fY^vX@?K`R Uiu 1Yq+d QiqV@}'* m}7$A&zk بۈگۈر ناھىيىسىدىكى چىغانلىق ئېقىن ئېغىزى
*U{?@D-i- < 7&I&MG y/ard:+&&b "R7*HRJ بۇ جاي بۈگۈر ناھىيىسىنىڭ چېدىر يېزىسىدىكى چىغانلىق ئېقىننىڭ تاغدىن چىقىش ئېغىزىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبىي تەرىپى چېدىر يېزىسى تۇرۇشلۇق جايغا 12 كىلومېتىر كىلىدۇ. c`]D4gp2
t{A'A89
چىغانلىق ئېقىننىڭ ئاساسلىق مەنزىرىسى مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھەر خارابىسى، كۆككە تاقاشقان تىك قىيالار ئارىسىدا شاقىراپ ئېقىپ تۇرىدىغان سۇلاردىن ئىبارەت. مىڭ ئۆي قەدىمكى شەھىرى ئېقىن ئىچىدىكى بىر پارچە يېرىم ئارالغا جايلاشقان بولۇپ، ئۈستىدە تاش ئۆي خارابىسى بار. كىشىلەر بۇ يەرنى زىيارەت قىلىپ، قەدىمنى ئەسلىگەندە قەدىمكى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ ھەربىي قەلئەگە جاي تاللاش ئالاھىدىلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. كىشىلەر يېرىم ئارالدا تۇرۇپ، تۆت ئەتراپقا نەزەر سالسا، يىرقتىكى ئىگىز – پەس تاغ تىزمىلىرىنى، تىك يار – قىيالارنى كۆرۈپ، شادلىنىپ يايراپ كىتىدۇ. ئەگەر شىمالىي تەرەپتىن ئېقىن ساھىلىگە چۈشسە، يەنە باشقىچە بىر مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئېقىن ئىچى تاشلىق ساي بولۇپ، تەخمىنەن بىر قانچە يۈز كىلومېتىر كېلىدىغان جاينى تاغ تېرىكى ۋە ھەر خىل چاتقاللار قاپلاپ كەتكەن، شەرقىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي تەرەپنى ئېگىزلىكى 50 مېتىردىن ئاشىدىغان تىك قىيالار ئوراپ تۇرىدۇ. چىغانلىق ئېقىننىڭ تېگى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۈپ – سۈزۈك سۈيى شىمالدىن جەنۇپقا شاۋقۇنلاپ ئېقىپ، جىمجىت جىلغىغا ئاجايىپ بىر خىل سادا بەخش ئېتىپ تۇرىدۇ. جىلغا ئىچىنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە نەم بولۇپ، ھەر خىل ئۇچار – قاناتلار سايرىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا بۇ يەر ئارام ئېلىشقا باپ، ئېسىل مەنزىرىلىك جايدۇر. جىلغىنىڭ جەنۇبىي تەرىپدىكى ئېقىن سۈيى ئۇدۇل ئېقىپ بېرىپ، بىر چوڭ يانتۇ قىياغا ئۇرۇلۇپ، قاينام ھاسىل قىلىدۇ – دە ئوڭغا بۇرۇلۇپ كەڭلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كېلىدىغان بىر تار قىسىلچاقتىن پەسكە قاراپ ئاقىدۇ. بۇ قىسىلچاقمۇ سۇنىڭ يالىشىدىن ھاسىل بولغان، سۇ يەر يۈزىنى 50 مېتىردەك تىلىۋېتىپ، ئۇ يەرنى خۇددى بوتۇلكىنىڭ بوينىغا ئوخشىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 500 مېتىر كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ قىسىلچاقتا سۇغا كېچىپ ماڭسا، ئاسمان بوشلۇقى خۇددى بىر ئىنچىكە تاناپتەك كۆرۈنىدۇ. بۇ يەرگە كۈن بويى قۇياش نۇرى چۈشمەيدۇ، سوغۇقنىڭ دەستىدىن ئادەم مۇزلاپ تۇرىدۇ، تىك قىيالاردا چوقچىيىپ تۇرغان تاشلار ھەر خىل شەكىلدە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. (+Q[iz%j 2yD&qVie 'k}VX1>bB oW85,It
Z7 كۇچادىكى قىزىل قاغا تۇراسى
R/oH:e>g?T s
$1uD>eEm UZ0m5p "Rjk/_3d قەدىمكى تۇرلار : قەدىمكى زاماندىكى ھەربى ئەسلىھە . ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى سۇلالىلەر چېگرا مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىپ ، مۇھىم قاتناش لىنىيىلىرىنىڭ بويلىرىغا نۇرغۇن تۇرلارنى ياسىغان بولۇپ ، بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قارلغان تۇرلار ئىزلىرتى ئاز ئەمەس . (1) خەن سۇلالىسى دەۋرى .خەن سۇلالىسى دەۋرىدە سەددىچىن سېپىلى سۇلې دەرياسىغىچە ئىدى ؛ئۇنىڭ غەربىگە سېپىل ياسالماي ‹‹ھەمىشە شىپاڭ سېلىنغان ››بولۇپ ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە تۇر ئىدى . ئۇلار جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىگە لايىقلاشقان بولۇپ ، سەددىچىن سېپىلى بىلەن ئۆز ئارا ماسلاشقان ۋە ئۆز ئارا تۇتاشقانىدى . كىرورەن قەدىمكى شەھىرىنىڭ سەل غەربىي شىمالىدىكى قۇرۇق تاغنىڭ جەنۇبىغىچە ، كۆنچى دەرياسى ۋادىسىنى بويلاپ غەربكە سوزۇلغان جايلاردا ھازىر يەنىلا خەن سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە بىر قاتار بىر قاتار تۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ . ئۇلار : تۇنجى تۇر ، ياقا تۇر ، كالتە تۇر، سىنىر تۇر ، تۆشۈك تۇر ، كۈنپېتىش تۆشۈك تۇر ، شالۋاق تۇر ، ساچقاي تۇر ، شىڭدى تاغ ئېغىزىدىكى تۇرلاردىن ئىبارەت ؛ تېخىمۇ غەرب تەرەپتىكى بۈگۈر ناھىيىسى تەۋەسىدىمۇ تۇرلار بار بولۇپ ، قارايار ، لايسۇ قاتارلىق تۇرلار بىر – بىرىگە تۇتاشقان . تۇرلار پۈتۈنلەي يەر تۈزۈلۈشى ئېگىزرەك ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ ، قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ . بىناكارلىق تېخنىكسىدىن قارىغاندا تۇپا بىلەن قومۇش ۋە يۇلغۇن شېخىدىن ياسالغان . جۇغراپىيىلىك يەر تۈزۈلۈشىدە پەرق بولغاچقا ، تۇرلار ئارىسىدىكى ئارلىقمۇ ئوخشاش ئەمەس ، سەل يىراق بولغانلىرىنىڭ ئارىلىقى ئون كىلومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ. (2) تاڭ سۇلالىسى دەۋرى . سازىر ساقلىنىپ قالغان تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇرلار تۇرپاننىڭ تۆت ئەتراپىدا ، مەسلەن ، لەمجىننىڭ غەربىي شىمالىدىكى چۆللۈكتە ، يارغول قەدىمكى شەھىرىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا ، داخەنگۇدا ، ئۈرۈمچىدىكى تۈز كۆلنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا ، يەنە كۇچا بىلەن مارالبېشى ئارىسىدىكى يايدى تىم ، ئاقچىن ، دۇۋاي تىم ، چوڭ تىم ، يۇمىلاق تىم ، كىچىك تىم ، ۋە زېتىم قاتارلىق تۇرلارنىڭ ھەممىسى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىگە تەۋە تۇرلار ھېسابلىنىدۇ . تۇر بىناكارلىقىدىكى ماتېرىياللار ئاساسەن كېسەك بىلەن يۇلغۇن شېخىدىن ئىبارەت. (3) چىڭ سۇلالىسى دەۋرى . بار كۆلدىن سانجى ، ماناسقىچە بولغان ئارلىقتىكى تۇرلارنىڭ ساقلىنىشى بىر قەدەر ياخشى . بار كۆلدىن غەربكە قاراپ مېڭىپ ، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنى بويلاپ ، مورى ، گۇچۇڭ ، جىمسار ، فۇكاڭ ناھىيىلىرى تەۋەسىگە بارىدىغان يول بويلىرىدا دۆڭلەر كەينى كەينىدىن ئۇچرايدۇ . سانجىدىن شىمالغا بۇرۇلۇپ ، قۇتۇبى ، ماناس ناھىيىلىرى تەۋەسىگە كىرگىچىمۇ مۇشۇنداق ئىزلارنى كۆرگىلى بولىدۇ ، ئۇلار بار كۆلدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلى جياڭجۈنى تۇرۇشلۇق چايغىچە بولغان قاتناش ۋە ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . تۇرلارنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى ئون مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ ، ئۇزۇنسىغا كەسمە يۈزى تراپىتىسىيە شەكلىدە ،خاڭداپ ياسالغان ، خاڭدالغان قەۋەتلەر ئارىسىغا كىچىك كالتەكلەر ياتقۇزۇلغان ، يەنە يالپاق تاشلار بىلەن توپا ئارىلاشتۇرۇپ ، ۋە يۇلغۇن ، قۇمۇش باستۇرۇپ ياسالغانلىرىمۇ بار . تۇرلارنى ياساشتا شۇ يەردىن ماتېرىيال ئېلىش پىرىنسىپ قىلىنغان . تۇرلار ئەينى يىللاردىكى ھەربىي مۇداپىئە ئىشلىرى ، خەۋەرلىشىش ۋە ئالاقىلىشىش سېستىمىسىنى نامايەن قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئوخشىمايدىغان دەۋرلەردىكى قاتناش لىنىيىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ . )A\
f]"K h
"I5]pH" aC,2qOF1| wm1]x4;<( بۈگۈر ناھىيىسىدىكى زوركۆت قەدىمكى شەھىرى
`
uU}zx _%-lLK 3bI sq9D 1|XT94c بۇ قەدىمكى شەھەر بۈگۈر ناھىيە بازىرىدىن تەخمىنەن 25 كىلومېتىر شەرقىي جەنۇبى يىراقلىقتىكى چۆللۈككە جايلاشقان ، بۇ جاينىڭ يەر تۈزۈلۈشى تۈزلەڭ بولۇپ ، دىنار دەرياسىنىڭ تارمىقى بولغان قىزىل ئېقىننىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى تاشقىن رايونىغا تەۋە . بۇ يەردە يۇلغۇن ۋە شورلۇقتا ئۆسىدىغان چاتقال ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ . LtZu6ra
A:1S3gf
قەدىمكى شەھەرنىڭ ھەقىقى ئۆلچەنگەن تەكشى يۈزى سەل رەتسىز يۇمۇلاق شەكىلدە بولۇپ ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 1 مىڭ 250 مېتىرغا ، ئىگىلىگەن ئومۇمى كۆلىمى 100 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يىتىدۇ . شەھەر سېپىلى توپىدىن سوقۇلغان بولۇپ ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، قالدۇق ئىگىزلىكى 3 – 4 مېتىر كىلىدۇ . سېپىلنىڭ شەرقىي تەرىپىدە قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 9 مېتىر كىلىدىغان بىر ئىگىز سۇپا بار ، ئۇ قەدىمكى شەھەرنىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئېگىز يېرى ھىساپلىنىدۇ . شەھەر ئىچىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدا بىر ئىگىز سۇپا خارابىسى بار ، ئۇنىڭ ئايلانمىسى تەخمىنەن 70 مېتىر ، قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە قۇرۇلۇش خارابىلىرى ۋە ياد نامىلەر ساقلىنىپ قالغان . قەدىمكى شەھەر سېپىلىنىڭ شەرقىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇپ بۇرجەكلىرىدە شورا بار ، شەرقىي شىمال بۇرجىكىدىكى شورىنى يېقىنقى زامان كىشىلىرى ئۆستەڭ چاپقاندا ئاچقاندەك قىلىدۇ ، غەربىي جەنۇپ بۇرجىكىدىكى شورا شەھەر دەرۋازىسى بولۇشى مۇمكىن . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 10 مېتىر كىلىدۇ . شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا تەخمىنەن 100 مېتىر كىلىدىغان ئورۇندا توپىدىن ياسالغان بىر ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بار ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 6 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 40 مېتىر كىلىدۇ . قەدىمكى شەھەرنىڭ شەرقىي تەرىپىگە تەخمىنەن 200 مېتىر كىلىدىغان جايدا يەنە بىر توپىدىن ياسالغان سەل تۆت چاسا شەكىللىك ئىگىز سۇپىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ ، ئۇنىڭ قالدۇق ئىگىزلىكى تەخمىنەن 4 مېتىر ، ئايلانمىسى تەخمىنەن 60 مېتىر كىلىدۇ . سۇپا ئۈستىدە ئولتۇراق ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ساقلىنىپ قالغان ، بۇ قەدىمكى شەھەردىن قولدا قوپالراق ئىشلەنگەن ساپال قاچىلارنىڭ پارچىلىرى قېزىۋېلىنغان . قاچىلارنىڭ شەكلىدىن قارىغاندا ، قازان ، ئىدىشقا ئوخشاش تاماق ئېتىش ياكى تاماق ئۇسۇش سايمانلىرى بولۇشى مۇمكىن . {\]P7BYD
55<fp'%V>
مىنگونىڭ 17– يىلى يەنى 1928– يىلى خۇاڭ ۋېنبېي دىگەن كىشى بۇ يەرگە كىلىپ تەكشۈرگەندە ، شەھەر ئىچىدىن ئارپا پوستى ، رەڭلىك ساپال پارچىلىرى ، تۆمۈر ئوقيا ئۇچى قاتارلىقلارنى تاپقان ۋە بۇ قەدىمكى شەھەر مىلادىنىڭ ئالدى – كەينىدە بەرپا قىلىنغان ، بۇ شەھەردە غەربىي خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش چېرىكچىسى تۇرغان ، دەپ قارىغان . زوركۆت ئەسلىدە زوركۆل دىگەن مەنىدىكى تۈركچە سۆز بولۇشى مۇمكىن . بۈگۈنكى زوركۆت خارابىسىنىڭ شىمالىدا خەن دەۋرىدىكى قۇمۇشلۇق كۆلنىڭ ئىزى بار . E aS.d- oce?+"I ![](./rasim/20078158144196.gif[/img</div>] <span style=)
ToP{H|N^
2JHGtYz-7 9l%q:~c ) D1q@+ ,.|WVVb} '2>f]
8V /'ns* بۇگۇت مەڭگۈ تېشى
q5?E]|%b !jae"LuOm *a.j&G