باي نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا
2","jl EJP0qMIeB خوجانىياز
tSdEmIN qKu"&6# _a Y\seH&}mZA k?W
XA BaXgdN
«باي»-ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى باي ناھىيىسىنىڭ نامى ، شۇنداقلا قۇمۇلنىڭ ئاراتۈرۈك ناھىيىسىدىمۇ «باي»دەپ ئاتىلىدىغان يەر بار . ix[nJvb,
باي ناھىيىسى– ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان ، شەرىق تەرىپى كۇچا ناھىيىسى بىلەن ،شىمال تەرىپى تەڭرىتېغى ئارقىلىق تېكەس ،مۇڭغۇلكۈرە ناھىيىلىرى بىلەن ،غەرىپ تەرىپى مۇز ئارت دەرياسى ئارقىلىق ئونسۇ ناھىيىسى بىلەن ،جەنۇپ تەرىپى چۆلتاغ ئارقىلىق توقسۇ ناھىيىسى بىلەن ،شەرىق شىمال تەرىپى خېجىڭ ناھىيىسىنىڭ بايىنبۇلاق يايلىقى بىلەن چېگىرلىنىدۇ. N%;P+^o
eL!E4=d+
باي باھىيىسىنىڭ شەرقتىن غەربكىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 184كىلومېتىر ،جەنۇبتىن شىمالغا بولغان كەڭىلىكى 105 كىلومېتىر، ئومۇمىي يەر مەيدانى 19مىڭ كۋادرات كىلۇمېتىر كېلىدۇ، ئومۇمىي نوپۇسى 179مىڭ 905نەپەردىن ئارتۇق(-1995)،بۇنىڭ ئىچىدە ئازسانلىق مىللەتلەر 150مىڭ 200نەپەردىن كۆپرەك بولۇپ،ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %92ىنى ئىگىلەيدۇ. 'QvgkB%
باي ناھىيىسى قەدىمكى دەۋىردە غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكنىڭ بىرى بولغان كۆسەن بەگلىكىنىڭ تەۋەسىدىكى زېمىن ئىدى. «تارىخىي خاتىرىلەر»ۋە«خەننامە»دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا،مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر(مودۇن)نىڭ خەن سۇلالىسى پادىشاھى خەن ۋېندىغا يازغان خېتىدە، ھونلارنىڭ غەربىي يۇرتتىكى 36بەگلىكىنى ھۆكۈمرانلىق ئاستىغا ئالغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا،قەدىمكى باي تەۋەسى كۆسەن بەگلىكى تەركىبىدە مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176-يىلى ھۇن تەڭرىقۇتلۇقى تەركىبىگە كىرگەن. [1] بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ھۇن قەبىلە،قوۋۇملىرى غەربىي يۇرتتا جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە يەرلىك كىشلەر بىلەن بىرگە پائالىيەت ئېلىپ بارغان . k@p`88
كۈسەن بەگلىكى ھەققىدە،«خاننامە.غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»دە:«كۈسەن بەگلىكىنىڭ مەركىزىي شەھىرى –يام،ئاھالىسى 6970تۈتۈن ، جان سانى 81مىڭ 317كىشى، ئەسكەرلىككە يارايدىغىنى 21مىڭ 76نەپەر،... مېتال قۇيمىچىلىقىنى بىلىدۇ، قوغۇشۇن چىقىرىدۇ » [2]دېيىلگەن.«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخىي » دا :«كۇچانىڭ شىمالىدىكى تاغقا جايلاشقان، كۆمۈر كانلىرىدا ھەمىشە (كېچە-كۈندۈز)ئوت چاقناپ يېنىپ تۇراتتى،خەلق شۇ كۆمۈر بىلەن پولات تاۋلاپ قورال سايمان ياسايتتى ۋە ھەر قايسى جايلارغا ئاپىرىپ ساتاتتى» [3] دېيىلگەن.شيانەينىڭ «جۇڭگودىن تېپىلغان ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە ئائىت كۈمۈش پۇللار ھەققىدە بايان»ناملىق ماقالىسىدە ؛«كۈسەن بەگلىكىنىڭ سودا-سېتىقى شۇنداق تەرەققىي قىلىپ جانلانغانكى ،قوشنا ئەل خەلىقلىرىمىۇ بۇ يەرگە كېلىپ سودا -سېتىق قىلغان. تۇرپان، خوتەن، كۇچا، ئۇلۇغچات قاتارلىق جايلاردىن ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىگە مەنسۇپ نۇرغۇم كۈمۈش پۇللار ،ۋىزانتىيىگە مەنسۇپ بىر قىسىم ئالتۇن پۇللار(تىللا) تېپىلدى،[4]دەپ يېزىلغان. `C'p
Bn(]
مىلادىيدىن بۇرۇنقى 176-يىلدىن مىلادىيە 592-يىلغىچە بولغان ئارلىقتا غەربىي يۇرتتا ، جۈملىدىن كۇچا،باي تەۋەسىدە ھۇنلار،ھۇنلارنىڭ تارمىقى بولغان كۇەيخۇ،ياپبانلار،ئېفتالىت(ئاق ھۇن)ۋە توخرى(ياۋچىلار)،جۇرجان (ئاۋارلار) ، قاڭقىڭ(قەدىمكى ئۇيغۇرلار)...قەبىلە،قۇۋۇملار پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ^_gwz^1
مىلادىيە4-،5-ئەسىرلەردە يەنە كۆپلىگەن تۈرك، ئۇيغۇر قەبىلە،قوۋۇملىرە غەربىي يۇرتتا پائالىيەت ئېلىپ بارغان.بۇ ھەقتە«شىمالىي سۇلالىلەر تارىخي.تېلىلار ھەققىدە قىسسە»دە:«قۇمۇلنىڭ غەربىي ،كىنگىت(قارا شەھەر)نىڭ شىمالىي ۋە ئاقتاغ(تەڭرىتاغ) ئىتەكلىرىدە چۆبە،بۇلاغ،دېسۇباناغ(بۇ نام كېيىن - دولانگىت،تۆلەنغۇ دەپمۇ ئاتالغان)، ئوغۇز (ئۇيغۇر)،خاككاس،ئىكدىر، يۇنىغۇرقاتارلىق قوۋملەربولۇپ،20مىڭ لەشكىرى بار؛ئالتاي تېغىنىڭ غەربىي جەنۇبىداسىر-تاردۇش، دېلىر،زاباندىر،داچى قارارلىق قوۋۇملار بولۇپ،بىر تۈمەندىن ئارتۇق لەشكىرى بار»دىيىلگەن. $
!] f!CU
«ۋېينامە» دىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادىيە 487-يىلى 8-ئايدا مۇڭغۇل چۆللۈكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى قاڭقىل دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلانىڭ بورىكلى () قەبىلىسىنىڭ يولباشچىسى ئاي ئۇجرۇ () ئاۋارخانى تۇلۇنخانىڭ شىمالىي ۋېي (توبا) خانلىقى (مىلادىيە 386-534-يىللىرى)غا ھۇجۇم قىلىش ئۇرۇشىغا قاتنىشىشنى خالىماي ئېسىيان كۆتۈرۈپ ،بىر نەۋرە ئىنىسى چوڭچى (كۈنچى)بىلەن بىرلىكتە مۇڭغۇل دالاسىدىكى شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ 12 ئۇرۇقىدىن 100نەچچە مىڭ تۈتۈن500مىڭ كىشى (بەزى ماتىرىياللاردا12مىڭ تۈتۈن 600مىڭ كىشى دەپمۇ كۆرسىتىلگەن)نى باشلاپ، ماناس، ئۈرۈمچى،بېشبالىق ،تەڭرىخان تاغ (بوغدا) ئەتراپلىرىغا ماكانلاشقان ۋە ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن ئاۋارخانى تۇلۇنخان Ⅱنىڭ نۇرغۇن قۇشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ ،ئۈرۈمچى ئەتراپىدا «ئېگىز ھارۋىلىقلار خانلىقى»( دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر خانلىقى)نى قۇرۇپ چىققان.بۇ خانلىق 487-يىلدىن 546-يىلغىچە مەۋجۇت بۇلۇپ، ئاي ئۇجرۇ خانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىنى ساقلاشقا ، ئىنىسى چوڭچى قارا شەھەردە تۇرۇپ خانلىقنىڭ غەربىي جەنۇپ تەرىپنى ساقلاشقا مەسئۇل بولغان. 1DJ!;@xQb
تارىخي خاتىرىلەدە ئېفتالىتلار«قاڭقىلارنىڭ بىر تۈرى»دېيىلەن، دېمەك ئۇلارمۇ تۇركىي تىللىق مىللەت بۇلۇپ،ئەسلىدە(غەربكە كۆچۇشتىن بۇرۇن) ئالتاي تاغلىرى ئەتراپىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان.[5] 3UK?m^Ip
دېمەك،مىلادىيە 200-يىلىدىن 552-يىلغىچە غەربىي يۇرتتىكى ئاساسىي يۈزلىنىش- مىللەتلەر ئارىسىدىكى بىر قېتىملىق تەبىئي چوڭ قۇشۇلۇشقا ۋە مەلۇم دەرىجىدىكى ئاسمىيلاتسىيىلىشىشقا سەۋەپ بولدى. غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ بۇ مەزگىلدە قۇشۇلۇشى ۋە ئاسمىيلاتسىيىلىشىشى ئېنىق تېلىلىشىش تۈسىنى ئالغان.بۇدەۋردە تېلى (ئۇيغۇرلار)غا يېقىن كېلىدىغان قانداش،تىلداش ۋە ئۆرۇپ –ئادەتلىرى ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولغان مىللەتلەر ،مەسلەن:ھۇن، جۇرجان، ياپبان، كۇەيخۇ، ئېفتالىتلار ئاساسىي جەھەتتىن تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا سىڭىپ(قوشۇلۇپ) كەتكەن.شۇنداقلا ،سوغدى،ئۇيسۇن،توخرى ۋە قىسمەن خەنزۇلارمۇ پەيدىنپەي تېلىلار (ئۇيغۇرلار)غا ئاسمىيلاتسىيە بولۇپ كەتكەن.[6] j\`]s ;
كۆك تۈرك خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 552-745- يىللىرى)دە، كۇچانىڭ شىمالىدىكى يۇلتۇز ۋادىسى،غەربىي تۈركلەرنىڭ ئوردىسى ئىدى.شۇ چاغدا غەربىي يۇرتتىكى كۇچا،باي ئەتراپلىرىدا غەربىي تۈركلەرنىڭ كۆپلىگەن قەبىلىلىرى پائالىيەت ئېلىپ بارغان.«كۆمۈر قېزىپ، پولات تاۋلاپ،ھەر خىل ئەسۋاپ،ئۇرۇش قوراللىرىنى ياساش بىلەن داڭ چىقارغان تۈركلەر»،غەربىي يۇرتنىڭ ئىجتىمائىي ئىگلىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە سودا-سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشقان. (g|{m'9qN:
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى(مىلادىيە 605 -يىلدىن 846-يىلغىچە )دە ئادالەت قۇچقان قاغان() غەربىي يۇرتقا قاراتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ،بېشبالىق (جىمسار)تا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن،كۇچادا 10مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن ،بارسىغان ۋە بالاساغۇندا 20مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قۇشۇن تۇرغۇزغان. [7] بۇھال،شەرقىي ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كېلىپ ،غەربىي يۇرتتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان. f]L^U;T
840-يىلى شەرقىي ئۇيغۇر خانلىقى (ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى )گۇمران بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرى غەربىتىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى ئارىسىغا كۆچۈپ كەلدى ۋە ناھايىتى تېز قەد كۆتۈتۈپ ،848-يىلى پان تېكىن باشچىلىقىدىكى قوچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقى (مىلادىيە 848-1335-يىللىرى)نى قۇردى.866-يىلغا كەلگەندە بۇقا تېكىن باشچىلىقىدىكى تىبەتلەرنى تارىم ۋادىسىدىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقاردى .شۇ چاغدا،كۇچا،باي تەۋەسى قۇچۇ(ئىدىقۇت)ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە زېمىن ئىدى. u.
5wWVf
ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ،بۇ زېمىندا ئاساسلىقى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە، چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدە (مىلادىيە 1225-1514-يىللىرى )مۇڭغۇللار ،چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مانجۇ،خەنزۇ، خۇيزۇ،قىرغىز قاتارلىق مىللەتلەر پائالىيەت ئېلىپ باردى. EGr-VDfC
1882-يىلى باي ناھىيىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنسۇ بىۋاستە قاراشلىق ئايمىقى بولدى.شۇ چاغدا باي ناھىيىسىدە 8618تۈتۈن،47639نوپۇس بار ئىدى. kQ}9gc[\\
ئۇنداق بولسا باي ناھىيىسى تارىختا قايسى مىللەت تىلىدا قانداق ناملار بىلەن ئاتالغان؟ =)V:qSDd
ھازىرغىچە باي ناھىيىسىنىڭ قەدىمكى دەۋىردە نېمە دەپ ئاتالغانلىقى توغرىسدا قولىمىزدا ئىشەنچىلىكرەك بىرەر تارىخىي ماتىرىيال يوق.پەقەت تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن گۇدەن (مىلادىيە785-805-يىللار)نىڭ«ئەتراپتىكى يات قوۋۇملارنىڭ جۇڭگوغا كىرىش مۇساپىسى»دېگەن خاتىرىسىدە ؛«ئەنشى(كۇچا)دىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا ئاقئات دەرياسى (كۇچادىن 60چاقىرىم يىراقلىقتا )دىن ئۆتىمىز، ئۇنىڭدىن غەربكە 180چاقىرىم ماڭغاندا جۈپىلوچى(-قىزىل؟)غا بارىمىز ،ئاندىن ئاچچىققۇدۇقتىن ئۆتۈپ چاقىرىم ماڭغاندا 120 جۈپىلوچېڭ ( -سايرام؟)غا بارىمىز ،ئۇ يەردىن60 چاقىرىم يول ماڭغاندا ئاشىيەنچېڭ( -باي؟)غا بارىمىز، ئۇ يەردىن، 600 چاقىرىم يول ماڭغاندا بارخانبالىق ( -قەدىمكى قۇم ئاقسۇ بەگلىكى)غا بارىمىز. بۇ، ۋېيرۇڭ قەلئەسى دەپ ئاتىلىدۇ»[8]دەپ كۆرسىتىلگەن. f!CX?9(=5
بۇ يەردە،«باي بازىرى»(بايبالىق ؟)دېگەن يەر نامى خەنزۇچە«ئاشىيەنچېڭ»()دەپ يېزىلغان. بۇ نام غەربىي تۈركلەرنىڭ تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا ئولتۇراقلاشقان بەش نۆشۆبېي قەبىلىسى- ئاشقىل( ياكى ،بەزىدە ئىسكىل ياكى ئاسكىل دەپ ئېلىنىۋاتىدۇ)قەبىلىسىنىڭ نامى ياكى ئاشىيان،ئىشيان() قەبىلىسىنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك. ,@_\Ccjm
ئۇنداقتا، «باي»دېگەن يەر نامى قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ قوللىنىلغان؟ئۇنېمە مەنىنى بىلدۈردۇ؟ بۇھەقتىكى قاراشلار ھەر خىل.