ئەركەكلىكىنىڭ چىللىشى : ئەركەكلەر قېنى سىلەر ... سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | كىيىم دۇكىنى | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر » ئوبزور، ماقالىلار » ئەركەكلىكىنىڭ چىللىشى : ئەركەكلەر قېنى سىلەر ...
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
تېما: ئەركەكلىكىنىڭ چىللىشى : ئەركەكلەر قېنى سىلەر ...
بۇ تىما 1547 قېتىم كۈرۈلدى .

بۇ ئەزا توردا بار باغۋەن

يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەلەپ باشقۇرغۇچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1157<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 842
UID نۇمۇرى : 49
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 12
يازما سانى: 1022
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1022دانە
شۆھرەت: 962 نۇمۇر
پۇل: 1546 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1187 نۇمۇر
قوللاش: 1062 نومۇر
ئالقىش: 419 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

ئەركەكلىكىنىڭ چىللىشى : ئەركەكلەر قېنى سىلەر ...

بۇ يازما خۇرسەن تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-09-19)
ئەركەكلىكنىڭ چىللىشى


 
نۇرمۇھەممەت ئۆمەر ئۇچقۇن



نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىمىز ۋە يازۇ-پۈتۈكلىرىمىز بىزگە خەلقىمىزنىڭ پىسخىكىسى ۋە ھاياتلىق مىزانى ھەققىدە قىممەتلىك تەلقىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. بىز تارىخنىڭ سارغايغان بەتلىرىنى قانچە كەينىگە ۋاراقلىغانسېرى شۇنچە ئىپتىخار ۋە ھاياجانغا چۆمىمىز. گەرچە نېمە ئۈچۈنلىكىنى دەپ بېرەلمىسەكمۇ، ئۇزاق تارىخنىڭ سەلتەنەتلىك شانۇ-شەۋكىتى دىللاردا كەيىپ، تىللاردا كۆپۈك قايناتماي قالمايدۇ. مەن ھون تەڭرىقۇت چەۋەندازلىرى، ئوغۇزخان، ئاتىللا، چىنتۆمۈر باتۇر... لار ھەققىدە گەپ بولغاندا كۆزلىرى ھەۋەس، شادلىقتا چاقنىمىغان، قېنى قىزىپ، ھاياجىنى تاشمىغان بىرمۇ ئۇيغۇرنى كۆرمىدىم. «سىپارتاك»، «سۇ بويىدا»، «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە» فىلىملىرىگە مىختەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ، باھادىر ئەزىمەتلەرنىڭ ھەق-ناھەق پاسىلى ئۈستىدىكى غەزەپ-زارىغا، قورقۇمسىز شىر يۈرەكلىكىگە ئاپىرىن ئېيتىپ تىل چاكىلداتقان ئادەملەرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ھېچكىم ساناپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.
تارىخ نوقۇل يىللار دۆۋىسى ئەمەس. يالغۇز ۋەقەلەرنى دەلىللەش ۋە قاتىرىسىغا يىلنامە، جەڭ خاتىرىلىرىنى تىزىپ كۆرسىتىشلا ئەمەس. ئۇ مەلۇم بىر دەۋرنىڭ مەۋجۇدلۇق ئۈچۈن كۈرەش تارىخىلا ئەمەس، بەلكى بىر قەۋمنىڭ مەدەنىيەت، تۇرمۇش ئەندىزىسى، ئېتىقاد، روھىيەت ئارخىپى. بىز ئەمدى تارىخ تەتقىقاتىنى مەدەنىيەت پىسخىكا تەتقىقاتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز لازىم. چىنتۆمۈر باتۇر بەلكىم سىڭلىسى مەختۇمسۇلانى قۇتقۇزۇش ئۈچۈنلا يەتتە باشلىق يالماۋۇز بىلەن ئېلىشمىغان بولغىيتتى؟ ئۇنىڭ مىسران قىلىچىنىڭ غەزەپ بىلەن ھەر بىر ئۇرۇلۇشىدا ئۆز قېرىندىشى، ئائىلىسى، قەۋمىنىڭ ئار-نومۇسى، قىز-خوتۇنلىرىنىڭ ئىپپەت-ھاياسى، نەسەب شەجەرىسىنىڭ ئۇلۇغۋار-مۇقەددەسلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئەقىدىسى يالىلداپ تۇرىدۇ. دېمەككى، ئۇ بىزنىڭ روچىيەت تىندۇرمىمىزدا چۆچەك ئىچىدىكى بىر قەھرىمانلا ئەمەس، بەلكى ئەخلاق، ئەقىدە ئىمپېراتورىغا ئايلىنىپ كەتكەن. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنىۋىيەت يۇلتۇزلىرىمىزنى قايتىدىن، يېڭى-يېڭى روجەكلەردىن جۇلالاندۇرۇپ تۇرۇش، پۈكۈلگەن قەددىمىزنى رۇسلاپ، چىرىگەن قەلبىمىزنى پاكلاشتا پەۋقۇلاددە ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر. راستىنى ئېيتقاندا، بىزنىڭ رېئال تۇرمۇشىمىزدىمۇ ئادەم سۈرەتلىك يەتتە باشلىق يالماۋۇزلار كۈنسايىن كۆپەيمەكتە. چۆچەكتە ئاران بىرسى بولسا، بىزنىڭ چۆچەكتەك خىيالى، رىۋايەتلەردىكىدەك بىغەم، ئەپسانىلەردىكىدەك بەدىۋىي رېئاللىقىمىزدا تۈرلۈك ئىجتىمائىي سىياقتا نىقابلانغان مۇنداق ئادەم سۈرەتلىك يالماۋۇزلار ئاز ئەمەس. ھۇشيار بولمىساق ماڭدامدا بىر پۇتلىشىپلا تۇرىمىز. بەلكىم مەن، سىز، بىز ... بىلىپ- بىلمەي يەتتە باشلىق يالماۋۇزلارغا ئوخشاپ قېلىۋاتقاندىمىز ياكى بولمىسا ئۇنىڭ مەلۇم بىر بېشىغا ... ئەمما چىنتۆمۈر باتۇر قېنى؟ مىسران قىلىچى بارمىدۇ؟ كاپكاپ كۈچۈكى تەييارمىدۇ؟ ئارغىماق ئېتى تەقمىدۇ؟...
نازۇكۇم يېتىم بوتىلاقتەك ئايانچلىق ئاۋازدا شۇنداق قوشاق قېتىشقا مەجبۇر بولغانىدى:
تاغدىن چۈشكەن لاي سۇنى،
سۈزۈپ ئىچەر ئەر بارمۇ؟
نازۇك باشقا كۈن چۈشتى،
ئېلىپ قاچار ئەر بارمۇ؟
ئۇنىڭ ھەسرەتلىك نىداسىغا ئېزىلگەن، خورلانغان پۈتكۈل قىز- ئاياللىرىمىزنىڭ مۇڭى قېتىلىپ كەتتى. ئەمما نازۇك باشلارغا كۈن چۈشكەندە ئەسقاتىدىغان ئەر نازۇكۇمغىمۇ، نازۇك قىزلىرىمىزغىمۇ چىقمىدى، چىقسىمۇ يوق ھېسابتا بولدى. ئاچچىق تارىختىن قېپقالغان ئازاپلىق سوئال ئۇيغۇرنىڭ ئاڭ بوشلۇقىغا يەنە شۇنداق ئېسىلغان پېتى قالدى: ئەر بارمۇ؟ ئەر بارمۇ؟؟؟
نەچچە مىڭ يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىنسانىيەتنىڭ قەھرىمانلىق دەۋرى جىمجىت ئاخىرلاشتى. بىز ئەمدى بىر چاغلاردىكى ئاقار يۇلتۇزدەك ئۇچۇپ بارىدىغان تۇلپار- ئارغىماقلارنى تار، بېكىك ئىشخانىلاردا يۇمشاق ئورۇندۇقلاردا ئولتۇرۇپ خىيالەن ئويلايدىغان بوپقالدۇق. بىر قوۋمم، ئەل ئۈچۈن نەچچە مىڭ باھادىر سۈپەت يىگىتنىڭ كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويماي جان تەسەددۇق قىلىشلىرى كىتابلاردىكى ساماۋىي چۆچەكلەرگە، كىشىلەر ھەۋەس بىلەن ئېغىزىنى تامشىتىدىغان كەتسە كەلمەس ئۆتمۈش ئەپسانىلىرىگە ئايلاندى. بىز ئەمدى بۇنداق باتۇرلۇق داستانلىرىنى ھوللىۋود، جۇڭگو، شياڭگاڭنىڭ ئۇرۇش فىلىملىرىدىن كۆرىدىغان بولدۇق. ئەمما كۆرۈپ ھۇزۇرلىنىش ھامان كىشىلەرنىڭ ئىچكى تۇيغۇسىدىن چەتتە قالىدۇ، ئۇ مەڭگۈلۈك ئەس بوشلۇقىدىن قارار تاپالمايدۇ. كىنوخانىدىن چىقساقلا، تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن قوپساقلا ھەممە يوق. ئالدىمىزدىكى بىر- بىرىدىن ئالدىراش، پەرۋاسىز ئادەملەر، ھەممەيلەن ياشاش ئېھتىياجىنىڭ ئايىغى چىقماس ھەلەكچىلىكىدە قالغان. تېخى بايىلا قارام ئەركەكچىلىكنىڭ ھۇزۇرلۇق ئېقىنىدا ئاققانلار يېنىدىلا بىر قىزنىڭ ناجىنسلارچە دەپسەندە قىلىنىشى، خورلىنىشى ياكى بوزەك قىلىنىشىغا پەرۋاسىز كۆز يۇمۇپ، قۇلاق يۇپۇرۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. مۇمكىنلا ئەمەس، تۇرغان گەپ. سىز، مەن ئۇنداق قىلمىدۇق دېيەلەمدۇق؟... روھىيەتتىكى ئەركەك ۋە ئەركەكتىكى روھ... قەھرىمانلىق ئەپسەنىسى ۋە ئەپسانىۋى قەھرىمانلىق... كىشىلەر ئايال مىجەزلىشىۋاتاتتى، ئاياللىشىش پۈتكۈل يەر شارى خاراكتېرلىك ئورتاق ئاپەت ئىدى... غايە بىلەن رېئاللىق، ئارزۇ بىلەن ئەمەلىيەت ئوتتۇرىسىدىكى تار قىسىلچىلىقتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ناھايىتىمۇ ئېغىر پاجىئەلىك تەڭقىسلىقى مىچىلداپ تۇراتتى:
ئەركەكلىك!!!
ئات يايلى ئۆچتى سارغۇچ بەتلەردىن،
باتۇرلۇق كۆچتى قىلىچلىق ئەردىن.
- ئادىل تۇنىياز : «ئۇيغۇر كوچىغا چىققاندا» دىن
بولار ئىمىش ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپىتى،
ۋەتەنسىزلەر كىرەلمەسمىش جەننەتكە.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت : «ناخشا» دىن
بىز قەھرىمانلىق دەۋرى ئەپسانىلەرگە ئايلانغان تالاي يىلدىن كىيىن توساتتىنلا كىملەرنىڭدۇ قەھرى بىلەن توۋلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدۇق. «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر؟» دەيتتى بىرى ئادەم پاتماي قالغان ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا ئەلەڭشىپ ۋارقىراپ يۈرۈپ. كىشىلەر ئۇنىڭغا قاراپ قويۇشاتتى-يۇ، يەنىلا ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەند ئىدى. ۋارقىرىغانلا ئادەمگە قاراپ تۇرۇپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا بولمايتتى. پۇل تېپىش كېرەك ئىدى. تىجارەت قىلىش، خىزمەتكە بېرىش ئۈچۈن چاپمىسا بولمايتتى. پۇل تاپقاندا كىمنى قانداق چىرقىرىتىپ، ۋارقىراتقۇسى كەلسە شۇنى قىلالايدىغىنىغا ئۇلار سۆزسىز ئىشىنەتتى. ۋارقىرىغۇچىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر بىلەن كارى يوقتەك ئىدى. ئۆز خىيالىدا ۋە ئۆلچىمىدە ئۇ يالىڭاچلىنىۋاتقان ئاياللارنى، ھىسسىياتىسىز، بېسىقىپ كەتكەن بىچارە ئەرلەرنى، كوچىلاردا كەلكۈندەك دەۋرەپ، قۇتراپ كېلىۋاتقان شەھۋەتنى، ھايانىڭ قات-قات چۈمپەردىسىنىڭ جارتىلداپ يىرتىلغىنىنى ئېنىق كۆرەتتى ۋە يەنىمۇ چىڭقىلىپ، بوغۇلۇپ ۋارقىرايتتى. «ئادىل تۇنىياز» دەپ قوياتتى كىملەردۇ ئېچىنىپ. ئۇنىڭ ئاڭلارغا چولىسى يوق ئىدى. ئۇ ئۆزى ئوبدان بىلەتتى، ناھايىتى ئېنىق، ھەغدادىغا يەتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلگەنىدى. ئۇنىڭغا، ياق، ئۇنىڭغا ئەمەس، ئۇنىڭ ئالدىدىكى بەتبەشىرە رېئاللىققا ئەر كېرەك ئىدى، ئەركەكلىك تۇزدەك لازىم ئىدى.
ئۇنىڭدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا چاچ-ساقىلى ئۆسۈپ كەتكەن، خۇنۇك كۆزلىرىدىن جاھانغا بولغان ئاچچىق، سوغۇق مەسخىرەچاچراپ تۇرىدىغان ئېگىز بوي، ئاۋاق بىرى جىنازىدەك ئورۇق گەۋدىسىنى لەپەڭشىتىپ تۇرۇپ سەۋدايىلارچە توۋلايتتى.
قەرز... قەرز...
ئەرلەردىكى يوقالغان ئىپپەت...
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «ئەرلەرنىڭ ئىپپىتى» دىن
ئۇ ئارقىدىنلا مەسخىرىلىك ھىجىيىپ تاشلايتتى. تولىمۇ تار، قاراڭغۇ سولاقمىغا ئوخشايدىغان زەيكەش ئۆيىدىن يۈگۈرۈپ چىقىپ شەھەر قىزغىنلىقىدا كەلكۈندەك ئېقىۋاتقان، ھەممىنى ئۇنتۇغان خوتەنلىكلەرگە قاراپ:
كۆزۈڭنى ئاچ، قۇياش ساڭا پاتماقتا،
ئۆزۈڭنى تاپ، ئىسمىڭنى ئېيت دۇنياغا.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «غېرىپ» دىن
دەپ توۋلايتتى. كىشىلەر ئۇنىڭ سوپى چىراي تەلەتىگە قاراپ «ساراڭ» دەيتتى ۋە ئالدىراپ كېتىپ قېلىشاتتى. ئۇ بېشىنى چايقاپ قويدى. قارىداپ كەتكەن چىرايىدا ئەلەملىك ھەسرەتنىڭ سوغۇق ئۇچقۇنى قېتىپ قالدى. «ئەمدى ئۆزۈڭگە قالدىڭ ئەر» دېدى ئۇ بوش پىچىرلاپ. نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇ توساتتىنلا قەلبىگە پاتماي كۈۋەجەپ تۇرغان ھىسسىياتىنى باشقۇرالماي بىر پارچە يىرتىق قەغەزنىڭ بۇرجىكىگە شۇنداق مىسرالارنى پۈتۈپ قويغانىدى:
ئۇدۇن
ئەڭ ئاخىرقى ئەرلەر شەھىرى.
ئۇ ئەمدى بۇ گېپىنىڭ راست-يالغانلىقىغا ئىشەنچ قىلالمىدى. تارىختىكى تەۋەررۈك جاھىللىقىغا مەھكەم يېپىشقان، شۇنداقلا يېڭى مەدەنىيەت ئېقىنىغا ئاچ پاقىدەك تاشلىنىشنىمۇ ئۇنتۇمىغان ساددا خوتەنلىكلەر ئۇنىڭغا يىلىكى قۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈندى. ئەنئەنە بىلەن يېڭىلىقنى تەڭشەكنىڭ ئىككى ئۇچىغا قوندۇرۇۋېلىپ دەلدۈگۈنۈپ كېتىۋاتقان دارۋازدەك ھالدا قالغان زور بىر خەلق ئۇنىڭ كۆزىنى ھەيرانلىقتىن ھاڭ قىلىپ، يۈرىكىنى زىڭىلداتقانىدى. ئۇ ئەسەبلىرىگە پاتمىغان ھالدا ئۆز باياۋىنىدا جار سېلىپتوۋلاپ ماڭدى. (ئۇ ئىشتىن قالغان) – ئۇنى تاشلىۋەتكەن سېخ ئارقىدا قالدى. ئائىلە ئۇنى تاشلىۋەتتى. ئۇمۇ ئائىلىنى ... «يازغان شېئىرىڭدا كۆتۈمنى ئېرتاي، پۇل كېرەك، پۇل» دېگەنىدى بىر چاغلاردا ئۇ بار مۇھەببىتى بىلەن سۆيگەن ئايالى ئۇنىڭغا غەزەپتىن لاغىلداپ تىترەپ تۇرۇپ. «بەكلا يىغلاڭغۇ» دېدى نۇرغۇن زەكىي ئۇنىڭ شېئىرلىرىغا باھا بېرىپ. نەچچە يىلدىن كىيىن نۇرمۇھەممەت ئۆمەر: «ئەجەبا، بىز ئۇنىڭ سەۋەبىنى سوراشتۇرۇپ، يىغىسىغا ھەمجور بولماقتا يوق، يىغلاڭغۇلۇقتا ئەيىبلەپ يۈرەمدۇ» دېدى. سوپى مىجەز يىغلاڭغۇ ئاداشمۇ باشقىلارنىڭ زورى بىلەن ھەپتە دېگۈدەك ئەينەككە قاراپ كۈلۈشنى مەشىق قىپتۇ. «كۈلەلمىدىم، يىغلاپ سالدىم» دېدى ئۇ بىر كۈنى نۇرمۇھەممەتكە. نۇرمۇھەممەت يىغلاپ سالغىلى تاس قالدى. ئۇ، چۈشەنگەنىدى. تۇرمۇشتا يەتكۈچە ھەرەج تارتقان، قەلبى دائىم گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرىدىغان بۇ شائىرنىڭ قەلبى ئۇنىڭغا يول بەرگەنىدى... شۇندىن كىيىنلا ئۇ «ئىپپەت... ئىپپەت...» دەپ بولۇشىغا جار سالغىلى تۇردى...
«غوجىمۇھەممەت» دېدۇق بىز ...
بىر ئاۋاز ئۈرۈمچىدە، بىر ئاۋاز خوتەندە ئىدى...
ئىككى ئاۋازنىڭ نەرىسى شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغىچە يېتىپ باراتتى. ئوخشاش بىر روھ، ئوخشاش بىر سادانىڭ ئىككى خىل لەرزىسى دولقۇنلاپ كېلىپ بىر توچكىدا بىر- بىرىگە ئۇرۇلاتتى:
ئەركەكلىك!
* * *
«مەڭگۈ تاشلار» دىن تارتىپ تارىخى قوشاقلىرىمىز ئەپسانە- چۆچەكلىرىمىزگىچە ھەممىسىدىن قەھرىمانلىق، مەردلىك، ۋاپا تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. قەھرىمانلىقنى كۈيلەش، مەدھىيىلەش ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يېڭى تېما ئەمەس. دۇنيا ئەدەبىياتىدىمۇ تارىخىمىزىدىكى ۋە رېئاللىقىمىزدىكى قەھرىمان تىپلارنى يورۇتۇپ، ئۇلارنىڭ جەسۇر ئوبرازىنى تىكلەش مەلۇم كۆلەم سەۋىيىدە ئېلىپ بېرىلدى. شېئىرىيىتىمىزدە قەھرىمانلار ھاياتىغا بېغىشلانغان ۋەقەلىك شېئىرلار ۋە باتۇرلۇقنى كۈيلەيدىغان خېلى- خېلى لىرىكىلار مەيدانغا كەلدى، ئەمما ئۇ ئىزچىللاشمىدى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ كىيىنكى مەزگىللىك ئازابلىق جىمىشىغا ئەگىشىپ بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتكەن، تەۋرىتىۋاتقان شائىرلىرىمىزمۇ ئاستا- ئاستا غايىپ بولۇشقا باشلىدى. شېئىرىيىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان دە- تالاشلارنىڭ ئايىغى ئەمدىلا بېسىقىۋېدى، بىر چاغلاردا چوڭ غۇلغۇلىلارغا سەۋەب بولغان شۇ شېئىرلارمۇ، شائىرلارمۇ مەتبۇئاتلاردا توساتتىن ئازلاپ كەتتى. شېئىر ئازابلىق سۈكۈتكە پاتتى. ئۇنىڭ جىمىشى شەك-شۈبھىسىزكى، تويۇنغانلىقتىن ئەمەس، ھەقىقى، چىن شىئېرغا بولغان كۈچلۈك ئېچىرقاشتىن ئىدى؛ ئۆزىگە بىردەملىك غىلجىڭ ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، تەۋرەنمەس ئەقىدە، ھالال نىيەت ۋە ئېزگۈ قەلب بىلەن ياندىشالايدىغان شائىرلارغا بولغان تەقەززانىڭ سۈكۈتىدىن ئىدى.
راست گەپنى قىلغاندا، كىيىنكى كۈنلەردە شېئىرىيىتىمىزدە تېخنىكا، سۆز ئويۇنى ھەددىدن زىيادە ئېغىرلىشىپ كەتتى. شېئىر پاساھەت، چوڭقۇرلۇق ۋە مەنە- ماھىيەتتىن كۆرە چۈشەنگىلى بولمىغۇدەك تۇتۇق تەسۋىر، ئىپادىلەشلەر قاينىمىغا كىرىپ قالدى. شائىرلىرىمىزمۇ بىر- بىرىدىن ئۆتە مەۋقەسىزلەشتى. ئىجادىيىتىدە ئۈزلۈكسىز ھالقىش پەيدا قىلىپ ماڭغان شائىرلار بەكلا ئاز قالدى. مېنىڭچە، ئىجادىيىتىدە بىر قەدەر خاسلىق ھاسىل قىلغان ياش شائىرلارنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئادىل تۇنىياز ۋە غوجىمۇھەممەت مۇھەممەتلەرنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش مۇمكىن. ئۇلارنىڭ ئىجادىيەت ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدە ئايرىم- ئايرىم توختىلىش جەزمەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىش. ئەمما بىز بۇ ئىككى شائىرنى بىر نۇقتىغا ئەكېلىشكە تۈرتكە بولغان تېما ئۈستىدە توختىلىشنى بەكرەك مۇھىم بىلدۇق. گەرچە ئىككى شائىرنىڭ زۇۋانى ھەر خىل ياڭرىغان، يەتكەن پەللىسىدە مۇئەييەن پەرقلەر بولسىمۇ، ئەمما ھەر ئىككىلىسنىڭ كۆزى بىر قۇياشنىڭ ھارارىتىدە يورۇغان ۋە شېئىر، مىسرالىرىنى ئوخشاش بىر تىنىق، ئىستەكتە يۇيۇپ چىققان. ھەر ئىككىسىنىڭ شېئىرىيەت ئارقىلىق ئىنسانغا قىلغان، قىلىۋاتقان پىچىر- پىكرىدە بۇ قەدىمىي قەۋمنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىدىكى تۇزدەك زۆرۈر نەپەسلەر مۇجەسسەم تاپقان ۋە ئۆزگىچە شېئىرىي يۈكسەكلىكنىڭ كامالىتىدە قايناپ- شوخشىغان. بىز شائىرنى تاڭ چىللىغان خورازغا ئوخشاتساق، بۇ بىر جۇپ خورازنىڭ چىللىشىدا شۇنداق بىر ئورتاق سادا ياتىدۇ:
ئەركەكلىك!
* * *
غوجىمۇھەممەت: «ئەرنىڭ ئىپپىتى بولىدۇ، ئۇ - ۋەتەن»، دەپ يازىدۇ. بۇ بىزگە ئەرنىڭ ئىپپىتى – ئەرلىكى، ئەركەكلىكى ھەققىدە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىلەرگە باي يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇنىڭچە، «ساقال – بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەر ئەمەس ئىدى؛ بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قورساق توقلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى؛ ئاھ، خەلقىم، دەپ دەرت يۇتۇپ مەيخانىدا تۈنەيدىغانلار ئەر ئەمەس ئىدى؛ <ئېتىقاد> ۋە <توغرا يول> ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دېيىشكە بولمايتتى؛ قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئېگىپ، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دەۋېرىشكە بولمايتتى. ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى».
بىز باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ھەققىدە ئېغىز ئاچساقلا، كۆز ئالدىمىزغا دەررۇلا «كۆكسى ئېيىقنىڭكىدەك، مۈرىسى قارا بۇلغۇننىڭكىدەك، بېلى بۆرىنىڭكىدەك، پۇتى بۇقىنىڭكىدەك» يوغان، بەقۇۋۋەت ئەرلەرنىڭ كېلىشى تۇرغانلا گەپ. بىز بۇلارنى ھەقىقى ۋايىغا يەتكەن ئەردە بولۇشقا تېگىشلىك جىسمانىي شەرت دەپ قارايمىز. ئەمما شائىرچە، بۇنداقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەركەكلىكى ئېشىپ- تېشىپ تۇرغان ئەر دېيىشكە بولمايدىغاندەك قىلاتتى. شائىر «ئەر» دېگەن بۇ ئۇقۇمغا «ئادەم» ئۇقۇمىنى پاراللېل قويۇپ تۇرۇپ، ئادىمىيلىكتىكى بارلىق ئەقەللىي شەرتلەرنى ئۇنىڭ ۋۇجۇد كالامىغا يۈكلىگەندەك تۇراتتى.
بىزنىڭ ئاقىل تەپسىرچىلىرىمىز «ئىنسان»، «ئادەم» ئۇقۇمىغا ھە دېسىلا «ئازغۇچى، خاتالاشقۇچى، سەۋەنلىك ئۆتكۈزگۈچى، ئازغۇن، خام سۈت ئەمگەن» دېگەندەك تەبىرلەرنى بېرىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ، باشقىلارنىڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە، خاتالىق ئۆتكۈزگەندىن كېيىنكى نومۇس تۇيغۇلىرىنى يېپىپ- يۆگىشىگە يوچۇق ئېچىپ بېرىدۇ. مەن دۇنيادا بىرەر ئىنساننىڭ «مەن ئادەم، تەبىئەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەمەرىسى. مەن ئادەم بولغاندىكىن مۇنۇ ئىشنى قىلماي» دېگىنىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ باقمىدىم. ئەمما شائىر «ئادەم»، «ئەر» دېگەن بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ ۋەزنىنى بىر ئېغىرلىق مەركىزىگە جۇغلاپ تۇرۇپ ئىنسانىي تاكامۇللۇقنى ئىزدەۋاتقاندەك قىلاتتى. «ئەر»دىن ئىنسانىيلىققا ۋە ئادىمىي مۇكەممەللىككە يېتىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى.
تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەر بىر تاش- توپا، گۈل- گىياھقىچە ھەممسىنىڭ ئۆزىگە يارىشا مەۋجۇدلۇق قىممتى ۋە رولى بولىدۇ. جاھاندا ئارتۇقچە يارىتىلغان نەرسىدىن بىرىمۇ يوق. ھەممە ئۆز جىسمى زاتىدا مۇئەييەن سىر- ھېكمەتنى مۇجەسسەم قىلغان. ئۇ ئىگە بولغان سىر- ھېكمەت ئۇنىڭ مەۋجۇدلۇقى ئۈچۈن جەزمەن بولمىسا بولمايدىغان تەقەززانى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئېشەككە تۆت پۇت، لاچىنغا ئىككى قانات مىسلىسىز ئاقىلانىلىك بىلەن تەقسىملەنگەن. بىزنىڭ بۇ مۆجىزات دۇنياسىدىكى ئۇنى بۇنداق بولسا بوپتىكەن ياكى بۈركۈتتىكى قاناتنى تۆگىگە بەسە بوپتىكەن دەيدىغانغا ھەققى- ھوقۇقىمىز يوق. قۇسۇرغا قىلچىمۇ يوچۇق قالدۇرۇلمىغان. كىمكى دۇنيانىڭ بۇ ئاقىلانە قازىلىقىغا قارشى چىقىپ ئەزەلىي مۇتلەقتە ئۆزلىرىگە تالىق قىلىپ بېرىلمىگەن نەرسىلەرگە ئىنتىلىدىكەن، ئۇ ھەر قاچان تېگىشلىك جازاغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ. بۈركۈتنىڭ ياق، مەن توخۇدەك كاتەكتە تەييار داننى تىرىپ يەپ، تۇخۇم تۇغۇپ ياشايتتىم، دەيدىغانغا ھەققى يوق. قىلىمەن دېسىمۇ قاملاشتۇرالمايدۇ. ئۇنىڭ قانىتى بىپايان كۆكتە دەخلىسىز پەرۋازغا لايىق يارىتىلغان. ئۇ تاشلاپ بېرىلگەن داننى يەپ مەڭگۈ قانائەت تاپالمايدۇ. بۈركۈتنىڭ كۈنى كۆكتە تۇغۇلىدۇ. ئادەممۇ شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆزىگە يارىشا تەن، روھ بىلەن يارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ھەر بىر ئەزا، ھەر بىر ھۈجەيرە ئۇنىڭ مەجبۇرىيەت، ئىش- ئەمەلىگە يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇلغان. ئەرلەرنىڭ تېنى كۈچلۈك، قاۋۇل، چەبدەس بولغاچقا ئۇلارنىڭ زىممىسىگە ئائىلىنى قامداش، بېقىش، ئاسراش، قەبىلە- قەۋمىنى قوغداش، خوتۇن- بالىلىرىنى ھىمايە قىلىش ۋەزىپىسى تەبئىيلا يۈكلەنگەن. ئاياللارنىڭ تېنى بىر قەدەر نازۇك، ئاجىز (بۇنى ئاياللىرىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى تەن ئېلىشتىن شۇ قەدەر قورقىدۇ. ئەمما، ھەق سىزنىڭ تەستىقىڭىزغا مۇھتاج ئەمەس. ئۇ بەرىبىر مەڭگۈلۈك پاكىت). مىجەزى مۇلايىم، ئىللىق، تۇغۇش، پەرزەنت تەربىيىلەشكە مۇۋاپىق قىلىپ يارىتىلغان بولغاچقا ئۆي تۇتۇش، پەرزەنت تەربىيىلەش، ئەرلەرنى كۈتۈش... تەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ خىل ئىش تەقسىماتى قانداقتۇر ئەرلەر زوراۋانلىق يۈرگۈزۈپ ياكى ئاياللارنى خارلاپ، خورلاپ، قۇل قىلىپ ئايىغى چىقماس ئۆي ئىشىغا بەنت قىلىش مۇددىئاسىدا غەرەزلىك شەكىللەندۈرگەن ئىجتىمائىي يوسۇن بولماستىن، بەلكى تەبىئەتنىڭ ئۆز قانۇنىنىڭ ئۆز يولىدا جارى بولۇشى ئىدى. ئۇنى باشقىچە قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئەرنى ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ، ئايالىڭنى كۈت دېيىش ئۇنچىۋالا ئەقىلگە ئۇيغۇن كەلمەيتتى. ئۇنىڭ قول- پۇتىنىڭ يارىتىلمىسىغىلا ئېغىر ئەمگەك، چىدام، قوپاللىقنىڭ تامغىسى بېسىلىپ كەتكەنىدى. بىر قىزنىڭ تەبىئىتىدە تۇغما ھالدا ئۆي تۇتۇش، ئاش- تاماق ئېتىش، باشقىلارغا كۆيۈنۈشنىڭ ئەڭ ئىپتىدا خۇرۇچلىرى تېپىلاتتى. ئاياللار سىرتنىڭ ئىشلىرىغا قېپقالغاندا كۈچەشكە، ئىنجىقلاشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق چاغلاردا ئۇلارنىڭ نازاكىتى، زىلۋالىقى يوقايتتى، نازۇك تېنى مۈكچىيەتتى. ئۇلار ئۆز تېنى، روھىياتىغا سوۋغا سۈپىتىدە بەخشەندە قىلىنغان ئەڭ مۇقەددەس تۇيغۇ، سۈلكەتنى بېسىپ قويۇپ لەۋ چىشلەپ خىزمەت ئۈچۈن ئالدىرىشى كېرەك ئىدى. مۇكاپات مائاشى، خىزمەت باھالىشى، مەنىسىدىن قالغان ئالدىراش ئولتۇرۇشلار، ئۇزۇنغا يۈگرەش مۇسابىقىسى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئازادلىقى، ئېغىرلىق كۆتۈرۈش چېمپيۇنلىقىنى تالىشىش ... ئۈچۈن كېچە- كۈندۈز پالاقلىمىسا بولمايتتى. ئاياللار ئاياللىق روھىناتىدىن ئايرىلىپ قۇرغاقلىشىپ، مەنىسىزلىشىپ كېتەتتى. ھارغىنلىق، زېرىكىش، بىكاردىن- بىكار ئىچى پۇشۇش، ئەھمىيەتسىز جىددىيلىشىپ، بىسەرەمجان بولۇش... ئاياللارنى قىينايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پۇخادىن چىقىش، روھىنى كۆتۈرۈش، تۇرمۇشتىن شادلىق، مەنە ئىزدەش ئۈچۈن كىيىملەرگە يېلىناتتى.گىرىم بۇيۇملىرىغا تەزىم قىلاتتى، بەزمىخانىلارغا قاترايتتى. ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق تۈسۈنى ئالغان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش شەكىللىرى يۇرمۇشنىڭ چىن مەنىسىنى تاپالماي قالغان ئاياللارنىڭ بىردىنبىر تاللىشى بوپقالاتتى.شەھەرلەردىكى رىستۇران، كۆڭۈل ئېچىش كۇلۇبلىرى، رەستە بازارلاردا پاتماي دەۋرەپ كېتىپ بېرىشقان ئاياللارنىڭ كۆزلىرىنىڭ تەكتىدە بېسىپ بولغۇسىز يىغا،ھەسرەت، مەنىسىزلىك ياتىدۇ.ئۇلار نىمىگىدۇر تەقەززا بولىدۇ،ئالدىرايدۇ، تاپالمايدۇ، قەلبىدە تولدۇرۇپ بولغۇسىز مەنىۋى ئاچارچىلىق، قۇرغاقچىلىق باردەك سىزىدۇ، ئەمما دورىسىنى قىلىشنى بىلمەيدۇ. ئاياللارنىڭ ساپ خۇشلىقى ئۇلارغا قورقۇنىچلىق نەرسە دەپ چۈشەندۈرۋېتىلگەن. شۇڭىمۇ بۈگۈنكى رەڭگارەڭ دۇنيا رىئاللىقىداچۈشكۈنلەشكەن بەزى ئاياللار ئۆز جىسمى، قېنىدا، جېنىدا بار خوشلۇقنى تالادىن، ئاشنا ئويناشتىن، قوش جىنىسلىقلار مۇھەببىتىدىن، جىنسىي زوراۋانلىقلاردىن، ئەسەبىيلىكتىن، كىيىمدىن، يالىڭاچلىنىشتىن ئىزدەيدۇ.كۈلىدۇ.ئەمما شۇقەدەر ھەسرەتلىك. يىغلايدۇ، ئەمما ھىسسىياتسىز . سۆيىدۇ، ئەمما تامدەك.....
ئەرلەرنىڭ ئاياللارنىڭ خورلىنىشىغا،جاپا تارتىشىغا قاراپ تۇرىشىغا بولمايتتى. چۈنكى قىز ئاياللار بىر ئۇرۇقتىكى مەنىۋىي كۈچ، كۆۋرۈك ۋە غۇرۇر ئىدى.ئەرلەرنىڭ تۇرمۇشتىكى يۆلىكى، روھىي تەسەللىسى، ئىپتىخارى، شۇنداقلا نۇمۇسى ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭ ئايالنى جان تىكىپ قوغداش، ئاسراش، ئار-نۇمۇسىنى، شەرم-ھاياسىنىساقلاش، ئائىلىنى قامداش، قوۋمىنى، مىللەت، ۋەتىنىنى قوغداش ئارقىلىق ئەلگە پاراۋان، بەخىتلىك تۇرمۇش يارىتىش ئەرنىڭ ئىلكىدىكى مۇقەددەس ۋەزىپە ئىدى. باش تارتىپ بولماس قەرز ئىدى. شۇنى قىلمىسا نىمە قىلىدۇ؟ بالا تۇغالامتى؟ ئىمىتەلەمتى؟ ئۇنىڭ پۇت قوللىرى بىكارغا مەزمۇت، چىڭ، قوپال، يىرىك، قاتقان، روھى ئۈستۈن، بەردەم يارىتىلغانمىتى؟
بىز غوجىمۇھەممەتنى مۇشۇ مۇقەددەس قانۇنىيەتنى بىلمەيدۇ، دىيەلەمدۇق؟ شۆبھىسىزكى، ئەرنىڭ، ئەركەكلىكنىڭ ئىپتىداسىغا ئۇل قويغان مىزان شائىرغا ئەرلىكنىڭ ئۇلۇغۋار بۇرچىنى كۆز-كۆز قىلغانىدى. ئېستىتىكىدا دېيىلىدىغان نەپىسلىك ئۇنىڭ كۆزىگە خانىم- قىزلارنىڭ ھايالىق، مىھىرلىك تەلپۈنۈشلىرى، ئەرگە بولغان شەرتسىز ساداقىتى، ئىپپەت ئالدىدىكى بوشاشماس مەغرۇرلىقىنى كۆرسەتكەن بولسا، يۈكسەكلىك دەل ئەرلەردىكى كەم -كۈتسىز جان پىدالىقنى، ۋاپانى نامايىش قىلغانىدى. ئۇ، شېئىرنىڭ ھىس تۇيغۇلار ئەۋجىدە قاينايدىغان چوڭقۇر قاينام ئېغىزىدا تۇرۇپ ئەرلەرنىڭمۇ ئىپپىتى بولىدىغانلىقىنى خۇلاسىلاپ چىققانىدى.نېكاھتىن كېيىنلا ھالاللاپ بېرىلىدىغان ۋە ئاۋايلاپ ئېلنىدىغان《ئىپپەت》ئۇنىڭ نەزىرىدە باراۋەر تەقسىملەنگەنىدى. قىز ئاياللار ئۇنى يۇقاتسا، ئىككى دۇنيالىق ھالال جۈپتىنىڭ توغرائىتائىتىدىن چىقسا، ھارامغا يول قويسا ھاياسىز، نۇمۇسسىز، شەرمەندە، ***قا، رەسۋاغا ئايلىناتتى. ئۇنى جانان چىنىدەك ئەتىۋارلاپ ساقلاپ ئىززىتىنى قىلسا خان- ئايلا، مەلىكە-ئاغىچا، خېنىم-جېنىمغا ئايلىناتتى. غوجىمۇھەممەت ئۇنى ئەرگە تەققاسلىۋىدى، ئەرلەرنىڭ ئەخلاقى، ساداقىتى، ئىش-ئەمىلىگە يېڭى ئۆلچەم كەلدى:ئۆزىنىڭ ئەرلىك بۇرچىدىن باش تارتقانلارنى نېمە دېيىش كېرەك؟ ۋەتەن، ئەل، ئائىلە، خوتۇن-قىزلىرى ئالدىدىكى مەجبۇرىيىتىگە كۆزىنى يومۇۋالغانلارنى ئەر، ئادەم دېيىش كېرەكمۇ؟ بىر ئاچچىق سوئال ئۇنى ئەلەم گىردابىغا قىستىغانىدى.
يىگىت، ئەر سۆزى قەدىمقى ئۇيغۇر تىلىدا جەڭچى دېگەن مەنىنى بېرەتتى. شۇبويىچە بولغاندا، ئەر دېگەن ۋەتىنىنى، ۋەتىنىنىڭ ئار نۇمۇسىنى قوغدىشى، خەلقى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت جان تەسەددۇق قىلىشقا تەييار تۇرالىشى كېرەك; ئائىلىسىنىڭ يۈزىنى تۆكمەسلىكى،قىز-ئاياللىرىنى تاشلىۋەتمەسلىكى،خارلىماسلىقى، خارلىنىشىغا، ياتلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا يول قويماسلىقى، ئۇلارنىڭ ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغدىشى، ئائىلىسىنى راۋرۇس قامدىشى، قەيسەر باش ئەگمەس، ئۆزىنىڭ توغرا مەۋقەسىدىن يانمايدىغان بولۇشى كېرەك بولمىسىچۇ؟ غوجىمۇھەممەت«ئىپپەتسىز!»دېدى. دېمەككى، ۋاپاسىز، بۇزۇق، شەرمەندە، نائەھلى، مۇناپىق، خىيانەتكار، ھېجىقىز.....
شائىر «ئەركەكلىك»نى ئىنسانىي مۇكەممەللىك دەپ قارىغانىدى. ئۇنىڭ بۇخىل قارىشىدا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان بارلىق ئېسىل مەنىۋىي،مەدەنىي مىراسلار مۇجەسسەم ئىدى.ئەخلاق، غايە، ئىتقاد، ھايا، نۇمۇس.....بۇلارنىڭ ھەممىسى «ئەركەكلىك» -«ئەرنىڭ ئىپپىتى» گە سىغدىلىپ كەتكەنىدى. ئىپپەتسىز ئەرلەريامرىغان جەمئىيەتتە ئاياللار باشپاناھسىز قالاتتى، ئۇلارنى ئەيمىندۈرىدىغان، تەپ تارتقۇزىدىغان كۈچنىڭ قەدرى قالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاياللار ۋەھشىيلىشەتتى، تاپتىن چىقاتتى.ئەخلاق يىمىرىلەتتى، ئىتىقاد سۇناتتى.جەمئىيەت بۇقىسى كاردىن چىققان بىر تەلۋە پويىزغا ئوخشاپ قالاتتئ.تىزگىنسىز غالجىر ئات ۋەيرانچىلىقتىن بۆلەك نېمە ئەكەلسۇن؟
شائىر كۆزىنى ئۆزىنىڭ ئۆلچەم دۇنياسىدىن ئېلىپ ئەتراپقا باققىنىدا پاجىئە ئالەمنى بىر ئالغانىدى. بەزى ئاياللار يالىڭاچ دېگۈدەك كوچىغا چىقىۋالغانىدى؛ بەزمىخانىلاردا، بۇلۇڭ-پۇچقاق، كوچا-كويلاردا ئەرلەرگە قىلغان مەسخىرىسىنى پەلەككە يەتكۈزگەنىدى. ئەرلەرنىڭ خېلى كۆپى ۋەتەن، ئەل ئەمەس، بىر خوتۇن ئالدىدىكى قەرز-مەجبۇريىتىنىمۇ ئادا قىلالماي بارغانچە شۈمشۈيۈپ، بىچارىلىشىپ كېتىۋاتاتتى. بىر چاغلاردىكى زەبەردەست تۇرىقىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان، يۈرۈش- كېيىنىشلىرىمۇ ئاياللارنىڭكىدىن پەرق قىلماس ھالغا كەپقالغانىدى.ئۇلۇغ سانىلىدىغان ھايامۇ، نۇمۇسمۇ مۇھەببەت نامىدا يىرتىلماقتا، ھەيلەنمەكتە ئىدى. كوچىلاردا ئاپئاشكارا سۆيۈشۈشلەر، جىنسىي نۇمۇسسىزلىقلار ئەۋجىگە چىقماقتا ئىدى. بۆگۈنكى دۇنيا رىئاللىقىدا، بولۇپمۇ غەرىپتە ياراتقۇچىغا ھاقارەت كەلتۈرۈپ ئەرلەر بىلەن ئەرلەرنىڭ، ئاياللار بىلەن ئاياللارنىڭ جىنسىي بۇزۇقچىلىقى باش كۆتەرگەن، ئۇلار نۇمۇس قىلماي ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولۇشىچە جار سېلىشماقتا ئىدى. خەقلەرمۇ ئېغىر ئالماس بوپكەتكەنىدى.... ئاشۇ بوشلۇقتا ئەقىدە- ئىتىقادسىز كىشىلەر مەدەنىيەت، تەرەققىيات، يىڭىلىق، زامانىۋىلىق دەپ تەنتەنە قىلىشقىنىچە، شات-خوراملىقتا قايناپ تاشماقتا ئىدى.
ئارىلاپ ئەڭ پەسكەش كوچىلار ئارا،
توۋلايمەن مانا بۇ بىزنىڭ شەھەر دەپ.
مەسخىرە قىلىمەن مەدەنىيەتنى ،
قۇسۇقلار ئىچىدىن چىقىپ ئۆمىلەپ.
-غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت: «ۋاز كېچىش» تىن
شائىر مەسخىرىلىك ھىجىيىپ قويدى. ئارقىدىنلا كۆرەڭ مەغرۇرلۇق بىلەن:«شەھەرنىڭ يۈزىگە تۈكۈردۈم راسا»، دېدى. ئارقىدىنلا ئادىل تۇنىياز يېتىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىگە ھەمجور بولالايدىغان شېرىك تاپقىنىدىن خۇشھالدەك ئىدى. ئۇنىڭ كۆزىگە ھەممىلا نەرسە دەۋرەپ، قۇتراپ تۇرغان ئاياللاردەك كۆرۈنۈپ كېتىۋاتاتتى. شائىر دوستى ئېيتقان ئىپپەتلىك ئەرلەر، ئەركەكلەر ئۇلارنى بېسىقتۇرۇپ، ئالەمنى يېتىپ كىلىۋاتقان بالا-قازادىن ساقلاپ قالالايتتى. جاھانغا ئەردەك ئەر كېرەك ئىدى. شۇندىلا ئەۋج ئېلىۋاتقان ئاياللىشىش، بۇزۇلۇش، يىمىرىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇمكىن ئىدى. ئەر ئەردەك بولالمىغان جايدىن بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ. ۋاھالەنكى، ئەرلەرنىڭ ئەرلىكى قۇرۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇلار ئاياللارنى ئۆزلىرىدىن تەپ تارتقۇزالمايۋاتاتتى، ئەيمەندۈرەلمىگەنىدى. ھەقىقىي ئىشەنچ ھۆرمەت بىلەن قورقۇشنىڭ تەڭلىكىدىن تۇغۇلىدۇ. شۇنداق بولغاندىلا ئاياللار ئاياللارغا ئوخشاپ، ئەرنىڭ ئىتائىتىدىكى مۇلايىم خوتۇن، مۇنەۋۋەر ئانىلاردىن بولاتتى. چىن ئادەم، ئايالغا ئوخشايتتى. پاراڭچى خوتەنلىك بوۋايلار ئۇنىڭغا ھىكايە قىلىپ بەرگەنىدى: «ئاياللاردا گال ئۈچ: بىرى، يىمەك-ئىچمەك يەنى قورساق، بىرى،كىيىم ئۈستىباش، يەنە بىرى،....» گەپ شۇ يەرگە كەلگەندە بوۋايلار خىرىلداپ كۈلۈپ، توختىۋېلىشقانىدى ۋە قوشۇپ قويغانىدى: « باشتىكى ئىككىسى تويمىسىمۇ مەيلى، ئەمما ئۈچۈنچىسى قانمىسىزە.... ئىش چاتاق. ئالەمنى ۋەيرانچىلىق باسىدۇ».
شائىر ھەممە نەرسىنىڭ ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنى ئېچىش، ئاشكارىلاش ئۈچۈن بولۇۋاتقىنىنى كۆرەتتى. تەننى يۆگەش ئىھتىياجى ئۈچۈن كېيىلىدىغان كىيىملەر ئاتايىن تەننىڭ ئەڭ گەۋدىلىك قىسىملىرىنى نامايىش قىلىش ئۈچۈنلا تىكىلىدىغان بولدى. ئېچىلدى ئەخلاق يىرتىلدى، ئەرنىڭ كۈۋەجەپ تۇرغان ھىسياتى تىنماي غىدىقلىنىپ، بىكارغا ئاقتى، تاشتى، ئاندىن يىگىلەپ كەتتى. تويماس ئاچكۆزلۈك رەستىلەردە ھاپىلداپ يۈگۈرۈپ تۇرۇپتۇ. كۆزگىمۇ، ئېغىزغىمۇ، بۇرۇنغىمۇ، سەزگۈگىمۇ، تېرىلەرگىمۇ نەمخۇش بىر شاللاق ھىسيات سۈركىلىپ تۇرسا تاشمايدىغان، ھەددىدىن ئاشمايدىغان نېمە بار؟ كېيىم ۋە جان-تەن ئىستېلاسى ئەقىدە ئىتىقادى ئۆلگەن ئەرلەرنىڭ جەسۇر تۇرۇقىنى ئەۋرىشىملەشتۈرۈپ، خېنىم مىجەز- لاتاغىلاپلاشتۇرىۋەتتى. ئاۋاز، يۈرۈش تۇرۇشىدىكى جاراڭلىق تۈس، ئۆز-ئۆزىگە ھۆددە قىلالايدىغان ئىشەنچ، غۇرۇر تەركىپلىرىمۇ سۇسلاپ كەتتى. ئەر بىلەن ئايالدىكى مىجەز- خارەكتىر ، كېيىنىش- ياسىنىش پەرىقلىرى بارا-بارا يوقىلىپ، قېتىلىپ، ئەر بىلەن ئايالنى دەررۇ ئايرىشمۇ تەسكە چۈشكىدەك بىر ھال ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. شۇنداق، توختاۋسىز غىدىقلىنىش ئەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. كاللىسىدا شەھۋەتتىن ئوماچ قايناتتى، زېھنىنى چاچتى. نۇمۇس دەرىخىنىڭ ياپراقلىرى سارغىيىپ كەتتى....
ئەركەكلەر قېنى سىلەر؟؟؟....
شائىر غەزەپ بىلەن ئوقۇشقا كېرىشتى. نۇرغۇن ئادەم ئاڭلىدى، جىممىدە تىڭشىدى، ئاندىن ئۈن-تىنسىز كېتىپ قېلىشتى. ئۇلار خورلۇققا قېلىشتىن خېلى بورۇنلا بۆرىنى بىلىپ بىلمەي قوتانلىرىغا باشلاشقانىدى. ئەرلەردىكى بۇلغانغان روھ، ئۆلچىمىنى يوقاتقان تۇرمۇش شەكلى مەيدانغا چىقارغان جىسمانىي يىگىلەش، روھى سۇلغۇنلۇق، پەرۋاسىزلىق ئايالنى قوزغاتقانىدى. ئايالنىڭ ئەمدىكى نەرسىگە ئەر نېمە دېيىشى، نېمە قىلىشنىمۇ بىلەلمەي سۈكۈتكە پاتقانىدى. جىمىپ قالغان، بوينى ئىگىلگەنىدى. دوختۇرخانىلاردا، دورىخانىلاردا ئۇلارنىڭ نائىلاجلىقى، ھەسرىتى پەلەككە يەتتى.
ئىككى شائىر يىگانە قالدى. ئادىلنىڭ ئاۋازى يەنە ياڭرىغىلى تۇردى:
ئەرلەر ھاۋادا توپا – چاڭدەك،
ئەرلەر خورلۇقتا تۇرىدۇ تامدەك.
ئەرلەر يۇمشاق ئېرىگەن شامدەك...
- ئادىل تۇنىياز:«يۇلتۇزلارمۇ ئۆلىدۇ» دىن
ئۇ، ئاياللارنىڭ ھەددىدىن ئېشىشىنى ئەرلەرنىڭ بوشاڭلىقىدىن كۆرەتتى. شېرىكى غوجىمۇھەممەت:
خوتۇنغا قارىيالماي تىك،
ئىككىنچى قۇللۇقنى ھىس قىلار ئەرلەر.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«ئەرنىڭ ئىپپىتى» دىن
دەپ پىچىرلاپ قويدى ۋە بىر كۈچلۈك ھەۋەس بىلەن ئوقۇشقا كىرىشتى:
جىنسىيەت ئېلانى چاپلانغان تامدا،
قاقاقلاپ كۈلىدۇ رەھىمسىز ئايال.
دەھشەتلىك بوۋامنىڭ يەتتە خوتۇنى،
مەن موماڭ ئەمەس، دەپ تىترىشەر غال- غال.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«سەرسان كۆڭۈل» دىن
ئەمدى ئادىل چۈشتى. ئۇ ئەرلەرگە قارىماستىن ئاياللارغا قادىلىۋالغانىدى.
ئەي غەرىبتىن كەلگەن يېشىل نۇر،
ئەي، ئايال دەپ ئاتالغان بومبا.
ئەي بۈيۈك ئايال
بىز ئەرلەر ئەما.
بىز قولۇڭدا ئەما نىھايەت،
ھالاك قىلما شەھەرنى ئەمما
ھەممىمىزگە يېقىن قىيامەت.
- ئادىل تۇنىياز: «ئەبۇ زەبى» دىن
ئانا دىسە ئۇنىڭ ئالدىغا
كېلىدۇ ئاياغئاستى قىلىنغان يەرلەر.
ۋەتەن دىسە ئۇنىڭ ئالدىغا،
كېلىدۇ ئىپپىتى بوزۇلغان ئەرلەر.
-غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«غوجىمۇھەممەت» دىن
بۇ كۈنلەردە سۆڭەكسىز ئەرلەر،
سۇدەك ئۇستا يۇمشاق ياشاشقا.
- ئادىل تۇنىياز:«سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ» دىن
ئەركەك پاشىمۇ تاپىدۇ بالا...
- ئادىل تۇنىياز:«يۇلتۇزلارمۇ ئۆلىدۇ» دىن
غوجىمۇھەممەت ئەسەبىيلەشكەندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ مىسرالىرىدىكى تىلمۇ بارغانسىرى جەڭگىۋارلىشىپ، ئۆتكۈرلىشىپ، قوپاللىشىپ كەتكەنىدى. ھىسسىيات كەلكۈندەك جىددىي، كەسكىن داۋالغۇيتتى. شېئىرىي نەپەس ئوت بولۇپ يانماقتا ئىدى. ئۇنىڭچە ئەر دېگەن تىنىم تاپماسلىقى، ھەرىكەتتە، ئىش-ئەمەلدە؛ جىمجىت ئەمەس، ھاياتلىق ئۈچۈن كۈرەشتە، ئېلىشىپ - چېلىشىشتا جان بېرىشى كېرەك ئىدى.
جىنازىنى كۆتۈردى تۆت ئەر
ئارقىسىدىن ئەگەشتۇق يۈز ئەر
يەتتە كەتمەن توپا تاشلىدۇق،
قىلدى روھى دوزاخقا سەپەر.
چۈنكى پىچاق غىلاپتا،
ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«ئۇ ئۆلۈپتۇ كارىۋاتتا» دىن
شائىر ئادىل بولسا ۋەزمىن، ئېغىر – بېسىق كەيپىياتىنى باشتىن- ئاخىر ساقلاشنى بىلىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ «قەشقەردىكى يەر شارى» («شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلى 1995- يىل 5 – 6 قوشما سان )، «سۈزۈك سەپەر»، «ئەركەكلەر، قېنى سىلەر» ناملىق داستانلىرىدا ۋە ھەر بىر شېئىرىدىكى بىر ھەرپ، بىر سۆز، جۈملە ئارقىلىقمۇ ئادىمىيلىك، ئەخلاق، ئېتىقاد ھەققىدە نازۇك بىشارەتلەرنى بەرگىنىچە كېتىپ قالغانىدى. غوجىمۇھەممەت پىكىرىنى ئوچۇق، ئاچچىق ئىپادىلەشكە بەكرەك مەپتۇن ئىدى. ئادىل بولسا ئۆز تۇيغۇلىرىنى ھەرىپلەر، مەنزىرىلەر ۋە تەسۋىرلەرنىڭ قىسىلچىقىغا تاشلاشقا ئامراق ئىدە. ئۇ سەنئەتلىك ئېقىنىغا بەكرەك مايىل كۆرۈنەتتى. ئەمما ئۆزى ئەقىدە قىلغان چىن ھەقىقەتلەرگە بولغان مەدھىيە -- ئىخلاسى ئۇنىڭ پۈتكۈل شېئىرلىرىنىڭ تىنىق – تىنىقىغا يوغۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇپ ناھايىتىمۇ پاكىز ۋە غەرەزسىز سۆيۈش، سۆيۈنۈش، مەستخۇشلۇق، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلىقى ۋە ھالاكىتى ئۈستىدىكى جىددىي ئويلۇنۇش، ۋەھىمىلىرى كىشىگە قىسقا ئەمما كۈچلۈك بېشارەت بېرىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا سۇنىڭ ئېقىشى، ئاتنىڭ تۇرقى، يايلى، رەڭلەر... ھەممە – ھەممىلا نەرسە ئۇنىڭ مەنىلەر نەھرىگە باي كۆزىدە تىلغا، دىلغا، دىنغا، تىنغا ئايلىنىپ ئالەمىي مەۋجۇدلۇق ۋە ھەقىقەتلەر ھەققىدە رىسالىلەر سۆزلەيدۇ. ئۇبىر زەررە قۇمدىن ئالەمنىڭ يارىتىلمىسىدىن تارتىپ قىيامىتىگىچە بولغان تارىخىي جەرياننى ئايان قىلىپ بىرەلەيدىغان شائېر. تىل، سۆز، گىرامماتىكا ئۇنىڭ ئىقلىمىدا تەرتىپ ئىنتىزامىنى يوقاتقان، خالىغانچە پۈۋلىسە بولىدىغان رەڭدار شارلاردەك جىلۋىگەر، مەپتۇنكار. ئۇ سىز، مېنى جۈملىلەرنىڭ قاتتىق قامالىدىن قۇتۇلدۇرۇپ تۇرۇپ، راھەتبەخش، يىنىك سىلكىپ تالاپ قويالايدۇ. سىزنى تۇيدۇرماي تەبەسسۇمغا باشلاپ، يەنە شۇنداق تۇيدۇرماي قانىتىدۇ. ئەمما مەيلى ئىقرار قىلىڭ - قىلماڭ، ئۇنىڭ شېئىرلىرى سۇزۇلغان بوشلۇقنىڭ چەك – چېتى شۇنداق بىر مۇئەللەققە تۇتىشىپ تۇرىدۇ:
ئادىمىيلىك - ئەركەكلىك!
غوجىمۇھەممەت ئاشۇ بوشلۇقتا مەشرەپتەك بوغۇلۇپ، ئاچچىق توۋلاپ، ۋارقىرايتتى. شېئىرىيەتتىن قۇرۇپ چىققان ئۆزىنىڭ روھ دارىغا پولاڭلاپ ئېسىلىپ تۇرۇپ تىنمايشېئىرىي ئىسيان كۆتۈرمەك بولاتتى. يايلىنى سىلكىگەن ئەركەك شىردەك ئۇزۇن، قاسماقلىشىپ كەتكەن چاچلىرىنىڭ ھەر بىر سىلكىنىشىدە بىر ئاچچىق نىدا ئەتراپقا تارايتتى:
ئىپپەت... ئەر... ئادەم – ئىنسانىي كامالەت!!!
بىلىش، ئۇنتۇماسلىق كېرەككى، «ئادەم» دېگەن سۆزگە ئىنساندا بولۇشقا تىگىشلىك بارلىق ئېسىل پەزىلەت مۇجەسسەملەنگەن. ئەرمۇ، ئايالمۇ ئادەم بولغانىكەن، ئۇنىڭ تۇرغان – پۈتكىنىگە پۈتۈلگىنىمۇ شۇ كامالەتنىڭ ئىپتىداسى. ئادەم تۇغۇلغاندا كەم – كۈتسىز، مۇكەممەل، يارىتىلىدۇ دېيىلىدۇ. ھەممەيلەن ئاقىۋەتتە بەخشەندە قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنىڭ ھەقلىق جاۋابكارلىرى. جاۋابنى سىز، بىزنىڭ ئېغىزىمىز ئەمەس، ئەمىلىمىز بىرىدىغان كۈنلەر كېلىدۇ. «ئەركەكلىك» توغرىسىدا ئىككى شائىرنىڭ ئىككى ياندا تۇرۇپ بار ئاۋازى بىلەن ۋارقىرىشىمۇ، بىزنىڭ ئۇزاقتىن – ئۇزاق سۆزلەشلىرىمىزمۇ بىرلا نەرسە ئادەمدەك ياشاش ئۈچۈندۇر.
غوجىمۇھەممەت ناھايىتى توغرا دەيدۇ:
شېئىر يېزىش ئەمەس مۇددىئا.
- غوجىمۇھەممەت مۇھەممەت :«قويۇۋەتتىم خىيال قوشۇمنى» دىن
ئادىلمۇ دۇرۇس گەپ قىلىدۇ:
ئادەم ئۆلدى، قاراپ بېقىڭلار،
ئۆلمەكتە بىر ۋاستىگە مەقسەت.
ئۆلمەكتىمىز ھەي ئىنسانىيەت!
- ئادىل تۇنىياز:«سۈزۈك سەپەر» دىن
قاراپ بېقىش، ئوقۇپ قويۇش، تەستىقلاش بىلەنلا ئىش پۈتمەيدۇ. ئىنسانىي كامىللىقنى قوغلىشىش - مانا بۇ مەڭگۈلۈك، ئۆزگەرمەس نىشان! ئەمما بۇمۇ ئەركەكلىك تەلەپ قىلىدۇ – دە!
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 2006 - يىل 3 - ساندىن
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
  • تۆھپە:+10(خۇرسەن) ياخشى ماقالە
  • atlan
    مۇھەببەتكە كۆتۈرۈپ ئىسيان ،
    ھىسسىي ئاچلىق قىلىمەن ئېلان .
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:16
    بۇ ئەزا توردا بار بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ


    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1049<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 950
    UID نۇمۇرى : 2446
    دەرىجە: سەلكىنداش
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 925
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە925دانە
    شۆھرەت: 581 نۇمۇر
    پۇل: 6 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 941 نۇمۇر
    قوللاش: 853 نومۇر
    ئالقىش: 240 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    مانا مانا ..ئالدىرماي ئوقۇپ چىقاي مەن.
    ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
    ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:18
    بۇ ئەزا توردا يوق چەۋەنداز


    تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 198<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 101
    UID نۇمۇرى : 2343
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 192
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە192دانە
    شۆھرەت: 155 نۇمۇر
    پۇل: 591 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    قوللاش: 221 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

    جاپا تارتىپسىز، رەھمەت~!
    ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
    ئىرادىلىك ھىلى ھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:20
    بۇ ئەزا توردا بار باغۋەن

    يازما يوللاش ئۇستىسى مۇنبەر قىززىقچىسى ئالاھىدە ئىلگىرلەش تەلەپ باشقۇرغۇچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1157<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 842
    UID نۇمۇرى : 49
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 12
    يازما سانى: 1022
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1022دانە
    شۆھرەت: 962 نۇمۇر
    پۇل: 1546 سوم
    تۆھپە: 20 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 1187 نۇمۇر
    قوللاش: 1062 نومۇر
    ئالقىش: 419 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

      ھاي  ھاي  ..  ئىنكاس يىزىلمىسمۇ مەيلى ئوقۇپ چىكىتىڭلار ..
      ئىنكاس دېگەن ئۇنداق ئاسان يەردىن چىقمايدۇ .
    خۇددى ئەرلەرنىڭ كۆز يېشىگە ئوخشايدۇ ..
    atlan
    مۇھەببەتكە كۆتۈرۈپ ئىسيان ،
    ھىسسىي ئاچلىق قىلىمەن ئېلان .
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:21
    بۇ ئەزا توردا بار گۈلسىما


    تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 580<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 219
    UID نۇمۇرى : 1593
    دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 6
    يازما سانى: 441
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە441دانە
    شۆھرەت: 296 نۇمۇر
    پۇل: 950 سوم
    تۆھپە: 6 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 490 نۇمۇر
    قوللاش: 433 نومۇر
    ئالقىش: 56 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-25
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    بىز ئۈچۈن تارتقان جاپارىڭىزغا رەھمەت،بۇرۇن كىتاپتىن كۈرگەن بولساممۇ ،تەسىرلىنىپ يەنە بىر قىتىم ئوقۇپ چىقتىم
    atlan
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:22
    بۇ ئەزا توردا يوق يولباش


    تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 103<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 196
    UID نۇمۇرى : 5736
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 103
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە103دانە
    شۆھرەت: 96 نۇمۇر
    پۇل: 407 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 111 نۇمۇر
    قوللاش: 107 نومۇر
    ئالقىش: 88 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-16
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-09

    ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان يوللانمىكەن،  ئەرلەر بىر قىتىم تەپسىلى  ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىيدىكەن.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:50
    بۇ ئەزا توردا يوق سۆيگۇ


    تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 199<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 100
    UID نۇمۇرى : 4526
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 158
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە158دانە
    شۆھرەت: 101 نۇمۇر
    پۇل: 591 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 184 نۇمۇر
    قوللاش: 172 نومۇر
    ئالقىش: 15 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-13
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

    ھەممە ئەستايىدىل ياخشى ئوقۇپ چىقىشقا ئەرزىگۈدەك ياخشى تېما ئىكەن . ئەجرىڭىزگە رەخمەت !
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 16:57
    بۇ ئەزا توردا يوق چەۋەنداز


    تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 198<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 101
    UID نۇمۇرى : 2343
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 192
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە192دانە
    شۆھرەت: 155 نۇمۇر
    پۇل: 591 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 227 نۇمۇر
    قوللاش: 221 نومۇر
    ئالقىش: 92 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

    راسىت ياخشى تىمىكەن~!  بولسا كۆپىرەك يوللاپ تۇرۇڭ~!! 
    ئوقۇردىكى قىرى ئات كەڭ دالاغا ئىنتىلەر،
    ئىرادىلىك ھىلى ھەم شۇ ياشانغان جەڭچىلەر.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 17:10
    بۇ ئەزا توردا بار بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ


    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1049<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 950
    UID نۇمۇرى : 2446
    دەرىجە: سەلكىنداش
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 925
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە925دانە
    شۆھرەت: 581 نۇمۇر
    پۇل: 6 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 941 نۇمۇر
    قوللاش: 853 نومۇر
    ئالقىش: 240 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    ئەرلىكى، ئەركەكلىكى ھەققىدە ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىلەرگە باي يىپ ئۇچى بېرىدۇ. ئۇنىڭچە، «ساقال – بۇرۇت قويغانلارنىڭ ھەممىسىلا ئەر ئەمەس ئىدى؛ بۇغداي تېرىپ زاغرا ناندا قورساق توقلايدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى؛ ئاھ، خەلقىم، دەپ دەرت يۇتۇپ مەيخانىدا تۈنەيدىغانلار ئەر ئەمەس ئىدى؛ <ئېتىقاد> ۋە <توغرا يول> ھەققىدە سۆزلەپ قويۇپ، ئىچ- ئىچىدىن قۇرۇپ ئۆتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دېيىشكە بولمايتتى؛ قىلىچتىن قورقۇپ بېشىنى ئېگىپ، كاستۇم ئىچىدە تىترەپ يۈرگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىلا ئەر دەۋېرىشكە بولمايتتى. ئۇلارنىڭ جاينامازدا ئىمانى، ئەل ئالدىدا ۋىجدانى، يۈرىكىدە پىغانى، سەپ ئالدىدا مەيدانى، تىغ ئالدىدا تەن- جېنى، تومۇرىدا دولقۇنلۇق قېنى، ھاياتىدا ئۆلۈم ھەم شان- شەرىپى نېسى ئىدى».

    ئەر دېگەن تەندە مەجبۇرىيەتنىڭ بەك ئېغىر ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشنىۋالدىم.

    تىما ئىگسىگە كۆپ رەھمەت.داۋاملىق موشۇنداق نادىر ماقاللەرنى ئوقۇشقا ھېرىسمىز.
    atlan
    ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
    ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 17:10
    بۇ ئەزا توردا بار بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ


    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1049<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 950
    UID نۇمۇرى : 2446
    دەرىجە: سەلكىنداش
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 925
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە925دانە
    شۆھرەت: 581 نۇمۇر
    پۇل: 6 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 941 نۇمۇر
    قوللاش: 853 نومۇر
    ئالقىش: 240 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    كۈچەيدى ئەرلىك غورورىم
    قوغدايمەن كەلگۈسى ئائىلەمنى
    گەر بولمىسىمۇ ئائىلەم
    تۈزدۈم ئەركەكلىك بىلەن قانۇن

    مانا بىز ئەركەكلار
    جان تەندە ئامانەت
    ھىمايە قىلىمىز ۋەتەننى
    ئىپپەت ئەركەكلىكىمىز بىلەن


            قاملاشتۈرۈپ يازالمىساممۇ......
    ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
    ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 17:21
    بۇ ئەزا توردا يوق مەۋلۈدە


    تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 126<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 173
    UID نۇمۇرى : 5300
    دەرىجە: قىزىققۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 114
    ئۇنۋان:3 دەرىجە ھازىرغىچە114دانە
    شۆھرەت: 84 نۇمۇر
    پۇل: 336 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 122 نۇمۇر
    قوللاش: 118 نومۇر
    ئالقىش: 66 كىشلىك
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-09-02
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

    ئۇقۇپ بولغۇچە كۆزۈم ئاغرىپ كەتتى، سىز بۇ ماقالىنى ئۇرۇپ بولغۇچە قۇلىڭىز قانچە تالغاندۇ، ياخشى تېمىكەن، ئەرلەر كۈرۈشكە تىگىشىلىك تېمىكەن، ھارمىغايسىز.
    atlan
    دوستلارنىڭ سەلكىن مۇنبىرىگە كىرگەن قەدىمىدىن گۈللەر ئۈنسۇن!
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 17:59
    بۇ ئەزا توردا بار بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ


    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1049<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 950
    UID نۇمۇرى : 2446
    دەرىجە: سەلكىنداش
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 925
    ئۇنۋان:11 دەرىجە ھازىرغىچە925دانە
    شۆھرەت: 581 نۇمۇر
    پۇل: 6 سوم
    تۆھپە: 5 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 941 نۇمۇر
    قوللاش: 853 نومۇر
    ئالقىش: 240 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    ئەركەكلەرنىڭ يۇمىلاپ كېلىپ ئوقۇشىغا ئەرزىگۈدەك تېما ئىكەن.
    ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
    ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 18:01
    بۇ ئەزا توردا بار يۇلتۇز0991


    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 925<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 1074
    مەزھەپ:تەكلىپلىك يازغۇچى تەكلىپلىك يازغۇچى
    UID نۇمۇرى : 2472
    دەرىجە: ئالىي ئەزا
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 1
    يازما سانى: 776
    ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە776دانە
    شۆھرەت: 781 نۇمۇر
    پۇل: 2160 سوم
    تۆھپە: 26 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 405 نۇمۇر
    قوللاش: 326 نومۇر
    ئالقىش: 251 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-11

    ھەممىمىزنىڭ كۆرىشىگە ئەرزىگۈدەك ياخشى تېما ئىكەن ،  تېما ئىگىسىگە رەھمەت ،  بىز ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتىپسىز ، سىزگە تەشەككۈر .... قىلغان ئەمگىگىڭىزنىڭ شىرىن مىۋىسىنى چوقۇم كۆرەلەيسىز . . . . . << مەرت باغۋەن غازاڭ قىلمايدۇ ۋاقىتسىز باغنى ، تەربىيەسىز قالدۇرۇپ گۈل - چىچەكلەرنى . . . . .>>
    muhabbat
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 18:51
    بۇ ئەزا توردا يوق شاھدىيار

    رەسىم يوللاش ئۇستىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 449<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 350
    UID نۇمۇرى : 50
    دەرىجە: باشقۇرغۇچى
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 432
    ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە432دانە
    شۆھرەت: 768 نۇمۇر
    پۇل: 1306 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 462 نۇمۇر
    قوللاش: 429 نومۇر
    ئالقىش: 232 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-09
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-09-24

    خەت بەك كىچىك چىقىپ قاپتۇ ،،، سەل چوڭايتىپ قويسىڭىز بولغۇدەك ،،، كۆزى ئاجىزلار كۆرەلمىگۈدەك ،،،
    atlan
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 19:16
    بۇ ئەزا توردا يوق ئىلى.بۆرىسى

    مۇنبەر قىززىقچىسى
    تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش<br>ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1251<br>دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 748
    مەزھەپ: بۆرە قۇماندان بۆرە قۇماندان
    UID نۇمۇرى : 150
    دەرىجە: سەلكىنداش
    تور دەرىجىسى :
    نادىر تېما: 0

    يازما سانى: 1169
    ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1169دانە
    شۆھرەت: 712 نۇمۇر
    پۇل: 1053 سوم
    تۆھپە: 0 نۇمۇر
    ياخشى باھا: 1190 نۇمۇر
    قوللاش: 1179 نومۇر
    ئالقىش: 230 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10

    تىماڭغا رەخمەت .............. ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان ئەسەركەن ................ ئىپپىتى بۇزۇلغان مىللەت ......................    
    [fly]ئۇيغۇرۇم ئۆم بول[/fly]
    يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-19 20:05
    سەلكىن مۇنبىرى » ئوبزور، ماقالىلار
    « 1 23» Pages: ( 1/3 total )
    

    سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

    تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )