ داۋالىنىپ يۈرگەن چاغلىرى بولغاچ ، ئۆيدە چوڭلار يوق ، پەقەت ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر ئۆينىڭ خوجايىنى بۇلۇپ ئۆتىۋاتاتتۇق . ئەتىراپىمىزدىكى قوشنىللىرىمىز ھەممىسى ئاساسەن خەنزۇ بۇلۇپ ، بۇ ئىشلارنى بىلىپ كەتمەيتى . مۇئەللىملىرىممۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئەلۋەتتە . قۇلۇمغا چىرايلىق قىلىپ تۇتقۇزۇپ قۇيۇلغان كىچىككىنە باغاقچىگە قاراپ ئۇزۇنغىچە بىشىمنى كۆتۈرمەي تۇرۇپ كەتتىم . بۇ ۋاقىتلىرىم دەل مىنىڭ ئەڭ جىمغۇر ۋاقىتلىرىم بۇلۇپ ، كۆڭلۈم يىرىم ، دىلىم سۇلغۇن بولسىمۇ چاندۇرماي دىگۈدەك ئۆتىۋاتقان ئىدىم . مۇئەللىمگە بۇلارنى دەپ ئولتۇرۇشنى خالىمىدىم ، كاللامدا ئاكامنى ئەكىلىمەن ، دەپ ئويلايتىم . ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئاكاممۇ ماڭا ئوخشاش مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى بۇلۇپ ، شۇ يىلى 6 -يىللىققا چىققانىدى . دىمەك ، ئۇنىڭغىمۇ بۇ يىغىن ئىچىلىدۇ ، دىگەن گەپ. شۇنداق خىيال بىلەن ئۆيگە كىلىپ سومكامنى چۆرىدىمدە ، كارۋاتقا ئۆزۈمنى ئاتتىم . سىنىپ تازلىقى قىلىپ ھىرىپ كەلگەن ئاكام مەينەت بۇلۇپ كەتكەن ئىشتىنىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ : !F]6ledf~o
- ئۇكام ، بۈگۈن تازلىق قىلىۋاتسام بىر قىز ساۋاقدىشىم كىلىپلا ئىشتىنىمغا سۇ چىچىۋەتكەنىدى ، يۇيۇپ بىرەمسەن ؟ مەن ئايىقىمنى ھويلىغا يىيىپ قۇيۇپ كىرەي . ئاندىن ئىككىمىز تاماق قىلىپ يەيلى . [N#*yK^9n
مەن گەپ قىلماي ئاكامنىڭ سىلىپ بەرگەن ئىشتىنىنى قۇلۇمغا ئىلىپ يۇيۇشقا باشلىدىم . ئاكام يىنىمدا ھە دەپ يۆل بۇلۇپ كەتكەن ئايىقىنىڭ بۇغۇچىنى ئىلىۋاتاتتى . قارىسام ئۇنىڭ ئايىقى شۇنچىلىك لاي بۇلۇپ كىتىپتۇكى ، ئەتە ئۇنىڭ كىيىپ مىڭىشىغا كۆزۈم يەتمىدى . 'h
Q08
-ئاكا، ئەكە ئايىقىڭنى ، بۇنداق يايساڭ قۇرىغىنى بىلەن ئەتە كىيەلمەيسەن ، كىيسەڭمۇ ساۋاقداشلىرىڭ زاڭلىق قىلىدۇ . %!"G]+lP)
-قۇرىسا چوتكا بىلەن توپىنى قىقىۋەتسەم بولىدىغۇ ، سەن تىخى تاپشۇرۇق ئىشلىشىڭ كىرەك . Z3Nm9]U
-ئەمىسە مەن ئىشتاننى يۇيۇپ بۇلۇپ بىر پىيىنى يۇياي ، سەن بىر پىيىنى يۇي ، ئىككىمىز مۇسابىقىلىشىپ باقايلى ، كىم پاكىز يۇيىدىكىن؟ 6F8F?^R
قىززىق ، شۇ ۋاقىتلاردا گەرچە ئۆيدە چوڭلار بولمىغىنى بىلەن ئىككىمىز خۇددىي مۇشۇ ئۆينىڭ ھەقىقىي خۇجايىنلىرىدەك ئۆز ئىشىمىزنى ئۆزىمىز جۆندەپ دىگۈدەك قىلىپ ماڭاتتۇق ، گاھى قىلىقلىرىمىزدىن ئۆزىمىز كۈلۈپ كەتسەك ، گاھىدا ئۇرۇشۇپ مەن تاياق يەۋالاتتىم . تاياق يەۋالغان كۈنلىرىم يىغلىغىنىمچە ئۇخلاپ ئەتىسى خۇددىي ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئاكامنىڭ قولىدىن تۇتۇپ مەكتەپكە كىتەتتىم . شۇ كۈنلىرىمىز گەرچە قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆتسىمۇ ، ئومومەن بۇ ئىككىمىز يەنىلا ئىنجىل - ئىناق ئۆتەتتۇقكەن . دادامنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىدىن ھىچ بىر خەۋەرسىز بولساقمۇ ، كۆڭلىمىزدە ئۇلارنىڭ تىزراق ساقىيىپ تىزراق قايتىپ كىلىشىنى شۇنچىلىك تىلەيتۇق ، شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارغا ئاتاپ بىر خاتىرە توشتۇرغىنىم ھىلىمۇ يادىمدا ... L0q.b+L44`
ئىشتاننى سىمغا ئارتالماي قىيلىنىپ سەكرەپ يۈرسەم ، ئاكام بىر چەتتە تۇرۇپ كۈلۈپ يىتىپ قاپتۇ ، تۇمشۇقۇمنى ئۇچلاپ ئۇنىڭغا ھومىيىپ قۇيۇپ ، قۇلۇمغا بىر كالتەكنى ئىلىپ سىمنى ئاستا پەسكە تارتىپ ئىشتاننى يىيىپ قۇيۇپ ، ئاكامغا ئوبدانلا ئالىيىپ قويدۇم . C0LTqP
}TH
- ئەمدى تاماق ئىتەمدۇق ؟ تەييار بولدۇڭمۇ ؟ 2Vc a)B
تاماق ئىتىمىز دىگىنىمىز بىلەن بىز ئەزەلدىن تاماق ئىتىشنى ئۈگىنىپ باققان ئەمەس، پەقەت ھويلىدا تاپشۇرۇق ئىشلىگەچ ئاپامنىڭ ئاشخانا ئىچىدە نىمىش قىلىۋاتقىنىغا ئانچە -مۇنچە دىققەت قىلىپ قوياتتۇق . گاھىدا ئاكام ئىككىمىز سەي ئادالاپ بىرىمىز دەپ ئاشخانىغا كىرىۋىلىپ ، 3 ئادەم تۇرسا قىستاڭچىلىق بولىدىغان بۇ كىچىك ئۆينى شۇنداق پاراكەندە قىلاتتۇقكى ، ئاپام قاقشاپ كىتەتتى .ئاپامنىڭ شۇ قاقشاشلىرىغا بىز پەقەت تىرنىقىمىزنى تاتلىغىنىمىزچە بىشىمىزنى ئىگىپ تىمتاس جاۋاپ قايتۇراتتۇق . مانا ئەمدى پۇرسەت كىلىپ ئۆزىمىز ئاشپەر بولىدىغان چاغدا ، نىمە قىلارىمىزنى بىلمەي ھەر نىمىلەرنى قىلىپ بىقىپ ئۆزىمىزنىڭ ئەتكەن «تاماقلىرىمىز»دىن ئۆزىمىز ھوزورلىنىپ ، داملاپ يىيىشىدىغان بولدۇق .ئائىلىمىز ئىناقلىققا چۆمگەن ، كۈندە دىگۈدەك كۈلكە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان ئائىلە ئىدى . بىكا بولۇپ قالساق بىر بۇلۇپ تىپىشماق ئىيتىشىپ ، ھىكايە ئىيتىشىپ ياكى شاھمات ئوينىشىپ دىگەندەك قىززىقارلىق ھەم مەنىلىك ئۆتكۈزەتتۇق. ئەمدى ھەممە ئائىلىدە بۇلۇپ تۇرىدىغان ئاز -تولا ئۇرۇش تالاشمۇ بار ئىدى .شۇ تاپ دىمىگەن بىلەن ئاپامنىڭ تامىقىنى شۇنداق سىغىنغان ئىدۇقكى ، بۇ تاماقلار شۇ تاپ كۆزىمىزگە گۈل بۇلۇپ كۆرۈنەتتى . دادام بىلەن ئاپام بىزگە دادامنىڭ مائاش كارتىسىنى بىرىپ ، ئايدا بىر چەككە 380 نى سىلىپ قۇيۇپ قالدى 200 نى ئۆزىمىزنىڭ خەجلىشىنى تاپىلاپ قۇيۇپ كەتكەنىدى . ئەمدىلا ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇپ ئۆيدە قىلىپ قالغان ئازغىنا پۇل ئۈستىدە ئاكام بىلەن ئىككىمىز خىلمۇ -خىل ھىساباتلارنى يۈرگۈزۈپ ، ئاخىرى ئۆيدە تاماق ئىتىپ يىيىش قارارىغا كەلگەنىدۇق ، يەنە كىلىپ بىز ئاپام بىلەن دادامنىڭ قايتىپ كەلگەندە ئۆيدە پۇل يوق بۇلۇپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن ھەر ئىككىمىز ئۆز ئالدىمىزغا 20 دىن سىلىۋىلىپ تىقىپ قويغانىدۇق . مانا ئەمدى بىز بۇ ئۆينىڭ كىچىك كاسسىرىغا ئايلانغان ، ھىسابات ھەر ئىككىمىزنىڭ قولىدىن تەڭ ئايلىناتتى ...
-ئاكا ، تۈنۈگۈن ئەكەلگەن سەيلەرنى كۆرۈپ باقايلى ، قانداق سەي قورۇساق بولىدىكىن قىنى . C<+(^WX,n
- بۈگۈن تۇخۇم سەي قورۇپ باقامدۇق ؟ مەن كۆرىۋالغان ، قىلالىشىم مۇمكىن . Pt?.(;M}
- مەيلى ، مەن ئارقىدىنلا باشقا سەي قورۇي ، توختا ھە ، سەن قورۇپ بولغۇچە مەن خىمىر يۇغۇرۇپ باقاي . >o
4%zF
خىزمەتلرىمىز تەخسىملىنىپ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق . مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن خىمىر يۇغۇرۇپ چىكەمدىن تەرمۇ چىقىپ كەتكەنىدى . بىر چاغلاردا ئاكام يۈگۈرگەنچە كىرىپ : -| (xmj2
-ئۇكام ، تۇخۇم سەيگە تۇز قۇيامدۇ ؟ - دەپ سورىۋىدى ، مەن ئويلانمايلا ، ھە ، دەپ جاۋاپ بىرىۋىتىپتىمەن . ئەمەلىيەتتە بۇنى مەنمۇ بىلمەيتىم . ئارقىدىنلا ئىككىمىز بىر بۇلۇپ ئادەتتە تاماقلىرىمىزدا كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سەيلەرنى ئادالاشقا كىرىشىپ كەتتۇق . قايسىسىنى ئالدىدا ، قايسىسىنى ئارقىدا سالىدىغانلىقىنى ھىچكىم بىلمەيتى . شۇنىڭ بىلەن بىز سەينىڭ يۇمران -يۇمران ئەمەسلىكىنى كۈزىتىپ سىلىۋەردۇق . ئىشقىلىپ ئىككىمىز بىرگە قىلغان 3- قىتىملىق سىيىمىزمۇ ئوڭۇشلۇق پىشىپ چىقتى . ئاكام ئۆزى قورىغان تۇخۇم سەينى سەينىڭ تۆپىگە سىلىۋىتىپ ماڭا قاراپ : Bu
E,?H
- مۇنداق يەپ باقىلى ھە ، بىكا ئەمدى تۇز سالمايدىغان بوپ قالسا شاكىراپ بۇلۇپ ئىككىلىمىز سۇسىز قالغان كالىدەك سۇغا دم ياتمايلى ... eDG84 O
ئىككىمىز تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق ، ئاكام مىنىڭ يۈزلىرىمدىكى ئۇن يۇقىغا قاراپ : &?AG95
8]d
-توۋا سىڭلىم ، سەن يۈزلىرىڭگە ئۇن سۈرتىۋالمىساڭمۇ خىلى ئاقتىڭ ، بۈگۈن قارىسام خىمىر تاس قاپتۇ سىنى يۇغۇرىلى ، كۈچۈڭ يەتمىسە ئەتە مەن يۇغۇراي ، يۇغۇرالمىساق گۈرۈچ ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ ، پەقەت بولمىسا بىرىپ مەھەللىدىكى باشقا چوڭلاردىن سوراپ قىلارمىز ، قانداق ؟ - دىۋىدى ، كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى ... BOT>YppW
- ئاكا ، ئەتە ئاتا ئانىلار يىغىنى ئاچىدىكەن ، قانداق قىلىمىز ؟ \/)c"{\gO
-قانداق قىلاتتۇق ، مەن سىنىڭكىگە ، سەن مىنىڭكىگە قاتنىشىسەن ، ئىككىمىز مۇئەللىمگە چۈشەندۈرسەكلا بولىدۇ .خاتىرجەم بولغىن . ivXA6
شۇنداق قىلىپ بىز كەچلىك تاماقنى يەپ ، قاچىلارنى يىغىشتۇرۋىتىپ تاپشۇرۇق ئىشلەپ ئۇخلاپ قالدۇق .
سەھەر ، مەكتەپ قوينى ھەددىدىن زىيادە ئاۋاتلىققا چۆمگەن ، قول -قولىدىن يىتلىشىپ كىلىۋاتقان ئاتا -بالا ، ئانا - بالىلار ، يىقىملىق ماختاشلار ۋە چاقىرىشلار ئارىسىدا مىتىلداپ يۈرۈپ سىنىپىمغا ئاران كىلىۋىلىپ ئۆز جايىمدا ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچۇمنى ساقلىدىم . ئۇنىڭ كىلىشى بىلەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرمەكچى ، بۇ ئىشلارنىڭ قىسقىچە دوكىلاتىنى قىلماقچى ، ئاكام دىگەندەك ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشمەكچى ئىدىم . ئويلىمىغان يەردىن سىنىپ مۇدىرىمىز ھەممە ئاتا -ئانىلار كىلىپ بولغۇچە سىنىپقا پۇت باسمىدى ، ئىشخانىسىنىڭ ئىشىكىمۇ ئىچىلىپ باقمىدى . ئاتا -ئانىلار يىغىنى ئىچىلىپ ، يوقلما باشلانغاندا تىرنىقىمنى تاتلاپ تۇرۇپ :« كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، ئۆيدە چوڭلار يوقتى ، دادام بىلەن ئاپام داۋالىنىشقا كەتكەن » دىيىشىم بىلەن تەڭ ، ئارىدىن بىر ساۋاقدىشىمنىڭ دادىسى خۇددىي تەستىقلىغاندەك ، « بۇ قىزنىڭ دادىسى بىزنىڭ ئاغىنىمىز بولىدىغان، مۇئەللىم ، ئەمدى بۇ قىزنىڭ ئۆيىدىن ھىچكشى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئاتا -ئانىلار يىغىنىغا قاتنىشالمايدۇ . » دىدى-دە ، مىنىڭ غەزەپتىن تاتارغان چىرايىمغىمۇ قاراپ قويماستىن ، « بۇنىڭدىن كىيىن بۇ قىزنىڭ ئائىلە باشلىقلىرىنى يىغىنغا چاقىرىش ھاجەتسىز » دىۋەتتى ... مەن بۇ ئاكاشنى تۇنىساممۇ ، ئەمما ئۇنىڭ مۇنداق ھۆرمەتسىزلىكىگە قاراپ تۇرغۇچىلىكىم قالمىغانىدى . o
[`t"jn
- كەچۈرۈڭلار ، ئەدەپسىزلىك قىلىدىغان بولدۇم . كەچۈرۈڭ تاغا ، مەيلى بىزنىڭ ئۆيدىن بۈگۈن ئادەم كىلەلىسۇن -كىلەلمىسۇن ، سىزنىڭ ياخشى كۆڭۈل بىلەن قىلغان بۇ سۆزىڭىزگە رەھمەت ، ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن دەپ مۇقەررەر قىلىۋىتىش بىھاجەت ئىدى ، كىينگە ياراتقان ئاللاھ بىر نىمە دىمىسە بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئەدەپسىزلىك بولدى ، بۇ سۆزلىرىڭىز ماڭا بەك ئىغىر كەلدى ... @[d./x
مەن ئاران شۇلارنى دىيەلىدىمدە ، ئۆزۈمگىمۇ ئىنىق بولمىغان بۇ سۆزلەر تۈپەيلى سىنىپتىن يىغلىغىنىمچە چىقىپ ئاكامنىڭ سىنىپىنىڭ ئالدىغا باردىم . ئاكاممۇ خۇددىي ماڭا ئوخشاش بىشىنى تۆۋەن سىلىپ ئولتۇرغانىكەن . مەن كۆز ياشلىرىمنى سۈرتىۋىتىپ ، خۇددىي ھىچ ئىش بولمىغاندەك ئاكامنىڭ يىنىدا بوش تۇرغان ئىككى ئورۇننىڭ بىرىدە ئولتۇرۇپ ئاكامغا تىكىلدىم . قوللىرىمىز بىر بىرىمىزگە چىڭ باغلاندى ، بىز قوللىرىمىزنى چىڭ سىققىنىمىزچە بۇ ئائىلە يغىنىنى تۈگەتمەكچى بولغانىدۇق . mE#| LjCnH
- پەرھات ، سىزنىڭ ئۆيىڭىزدىكىلەر قىنى بالام ؟ rXtckd0m
- كەچۈرۈڭ مۇئەللىم ، ئۇلار داۋالىنىشقا كەتكەن ، بۇ ئىشلاردىن ۋاقىپلاندۇرۇش مۇمكىن بولماي قالدى ، ئەمما مىنىڭچە سىڭلىم ئۇلارنىڭ ئورنىدا مەن بىلەن بىللە بۇ يىغىنغا قاتناشسا مەنمۇ خوش بولىدىكەنمەن ، رۇخسەت قىلسىڭىز ... _M,Eu e-
توۋا ، ئاكامنىڭ سىنىپ مۇدىرى بىزگە شۇنچىلىك ئىللىق كۈلۈمسىرىدىكى ، مەن بۇ كۈلۈمسىرەشتىن شۇنچىلىك ئىللىقلىق ھىس قىلدىم . )`uy*LW't
-بولىدۇ بالام ، ئەمىسە يىغىننى داۋاملاشتۇرايلى ... eh~N-J&,:#
يىغىن ئۇتۇقلۇق ئاياقلاشتى . ئاكامنىڭ ئۆتكەن مەۋسۇم ئالغان تەقدىرنامىللىرى كۆپچىلىك ئالدىدا تارقىتىلىپ ، ھەممە ئاتا -ئانىلار ئااكمغا رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىدى . مەن ئاكام ئالغان تەقدىرنامىنى كۆتۈرگىنىمچە ، ئاكام بىلەن سىنىپىمغا قايتىپ سومكامنى ئىلىۋالماقچى بولدۇم . سىنىپقا كىلىشىم مىنىى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق مەنزىرە تۈپەيلى مەن ھەيرانلىقىمنى يۇشۇرالمىدىم . '35_eS{8
خۇددىي ئاكامغا ئوخشاش مەنمۇ تەقدىرلەنگەن ، تەقدىرنامىللىرىم ئالدىدىكى پارتىغا قۇيۇپ قۇيۇلغان ، مۇئەللىم مىنىڭ سومكامنىڭ تىخى بارلىقىنى كۆرۈپ مىنىڭ قايىتىپ كىلىشىمنى پەرەز قىلىپ يىغىننى سوزغانىكەن . مىنىڭ كىلىشىم ھەممە ئاتا -ئانىلار بىردەك ئالقىشلاپ كەتتى . مەن تەقدىرنامىلارنى قولۇمغا ئىلىپ ، ئاكامغا ئىتىلدىم . مۇئەللىمىم ئىككىمىزنىڭ بىشىدىن سىيلاپ تۇرۇپ : 2O[c`Gc^!
-ھەممىمىزنىڭ بىشىدا ئوخشىمىغان كۈن بار ، ئەمما گۈدەك قەلبىڭىزدە ھىچقانداق ئازاپ ئىزى قالمىسۇن ، غەيرەت قىلىڭ -،دىۋىدى ، ياش تۆكۈلۈپ ئۈلگۈرگەن كۆزلىرىمنى ئىيتىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي مۇئەللىمگە ئۆزۈمنى ئاتتىم . ھەممە ئاتا -ئانىلار بىردەك ئالقىشلىماقتا ...
شۇ ئىشلار بۇلۇپ ، ئۇزۇنغىچە دادام بىلەن ئاپامنىڭ خەۋىرى بولمىدى . ئاكا -ئۇكا ئىككىمىز ئۇرۇقلاپ ياغاچ بۇلۇپ قالساقمۇ ، يەنە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىز ئۆزگەرمەي كىلىۋاتاتتى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىز تىخى تۇنىمايدىغان ، ئۆزىنى ئاپامنىڭ ئىشدىشى ئاتىۋالغان بىر ھەدەش ئۆيىمىزگە كىرىپ كەلدى . (1R`Lhix
-- قانداق باللىرىم ، قانداق تۇرىۋاتىسىلەر ؟ مەن داداش - ئاپاشنىڭ خەۋىرىنى ئىلىپ كەلدىم . N>=@X8;\
ئۇنىڭ ئىيتىشىچە دادام مىڭە ئۆسمىسى بىلەن ئوپىراتسىيە قىلىنغىلى بىر ئاي بولۇپتۇ ، تىخى كارۋاتتىن چۈشۈپ ئۆز ھۆددىسىدىن چىقالمايدىكەن ، مۇشۇ پات ئارىدا قايتىپ كىلىدىكەن ... 6KnRiD##
بۇ خەۋەر ماڭا ئۆمرۈمدە ئاڭلىغان ھەر قانداق خەۋەردىن بەكرەك ئىغىر كەلگەنىدى . دىمەك مىنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان ، ماڭا باققان قۇشلىرىنى ، ئۈگەنگەن ئايەتلىرىنى توختىماي دەپ بىرىدىغان دادام ئەمدى تىلىدىن قىلىپ ، يىرىم پارالىچ ھالەتكە چۈشۈپ قاپتۇ . ئاپام كىچە -كۈندۈز دىگۈدەك دادامنىڭ ئەتىراپىدا پەرۋانە بۇلۇپ يۈرىيدىكەن ... بۇ خەۋەردىن ئۇچۇپ كەتمىگەن بولساممۇ ، خۇددىي تاياقنى راس يەپ ھۇشىنى يوقاتقان ئەرۋاھتەك خىلى كۈنلەرگىچە تۇتقان -قويغىنىمنى بىلەلمىدىم . ئەلۋەتتە ، ئاكاممۇ ماڭا ئوخشاش بىر ئولتۇرغان يىرىدە ئۇزۇنغىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كىتەتتى . ئۇنىڭ مەن بىلەن قۇشقاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلشىدىغان ، ئارىلاپ - ئارىلاپ قىلىپ قويىدىغان چاقچىقىدىن ئەسەرمۇ يوق ... ئىككىمىز كۈنلىرىمىزنى ئىنتايىن تىنىچ ئۆتكۈزىۋاتاتتۇق ، كۈنلىرىمىز كۈتۈش بىلەن تولغان . ئارىدىن 3 ئاي ئۈتۈپ كەتكەن بىر كۈنى ئاكام ئىككىمىز يا خوشال بولىشىمىزنى ، يا يىغلىشىمىزنى بىلەلمىگەن بىر كۈن يىتىپ كەلدى . R4U?"ZL
ھويلىنى سۈپۈرۈپ سۇ چىچىپ ، ئاشخانىنى تازلاۋاتاتتىم . تۇيۇقسىز ئىشىك ئەنسىز قىقىلدى . بۇ چۈشتە كىمدۇ ، ئەمدى بۇ ، دىگىنىمچە ئىشىكنى ئىچىپ قاققان قۇزۇقتەك تۇرغان جايىمدا تۇرۇپلا قاپتىمەن ... R9Ac UV3
مىيىپلار ھارۋىسىدا ئۇكۇل سەۋەبىدىن ئىششىغاندەك كۆرۈنىدىغان دادام ، قولىدىكى ھاسىسىسىنى تىزىغا قۇيۇپ ئولتۇراتتى ، ئاپام ھارغىن چىراي ، دادامنىڭ ھارۋىسىنى ئارقىدىن ئىتتىرىشكە تەييار ھالەتتە .. |,X^K Q$IV
-بالام ، تىچلىقمۇ ؟ ئىشىكنى چوڭراق ئىچىگە ، دادىڭىزنى ئۆيگە ئەكىرەيلى ، بەك چارچاپ كەتتى ... un?{+lK
S'
مىنىڭ ھەيرانلىقىم چىرايىمغا چىققان چىغى ، دادامنىڭ بىزنى كۆرۈپ خوشال بولغان چىرايى بىردىنلا غىرىپ چىرايغا ئالمىشىپ كەتتى . %N&cC,x?
مەن دادامغا تەلىۋى بويىچە ھويلىغىلا ئورۇن راسلىدىم . ئاكام نان ئالغىلى چىقىپ كەتكەن يىرىدىن قايتىپ كىلىپ دادام - ئاپاملارنى كۆرۈپ ھەيرانچىلىقتا ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ قالدى . QK? mp.L
-باللىرىم ، كىلىڭلار ، داداڭلارنىڭ قىشىدا ئولتۇرۇڭلار ، بىزمۇ سىلەرنى شۇنداق سىغىنغانتۇق ، قىنى ، قانداق تۇردۇڭلار ؟ 3=})i?znm
ئەسلى قائىدە بويىچە بۇ گەپلەرنى بىز دادام -ئاپاملاردىن سوراشقا تىگىشلىك ، ئەمما ھەيرانلىق ۋە ئازاپلىنىش بىلەن قىسىلىپ قالغان تىلىمىزغا بۇ گەپلەر دەماللىققا كەلمەي قالدى . ئارىدىكى جىمجىتلىقنى بۇزۇپ ئاپام گەپ تەشمىگەن بولسا ، ئاكام ئىككىمىز قاچانغىچە ھۇشىمىزغا كەلمەي تۇراتتۇقكىن تاڭ ؟ ئاكام بىلەن ئىككىمىز بىر بىرىمىزگە قارىشىۋالغاندىن كىيىن تىزلا دادامنىڭ يىنىغا كىلىپ ئەھۋاللىشىپ كەتتۇق . راس ، دادامنىڭ ساق پىتى مۇشۇ ئۆينىڭ بۇسۇغىسىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى ساق -سالامەت ھالىتى كۆزلىرىمىزگە سىڭىپ كەتكەن ، ئۇنى سالامەت ئۇزىتىپ ئەمدى بۇ ھالەتتە كۈتىۋىلىش گۈدەك قەلبىمىزنى ھەقىقەتەن ئازاپلىغانىدى . ئەسلىمىزگە كىلىۋالغان ئاكام بىلەن مەن ئۆيدە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ساقلاپ كەلگەن 120 يۈەن پۇل بىلەن ، ئاپامنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە قۇيۇپ كىلىۋاتقان چەكنى ۋە دادامنىڭ ئىشىپ قالغان مائاشىنى ئاپامنىڭ قولىغا تۇتقۇزدۇق . ھەر ئىككىمىز ئۇلارنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن خوشال بولساق ، بۇنىڭدىن كىيىنكى تۇرمۇشىمىزنىڭ قانداق بۇلۇپ كىتىدىغانلىقىنى بىلمەيتۇق .
ئويلاپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە قەيەردىن پەيدا بولدىكىن ، بىرجىن قىز مىنى نۇقىلاپ تۇرۇپ : >i8;
C@
-نان يەمسىز ، قارىسام يىغلاپ ھالىڭىزدىن كىتەي دىدىڭىز ، ھىچ بىزگە قارار تەلەتىڭىزمۇ يوق ، ھالىڭىز ئۈستۈن بولسىمۇ بىزگە قاراپ قۇيۇڭ ، بۇ يەردە سىزدىن بۆلەك 8 جۈپ كۆز باياتىن بىرى سىزنى كۈزىتىپ غەيۋىتىڭىزنى قىلىپ كىلىۋاتىمىز . &