ئۇيغۇرچە يېزىق بېسىلغان خەلق پۇللىرى
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى بىلەن، خەلق پۇلىمۇ شىنجاڭدا پەيدا بولدى، لېكىن رەسمىي تارقىتىلمىدى. ئۇ چاغدا شىنجاڭدا يەنىلا ئۆلكىلىك بانكا تارقاتقان كۈمۈش تەڭگە ئىشلىتىلەتتى، ئازادلىق ھارپىسىدىكى مال باھاسىنىڭ تېز ئۆرلەپ كېتىشىدەك ئەھۋالغا بەرداشقا بېرىلمىگەنلىكتىن ئۇنىڭ ئورنىمۇ لىڭشىپ قالدى. 8mR(q&
شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە ئەھۋالىغا قارىتا، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكىلەرنى مەسلىھەت كېڭىشىگە چاقىرىپ، كۈمۈش تەڭگىنى ساقلاپ قېلىپ، شىنجاڭنىڭ ۋاقىتلىق قانۇنلۇق ئوبوروت پۇلى قىلىشنى قارار قىلدى. شىنجاڭدا خەلق پۇلى رەسمىي ئىشلىتىلگەن ۋاقىت 1951-يىل 10-ئاي. بۇ چاغدا، شىنجاڭدا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ پۇل سىستېمىسى بىلەن بىرلىككە كېلىش شەرتى پىشىپ يېتىلدى. 1951-يىل 9-ئاينىڭ 21-كۈنى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جېڭۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى جۇئېنلەي پەرمانغا ئىمزا قويۇپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇرچە يېزىقى بار خەلق پۇلى تارقىتىشنى قارار قىلدى. CTbM)p??
بۇ بىر گۇرۇپپا مەخسۇس ئۇيغۇرچە يېزىق بېسىلغان خەلق پۇلى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ۋە تەلىپى ئېتىبارغا ئېلىنغان ئاساستا لايىھىلەنگەن بولۇپ، قىممىتى 500 يۈەنلىك، 1000 يۈەنلىك، 5000 يۈەنلىك، ۋە 10000 يۈەنلىكتىن ئىبارەت تۆت خىل بولغان. ئالدى تەرىپىگە خەنزۇچە يېزىق ۋە چېگرا مەنزىرىسى، كەينى تەرىپىگە ئۇيغۇرچە يېزىق ۋە گۈل نەقىشلىرى چۈشۈرۈلگەن. رەڭگى ئوچۇق، يوللىرى زىچ، قەغىزى سۈپەتلىك، ئۆلكە كۈمۈش پۇلىدىن كۆپ نەپىس ياسالغان بولۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. RhNTj;W*6M
شۇ يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى، شىنجاڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى جېڭۋۇيۈەننىڭ پەرمانىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خەلق پۇلىنىڭ شىنجاڭدا رەسمىي ئوبوروت قىلىنىپ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى، ئۆلكە كۈمۈش پۇلىنىڭ بىر يۈەنىنى خەلق پۇلىنىڭ 350 يۈەنى بويىچە، ئۈچ ئاي مۇددەت ئىچىدە ئالماشتۇرۇپ يىغىۋېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭدا ئاخىرى مەملىكەت پۇلى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرچە يېزىق بىېسىلغان بۇ بىرگۇرۇپپا خەلق پۇلى پۇل نۇسخىلىرىنى يىغىپ ساقلىغۇچىلارنى جەلپ قىلغان.
مەنبە : شىنجاڭ تىل_يېزىقى تورىدىن