ئـــــېـــرىـــم ئـــۆيـــدە  يـــــــــــوق سەلكىن مۇنبىرى سەلكىن
باش بەت ئەدەبىيات ئۇچۇرلار ناخشا چايخانا Flash MTV كىنو كونا مۇنبەر 1

كونا مۇنبەر 2

كونا مۇنبەر 3

كونا مۇنبەر 4

» سىز تېخى كىرمىدىڭىز كىرىش  تىزىملىتىش | ئىزدەش | مۇلازىمەتلەر | ياردەم|

سەلكىن مۇنبىرى » گىزىت - ژۇرنال ، كىتابلاردىن تەرمىلەر » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر » ئـــــېـــرىـــم ئـــۆيـــدە  يـــــــــــوق
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )
بۇ بەتتىكى تېما: ئـــــېـــرىـــم ئـــۆيـــدە  يـــــــــــوق پرىنتلاش | IE دا ساقلىۋېلىش | تېما ساقلاش | ئالدىنقى تېما | كېيىنكى تېما
بۇ تىما 6500 قېتىم كۈرۈلدى .
بۇ ئەزا توردا يوق ۋەتەنپەرۋەر

ئىجاتچان ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 55
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 44
UID نۇمۇرى : 1528
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 2
يازما سانى: 29
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە29دانە
شۆھرەت: 64 نۇمۇر
پۇل: 606 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 46 نۇمۇر
قوللاش: 35 نومۇر
ئالقىش: 38 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

ئـــــېـــرىـــم ئـــۆيـــدە  يـــــــــــوق

بۇ يازما ئادىلە تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-09-18)
ئېرىم ئۆيدە يوق

(ھېكايە)

فېڭ يەن

غوپۇر قادىر تەرجىمىسى

جىڭ ئېر بىلەن دالىنىڭ توي قىلغىنىغا ئەمدىلا ئىككى ئاي بولۇۋېدى، دالى كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىپ، شۇ كەتكىنىچە بىرەر ئاينى ئۆتكۈزۈۋەتتى. گەرچە ئۇ ھەر كۈنى تېلېفون ئۇرۇپ تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما بىر نەچچە ئېغىز گەپ قىلىپلا تېلېفون ھەققىنى تېجەيمەن دەپ تۇرۇپكىنى قويۇپ قويدى.
بىر كۈنى جىڭ ئېر دالىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشىنى ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزگەندەك ھەر كۈنى ئۇرۇپ قويىدىغان تېلېفوننى ئېلىپ بولۇپ، غۇژژىدىلا ئاچچىقى كەلدى. «مۇھەببەتلەشكەن چېغىمىزدا تېلېفوننى ئېلىۋالساڭ بىر - ئىككى سائەت سۆزلەپمۇ بولدى قىلمايتتىڭ، مانا ئەمدى شېرىن ئايلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا تېلېفون ھەققىنى تېجەشكە باشلىدىڭ. ھىم، سەن ئۇياقتا تېلېفون ھەققىنى تېجىسەڭ، مەن بۇياقتا كومپيۇتېرنى ئاچىمەن - دە، تورغا چىقىپ پاراڭلىشىمەن، قېنى قانداق قىلىسەنكىن؟»
جىڭ ئېر قېيىدىغىنىچە تورغا چىقىپ، «ۋاقتىڭىز بولسا ئولتۇرۇپ كېتىڭ» دېگەن بىر پاراڭخانىغا كىردى - دە، ئۆزىگە ئىختىيارىچىلا «ئېرىم ئۆيدە يوق» دەپ ئىسىم قويدى.
ئەمدىلا كىرىشىگە بىرەيلەن ئۇنىڭغا سالام بەردى:
– ھەي، ياخشىمۇسىز! سىز نېمىشقا مېنىڭ ئىجادىيىتىمنى ئوغرىلىۋالىسىز؟
جىڭ ئېر شۇنداق قارىۋىدى، «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» دەيدىغان بىرسى بولۇپ چىقتى.
– ئىككىمىز ئوخشاشلا مۇساپىركەنمىز، ئۇچرىشىپ نېمىشقا تارتىمىز ئازاب؟– جىڭ ئېر ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى ئەلا پۈتتۈرگەن قىز بولغاچقا دەررۇ جاۋابلىشىشقا باشلىدى.
– ھەر كۈنى يېرىم كۈن ھال - مۇڭ بولىمىز،  مۇساپىر ئاتىقى كەلمەس بىزگە باب،– ئۇ تەرەپتىنمۇ شۇئانلا جاۋاب كەلدى.
جىڭ ئېر ئۇنىڭ ئازراق ئەدەبىي دىتى بارلىقىغا قاراپ كەسكىن تالاش - تارتىش قىلدى. ئۇ بىرنېمە دېسە، بۇ بىرنېمە دەپ پاراڭلىشىشقا باشلىدى، جىڭ ئېر سەپتىن چۈشكەندە يېرىم كېچە سائەت بىر بولۇپ قالغانىدى. ئىككىسى ئەتىسى پاراڭخانىدا يەنە ئۇچرىشىدىغان بولۇپ كېلىشتى.
ئەتىسى ئىككىسى دېيىشكەن ۋاقىتتا ئۇچرىشىپ، ئېقىم مەسىلىلىرىدىن ئەدەبىياتقىچە، نىكاھ - ئائىلىگىچە ناھايىتى ئوبدان مۇڭداشتى، شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ھەر كۈنى دېگۈدەك توردا كۆرۈشۈپ، دېيىشمەيدىغان گېپى يوق سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالدى.
«خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» جىڭ ئېرغا خوتۇنىنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكى، يىل بويى سىرتتا يۈرىدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى تەس ئىكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلىقى، ۋاقتىنىڭ ئېشىپ - تېشىپ تۇرىدىغانلىقى، توپقا قېتىلىپ ھاراق ئىچىشنى ياقتۇرمايدىغانلىقى، كىتاب ئوقۇش، مۇزىكا ئاڭلاش، تورغا چىقىشقىلا ھېرىسمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. جىڭ ئېرمۇ قارشى تەرەپكە ئېرىنىڭ كەسپى دىرېكتور ئىكەنلىكى، ئۇنىڭمۇ دائىم كاماندىروپكىغا چىقىپ كېتىدىغانلىقى، ئىككىسىنىڭ تېلېفوندا ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغانلىقى، ئېرىنىڭ توي قىلىشتىن ئاۋۋال يانفوننى سىقىمدىۋېلىپ ئۇنىڭغا قۇلىقىنى پاڭ قىلىۋەتكىدەك ئۇرغان بولسا، تويدىن كېيىن ئوخشىماي قالغانلىقى، خۇددى ئىت قوغلىغان گاچىدەك ئالدىرايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» جىڭ ئېرغا نەسىھەت قىلىپ، «ئەرلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق، بۇ ئۇنىڭ سىزنى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغىنىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، توي قىلىش بىلەن مۇھەببەتلىشىش دېگەن باشقا - باشقا ئىش، سىز رولىڭىزنى ئالماشتۇرۇشنى ياخشى ئورۇندىشىڭىز كېرەك» دېدى. جىڭ ئېر «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»نىڭ سۆزىگە دەرگۇمان بولۇپ قالدى، ئەمما ئۇنىڭ ئىچى خېلىلا بوشاپ قالغانىدى. شۇڭا ئېرىدىن كېلىدىغان ھەر كۈنكى تېلېفوننى ئالغاندا سەل مۇلايىملىشىپ، ئازراق ئاغرىنىدىغان بولدى.
بىر كۈنى ئىككىيلەن توردا يەنە ۋاقتىدا ئۇچراشتى. «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» جىڭ ئېرغا:
– ئۆگۈنلۈككە خوتۇنۇم قايتىپ كېلىدىغان بولدى،– دېدى.
– سىز نېمىدېگەن بەختلىك - ھە!– دېدى جىڭ ئېر ئۇنىڭغا مەستلىكى كېلىپ،– مېنىڭ ئېرىم يەنە بىرقانچە كۈنلەردىن كېيىنلا ئاندىن قايتىپ كېلىدۇ، خوتۇنىڭىزغا ئوبدان ھەمراھ بولۇڭ!
– شۇنداق!– دېدى «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»،–  ھە، راست، مەن خوتۇنۇم ماڭا ئېلىپ بەرگەن پادىچى ئىشتىنىنى كىيىپ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقاي دېگەنىدىم، ئەمما بۈگۈن قارىسام ئۇنىڭ سىترىتمىسىنى تارتقىلى بولمىدى.
– بۇ قىيىن ئەمەس،– دېدى جىڭ ئېر قىزغىنلىق بىلەن ئۇنىڭغا تەكلىپ بېرىپ،– ئۆيىڭىزدە شام بارمۇ؟ سىيرىتمىغا شامنى سۈرۈپ سىناپ بېقىڭ.
– بولىدۇ، سىناپ باقاي!– دېدى «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» ناھايىتى مىننەتدار بولۇپ،– ھەي، ماڭا تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەپ بېرەمسىز، مېنىڭ باشقا غەرىزىم يوق، ئاۋازىڭىزنىڭ پەرىزىمدىكىدىن قانچىلىك پەرقلىنىدىغانلىقىنىلا بىلىپ باقماقچىدىم.
– مۇنداق قىلسام قاملاشماسمىكىن؟ تور دېگەن تەخمىنىي بولىدۇ، ئۇچراشقاندىن كېيىن يەنە تونۇشۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟
– بىز يا كۆرۈشمەيدىغان تۇرساق، ئاۋازىمىزنى ئاڭلاشقانغا نېمە بولاتتى، سىزگە بىئەپ تۇيۇلۇۋاتامدۇ يا؟
جىڭ ئېر بەك چىڭلىق  قىلسا بولمايدىغانلىقىنى سېزىپ، سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يانفون نومۇرىنى ئۇنىڭغا ئۇرۇپ بەردى. ئۇ سەل پەم ئىشلىتىپ ئۆينىڭ تېلېفون نومۇرىنى ئۇنىڭغا بەرمىدى، نېمىلا دېگەنبىلەن كۆرۈشمىگەن تورداشلار تۇرسا، قارشى تەرەپنىڭ زادى قانداق ئادەملىكىنى كىم بىلىدۇ!
– ئۇنداق بولسا ئەتە سىز بىلەن توردا كۆرۈشمەيمەن، سىزگە تېلېفون بېرىمەن.
ئەتىسى كەچتە جىڭ ئېر تامىقىنى يەپ بولۇپ، ئۆيىنى بىرەر قۇر يىغىشتۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، كومپيۇتېرنى ئاچتى - دە، خەۋەر كۆرگەچ ئولتۇرۇپ «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»نىڭ تېلېفونىنى ساقلىدى، يانفون جىرىڭلاپ، قارشى تەرەپتىن ئەر كىشىنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلاندى:
– سىز «ئېرىم ئۆيدە يوق»مۇ؟
– سىز «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»مۇ؟
– ئاۋازىڭىز پەرىزىمدىكىگە ئوخشايدىكەن.
ئاۋاز بىلەن كۆرۈشۈش تۇيغۇسى خەت بىلەن كۆرۈشۈش تۇيغۇسىغا نېمىلا دېگەنبىلەن ئوخشىمايتتى، شۇڭا ئۇلار ئىككىسى ئېچىلىپ - يايرىغىنىچە پاراڭلىشىشقا باشلىدى.
جىڭ ئېر:
– خوتۇنىڭىز قايتىپ كەپتۇ، بىز يەنە تورغا چىقىپ پاراڭلاشساق بولامدۇ؟– دەپ سورىدى.
– نېمىشقا بولمىغۇدەك؟– دېدى «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»،– بەلكىم خوتۇنۇم مەن بىلەن بىللە سىز بىلەن پاراڭلىشىشى مۇمكىن! ئىككىڭلارنىڭ مىجەزى بەك ئوخشىشىپ كېتىدۇ، جەزمەن چىقىشىپ كېتىسىلەر، بىر كۈنى ئىككىڭلارنى تونۇشتۇرۇپ قوياي!
توساتتىن جىڭ ئېر قىلغىلى گەپ تاپالماي قالدى، شۇنىڭ بىلەن يوق يەردىن گەپ چىقىرىپ:
– ئىشتىنىڭىزنىڭ سىيرىتمىسىنى ياسىۋالدىڭىزمۇ؟– دەپ سورىدى.
– ھوي، راست، سىزگە رەھمەت ئېيتاي دەپ تۇراتتىم، سىزنىڭ ئۇسۇلىڭىز ھەقىقەتەن ئەسقاتتى.
ئىككىيلەن يەنە بىردەم تاغدىن - باغدىن سۆزلىشىپ، تېلېفوننى قويۇپ قويدى.
جىڭ ئېر ئورنىدىن تۇرۇپ يۇيۇنۇش ئۆيىگە بۇرۇلدى، ئەمما ئۇشتۇمتۇت ئىشىك ئالدىدا بىر ئادەمنىڭ تۇرغانلىقىنى چېلىقتۇرۇپ قورقۇپ كەتتى، يەنە بىر قارىۋىدى، ئەسلىدە دالى قايتىپ كەلگەنىكەن.
– ئەجەب بالدۇر قايتىپ كەپسىزغۇ؟– دېدى جىڭ ئېر ھەم ھەيرانلىق، ھەم خۇشاللىق بىلەن. ئەمما ئۇنىڭ چىرايىنىڭ تاتىرىپ كېتىۋاتقانلىقى، كۆكرىكىنىڭ بىر كۆتۈرۈلۈپ، بىر پەسىيىۋاتقانلىقىغىمۇ دىققەت قىلدى.
– سىز نېمىلەرنى ئاڭلىدىڭىز؟– دەپ سورىدى جىڭ ئېر بىرنېمىدىن ئەنسىرەپ،– مەن سىزگە چۈشەندۈرۈپ قوياي.
– يەنە نېمىنى چۈشەندۈرەتتىڭىز؟ ھېلىقى كىشى كىم؟ ئىشتىنىڭىزنىڭ سىيرىتمىسى دېگەن قانداق گەپ؟ مەن ھەقىقەتەن قايتىپ كەلمىسەم بوپتىكەن، مەن سىزنى ئۆيدە يالغۇز زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ، ئىشلىرىمنى ئالمان - تالمان تۈگىتىپلا قايتىپ كەپتىمەن، كەينىمدىن لالما ئەرلەر بىلەن تېپىشىپ قالىدىغىنىڭىزنى ئويلىماپتىكەنمەن،– دالى سەپرا مىجەز ئادەم بولغاچقا، ئاچچىقىدا سەل ئاۋايلىماي سۆزلەپ قويدى.
جىڭ ئېر دالىنىڭ ئاڭلاشقا تېگىشلىك گەپلەرنى ئاڭلىماي قېلىپ، ئاڭلىماسلىققا تېگىشلىك گەپلەرنى ئاڭلىۋالغىنىنى ئۇقۇپ، ئوپۇل - توپۇللا بۇنىڭ بىر توردىشى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى، تېخى كومپيۇتېرنى ئېچىپ دالىغا كۆرسەتتى. ئەمما دالى جىڭ ئېرنىڭ توردىكى ئىسمىنى كۆرۈپ، تېخىمۇ چىچاڭشىپ كەتتى.
– مەن سىزنىڭ مۇنداق ئادەملىكىڭىزنى ھەقىقەتەن ئويلىماپتىكەنمەن، ئېرىڭىز ئۆيدە بولمىسا تالاغا قارايدىكەنسىز.
ئۇ ئاچچىقىغا پايلىماي يوتقىنىنى ئېلىپلا مېھمانخانىدىكى سافادا يېتىشقا چىقىپ كەتتى.
جىڭ ئېر تىت - تىت بولۇپ كەتتى، يانفوننى ئېچىپ قارشى تەرەپنىڭ تېلېفون نومۇرىنى تاپتى - دە، ئۇنىڭغا تېلېفون بەردى، لىنىيە زادىلا بوشىمىدى، قارىغاندا «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» تورغا چىقىۋاتقاندەك قىلاتتى، ئۇنىڭغا خەت - چەك ئەۋەتىپ ياردەم تەلەپ قىلايمىكىن دېسە، بۇ يەنە ناھايىتى بىمەنىلىكتەك تۇيۇلدى. شۇنىڭ بىلەن: «ھەي، ھازىر دالى خاپىلىق ئۈستىدە، ئەتە دالىغا ئوبدانراق چۈشەندۈرۈپ قويارمەن!» دەپ ئويلىدى.
ئەتىسى جىڭ ئېر ئورنىدىن تۇرغاندا دالى ئىشقا كەتكەنىدى، كەچتە دالى غەرق مەست قايتىپ كەلگەندە جىڭ ئېر ئۇخلاپ قالغانىدى. سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى مۇشۇ تەرىقىدە ئىككى كۈن داۋاملاشتى، جىڭ ئېر بۇ ئىشنىڭ مۇنداق كېتىۋەرسە قاملاشمايدىغانلىقىنى ئويلاپ، «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» تىن ياردەم سوراپ، ئۇنىڭ دالىغا ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇشىنى تەلەپ قىلىش قارارىغا كەلدى. ئەمما تېلېفون بەرسە ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى، ئېلېكترونلۇق يوللانما ئەۋەتسە جاۋاب قايتمىدى، خوتۇنى بىلەن بىللە سىرتقا چىقىپ كەتتىمۇ يا؟
جىڭ ئېر ئۇشتۇمتۇت تېرىكىپ بولالماي قالدى: «سەن نېمىشقا بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا ماڭا مۇنداق مۇئامىلە قىلىسەن؟ ئۆزۈڭ ئەتىدىن - كەچكىچە سىرتتا ئالدىراش يۈرىسەن، مەن تورغا چىقىپ پاراڭدىشىپ  قويسام نېمە بوپتۇ! قورسىقىمدا ئاغرىق يوق، تاۋۇز يېيىشتىن قورقمايمەن!» ئۇ شۇ ئاچچىقىدا دالىغا چۈشەندۈرۈشتىنمۇ يالتايدى.
بىر كۈنى دالى ئىشتىن بالدۇرراق چۈشتى، جىڭ ئېرغا بۇرۇنقىدەكلا تەرىنى تۈرۈپ:
– ساۋاقدىشىم داچېن ماشىنا ھادىسىسىگە ئۇچراپ سۆڭىكىنى سۇندۇرۇۋاپتۇ، ئۆينى يىغىشتۇرۇپ بولسىڭىز، دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنى يوقلاپ كېلەيلى،– دېدى. جىڭ ئېر ئارتۇقچە سوئال سوراشتىن ئېرىنىپ، «دالىنىڭ ساۋاقدىشى بولغاندىكىن، يوقلاپ بارىدىغان يولىمىز بار» دەپ ئويلىدى - دە، دالى بىلەن بىللە باردى.
شەھەرلىك دوختۇرخانا سۆڭەك بۆلۈمىنىڭ 606  - نومۇرلۇق ياتىقىدىكى ئىككىنچى كارىۋاتتا بىر پۇتى ئېسىپ قويۇلغان بىر كىشى ياتاتتى، دالى ئۇنىڭ ئالدىغا باردى، كونا ساۋاقداشلار ناھايىتى قىزغىن كۆرۈشتى. دالى داچېن بىلەن جىڭ ئېرگە بىر - بىرىنى تونۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، داچېن بىلەن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى، جىڭ ئېر ئۇلارنىڭ گېپىگە ئارىلىشالماي بىر چەتتە ھاڭۋاققىنىچە ئولتۇردى.
شۇ چاغدا كېسەلخانىنىڭ سىرتىدىن ئېگىز پاشنىلىق ئاياغنىڭ «تاق، تاق» قىلغان جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بارغانسېرى يېقىنلاشتى. بىر چاغدا ئۆزى چىرايلىق، تەبىئىتى قالتىس كەلگەن ياش بىر ئايال قولىغا خۇرۇم سومكا ئېلىۋالغىنىچە كىرىپ كەلدى، ئەسلىدە ئۇ داچېننىڭ خوتۇنى لۇ شياۋيۈ ئىدى.
تۆتەيلەن بىر - بىرىنى تونۇشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لۇ شياۋيۈ سومكىسىنى ئېچىپ، چاققانغىنە خاتىرە كومپيۇتېردىن بىرنى چىقاردى - دە، داچېنغا مۇنداق دېدى:
– سىز بۇ پۇتىڭىز بىلەن دوختۇرخانىدا ئاز دېگەندە يەنە بىرەر ئاي ياتىدىغان ئوخشايسىز، مەن سىزنى دەپ خاتىرە كومپيۇتېردىن بىرنى ئارىيەتكە ئېلىپ تۇردۇم. يانغونىڭىز ئارقىلىق تورغا چىقسىڭىز بولىدۇ، مەن ئىككى كۈندىن كېيىن يەنە كاماندىروپكىغا چىققۇدەكمەن، ئۇ سىزگە ھەمراھ بولسۇن!
داچېن ناھايىتى خۇشال بولۇپ، كەينى - كەينىدىن:
– چاققان ئېچىڭ، سىناپ باقاي،– دېدى. لۇ شياۋيۈ ئۇنىڭغا سىمنى ئۇلىشىپ بېرىپ، كومپيۇتېرنى ئاچتى.
داچېن خاتىرە كومپيۇتېرنى قۇچىقىغا قويۇۋېلىپ، دالىنى يېنىغا چاقىردى ھەمدە ئۇنىڭغا:
– مەن يېقىندا توردا بىر سىرداش دوست تۇتۇۋالغانىدىم، ئىككى كۈندىن بېرى دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىپ ئالاقىلىشالمىدىم، ئۇنىڭ ماڭا ئېلېكترون يوللانما ئەۋەتكەن - ئەۋەتمىگەنلىكىگە قاراپ باقاي،– دەپ شىۋىرلىدى.
دالى خاتىرە كومپيۇتېرنى تېخى ئىشلىتىپ باقمىغاچقا، ناھايىتى ئەجەبسىنگىنىچە ئۇنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ باردى - دە، داچېننىڭ ئۆز ئىسمىنى «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق» دەپ ئۇرغانلىقىنى، ئارقىدىنلا «ئېرىم ئۆيدە يوق» ئەۋەتكەن ئىككى پارچە ئېلېكترون يوللانمىنى كۆردى. ئۇنىڭ بىرىدە: «سىز بىلەن سۆزلەشكىنىم ئېرىمدا ئۇقۇشماسلىق پەيدا قىلىپ قويدى، مۇھىم نۇقتا ئىشتاننىڭ سىيرىتمىسى بولۇۋاتىدۇ، بىزنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەت ئۇرۇشى قىلىۋاتقىنىمىزغا ئىككى كۈن بولدى، سىزنىڭ بىر ئامال قىلىپ ئۇنىڭغا ئوبدان چۈشەندۈرۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ، يەنە بىرىدە: «سىزنى ئاۋارە قىلماي، ئەر - خوتۇن ئوتتۇرىسىدا ئەقەللىي ئىشەنچمۇ بولمىسا، مۇنداق ئۆينى تۇتمىغانمۇ تۈزۈك» دەپ يېزىلغانىدى.
– ئاپلا، ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق!– دەپ ۋارقىرىدى داچېن،– شياۋيۈ قاراڭە، سىز ماڭا ئېلىپ بەرگەن ھېلىقى پادىچى ئىشتىنى يادىڭىزدىمۇ؟ سىيرىتمىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ، توردا «ئېرىم ئۆيدە يوق»تىن مەسلىھەت سورىغانىدىم، نەتىجىدە...
جىڭ ئېر بۇ گەپنى ئاڭلاپ لىككىدە تۇرۇپ كەتتى، دالى ئۇنى كاپپىدە تۇتۇۋېلىپ، بىردەم قىزارسا، بىردەم تاتاردى.
شۇ چاغدا داچېن دالىغا يەنە سۆزلىدى:
– مېنىڭ توردا تونۇشقان بۇ دوستۇم ھەقىقەتەن ياخشىكەن، ئىقتىدارلىقكەن، يەنە ئاق كۆڭۈلكەن، ئۇ ئېرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدىكەن. ئەپسۇسكى، ئۇنىڭ ئېرى خىزمىتىگە ئالدىراپ ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ئاز مۇڭدىشىدىكەن، ئەمدى مۇنداق ئۇقۇشماسلىق پەيدا بولسا، شۇ تاپتا ئۇلار ئىككىسى قانداق قىلىشىۋاتىدىكىنتاڭ؟
ئۇشتۇمتۇت داچېن بىرنېمىنى يادىغا ئېلىپ، يانفونىنى قولىغا ئالدى - دە، بىركىمنىڭ نومۇرىنى باستى.
– مەندە ئۇنىڭ يانفون نومۇرى بار ئىدى، ھۇي... يانفونىنى ئېتىپ قويۇپتۇ.
دالى شۇ چاغدا جىڭ ئېرنىڭ قولىنى مەھكەم سىقتى، جىڭ ئېر بۇنى چۈشىنىپ ھېچنېمە دېمىدى.
ئىككىسى خوشلىشىپ يېنىپ چىقىپ، يول بويى ئۈنچىقمىدى.
دالى ئۆيگە قايتىپ كېلىپ، كومپيۇتېرنىڭ ئالدىغا باردى - دە، ئىككى قولىنى كونۇپكا تاختىسىدا ئوينىتىشقا باشلىدى. جىڭ ئېر بىر چەتتە بۇنىڭغا قاراپ تۇردى.
دالى «ئېرى قايتىپ كەلدى» دېگەن بىر ئىسىمنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، «خوتۇنۇم ئۆيدە يوق»قا بىر پارچە ئېلېكترون يوللانما ئەۋەتتى: خوتۇنۇم – «ئېرىم ئۆيدە يوق»قا ھەمراھ بولۇپ پاراڭلاشقانلىقىڭىزغا رەھمەت، ئەمما بۇنىڭدىن كېيىن سىزگە جىق پۇرسەت چىقمايدۇ، مەن ئۇنىڭ تېلېفون لىنىيىسىنى دائىم ئىگىلىۋالىمەن».
جىڭ ئېر كۆزىگە ياش ئالغىنىچە كۈلۈۋەتتى، دالى كەينىگە بۇرۇلۇپ جىڭ ئېرنى كەڭ باغرىغا باستى.

تەڭرىتاغ ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 5-سانىدىن

[ بۇ يازما كەمتەر تەرپىدىن 2007-09-18 14:38 دە قايتا ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى:
• شۆھرەت:+10(زىلالئاي) ياخشى تىما
• ئەدىبلەر دوستلۇق توپى ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى
قىزغىن قارشى ئالىدۇ .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 14:06
بۇ ئەزا توردا يوق شەيخ

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 47
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 52
UID نۇمۇرى : 3823
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 24
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە24دانە
شۆھرەت: 20 نۇمۇر
پۇل: 1158 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 24 نۇمۇر
قوللاش: 24 نومۇر
ئالقىش: 17 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-07-27
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

Re:ئـــــېـــرىـــم ئـــۆيـــدە  يـــــــــــوق

بەك قىزىقارلىقكەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.
شەيخ ئەھمەد ئىلغار
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 14:56
بۇ ئەزا توردا يوق يولباش

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 445
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 354
UID نۇمۇرى : 5736
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 439
ئۇنۋان:6 دەرىجە ھازىرغىچە439دانە
شۆھرەت: 442 نۇمۇر
پۇل: 2669 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 455 نۇمۇر
قوللاش: 447 نومۇر
ئالقىش: 442 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-09-16
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

قىزىقارلىق ھىكايىكەن.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 15:23
بۇ ئەزا توردا يوق ﻛﯘﻟﻤﻪﺱ

تەجىرىبە: دەرىجە:     ئوت يۈرەك
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 2383
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 2616
UID نۇمۇرى : 689
دەرىجە: ئوت يۈرەك
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 2316
ئۇنۋان:14 دەرىجە ھازىرغىچە2316دانە
شۆھرەت: 1581 نۇمۇر
پۇل: 79 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 2375 نۇمۇر
قوللاش: 1976 نومۇر
ئالقىش: 741 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-15
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-07

بۇ بىرى تەسىىرلىك ھىكايە بوپتۇ
ئالدىراپ بىرسىگە ئىشەنمەڭ
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 15:27
بۇ ئەزا توردا يوق ئىزچىيىگىت

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 770
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 29
مەزھەپ:ئىزچى ئىزچى
UID نۇمۇرى : 5544
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 763
ئۇنۋان:9 دەرىجە ھازىرغىچە763دانە
شۆھرەت: 659 نۇمۇر
پۇل: 5861 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 752 نۇمۇر
قوللاش: 747 نومۇر
ئالقىش: 517 كىشلىك
دوستلۇق توپى: كورلا
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-09-11
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-11-24

ھې ھې ھې! نىمىدىگەن تەسىرلىك ھە؟ ياق ياق، رومانتىك دىسەك بولغۇدەك! ياخشى تېمىكەن! رەخمەت سىزگە!
تەڭ ئىدۇق تۇغۇلغاندا تەڭرى ئالدىدا،
ۋە لىكىن تەڭ ئەمەس دەۋىر ئالدىدا.
خوش بولۇپ كەتمىگىن نەتىجىلىرىڭدىن،
تەڭ بولارمىز ئاخىرى بىركۈن قەبرە ئالدىدا.
ئا. ئۆتكۈر
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 16:13
بۇ ئەزا توردا يوق ھۆكۈمران

موللا تاپقاق تەشۋىقات ئەلچىسى ئۆمۈرلۈك شەرەپ
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 708
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 91
UID نۇمۇرى : 5401
دەرىجە: باشقۇرغۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 671
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە671دانە
شۆھرەت: 1469 نۇمۇر
پۇل: 21675 سوم
تۆھپە: 245 نۇمۇر
ياخشى باھا: 162 نۇمۇر
قوللاش: 150 نومۇر
ئالقىش: 97 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-09-06
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

مەنمۇ ئۇلارغا ئوخشاپ قالغىلى تۇردۇم .
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 16:39
بۇ ئەزا توردا يوق چىمەلتەك

ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 719
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 80
مەزھەپ:قاراكۆلەڭگە قاراكۆلەڭگە
UID نۇمۇرى : 3646
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 682
ئۇنۋان:8 دەرىجە ھازىرغىچە682دانە
شۆھرەت: 667 نۇمۇر
پۇل: 168 سوم
تۆھپە: 20 نۇمۇر
ياخشى باھا: 810 نۇمۇر
قوللاش: 721 نومۇر
ئالقىش: 535 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-07-23
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-08

پاھ................قالتىس تەسىرلىك ھېكايىكەنغۇ........................!!!
5 . خىل ئادەمدىن ھەزەر ئەيلەڭ......
1 . مۇھەببەت ۋە نەپرىتى نائېنىق ئادەمدىن.
2 . ھەددىدىن زىيادە كۆڭۈلچەك ئادەمدىن.
3 . مەسئۇلىيەتسىز ئادەمدىن.
4 . ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىشكە ئۇستا ئادەمدىن.
5 . سۈكۈت ئىچىدىكى ئادەمدىن.

بىر كۈنلىرى سەن ئۈچۈن تۆككەن ياشلىرىم بەدىلىگە باشقىلار ئۈچۈن مېڭ قېتىم ياش تۆككىنىڭدە شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى ھەقىقى كۆز يېشى كۆزدىن ئەمەس بەلكى يۈرەكتىن ئېتىلىپ چىقىدۇ........!!!!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 17:53
بۇ ئەزا توردا يوق ئەنقا

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 403
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 396
UID نۇمۇرى : 4823
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 3
يازما سانى: 285
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە285دانە
شۆھرەت: 293 نۇمۇر
پۇل: 221 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 364 نۇمۇر
قوللاش: 313 نومۇر
ئالقىش: 250 كىشلىك
دوستلۇق توپى: تەرجىمان
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-08-20
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

جاپا تارتىپسىىز
ئاللاھ پانا قىلسۇن
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 19:11
بۇ ئەزا توردا بار بىر زات ئەڭ ئۇلۇغ

تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1729
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 270
UID نۇمۇرى : 2446
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 1521
ئۇنۋان:13 دەرىجە ھازىرغىچە1521دانە
شۆھرەت: 1245 نۇمۇر
پۇل: 13 سوم
تۆھپە: 5 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1582 نۇمۇر
قوللاش: 1469 نومۇر
ئالقىش: 945 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-11

بەك ياخشى ماقالى ئىكەن.
قولۇمدىن كەلسە ياردەم قىلىمەن،قېنى TM:339809782،MSN:allaulug-@hotmail.comنى قوشۇۋېلىڭ![/url]

ماڭا(ئاللا)ئىبادەت قىلىڭلار،ئاتا-ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار.
ناماز ئوقۇڭلار،زاكات بىرىڭلار.
www.xjgoogle.comۋەcnئىزدەش ماتورىدىن پايدىلنايلى.
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 19:34
بۇ ئەزا توردا يوق زەپەرداش

تەجىرىبە: دەرىجە:     يېڭى يۇلتۇز
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 73
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 26
UID نۇمۇرى : 4096
دەرىجە: يېڭى يۇلتۇز
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 56
ئۇنۋان:2 دەرىجە ھازىرغىچە56دانە
شۆھرەت: 36 نۇمۇر
پۇل: 1200 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 65 نۇمۇر
قوللاش: 63 نومۇر
ئالقىش: 7 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-08-02
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-10-20

بىىىىىىىىۇتىما خېلى بۇلىدىغان تىمىكان، تۇرمۇشتا بۇنداق ئىشلار بۇلۇشى مۈنكىن.!
www.163com, zapardax.com/
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 20:05
بۇ ئەزا توردا يوق داخان

سەھىپە باشقۇرغۇچى
تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 342
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 457
مەزھەپ:قانخۇمار تىكەن قانخۇمار تىكەن
UID نۇمۇرى : 1564
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 1
يازما سانى: 313
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە313دانە
شۆھرەت: 466 نۇمۇر
پۇل: 1191 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 323 نۇمۇر
قوللاش: 302 نومۇر
ئالقىش: 162 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-24
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

كونا  مۇنبەردە  بارغۇ  شۇنداقتىمۇ  رەھمەت  ~~
قىسمىتى قامۇس ھاياتنىڭ ھەر بىتى راھەت ماڭا ،
مەيلى قايغۇ مەيلى شاتلىق ھەممىسى ئامەت  ماڭا .

گەر ئىشقا ئاشسا دىلدىكى ئارمان ،تونۇلمىسام نامەردكە بولماسمەن داخان~!

ئىنسان ئۆز-ئۆزىنى خارابلاشتۇرمىغىچىلىك ،رەببېم خارابلاشتۇرمايدۇ~[color=#0000FF][i][/i][/color]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 21:17
بۇ ئەزا توردا يوق ياپراق

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 581
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 218
مەزھەپ:كۈلۈپ ياشا كۈلۈپ ياشا
UID نۇمۇرى : 948
دەرىجە: ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 506
ئۇنۋان:7 دەرىجە ھازىرغىچە506دانە
شۆھرەت: 501 نۇمۇر
پۇل: 2790 سوم
تۆھپە: 10 نۇمۇر
ياخشى باھا: 477 نۇمۇر
قوللاش: 445 نومۇر
ئالقىش: 358 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-17
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-10

ياخشى يىزىپسىز تىخىمۇ تىرشىڭ
ياشلاردا يوقالدى غۇرۇر ۋە ۋىجدان ،
بولغاچقا ئۇلارغا كەيىپ ھەم سۇلتان .
جىسمىدۇر پەقەتلا ئۇيغۇر ئاتالغان ،
شۇ سەۋەپ بىز ئۇيغۇر بۇ كۈنگە قالغان .

يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 23:08
بۇ ئەزا توردا يوق بوتا

تەجىرىبە: دەرىجە:     كۆنگەن ئەزا
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 358
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 441
UID نۇمۇرى : 290
دەرىجە: كۆنگەن ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 312
ئۇنۋان:5 دەرىجە ھازىرغىچە312دانە
شۆھرەت: 233 نۇمۇر
پۇل: 1751 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 309 نۇمۇر
قوللاش: 308 نومۇر
ئالقىش: 136 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-08

بۇ ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى.
ئۆزۈمگە ئىشىنىمەن!
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-18 23:13
بۇ ئەزا توردا يوق ئىلى.بۆرىسى

مۇنبەر قىززىقچىسى
تەجىرىبە: دەرىجە:     سەلكىنداش
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 1435
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 564
مەزھەپ: بۆرە قۇماندان بۆرە قۇماندان
UID نۇمۇرى : 150
دەرىجە: سەلكىنداش
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 1331
ئۇنۋان:12 دەرىجە ھازىرغىچە1331دانە
شۆھرەت: 874 نۇمۇر
پۇل: 2642 سوم
تۆھپە: 0 نۇمۇر
ياخشى باھا: 1351 نۇمۇر
قوللاش: 1340 نومۇر
ئالقىش: 391 كىشلىك
دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-06-13
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-08

تور كەلتۇرگەن خاپىلىق ۋە خۇشاللىقلاركەندە بۇ ..............
[img]http://images13.51.com/19/b/4c/3b/eliborisi/1193142658_0.63417600.jpg[/img]
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-21 19:13
بۇ ئەزا توردا يوق ئۈمىدۋارمەن

تەجىرىبە: دەرىجە:     قىزىققۇچى
ئەزا ئۇنۋىرسال نۇمۇرى: 234
دەرىجە ئۆرلەشكە يەنە : 65
UID نۇمۇرى : 2350
دەرىجە: قىزىققۇچى
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما: 0

يازما سانى: 231
ئۇنۋان:4 دەرىجە ھازىرغىچە231دانە
شۆھرەت: 130 نۇمۇر
پۇل: 26 سوم
تۆھپە: 6 نۇمۇر
ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
قوللاش: 88 نومۇر
ئالقىش: 414 كىشلىك
تىزىملاتقان ۋاقىت
2007-07-04
ئاخىرقى كىرگىنى
2007-12-06

يائاللا .......... توردىمۇ مۇشۇنداق ئاجايىپ ئىشلار باركىنا ........
http://pultap.7u7.net چاپسان پۇل تېپىۋېلىڭ !
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-21 19:16
سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە ، پوۋسىت، نەسىرلەر
« 1 23» Pages: ( 1/3 total )

سەلكىن تور بېكىتى ۋە مۇنبىرىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە زىيارەتچىلەر دىققىتىگە :

تور بېكىتىمىزدە ، جۈملىدىن مۇنازىرە مۇنبىرىمىزدە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ بولغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ، دۆلەت سىياسىتىگە قارشى مەزمۇندىكى،  شەخس ياكى كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ، ھوجۇم قىلىش ، ھاقارەتلەش خاراكتىرىدىكى  تىما ۋە ئىنكاسلارنىڭ بولۇشى قەتئىي چەكلىنىدۇ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار( يوللىغۇچى ياكى تەستىقلىغان باشقۇرغۇچى ) مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇلىدۇ، مۇنبەردە بەدىئىي زوق بىرىدىغان ، بىلىم يەتكۈزۈش ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىرىدىكى مەزمۇنلار ئاساس قىلىنىشى  كىرەك، بارلىق ئەزالار ۋە باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتتىق دىققەت قىلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز!!! مۇنبەردە يوقارقىدەك مەزمۇنلارنى بايقىغانلارنىڭ مۇنبەر باشلىقى ياكى باشقۇرغۇچىلىرىغا ئەسكەرتىپ قويۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز!!!   ( سەلكىن تورى )