ئەدىبىي ئەسەرلەر دۆۋىسىگە كىرىپ كېتىپ مىللەت توغۇرلۇق تېما يازمىغىلى ئۇزۇن بوپتىكەن ،بۈگۈن قانداقتۇر ئىشلار تۈپەيلى قۇلۇمغا قەلەم ئېلىپ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى يېزىپ باققۇم كېلىپ قالدى . مەن قانداقتۇر مىللەتنى قانداق راۋاجلاندۇرۇش كىرەكلىكى ، مىللەتنى قانداق سۆيۈش لازىملىغى ھەققىدە چوڭ - چوڭ قائىدىلەرنى سۆزلەشنى ، ۋەزخالىق قىلىشنى بىلمەيمەن. ئەمما، بۇ ھەقتە ئايرىم نۇقتىلاردا ئۆز ئالدىمىغا ھېس قىلغانلىرىم بار ، مەن مىللەتنىڭ بىر كىچىك ئەزاسى بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن ئۆز ھېسلىرىمنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ، كەڭ تورداشلار بىلەن پىكرىلىشىپ بېقىشنى توغرا كۆردۈم . قىمەتلىك پىكىر تەلەپلىرىڭلىنى ئايىمىغايسىلەر ! }7lHIv3&
FRKfG+\Qa2
$}ki k1*r
مىللەت توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
Z=%+x=L
ھەسەتخورلۇق - مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك ئىللەت 0IO{F
نادانلىقتىن ئۈچ بىخ ئۈسۈپ چىققان، ئۇلار: قارا نىيەت، ساختا شۆھرەت ۋە ھاكاۋۇرلۇق. :HpVCOQ6
ــ شۇپىنخاۋئېر
!^5hl"V مىللەتنىڭ ئويلىنشى- مىللەت ئۇيغىنىشىنىڭ باشلىنىشى ھىسابلىنىدۇ. g&gABS6
مىللەت كىشىلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى - مىللەت ئۇيغىنىشىنىڭ ئىپادىسى. r1~*AlM%d
شانلىق تارىخنى ياراتقان ئۇيغۇر مىللىتى بۈگۈنگە كەلگەندە ئىقتىسادى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن نامراتلىق پاتقىقىغا چوڭقۇر پېتىپ قالدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە نامراتلىق ھەقىقەتەن چوڭ جىنايەت .ئوغۇرلۇق ،بۇلاڭچىلىق،تىلەمچىلىك ،روھى چۈشكۈنلۈك.......لاردىن قايسى بىرى نامراتلىق بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئىقتىسادى جەمئىيەتتە ئىقتىسادى نامراتلىقتىن قۇتۇلماي تۇرۇپ مىللەتنىڭ ھازىرقى ئورنىنى ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس .ئۇنداقتا مىللەتنىڭ ئورنىنى قانداق ئۆزگەرتىش كىرەك ؟ مىنىڭچە ، ئەڭ موھىمى يەنىلا - ئاڭ مەسىلىسى . بىزدىكى ئاڭ -سەۋىيە تېخى يىتەرلىك ئەمەس ، يىتەرلىك بولدى دەپ كىسىپمۇ ئېيتالمايمىز .يەھۇدىيلار بارلىق دەسمايىنى مائارىپقا سېلىپ ، مائارىپنى قوللايدۇ ، بۇنىڭدىن مەقسەت بىلىم قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت . I{LX q9|/
ئالدى بىلەن بىلىم -ساپا قۇرۇلمىسىنى مۇستەھكەملەپ ، ئىلغار ئىدىيلەرنى ئۆزىگە قۇبۇل قىلغاندا ، ئۆزى ھەم مىللەتنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىغاندىلا ، ئۇيغۇرلارنىڭ شانلىق تارىخىنى قايتا نامايان قىلغىلى بولىدۇ. مەن <<ئۇيغۇر>>دەپ ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مەغرۇرانە قەدەم باسالايدىغان ، يۈرىكى مىللەت ئۈچۈن كۆيىدىغان جاسارەتلىك،ئېگىلمەس -سۇنماس ئىرادىگە ئېگە ئۇيغۇر ئەۋلادلىرى يەنە نىمىگە قاراپ تۇرىمىز ؟!!... 
دوستۇم نەشتەرنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان <<مىللەتنى قانداق سۆيىمىز ؟>>دىگەن ماقالىدە مۇنداق جۈملىلەر ئۇچرايدۇ :
نۇرغۇن تورداشلارنىڭ مىللەت توغۇرلۇق يازغان تېمىلىرىنى ، قىلغان گەپ-سۆزلىرىنى ئۇچراتتىم. يىغىپ ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئويلىنىش قىممىتى بار ئۆزگىچە پىكىر -بايانلىرىدىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھازىرى توغرۇلۇق خىلى ئىلمىي يەكۈنگە ئىگە بۇلالىغۇدەكمىز . بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ئەھۋال، دېمەك ئارىمىزدا ئۆزىمىز توغرۇلۇق مۇشۇنچىلىك ئىزدىنىش ، ئويلىنىش بولغان يەردە ھازىرمۇ مىللىتىمىزنى <<ئۇيقۇ>> ھالەتتە دېسەك قاملاشماس. مېنىڭچە، ھازىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويغۇنىشى باشلىنىپ بولدى ، ئەپسۇسلىنارلىقى يىتەرلىك بولمايۋاتىدۇ خالاس. شۇ تاپتا بىرقىسىم ئۇقۇرمەنلەر <<نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئويغۇنىشى باشلىنىپ بولدى ، دەپ كىسىپ ئېيتىسەن؟>>دىگەن سۇئالنى قۇيىشى مۇمكىن ، ئويلايمەن ، ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ ، ﺑﺎھﺎﯞﯗﺩﯗﻥ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﻮﯞ، ھﯩﻠﻰ ﯞﺍﮔﻮﻥ ، رادىل ئابلا ، ئامىنە... قاتارلىق كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادقا ۋە مەلۇم يوللارغا يۈرۈش قىلىشى بۇ سۆزۈمنىڭ دەلىلىدۇر. zG(\x)p_
ئىقتىساد - ئىجتىمائىي ئالاقىدە نۇرغۇن نەرسىگە ئىرىشىشنىڭ ۋاستىسى. مۇشۇ ۋاستە بىزدە مۇقىم ھەم يىتەرلىك بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزدىن ھالقىغان كىشىلەردىن بولالايمىز. يەھۇدىيلارنىڭ ئىقتىسادقا يۈرۈش قىلىپ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىشى بۇنىڭ تاغدەك پاكىتى. ئۇلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىشتە ئىقتىسادنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى بىزگە تونۇتىدۇ. "+WMD
ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئارىمىزدا ئىقتىسادنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ھېس قىلماي كۈنىنى ئۆتكۈزىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس . جۈملىدىن، سىزمۇ ، مەنمۇ ۋە ياكى باشقا بىر ئۇيغۇرمۇ شۇنداق بولىشى مۇمكىن. بىز ھازىر قورساق تويغۇدەك ۋاقىتلىق ئىھتىياجىمىزدىن چىققۇدەك پۇل تاپساقلا بولدى دەپ قارايمىز . لىكىن 21-ئەسىردەك خىرىس ۋە رىقابەت ئەسىرىدە تىخىمۇ كۆپ پۇلىمىز بولىشنىڭ ئۆزىمىزگە ئىنتايىن مۇھىم ئامىل ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەلمەيۋاتىمىز... ?MaP=veL
پۇل تاپتۇق، تاپمىدۇق ئەمەس، لىكىن قايسىمىز باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك پۇل تېپىۋاتىمىز ، بىر-بىرىمىزنىڭ ئۇلىنى كولاش بىلەن كۈنلىرىمىز ئۆتۈپ ئۆزگە مەدەنىيەتنىڭ بۆسۈپ كىرىشىگە تاقابىل تۇرالماي ئىغىزىمىزدىن چىقىۋاتقان تىلنىمۇ ساقلاپ قالالمايۋاتمامدۇق؟ ... n^Es*g5G
شۇڭا ئەڭ ئاۋال پۇل تاپايلى. بۈگۈن غەپلەتتە بولساق، ھازىردىن باشلاپ ئۇيقىمىزنى ئاچايلى. پۇل تېپىشنىڭ يولىنى ئىزدەپ پۇل تېپىش يولىغا كېرىشەيلى. ئۆزىمىزنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش بىلەن بىرگە باشقىلارغىمۇ ياردەم بېرىپ ئىقتىساد بىلەن ئۆز ئورنىمىزنى تىكلەش بىزنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشىمىز!مەدەنىيەت، بىلىم ھەم ھەرقايسى جەھەتلەردە ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرەيلى ! ur&2M -9o
Wa J5|]3
z-%?u8

dcaWDI{
ئىللەت - ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ يىر گىنىچلىك دۈشمىنى. يامان ئىللەت يۇقتۇرۋالغان مىللەت ساقايماس كىسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارغا ئوخشايدۇ . ]+yll}]
ئۇيغۇر مىللىتى تارىختىن بۇيان ئەدەپ -ئەخلاق ، قائىدە -يۇسۇننى ئۆزىگە بەلگە قىلىپ كەلگەن .ئەقەلىيسى ، ئادەم بىلەن ھايۋاننى بىر- بىردىن ئايرىپ تۇرىدىغان بەلگە -ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش بىلەن ئەخلاقتۇر . گۈزەل ئە خلاق -پەزىلەت ئادەم ئۈچۈن ئەڭ ئىسىل زىننەتتۇر . دەۋىرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ياشلىرىمىز غەرىپ ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىلغار پەن - تىخنىكىسىنى قوبۇل قىلىش بىلەن يەنە ناچار ئىللەتلەرنىمۇ ئۆزىگە يۇقتۇرۋالماقتا . A!A5\0SDf
بىزدە چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش خاھىشى ئېغىر، كۆپ ھاللاردا سۆزنىمۇ ، ئىشنىمۇ چەكتىن ئاشۇرۇپ قويىمىز، چەكتىن ئېشىپ ئېيتقانلىرىمىزدىن نەمۇنە شۇكى، بەزىلىرىمىز ھەتتا بىزدىن <<سەن ئاۋۋال ئۇيغۇرمۇ ياكى مۇسۇلمانمۇ ؟ >>،<<سەن ئەرەبكە تۇرامسەن ، تۈرۈككىمۇ >> .... دىگەندەك سۇئاللارنى سورىشىدۇ . نېمە تېتىقسىز سۇئاللار بۇ ؟! ...ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىز ، ئورنىمىز توغۇرلۇق ئويلاپ قۇيۇشمايمىز يۇ ،ئۇيغۇر ، مىللەت ، دۇنيا توغۇرلۇق ئاغزى -ئاغزىمىزغا بېسىقماي سۆزلەيمىز . vJ.FfK?P
بىر قىسىم پىكرى ئويغاق ، كاللىسى ئوچۇق زىيالىيلىرىمىز ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئايرىم كۆز - قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مىللەت ۋە زامانغا سېگنال بەرمەكچى بولۇشقانلىرىدا، بىر قىسىم كىشىلەر مىللەت ۋە دىننىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئۇلارنى كالتەكلەپ، ھېلىدىن كۇپىرىغا ، ھېلىدىن مىللىي خائىنغا چىقىرىشقا ئورۇنىدۇ . @>m[lMm}n
يەنە بىر قىسىم كىىشلەر بار، نېمىلا بولسا ئۇيغۇرنىڭ دەپ خىيال قىلىشىدۇ ، پالانى - پۇستانچى نەرسىنى ئۇيغۇرلار ئاپىرىدە قىلىپتىكەن، پالان - پۇستانچى ئۇيغۇرنىڭ ئۇكىسىكەن، پالان - پوكۇنى جايلاردا ئۇيغۇرلار ياشىغان ئىكەن، ئايغا چىققىنى ئۇيغۇركەن ... دېگەندەك بۇنداق << ئۇيغۇرنىڭ >> بولۇپ ئېيتىلىۋاتقان نەرسىلەر كۆپ، ئەمما دەلىلى، ئىلىمي ئاساسىنى سۆزلەيدىغان ئادەم يوق ياكى ئاز، كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن قارىسىغا سۆزلەشكە كۆنۈپ كەتكەن، گېزى كەلگەندە مۇشۇنداق سۆزلەشمۇ مىللەتنى سۆيۈشتە كۆۋەجەپ كەتكەن ھېسياتنىڭ بۇلدۇقلاپ تېشىشى دەپ ، شەرھىيلىنىدۇ ... K \Z
بىزدەمەيلى نىمە ئىش قىلسۇن ، ئالدى بىلەن مىللەتنى << خىيالى >> دىن نېرى قىلمايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپ، ئۇلار مىللەت ئۈچۈن سۆزلەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن كۈلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن يىغلايدۇ، مىللەت ئۈچۈن يەيدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئىچىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئوغرىلىق قىلىدۇ، مىللەت ئۈچۈن ئاق ساتىدۇ، يەنە مىللەت ئۈچۈن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىدۇ... خۇلاسە، بىزدە شۇنداق خاھىش باركى، بارچە ئىشلىرىمىزنى مىللەتنى سۆيۈش يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئۆز كۆڭلىمىزنى بەزلىشىمىز. ئەمما، ئۆز قىلمىش -ئەتمىشلىرىمىزنىڭ پۈتكۈل مىللىتىمىزنىڭ گۈللەپ - ياشنىشى ، يۈكسىلىشى ئۈچۈن قانداق نەتىجە ئېلىپ كېلىدىغانلىقى بىلەن ھېسابلىشىدىغان كىشىلىرىمىز بەكمۇ ئاز . ھەتتا، بەزىلەر ئۆزىمىزنىڭ دەل ئەشۇ << مىللەت سۆيەر >> لىكىمىزنىڭ مىللەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىنى بوغۇپ، خالتا كوچىغا باشلاپ قويۇۋاتقانلىقىنىمۇ ھېس قىلىشمايمىز.
W*ref|

yD_ }`4i
ئۇيغۇر مىللىتى نۆۋەتتە، بۈيۈك جۇڭخۇا ئېلىدىكى قېرىنداش قەۋىملەر بىلەن ئۇنىڭدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى بارچە مىللەت ، ئىنسانىيەت تۈركۈملىرى بىلەن تەخىرسىز دىئالوگلىشىش، تەسىرلىشىش تارىخىي باسقۇچىدا تۇرماقتا، بىزنى كۈتىۋاتقىنى ھويلىسى كەڭ ئۇلۇغ جۇڭخۇا قۇچىقى بولۇپلا قالماستىن بەلكى ، ئۇنىڭ سىرتىدىكى يەرشارىلىشىش باسقۇچىدا تېز ئىلگىرىلەۋاتقان يەرشارى كەنتىدۇر. ئەمدىلىكتە بولسا قايتىدىن تەرەققىي قىلىش، قەد كۆتۈرۈش پەللىسىدە تۇرىۋاتقان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قانداق قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى ، تۆھپىسى، پەزىلىتى، ئەقىل - پاراسىتى بىلەن جۇڭخۇا ئېلىدىكى، جاھاندىكى باشقا قەۋملەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا، ھۆرمەت قىلىشىغا سازاۋەر بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كۈنىمىزدىكى مىللەت سۈيەر ئەۋلادلارنىڭ بوشاشماي تىرىشىشى كېرەك بولغان بىر مۇھىم نىشان بولۇشى كېرەك. شۇ نۇقتا ئەستە مەھكەم تۇرۇشى كېرەككى، ھاياجان تىپىدىكى مىللەت بولۇش تارىخىغا تېزراق خاتىمە بېرىپ، ئىدراكى مىللەتلەر قاتارىغا ئۆتۈش ئۈچۈن دادىل قەدەم تاشلىماق زۆرۈردۇر! }'kX(8
بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەر قانداق ئىرق، ھەر قانداق دىن ۋە ھەر قانداق بىر مىللەتكە تەۋە ئادەم ئۈچۈن، ئەمەلىي پائالىيىتى ئارقىلىق ئۆز مىللىتىنى سۆيۈش، ئۆز خەلقىغە كۆيۈش، ئۆز مىللىتىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى بېغىشلاشنى تۈپ مەزمۇن قىلىدىغان مىللەتپەرۋەرلىك ئەزەلدىن ئەبەدكە گۈناھ ھېساپلانمايدىغان ئەقەللىي ئىنسانىي بۇرچتۇر. بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق خەلقمىز. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ، بۈگۈنكى زامان جاھان سەھنىسىدىكى ھەرقايسى قەۋملەر ، جۈملىدىن جۇڭخۇا بۈيۈك ئىلىدىكى 56 قېرىنداش مىللەت بىلەن بىرگە تەڭ ئولتۇرۇپ قوپۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىياتى ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ 56 خىل خۇشپۇراق گۈلدىن ئاپىرىدە بولغان گۈلستانلىقنى ئاباد ئېتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلۋاتقانلىقىنى، ھەرزامان ئۆز مەۋجۇدىيىتى ۋە ھاياتى كۈچىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلىمىز. ئەگەردە، بىز مىللەت سۆيەر ، ئۇيۇشقاق مىللەت بولمىغاندا ئىدۇق، تارىخنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا، دەۋرنىڭ قايناملىرىدا كۆمۈلۈپ ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئوقۇشلۇق بولغان تارىخقا ئايلىنىپ كېتىشكەن بولاتتۇق. Xn~5
مىللەت سۆيۈشتە، مىللەت ئۈچۈن بارلقىنى بېغىشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ ، سۈيىدە ئاقالايدىغان چىن ئىنسانىي تەبئىيىتى بولۇشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىش - ھەرىكەتلىرىنى ئەقلىي تەپەككۇر بىلەن ئىدىتلىيالايدىغان، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ مىللەت سۆيەرلىكىنى ئىدارىكى يۇسۇندا ئىپادىلىيەلەيدىغان روھمۇ بولۇشى كېرەك. بىر مىللەتنىڭ ساغلام بولغان خاراكتېرى ئەزالىرىنىڭ ئەسلىگە تالىق بولغان تەبئىيىتى بىلەن ئەقلىگە تالىق بولغان ئىدارىكىيلىقنىڭ ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈشى نەتىجىسىدە بارلىققا كېلىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەقىل - پاراسەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلدىغان مىللەتتۇر. مېنىڭچە ، بىزدە بۇ خىل ئىدراكىي ئامىلنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، گەپ ئۇنى قانداق سۇغۇرۇش ، قانداق پەرۋىش قىلىش، ئۇنى مىللەت سۈيۈشتىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت گۈلزارلىقتا خۇشپۇراق چاچقۇزۇپ، مېۋە بەرگۈزۈشتە ! U\BL[ 1
مىللەتنى سۆيۈش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيىشىنى بىلىش كېرەك، ئۆزىنىمۇ سۆيمىگەن ئادەمدىن باشقا نەرسىلەرنى سۆيۇشنى كۈتۈش ئەقىلسىزلىق خالاس . ئۇنداقتا ، ئۆزىنى قانداق سۆيۇش كېرەك ؟ مىنىڭچە يەنە ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئاددى ئىشلاردىن باشلاش كىرەك : q5Ql3T=.
ئۇيغۇر ئاقچى بوپ كەتتى يەي، كۆكچى بوپ كەتتى يەي دېگەننى قۇيۇڭ! ئۇيغۇردىن كىم مۇنداق قىپتۇ يەي، پالانى مۇنداق دەپتۇ يەي دېگەننى قۇيۇڭ! پۇستانىچى مۇنداق ئادەم ئىدى، دۇنيادا بىرتى يەي! دېگەننى قۇيۇڭ. ئەتراپىمىزغا قاراڭ ، ئاقچى بولمىغان كۆكچى بولمىغان قايسى مىللەت بار؟ ئۇنداق مۇنداق چوڭ- كىچىك نەتىجە تەۋرەتمىگەن قايسى مىللەت بار؟ ئالىمى يوق قايسى مىللەت بار؟؟ NKZVCWp
خەق بىلەن، ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ نىمە قىلىشى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئۆزىڭىز پۇل تېپىڭ، يول تېپىڭ، ئىمان- ئېتىقادىڭىز بىلەن ياشاڭ، شۇندىلا مىللەت كۈچىيىدۇ، مىللەت دېگەن كۆپلىك، شەخس مىللەتنى ھاسىل قىلىدىغان بىرلىك، سان ئۆزگىرىشى بولماي تۇرۇپ، سۈپەت ئۆزگىرىش بولسۇنمۇ ؟؟؟ كۈنمۇ پاتماي-پاتماي بىراقلا تاغنىڭ ئارقىسا كەتمەيدۇ ؟؟ يامغۇرمۇ بىر تېمىم بىر تېمىمدىن ياغىدۇ .... | YDv2#[
ئۇمۇمەن، ئەمدىكى گەپ قۇرۇق گەپ ئەمەس، باشقا ئىشمۇ ئەمەس، ئاشپەز بولسىڭىز ساپلىققا، موزدوز بولسىڭىز بىگىزگە، ئۇقۇغۇچى بولسىڭىز كىتابقا، ئۇقۇتقۇچى بولسىڭىز دەرەس ئۈستىلىگە .... پۇختا بولۇڭ !!! I,4~+9P6

ئاخىرىدا تېيىپچان ئىليوفنىڭ بىر شېئىرى ئارقىلىق تېمامنى ئاخىرلاشتۇرماقچىمەن :
|^qz'D
سۆيىمەن دەيدۇ ھەر كىم مىللىتىنى، |) p q|v
مىللەتنى ساتقۇچىمۇ دەيدۇ شۇنى . }<2ZDT4
سۆيۇشنىڭ راسىت يالغىنى شۇندىن ئايان ، xN;0^yN'o
يەمدۇ - يوق مىللىتىنىڭ قايغۇسىنى . O=U~wWh
|7 T.N
تىللىساڭ ھامان باشقا مىللەتنى سەن ، E?.`kw~2l~
بولامسەن مىللىتىڭنىڭ قەھرىمانى ؟ \3oX5A
f
مىللەتكە باشلاپ كىلەر يىتىمچىلىك ، ^%/6YQk[
مىللەتنىڭ مۇنداق نادان مېھرىبانى . ^.wlA71
]X\(3v3"6F
ئۇ مىللەت پۇتۇنلەيلا داشقال بۇلۇپ ، j'*] %[q
بۇ مىللەت كەم كۇتىسىز ئالتۇن ئەمەس . )xn.T;w
ئۇ مىللەت پەگادىكى پالاز بۇلۇپ ، 4 :?_\OM
بۇ مىللەت تۆرگىلا خاس دۇردۇن ئەمەس . &|Hmvnr
vsT
O57&1.
مېغىزى شاكىلى بار ھەر نەرسىنىڭ ، Nn)cSpGX1
ئۇي ئەقىل ، شۇنداق چۇشەن مىللەتنىمۇ . YQ@
بېيىيدۇ مىللىتىڭنىڭ پەزىلىتى ، X}k=j{>E
چۇشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ ! l
pT}F^
hSG<%eW
ياراتقان سىسىقلىققا سەسكىنىشنى ، GR0atm-cO
چىقارغان خۇش پۇراققا ئىشتىياقنى. g\$X=a+
يۇيماستىن سېسىقنى ، ماختىسا كىم ، 0e)P e<]
بۇلغايدۇ ئۇزىدىكى خۇش پۇراقنى . C{UH me
J&[YQ1k

يانغىن
[*!l]}V 2009-يىل 3-ئاينىڭ 23-كۈنى چىڭدۇ
X
>&
:C @ID#p~ hpAg6zE? wVS&&sl3
[ بۇ يازمائەزىزيانغىنتەرپىدىن2009-04-06 02:46دە قايت ]