سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
  • «
  • 1
  • 2
  • 3
  • »
  • Pages: 1/3     Go
ھېسلىرىم
مەن توغرا يولنى تاپتىم !
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئىجاتچان ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 21316
نادىر تېما : 5
يازما سانى : 1772
شۆھرەت: 870 كىشىلىك
پۇل : 837628 سوم
تۆھپە: 6 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 505 نۇمۇر
قوللاش: 479 نومۇر
ئالقىش: 512 كىشلىك
دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
توردىكى ۋاقتى : 370(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-09-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 مېھىر دوقمۇشىدىكى ئاخىرقى سىما(پوۋىسىت)  

باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى نـەشتەر نادىرلىدى .(2009-03-28)
                                                    

wApRT5  
'v`k@=fK  
مېھىر دوقمۇشىدىكى ئاخىرقى سىما
=2$gdZW  
rBF +nB/  
                                                                      (پوۋىسىت)  5 $ jN]2  
ntx UZ!mk{  
t[BP Nhe@(  
                                                            ئالىم قۇربان ئابدۇقادىرى ~)|{RD G5  
bm5a 3Q  
bU ?.m  
nAoz T_m  
zE#ZI el  
9Qo3%U&  
$d os2gG  
      ئەزىزانە قەشقەر تارىختىن بۇيان تىللاردا داستان بولۇپ ، ياخشى تەبىئەتلىك ، مىھماندوست ، خۇشچىراي ۋە پەزىلەتلىك شەھەر خەلقى ، ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا ئۇيغۇر نەققاشچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە سىلىنغان مىللىي بىناكارلىقلىرى ، چوڭ-كىچىك ئاۋات بازارلىرى بىلەن نامى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا كەڭ تارقالغان قەدىمى ،مىھرى ئىسسىق شەھەر . شەھەرنىڭ ئەڭ تىپىك سىموۋولى بولغان ھىيتكاھ جامەسى ئۇزاق تارىخىي جەريانىدا دىنىي ۋە پەننىي ساۋاتلارنى تارقاتقۇچى ئورۇن سۈپىتىدە ، ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ھەيۋەتلىك سىياقى ، چىرايلىق بىزىلگەن كاھىشلىرى ، قەدىمىيلىكى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر . ھىيتكاھ ئەتراپىدىكى دىنىي ئۆلىمالار ، چوڭ-كىچىك جامائەتنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك مۇشۇ مەسجىدكە كىرىپ ، ئاللاھنى سىغىنىپ ئىبادەت قىلىشىدۇ . ھىيتكاھنىڭ ئالدى تەكشىلىكتىن قارىغاندىكى سول كەينىدىكى دوقمۇشلۇق كىچىك بازارلىق "ئۆستەڭبويى" دەپ ئاتىلىدۇ . ئۆستەڭبويى ئەتراپىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي خاس ئۇسلۇبتا سالغان ئۆيلۈكلىرى بار بولۇپ ، نۇرغۇن مەھەللە -كوچىلار بىلەن تۇتىشاتتى . بۇ مەھەللىلەرنىڭ ئارىسىدا "تاغارچى كوچىسى" دەپ ئاتىلىدىغان كوچىنىڭ ئىچكىرىگىرەك جايلاشقان بىر خالتا كوچىسىدا ، ئۈجمە دەرىخى ھويلا تىمىدىن سىرتقا چىقىپ ، شاخلىرى ساڭگىلاپ قالغان بۇ كەڭ ھويلىلىق ، ئالتە ئىغىزلىق ئۆيى بار ، پىشايۋىنى كەڭ بۇ ئۆيدە مەسۈمخان ئىسىملىك مەزلۇم ئولتۇراتتى . مەھەللىدىكى ياش چوكان-ئاياللارنىڭ ھەممىسى ئۇنى "مەسۈمخان ئانا " دەپ چاقىراتتى . ئۇنىڭ بىلەن ئاز-تولا باردى-كەلدى قىلىشىپ ، پات-پات ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ تۇرىشاتتى . مەھەللە مويسىپىتلىرىمۇ ھەر يىلى ھىيت ئايەملەردە ئۇنى يوقلاپ تۇراتتى . ئۇ مەھەللىنىڭ ئايرىماس بىر پىشقەدەم ئەزاسى بولۇپ قالغانىدى . D~:L1*d0  
{&eS;C  
      قۇياش غەربكە قىيسىيىپ ، شەپەق نۇرى بۇ كىچىككنە شەھەرگە ئاخىرقى نۇرىنى بىغشلاپ ، قىپقىزىل قىزىرىپ ئاستا-ئاستا پىتىپ خوشلىشىۋاتاتتى . مەسۈمخان ئانا كەچلىكى ئۆزىنىڭ يالغۇز جىنىگە تاماق ئىتىشتىن يالتىيىپ ، ئازغىنە نان بىلەن غىزالىنىپ ، ھويلىدىكى پىشايۋانلىق سۇپىغا سىلىنغان كۆرپىگە ئاستاغىنە ئولتۇرۇپ ، ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن كۆزلىرى بىلەن بىر نۇقتىغا قارىغىنىچە خىيالغا پاتتى . فېۋرالدىكى سوغۇق ھاۋا ئۇنى ئەندىكتۈرگەن بولسىمۇ ، ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايتتى .ئۇنىڭ خىيالىغا ياشلىق چاغلىرى ئىسىگە كەلدى ،ھەمدە ئاستا لىۋىنى لىڭشىتىپ ، " نىمىدىگەن گۈزەل چاغلارتى ھە ئۇ " دەپ پىچىرلاپ قويدى .....  VV&!|  
/((g@ua  
Jk)|S2  
m~$&bY  
zP 
O^m+T# J i  
{J_R[  
                                                    

                                                  دەرمانسىز يىللاردىكى ئارمانلار 6rq2A 0+  
_mD H_Jb  
Q'T]P!3IA  
8A >e ui  
       يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىق كۈنلىرىنىڭ بىرى ، ھاۋا ئوتتەك قىزىپ ، قۇياش ھارارىتىنى زىمىنغا چاچماقتا ئىدى . ھويلا سۇپىسىدا ئولتۇرۇپ بارلىق ۋۇجۇدى بىلەن كىتاب كۆرىۋاتقان مەسۈمنى ئانىسى ئىچكىرىكى ئۆيدە تۇرۇپ چاقىردى : ,=5yX$z%  
=)FpP  
ـ مەسۈم ، qI"rKehjA0  
    ئۇ ھىچنىمىنى سەزمىگەن ھالدا قولىدىكى كونىلىقىدىن ئەسكىرىپ ، سارغىيىپ كەتكەن ئەسكى مۇقاۋىلىق روماننى ئوقۇۋاتاتتى ، بۇ كىتابنى ئۇ قوشنىسىنىڭ قىزىدىن مىڭنى يالۋۇرۇپ ئاران « ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ بىرەي »دەپ سورىغانىدى . ئانىسى ئۇنىڭ ئاڭلىمىغىنىنى كۆرۈپ يەنە بىر قىتىم سوزۇپراق چاقىردى : H L~D-OH  
ـ مەســـۈمخان ، قىزىم ، بۇياققا بىر چىگىنە ، ] p>{/XD6  
     مەسۈم ئانىسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ، قولىدىكى كىتابنى دەرھال پىشايۋاندىكى سۇپىنىڭ تۆپىدىكى كىگىزنىڭ تىگىگە تىقىپ قويدى دە ، ئانىسىنىڭ قىشىغا كىرىپ سورىدى: pP5.b)ItO  
ـ ھە، ئانا ، نىمە ئىش ؟ 0LB;[{8>q6  
ـ سىنىمۇزە ،بىر كىتاب كۆرگىلى تۇرساڭ ، ھىچنىمىنى تۇيمايسەن . ئىنىڭ سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كىتىپتۇ ، ماۋۇ بىرچىنە ئاشنى قوشنىمىز كىرىمجانغا ئىچىرىپ بەرگىنە ، ;9lh]D^m<  
ـ ئۇ ئۆيدىمىدۇ ؟ 't W)l,  
ـ ئىشتىنمۇ يانىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى ، ھەرقىچان يانا خىجىل بولۇپ بىزنىڭ ئۆيگە چىرىشتىن تەپ تارتىپ ، ئۆيىدە قاتتىىق زاغرا غاجاپ ئولتۇردى ، لىككىدە چىقىپ ئەپچىقىپ بىرە ، mAZ=9l9z  
ـ ماقۇل ، mZ0 o$  
     مەسۈم قولىدىكى چىنىنى ئاۋايلاپ كۆتۈرگىنىچە چوڭ ئىشىكتىن چىقىپ ، قوشنىسىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى ، ئۇ بىرپەس تۇرىۋىتىپ ، ئۆيدە ئادەم بارمىدۇ ، دىگەندەك تىڭشاپ باقتى، قىزىل سىردا سىرلانغان ، سىرلىرى تۆكۈلۈپ ئەسلى سىرىق ياغاچنىڭ رەڭگى كۆرۈنۈپ قالغان ئىشىككە قارىدى، ئىشىك سەل ھىم ئىتىلگەنىدى ، ئادەتتە ، بۇ قوشنىسى سىرتقا چىقىپ كەتكەندە ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قوياتتى . مەسۈپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپلانمىغىنىنى كۆرۈپ ، ئىشىكنىڭ ھالقىسىنى بوشقىنا قاقتى ، ئۇ سەل تۇرۇپ باقتى ، ئىچىدىن ھىچ ئىنجا چىقمىغاندىن كىيىن ، يەنە كۈچەپرەك قاقتى ، بىر پەستىن كىيىن ، ئىچىدىن زىل بىر ئاۋاز كەلدى : GaSAl^  
ـ ھە، مانا مانا ، كەلدىم ، I5yPG /X  
     ئىشىك ئىچىلغاندىن كىيىن ، ياشقىنا بىر ئوغۇل چىقىپ ، مەسۈمگە سەل ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن مەسۈمدىن ئەھۋال سورىدى : ?.X0w2{  
ـ تىژلىقمۇ ؟ قىنى ، ئۆيگە چىرىڭ ! q"whty5gm  
ـ بولدى ،ئاپام ماۋۇ ئاشنى يىۋالسۇن دەپتى ، ـ ئۇ شۇنداق دەپ قولىدىكى ئاشنى ئاۋايلاپقىنا يىگىتكە سۇندى ، يىگىتمۇ ئاۋايلاپقىنا چىنىنى ئالدى ، 8I;a mf:  
ـ ھە ، رەخمەت ، سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ .. -905!CsC  
ـ ماقۇل ئەمسە ،مەن چىقاي ، EI7'Q[Lk"  
ـ بىردەم ئوتۇراپ چىقمامسىز ؟  q(DKiEO  
ـ خوش ، مەن چىقاي ، v8@?5|[IA  
    مەسۈم شۇنداق دىگىنىچە بۇ ياشقىنا يىگىتكە بىشىنى كۆتۈرۈپ لاپپىدە قاراپ قويۇپ كەينىگە ماڭدى ، ھىلىقى ئوغۇل بولسا كەينىدىن توۋلاپ قالدى : lj6U_9)e`  
ـ ماقۇل ئەمسە ! kN{I $?f(  
    يىگىت شۇنداق دىگىنىچە ئىشىكنى ئاستا يىپىپ ، ئۆيگە كىرىپ كەتتى . مەسۈمنىڭ چىرايى بىردىن قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ، بايا ئۆزىمۇ سەزمىگەنىدى . ئۆيگە كىرىپلا بايا تىقىپ قويغان كىتابنى ئىلىپ ، قايتا ئوقۇشقا باشلىدى ، لىكىن ، ئۇنىڭ خىيالى يەنىلا بايىقى يىگىتتە ئىدى ... j"1hC05z  
    بۇ ياش يىگىتنىڭ ئىسمى ئابدۇكىرىم بولۇپ ، مەھەللىدىكىلەر ئۇنى «كىرىم» ،« كىرىمجان» دەپ چاقىراتتى . ئۇ 17~18 ياشلار چامىسىدىكى بۇغداي ئۆڭ ، ئىگىز ، قاڭشارلىق ، قارا كۆزلۈك ، چاقماق قاشلىق چىرايلىق بالا ئىدى . ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى كىچىكىدىلا يالغۇز قالدۇرۇپ ،كەڭ ھويلىلىق ئۆينى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ، ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغانىدى . ئاتا-ئانىسى تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان ، مەھەللىدىكى چوڭ-كىچىك ھەممىسى ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئىلىپ ، ئۇنى تەربىيىلەپ كەلگەنىدى، قوشنىلار پات-پات ئۇنىڭغا تاماق كىرگۈزۈپ تۇراتتى . ئۇ باشقىلارنىڭ غەمخورلىقىدا ئەخلاقلىق ، تىرىشچان ، جاپاغا چىدايدىغان ، كىچىك پىئىل چوڭ بولغانىدى . مەرھۇم دادىسى ھايات چىغىدا ئۇنىڭغا دىدىن تەلىم بەرگەچكە ، ئۇ ھەربىر ۋاق نامازنى ۋاقتىدا ئۆتەپ ماڭاتتى . مەھەللىدىكىلەر ئۇنى دائىم « بۇ بالا بەك ئوبدان چوڭ بولدى !» دەپ ماختىشاتتى . ئۇ قوشنىلارنىڭ يۈگۈر-يىتىم ئىشلىرىنى ئىتائەت بىلەن ، ئاكتىپلىق بىلەن قىلىشىپ بىرەتتى . مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشى ناھايىتى ياخشى ئىدى . كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ، ئۇ سولچىل شامالنىڭ تەسىرىدە ، ئۈگىنىۋاتقان زەرگەرلىق ھۈنىرىنى تاشلاشقا مەجبۇر بولۇپ كىچىكلىكىگە باقماي ، مەجبۇرىي ھالدا ئەمگەك ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىدى . ئۇ شۇندىمۇ ۋايسىماي ، ھەممە ئىشنى تەلتۆكۈس ،جايىدا قىلاتتى . كۈنلەر ئۆتۈپ ئۇ ئىشقا پىشقان ، كەمتەر مىجەز ياشقا ئايلاندى . ئۇ سەل چوڭ بولغىنىدىن تارتىپ ، قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە تاماق يىيىش ئۈچۈن كىرىشتىن خىجىل تارتىدىغان بولۇپ قالدى ، ھەمدە ، بەزىدە ئۆزى ئۇنى-بۇنى قىلىپ غىزالىنىدىغان بولدى . b+6xa p  
      ئۇ تاماقنى يەۋىتىپ ، بايىقى چىچىنى ئىككى يانغا ئۆرۈپ تۇرغان ، يوغان كۆزلۈك ، تاتلىق ئىككى زىنىقى بار قىزنى ئەسلەپ قالدى ، ئۇنىڭدىمۇ ياشلىقتىكى ئىنچىكە ھىسىيات پەيدا بولۇپ ، ئۇنى ھاياجانلاندۇرۇشقا باشلىدى . ئۇ تامىقىنى يەپ بولۇپ ، چىنىنى قايتۇرۇپ بىرىش ئۈچۈن قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە چىقتى ، مەسۈمنىڭ ئانىسى ئۇ كىرگەندە ئۇنىڭغا قاراپ : SN`5J"4|  
ـ بالام ، بىزنىمۇ مانداق ئۆز كۆرەپ پات-پات چىرىپ تۇراسەن جۇما ، مۇشۇ كۈنلىدە قايلىسام ،ھىچبىر چىمەس بوپ كەتتىڭ ، - دىدى . kN=r[nn#  
     ئابدۇكىرىم يەرگە قاراپ كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۈن سۈرمەي تۇردى ، ئانا ئۇنى سۇپىغا تەكلىپ قىلغىنىدا ، ئۇ خىجىل بولۇپ ، ئاستاغىنا سۇپىغا ئورۇنلاشتى ، \9H|[1c  
ـ ئەمگەك يەنە شۇنداق ئىغىرما بالام ؟ |VPem)  
ـ ھەرھالدا يامان ئەمەس، كۆنۈپمۇ قالدىم ، ـ دىدى ، ئۇ مەسۈمنىڭ ئانىسىنىڭ نىمە دىمەكچى بولغىنىنى بىلدى . c< e4pa@o  
ـ ھەي ، كىچىك تۇرۇپلام ... بوپتۇ ، خۇدايىمنىڭ ياخشى كۈنلىرىمۇ بار ، سىنىڭ بىشىڭغىمۇ بەخت قۇشى قونۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس ، ?)%pFdv  
ـ دىگەنلىرىدەك بولسۇن ئاچا ، J"JfHNOQC  
     ئۇلار شۇ يوسۇندا بىردەم پاراڭلىشىپ ، بىردەمدىن كىيىن خوشلاشتى . ئابدۇكىرىم يەنە ئىشقا ماڭدى . .o~ , 
شۇنداق ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى بولۇۋاتقان بۇ مەزگىللەردە ، ھەممە ئادەمنى غەم باسقانىدى . بۇ ئىككى ياش ئەمدىلا بىر-بىرىگە بولغان مۇھەببىتىنى ھىس قىلىشماقتا ئىدى . «قىزىل پاچاقلار » ھەممە يەرنى بىسىپ ، ئۆكتەملىك قىلىشاتتى ، ھىچكىمنىڭ كۈنى پاراۋانلىقتا ئۆتمەيتتى . شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، مەھەللىنىڭ بىشى بولغان قۇناخۇن تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئوغلى ئۈچۈن ئەلچى كىرگۈزۈپ ، مەسۈمخاننى سوراشتى . ئەمىلىيەتتە ، قۇناخۇن سولچىل شامالنىڭ كۈچى بىلەن مەھەللىگە باش بولۇۋىلىپ ، مۇشتۇمزورلۇق قىلاتتى . مەسۈمخاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىش توغرىلىق قاتتىق ۋەسۋەسىگە چۈشتى ، X4t'e)Z4$  
ـ قىزىمىزنى بەرسەك بولامدىكىن دادىسى ، B,!U9;/K1  
ـ ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمسە خوتۇن ؟ ئاشۇ ھارامتاماققا بەرگەندىن ، ئۇنى تىلەمچىگە بەرگەن ياخشى ، lp=<_2'+  
ـ ئەمسە ، ئەلچىلەرنى يەنە كەتكۈزىۋەتسەك ... ، مەنچە ئاقىۋىتى ئانچە ياخشى بومماسمىكىن ، ~Zh8j~qe  
ـ مەيلى ، يامان كۈننىڭ ھامىنى ياخشىسى كىلىدۇ ، قېنى ئۇ نىمىش قىلالايدىكىن ؟ gr~?$  
ـ ھەي.... ، ـ مەسۈمخاننىڭ ئانىسى ئىغىر ئۇھسىنىپ قويدى . z%>.U^\T  
     شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار ئەلچىلەرنى رەت قىلدى . بۇنىڭدىن قانائەت تاپمىغان قۇناخۇن ئۇلارغا ھەدىسىلا بۆھتان چاپلاپ ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قولىنى سوزدى . بىچارە ئاتا-ئانا بولغۇچى كۆپ قىينالدى ، ئەمما ، ئۇلار چىدىدى ، پەرزەنتى ئۈچۈن ھەممىگە چىدىدى ، شۇنداق ، ئۇلار چىداشقا رازى ئىدى . J{5fHT  
شۇ تەرىقىدە بىرنەچچە يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ۋەزىيەتتە ئانچە چوڭ ئۆزگىرىش بولمايۋاتاتتى . مەسۈمننىڭ ئاتا-ئانسى بۇ ئىككى ياشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى سىزىپ ، قىزىنى ۋاقتى كەلگەندە ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشنى ئويلاشتى ،ھەمدە كەلگەن ئەلچىلەرنى رەت قىلىپ كەلدى . ئىككى ياش بولسا ، مۇھەببەت قاينىمىدا ئۈزمەكتە ئىدى ، ئۇلارنىڭ كۆرۈشىشىگە كۆپ پۇرسەت بولمىغاچقا ، ئابدۇكىرىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئۇ-بۇ سەۋەب بىلەن كىرىپ تۇراتتى ، ئانا بولسا بۇنى سىزىپ تۇراتتى ھەمدە ئۇلارغا سىردىشىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرەتتى . @n_7jv9=  
     ئارىدىن بىركۈنى ، مەسۈمخاننىڭ ئاتىسى ئابدۇكىرىمنى ئايرىم چاقىرىپ ، ئۇنىڭغا توي ئىشىنى مەسلىھەت سالدى ، ئابدۇكىرىم ناھايىتى رازى بولىدىغانلىقىنى ئىتىپ ، چۇڭقۇر رەھمىتىنى بىلدۈردى . شۇ ئارىدا مەھەللىدە ئاددىي ، ئەمما ناھايىتى ئەھمىيەتلىك توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى ، ئىككى رىشتىسى باغلانغان ياشنىڭ مۇرادى ھاسىل بولۇپ ، ئاخىر بىر ياستۇققا باش قويۇشتى . قۇناخۇننىڭ بالىسى بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ توينى بۇزماقچى بولغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ رەزىل مەقسىتى ئىشقا ئاشمىدى . ئابدۇكىرىم ئۆيىنىڭ مورىسىدىن تۈتۈن چىقىرىش ئۈچۈن ، بار كۈچى بىلەن ئىشلەيتتى ، مەسۈم بولسا ، مەھەللە گورۇپپسىغا بىرىپ ، نومۇرغا ئىشلەپ سەيپۇڭلۇق قىلاتتى . ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى ئاددىي-ساددا ،ئەمما خۇشال ئۆتەتتى . NgNerR*  
     ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتۈپ ، ئابدۇكىرىمنى ئىزچىل قەستلەش كويىدا يۈرگەن قۇناخۇننىڭ بالىسى ئۇنىڭغا رەزىل قولىنى سۇنۇپ ، ئۇنى قاتتىق يارىلاندۇرۇپ ، سولىتىپ قويدى . بۇ ئىش مەسۈمنى، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى قاتتىق بىسەرەمجان قىلىپ ، ئۇلارنى ئەنسىرىتىپ قويدى . ئۇلار ھەرئاماللارنى قىلغان بولسىمۇ ، ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ چىقىش مۇمكىن بولمىدى . مۇشۇ كۈنلەردە ، مەسۈم ئۆزىنىڭ ئىككى قات بولغىنىنى بىلىپ ، بىر تەرەپتىن ئابدۇكىرىم ئۈچۈن ئازابلانسا، بىر تەرەپتىن قورسىغىدىكى بالىسى ئۈچۈن ئۈمىد بىلەن ياشاشنى ئويلايتتى . M`gz2C;;  
     ...مەسۈم تۇققۇزئاي، تۇققۇز كۈن قورساق كۆتۈرۈپ ، يەڭگىش ئالدىدا تۇراتتى ، ھويلىغا ئاياللار يىغىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭغا ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن كىرگەنىدى . بۇ دەل تۆت گوروھنىڭ يوقۇتۇلۇپ ، سىياسەت ئۆزگەرگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەنىدى . ئاياللار ھويلىدا ئاستا پىچىرلىشىپ ، بىرنىمىلەرنى دەۋاتقىنىدا ، ھويلا ئىشكى تۇيۇقسىز ئىچىلىپ ، يۈزىنى ساقال-بۇرۇت باسقان ،كىيىملىرى يىرتىلىپ ، بەدەنلىرىدە تارتۇق قالغان ، ئىغىر ئازاب-ئوقۇبەت تارتقانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرغان ، كۆزلىرىدىن پىغان ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر كىشى كىرىپ كەلدى ، ھويلىدىكىلەر ئىختىيارسىز چۇقان سىلىشتى : ?"&T)g_*  
ـ ۋوي ، كىرىمجانغۇ بۇ ؟ r sKfrG6 t  
ـ قاچان يىنىپ چىقتىلا ؟ r5A_IP/Y  
ـ ھەنىم بولسا ۋاقتىدا كەپلا ! ? `#hj  
    ئابدۇكىرىم ھويلىدىكى ئاياللارغا لەپپىدە بىر قارىۋىتىىپ ، سەل ئىگىلىپ سالام قىلدى : Z DTOu  
ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ھەرقايسىلىرى تىژ تۇرۇشلىمۇ ؟ XJusjV  
ئاياللار بىردەك ئۇنىڭ سالىمىغا سالام قايتۇردى ، ـ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ! مانا ، خاسىيەتلىك كۈندە قايتىپ كەپلا ، بۈگەن چىقىشلىرىمۇ ؟ B&TV7 :  
ـ ھەئە، بايىلا چىقىشىم ... ، ـ ئۇ شۇنداق دىيىشىگە ئىچكىركى ئۆيدىن بوۋاقنىڭ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، بىر چوكان ئۇلاپلا دىدى: >N=nn0hHT  
ـ ماڭسىلا ، چىرىپ بالىلىرىنى كۆرۈپ چىقسىلا ، i@_-A  
ـ ئوبدان ، ـ ئۇ شۇنداق دەپ يەنە يىنىك ئىگىلىپ ، چوڭ-چوڭ چامداپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. t`QXjtA8  
شۇنداق ، ئۇ ئاتا بولغانىدى ، مەسۈم ئۇنىڭغا چىرايلىققىنا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرگەنىدى . ئۇلار بالنىڭ مۇشۇنداق خاسىيەتلىك كۈندە تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ،ئۇنىڭغا «ئەزىز » دەپ ئىسىم قويۇشتى . ئابدۇكىرىم ئالەمچە خۇش بولۇپ ، بالىغا تىنماي قارايتتى ، ئۇنى پۇرايتتى . بۇ ياش ئاتا-ئانا پەرزەنتىگە سۆيۈنۈپ ، ئۇنىڭغا بار ۋۇجۇدى بىلەن مىھرىنى بىرەتتى . ئۇلار بىر-بىرىگە ئۆزىنىڭ تىلەكلىرىنى ئارزۇلىرىنى ئىيتىشىپ ، بالىسنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن قىلماقچى بولغانلىرىنى دىيىشەتتى . ئۇلار كۆڭلىگە ئۇلۇغ ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈكۈپ ، گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن مەقسەتلىرىنى بايان ئەيلەيتتى ....  {q`PUswl  
{s`fomN+>O  
9rd @F  
6|z7j1FxC`  
ffE:whg  
YPP1;,x  
cntpU(]  
nai\2c^(  
P 26]~E5  
u+-i^P+  
                                                         

                                                 ئامەت ۋە ئاپەت بىر-بىرىگە قوشماق >4VbS0P|  
Fb2k-`t,>  
SKR@B~t  
l"X CPA#  
     قەشقەردە ،ياز كۈنلىرى ھەقىقەتەن ئىسسىق بولىدۇ ، كىشىلەر ئاپتاپنىڭ تەپتىدىن بىزار بولىشىدۇ ، ھەمدە سالقىن جايلارغا بىرىپ سەگىدەشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ . ئىسسىق ھاۋا دىماغقا ئۇرۇلۇپ ، كىشنى بىئارام قىلىپ ، گىلىنى قۇرۇتۇپ ،چاڭغىتىدۇ . يول-يوللاردا مىۋە-چىۋە ، سەي-كۆكتات ساتقۇچىلار قولىغا يەلپۈگۈچنى ئىلىشىپ ، بىر تەرەپتىن ئۆزىنى يەلپۈشسە ،بىر تەرەپتىن توختىماي خىرىدار چاقىرىشىدۇ . مۇشۇنداق ئىسسىق كۈنلەردە ، دوغخانىلارنىڭ سودىسى يۈرىشىپ كىتىدۇ ، كىشىلەر ئۆچىرەت بولۇشۇپ ، چاڭغىقان يۈرىكىگە مۇزدەك دوغ ئىچىپ ئارامبەخىش ھىس قىلىدۇ . سىياسەت ئۆزگەرگەندىن بۇيان ، ئىسلاھات ئىچىۋىتىلىپ ، ۋەزىيەت ئەسلىگە كىلىشكە باشلىماقتا ئىدى . شۇنداق ، ھەممە ساھە جانلىنىپ ، قايناق كەيپىيات بارلىققا كەلگەنىدى ، بازارلار ئاۋاتلىشىپ ، سودا ئىقىمى راۋاجلىنىشقا باشلىغانىدى . ئابدۇكىرىم بىر قۇرۇلۇش سىخىغا بىرىپ ، شۇ يەردىن خىزمەت تاپتى ، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجى بويىچە ئەمگەك قىلىپ كۆنگەچكە ، ئىغىر ئىشلارغا كۆنۈك ئىدى . ئۇ تاپقان كىرىم گەرچە ئاز بولسىمۇ ، بىر ئائىلىگە چىقىش قىلالايتتى . مەسۈم «تىككۈچىلىك قىلاي»دىگەن پىكرىگە ئابدۇكىرىم قەتئىي قارشى تۇردى ، ئۇ : 8_CmOHVq  
ـ بالا تىخى كىچىك ،ئۇنى كىچىدىن ياخشى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇش ئۈچۈن ، سەن بولساڭمۇ ئۇنىڭغا ياخشى قارىشىڭ كىرەك ، ـ دەپ قارشى تۇرغانىدى . مەسۈم ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن كىيىن قايتا بۇ توغرىلىق ئىغىز ئاچمىدى ، ئۇ ئىرىنى ھۈرمەتلەيتتى ، ئۇنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقماي ، ئۇنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش تۇتاتتى . ئۇنىڭغا نىسبەتەن ، ئابدۇكىرىم قارار قىلغان ئىش ھامان توغرا ئىدى . شۇڭا ، بۇ ئائىلە مۇشۇ ۋاقىتقا قەدەر شۇنداق ئىجىل-ئىناق ، ئۆملۈك بولۇپ كىلىۋاتاتتى . z; 8=ttzz  
ـ دادا ، كەيدىڭما ؟ ($E$.-6'  
ـ ھەئە بالام ، مەن كەلدىم ، ـ ئابدۇكىرىم ئەمدىلا چۈچۈك تىلى چىقىشقا باشلىغان ئوغلىنى كۆتۈرۈپ ئۆيگە كىرىپ كەلدى ، مەسۈم ئاشخانىدا تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتاتتى ، ئۇ يولدىشىنىڭ كەلگىنىنى بىلىپ ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى : =t`:XH/ 3  
ـ ھە ، كەللىمۇ ؟ b0r=YsS  
ـ ھەئە، نىمە تاماق قىلدىڭ بۈگەن ؟ ")U/2-n1*Z  
ـ سىلىگە ئوخشىتىپ سۇيقاش ئەتتىم ، ھېرىپمۇ قالغانلا ، :|W|IW  
ـ ياق خوتۇن ، مۇشۇنداق ئۇماق ئوغلۇم ، كۆيۈمچان خوتۇنۇم بار يەردە ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ھارغىنلىق ھىس قىلمايمەن ، )*0y}jR9  
ـ ئەمسە سىلى بىردەم بالىغا قايلاپ ئولتۇرۇپ تۇرسىلا ،مەن تاماقنى راسلاي ، ـ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە چىكىسىدىكى تەرنى ئىيتىپ ، يولدىشىغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويۇپ ، ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . 77M :e,*  
ـ ئەزىزجان ، ئىيتە بالام ،بۈگەن نىمە ئىشلارنى قىلدىڭ ؟ [UG97{}  
ـ ئاۋۇ ئايخان ئاپام ماڭا بۈگەن جىك گەپ كىپ بەدى ، ماڭا كەمپۈت بەدى ، x}zU\9  
ـ ئۇ ساڭا نىمە دىدى ؟ c|#M b I^  
ـ ئۇ ماڭگا ، ياخشى بايا بوي ، چوڭ بوگاندا ياخشى ئەدەم بوي دەيدۇ ، NAL2w3  
ـ سەن نىمە دىدىڭ ئەمىسە ؟ +K\  
ـ ماكۇي ، دىدىم ، @?Q,BQRG  
ـ ئوبدان ئوغلۇم ، ياخشى بالا بولساڭ ،جىق بىلىم ئۈگەنسەڭ ، ناماز ئوقۇساڭ ، چوڭ بولغاندا ياراملىق ئادەم بولالايسەن ، ~>Vr?nn0  
ـ ئەمشە ،مەنمۇ ناماژ ئوكاي ، [ Y0XFL]  
ـ ھى ھى ،سەن تىخى كىچىك ، مەن ساڭا سەن سەل چوڭ بولغاندا ،ناماز ئوقۇشنى ئۈگىتىمەن ، ھازىر سىنىڭ ئوينايدىغان ۋاقتىڭ بالام ، ـ ئىم ،بىيدىم ، ـ دىدى ئەزىز يوغان كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپ قويۇپ . ئۇنىڭ كۆزى ئانىسىنىڭكىگە ئوخشىغان بولۇپ، شۇنداق يوغان ئىدى ، كىرپىكلىرى قىزلارنىڭكىدەك ئۇزۇن بولۇپ ، ئۇنىڭغا خويمۇ ياراشقانىدى ، بۇرنى ۋە ئاغزى بولسا دادىسىنىڭكىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايتتى . ئىشتىھاسى ياخشى بولغاچقىمىكىن ، تاماق تاللىمايتتى ، ئۆزى سىمىز ،بۇدرۇققىنە ئىدى . مەسۈم ئاشخانىدىن داستىخاننى ئىلىپ چىققاچ ئاتا-بالا ئىككىسىگە مەستلىكى بىلەن قاراپ قويۇپ ، كۈلۈپ تۇرۇپ ئىيتتى : /$4#'*  
ـ دادا-بالا ئىككىڭلار نىمە دىشىۋاتىسىلە ؟ مىنىڭمۇ ئاڭلىغۇم كىلىۋاتىدۇ ، #Dorzq  
ـ ساڭغا دەپ بەمەيمىژ تاژا ، ـ ئۇنىڭ گىپى بىلەن ، ئابدۇكىرىم بىلەن مەسۈم تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتى ، ahoaz7  
ـ دىگىنە ئاپپاق قوزام ، دەپ بەرگىنە بى ، lyNFMKY  
ـ دادام دەپ بەشۇن ، +.S``"'  
ـ بالىمىز ، چوڭ بولغاندا ياخشى ئادەم بولىمەن ،دەيدۇ ، sWmC,>HKY  
ـ شۇنداما بالام ؟ خۇدايىم بەختىڭنى بەسۇن ، ئۆمرۈڭنى زىيادە قىلغاي ! ~zE^D#cg=  
ـ ئاش تەييار بولدىمۇ يا ؟ بالىنىڭ قورسىقى ئىچىپ كەتتى ھەقىچان ،  r\u(j  
ـ مانا ،تەييار بولدى ، ھازىر ئىچىقاي ، EmF`aTb  
     مەسۈم ئاشخانىغا كىرىپ تاماقنى كۆتۈرۈپ چىقتى ۋە ئاتا-بالىنىڭ ئالدىغا قويدى ، ئەزىز ئالدىراپ قولىنى تاماققا ئۇزاتتى ، بۇنى كۆرۈپ مەسۈم دەرھاللا : G2VMWRiZ  
ـ بالام ،ھاي! مەن ھازىر ساڭا ئىچۈرۈپ قوياي ، rz]7~t  
ـ مەن ئۈژەم ئىچىمە ! !T~6a@#0  
ـ ۋاي بەك پاھ! ئىچەممەيسەن ، مەن ئىچۈرۈپ قوياي ، گەپ ئاڭلا ھە ، ـ ئەزىز قوشومىسىنى تۇرۇپ ، قولىغا ئىلىپ بولغان قوشۇقنى ئاستا چىنىگە سالدى . Wvy6T\   
     تاماق يىيىلىپ بولغاندىن كىيىن ، مەسۈمنىڭ ئانىسى ئايخان كىرىپ ، بالىنى بىردەم بىقىپ تۇراي ، دەپ ئىلىپ چىقىپ كەتتى . ئەر-ئىككەيلەن ھويلىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ پاراڭغا چۈشتى ، hKD:#+&W  
ـ دادامنىڭ ئەھۋالى يىقىندىن بۇيان تازا ياخشى ئەمەس ، كىسىلى پات-پاتلا قوزغىلىپ تۇرىۋاتىدۇ ، قانداق قىلساق بولار ؟ c} U=IXK6h  
ـ ئەمسە قىيناتامنى دوختۇرخانىغا كۆرسىتىپ باقايلى يا ، +L:r ` -z:  
ـ كۆرسەتتۇق ،ئالدىنقى قىتىم ئۇكام ئەسقەر ئۇنى كىرەمباغقا ئاچىقىپ كۆرسىتىپتىكەن ، ئەھۋالى سەل ناچار ، ياخشى داۋالانمىسا بوممايدۇ دەيدۇ ، KT\?" 7>%  
ـ ئۇندا بولسا ، بالنىستقا ئالدۇرمىدىڭلارما ؟ dp{qkW@  
ـ دادام ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ شۇ ، ئانام سەۋەبىنى سورىسا ، دوختۇرخانا بىلەن خوشۇم يوق ، ئۆيدە ياخشى ئارام ئالسام ، ئوڭشىلىپ كىتىمەن ، دەپتۇ . $K-'[aV  
ـ ئەمسە ... ، ـ ئابدۇكىرىم بىشىنى قاشلاپ ، تورۇسقا قارىدى ، بىردەم تۇرىۋالغاندىن كىيىن ، ـ مەن ئەتە ئۆگۈن قىشىغا چىرىپ نەسىھەت قىپ باقاي ، - دىدى . xHG:u-R\  
ـ شۇنداق قىلسىلا زادى ، « كىسىلىڭنى يوشۇرساڭ ،ئۆلۈم ئاشكارە» دەپتىكەن ، ناۋادە بىرەر ئىش بوپ قالسا .. 4iD *@)Q  
ـ بولدى ، ئاغزىڭنى ئۈششۈتمە، ھىچ ئىش بوممايدۇ ، ئەمىسە شۇنداق بولسۇن . A%v^yy6A*^  
     ئۇلار يەنە بىرھازا پاراڭلاشقاندىن كىيىن ، نامازشامغا تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن تەرەددۇتلاندى . y \x 5  
ئەتىسى ئابدۇكىرىم قىينائاتىسىغا بىرمۇنچە نەسىھەت ،ياخشى گەپ قىلغان بولسىمۇ ، بوۋاينىڭ تەرسا مىجەزى تۈپەيلى رەت قىلىندى . ئۇمۇ ، باشقىلارمۇ ئىلاجىسىز قالغانىدى . /Z%JH&  
كۈنلەر كۈنلەرنى قوغلىشىپ ، ئايلار -ئايلارنى قوغلىشىپ ئۆتۈۋەردى . ئابدۇكىرىمنىڭ ئائىلىسى ، ئابدۇكىرىمنىڭ تىنىم تاپماي ئىشلىشى ، بۇ ئائىلىنىڭ تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىشى بىلەن ، خېلى ھاللىق سەۋىيەگە يىتىپ ، تۇرمۇشى باياشاتلىشىپ قالغانىدى . ئەزىزمۇ بەش ياشقا كىرىپ قالدى ، دادىسى ئۆزىنىڭ ۋاقتى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ ،ئۇنى مەلۇم بىر شەيخ ئۇستازنىڭ قىشىغا دىندىن ساۋادىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئاپىرىپ بەردى . ئەزىز دەسلەپكى كۈنلىرى ئۆيگە كىلىپلا يىغلاپ تۇرىۋالدى ، ئۇنىڭ ئىيتىشىچە ، ئۇستازى ئۇلارغا بەكلا قاتتىق قول ئىكەن ، ئۇلار ئايەتلەرنى يادلىيالمىسا ،ياكى ئوقۇيالمىسا ، قولىغا چىۋىق بىلەن ئۇرىدىكەن . ئابدۇكىرىم يىغلامسىراپ تۇرغان بالسىنىڭ بىشىنى سىيلاپ : hi+:=v#&  
ـ بالام ،كونىلاردا ، « ئۇستاز زالىم بولسا، ئوقۇغۇچى ئالىم بولۇپ » دىگەن گەپ بار ، سەن ئاشۇنداق جاپاغا چىدىغاندىلا ئاندىن ساۋادىڭنى چىقىرالايسەن . سەن ئوغۇل بالىغۇ ، ئاپاڭ سىنى ئوغۇل بالا دەپ تۇغقان ، چىدا ھە ، PP\! 3W  
ـ ماقۇل ، ـ ئەزىز كۆز يىشىنى ئىيتتىپ ، دادىسىغا قاراپ تۇرۇپ جاۋاب بەردى . ,@+eFo(iDa  
ـ مانا ،ئەمدى ئەركەككە ئوخشىدىڭ ، يارايسە ،ئوغۇل بالا ! ,/ID}QMW  
     ئابدۇكىرىم ھازىر قۇرۇلۇش سىخىنىڭ قوشۇمچە تىخنىكى بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭ كىرىمى كۈندىن كۈنگە ئاشماقتا ، ئىككى ئائىلىنىڭ ئىغىرى ئۇنىڭ بىلەن رىمۇنتچىلىق قىلىۋاتقان مەسۈمنىڭ ئىنىسى ئەسقەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى . ئۇ ھەرقىتىم كىرىم قىلغىنىدا ، ئىككى ئۆينىڭ كەم-كۇتا نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلاتتى . ئىككى ئائىلىنىڭ ھەرقانداق قىيىنچىلىقلىرىنى كۆتۈرەتتى . ئۇ بۇنى ئۆزىگە مەسئۇلىيەت قىلىپ ،جان پىدالىق بىلەن ئادا قىلاتتى . 5>|MID=  
ئەزىز ئالتە ياشتىن ئاشقان ۋاقىتتا ، ئۇ دەسلەپكى دىنىي ساۋادىنى چىقىرىپ بولغانىدى ، شۇڭا دادىسى ئۇنى مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى . ئابدۇكىرىم ئوغلى سىنىپقا كىرىش ئالدىدا ئۇنىڭغا سىلىق تەربىيە قىلدى : "jH<4:U  
ـ ئوغلۇم ، ئەمدى سەن مەكتەپتە ئوقۇيسەن ، مەكتەپ دىگەن تۈزۈمى چىڭ يەر ، ھەرۋاقىت خانىمىڭنىڭ *(مۇئەللىم . ئاپتوردىن ) گىپىنى ئاڭلا ، دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا، ئەمدى سەن بىزنىڭلا ئەمەس ، مەكتەپنىڭمۇ بالىسىسەن ، ياخشى ئوقۇ ! |r%BlQ-  
ـ ماقۇل دادا ! S h (%oy<+  
     ئۇ ئوغلىنى يىتىلەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ قولىغا تاپشۇردى . ئابدۇكىرىم ئوغلى سىنىپقا كىرىپ كەتكۈچە قاراپ تۇردى ، شۇ ئەسنادا ئۇ مەكتەپ ھويلىسىغا قاراپ ، خىيال سۈرۈپ قالدى ، ھەم ئۆزىگە پىچىرلاپ :« ئوقۇش ھەقىقەتەن مۇھىم !» دەپ قويدى . M w*CElmM  
كەچتە ، دادىسى ئىشتىن يىنىپ كىلىشى ھامان ، ئەزىز ئۇنىڭغا ئىسىلىپ ئيتتى: t jc%,L  
ـ دادا، دادا ، خانىم بىزگە «ئىلىپبە»كىتاب تاقاتتى ، «ھىساب»كىتاب تاقاتتى ! `=+! U-f  
     ئابدۇكىرىم بالىسىنى كۆتۈرۈپ ، سۈپىغا كىلىپ ئولتۇردى دە، ئوغلىدىن سوراشقا باشلىدى : D;ftn:V  
ـ قانداق ؟ مەكتەپتە ئوقۇسا ياخشى بولامدىكەن ؟ z"O&fUxy  
ـ ھەئە ، لىكىن نەچچە بالىلار ھىلى «ئاپام ، دادام » دەپ يىغلىسا ، ھىلى « نان » دەپ يىغلىدى ، بىر ئوغۇل بالا خانىم دەرس ئۆتەۋاتسا ، «سىيگۈم كەلدى !» دەپ يىغلىدى ، ھەممىمىز كۈلۈپ كەتتۇق ، }4WH=`z  
ـ سەن يىغلىمانسە ؟ ، ـ ئۇ بالىسىنىڭ ياقىسىنى ئوڭشاپ قويغاچ سورىدى ، v]zXyI   
ـ يـــــاق ،مەن يىغلىمىدىم ! بىزگە نەچچە ھەرپ ،سان ئۈگەتتى ، V/-vZg~!  
ـ دەپ باقى قىنى ،مەن بىر ئاڭلاپ باقاي ، H)Jt{V+lE  
ـ ھىم ، ـ بالا بىرپەس ئويلىنىۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ـ ئا، ئە، ئې ،ئى، ئو،ئۇ،ئۆ،ئۈ !  
ـ ئەمسە سانلارچۇ ؟ dA/}9Y+Ja7  
ـ سانلارما ؟ بىر ،ئىككى، ئۈچ ،تۆت ،بەش ، بىزگە ئاران بەش سان ئۈگەتتى ، ~ &S- e[N_  
ـ قالغىنىنى ئالدىراماي ئۈگىتىدۇ ، ئۇندا بولسا ، سەن ئاشۇ ئۆتكەن سەرپ ،سانلارنى يىزىشنى بىلەمسەن ؟ =)H=S9A  
ـ ھەئە ! خانىم بىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەنتى ، مەن بايام ھەممىنى ئىشلەپ بولدۇم ! ، ـ ئەزىز شۇنداق دىگىنىچە دادىسنىڭ قۇچىغىدىن سىيرىلىپ چۈشۈپ ، سومكىسىدىن بىر تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئالدى دە ، دادىسىغا كۆرسەتتى ، `2_P5  
ـ خىتىڭ مايماق بوپ قاپتۇ ، چىرايلىق يازمامسە ؟ AI&~MQy  
ـ ھىلىمۇ باشقا مەشق دەپتەرگە بىرمۇنچە يىزىپ ئۈگىنىپ ،ئاندىن يازدىم ، بۇ تىخى ھەممىدىن چىرايلىق ! ، ـ بالا كۆزلىرىنى ئوينىتىپ ، ئۇرغۇلۇق قىلىپ ئىيتىپ دادىسىنى قايىل قىلماقچى بولىۋاتاتتى . _d  
ـ ھىم ،ياخشى ! بۇدا تىخىمۇ تىرىش ، خىتىڭ تىخىمۇ چىرايلىق بولسۇن ! /J[m]_ ok  
ـ ماقۇل ، ـ ئابدۇكىرىم بالىسىنىڭ سۆزلىرىدىن زوقلاندى بولغاي ، ئۇنىڭغا قاراپ مەستلىگى كىلىپ ، كۈلۈپ قاراپ قويدى . شۇنداقلا ، بۈگۈن تارتقان جاپاسى بىراقلا يوقاپ كەتكەندەك ئەركىن ھىس قىلىشقا باشلىدى . ,dlu% -"T  
مەسۈم ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىقىپ بالىسنىڭ قىشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭ ئۈستى-بىشىنى سىيلاپ چىقتى ۋە يولدىشىغا قاراپ : OzN0{0  
ـ بالىمىز ياخشى ئوقۇغۇدەك جۇما ، كەلگۈسىدە ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقامدۇ تىخى ؟ 6veCRd  
ـ ياخشى ئوقۇشى كىرەك ئەلۋاتتە ، ـ ئابدۇكىرىم مەسۈمگە قاراپ ، تەمكىن قىياپەتتە ۋەزلىك تۈسى بىلەن سۆزلەشكە باشلىدى ، ـ ھازىر ئوقۇشنىڭ ئۆزى بىر پۇرسەت ، قايلىغىنا ، كوچىلاردا نى-نى بالىلار ئوقۇيالماي ،كىچىك تۇرۇپ ھۈنەرگە كىرىشىپ كەتكىنىنى . ئەزىزنى ئوقۇتۇمىز ، تاكى ئاخىرغىچە ئوقۇتىمىز ،ئۇنى ياخشى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇپ ، ساپالىق ئەدەم قىلىپ تەربىيلەيمىز ! سەن دىگەندەك ئالىم بولۇپ يىتىشىپ چىقسا ، ئۇيغۇر مىللىتمىز ئۈچۈن بىر شان-شەرەپ دىگىنە ، wJ_I$vz0{  
دادىسىنىڭ گىپىنى ئاڭلىغان ئەزىز ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا دادىسىغا قاراپ ئىيتتى : fRv 8UOj{  
ـ ئەمسە مەن چوڭ بولغاندا ئالىم بولىمە! "esH;&v{Y  
ـ ئالىم بولۇش ئۇنداق ئاسان ئەمەس ، داۋاملىق تىرىشىپ ئۈگەنسەڭ ئاندىن بولالايسە ، ـ دىدى مەسۈم بالىسىغا قاراپ . 9h%Scc(X2[  
ـ مەن تىرىشىمەن ئەمسە ! ==<>up;N~M  
     تۇيۇقسىز ئۆيگە ئەسقەر كىرىپ كەلدى ،ھاسىرىغىنىچە ئىيتتى : MM:WIjqt  
ـ دادام ..دادام.. بولۇڭلا تىز ! ئۇنى دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى ! 6i^[I 
بۇ گەپ بىلەن بايا كۆڭلى شادلىققا چۆمگەن ئەر-خوتۇن ساراسىمغا چۈشتى ۋە ھاپىلا -شاپىلا قوشنا ئۆيگە كىرىپ ، مەيدىسىنى چىڭ قاماللىۋالغان بوۋاينى كۆردى . مەسۈم ئەزىزگە قاراپ تۇرۇشقا بۇيرىلىپ ، قالغانلار بوۋاينى دوختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدى ... XD=@  
ـ نىمە ؟ يۈرەك تىقىلمىسى ؟ ، ـ ئايخان ئانا شۇنداق دىگىنىچە چۈچۈپ ، بىر ئىشىنىپ ،بىر ئىشەنمەي دوختۇرغا قارىدى ، jX7F &$Pd  
ـ ھەئە، بۇنداق كىسەلگە قارىتا ، ئەڭ ياخشىسى چوڭ شەھەرلەرگە ئاپىرىپ ئوپىراتسىيە قىلدۇرساڭلار بولارمىكىن ، -دىدى دوختۇر . i>#ClE]fK  
ئابدۇكىرىم ، ئەسقەرلەرمۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن جىددىيلىك ئالامىتى كۆرۈلۈشكە باشلىدى ، ئايخان ئانا بىشىنى تۇتقىنىچە ۋايساشقا باشلىدى : `2Y$d  
ـ ئەينى ۋاقىتتا ، دادىسى ، دوختۇرغا كۆرۈنۈپ باقسىلا ، بالنىستا ياتسىلا دىسەم ،زادى گىپىمگە چىمىگەن ، جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالغانتى ،ئەمدىلىكتە مانا بالا-قازا بىراقلا كەپتا ، ۋاي ئانىمەي ،قانداق قىلىشارمىز ئەمدى ؟ P-/S:*6SJ  
ـ ئانا بولدى قىلغىنە ، ـ ئەسقەر ئانىسىنى پەسلىتىشكە باشلىدى ، ـ دادامنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالاتساق بولغۇدەك ئەمدى ، I (A*o$;i  
ـ لىكىن ، ئاڭلىسام ، ئۇ يەرنىڭ داۋالاش ھەققى بەك يۇقىرىمىش ،بىز چىقىش قىلىپ بولالارمىزمۇ ؟ I.Oh0xg!0  
بايىنىڭ ياقى سۈكۈتكە چۈشكەن ئابدۇكىرىم ئاخىر ئويچان كۆزلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ ، ئايخان ھەدىگە قاراپ ، قەتئىي قىلىپ ئىيتتى : ~~BX &k^  
ـ چوقۇم ئامال قىلىمىز ، دادامنى ۋاقتىدا ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ داۋالىتايلى ، پۇلنىڭ ئىشىدىن سىلى غەم قىلمىسىلا ،بىز چوقۇم ئامالىنى قىلىمىز ! Ax ix)a,  
ـ خۇدايىم شۇنداق بوغاي ، ئۇنىڭغا بىر ئىش بوممىسىلا بولاتتىغۇ ، ـ دىدى ئايخان ئانا غەمكىن كۆزلىرىنى كۈيئوغلىغا تىكىپ ، ھەسرەتلىك قاراپ ئۇھسىنىپ قويدى . f Jm{[@D  
ئۇلار بارلىق چىقىملارنى ھىسابلاپ ، ھەر ئىھتىماللىق ئۈچۈن ،ھەممە پۇلنى چىقىرىپ ، بۇ ئىشقا ئاتاپ قويدى . ئەسقەر بىلەن ئايخان ئۈرۈمچىگە مەسۈمنىڭ دادىسىنى ئىلىپ بارىدىغان ، ھەر ئىھتىماللىق ئۈچۈن ، ئابدۇكىرىم بۇ يەردە قالىدىغان بولدى . ئۇلار يول تەييارلىقىنى تىزلا پۈتتۈرۈپ ، مىڭىشقا تەرەددۇت قىلدى . خوشلىشىش ئالدىدا ، مەسۈم ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى ، دادىسىغا ئىسىلۋىلىپ، بىشىنى دادىسىنىڭ دولىسىغا قويغۇنىچە ياش تۆكەتتى . ivXioi*  
ـ ۋاي نىمىگە يىغلايسە ؟ بىز داداڭنى داۋالاتقىلى ئاپىرىمىز ، ھامان كىلىمىزغۇ ؟ ماندا خۇش چىراي ئۇزىتىپ قويساڭ بوممامدۇ دەيمەن ؟ 15wZz fs  
ـ بولدى قىلىڭلا ئانىسى ، قىزىمىز ماڭا تىگىدىن ئامراق ، ماڭا چىدالمايۋاتىدۇ ، ھىچقىسى مەسۈمخان ، مەن پات ئارىدا قايتىپ كىلىمەنغۇ ؟ '[!U77-.l  
ـ ساڭا راست قىيالمايۋاتىمەن دادا ! مەنمۇ بىرگە بارايچۇ ، p O`1%: qr  
ـ سەن بالاڭغا قايلىمىساڭ بوممايدۇ ، سەن قىپقال . U"vfKBh~T  
     شۇنداق قىلىپ ، بىر ئائىلە كىشىلىرى خوشلاشتى ، مەسۈم ئاپتۇبۇسنىڭ كەينىدىن ئۇزاققىچە قاراپ ، ياش تۆكۈپ قالدى . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن دادىسىغا بولغان مىھر-مۇھەببتىنى بايقىغىلى بولاتتى . ئابدۇكىرىم ئۇنىڭ دولىسىدىن يەڭگىل قۇچاقلاپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى : e]kC;B;  
ـ بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما ، خۇدايىم ھەممىمىزنى پاناھىدا ساقلايدۇ . |KGmUgZR4  
ئەسقەر دادىسىنى چوڭ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ ئورۇنلاشتۇردى ، ئەمما ، داۋالاش ۋە ئوپىراتسىيە ھەققى ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىن نۇرغۇن كۆپ ئىدى ، ئۆيدىكىلەر جەملىگەن پۇل يىتىشمەيتتى . ئۇ ئامالسىز ئابدۇكىرىمگە ئىيتىشقا مەجبۇر بولدى . مەسۈمنىڭ دادىسى ، بۇنى بىلگەندىن كىيىن ئۇلاردىن ئاغرىندى : bM`*-,M ]  
ـ كەممەيلى دىسەم ، بارىمىز دەپ تۇرىۋالدىڭ خوتۇن ، ئەزرائىلنىڭ جاننى ئالغۇسى كەلسە بىزدىن سوراپ ئوتتامايدا ، بولدى ، قايتىپ كىتىلى ئەمدى ، w'I:5lH  
ـ توۋا دىسىلە دادىسى ، كىسەلگە داۋا قىلىش دىگەن ئەلمىساقتىن بار ئىش ، سىلىنى داۋالاتماي ئەكەتكىلى بوممايدۇ ، تەخىر قىلسىلا ، ئامالى بوپمۇ قالار . ':BPO&mK  
     ئابدۇكىرىم ئەسلىدىنلا يىغقان-غەملىگىنىنى تۆككەن ئىدى ، ئۇ ئۆيدىكى بىساتلارنى ساتقان بولسىمۇ ، يەنىلا ھىچنىمىگە دالدا بولمايتتى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتىگە خىلاپ ھالدا باشقىلاردىن قەرز سوراشقا مەجبۇر بولدى ، دەرۋەقە ئۇمۇ ئامالسىز ئىدى ، مەسۈمنىڭ دادىسىنى يىتىم قالغان چىغىدىن باشلاپ ،ئۆز دادىسىدەك كۆرۈپ كەلگەچكە ، ئۇمۇ قىيمايتتى . شۇنداق قىلىپ ، پۇل ئاخىر مىڭبىر مۇشەققەتتە غەملىنىپ ،مەسۈمنىڭ دادىسى ئوپىراتسىيە قىلىنىدىغان بولدى. ;lO=H o&H  
ـ ئانا ، بولدى ئۇتۇراپ جىم ساقلاپ تۇرە ، دادام ھازىرلا چىقىدۇ ، ,NQ o$T+Wz  
ـ مۇشۇ تاپتىدا تازا ئوتتاغىدەك بولاۋاتىمەن زادى ، قانداقمۇ ... خۇدايىم ئاسانلىق بەرگەيسەن ... ، ـ مەسۈم ئانا ئوپىراتسىيە ئۆيى ئالدىدا توختىماي ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭاتتى ، جىددىيلىكتىن ئىچى سىقىلىپ ، تۇرالمايتتى . ئەسقەر گەرچە ئانىسىغا تەسەللى بەرسىمۇ ، ئانىسىدىن بەكرەك تىت-تىت بولاتتى، شۇ تاپتا ئۇمۇ نىمە قىلارىنى بىلمەيلا قالغانىدى . |(-I-h4U  
ئەمما ، مەسۈمنىڭ دادىسى بۇ جاھاننىڭ دەردىگە چىدىمىغاندەك ،بىزار بولغاندەك ، ئايخاننى ، بالىلىرىنى ، دۇنيانى تاشلاپ كىتىپ قالغانىدى . بۇ ئىش ھەممەيلەنگە ناھايىتى تۇيۇقسىز كەلگەچكە ، ھەممەيلەن قاتتىق ئازاب ئىچىدە، پىغان ئىچىدە ئۆرتىنىپ ياش تۆكۈپ قالدى ، ئۇنىڭ مىيىتى ياندۇرۇلۇپ ئەكىلىپ ، قەشقەرگە دەپنى قىلىندى . ھەممە قان-قان يىغلىشاتتى، ئازابتىن قەلبى ئۆرتىنەتتى . سەبىي ئۆسمۈر ئەزىزگىمۇ بۇ ئىش قاتتىق زەربە بولغاچقا ، چوڭ دادىسىغا چىدىيالماي ، ئانىسىغا ئەگىشىپ يانمۇ-يان يىغلايتتى . 'hN\9M  
     شۇنداق ، ھاياتلىق ئەنە شۇنداق قىممەتلىك ۋە شۇنداق ئاددىي . ھاياتلىققا نىسبەتەن نۇرغۇن تەبىرلەر بىرىلدى ، ئۇنىڭ قىسقىلىقى ھامان ئىسپاتلاندى . قىسقىغىنە ھاياتتا ، كىشى شۇنداق قىسمەت ، ئازابلارغا دۇچ كىلىدۇ ، ئادەمنىڭ تارتقان ئازابلىرى ھامان خۇشاللىقىدىن كۆپ بولىدۇ ، بۇ بەلكىم ئادەم ھاياتىدىكى ئەڭ ئاددىي مەنتىقە بولسا كىرەك . veqC  
ئارىدىن ئىككى يىلدىن ئوشۇقراق ۋاقىت ئۆتتى ، يولدىشىنىڭ ئۆلىمى قاتتىق تەسىر قىلغان ئايخان ئانا بىر نەچچە يىلدىلا خۇددى بىرنەچچە ئون يىل ئۆتكەندەك ،چىرايىغا قىرىلىق يەتكەنىدى ، تولا ئۇھسىنىدىغان ، خىيالچان بولۇپ قالغانىدى، بەلكىم ئۇمۇ ئاخىرەتلىكىنى ئويلاۋاتقان بولسا كىرەك . مەسۈممۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ، تولا ياش تۆكۈپ ، ئۇنىڭ بۇرۇنقى يوغان ،خۇمارلىق كۆزلىرى ئەتراپىغا قورۇق قاپلاشقا باشلىغانىدى ، ئابدۇكىرىم بولسا ، ئەينى ۋاقىتتا قەرز ئالغان پۇللارنى قايتۇرۇش ئۈچۈن تىخىمۇ قاتتىق ئىشلەيتتى ، ئۇنىمۇ قورۇق بالدۇرلا باسقان بولۇپ ، ھارغىن ، توپا باسقان ، ئويچان چىرايى ئۇنى تىخىمۇ قىرىپ كەتكەندەك كۆرسىتەتتى . كىچىك ئەزىزمۇ سەككىز ياشقا كىرىپ ئاشقان بولۇپ ، ئاز-تولا ئىش چۈشەنگۈدەك بولۇپ قالغانىدى . ئۇ كەلگۈسىدىكى سەبىي ئارزۇلىرى ئۈچۈن تىرىشىپ ، مەكتەپتە مۇنەۋۋەرلىكنى قولدىن بەرمەيتتى . 6 20`bJgr  
ـ قەرزلەر تۈگەي دىدىمۇ دادىسى ؟ ،ـ مەسۈم تاماق ئۈستىدە ئاۋايلاپ بوشقىنا خىيال ئىچىدە ئاش ئىچىۋاتقان ئىرىگە قاراپ سورىدى . 7:+ULi^  
ـ ئاز قالدى ، بۇدا مۇشۇ قۇرۇلۇش پۈتكەندە ، نەق-نىسى ئايرىلىپ ، تاپاۋەت قىلغاندا ،ھەممىنى تۆلىۋىتىمەن ، ـ دىدى ئابدۇكىرىم قولىدىكى قوشۇقنى چىنىسىغا سىلىپ قويۇپ . G^)Ry\NG_  
ـ بالىمىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تىخىچە بىرەلمىدۇق ، قوشنىلاردىن ئازراق سوراپ تۇرىمىزمۇ يە ؟ NAEcqF  
ـ ياق خوتۇن ، ئەمدى قەرز ئالدىغان ئىشنى قىلمايلى ، ئامالى تىپىلىدۇ ، مەن ئامال بار ۋاقتىدا تۆلىۋىتىمەن ، >m" Kl";f  
ـ بالىمىزنىمۇ مۇشۇ كۈندە سەل غەم باسقاندەك قىلىدۇ ، ـ دىدى مەسۈم يىنىك ئۇھسىنىپ قويۇپ . <4Y-A+'V+  
     بۇ قىتىمقى قۇرۇلۇشنى تىخىمۇ تىزلىكتە پۈتتۈرۈش ئۈچۈن ، ئابدۇكىرىم ئىش ئۈستىدە تىنماي ئىشلەمچىلەرگە ئىشلارنى تاپىلايتتى . بۈگۈنمۇ ئۇ ئۈستىنكى قەۋەتتىكى خىش سالغۇچى ئۇستامغا بەزىبىر ئىشلارنى تاپىلىغاندىن كىيىن پەشتاقتىن ئالدىراپ چۈشۈشكە باشلىدى ، ئۈتۈنكى قەۋەتنى ئەمدىلا سىلىشقا باشلىغان بولغاچقا ۋاقتىنچە ياغاچ شالدىن ياسالغان تاختاي پەشتاق ئورنىدا ئىشلىتىلىپ تۇرغانىدى ، تاختاينىڭ ئۈستۈنكى تەرىپىنىڭ يىنىغىلا خىشلار تىزىلغانىدى . ئابدۇكىرىم ئالدىراپ چۈشۈپ ، سال تاختاي سىلكىنىشكە باشلىدى ، ئابدۇكىرىم پەشتاختىن چۈشۈپ بولىشىغىلا ، باش-ئۈستىگە ئىغىر ، قاتتىق نەرسىلەرنىڭ «گۈپپىدە» قىلىپ چۈشكىنىنى سەزدى ، ئەمما ئۇنىڭدىن كىيىنكىسىنى بىلەلمىدى . شال تاختاينىڭ سىلكىنىشىدىن ئۈستىگە تىزىلغان خىشلار مىدىرلاپ ، ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ، ئۇنى بىسىۋالغانىدى . cIJ c%*a  
     ئابدۇكىرىم جىددىي دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ، يارا ئىغىر بولغانلىقتىن قۇتقۇزۇش مۇمكىن بولماي قالدى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىنى ئىلىۋاتقىنىدا ، ياتاققا ھاسىراپ ، چىرايىنى ئالاقىزادىلىك قاپلىغان ئانا-بالا ، ئايخانلار كىرىپ كەلدى ، ئۇلار ئابدۇكىرىمنىڭ ھەممە يىرى ئاپئاق داكىدا ئورالغان ھالىتىنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئىتىشتى ، مەسۈم ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى : g`Y`?c#3v  
ـ جىنىم كېرىم ! نىمىشقا بۇنداق بولىدۇ ؟ بىزنى بۇنداق تاشلاپ كەتسىلىرى بولامدۇ ؟ مەن قانداق قىلىمەن؟ ئەزىز ئىككىمىز سىلىگە قانداق چىدايمىز ؟ ھۈ ھۈ ، ـ ئۇ ئۆزىنى پەقەتلا تۇتىۋالالمىغان ئىدى ، ئەزىز دادىسىنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ قاتتىق قورقۇپ كەتكەنىدى ، ئۇ دادىسىنىڭ قىشىغا بىرىپ ، تاتىرىپ كەتكىنىچە ھىچنىمە دىيەلمەي تۇرۇپ قالدى . ئايخان قىزىنىڭ يىغلىغىنىنى كۆرۈپ ئىختىيارسىز يىغلاپ چۈشتى ، بۇ چاغدا ئەزىز بىرنىمىنى سەزگەندەك بولۇپ دادىسغا ئۆزىنى ئىتىپ يىغلىغىنىچە : @#]QZ. ?  
ـ جىنىم دادا ، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بىزنى تاشلاپ كەتمە! ئوبدان دادا ، مەن سىنى ھەرگىز خاپا ساممايمەن ! ياخشى ئوقۇيمەن ! ھۈھۈھۈ ... bH^H\  
     ئابدۇكىرىم ئاجىز كۆزلىرىنى تەسلىكتە ئىچىپ ئۇلارغا قاراپ بىرھازا تۇردى ، ھەمدە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىركىشىپ ئاخىرقى ئۈنىنى ئاجىز سادا بىلەن ئىپادە قىلدى : ]pB&PVVa  
ـ بالام...مەن...مەن كىتىدىغان ئوخشايمەن... سەن چوقۇم...چوقۇم ياخشى ئوقۇ ،ئاناڭنى ئاسرا... ياخشى ئەدەم بول ، ـ ئۇ كۆز قارىچۇقىنى مەسۈمگە ئاستا بۇراپ ، ئۇنىڭغا ئاجىز ئاۋازىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ـ مەسۈم ، مەن سىلەرگە يۈز كىلەممەيمەن .. ئەزىزنى..ئەزىزنى ياخشى تەربىيىلە ، ئۇنى.. ئالىي مەكتەپكە ..ئالىي مەكتەپكە ... ، ـ ئۇ شۇنداق دەۋىتىپ بىردىنلا توختاپ قالدى، ئۇنىڭ كۆزى بىردىنلا چوڭ ئىچىلىپ ، قوشومىلىرى تۇرۈلدى دە ، كۆزى ئاستا-ئاستا يۇمۇلۇپ ، ئاغزى سەل ئىچىلىپ قالغان ھالەتتە توختاپ قالدى . ئۇلار ئابدۇكىرىمنىڭ كىتىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ناھايىتى ئۈنلۈك ۋاقىرىشىپ كەتتى : VD `Z n//  
ـ دادا !!! @EJ^Y \943  
ـ كېرىم !!! vy,?\{S7J-  
ـ كېرىمجان !!! !}_6oy&*I7  
    شۇنداق ، ئابدۇكىرىم دۇنيانىڭ بارلىق ئازاب-ئۇقۇبەتلىرىنى، ئىغىرلىرىنى ۋە خۇشاللىقلىرىنى مەسۈمگە قالدۇرۇپ كىتىپ قالغانىدى ، ئۇنىڭ نۇرغۇن غايىلەرنى پۈككەن ئارمىنى ، بالىلىرى ، ئايالىغا بىغىشلىماقچى بولغان كۆڭلى ، قەلبى شۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالغانىدى . ئەمما ، كۈن داۋاملىشىدۇ ، ھامان تاڭ ئاتىدۇ ، ھايات كىشىلەر تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇشى كىرەك . چۈنكى بۇ چىن پۈتمەس ھايات قانۇنىيتى ...  MCJtq<8bm  
l#tlTsYs-  
M`nOz0pB  
,8(F26| M  
\ $/L 0\  
|VTJs\ pf  
`FzQ}O ZZ  
y=Y7>:x  
                                           
              

                                                             جاپاكەش ئانا #]Td{k>  
5M4[/Qp  
:"B67k$  
JRF{] HB  
       ئۆستەڭبويى ھازىر بۇرۇنقىغا قارىغاندا ئاۋاتلاشقان بولۇپ ، كوچىلارغا قاتار تىزىلغان ھارۋىلاردا كىشىلەر مىۋە-چىۋىلارنى ، سەي-كۆكتاتلارنى بىسىپ سىتىشىدۇ . ئەتراپتا ئاشخانا ، دۇككانلارمۇ كۆپ بولۇپ ، زەرگەرلەر ئالتۇن كۆرىۋاتقان قىز-ئاياللارغا ئۆزى ياسىغان ئالتۇنلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ، نۇسخىسىنى تونۇشتۇراتتى . سەي-كۆكتات ساتقۇچى ئاياللارنىڭ ئارىسىدا، ياغلىقنى چىڭ ئورىغان ، قوللىرى سوغۇقتىن يېرىلىپ كەتكەن ، كونا كۈل رەڭلىك جۇۋىسىنى كىيىۋالغان ، يوغان ، غەمكىن كۆزلىرىنى ئەتراپقا تىكىپ تۇرغان مەسۈم توڭلاپ كەتكەن قوللىرىنى توختىماي بىر-بىرىگە سۈركەپ ئۇۋۇلايتتى ، ئۇنىڭ ئالدىغا بىر ياشانغان ئايال كىلىپ ، ھارۋىغا بىسىلغان پالەكنى قولىغا ئىلىپ كۆرۈپ: $Tt  
ـ ماۋۇ پالەكنى قانچە پۇلدىن ساتتىلا ؟ ،- دەپ سورىدى ، %P4GW>.  
ـ ئەرزان ئاچا ، ـ ئۇ شۇنداق دەپ باھاسىنى ئىيتپ ، تىگىگىرەك بىسىلغان پالەكتىن بىر نەچچە باغ ئىلىپ ، ـ قايلىسىلا ، شۇنداق ياخشى ، نەچچە باغ ئالاتتىلە ؟ 0Qy#]:>9  
ـ ئىككى باغ ئالسام يىتىدۇ قىزىم ، يالغۇز جىنىمغا كۆپ ئىلىۋالساممۇ بولمىغىدەك ، =Vncgh#,Hs  
ـ ھە، ماقۇل ، ـ مەسۈم پالەكلەر ئارىسىدىن تىخى مۇزلىمىغان ئىككى باغ پالەكنى ئىلىپ ، ئۇ ئايالغا ئۇزاتتى ۋە ئۇ ياشانغان ئايالنىڭ چىرايىغا قاراپ قويدى ، 'E Z@D()  
ـ ماۋۇ پۇل بالام ، ماقۇل ئەمسە ، ;~XT|9'  
ـ ماقۇل ئاچا، خاپۇلماي ماڭسىلا ھە، E3,St:+  
ـ خوش ئەمسە ، ـ ئۇ ئايال شۇنداق دىگىنىچە كىتىپ قالدى . مەسۈم ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر پەس قاراپ قويۇپ ، ئۆز-ئۆزىگە « شۈكرى خۇدايىم » دەپ پىچىرلاپ قويۇپ ، ئالدىكى كۆكتاتلارنى رەتلەپ قويدى . vEUb>.4,  
    بۇ يىل قىشتا گەرچە تىخى قار ياغمىغان بولسىمۇ ، ھاۋا شۇنداق سوغۇق ئىدى ، ئاندا-مۇندا چىقىپ تۇرىدىغان سوغۇق شامال ئادەمنى توڭلىتىپ ،شۈركۈندۈرەتتى. يوللاردا تۇتۇپ قالغان مۇزنىڭ ئۈستىدە ئادەملەر تىيىلىپ-مۆدۆرۈلۈپ كىتەتتى. ئابدۇكىرىم ۋاپات بولغاندىن كىيىن ، ئىككى ئۆينىڭ بارلىق بىسىمى تىخى ئەمدىلا 20 ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەسقەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى . ئۇنىڭ رىمۇنتچىلىقتىن تاپقان ئازغىنى پۇلى ھىچنىمىگە دالدا بولمايتتى، شۇنىڭ بىلەن ، مەسۈمخان ئامالسىز تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ، سىقىنىپ ، ئازراق پۇل غەملەپ ، سەي-كۆكتات سىتىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتاتتى . ئۇلار كۈنىنى ئاران-ئاران ئۆتكۈزىۋاتقان بولۇپ ، تۇرمۇشنىڭ ئىغىر سىناقلىرىنى بىشىدىن قايتا ئۆتكۈزمەكتە ئىدى ، لىكىن ،ھەرھالدا ئاچ-يالىڭاچ قالماي ، ھالال يول بىلەن تۇرمۇشىنى قامداۋاتاتتى . ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇكىرىم قايتۇرالمىغان قەرز ئۇنىڭ بىشىغا ئەڭ چوڭ غەم ئىدى ، قۇرۇلۇش سىخىدىكىلەر ئازراقلا تۆلەم پۇلى بىرپ قويۇپلا كارى بولمىدى ، مەسۈملەرمۇ ئارتۇقچە سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمىدى . بىر چاغدا ئۇنىڭ قىشىغا مەكتەپتىن يانغان بالىسى ئەزىز لاتا سومكىسىنى يىنىغا ئاسقىنىچە بۇ ياققا قاراپ كەلدى . ئۇ ئۇچىسىغا دادىسىدىن قالغان جۇۋىنى كىيىۋالغان بولۇپ ، مەسۈم ئۇنى كىسىپ ، ئوڭشاپ ئۇنىڭغا كىيگۈزۈپ قويغانىدى . ئۇ ئانىسىنىڭ قىشىغا كىلىپ ئۈنچىقماي يەرگە قاراپ تۇرغىنىچە تۇردى ، مەسۈم ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ،ئۇنىڭ بىشىغا كىيىۋالغان كونىلىقىدىن رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن تۇمىقىنى ئاستا ئىلىپ ، ئۇنىڭ بىشىغا قايتا تۈزلەپ كەيگۈزۈپ قويغاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن سورىدى : toev;  
ـ نىمە بولدى ئەزىز ؟ شۈكلىشىپ قاپسەنغۇ ؟ ئىنتىھامنى ياخشى بىرەممىدىڭما ؟ *@ gQ  
ـ ياق ، ـ ئەزىز ئانىسىغا لاپپىدە قاراپ قويۇپ يەنە يەرگە قاراپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى ، ـ ئىنتامنى ياخشى بەردىم ، لىكىن .. شۇ .. ـ دىمەمسە نىمە ئىش بوسا ، تىلىڭمۇ مۇزلاپ قاممىغاندۇ ؟ S WAS hp  
ـ ئاۋۇ .. خانىم بۈگەن يانا .. 1HWpa5[$  
ـ خانىمىڭ نىمە دەيدۇ ؟ :pJn?Zb$  
ـ بۈگەن، ئوقۇش پۇلىنى ئەتىدىن قالدۇرساڭ ئوقۇما دەيدۇ ، ئۇ ، ھىلىمۇ بىر مەۋسۈم بولدى ، ئەمدى بەرمىسەڭ، مىنىمۇ تەڭلىكتە قويىسەن ،دەيدۇ ، !}xJG;!m/  
ـ ئەمسە ...، ـ مەسۈممۇ تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدى ، ئابدۇكىرىم ھايات ۋاقتىدا بىرىشكە نىسىپ بولمىغان بالىسنىڭ ئوقۇش پۇلى ھازىرغىچە تاپشۇرۇلمىغانىدى . مەسۈم بىردەم ئويلىنىپ تۇرغاندىن كىيىن ، ـ مەن كەچتە ئامالىنى قىلىپ باقاي ھە بالام ، سەن خاتىرجەم بول ، )o~z-WM2  
ـ ماقۇل ... ، ـ ئەزىز بىشىنى ئاستا لىڭشىتتى . ئۇلار بىللە ھارۋىنى ئىتتىرىشىپ ئۆيگە قايتىشتى . ھارۋىنى ئىشىكنىڭ بوسوغىسىدىن تەسلىكتە كۈچە ئىتتىرىپ ھويلىغا ئەكىرىپ بولغاندىن كىيىن ، ئانا ھارۋىنىڭ ئۈستىدىكى كۆكتاتلارنىڭ ئۈستىگە يالتىراق يىپىپ ،ئۈستىدىن يەنە كونا ئەدىيالدىن بىرنى ئوراپ قويدى . ئانا يانچۇقىدىن توڭلاپ كەتكەن ئىككى ناننى ئىلىپ ، ئۆي ئىچىگە ئەكىرىپ بىر بۇلۇڭدا قويۇپ قويدى. ئەزىز ئاڭغىچە قازناقتىن ئوتۇن-كۆمۈر ئىلىپ چىقىپ ، ئوتۇننى مەشنىڭ ئىچىگە سېلىشقا باشلىدى . *28|1  
ـ بولدى ، مەن ئوت ياقاي ،سەن بىرىپ تاپشۇرۇقۇڭنى ئىشلە ، 5/tEJx|2  
ـ مەن ئوت قالىيالايمەن ئانا ، مەكتەپتىمۇ نەچچە قىتىم مەن ئوت قالىغان ، بالىلارمۇ ماختاپ كىتىشكەن مىنى ، 2[ldx;  
ـ چارچاپ قالىسەن ، بولدى مەن قىلاي ، #L ? <1D@  
ـ سەن بەك ھېرىپ كەتتىڭ ، مەن قىلساممۇ ئوخشاشقۇ ؟ ، ـ ئەزىز شۇنداق دىگىنىچە قولىدىكى ئوتۇن پارچىلىرىنى مەشكە سىلىپ بولۇپ ، ئوت تۇتاشتۇرۇشقا باشلىدى ، ئۇ تۇتاشقانمىدۇ ،دەپ پات-پات مەشنىڭ قورساق تەرىپىدىكى تۆشۈكچىدىن قاراپ ، پۈۋلەپ قوياتتى . ئانا بالىسىنىڭ ئىشىدىن زوقلانغىنىچە پەگەدا ئولتۇرۇپ ، ئۇنىڭغا مەستلىكى كىلىپ تۇراتتى . ئۇ ئىچىدە « بۇرۇنلىرى ، كەڭ پىشاينىلىرى دادىسىنى تارتىپتۇ ، ئۇستىخىنىمۇ يوغانلا ، دادىسىدەك ئۇستىخانلىق ئەدەم بولامدۇ نىمە ؟ » دىگەنلەرنى ئويلىدى . 38CoEV  
ـ ئوت تۇتاشتى ، ئوت تۇتاشتى ئانا ، ـ ئەزىز ئوڭۇشلۇق قىلالىغان ئىشىدىن خۇشال بولۇپ ، كۈلگىنىچە ئانىسىغا قارىدى ، )\LjSr`  
ـ ياخشى بالام ، قولۇڭدىن بەك ئىش كىلىدۇ جۇما سىنىڭ ، ھى ھى ، ـ ئانىمۇ كۈلۈپ بالىغا قارىدى ، ئەزىز بۇ چاغدا ئانىسىنىڭ چىرايىغا قارىدى ، ئانىسىنىڭ بۇرۇنقى كۈلكە كەتمەيدىغان خۇشخۇي چىرايى ھازىر مۇڭ تۆكىلىپ تۇرىدىغان چىرايغا ، سۈزۈك ۋە يۇمشاق يۈز تىرىلىرى ھازىر يىرىكلىشىشكە باشلىغان ۋە قورۇق قونۇشقا باشلىغان تىرىگە ، بۇرۇنقى گۈزەل لاتاپىتى ، قاملاشقان بويىنىڭ ھازىر بارا-بارا ئىگىلىپ مۈكچىيىشكە ۋە ئورۇقلاپ كەتكەن گەۋدىسىگە قاراپ ئىچى ئاچچىق بولدى ، «ھەي ،دادام ھايات بولغان بولسىمۇ ...» ئۇنىڭ يادىغا دادىسى كىلىشى بىلەنلا ، ئۇنىڭ كۆزىگە لۆممىدە ياش تولدى دە گەپ قىلماي پەگاغا كىلىپ ئولتۇردى . MM#Vz _  
ـ ساڭا نىمە بولدى بالام ؟ wn oxgzt.  
ـ ھىچ..ھىچنىمە ، cD/#0>$  
ـ دىگىنە بىر ، ماڭىمۇ دىمەمسە ؟ <^:$ uc;  
ـ مەن ....دادامنى سىغىندىم ، ـ ئەزىزنىڭ يىشى پارتلاپ چىقىپ ، مەڭزىنى بويلاپ ئاقتى ، ئانىنىڭمۇ تۇيۇقسىز ئىچى ئىچىشىپ ئەزىزنىڭ قىشىغا كەلدى ، ۋە ئۇنى يىنىك قۇچاغلاپ : 4=Ui3xR; k  
ـ كۆڭلۈڭنى بۇزما بالام ، داداڭنىڭ روھى بىزنى كۆرۈپ تۇرىدۇ ، ئۇ بىزنىڭ خۇشال بولىشىمىزغا مۇھتاج ... ،ـ ئانىمۇ ئۆزىنى بىسىۋالالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ تاشلىدى ، O>/1Vz[7  
ـ بولدى يىغلىما ئانا ، مەن بىكاردىن- بىكار سىنىڭ كۆڭلۈڭنى رەنجىتىدىغان گەپنى قىلدىم ، ـ ئەزىز ئالقانلىرى بىلەن ئانىسىنىڭ يۈزىنى سۈرتتى . <+  mt  
ـ ماقۇل بالام ، مەن يىغلىماي ، قورسىقىڭمۇ ئاچقاندۇ ؟ 'aN'e*Jj{  
ـ ھەئە ، ئاچتى ، =]xR6ZtO  
ـ مەن ئىككى نان ئالغاچ كەلگەن ، چاي قاينىتىپ ئاندىن يەيلى ھە ، *#6%j`bm  
ـ ماقۇل . Udl{ *BI!!  
     ئەزىز سومكىسىدىن كىتاب-دەپتەرلىرىنى ئىلىپ ، تاپشۇرۇقىنى ئىشلەشكە باشلىدى . ئانا بولسا ، مەشكە چاي قويۇپ ، قاينىشىنى كۈتىۋاتاتتى ، « ھەي رەھىمىسىز تەقدىر ، دادىسى بولغان بولسىمۇ مۇشۇ كۈنگە چۈشۈپ قالمىغان بولاتتۇق ، ئۇ كىتىپ ماڭا ھەممىنى سوغۇق كۆرۈندۈرۈپ ، مىنى بۇ سوغۇق دۇنيادا ئامالسىز ياشاشقا مەجبۇر قىلدىڭ ، بىچارە ئەزىزنى دىمىسەم ،مەنمۇ ...» ئۇ ئويىنىڭ ئاخىرىنى ئويلاشقا پىتىنالمىدى . ~6[*@ j  
     كەچتە ، مەسۈم بىرنەچچە قوشنىلىرىنىڭ قىشىغا چىقىپ ، ئۇلاردىن پۇل سورىدى ، ئەمما ، ئۇلار «پۇل يوقتى ، سەت تۇردى » دەپ ئۇنى قايتۇرىۋەتتى، مەسۈم ئۈمىد ئۈزۈپ ئۆيگە قايتاي دەپ تۇرىشىغا يادىغا ئابدۇكىرىم ھايات ۋاقتىدا يىقىن ئۆتىدىغان ئۆمەرئاخۇننى ئويلاپ قالدى ، « ئۇ خېلى ياخشى يىتىمتى ، خەقتىن ياردىمىنى ئايىمايدۇ ، شۇنى ئىزدەپ باقاي» دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇ يىڭىدىن ئالماشتۇرۇلغان ، يىڭى ياغاچتا ياسالغان ، چىرايلىق سىرىق سىردا سىرلانغان يوغان دەرۋازىلىق ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ دەرۋازا ھالقىسىنى بوشقىنا چەكتى ، ئىچىدىن « ھە ، مانا ھازىر ، » دىگەن ئايال كىشىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئىشىك ئىچىلىپ ، چىرايلىققىنا ياسانغان ، سەل پاكارراق ، بۇرنى ئىلمەك كەلگەن ، ۋىجىككىنە ، 30~35 ياشلار ئەتراپىدىكى ئايال كىشى چىقتى ، ئۇلار بىردەم سالاشقاندىن كىيىن ، ئۆي ئىگىسى مەسۈمنى ئۆيگە باشلىدى ، ئۇ ھويلىغا كىرىپ تۇرىشىغا ، ئۆي ئىچىدىن « ئانىسى ،چىمكەن ؟ » دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى ، ئايال سەل چىڭراق ئاۋازدا ئىيتتى : mp`$J22iU  
ـ ئابدۇكىرىمئاخۇننىڭ ئايىلىكەن ، مەسۈمخان ، \<:, <  
ـ ھە، مانا ھازىر چىقاي ، ـ ئۆيدىن ئاق كۆينەك كىيگەن ، ئىشتىنىنىڭ پۇشىقى تۈرۈلگەن ، ساقىلى پاكىز قىرىلغان ، سالاپەتلىك بىر ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى : 8e6,\xH  
ـ ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەسۈمخان ، تىژ تۇلىمۇ ؟ uVx?J."m  
ـ خۇداغا شۈكرى، ئۆزلىرىمۇ تىژلىق ، |F8M(* jv  
ـ ھە، قىنى مىھمانخانىغا ئۆتسىلە ، قىنى ، `.%#,F  
     ئۇلار مىھمانخانىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى ،يەنە بىرپەس ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ، ئۆمەرئاخۇننىڭ ئايالى چاي دەملەپ ئەپچىقتى ،چاي قۇيۇلغاندىن كىيىن ، ئايال : z3dM[x(N  
ـ مەسۈمخان ،جىندەك ئولتۇراپ تۇرسىلا ،مەن تەييار خىمىر بارتى ، شۇنى سىلىپ ئىچىقاي ، f! bk3`dDi  
ـ خوش، خوش، سىلىنى مالال قىلماي ، ئۆيدە بالام ئەزىز مىنى ساقلاپ قالغانتى ، كۆپ رەخمەت ، ـ ئۇ تەكەللۇپ قىلىپ رەت قىلىپ تۇرىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن بىر پەس جىمجىتلىقتىن كىيىن ، مەسۈم ئىغىز ئاچتى : U8 rG`?\YH  
ـ بۇنچە كەچتە سىلىنى ئاۋارە قىلىپ ، مالاللىق يەتكۈزۈپ قويدۇم .. ?]>lJp$  
ـ ياق ياق ، ھەرگىز ئۇنداق دىمىسىلە ،ھەممىمىز ئۆز ئەدەم . =R50,_(QE  
ـ سىلىگە ئازراق ھاجىتىم چۈشۈپ قالغانىدى ..، ـ بۇ ئارىدا ئۆمەرئاخۇننىڭ ئايالى ئېرىگە لاپپىدە قاراپ قويۇپ ، ئۇنىڭ گىپىنىڭ داۋامىغا زەن سالدى ، ـ سىلىمۇ بىلىدىلا ، ئابدۇكىرىم تۈگەپ كەتكەندىن بۇيان ،تۇرمۇشتىن كۆپ قىينالدىم ، ئۇكام ئەسقەرنىڭ كىرىمىمۇ ئانامنىڭ چاي-تۇز قىلىشىغا ئارانلا ئۇلىشىدۇ ، ئۇمۇ كۆپ ياردەم قىلدى ، ئەمما ، مۇشۇ قەرز گەدىنىمىزگە يۈكلەنگەچكە، يەنىلا ... ، بالامنىڭ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىمىگىلى بىر مەۋسۇم بولدى ، ئوقۇتقۇچىسى ئۇنىڭغا قاتتىقراق گەپ قىلغان ئوخشايدۇ ،بۈگەن شۈمشىيىپ كەپتۇ . شۇڭا ، ئۆزلىرى چىقىش قىلالىسىرى ، سىلىدىن ئازراق قەرز ئۆتنە ئالاي دىۋىدىم ، ئالدىلىرىدا تولىمۇ خىجىلمەن .. ،- مەسۈم شۇنداق دىگىنىچە قىزىرىپ يەرگە قارىۋالدى . D1\q&  
ـ ئاپلا ، مانداق تۈزۈت قىلسىلىرى بوممايدۇ مەسۈمخان ، ئابدۇكىرىم ھايات ۋاقتىدا خېلى قويۇق باردى-كەلدى قىلىشقان ، ئۇ گەرچە تۈگەپ كەتسىمۇ ، ئۇنىڭ ئۆيىدىن خەۋەر ئىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار . مەن سىلىگە كۈچۈمنىڭ يىتىشىچە ياردەم قىلىمەن . ئىشىك ئىچىۋىتىلگەندىن بۇيان ، ئۇيان تەرەپكە ئاز-تولا مال چىقاردىم ، قولۇم ئاز-تولا ئاپتاپ كۆردى ، دەمالىققا بىر ئىشلارغا قولۇم يىتىدۇ ،قىنى دىسىلە ، قانچىلىك ؟ مەيلى ، قەتئىي خىجىل بولىدىغان ئىشنى قىلمىسىلا ، 2R{ixD<#74  
ـ بۇ ... ، ـ ئۇ دۇدۇقلاپ تۇرۇپ گىپىنى ئاران ئىيتتى . 7=P!$cx  
ـ ھە ، ئازراقلاكەنغۇ ، ھە خوتۇن ، ئاۋۇ ئۆيدە ياستۇقنىڭ تىگىدە ئازراق پۇل بار، ئەپچىقىڭلا ، l13@$PP  
ـ ماقۇل ، ـ ئايالى يەرنىڭ تىگىدىن سەل قوشۇمىلىرىنى تۈرگۈنىچە چىقىپ كەتتى، ھەم بىردەمدىلا پۇلنى ئىلىپ كىردى . e1 M.Dnj  
ـ ھە مانا ماپۇل ، قايتۇرىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسىلا ، سىلىگە قىلغان كىچىككىنە ئادەمگەرچىلىگىم بوپ قالسۇن ، ـ ئۆمەر ئاخۇن شۇنداق دىگەچ پۇنى مەسۈمنىڭ ئالدىغا قويدى ، f|n 
ـ بۇنداق قىلساق قانداق بولىدۇ ؟ مەن چوقۇم قايتۇرىمەن ، ـ ئۇ پۇلنى ئاۋايلاپقىنا ئىلىپ قاراپ باقتى ، ـ ۋاي ، بۇ پۇل كۆپ تۇرامدۇ نىمە؟ ?w|-Y{H0&o  
ـ تۇرمۇشتىن قىيلىنىپ قىلىۋاتقانلىرىنى نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ياردەم قىلالمىدىم ، شۇڭا ئالدىلىرىدا خىجالەت تارتىپ ئازغىنە كۆڭلۈم دەپ ...، قوبۇل قىلسىلا ، 94M_Be-9d  
ـ ۋاي بۇنداقتا قانداق بولىدۇ ؟ سىلى .. 2X{ AjB  
ـ تۈزۈت قىلماي ئالسىلا ، ـ ئۆمەر ئاخۇن ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپلا ئىيتتى . مەسۈم بىردەم قىسقا پاراڭدىن كىيىن ماڭدى ، ئۇ ئىشىكتىن چىقىشىغىلا ئۆي ئىچىدىن ئايال كىشىنىڭ : Hz F?a$N  
ـ نىمىشقا قايتۇرمىسا دەيلا ؟ بەك بىيىپ كەتكەن ئوخشىماملا ؟ ئۇنىڭ بىلەن نىمە كارىلىرى..... ]a5V%U&N  
ـ بولدى قىلە خوتۇن ، ھەممىمىز بىر مەھەللىلىك ئەمەسمۇ .. <>vGrqEDn  
......................... T=r%vS>  
     ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ، ئىچى قاتتىق بىئاراملىققا تولدى ، كۆزلىرىدىن ئىختىيارسىز ياش تامچىشقا باشلىدى ، ئۇ ئۆزىنى قاتتىق خورلۇقتا قالغاندەك ، بىچارە ئورۇندا كۆردى ... E%J|0v 0!  
شۇنداق ،ياشىماق ھەقىقەتەن تەس ! ئۆينىڭ تۈۋرىكى بولغان يولدىشى يۈگەپ كەتكەندىن كىيىن ، ئىقتىسادتىن قىينالغان مەسۈم مانا شۇنداق قىلىپ مۇھتاجلىق يولىغا كىرىپ قالدى . بىر ۋىجدانلىق ئادەم ئۈچۈن ،قەرز سوراشنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئاقىلانىلىق ئەمەس ،ئەمما ،ئادەمنى مۇھتاجلىق باسقاندا ، تۇرمۇشنىڭ خىلمۇخىل ئازاب-ئوقۇبەتلىرىگە دۇچ كەلگەندە ، ئادەم ئىرادىسىگە باقمىغان ھالدا ، ئىرادىسىگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قالىدۇ . ھەممىسى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈندە ؟ ئالەمگە تۆرەلگەنىكەنسەن ، چوقۇم جاھاننىڭ رايىغا بىقىشىڭ ، ئۇنى ساڭا چىقارغان تۈرلۈك سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرىشىڭ كىرەك ، بولمىسا ، سەن شاللىنىپ قىلىشىڭ ،ھەتتا ھاياتىڭنى ساقلاپ قىلىشىڭمۇ تەس . مەسۈمگە ، مەھەللىدىكى نەچچىلىگەن ئاياللار كىرىپ ، ئۇنىڭ قايتا ياتلىق بولىشىنى ئىيتقان ، ئۇ ھەرقىتىم :« مىنىڭ كۆڭلۈم ئابدۇكىرىم بىلەن بىللە كۆمۈلۈپ كەتكەن ، قايتا بىرسىگە ياتلىق بولىشىم ،بىرسىگە كۆڭۈل بىرىشىم مۇمكىن ئەمەس ،بالامنى ئۆگەي دادىنىڭ ئالدىغا ئاپارسام ، بالاممۇ مەندىن ئۈمىدسىزلىنىدۇ ، ئېرىمنىڭ روھى قورۇنىدۇ » دەپ جاۋاب بىرىپ ئۇلارنىڭ ياخشى كۆڭلىنى چىرايلىقچە رەت قىلاتتى . مەھەللىدىكى بىرنەچچە يىشى چوڭراق بويتاقلار ئۇنىڭغا ئەلچى كىرگۈزگەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ پوزىتسىيىسى ئىزچىل ئۆزگەرمەي كەلدى . ئۇنىڭدىكى ئىتىقاد، ئىرادە ، روھ شۇ قەدەر كۈچلۈك ئىدى ... Fl 
       باھار كىلىپ ، بارلىق مەۋجۇداتلار ئۆزىنىڭ يىڭى دۇنياسىنى باشلىماقتا ، ئىرىقلاردىكى چاك-چاك تۇتقان مۇزلار ئىرىپ ، سۇلار شىرىلداپ ئاقماقتا ، نوتىلار بىخ سۈرۈپ تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنىڭ دەسلەپكى ھۆسىنىنى نامايەن قىلماقتا ،قۇياش ئىللىق ،سىخىي نۇرىنى زىمىنغا كەڭ ئىچىپ ، كائىناتنى ئۆز مىھرىدىن بەھر ئالغۇزماقتا ، قۇشلار جەنۇبتىن قايتىپ كىلىپ ، قايتا ئۆز ئورۇنلىرىغا ماكانلاشقانلىقىغا خۇشال بولۇشۇپ ۋىچىرلىشىپ سايراشماقتا . پاكىز سۈپۈرۈلگەن كوچىلاردا مەيىن شامال چىقىپ ، كىشىلەرنىڭ يۈزىنى سىيلىماقتا ، خۇددى كىشىلەرنىڭ روھىيتىنى گۈزەللەشتۈرمەكچى بولغاندەك ... V7^64}'  
     مەسۈم كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ھارۋىسىنىڭ يان تەرىپىدە تۇرىۋىلىپ، كۆكتاتلارنى رەتلىك تىزىپ ، بۈگۈنكى سودىسى ئۈچۈن تەييارلىق قىلماقتا . قىشلىق تەتىلگە قويۇپ بىرىلگەن ئەزىز كۈندە ئانىسى بىلەن بىرگە چىقىپ ، ئۇنىڭغا ياردەملىشەتتى ، ئوقۇش باشلاپ ،ئۇمۇ سىنىپىدا ئولتۇرۇپ مۇئەللىمىنىڭ سۆزلىگەن دەرسىنى قىتىرقىنىپ ئاڭلىماقتا . مەسۈمنىڭ ھارۋىسىنىڭ نىرىسىدا بىر ئادەم كۆزىنى مەسۈمغا تىكىپ ، باشقىچە غەرەزدە يامان كۆزى بىلەن ئۇنىڭغا قاراپ ، ئۆزىچە بىرنىمىلەرنى پىچىرلاپ مىيقىيىپ قويدى . مەسۈمنىڭ يىنىدىكى كۆكتاتچىلىق قىلىدىغان ئايال مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن باشقا تەرەپكە كەتتى، بۇنى كۆرۈپ ئۇ ئەر دەرھال پۇرسەت بىلىپ مەسۈمنىڭ يىنىغا ھىجايغىنىچە كەلدى ، مەسۈم بۇ تەلەتى سۆرۈن ، كىيىنىشى ئاۋارە ،تۇرقىدىنلا زابايلىقى چىقىپ تۇرىدىغان ، ساقال-بۇرۇتلىرىنى كىر باسقان ئادەمگە قاراپ ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي ، يەرگە قارىۋالدى ، s|A= ty  
ـ ھە خىنىم ، ماۋۇ بەسەيلىرىنى قاندا ساتتىلا ؟ '?uOG84  
ـ بازار باھاسى بويىچە ساتتىم .. ،ـ مەسۈم ئۇنىڭغا سوغۇقلا قىلىپ ئىيتتى ، 82yTvv3  
ـ بۇ بەسەي ئانچە تەمى يوق كۆرىنىدىيا ؟ _e{R4orn  
ـ ئالمىسىلىرى زورلىمايمەن ، باشقا يەرگە بىرىپ ئالسىلا ، z 
ـ ۋىيەي ما چوكاننىڭ ئاچچىنىڭ يامانلىقىنى ، ـ ئۇ ھېجايغىنىچە قولىغا بىر يوغانراق يىسىۋىلەكنى ئىلىپ ، ـ ماۋۇ بەك بەلەنمۇ نىمە؟ كەچتە ئولتۇرۇپ مەززە قىلغۇدەك ، ـ ئۇ شەھۋانىي كۆزى بىلەن مەسۈمگە قارىدى ، مەسۈم باشقا ياققا قاراپ تۇرۇپ : cM*17o  
ـ ئالسىلىرى تىزرەل ئالسىلا ، بۇ يەردە ۋاقىتنى ئاۋارە قىلماي ! qZc 9>7O  
ـ مىنىڭ باشقىچىرەك بەسەي يىگۈم كىلىۋاتىدا ، SL$`,hGK  
ـ بۇ نىمە دىگەنلىرى ؟ ، ـ مەسۈم ئۇنىڭ كۆزىگە ئالىيىپ قاراپ ، \>sH"OZz  
     ئۇ ئەر بىشىنى سەل يىقىن ئەكىلىپ ، بوشراق ئاۋازدا ئىيتتى : ـ بەسەينىڭ ياخشىسى بىسىلىپ قالمايدۇ ، سىتىلىپ تۇرىدۇ ... ،ھى ھى ،ـ ئۇ ھېجايغىنىچە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ـ بۈگۈن بىزنىڭ ئۆيدە ئادەم يوق ، نەدىلىكىنى دەپ بىرەي ،لىككىدە بارسىلا ، ئوبدان رازى قىلىمەن ، \nn* |"J:  
ـ ۋۇ مۇناپىق ، ـ مەسۈم ئاچچىغىدىن ئۇنىڭ يۈزىگە ئۇرماقچى بولۇپ قولىنى شىلتىۋىدى ، ئۇ ئەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى ، ـ ئاچچىغلىرىنى يامان قىلمىسىلا جىنىم خىنىم ، ئوقۇرلىرى ئىگىز بولسا ، سۇنۇپ كەتمىسۇن بىكار ،  |L1gU 0}  
     مەسۈم قولىنى ئاجراتماقچى بولىۋىدى، ئۇ ئەر ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تۇتىۋالدى ، Y}[,g  
ـ ئادەم بارمۇ ؟ قۇتقۇزۇڭلار ، ـ ئۇ شۇنداق دىيىشىگىلا ھىلىقى ئەرنىڭ بىشىغا قاياقتىندۇر بىر تاش ئۇچۇپ كىلىپ ، ئۇنىڭ بىشىنى يىرىۋەتتى ، gSo~Z P4  
ـ ۋۇ مۇناپىق ، ئانامغا يامان قولۇڭنى سۇنىۋاتامسەن ؟! ، ـ مەكتەپتىن بالدۇرلا قايتىپ كەلگەن ئەزىز بۇ كۆرۈنۈشنى يىراقتىنلا كۆرۈپ يولدىكى تاشنى كۆتۈرۈپ ، ئۇنىڭغا ئاتقانىدى ، (s+L=^  
ـ ۋۇ شۇم ، ھارامدىن بولغان شۇم ، ما يىتىم ئوغلاقنىڭ يامانلىقىنى ! ، ـ ئۇ شۇنداق دىگىنىچە قان چىقىۋاتقان پىشاينىسىنى تۇتۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا يوپۇرۇلۇپ كەلدى ، ئاڭغىچە يولدى ئۆتۈۋاتقان جامائەت ئۇنى تۇتىۋىلىپ ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى، ئۇ ئەر بىردەمدىلا قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ قىچىپ كەتتى . مەسۈم يەردە ئولتۇرۇپ ، يۈزىنى تۇتقىنىچە يىغلاشقا باشلىدى ، جامائەت ئۇنىڭغا بىر-ئىككى ئىغىزدىن تەسەللى بىرىپ قويۇپ يولىغا مىڭىشتى . $uZ< C!  
ـ ئانا ، بولدى يىغلىما ، ئۇنداق مۇناپىقلار ھامان جاجىسىنى يەيدۇ ، يىغلىما ئانا ، ـ ئەزىز ئانىسىنىڭ دولىسىنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىشكە باشلىدى . ئۇنىڭ كىچىككىنە سەبىي قەلبىدە دۇنياغا بولغان غەزەپ-نەپرەت ئۇچقۇنى چاقنىدى، ئۇنىڭغا بەزىبىر ئادەملەر رەزىل ،ئىپلاس تۇيۇلدى ، ھالال يولدا تىرمىشىپ ئاران كىتىۋاتقان ئادەملەرنىڭمۇ خارلىنىپ ، ئۇۋالچىلىققا ئۇچرايدىغانلىقى ئىنتايىن ناھەق بىلىنىپ ، دۇنيا قاراڭغۇلۇققا تولغاندەك سىزىم بولدى ... ms]-;=H  
     ...ھەي تۇرمۇش ، ھەي تۇرمۇش ...سەن ئادەملەرنى نىمە كويغا سالمايسەن ھە ؟ ھالال ئەمگىكى بىلەن تۇرمۇشىنى سىرىقتال ئۆتكۈزىۋاتقان بىچارە مەسۈمگە مۇشۇنداق قىسمەتلەرنى دۇچار قىلساڭ ، بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىك بولمامدۇ ؟ ئۇلارغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ ؟ كىچىككىنە سەبىي ئۆسمۈرنىڭ دىلىغا ئازار بىرىپ ، ئۇنى يىغلاتقۇچە ، ئۇلارغىمۇ كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرسەتسەڭ، دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى بىلدۈرسەڭ بولماسمىدى ؟ ئىغىر تىنىقلار ، ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە قالغان كىشىلەرگە خەيرىخاھلىق قىلساڭ ، ئۇلارنىڭ پۇچۇلغان دىلى ئازراق بولسىمۇ روھىي تەسەللىي تاپماسمىدى ... خەير .. قۇياش ھامان شەرقتىن چىقىدۇ ، ئىشلار ھامان ياخشىسىغا ئۆرۈلىدۇ ، بۇ دۇنيا ئەنە شۇنداق دۇنيا ، ياخشىغا كۈن يوق ،يامانغا سوراق ...ئەمما ، بىلگۈچى خۇدا ھامان كىشىگە ئاسانلىق بىرىدۇ ، ئۆزىنى سىغىنغۇچىلارغا ئىنئام بىرىدۇ . ئۇلارنى تۇرمۇشقا كۆندۈرىدۇ ...  X7 p gO4  
H~ZwH  
zjS9H_d  
;VP>qbnr;  
y+$&x%o;_  
.y05  
=I$*fToh  
4++lc *,9  
IZTQ;W  
                                                               

                                                   يىگىت دىگەن شۇنداق بولسا 0C3@2~-9|  
$Js8GL6  
      يىللار ئادەمنىڭ ئىرادىسىگە باقمايدۇ ، ئۇ ئۆز ئوقۇرى بويىچە ئۆتۈۋىرىدۇ ، ياشكەن ،قىرىكەن دىمەيدۇ ، ياشلارغا بۇرۇت ، چوڭلارغا ساقال ، قىرىلارغا ئاق چاچ تەقدىم ئىتىدۇ . ھەر كىشى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئۆز تۇرمۇشى ئۈچۈن باش قاتۇرىدۇ ، ئىزدىنىدۇ ،تىرىشىدۇ . چۈنكى ئادەم ئەتە ئۈچۈن ياشاش كىرەك ، ئەتىگە دەسمى سالمىغان ئادەم خارلىنىپ قالىدۇ . يىللار ئۇنىڭغا رەھىم قىلمايدۇ ... `"XYy q  
ئەزىز بۇ يىل تولۇق 2-يىللىققا چىقتى ، ئۇنىڭ ئۈگىنىشى مەكتەپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا ، ئۇ ھەريىلى تەقدىرنامىنى ئۆز قولى بىلەن ئاپىرىپ ئانىسىغا كۆرسىتىدۇ . ئانا چەكسىز خۇشاللىق ئىلكىدە ،ھەر قىتىم ئىللىق مىھرى بىلەن ئوغلىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ ، ئۇنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ، ئۇنىڭ ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا ياردەم بىرىدۇ ، ئانىنىڭ مىھرىگە ھىچنىمە توغرا كەلمەيدۇ . مەسۈم ئانا ھازىر ئۆستەڭبويىدىكى كۆكتات بازىرىدىن ئەپچىلگىنە بىر كىچىك دۇككان ئىچىۋالدى ، ئۇنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى ، كەسىپكە تۇتقان ئەستايىدىل پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ چۆپقەتلىرىنى كۆپەيتكەن بولۇپ ، ئۇنىڭ تىجارىتى ھەر ھالدا ياخشى ئىدى . ئۇ دەرماللىققا ئىقتىسادتىن قىينالمايتتى ، ئەزىزنىڭ ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلەيتتى . ئەزىز ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن ، ھەر شەنبە يەكشەنبە مەسۈم ئانىغا ياردەملاشسە ، كەچقۇرۇنلىرى تاماقتىن كىيىن ،كەچلىك بازارغا چىقىپ لەڭپۇڭچىلىق قىلاتتى ، بۇ ھۈنەرنى ئۇ مەھەللىدىكى نامى بار لەڭپۇڭچىدىن ئۈگەنگەن بولۇپ ، بىر ئايدىلا تولۇق ئۈگۈنۈپ بولغانىدى . ھەركۈنى كەچتە ، ئۆستەڭبويىدا بولىدىغان كەچلىك بازاردا ، ئۇ لەڭپۇڭچىلىققا ئىشلىتىدىغان ھارۋىسىنى ئىلىپ چىقىپ ، كىرىم قىلاتتى . مەسۈم ئانا ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىقنى ، دىققىتىنى ئۈگۈنۈشكە قارىتىشنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ، ئەزىز ئانىسىنى چىرايلىق گەپلەر بىلەن قايىل قىلغانىدى . ئۇنىڭمۇ سودىسى خېلى ياخشى بولۇپ ، ئالدىنقى كۈنى تەييارلىۋالغان ماتىرىيال (لەڭپۇڭنىڭ .ئا) ئەتىسى سىتىلىپ بولاتتى ، ھەتتا بەزى كۈنلىرى بالدۇرلا تۈگەپ بولاتتى . ئەزىز خېرىدار شالاڭ ۋاقىتتا ، ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە كىتابنى قويۇپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ دەرس ئۈگىنەتتى . پۈتۈن ئىجتىھاتى بىلەن ئۈگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتكەچكىمۇ ، بەزىدە خېرىدار چاقىرغان ئاۋازنى ئاڭلىماي قالاتتى . ئانىسى كەچتە ، ئۇنىڭدىن ئۈنىڭ ئىيتقىنى بويىچە لەڭپۇڭغا كىرەكلىك ماتىرىياللارنى تەييارلاپ قوياتتى . ئانا بالىسدىن زوقلىناتتى ، ئۇنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئۆسۈۋاتقان بويى ، چوڭىيىۋاتقان گەۋدىسى ، خەت تارتىشقا باشلىغان بۇرۇتلىرى ، چوڭ كۆزلىرى ، قاڭشارلىق بۇرۇنلىرى ، ئاق پىشماق چىرايى ئانىنىڭ كۆز ئالدىغا ئۆتمۈشتىكى ئابدۇكىرىمنى ئەسلىتەتتى . بارغانسىرى ئابدۇكىرىمنى تارتقان چىراي- تۇرقى ، ئۇنى بىرتەرەپتىن خۇش قىلسا ، بىر تەرەپتىن ئازابلايتتى . مەسۈم ئانىنىڭ ئىنىسى ئەسقەر بولسا توي قىلغاندىن كىيىن ، ئۈرۈمچىگە رىمۇنتچىلىق شىركىتى ئىچىش ئۈچۈن خوتۇنىنى ئىلىپ چىقىپ كەتكەنىدى ، ئۇنىڭمۇ ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارغان بولۇپ ، ھەر ئايدا مەسۈم ئانىغا پۇل ئەۋەتەتتى . ھالال ئەمگەك ، ئەقىل پاراسەتكە تايانغان كىشىلەر ھامان ئوڭۇشسىزلىقنى يىڭىپ ، باياشادلىققا قاراپ قەدەم ئالىدۇ . تۇرمۇشىنى بىيىتىپ ، ھاياتنىڭ لەززىتىدىن بەھر ئىلىشىدۇ . 9s`fMzYq  
      ئەزىزنىڭ مىجەز خۇلقى شۇنداق ياخشى چوڭ بولغانىدى ، ئۇنىڭ كەمتەرلىكى ، تىرىشچانلىقى ، ئەقىللىقلىقى ، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ،جۇرئەتچانلىقى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلارغا ئىنتايىن ياخشى تەسىر بەرگەن بولۇپ ، ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يىقىن ئىدى . ئۇ مەكتەپتە ھىچكىم بىلەن ئۆچەكىلەشمەيتتى ، ئۇنىڭ قارىشىدا « ئۆچ-ئاداۋەت كىشىگە ھامان زىيان ئىلىپ كىلىدۇ ، باشقىلارغا يول قويغىنىم ، ئۇلارنى ھۈرمەتلىگەنلىكىم » دەيتتى . شۇڭلاشقىمۇ ،ساۋاقداشلىرى ئۇنى بەكمۇ ھۈرمەتلەيتتى ، ئۇنى نەچچە قىتىم سىنىپ باشلىقى قىلىپ سايلىغاندا ، ئۇ چىرايلىق رەت قىلىپ تۇرىۋالغانىدى ، ئۇنىڭ ۋاقتى بىر قەدەر زىچ بولغاچقىمۇ ،سىنىپ ئىنتىزامىنى تەشكىللەش ، ۋە باشقا ئىشلار ئۇنىڭ ھىلىمۇ زىچلاشقان ۋاقتىنى تىخىمۇ زىچلاشتۇرۇپ ، ئۈگۈنۈشكە ۋاقىت ئازلاپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيتتى . pV86;%6  
    زىل چىلىنىپ ، ئوقۇغۇچىلار دەرستىن چۈشتى . ئەزىز پارتا ئۈستىدىكى كىتابلىرىنى يىغىشتۇرۇپ سومكىسىغا سالدى دە ، سومكىنى مۇرىسىگە ئاسقىنىچە ئالدىراپ سىنىپتىن چىقتى ، ئۇ ئەمدى چىقىپ تۇرىشىغا ، سىنىپتىن بىرسىنىڭ ئۇنى چاقىرغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئۇ كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىدى ، بىر قىز ساۋاقدىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ : 7Me#PT T  
ـ بۇ خەتنى ئىلىڭ ، ـ دىدى قىز ئۇنىڭغا قاراپ ، ـ دوستۇم سىزگە يازغانتى ، مىنىڭ سىزگە بىرىپ قويۇشۇمنى تاپىلىغان ، K;s_w }M  
ـ ھە، بىلدىم ،رەھمەت ھە ، ـ دىدى ئەزىز قىزغا قاراپ . ئۇ يولىنى داۋاملاشتۇردى ، ئۇنىڭغا يىقىندىن بۇيان بۇنداق نامەلۇم خەتلەر ئاندا-مۇندا كىلىپ تۇراتتى ، ئۇ خەتنى چىرايلىق قاتلاپ يانچۇغىغا سالدى دە ، ئۆيگە چاپتى ... '}EZ l, {  
ـ ئانا ، مەن كەلدىم ، ـ دىدى ئەزىز ئۆيگە كىرىپلا . erMaH1  
ـ كەلدىڭمۇ بالام ، ـ دىدى مەسۈم ئانا ئاشخانىدىن چىقىپ ، ئەزىزگە قاراپ ، ـ تاماق ئەتتىم ، يەپ ئاندىن بازارغا ماڭارسەن ، ` I_Zt%:{  
ـ ماقۇل ، بۈگۈن جۈمە ، چوقۇم ياخشى سودا بولىدۇ ،بالدۇرراق چىقسام ياخشى بولاتتى ، " }]N4'k  
ـ ئاشمۇ ھازىرلا پىشىدۇ ، ھەي، سەنمۇزە ، بازارغا چىقمىساڭ بولمامدۇ ،ھە ؟ كۈندە ئۆيگە چىرىپ دەرسىڭنى ئۈگەنسەڭ ، نىم جاپا ساڭىمۇ ؟ ~N.pW\w  
ـ ئانا ، ۋاي ھىچقىسى يوق ، جىق ئىش ئەمەسقۇ ئۇ ، ئۈگىنىشنى مەكتەپتە بىر ئوبدان قىلىۋاتسام . بۈگۈن بازار قانداقراق ؟ !M9Zg_0  
ـ خېلى ياخشى ، ئەسقەر ئاكاڭدىن خەت كەپتىكەن بايا ،مەن ئوقۇپ بولدۇم ، مەن سەل تۇرۇپ ئاچىقىپ بىرەي ، ئوقۇپ باق ھە ، U.`#8|  
ـ ماقۇل . D,[ BBq  
     ئەزىز تاماق تەييار بولغۇچە ، كىتابىنى چىقىرىپ ، ئۈگىنىشنى باشلىۋەتتى ، ئۇ بىر قىيىن فىزىكىلىق مەسىلىنى ئىشلىمەكتە ئىدى ، مۇئەللىم ئۇنىڭغا بۇنى بۈگۈنلۈك تاپشۇرۇق قىلىپ بەرگەنىدى . ئۇنىڭغا بىرىلىدىغان تاپشۇرۇق باشقىلارغا ئوخشىمايتتى ، ئۇنىڭ ئۈگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقىمۇ ، ئوقۇتقۇچىلار ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ ، ئۇنىڭغا مۇشۇنداق مىغىزلىق ، قىيىن مەسىلىلەرنى تاپشۇرۇق قىلىپ بىرەتتى . mh 3s  
ـ نىمە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتىسەن ئەزىز ؟ ،ـ دىدى ئانا قولىدىكى داستخاننى سۈپىغا قويۇپ ، ـ ئاش پىشتى ،ئىچىقىپ بىرەي ،ئىسسىغدا يەۋال ، p$wH' =K>q  
ـ ماقۇل ، ـ دىدى ئەزىز بىشىنى كۆتۈرۈپ ئانىسىغا قاراپ ، ـ مەنمۇ ئىشلەپ بولاي دىدىم ،ئاز قالدى ، ئىككى مىنۇتتا ئىشلەپ بولىمەن . ـ سىنىڭ تاپشۇرۇقۇڭ نىمىشقا بۇنداق ئازدۇ ؟ سەن ھۇرۇنلۇق قىلىپ ئىشلىمەيۋاتامسەن يا ؟ I/s{ :  
ـ ياقەي ، خانىم-مەلىملەر ماڭا كۈندە تەس سوئاللارنى تاللاپ تاپشۇرۇق بىرىدۇ 6Q ;szX#  
ـ ھە ... ، ـ ئانا شۇنداق دەپ ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى . #U~ K}g&d  
      ئۆستەڭ بويى ،ھەقىقەتەن قايناق بازار . گۇگۇم چۈشىشى بىلەن ،ئۆستەڭبويىدىن ھىيتكاھقىچە بولغان يولدا قاتار يايمىچىلار كىيىم-كىچەك ، نان ، لەڭپۇ -راڭپىزا ، ئۆپكە-زاسۇ ، كالا پاقالچىقى ...قاتارلىق ئۆز تەرى سىڭگەن كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . بۇ يولدا ماڭغۇچە ، يايمىچىلارنىڭ خېرىدار چاقىرىپ توۋلاشلىرى ئاڭلىنىپ ، قىزغىن كەيپىيات شەكىللىنىدۇ . ئەزىز بۈگۈن ھارۋىسىنى ، ھىيتكاھنىڭ سول تەرىپىدىكى كونا كىنوخانىنىڭ ئالدىدىكى كەڭ مەيدانغا ئاپىرىشنى پىلانلىدى . چۈنكى ،بۇيەردە مۇشۇنداق يىمەكلىك بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇششاق تىجارەتچىلەر كۆپ بولۇپ ، بۇ كەچلىك بازارغا كىلىدىغان ئادەملەرمۇ كۆپ ئىدى . ئەزىز بۈگۈن بالدۇرلا كەلگەچكە ، خېلى ئورۇن بىكار ئىدى . ئۇ ھارۋىسىنى بىر ئۆپكە-زاسۇ ساتىدىغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايالنىڭ ھارۋىسىنىڭ قىشىغا ئاپىرىپ توختاتتى . ئەزىز ئۇزۇن ئورۇندۇقنى ئاۋايلاپ ھارۋا ئۈستىدىن يەرگە قويۇپ ، بۈگۈنكى ئوقىتىنى باشلىدى . يىنىدىكى ئايال : 1%dyQQE|  
ـ تىژلىقمۇ ئۇكام ، ـ دىدى ئەزىزگە كۈلۈمسىرەپ قاراپ ، ـ بۇ يەرگە يىڭى كىلىشلىرى ئوخشايدۇ ھە ؟ بۇرۇن ھىچ سىلىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن ، ;& (7yDs"  
ـ تىژلىقمۇ ئاچا ، ـ دىدى ئەزىز ئۇ ئايالنىڭ سالامىنى قايتۇرۇپ ، ـ ھەئە ، ئەسلى ئۆستەڭبويىنىڭ دوققىسىدا ئوقەت قىلاتتىم ، قايلىسام ، بۇيەرگە ئادەم تىخىمۇ كۆپ كىلىدىكەن ،شۇڭا ، بۇ يەرگە كىلىشىم ، !48{~ YG  
ـ ھە ، قايلىسام خېلى ئەخلاقلىق ، ئوبدان بالىدەك قىلىدىلا ، شۇڭا ... ھى ھى ، بىرەر ئىش بولسا دىسىلە ھە ، 1~-t)  
ـ ماقۇل ئاچا ،سىلىگە كۆپ رەھمەت ، ـ ئەزىز ئۇ ھەدەشنىڭ ماختىشىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتكەنىدى . &Z zLue,S  
     ئەزىز بۈگۈن ئورۇن يۆتكىگەن تۇنجى كۈنىسىلا تاپاۋىتى ياخشى بولۇۋاتاتتى ، خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيۋاتاتتى . تۈنۈگۈن ئانىسى خېلى كۆپ ماتىرىيال تەييارلاپ بەرگەن بولغاچقىمۇ ، تىخى سىتىلىپ بولمايۋاتاتتى . ئەزىز خېرىدار كۆپەيگەنسىرى خۇشال بولۇپ كىتىپ باراتتى . خېرىدارلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ لەڭپۇڭ ئىتىپ بىرەتتى ، ياش بالىلارنىڭ چاقچىقىغا قىتىلىپ قوياتتى . %>9]X  
ۋاقىت بىر يەرگە بىرىپ ، خېرىدارلارمۇ شالاڭلىشىشقا باشلىدى ، ئەزىز يانچۇغىدىن تاغىسى ئەسقەر يازغان خەتنى ئىچىپ ئوقۇدى ، خەتتە ، ئەسقەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ ، ئىشلىرىنىڭ بارغانسىرى روناق تىپىۋاتقانلىقىنى ، پۇرسەت بولسا قەشقەرگە قايتىدىغانلىقىنى ، ئەزىزنىڭ ياخشى ئوقۇشىنى تاپىلىغانلىقى ...دىگەندەك مەزمۇنلار يىزىلغان ئىدى . ئەزىز جىنچىراغقا قاراپ ، تاغىسىنى ئەسلىدى ، ئۇنىڭ مۇلايىم ، كۆيۈمچان تۇرقى كۆز ئالدىدا ئەكىس ئەتتى . ئەزىز ئۇنى ئوقۇپ بولۇپ ، بايىقى قىز ساۋاقدىشى بەرگەن خەتنى جىنچىراغقا يىقىن ئەكىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى ، بۇ خەتتە ، ئەزىز بىلەن يىقىن ئۆتىدىغان بىر قىز ئۇنىڭغا ئاخىرى چىدىماي مۇھەببەت توغرىسىدا خەت يازغانىدى . ئەزىز تۇرۇپ قالدى ، ئۇنىڭمۇ ئاشۇ قىزغا مەلۇم قىزىقىشى بارلىقىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئىتىراپ قىلاتتى ، ئەمما ، ئۇنىڭغا ھازىرقى ۋەزىيىتى ئايدىڭ ئىدى ، ئۇ ، مەرھۇم دادىسىنىڭ ، بىچارە ئاپىسىنىڭ ئۈمىدى ئاقلىشى ، كەلگۈسى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سىلىشى كىرەك ئىدى . ئۇنىڭ پىلانىدا ، ھازىر پۈتۈن كۈچى بىلەن پۇل يىغىپ ، ئالىي مەكتەپنى ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇماقچى بولۇۋاتاتتى . چۈنكى ، ئانىسىنى تىخىمۇ غەمگە سىلىپ ، ئۇنى چارچىتىپ قويغۇسى يوق ئىدى ، ئانىنىڭ كۆڭلىگە غەم تۇمانلىرىنىڭ بىسىپ كىرىشىنى خالىمايتتى . شۇنداق ، ئۇ بىر ۋاپادار ئوغۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ھەممە ئىشتا ئەڭ ئاۋۋال ئانىسىنى ئويلايتتى ، ھەتتا ، مەكتەپتە تاماق يىگەن چاغلىرىدا ، ئانىسىنىڭ ئاشۇ تاپتا نىمە يەۋاتقىنىنى ئويلاپ ، خاتىرجەمسىزلىنەتتى . ئانا ئۈچۈن ، ئۇ ھەممىنى قىلىشقا رازى ئىدى ! "SFvpZC:y.  
     ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى ، ئەزىز پات ئارىدا ئالىي مەكتەپكە ئىنتىھام بىرىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ئۇ ئانىسىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى بويىچە ، كەچلىك بازارغا چىقماي ،مەكتەپتىن يىنىپلا ئۆيگە كىلىپ تەكرار قىلاتتى . ئۆيگە پات-پات ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى كىلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈگىنىش قىلاتتى، مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشىپ يىشەتتى . Mby7h^X  
ـ بالام ، ساۋاقداشلىرىڭغا ئۈژمىدىن تۆكۈپ ئىلىپ بەرمەمسەن ؟ ، ـ دىدى مەسۈم ئانا ساۋاقداشلىرى بىلەن قىزغىن ئۈگىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن ئەزىزگە قاراپ ، ـ بۇ يىل ئۈژمىمۇ ئاجايىپ تاتلىق پىشىپتۇ ، دىككىدە دەرەخنى سىلكىپ ئۈژمىنى چۈشۈرگىن ، مەن داستىخان ئىچىقىپ تۇتۇپ بىرەي ، k:<1:"w  
ـ ئانا ، بولدى ، بىز قىلالايمىز ،سەن ئاۋارە بولما ، [7$)@=H@  
ـ شۇنداق ، ئاچا ، سلى ئاۋارە بولمىسىلا ،بىز ئۆزىمىز قىلايلى ، ـ دىيىشتى ئەزىزنىڭ ساۋاقداشلىرى سۆز قوشۇپ . F {{/zr  
ـ ماقۇل ئەمسە ، ئۈژمىنى دەرەخ كۆتىرەلمەي شاخلىرىمۇ ساڭگىلاپ قاپتۇ ، شۇنداق قىلىڭلار ئەمسە ، #,2x-i?  
     ئەزىز ۋە ساۋاقداشلىرى ئولىشىپ ، ئەزىزنىڭ سىلكىشى بىلەن چۈشكەن ئۈژمىلەرنى داستىخاننى تۇتۇپ يىغماقتا . ئۇلار بىشىنى كۆتۈرۈپ ئۈجمە شاخلىرىغا قاراپ ، كۈلۈشكىنىچە ئۈجمە يىغىشاتتى ، مەسۈم ئانا ئۇلارغا قاراپ زوقلىنىپ بىر چەتتە كۈلۈمسىرەپ قاراپ تۇرماقتا ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ خىيالىغا ئەينى چاغلاردا ئابدۇكىرىمنىڭ ئۈجمە تۆكىۋاتقان ھالىتى كەلدى ، ئەزىز بەئەينى دادىسىغا ئوخشايتتى ، ئۇنىڭ ئۇستىخىنى دادىسىنىلا تارتقان بولۇپ ، مەسۈم ئانا ھەرقىتىم ئۇنىڭ گەۋدىسىگە قارىغىنىدا ، تونۇش بىر سىمانى كۆرگەندەك بولاتتى . ھەي ، بەختسىز تەغدىر ! ]GGG;$\d  
ئالىي مەكتەپ ئىنتىھامىسى ئىلىنىدىغان كۈنى ئەتىگەن . مەكتەپ ئەتراپىغا ئاتا-ئانىلار مىغ-مىغ بولۇپ يىغىلىشپ كەتكەنىدى ، ھەممە ئۆز پەرزەنتىگە مەدەت بىرىشىپ ، ئۇلارغا ئۇتۇقلۇق ،ئىشەنچ تىلىمەكتە ئىدى . يول بويىدىكى يوغان بىر تۈپ دەرەخ ئاستىدا تونۇش ئىككى سىما پاراڭلاشماقتا ئىدى : ( V+u+qw  
ـ بالام ، سەن چوقۇم ئۆتىسەن ، ھەرگىز قورقماي ، تەمتىرىمەي ئىشلەپ چىق جىما بالام ، ـ مەسۈم ئانىمۇ شۇ تاپتا بالىسىغا مەدەت بەرمەكتە ئىدى ، 4 =;J*  
ـ ماقۇل ، خاتىرجەم بول ئانا ، دىگىنىڭدەك قىلىمەن ، $KA NTD*Zk  
ـ ۋاقىت توشماستىن بۇرۇن ئالدىراپ چىقىپ كەتمە ، ئەستايىدىل ئىشلە ھە ، WDy 
ـ ماقۇل ، ـ ئەزىز ئانىسىنىڭ رىغبەتلىرىدىن مەمنۇن بولۇپ ، ئانىسىغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى ... tUG:CI  
چاقىرىق قەغىزىنى كۈتۈش پەرزەنتنىلا ئەمەس ، ئاتا-ئانا بولغۇچىنىمۇ ئەندىشىگە سالىدۇ ، ئۇلارنىمۇ جىدىيلەشتۈرىدۇ . ئەزىز ئىمتىھاندىن يۇقىرى نومۇر ئالغان بولۇپ ، مەكتەپ بويىچە بىرىنجى بولغانىدى ، شۇ دەقىقىدە ئەزىزدىن بەكرەك ئانا تىخىمۇ خۇشال بولۇپ كەتكەنىدى ، توختىماي خۇشاللىق يىشى تۆكۈپ ، ئەزىزنىڭ پىشانىسىگە سۆيەتتى ، ئەزىزمۇ خۇشاللىقىدىن ئانىسىغا ئەگىشىپ كۆز يىشى قىلاتتى . ئەزىز مۇشۇ ئىككى كۈننى قانداق ئۆتكۈزگىنىنى بىلمەيلا قالدى ، ئۆزى كەچلىك بازاردا بولسىمۇ ، خىيالى ئىنتىھامدا ،چاقىرىق نەتىجىسىدە ئىدى . تۇرۇپ-تۇرۇپ ،ئۇنىڭغا باشقىلار ئاڭلىغاندەك ، ياخشى نەتىجە ئالغان ،ئەمما كىلىپ چىقىشى ئادەتتىكىچە ئائىلىلەرنىڭ پەرزەنتلىرنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى باشلىقنىڭ ،باينىڭ بالىلىرىغا ئۆزگەرتىۋەتكەن ئەھۋاللار ئۆزىنىڭ بىشىغا كىلىدىغاندەك بىلىنىپ ، شۈبىھلىنىپ كىتەتتى ، ئەندىشىدە كۆڭلى ئارام تاپمايتتى . ئانىمۇ شۇنداق ، بالىسىنىڭ قايسى مەكتەپكە ئۆتىشى توغرىسىدا ئۇمۇ قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن ، تۇتقان-قويغىنىنى بىلمەي قالاتتى ، قولۇم-قوشنىلار پات-پات كىرىپ ، ئۇنىڭدىن ئەھۋال سوراپ قوياتتى ، بۇ چاغدا ، مەسۈم ئانا ئۇلارغا ئوغلىنى ماختاپ بىرەتتى ، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى گۈزەل قىياس قىلىپ دەپ بىرەتتى . 1vA;G!E  
ئەزىزگە ئاخىر خەۋەر كەلدى ، خەۋەرنى مەكتەپتىكى بىر ساۋاقدىشى ئىلىپ كەلگەنىدى ، ئەزىز يەۋاتقان تامىقىنىمۇ قويۇپلا مەكتەپكە ئۇچتى ، ئۇ چاقىرىق قەغىزىنى كۆرۈپ ، يىغلاپ تاشلىغىلى قىل قالدى ، ئۇ ئاخىر مۇرادىغا يەتكەنىدى، شىنجاڭ مالىيە-ئىقتىساد ئۈنۋىرىستىتىنىڭ بىرىنجى تۈركۈمىگە ، ئۆزى ئارزۇ قىلغان كەسىپكە ئۆتكەنىدى . ئانىمۇ ئەمدى خۇشاللىق يىشىنى ،شۇنداقلا نەچچە ۋاقىتتىن بىر تارتقان ئازابلىرىنى خۇشاللىق يىشى ئارقىلىق سىقىپ چىقاردى ، مەرھۇم ئابدۇكىرىمنىڭ ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىدىن چەكسىز مىننەتدار ئىدى . ئوغلىنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئانىغىمۇ چەكسىز ئىپتىخارلىق ، شاتلىق ئاتا قىلغانىدى ... vgK%Xj3y  
     قىسقىغىنە تەتىل ۋاقتىمۇ توشۇپ قالدى ، كۈز ئايلىرىنىڭ مەيىن شاماللىرى خوشلىشىش ئالدىدا تۇرغان ئانا-بالىنىڭ يۈزىنى سۆيۈپ ئۆتەتتى ، ئۇ چاغلاردا قەشقەرگە تىخى پويىز قاتنىمىغان بولغاچقا ، ئەزىز ئاپتۇبۇس ئارقىلىق ماڭماقچى بولىۋاتاتتى ، p]~j?ae=$x  
ـ ئوبدان بالام ، ئۈرۈمچىگە بارغاندا ئۆزەڭنى بەك ئاسرا ، سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل ، ـ ئانا پەرزەنتىگە خوشلىشىش ئالدىدىكى سۆزلىرىنى بايان قىلىۋاتاتتى ، ـ يامان بالىلار بىلەن ئارىلاشما، ئۆزۈڭنىڭ ئىشىغا پۇختا بول ، ئۈگىنىشىڭنى .... ياخشى ئوقۇ بالام ! ،ـ ئانىنىڭ سۆزىنىڭ ئاخىرى يىغىغا ئالماشتى ، ئەزىزمۇ ئىچ-ئىچىدىن ئۆتەپ چىقققان ئازابلىق ھېسلىرى بىلەن كۆزلىرى نەمدىلىۋاتاتتى ، ئەمما ، ئۇ ئانىسىغا تەبەسسۇم ئارقىلىق خوشلىشىشنى ئويلىدى ، ۋە شۇئانلا چىرايىنى كۈلكىگە ئالماشتۇرۇپ ، ئانىسىغا سىنچىلاپ قارىدى ، ئانسىنىڭ بۇرۇنقى نۇرلۇق ، يوغان كۆزلىرى ئۇزۇن يىللىق جاپا تۈپەيلى ئاجىزلىشىشقا باشلىغان ، ئەمما ، يەنىلا مىھىر يىغىپ تۇرىدۇ ، كۆز ئەتراپىدىكى ۋە پىشانىسىدىكى تىيىز قورۇقلار يىللارنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن سوۋغىسى ، ئىگىلىشكە باشلىغان گەۋدىسى بولسا ، پەرزەنت ئۈچۈن تۆككەن تەرىنىڭ مەھسۇلى ، قاداق چۈشكەن قوللىرى ئۇنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان يالدامىسى ... J.2$]=TJT+  
ـ ئانا ، مەن بۈگۈنۈمنى ئۇنتۇمايمەن ، ئۆتمۈشۈمنىمۇ ھەم ئۇنتۇمايمەن ، ھەممىنى سىنىڭ دىگىنىڭدەك قىلىمەن ئانا ! دادامنىڭ ئارزۇسى ئۈچۈن ،سىنىڭ تۆككەن ئەجرىڭ ئۈچۈن ، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ياخشى ئوقۇيمەن ، ماڭا ئىشەن ! x&T!o/Xp  
ـ ساڭا ئىشىنىمەن بالام ، ـ دىدى ئانا كىلىشكەن ئوغلىغا قاراپ ، ـ سەن بىزنىڭ ئائىلىنىڭ ئۈمىدى ئەزىز ، قەشقەرنىڭ پەخرىسەن ، سەن قايتىپ كىلىپ كىندىك قىنىڭ تۆكۈلگەن يەرگە خىزمەت قىلساڭ ، تويۇڭنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرسەم ...كۆزۈم يۇمۇلسىمۇ ئارمانسىزمەن ، مىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ئارزۇيۇممۇ يوق بالام ،  v3zZ n{S  
ـ ئانا ، نىمىلەرنى دەيدىغانسەن ؟ مەن سىنى ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە باقىمەن ، ساڭا ھەمرا بولىمەن ، بىر نەچچە يىل بىردەمدە ئۆتۈپ كىتىدۇ ، تەتىلدىمۇ كىلىمەن ، ناھايىتى نەچچە يىلنىڭ ئىشىغۇ ، مەن چوقۇم دىگەن يىرىڭدىن چىقىمەن ، L3np1  
ـ خۇدايىم بەختىڭنى بەرسۇن بالام ، خەت يىزىشنى ئۇنتۇما ، ئەسقەر كەلسە ئۆيىمىزگە تىلفۇن ئورنىتىپ بىرىمەن دىگەنتى ، ئاڭغىچە ئۇمۇ كەپ قالار ، سەن بىرىپلا ئۇنى ئىزدە، ئۈرۈمچىدە باشقا تۇققىنىمىزمۇ يوق ، ئۇ ساڭا يار-يۆلەك بولىدۇ ، '&oZ *Q-*  
ـ ماقۇل ، >h s(  
ـ يەنە ... ، ـ ئانا شۇنداق دىيىشىگە ئاپتۇبۇسنىڭ قوزغالغان ئاۋازى ئاڭلاندى ، ئانا نىمە دىيىشىنى بىلەلمەي قالدى ، شوپۇر ماشىنا ئەينىكىدىن بىشىنى چىقىرىپ توۋلىدى : }El*^h<_  
ـ ھەي ئۇكام ھوي ، چىقامسەن يا ؟ ماڭىمىز ھازىر ! LUBtxAi  
ئانا-بالا ئىككىسى بىر-بىرىگە قىيالماسلىق ئىچىدە قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئەزىز چىدىمىغان ھالدا ئانىسىغا ئۆزىنى ئىتىپ ئۇنى قۇچاقلىدى ، RvN2utH  
ـ ئانا ، مەن پات ئارىدا قايتىپ كىلىمەن ، ئۆزۈڭنى بەك ئۇرۇپ كەتمە، كۆپرەك ئارام ئال ، ئۆزەڭنى بەك ئاسرا ، ـ دىدى ئەزىز ، شۇتاپتا ، ئۇنىڭغا قاتتىق يىغا ئولاشقان بولسىمۇ ، ئۆزىنى قاتتىق تۇتۇۋالغان ئىدى ، ئانىغا ئاخىرىغىچە تەبەسسۇم ئاتا قىلىشنى ئويلايتتى ، ئانا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي تىخىمۇ بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى ، شوپۇر يەنە توۋلاشقا باشلىدى : { jNRjKXt  
ـ ھاي ئۇكام ! ما ماشىنىدىلەر ساقلاپ كەتتى ! بولە ! `6 JO[ '7  
ئۇلار تەسلىكتە ئاجرىلىپ ، خوشلاشتى : wmtShJ(?  
ـ خۇداغا ئامانەت بالام ! ئۆزەڭنى ئاسرا ! G&+:b5/G(  
ـ خۇداغا ئامانەت ئانا ، سالامەتلىكىڭگە دىققەت قىل ، خوش ! {fE5G'`i  
     ماشىنا ئۇزاپ كەتتى ، ئانا ماشىنىنىڭ قارىسى يۈتكىچە كۆز ياشلىرىنى ئاققۇزۇپ قاراپ تۇردى ، ئۇنىڭغا باغرىنى يېرىپ چىققان يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىش ناھايىتى ئىغىر كەلگەنىدى . ئايرىلىش مىنۇتلىرى ئارىسىدا ، ئانا-بالا ئايرىلىشىدىنمۇ كىشىنىڭ قەلبىنى تىترىتىپ ، ئازابلايدىغان ئايرىلىش بولمىسا كىرەك ، ئانا نۇرغۇن گەپلىرىنى دىيىشنى ئويلايتتى ، ئەمما ، ئۇ كىتىپ بولغانىدى ... (@,j:_\R3G  
خوشلاشقۇچە چىراي ئىپادىسىدە ئىزچىل تەبەسسۇم چاقناپ تۇرغان ئەزىز ئاپتۇبۇس قوزغىلىپ مىڭىشى بىلەنلا ، بىشىنى پۈركەپ يىغلاپ تاشلىدى ، ئاپتۇبۇستىكىلەر ھىلىدىن-ھىلى ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قارايتتى . ئەزىزگىمۇ بۇ ئايرىلىش ئىنتايىن ئىغىر كەلگەنىدى ، مۇشۇ ياشقا كەلگۈچە ،ئانىسىدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان ئەزىز ئەمدى نەچچە ئايلىق ئايرىلىش ئالدىدا تۇراتتى . ئۇنى بىردەمدىلا سىغىنىش ھىسىياتى قىينىماقتا ئىدى ، ئانا مىھرىگە دۇنيادىكى بارلىق نىممەتلەرنىمۇ تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ . ئەزىز يىغىدىن توختاپ ، كۆزيىشىنى سۈرتۈپ ، ماشىنا ئەينىكىدىن سىرتقا قارىماقتا ، قەشقەر سەھرالىرى ئۇنىڭغا بىھىشباغ بولۇپ كۆرۈنمەكتە ، ئۇ ئاخىرقى مەنزىرىدىن قانغۇچە بەھر ئالماقتا ... NQ+N+Quq  
     خىيالىي شەھەر ئۈرۈمچى ، ئۆز ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق ئۇسلۇب ياراتقان شەھەر ، ئەڭ يىڭى مەدەنىيەت قەدىمىنى ، ئەڭ يۇقىرى تەرەققىيات سەۋىيىسى ئىپادىلەنگەن بىنالىرى ، مەھسۇلاتلىرى ... ، ئەڭ سەلبىي ھادىسىلەرمۇ يۇغۇرۇلغان تەپتى سوغۇق شەھەر . ئەزىز كەلگىلى ئىككى ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ، بۇ شەھەرگە تىخىچىلا كۆنۈپ بولالمىغانىدى ، ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇنۇ مەركىزىي شەھەر ۋە ئادەملىرى توغرىسىدا نۇرغۇنلىغان سوئاللار بار ئىدى . ئۇ بىكار ۋاقىتلىرىنى كۈتۈبخانىدا ئۆتكۈزەتتى، بەزى كۈنلىرى ئۆزى يالغۇز چىقىپ شەھەر كوچىلىرىنى ئايلىناتتى . ئەزىز ساۋاقداشلىرى بىلەن تىخى دىگەندەك ئىجەكىشىپ كىتەلمىگەنىدى ، بەلكى بەزى سەۋەبلەر ، ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۆز-قارىشىنى ۋاقىتلىق ئۆزگەرتىپ قويغان بولىشى مۇمكىن . ئوقۇش باشلاپ بىر ھەپتە بولغان چاغلار ئىدى ، ئەزىز كۈندىكىدەك سىنىپقا بالدۇر چىقىپ ، كىتابىنى كۆرۈشكە باشلىدى . ساۋاقداشلار بىر-بىرلەپ سىنىپقا كىرىپ كىلىۋاتاتتى . بىر چاغدا باشقا يۇرتتىن كەلگەن بىرنەچچە ساۋاقدىشى ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ، ئۇنىڭغا گەپ قىلدى : ZelPaobr  
ـ ئەزىز ، نىمىشقا كەچلىك مۇزاكىرىگە قاتناشمايسەن ؟ سىنىپ مۇدىرىمىز سىنى رۇخسەت سورىدى دەيدۇ ، *+Z*DP8T1  
ـ مەن ... ،ـ ئەزىز ئەينى ئەھۋالنى ئىيتىشنى خوپ كۆرمىدى ، ـ ئازراق ئىشىم چىقىپ قىلىپ ... :"%-0*6  
ـ قارىساق سەن ھىچبىر ھىلىقىدەك ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشىمايسەن ، بۇنداق قىلساڭ ،سىنىپنىڭ داۋام ئەھۋالىغا تەسىر يىتىپ ، بۇ ئىش بالىلارغىمۇ كىڭىيىپ كەتسە ، سىنىپنىڭ ئەھۋالى ناچارلىشىپ كىتىدۇ ،بۇنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ 9vPU>9Uxi  
ـ خاپۇمماڭلار ،مەن مۇھىم ئىش بىلەن ... ، ـ ئۇ نىمە دەپ چۈشەندۈرىشىنى بىلەلمىدى ، ـ مەن تۇققانلارغا ياردەملىشىۋاتاتتىم ،شۇڭا.. 0.eJJ,{  
ـ ئىشقىلىپ ،سەن ئۆزۈڭنى سەل تۇتىۋالغىن ، ـ دىدى ئارىدا سىنىپ باشلىقى سۆز ئىچىپ ، ـ ئوقۇش يىڭى باشلىنىپلا بۇنداق قىلغىلى تۇرساڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ بولغىلى بولمايدۇ ، ئۆزۈڭ ئويلىنىپ باقارسەن ، ـ ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشىگە ھەممەيلەن تارقىلىپ كەتتى . j 926%nm  
شۇنداق ، ئۇ مۇزاكىرىگە قاتناشمايتتى ، ئۇ ئۈرۈمچىگە كىلىپ ، ئازئۆتمەيلا بىر ئاشخانىدىن كەچلىك خىزمەت تاپقانىدى ،ئۇ بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئانىسىنىڭ يۈكىنى ئاز-تولا بولسىمۇ يەڭگىللەتمەكچى ئىدى . شۇڭا ،سىنىپتا ئۇنىڭغا قارىتا خاتا چۈشىنىش پەيدا بولۇپ قالدى . ئەمما، ئەزىز ھامان ساۋاقداشلىرىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتەلىشىگە ئىشىنەتتى . Nia!xr  
      ۋاقىت ئۆتمەكتە ، ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ئاستا-ئاستا ساۋاقداشلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ، ئۇنى چۈشىنىدىغانلار كۆپەيمەكتە ، ئۇنىڭ مىجەز-خاراكتىرى ، ئاقكۆڭۈل ،كەمتەرلىكى تىزلا ساۋاقداشلىرىنىڭ ئىتىراپ قىلىشىغا ئىرىشىپ ، ئۇنىڭ سىنىپتىكى ئىناۋىتى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمەكتە ئىدى . ئۇنىڭ سىرتتا ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىرنەچچە ساۋاقداش ئۇقۇپ ،ئۇنىڭغا قول قويۇشتى ، ئۇنى تىخىمۇ قوللاشتى . ئۇ خەنزۇتىلىدىكى ئاجىزلىقىنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ، ھەرۋاقىت تىرىشىپ ئۈگىنەتتى ، سىنىپتىكى «كىتاب خالتىسى » لارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قالغانىدى ، كۈتۈبخانا ئۇنىڭ دائىملىق سىرداشكارى ئىدى ... o*zOp iG[  
xCA6U{Q  
     تەتىلمۇ ئاخىر يىتىپ كەلدى ، ئەزىزنىڭ ئانىسىغا بولغان سىغىنىش ھىسىياتى تىخىمۇ ئىشىپ بارماقتا ئىدى ، ئۇ بىكەتتە يولىغا قاراپ تۇرغان ئانىسىنى كۆرۈپ ، ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئاتتى ، ئانا خۇشاللىق يىشى بىلەن ئۇنى كۈتىۋالدى . ئەزىز تەتىلنى ئانىىسغا ھەمرا بولۇپ ، ئۇنىڭغا قارىشىپ بىرىش بىلەن ئۆتكۈزدى . ئانىسىنىڭ سىماسىغا تولۇق قىنىۋىلىش ئۈچۈن ، ئۇ ئانىسىدىن بىر قەدەممۇ ئايرىلمايتتى . قىسقىغىنە تەتىل توشۇپ ، ئەزىز بىلەن ئانىنى يەنە بىر قىتىم ئايرىدى ، ئەزىز بۇ قىتىممۇ ئانىسىنىڭ ئوتلۇق تىلەكلىرىنى ئىلىپ ئۈرۈمچىگە كەلدى ... b\v*tFdT  
     يىل ئۆرۈلۈپ ،باھار كىلىشكە باشلىدى ، ئۈرۈمچىدە ، باھار پەسلى بۇ يىلمۇ ئالدىنقى يىللاردەك كىچىكىپ يىتىپ كەلدى ، 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ، قار-مۇزلار ئەمدىلىكتە ئىرىپ ، كۈننىڭ ھارارىتى ھالسىز ئىقىنلاردەك بىلىنەتتى . ئەزىز كۈتۈبخانىدا پۈتۈن دىققىتى بىلەن يىڭىدىن ئوقۇشقا باشلىغان رومان «ئىز»نى ۋاراقلاپ كۆرىۋاتاتتى ، بىردىن ، ئۇنىڭ بىرنەچچە ساۋاقدىشى ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ ، ئۇنى ئاستا نۇقۇدى : noz^`l  
ـ ئەزىز ، بۇ يەردىكەنسىز دە ؟ سىزنى ئاران تاپتۇق ، ـ دىدى ئارىدىكى مۇلايىم چىراي ، تەپتى ئىسسىق كۆرىنىدىغان ئۇماق قىز ، ـ ھەجەپ قىتىرقىنىپ كۆرۈپ كىتىپسىزيا ؟ `5(LOt>7:  
ـ ھە...مەن شۇ كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان ، ـ دىدى ئەزىز ئۇلارغا قاراپ ، ~'^tr\_  
ـ ئاداش ، قوپە ، ساڭا دەيدىغان مۇھىم ئىش بار ، تىشىغا چىقايلى ، ـ دىدى ئوغۇل ساۋاقداش ئەتراپقا قارىۋىتىپ ، 01[x2 mI?  
ئەزىز ئۇلارغا ئەگىشىپ سىرتقا چىقتى ، بايىقى قىز جىددىيلەشكەن چىرايى بىلەن ئەزىزگە قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى : :)V}U **p@  
ـ ئەزىز ، بۇ يىل نورۇزدا مەكتەپتە نورۇزلۇق سەنئەت پائالىيتى ئۆتكۈزىدىكەن ، بىزگە ئىككى نومۇر تەييارلاشنى ئۇقتۇردى ، سىنىپتىكى قىزلار بىر ئۇسسۇل تەييارلىدۇق ، يەنە بىر نومۇرغا قىز ئوغۇل ئۇسسۇل قىلايلى دىسەك ،ئوغۇللار يىتىشمەيدىكەن ، شۇڭا ... ،ـ قىز سەل توختىۋىلىپ ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ـ بىر لەپەر ئورۇنلاشتۇرساق بولامدىكىن ، ئاڭلىساق سىزنى ئۇسسۇلنى بەك چىرايلىق ئوينايدۇ دەيدۇ ، سىز قاتنىشىڭ ھە ، ۋاقىت قىس ،نەچچە كۈنلا قالدى ، چوقۇم قوشۇلىشىڭىز شەرت ! m@TH;z7 O3  
ـ مەن ئانچە ئوينىيالمايمەن ، سىنىپتا ئۇسسۇلنى ياخشى ئوينايدىغان ئوغۇللار بارغۇ ؟ &;h0h/  
ـ ۋاي باشقىلارغا ئىتتەرمىڭە بولدى ،بىز ھەممىنى بىلىمىز ، j0-2Y_  
ـ شۇ ئاداش ، سەن ئوينا بولدى ، رازىيە بىركۈن بىزنى ئاۋارە قىلىپ سىنى ئىزدەتكۈزدى، ـ دىدى ھىلىقى ئوغۇل ئەزىزگە قاراپ ، ـ ئۇنىڭ سەن بىلەن ئۇسسۇل ئوينىغىسى باركەن ، 1hlJ{7  
ـ ئۆتەپ بىرىڭە ،ساراڭ ، ـ دىدى رازىيە ئۇ ئوغۇلغا ئاچچىقلىغان تەلەپپۇزدا ، ـ كىم شۇنداق دەيدۇ ، مەنمۇ شۇ ۋەزىيەتنىڭ ئىھتىياجىدىن شۇنداق قىلىۋاتىمەن ! N}za: kp  
ـ ئەمسە قاچان باشلايمىز رەپتىسنى ؟ .zJGyT;M8  
ـ قارا مانىڭ ئالدىراپ كەتكىنىنى ، ھى ھى ، ـ ئوغۇل ساۋاقداش شۇنداق دەپ كۈلۈپ كەتتى ... N]7%kzWP  
شۇنداق قىلىپ ، رازىيە بىلەن ئەزىز جىددىي تەييارلىققا چۈشتى ، ئۇلار بىر-بىرىگە شۇنداق ماسلىشىپ ،نەچچە كۈندىلا ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى چىقىرىپ بولۇپ ، پۇختىلاپ بولدى . EaN"GAE  
نورۇزكۈنى ، مەكتەپنىڭ چوڭ زالىدا نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار يىغىلغانىدى . بىرنەچچە ئوغۇل-قىز ئوقۇغۇچى رىياسەتچىلەر سەھنىگە چىقىپ ، بۈگۈنكى نورۇز پائالىيتىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلاشتى . شۇنىڭ بىلەن ، ئارقا-ئارقىدىن سەرخىل نومۇرلار ئورۇنلانماقتا . ئاخىر ، ئەزىز بىلەن رازىيەگە نۆۋەت كەلدى ، \M*POF-  
ـ جىددىيلىشىۋاتامسىز ئەزىز ؟ ، ـ رازىيە ئالاقىزادە بولغان كۆزلىرىنى ئەزىزگە تىكىپ سورىدى ، IYJ|*LC6  
ـ ياقەي ، قايلىسام ،سىز مەندىنمۇ ئۆتە جىددىيلىشىپ كىتىپسىز ، ئۆپكىڭىز سەھنىدە چۈشۈپ قالمىسۇن ھە ، ـ ئەزىز چاقچاق قىلدى ، رازىيە كۈلۈپ كىتىپ دىدى ، ـ كىم دەيدۇ ؟ قاراپ تۇرۇڭ ھە ، ۋاقتى كەلگەندە كۆرىمىز ، يۇرتدىشىمنىڭ قانچىلىك ماسلىشىشچانلىقى بار كۆرۈپ باقاي ، dIe"AR>L  
ـ ھىساب ! يۈرۈڭ ئەمسە ، E)7cR{  
     ئۇلار سەھنىگە دادىل قەدەم ئىلىپ ماڭدى ، تۆۋەندە ئەزىزنىڭ سىنىپىدىكىلەرنىڭ ئالقىش-سادالىرى ياڭرىماقتا . ئەزىز بىلەن رازىيە ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرىنى شوخ ئۇسسۇلغا ماسلاشتۇرۇپ ئوينىماقتا ، تاماشىبىن بولۇۋاتقان ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئىسىل نومۇردىن بەھر ئىلىپ ، چاۋاكلىرىنى ياڭراتماقتا . ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۆزئارا ماسلىشىپ ، نەپىس ھەرىكەتلەر بىلەن ئورۇندىغان ئۇسسۇلى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، ئۇلارغا ئالقىشلىرىنى ياغدۇرماقتا . نومۇر ئاخىرلاشتى ، ئەزىز بىلەن رازىيە سالام قىلىپ ،سەھنىدىن چۈشتى . H1VDx)|  
ـ يارايسىلەر ! بەك جانلىق چىقتى ! بىرىنجى بولۇشۇڭلاردا گەپ يوق ! ، ـ دىدى ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغان سىىنپ باشلىقى ئۇلارنى ماختاپ . {B+g@c]k>  
     نورۇز پائالىيتىمۇ ئاياغلىشىپ ، نومۇرلارنىڭ باھالىنىش ئەھۋالى ئېلان قىلىنماقتا . ئەزىز بىلەن رازىيەنىڭ ئورۇندىغان لەپەر ئۇسسۇلى بىرىنجى دەرىجىگە ئىرىشكەنىدى ، باھالىغۇچى مىكرافوندا ئۇلارنى چاقىردى ، رازىيە تىزلىكتە سەھنىگە چىقتى ، باھالىغۇچى ئەزىزنىڭ يوقلىقىنى كۆرۈپ ، تۆۋەنگە قاراپ دىدى : yhA1nwk  
ـ ساۋاقداش ئەزىز ، سەھنىگە چىقىڭ ! U|]p [b  
    تۆۋەندىكى ھەممە ئەتراپىغا قاراپ ئۇنى ئىزدىمەكتە ، باھالىغۇچى يەنە بىر قىتىم يۇقىرى ئاۋازدا «ساۋاقداش ئەزىز ، سەھنىگە مەرھەمەت ! » دىدى ، يەنە يوق ، ھەممە ، ئۇ نەگە كەتكەندۇ ؟ دەپ ھەيران بولماقتا ،رازىيە بولسا جىددىيلەشكىنىدىن يىغلىۋىتەيلا دىگەنىدى . ئەزىز بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ئىشلەۋاتقان ئورنىغا كىلىپ خىزمىتىنى باشلاپ بولغانىدى ... }9;HKC=E  
ئالىي مەكتەپ ھاياتى بىر ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە، ياشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ، بۇ چاغدا ، كىشى مۇكەممەل دۇنيا قارىشى يارىتىپ ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ ، دۇنيانى ،جەمىيەتنى ،ئادەملەرنى چۈشىنىشكە باشلايدۇ ، ھەرخىل ئويلاپ باقمىغان ئىشلار يۈز بىرىپ ، كىشىنىڭ تەقدىرىدە ئۆزگەرتىش ھاسىل قىلىدۇ . ۋاقىتتنىڭ قىممىتىنى تونۇپ ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئاساس سالغۇچىلار ،ئەجىر تۆكۈشكە ، تەر ئاققۇزۇشقا ھەرزامان تەييار تۇرىدۇ ، ئەكىسچە ، ئالىي مەكتەپنى ئەڭ «ئالىي » مەنىۋى كۆڭۈل ئىچىش ئويبىكتى قىلغانلار بولسا ، ئۆزىگە قەدىرسىز ، ئۆزگىگە قەدىرلىك بىلىنگەن ۋاقتىنى بىھۇدە ئىسراپ قىلىدۇ . ئەزىز بۇ ھەقىقەتنى بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن بولسا كىرەك ، ئۆزىنىڭ ھەربىر ئىشىدىن خۇلاسە چىقىرىپ ماڭاتتى ، ئەلۋەتتە، ئۇمۇ بىر ئىنسان بولغانىكەن ، كۆڭۈل خۇشاللىقىدىن بەھر ئىلىش ھوقوقى بار ، ئەمما ، ئۇ قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەر ، سورۇنلار تولىمۇ ئاز ھەم توغرا ئىسىتىلدىكى پائالىيەتلەر ،ئانىسىنىڭ دۇردانىلىرى ئۇنىڭ قەلبىدە ھامان مەۋج ئۇرۇپ ، ئۇنى توغرا يولغا يىتەكلەيتتى ، ئۇنىڭغا روھى ئوزۇق ، روھىي قۇۋۋەت بولۇپ ، ئۇنىڭغا مەدەت ، ئىشەنچ ئاتا قىلاتتى ، ئۇ چەكلەنگەن ئىشلارنى قىلىش ئەمەس، ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايتتى . شۇنداق ، ئوغۇل بالا ھەر زامان ئۆزىگە يۈز كىلەلىشى كىرەك ، چۈنكى ، يۇرت ،ئەل ۋىجدانلىق ئوغۇللارغا مۇھتاج ، بەلكى ، ئەزىز ئەنە شۇنداق ئوغۇللارنىڭ يارقىن نامايەندىسى بولسا كىرەك . شۇنداق ،يىگىت دىگەن ئەنە شۇنداق بولسا ...  vQ:i. '   
:xa/kBV  
7_->|P nL  
s~a+]KQ;  
U4%== gv  
qj 't'  
YS6KM3=9c  
8p74XX  
                                                           

                                                      مەكتەپتىكى مۇھەببەت J& BN=Y-G  
  3^Ylu2y  
     تۇمانلىق شەھەر ئۈرۈمچى ، بارلىق جەمىيەت خاھىشلىرىنىڭ ئۇرۇق چاچقۇچىسى ، تارقاتقۇچىسى . ئىجابىي ۋە سەلبىي ھادىسىلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى نامايەندىسى . يوللاردىكى كىتىپ بارغان كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىر سوئال ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن كەچمىشلىرى بار ، ئۇلار بەلكى بىر ئۆمۈر سىر تۇتۇپ ساقلىغۇسى . ئەزىز بۇ غايىبانە شەھەرگە كۆنۈپمۇ قالدى ، شۇنداق ،ۋاقىت ئادەمگە ھەممىىنى كۆندۈرىدۇ ، ئىككى يىل ئاز ۋاقىت ئەمەس ، ئىككى يىلدا مۇشتۇمدەك بالا چوڭ بولۇپ ، ماڭالايدىغان دەرىجىدە چوڭ بولۇپ كىتىدۇ ، بۇ كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك بولسىمۇ ، ئەمما ، كىشىلەر تىخىمۇ سىرلىق ئىشلار ئۈچۈن ھەيرانۇ-ھەستە بولۇشۇپ ، ئۇنىڭغا قىزىقىدۇ ... !m_??u*  
ئەزىز ئالىي مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا . ئۇ ھەر يىلى دىگۈدەك ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلىپ ، ئىشلەپ تاپقان پۇللىرى بىلەن قوشۇپ ئانىسىغا ئەۋەتەتتى . ئانا ھەرقىتىم بالىسىدىن كەلگەن خەتتە ئارىغا قىستۇرۇلغان پۇلنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز كۆزلىرى نەمدىلەتتى . ئەزىز ھەر جەھەتتە ئەتراپلىق يىتىلمەكتە ، شۇنداق ، ئەمدى ئۇ بىر يىتىلگەن يىگىت بولۇپ قالدى ، قاۋۇل گەۋدىسى ، قارايغان بۇرۇتلىرى ، ئانىسىڭكىگە ئوخشايدىغان يوغان نۇرلۇق كۆزلىرى ...، ئۇنى كىلىشكەن دەپ تەرىپلەشكە بولاتتى . ھازىر ئۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى ، ئۇنىڭ زىممىسىدىكى مەجبۇرىيەت ئۇنىڭغا تىخىمۇ جاسارەت ئاتا قىلىپ ، ئۇنى تاۋلىماقتا ئىدى . ئۇدا مەكتەپ بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچى بولۇش ، ئۇنىڭغا زور-شان شەرەپ ، بۇ ھەم ئۇنىڭ كىيىنكى ئىستىقبالىدىن ئىشارەت بولۇپ ، تىخىمۇ كۈچەپ يالغۇنجىۋاتقان چوغقا ئوخشايتتى . ئۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى ئۈگەندى، پەننىي بىلىملەر ،شۇنداقلا رېئال جەمىيەتتىن ئالغان بىلىملەرمۇ بار ئىدى ، ئۇ ھازىر جەمىيەتتىكى نۇرغۇن ئىشلارغا جاۋاب تىپىپ بولغانىدى،ئادەملەرنى چۈشىنىشكە باشلىغانىدى. ئۇ نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئوقۇپ بولدى ، ئۆزىنىڭ كەسپىگە قارىتا پۇختا ئاساس سىلىپ بولدى . ئۇ بۇ جەرياندا نۇرغۇنلىغان خۇشاللىقلاردىن مەھرۇم قالغان بولىشى مۇمكىن ، ئەمما ، ئۇ رازى ، ئۆز نىشانى ئۈچۈن ،ھەر قاچان بەدەل تۆلەشكە تەييار ئىدى . 'xq-$p?} !  
     تەتىل كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا ، ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋاسى خېلىلا ئىسىپ قالغانىدى ، مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى يەنە بىيجىڭ يولى بۇ يىل تىخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەندەك تۇيۇلاتتى ، قويۇق ئۆسكەن دەرەخ شاخلىرى ، ياپيىشىل تۇرغان چىملىقلار ، ئازادە كەڭ ئالفسىت يوللار ، نۇرلۇق چىراغلار كوچىنى يورۇتۇپ تۇراتتى . ئەزىز دوستى بىلەن كەچلىك تاماقنى سىرتتا يىيىش ئۈچۈن مەكتەپتىن چىقتى ، ئەزىزنىڭ يۇرتدىشى بولغان مۇرات ئۇنىڭ ئەڭ يىقىن سىرداشلىرىنىڭ بىرى ئىدى ، بۇ ئىككىسى تونۇشقىلى نەچچە يىل بولدى ، شۇ جەرياندا نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى بىشىدىن كەچۈرۈشتى ، ھازىر ئۇلار «ئىككى تەن ،بىر روھ ». ! {=^_  
ـ ئاداش ،ساڭا دىسەم ، سەن راستلا مۇھەببەتلەشمەسلىكنى قەسەم قىلدىڭما ؟ ،ـ مۇرات ئۇزاقتىن بۇيان دىيەلمەيۋاتقان ئىچكى سۆزىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ، ـ ساڭا چوقۇم سەلبىي تەسىر ئىلىپ كىلەمدا ؟ &5$TM$ "  
ـ ئۇنداقمۇ ئەمەس ، مەن ئۇ توغرىسىدا قەسەممۇ ئىچىپ باقمىدىم ، ئەمما ، سەنمۇ بىلىسەن ، مەن بىر ئىشنى ئاخىرغىچە قىلمىغىچە بولدى قىلمايمەن ، مۇھەببەتلەشسەم ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە ،يەنى مەڭگۈ ئايرىلماي ئۆتسەم بولىدۇ ، NiW/bXaAW  
ـ ئۇنداقتا ، ساڭا ئاشىق بولغان شۇنچىۋالا قىزلار ئارىسىدا ، لايىق نامزات چىقمىدىمۇ ؟ [en03R  
ـ چىقتى، ھەر ئىسىل قىزلار بار ، ئەمما ، مەن ھەر ئىشتا ئانامنى ئويلىمىسام بولمايدۇ ، باشقا يۇرتلۇق قىزلار بىلەن ئاخىرغىچە چىقىرىش ئۈچۈن ، مەن ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ قىلىشىم مۇمكىن ... ، شۇڭا مەن ، مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ،يۇرتۇمدىن تاپايمىكى دەيمە ، pH> }0U;  
ـ بىر يۇرتلۇق قىزلار بۇ مەكتەپتە ساماندەكقۇ ؟ ھەم ... ،ـ مۇرات بىردەم تۇرىۋىلىپ ، ئەزىزگە سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ ئۇنىڭغا پۇراتقان ئاڭاھدا ئىيتتى ، ـ رازىيە ئىككىڭلارنىڭ مۇناسىۋىتى شۇنداق ياخشىغۇ ، ئۇمۇ ئوبدان قىز ، CTyvJ9(W's  
ـ توغرا ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولغىنىمدىن مەنمۇ بەك خۇشال ئادېش ، ئۇنىڭدەك ئوبدان قىز بەلكىم ماڭا بۇ ئۆمرۈمدە ئۇچرىماسلىقى مۇمكىن ، ئۇنىڭ ئەخلاقى ، ئۈگىنىش ، پەزىلىتى ناھايىتى ياخشى ، ئۆزىمۇ شۇنداق چىرايلىق ، لىكىن ... mR37el{  
ـ لىكىن نىمە ؟ مەن ئۇنچىلىك ئىشلارنى سەزگۈچىلىكىم بار ، سەن ئۇنى ياخشى كۆرىسەن ،بۇنى مىنىڭ قىز دوستۇم گۈزەلئايمۇ سىزىپ بوپتۇ ، ھەم ،رازىيەمۇ مۇشۇ نەچچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ئوغۇللارنى رەت قىلىپ كەلدى ، سەۋەبى نىمە ؟ بۇنى بىلەمسەن ؟ A7Nb^^+j  
ـ مەن ھەممىنى بىلىپ تۇرىۋاتىمەن ئادېــش ، لىكىن ، ئارىمىزدا مۇھەببەت بولسىلا بولمايدۇ ، مەن ئۇنىڭ كەلگۈسىنى ئويلاشمىسام بولمايدۇ ... rXo!K(  
ـ سەن ياپتا گەپنى تولا قىلما ئاداش ، بىلمەمدىم مەن ؟ سەن دەيسەن ، ئۇ باينىڭ قىزى ، مەن ئۇنىڭ بىلەن يۈرسەم ،ئاخىرىدا ئۆيدىكىلى قوشۇلماي قالسا ، تىراگىدىيەگە تەييارلىقىم يوق دىمەكچى شۇنداقمۇ ؟ :`2c1*(b)  
ـ توغرا! ، ـ ئەزىز مىڭىشتىن توختاپ دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ يەڭگىل سىلكىنىشىگە قارىدى ، ئۇ قوشومىسىنى بىر ئاز تۇرۇپ ، چۇڭقۇر تىنىق ئالدى ، ئاندىن مۇراتقا قاراپ ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا سۆزلىدى ، ـ بۇ ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب ، بەلكىم ، ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئۇنىڭغا ئويلىشىپ قويغان لايىقى باردۇر ، ياكى ئۇنداق ئەمەستۇ ، راستىنى ئىيتسام ، مىنىڭ ئىشەنچىم يوق ، مىنىڭ ئائىلەمنى سەنمۇ چۈشىنىسەن ، مەن ئۇنىڭغا روھىي جەھەتتىن ، مۇھەببەت جەھەتتىنلا ئەمەس ،ماددىي جەھەتتىنمۇ ئوزۇق بىرەلىشىم كىرەك ، بىز ماس كەلسەكمۇ ، «ئىرىقتا ھەسەل ئاقمايدۇ » ، 6lp[%:v/  
ـ سەن كەمتەرلىك قىلما ئەزىز ، سىنىڭ ئائىلىڭ ھازىر باي ئائىلىلەردىن ھىسابلىنىدۇ دىسەم ئوشۇق كەتمەيدۇ ، ھىلىقى تاغاڭنىڭ چوڭ شىركىتى بار ، ئاناڭ بولسا ھازىر دەم ئالىدۇ ،دىمەك ،ئىقتىساد ياخشى . سەن ئۇنى داۋاملىق ئازابلاشنى خالامسەن ؟ گۈزەلئاي ماڭا دەپ بەردى، ئۇ نەچچە قىتىم گۈزەلئايغا سەن توغرىلىق دەرد تۆكۈپ بىرىپتۇ ، قان ياش يىغلاپتۇ . بولدىلا ،مەن كۆپ سۆزلىمەي ،كىرىپ تامىقىمىزنى يەيلى ، ئىشقىلىپ ،ئۆزەڭ ئوبدان ئويلىشىپ باق ، خەققە بىكار ئازار بەرگۈچە ! C)9#6)bT#Y  
ئەزىز ئۈنچىقمىدى ، ئۇلار ئاشخانىغا كىرىپ كىتىشتى . ئەزىز مۇشۇ تۆت يىلدىن بۇيان ، رازىيە بىلەن ئىزچىل دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولۇپ كەلگەن ئىدى ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت تىمىسى بولۇپ قالغىنىدا ، ئەزىز ئاستا گەپنىڭ تىمىسىنى بۇرىۋىتەتتى . ئۇنىڭغا بولغان ھىسىياتىنى بىر ئۆزىلا بىلەتتى . {wN8K%  
      شۇندىن بۇيان ،ئەزىز بۇ توغرىلىق تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدى ، ئۇنىڭ مىڭىسىدە ئىككىلىنىش ئەۋج ئۇرۇپ ، كاللىسى زىددىيەتلەر بىلەن تولاتتى . ئۇنىڭ كاللىسىدىكى زىددىيەت شۇكى ، رازىيەنىڭ ئۇنىڭ سۆيگۈ تەلىپىگە ئۇناش ياكى ئۇنىماسلىق ئەمەس، بەلكى ، ئۇلار ئاخىرغىچە يۈرەلەمدۇ يوق ؟ ئاخىرى مۇرات دىگەندەك تىراگىدىيە بىلەن ئاخىرلىشامدۇ ،ۋە ياكى ۋىسالىغا يىتەمدۇ ؟ ئۇ نەچچە كۈنلەرگىچە گاراڭلا يۈردى ، ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسىدىكى يىغىنلاردا خىيال بىلەن بەنت بولۇپ كىتىپ ، كۈلكىگىمۇ قالغانىدى . ئۇ قانداق قىلىشىنى تىخىچىلا بىلەلمەيۋاتاتتى ، ئۇ ئۆزىنى شۇ تاپتا «ئانا يۇرت» رومانىدىكى <نۇرى>ئوخشىتاتتى ، ئۇ <زەينۇرە>گە قانداق قاراشنى بىلەلمىدى ، <نۇرى> غا ئوخشاش ، كەلگۈسىنى ئۈمىدكە تولدۇرۇپ ، ئۇنىڭغا كۆڭۈل رىشتىنى بايان ئەيلەشنى ئويلىشىۋاتاتتى ، ئەلۋەتتە ، ئەزىزنىڭ تۇرمۇشىدا ھىچقاچان <سەبىخە>ياكى<پەرىخە>بولۇپ باقمىغان ، شۇڭا ، ئۇنىڭ يۈز كىلەلمىگۈدەك ئادىمى يوق ، ئۇ ھىلىمۇ كۆپ پۇرسەتنى ئۆتكۈزۈپ قويدى ، ئۇ يەنە «ئىچىنى تىشىغا ئاچمىسا » ، <سۇلايمانوف>تەك ئادەملەرنىڭ رازىيەگە ئىرىشىشى مۇمكىن ئىدى . شۇڭا ، ئاخىر قارار قىلدى ... lF0rY73  
}(0{-r}$$  
ـ ۋۇي ئاداش ، ئۇ نىمە دەپ يىزىپتۇ ؟ ،ـ مۇراتنىڭ قىزدوستى گۈزەلئاي رازىيەدىن ھەدەپ ئەزىز ئۇنىڭغا يازغان خەت توغرىلىق كوچىلاپ «سوراق»قا چۈشكەنىدى ، ـ دىگىنە تىز ، ئەدەمنى تەقەززا قىلدۇردۇڭغۇ تازا ؟! lLV MY$@  
ـ ۋۇيجۇن ئاداش ، مەن دەپ بىرىمەن ،ئالدىرىماي تۇرە ،مەن ئاۋۋال ئويلىشىپ بولۇپ ، ئاندىن ساڭا مەزمۇنىنى دەپ بىرەي ... `J1|T9h  
ـ ھا ھا ، ۋۇ قىلىن ! ،ـ گۈزەلئاي ھىجايغىنىچە رازىيەنى چىمدىپ قويدى ، ـ ئۇ ساڭا ئاخىر تەلەپ قويۇپتىدە ؟ ئۇ مۆڭ دورىنى خاتا يەۋالمىغان بولغىيتى ؟ ھاھا ،  E9qQga  
ـ ماڭە ساراڭ ، ئۇنداق ئەمەس ، ئۇ ئىشقىلىپ ئاخىر ئىغىز ئىچىپتۇ ، ـ رازىيەنىڭ شەھلا كۆزلىرى يىرىم يۇمۇلۇپ ، يۈزلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ كەتتى، ~k.XJEva\  
ـ ۋاي، قىزىرىپ كەتكىنىنى ما خاننىڭ ئەمدى ، ھى ھى . ئەمسە ...، سەن ئۇنىڭغا «ۋاي مەن ئاران تۇرغان ، جىنىم بىلەن ماقۇل بولىمەن! » دەرسەن ؟ ھاھا ، SHeE >=)^  
ـ ئۆتەپ بارە ، مەن يا ئىتىزدىن تىپىۋالىدىغان قوناق كۆتىكى بولمىسام ، ئۇنى قىيناپ تازا ... ، ?Bs+#'qcq  
ـ ھەي ھەي ! ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قوي جۇما ، ئۇنىڭدىن ئاران بىر ئىنجا چىققاندا شاپپىدە تۆمۈرنى قىززىقىدا سوقمىساڭ ، قۇرۇق قىلىشىڭ بار گەپ ، ئويلاپ ئىش قىل ھە ، DC"7IR\Gl  
ـ ۋاي بىلىمەن ! سىنىمۇ زە ... [d>m- }G  
     رازىيە ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب بىرىش توغرىسىدا ئويلىشىپ بىر قارارغا كىلەلمەي ۋاقىتمۇ سۇدەك ئۆتمەكتە ئىدى . ئۇ قوشۇلۇش ،قوشۇلماسلىقنى ئەمەس، بەلكى قانداق شەكىلدە قوشۇلۇشنى ئويلىشىۋاتاتتى . ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ كەتتى ، ئەزىز ئۆزىدىن گۇمان قىلماقتا ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى سۇسلاشماقتا . مانا ،بىر ئايدىن بىرى رازىيە بىلەن گەپمۇ قىلىشىپ باقمىدى ، نەچچە قىتىم بىر-بىرىگە باش لىڭشىتىپ ئۆتۈشۈپ كەتكەن يىرى بار . ئەزىز ئاخىر پارتىلىدى ، ئۇ ئىنتىھامنى بىرىپ بولۇپ، يۇرتىغا قايتىش ئارىلىقىدا تۇرغان ۋاقىتتا ، رازىيەنى مەكتەپ كەينىدىكى باغقا تەكلىپ ئەتتى ، ئەنە ، ئۇ كۆل بويىدا ئولتۇرۇپ ، ئۇنى ساقلىغاچ تۈرلۈك خىياللارغا بەنت بولماقتا ، رازىيەگە قانداق ئىغىز ئىچىش ، نىمىلەرنى دىيىش توغرىسىدا قاتتىق ئويلاشماقتا . تۇيۇقسىز «ھوي!»دىگەن ئاۋازدىن ئۇ چۈچۈپ كەينىگە قارىدى ، ئۇزۇن چاچلىرىنى ئەركىن قويۇۋەتكەن ، چىرايلىق ئەتلەس كىيىۋالغان ، ئۇماققىنە تۇمشۇقلىرىنى ئۇچلىغىنىچە قاراپ تۇرغان ، شەھلا كۆزلىرى تىخىمۇ نۇرلىنىپ كەتكەن رازىيەنى كۆردى دە ،ۋاللىدە قىزىرىپ كەتتى ، [J}l7,%X  
ـ كىلىڭە ، ئولتۇرىڭە ، ـ ئەزىز شۇنداق دىگەچ رازىيەنى يىنىدىكى تاشنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى ، رازىيە سىلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئاۋايلاپقىنا ئولتۇرۇپ ، كۆلگە قارىغىنىچە سۈكۈتتە تۇراتتى . ئەزىز بەكلا ھودۇقۇپ كەتكەن بولسا كىرەك ،بايا ئالدىن تەييارلىۋالغان سۆزلىرىنى ئۇنتۇپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ كاللسىغا نىمە كەلسە شۇنى دىمەكچە بولدى : cN6f0fQ  
ـ رازىيە ، سىز ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟ tF:kCIG:  
ـ ھە؟ نىمىنى ؟ ، ـ رازىيە قەستەن بىلمەسكە سېلىۋالدى ، t[=rC?a  
ـ شۇ ... ئاۋۇ ... ،ـ ئەزىز دۇدۇقلىغىنىچە تۇرۇپ قالدى ، دەقىقە ئىچىدە ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، ـ مىنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ ؟ t4PTJU S|  
ـ ھىم...، ئويلاشتىم ، لىكىن ،تولۇق ئەمەس ، u1&z9YHw  
ـ بىر ئايدىمۇ تولۇق ئويلىشىپ بولالماپسىز دە ، مۇراتنىڭ سىزنى قوشقا قاتقان موزاي دەپ تەرەپلىگىنى توغرىكەن ئەسلى ، ـ ئەزىز ئۇنىڭغا چاقچاق تەرىقىسىدە ئىيتتى ، =3E&asw  
ـ بىزەڭ ! ئەسكى ! `M@#r[Qf  
ـ خاپۇممىڭە ، ئەمسە ، مىنى ... مىنى قوبۇل قىلامسىز ؟ k_-lj\  
ـ ھىم ... ، ـ رازىيە قىزىرىپ كەتتى ، تىلىنىڭ ئۇچىدا بوشقىنا دىدى ، ـ سىز يەنە بىر قىتىم غەلبە قىلدىڭىز ،  IX%$rqB  
ـ راستما ؟ ۋاھ ، مەن غەلبىگە ئىشەنچىم بارتى ، بۇنى ... بىلىق قارماققا ئىلىندى دەمدۇق ؟ ھاھا ، y|9}Z=@x  
ـ ساراڭ ،سىزمۇ شۇنداق تىتىقسىز گەپ قىلىدىكەنسىز ھە ؟ ئويلاپ باقماپتىمەن ، |6z 7*h`.  
ـ ئۇنداقتا ، مىنىڭ تۇز ماددام كىمىپ قالغان ئوخشىمامدا ؟ شورلۇققا چىقىپ چىسەم بولغۇدەك جىما ، ـ دىدى ئەزىز ساپ قەشقەر شىۋىسىدە ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ، ـ قايلىڭە ، كۆلدە بىلىق باركەن ، ـ ئەزىز شۇنداق دەپ ، قولىنى ئاستا رازىيەنىڭ مۈرىسىگە ئۇزاتتى ،يۈرەك سوقۇشى شۇ دەقىقىدە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىققانىدى ، ئۇ قولىنى رازىيەنىڭ مۈرىسىگە ئاخىر قويدى ، رازىيە ئەزىزگە نازلىق قاراپ، ئاستا ئۇنىڭ دولىسىغا بىشىنى قويدى ... rNi>7T b  
     پاكلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇھەببەت ھېكايىسى ئەنە شۇ دەقىقىدىن باشلاپ داۋام قىلىشقا باشلىدى ، شۇ تاپتا ، ھەر ئىككىسى كىتابلاردىلا ئوقۇغان ، رومانتىك مۇھەببەت ھېسلىرىنى ئۆز ئەمەلىيتىدە ھېس قىلماقتا ، يۈرەك تاۋۇشلىرىنى ئۆزئارا بايان قىلىشماقتا ، ئەڭ ئوتلۇق ، ئەڭ نازۇك ، ئەڭ پاك ، ئەڭ سەمىمىي ، ئەڭ ..... ھېسلاردىن تۇيغۇ ئالماقتا ... 'G/vb--)n  
ئۇلار شۇندىن كىيىن ، ئۈگىنىشنى ، كەلگۈسىگە ئاساس سىلىشنى ئەڭ ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا ، ئۆز مۇھەببەت ئوقىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى . مەكتەپتە ، بۇ ئىككى كۆزگە كۆرۈنگەن بىرجۈپلەرگە خىلمۇخىل قوشاقلار ، رىۋايەتلەر توقۇلماقتا ، شۇنداقلا ، جەمىيەتنىڭ رېئال ھادىسىسى بولغان كۆرەلمەسلىك ئەندىزىسىمۇ تەڭ ۋاقىتتا يۈز بەردى ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن ئىغۋا ، پىتنە-پاسات تارقاتقۇچىلارمۇ بولدى . ئەمما ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ داۋام قىلىشىغا قىلچە توسالغۇ بولمىدى ،ئەكىسچە ئۇلارنىڭ رىشىتىسىنى تىخىمۇ چىڭ باشلاپ تۇردى . مۇھەببەت جەريانىدىكى ئىخچام تەسەۋۋۇرلارنىڭ قانات تىپىشى ، ئىلھام قۇشلىرىنىڭ پەرۋاز قىلىشى بىلەن، ئۇلار ئۆزئارا شىئېرلارنى ،نەسىرلەرنى يىزىشاتتى . ئۇلار ئەنە شۇ دەرىجىدە مۇھەببەتلىك ئىدى . *[GEgt_1  
      كۆزنى-يۇمۇپ ئاچقۇچە ، ئۇلار قەشقەرگە قايتىپ پاراكتىكىغا چۈشتى، بۇمۇ تىزلا ئۆتۈپ كەتتى، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە بولغاچقا ، ئۇلار قىلچە توسالغۇسىز خىزمەتكە ئورۇنلاشتى ، ھەر ئىككىسى ئاخىر كۆڭۈلدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا جايلاشقىندىن خۇشال بولۇشۇپ ، نىشان ئۈچۈن ئىزدىنىپ ، ئىرىشكەن كۆرۈنەرلىك مۇۋاپىقىيىتىنى تەبرىكلەشتى . ئەمدى ئۇلارنىڭ بىرلا ئەندىشىسى قالغانىدى ، ئەگەر ئۇلار مۇشۇ سىناق توسالغۇدىن مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتۈپ كەتسە ،مەڭگۈ بىرگە بولۇشنىڭ ئەمەلىيتىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇشاتتى ...  zK$DZ5  
I^bWP.  
4l>6!Y  
r,b/.fWA$  
,40K 0T:]  
                                                                     

                                                              ھاسىل بولغان مۇراد (=_}s&%;r  
F50!':^  
;3pK8h#F  
)2021j  
      قەشقەرنىڭ تەرەققىياتى 21-ئەسىر كەلگەندىن بۇيان ناھايىتى زور تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى ، مەيلى مائارىپ ، سەھىيە ، ئىدارە-ئورگان ،كارخانىلار ، يول قاتناش ۋە ساياھەت دەرىجىسى بولسۇن ،ھەممىسىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرلەش ، پىرىنسىپچانلاشتۇرۇش مىخانىمىزى يولغا قويۇلۇپ ، كەڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىگە قاراپ ئالغا سىلجىماقتا ئىدى . ئەلۋەتتە ، ھەرقايسى ساھەدىكى "پارازىت قۇرۇتلار" نىڭ ئىلىپ كىلىۋاتقان سەلبىي تەسىرلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . ھازىر قەشقەردىكى چوڭ يوللارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك كەڭ ئالفاسىت يوللارغا ئالمىشىپ ، قاتناشنىڭ ئۈنۈملىكىگە قولايلىق يارىتىپ بىرىلگەنىدى . ياز ئايلىرى باغلاردا پىشىپ تولغان سانجاق مىۋىلەر ئادەمنىڭ ئاغزىغا سىرىق سۇ كەلتۈرۈپ ، يىگۈسىنى كەلتۈرەتتى . شەھەر سىرتىغا جايلاشقان باغلارنىڭ بىرىدە ، ئەزىز بىلەن رازىيە مىۋىلەردىن بەھر ئالغاچ ، شىرىن پاراڭلارغا چۈشكەنىدى ، Iomz*>\>  
ـ ئەزىز ، ماڭا قارىڭە ، ـ رازىيە ئەزىزنى ئۆزىگە قاراتتى ، ـ قەشقەردىن ئايرىلساق ،ھەجەپبىر بوپ قالىدىكەنمىز ھە ؟ بەك مىھرى ئىسسىق شەھەر جۇمۇ بۇ ، !"iV|YN'  
ـ ھە ، ئۈرۈمچىلىك ،ما شە جىما ماۋۇ ، قەشقەر بولغاندىكىن ، ئاغزىمىزنى ئۇشلاپ گەپ قىلماي ، توغرا شىۋىنى ئىشلىتىلى ، S d}Gy}  
ـۋىيەي ما شەلىكنىڭ گىپىنى ، ماقۇل غوجام ، توغرا شىۋە دەپ كەتكىنىنى ، v-:gC (=  
ـ ھاھا ، رازىيە ، ساڭا بىر گەپ قىلاي ، ـ ئەزىز شۇنداق دەپ كۆزلىرىن يوغان ئىچىپ ، رازىيەنىڭ خۇمالىق كۆزلىرىگە تىكىلدى ، ـ سىنى ئالاي دەيمە ، ماڭا قاچان تىگىسەن ؟ k`1\ bkB  
ـ ۋىيەي ما قىلىننى ، چىم سىزگە تىگىمەن دەپتۇ ؟ خوتۇن ئالغىڭىز بولسا ، ئاۋۇ پىت بازىرىغا بارسىڭىز تاپالايسىز ، )+hjSF:e  
ـ ھەي ، چاقچاق قىلمىدىم ! تىزراق تويىمىزنى قىلايلى ، سەن ھايتلا دىيىۋەتسەڭ ،مەن ئۆيۈڭگە «لەشكەر» ئەۋەتىمەن ! !w%" 
ـ «ئۈرۈك تىخى پىشمىدى !» hJ/K1} 3g  
ـ نىمە ؟ تىخى پىشمىدىما ؟ قاق بولاپ كەتسەڭ ئالمايمەن جىما لىكىن ، شۇنى دەپ قوياي ، +y$+  
ـ ۋۇيت ، ئالىمەن دەپ ئالىدىغان ، ئالمايمەن دەپ ئالمايدىغان مەن بى ئەسكى رومال ئەمەس ، tB^z J  
ـ ئەمسە ، دىگىنە ، قاچان تەييارلىقىڭ پۈتىدا ؟ مەن ئىشتەي ساقلاپ ئولتۇرىۋىرەمدىمەن ؟ V <ilvjf  
ـ ساقلاڭ تازا ! + ickN(cqH  
ـ ۋاي چاقچاق قىلماي دىگىنە ! ، *Wcp2/9=  
ـ ھىم ...، ـ رازىيە بىردەم ئويلاشقاندىن كىيىن ، ـ بۇ ئايدا مۇرات بىلەن گۈزەلئاينىڭ تويى بولىدۇ ، ئەمسە ،كىيىنكى ئاي ، 8-ئايدا بولسۇن ،قانداق ؟ ئەمدى سۇ ئىچتىڭىزمۇ ؟  >*(-4*v^  
ـ سۇ ئەمەس جىنىم ، دوغ ئىچكەندەك بولدۇم دىگىنە ، ھاھا . w!Jqs~Qj  
     مۇرات بىلەن گۈزەلئاي ئۆيىدىكىلەرنى تەسلىكتە قايىل قىلىپ تويغا كىلىشكەنىدى ، گۈزەلئاينىڭ ئائىلە كىلىپ چىقىشى سەل ئادەتتكىچە بولغاچقىمۇ ، مۇراتنىڭ ئۆيىدىكىلەر تەسلىكتە قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار بەختنىڭ مەھسۇلى بولغان تويىنى كۈتىۋالدى . ئەزىز مۇراتنىڭ ئوغۇل قولدىشى ، رازىيە بولسا گۈزەلئاينىڭ قىز قولدىشى بولدى . توي ناھايىتى قىززىغانىدى، مۇراتنىڭمۇ كەڭ ھويلىلىق ئۆيى بولغاچقا ، توي ئەنئەنىۋى قائىدە بويىچە ئۆيدە ئۆتكۈزۈلدى ، تويدا ئەزىز بىلەن رازىيە تولا پايپىتەك بولۇپ ، ھارغىنلىقتىن جۇلقى چىقىپ كىتەي دەپ قالغانىدى ، ئەمما ئۇلار دوستىنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن رازى ئىدى . ئەزىز تۇرۇپلا مۇراتقا ھەۋىسى كىلىپ قالدى « مىنىڭمۇ مۇشۇنداق تويۇم بولارمۇ ؟ ئەل-جامائەت يىغىلىپ تويۇمنى تەبرىكلىشەرمۇ ؟ زادى رازىيە بىلەن توي قىلالارمەنمۇ ؟» بۇ خىيال ئۇنىڭ كاللىسىنى چۇلغاپ ئالغانىدى . شىرىن بىر ئارزۇ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى تىترىتىپ ،ئۇنى ھاياجانلاندۇرسا ، تۇرۇپلا كۆڭۈل ئاسمىنىدىكى پەيدا بولۇش ئىھتىماللىقى بولغان قارا بۇلۇت ئۇنى ئەندىشىگە سىلىپ ،تىنىنى شۈركۈندۈرەتتى . تويمۇ ئۇزىدى ، ھەممە بۇ بىرجۈپكە بەخت تىلىشىپ ئۇلار بىلەن خوشلاشتى ... q@D# c^N^  
ـ قايلا ئا ئىككىسىگە ، نىمدا بەختلىك ھە ؟ ، ـ كىچىدە قول تۇتۇشۇپ تويدىن يانغان بىر جۈپ پاراڭلاشماقتا ئىدى ، ـ بىزنىڭمۇ تىزرەك تويىمىز بولسا ... ، سىنى تىخىمۇ بەختلىك قىلاتتىم ! =&OJ6O  
ـ ھەجەپ ئالدىراڭغۇ جۇما سىز ، ھى ھى ، ـ دىدى رازىيە ۋىلىقلىغىنىچە كۈلۈپ ، ـ مۇشۇنداق ئالدىراپ تۇرۇڭ ، تازا قىينىمىسام سىزنى ! 4]V&yh4  
ـ .... ، ـ ئەزىز ئۈن چىقماي جىمجىت ماڭدى ، ئۇ ئويچان كۆزلىرىنى ئۇدۇلغا تىكىپ ، ئۇلۇغ كىچىك تىندى . D\)}.{b  
ـ ھىم ؟ نىمە بولدى سىزگە ؟ جىمىپ كەتتىڭىزغۇ ؟ نىمىنى ئويلاۋاتىسىز ؟ B `@Et9T  
ـ تويىمىزنى ئويلاۋاتىمەن رازىيە ، ـ ئەزىز شۇنداق دەپ ، قولىنى رازىيەنىڭ مۈرىگە قويدى ، ـ مەن تويىمىزدىن ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن رازىيە ! ، ـ ئۇنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقتى ، رازىيە ئويلۇق كۆزى بىلەن ئۇنىڭ ئەنسىز چىرايىغا قاراپ تەسەللىي بەردى : 3%I,4^{g!?  
ـ بىز چوقۇم توي قىلىمىز ئەزىز ، خاتىرجەم بولۇڭ ، ئاخىرغىچە بەرداشلىق بىرەيلى ، بىز تىخى ھىچقانداق قىيىنچىلىقنى كۆرمىدۇق ، ھەممە ئىش چوقۇم ئويلىغىنىمىز بويىچە بولىدۇ ، :;CqY Jrm  
ـ دىگىنىڭدەك بولسۇن رازىيە ، ـ ئۇ رازىيەنى چىڭ قۇچاقلىدى ... /4<$CMlQ  
*c{~^S  
      ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ، ئەزىز بىلەن رازىيە توي قىلىشنى رەسمىي قارار قىلدى ۋە تىزلىكتە كىرىشىشنى باشلىدى . ئەزىز رازىيەنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ ، ئانىسىغا كۆرسەتتى، ئانا بۇ مىھرى ئىللىق ، مۇلايىم قىزنى ياقتۇرۇپ قالدى ،ھەمدە توي ئىشىغا تىزلا قوشۇلدى ، ئۇ ئۆز بالىسىنىڭ تاللىشىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى . ئەمدى، ھالقىلىق مەسىلە رازىيەنىڭ ئۆيىدىكىلىرىدە قالغانىدى . رازىيە ، ئەلچى كىلىشتىن بۇرۇن ، دادىسىغا ئازراق پۇرىتىپ قويدى ، چۈنكى ، رازىيەنىڭ دادىسى ئوقۇغان زىيالىي بولۇپ ، ياشلارنى چۈشىنەتتى ، مىجەزى تۈز ،خۇشچاقچاق ئىدى . رازىيە كىچىكدىن دادىسىغا قەۋەتلا ئامراق بولۇپ ، ئانىسىغا ئىيتالمىغان سۆزىنى دادىسىغا ئىيتاتتى ، دادىسىنى ناھايىتى يىقىن كۆرۈپ ، ئۇنىڭدىن سىر يوشۇرمايتتى . KdN5?o  
     تۇنجى قىتىملىق كىرگۈزۈلگەن ئەلچىلەر مۈجمەل جاۋابنى ئىلىپ چىقتى ، توي ئىشىغا ، رازىيەنىڭ دادىسى قوشۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ، رازىيەنىڭ ئانىسى ئەزىزنىڭ ئائىلىسىنى ياراتمىدىمۇ قانداق ؟ كىيىن بىرگەپ بولسۇن ، دەپ ، ئەلچىلەرنى قايتۇرىۋەتتى . رازىيە ياتاق ئۆيىگە بىكىنىۋىلىپ ،توختىماي يىغلايتتى ، ئانىسى ئۇنىڭغا بىرمۇنچە نەسىھەت قىلسىمۇ ، ئۇنىڭغا «ئۆدەككە سۇ يۇقمىغان» دەك ھىچقانچە تەسىر قىلمىدى . 1X"PX9N  
ـ بولدى قىلىڭە قىزىم ،كەچكىچە يىغلاۋەرگەن بامۇ ؟ سىز نەچچە بوتۇلكا ئاسمىنى يىغلاپ بولدىڭىز ...، ـ رازىيەنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللىي بەرمەكتە ئىدى ، 6bX>iW\Pp  
ـ ئەمسە قانداق قىلىمە دادا ؟ ، ـ دىدى رازىيە يىغلاشتىن توختاپ دادىسىغا سوئال نەزىرى بىلەن قاراپ ، ـ ئاپام ئۇ نىمىشقا ئۇنىمايدۇ ؟ ئەزىز ھەر تەرەپتىن شۇنداق ياخشىغۇ ؟ ئۇنىڭغا ئەزىزنىڭ نىمىسى يارىمايدىكىنە ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ئادەتتىكىچە بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ ؟ ھە دادا ؟ }k@@EHd  
ـ ھىم ...قىزىم ، بۇ ئۇنداقمۇ ئەمەس ، ـ دادا قىزىغا قاراپ چۈشەندۈردى ، ـ ئاپاڭنىڭ بەلكىم ئويلىغانلىرى باردۇر ، ئۇنى توغرا چۈشەن ،سەنمۇ يا باشتا ئاز-تولا پۇرىتىپ ، ئاپاڭغا ئۇقتۇرغاچ تۇرماپسەن ئەمەسمۇ ، ئۇ تۇيۇقسىز بولغان بۇ ئىشتىن ئىككىلىنىپ قالغان چىغى ،خاتىرجەم بول ھە، مەن ئاپاڭنى قايىل قىلىمەن ، K['7i:  
ـ چوقۇم شۇنداق قىل دادا ، مەن ساڭىلا قايلاپ قالدىم ! ، ـ دىدى رازىيە دادىسىغا ئۈمىدلىنىپ قاراپ . aXi?iF  
     رازىيەنىڭ دادىسى ئىمپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ ، ئىشلىرى كۈندىن كۈنگە يۈكسىلىپ كىتىپ باراتتى ، ئەمەت ھاجى دىسە ، سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ تونۇمايدىغىنى يوق ئىدى . ئۇ يالغۇز قىزىغا تولىمۇ كۆيىنەتتى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، قىزىغا ئەزەلدىن يۇقىرى تەلەپ قويۇپ ، ئۇنى تەربىيلەشكە ئالاھىدە قارايتتى ، چۈنكى دادا بولغۇچى قىزىنىڭ تەقدىرى ،بەختى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى ئانىدا بولۇشقا تىگىشلىك پەزىلەتلەرنى يىتىلدۈرىشىگە كۆڭۈل بۆلەتتى . رازىيەنىڭ ئانىسى ، مەريەم ئانىمۇ گەرچە ئاز-تولا ئوقۇغان بولسىمۇ ، ئەمما ، ئۇنىڭ مىجەزىدە يەنىلا بەزىبىر ئايرىم پاسسىپ كۆز-قاراشلار مەۋجۇت ئىدى . ئۇنىڭدا يۇقىرى-تۆۋەن تەبىقە ئېڭى ئۇنىڭدا ئىدىيىسىدە ئاز-تولا شەكىللىنىپ قالغان بولسىمۇ ، ئەمما ،ئۇ تىگىدىن قىزىغا كۆيۈنەتتى، قىزىنىڭ كەلگۈسىنىڭ ياخشى بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتى . ئەمما ... I wLR[3  
ـ ئاپلا ئانىسى ، نىمانداق جاھىللىق قىلىدىغانسىلە ؟ ئەمدى زادى نىمە كاللاڭلىدىن ئۆتمەيۋاتقاندۇ ؟ ، ـ ئەمەت ھاجى مەريەم ئانىغا ھەدەپ «ئىدىيە خىزمىتى » ئىشلىمەكتە ئىدى ، ئۇنى قايىل قىلىشقا ئۇرۇنماقتا ئىدى ، ـ ئۇ بالا شۇنداق ياخشى بالىكەن ،مەن ئاتايىتەن سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنمۇ شۇنداق ياخشى كىشىلەردىن ئىكەن ، دادىسى بالدۇرلا تۈگەپ كىتىپتۇ ، لىكىن ئانسىنى شۇنداق ئوبدان ،رايىشلىق مەزلۇم ئىكەن . ئۇ بالا ... ، ھە ، ئەزىز مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ ، ھازىر خىزمەتكە چىقىپ بوپتۇ ، ھەر جەھەتتىن بولىدىكەنغۇ ؟ سەن يەنە نىمىشقا ... LKRa"%X*'  
ـ ۋىيەي دادىسى ، سىلى ئويلاپ باقمىلىمۇ ؟ ئانىسى سەي ساتىدىغان ئايالكەن ، ئۇ ئايالنىڭ ئىنىسى رىمۇنتچى دەمدۇ ئىشقىلىپ ئاشتاق بىر شىركىتى بارمىش ، قىزىمىز ئۇنداق ئائىلىگە كىلىن بولسا ، جاپا تارتىپ قالمامدۇ ؟ قىزىمىزنىڭ كىيىنلىكىنى ئويلىماملا ئۆزلىرى ؟ `3S>S4`  
ـ ۋاي ئۇنداق ئەمەسكەن ، سەن چىمدىنمۇ ئاڭلىغانسە ؟ ئانىسى دۇككىنىنى باشقا بىرسىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىپتۇ ، ئىنىسىنىڭ چوڭ بىر رىمۇنتچىلىق شىركىتى باركەن ، قىزىمىزنى بىرىدىغان ئادەمنى ئەڭ ئالدى بىلەن ئويلاشمامسەن ؟ ھازىر ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇلىغا كۆرەڭلەپ كىتىپ بارغان ياشلارنى بىلمەمسىنا ؟ قايلا ، ئۇنداق جاھىللىق قىلما ، ئۇ بالىنىڭ ئەخلاقى ، ئىستىقبالى ھەم قىزىمىزغا بەخت ئىلىپ كىلەلەمدۇ يوق ، مانا مۇشۇنداق ئىشلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويساڭ بولىدۇ ، ئەگەردە ئۇنى پۇلى بار ،ئەمما ، ئەخلاقى ناچار ئادەمگە ياتلىق قىلساق ، سەنچە قىزىمىز بەختلىك بولارمۇ ؟ &Z SX  
ـ ھىم ... بۇ دىگەنلىرىمۇ راس ئەمدى ، ـ مەريەم ئانا ئويلىنىپ قالدى ، دىمىسىمۇ قىزىنىڭ بەختىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كىرەك ، ئۇ يىگىت راس ھەر جەھەتتىن ياخشىكەن ،شۇنداقتىمۇ ... ، ـ دادىسى ،مەن يەنە بىر ئويلىنىپ باقاي ... =gAZ(33  
ـ مەيلى ئەمسە ، ـ دىدى ئەمەت ھاجى كۆزلىرىنى يۇمۇپ ، ـ ئىشقىلىپ ،ئوبدان ئويلان ، ئۇ يىگىتنى كەتكۈزۈپ قويۇشنى خالىمايمەن . u:#x?}_  
      مەريەم ئانا قاتتىق ئويلاندى ، نەچچە كۈندىن بۇيان تۇتقان-قويغىنىنى بىلمەي ،ئەس-يادى مۇشۇ ئىشتا قالغانىدى ، ئۇ يولدىشى دىگەندەك ، قىزىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ ئويلاشقا كىرىشتى ... 4`W[N=7  
شەھەرنىڭ چىتىگە جايلاشقان كىرەمباغنىڭ ئەتراپىدىكى بىر قەھۋەخانىدا ، ئەزىز بىلەن رازىيە ئىككىسى مىۋە سۈيى ئىچىشكەچ پاراڭلاشماقتا ئىدى ، 3X/)hS(2a  
ـ ئاپاڭ باشقا گەپ قىلمىدىمۇ ؟ ،ـ دىدى ئەزىز رازىيەگە قاراپ ، :NE7 VB6b  
ـ ياق ، مۇشۇ نەچچە كۈندىن بۇيان ، دادام ئۇنىڭغا تەربىيە ئىشلەپ ،نەچچە قات تىرىسىمۇ چۈشۈپ كەتتىمىكى دەيمەن ، ئاپام تىخى ئىغىز ئىچىپ بىرنىمە دىمىدى ، مەنمۇ ئەنسىرەپ قىلىۋاتىمەن ، ئەگەر ... ;iPv97>  
ـ ئەگەر ئەمەس ، ئۇ چوقۇم قوشۇلىدۇ ، ـ ئەزىز رازىيەنىڭ گىپىنى بۆلۈپ ، ـ مىنىڭ ئىشەنچىم بار ، ئەگەر راست سەن دىگەندەك «ئەگەر» بولۇپ قالسا ،مەن ئۈزۈم ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپ ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىمەن ، ئۇنى ئۆزۈم قايىل قىلىمەن . AT8cB\  
ـ راستما ؟ ئەمسە ... ، ـ رازىيە شۇنداق دەپ تۇرىشىغا ، ئەزىز يىڭى ئىلىپ بەرگەن يانفۇنىغا تىلفۇن كەلدى ، KkU*Bu,  
ـ ۋەي ئاپا ... ، ئۇ شۇنداق دەپ تىلفۇن سۆزلىشىشكە باشلىدى ... JZ#X%1K  
ـ ھەئە ، ئۇ يىنىمدا بار ، .... ، ئۇنى ھازىرلا باشلاپ بارامدىمەن ؟ .... ئىم ، ماقۇل ، خوش ئاپا ، g8IIJ  
ـ ئاپاڭ نىمە دەيدۇ ؟ ، ـ دەپ سورىدى ئەزىز سوئال نەزىرى بىلەن قارىدى ، }Z+ V?BGp  
ـ ئۇ سىزنى ھازىرلا بىزنىڭ ئۆيگە كەلسۇن دەيدۇ ، ئەزىز ، ئاپامنىڭ كاللىسىدىن ئۆتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ M$+o r!h  
ـ مەنچىمۇ شۇنداق ، ماڭايلى ئەمسە ئۇ ساقلاپ قالمىسۇن ، PU\g }3.  
ـ ماقۇل ، OstS  
ئۇلار قەھۋەخانىدىن يىنىپ چىقىشتى ، رازىيە يول بويىغا چىقىپ تاكسى توسماقچى بولدى ، M'ua@ )x  
ـ توختاپ تۇر رازىيە ، ـ ئەزىز ئۇنى كەينىدىن چاقىردى ، 4?2lF$Lyd  
ـ ھە ؟ نىمە بولدى ؟ 5cwgYkXZ  
ـ ئازراق سوۋغاتتەك نەرسىلەرنى ئىلىۋالاي ... "/3OnL]M  
ـ سىزنىزە ... :/WXYT  
      ئەزىزنىڭ مەريەم ئانىغا بەرگەن تۇنجى تەسىراتى شۇنداق ياخشى بولدى ،ئۇنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىقلىقى ، قايىل قىلارلىق گەپ سۆزلىرى ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولغان چىن ۋەدىسى مەريەم ئانىنى تەسىرلەندۈرۈپ ، ئۇنى قايىل قىلغانىدى ، شۇنداق قىلىپ ، مەريەم ئانا ئاخىر بۇ تويغا قوشۇلدى ، ئەزىز بىلەن رازىيەنىڭ بۇ چاغدىكى خۇشاللىق ھىسىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەش مۇمكىن ئەمەس ئىدى . شۇنداق ، بۇ بىرجۈپ چىن ئەقىدىلىك ئاشىق-مەشۇقلار ئاخىر مۇرادىغا يەتكەنىدى ، ئۇلارنىڭ ئارزۇسى ھاسىل بولغانىدى ، خۇددى باھاردىكى بىر جۈپ قۇش يىراق ئىككى نىشاندىن ئاخىر تىپىشىپ ، ۋىسالىغا يەتكەندەك ... QZ=+_f  
      ئۇلار ئىزچىل تەقەززا بولغان تويمۇ ئاخىر ئۆتكۈزۈلدى ، ئەزىز بۈگۈن ناھايىتى خۇشال ئىدى ، مەسۈم ئانا بولسا ، ئەزىزنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر . ئۇ تۇرۇپ-تۇرۇپ ئوغلى ئەزىزگە سىنچىلاپ قاراپ قوياتتى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردىن ئابدۇكىرىم كىلىپ ، كۆزىگە ياش كەلدى ، ئۇ ئىچىدە « ئىسىت ، ئۇ بولسىچۇ ، بۇنداق خۇشاللىق كۈنگە رىسقى ئۇلاشماي قالدى » دەپ پىچىرلاپ قويدى . /L-,)u(*O  
رازىيە بولسا ، بۈگۈن قاتتىق جىددىيلىشىۋاتاتتى ، ئۇ ، شۇ تاپتا بۇ ئۆزىنىڭ چۈشى ياكى رېئاللىقى ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ ، پات-پات يۈزىنى چىمدىپ قوياتتى ...  
     تاغارچى كوچىسىغا جايلاشقان بۇ كەڭ ھويلىلىق ئۆيگە نۇرغۇن ئادەم يىغىلغانىدى، ئۇلار ئەزىزنى تەبرىكلەشمەكتە ، بىر جۈپ ياشقا بەخت تىلەكمەشتە ، ئۇلارنىڭ ۋىسال خۇشاللىقىغا جۆر بولۇشماقتا . شۇنداق، ئەزىز ئاخىرى ئۆمرىدىكى ئۇلۇغۋار سانالغان ئىشتىن بىرنى ئورۇندىدى ، توي خۇشاللىقى ئۇنى كەبى مۇئەللەقتىكى ئاپئاق بۇلۇتلار قاينىمىغا سۆرەپ كىرگەنىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ،بۈگۈن ئۇنىڭدەك بەختلىك ئادەم يوق ئىدى ...  Kd//xW1  
tI> -)aF  
PD1o3V  
{]K ?:3L  
!fI&VUo9  
2@Gn[(9bR3  
                                                             

                                              زىددىيەت ئىچىدىكى ئاخىرقى تاللاش G-mFE1/8  
SB%ua?DdW  
      ئادەملەر ئىمكاندىن پۇرسەت ئىزدىشىدۇ ، ۋاقىتتىن نىممەت كۈتىشىدۇ ، ئەتىگە ھەممە ئۈمىدىنى باغلاپ ، ئەتىنىڭ ئۆزىگە بىغىشلايدىغان خىيالىي سوۋغىتىدىن تەسەللىي تىپىشىدۇ ، ئۈمىدلىنىشىدۇ . ئەمما ، بۈگۈننى چىڭ تۇتمىغان ئادەم ئۈچۈن ئىلىپ ئىيتقاندا ، ئەتە ھامان ئوخشاش نەتىجىسىز ھەم ئەھمىيەتسىز . پەقەت ، بۈگۈننىڭ ئۆزىدىلا ، ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ، مەجبۇرىيەتلىك ۋە مەجبۇرىيەتسىز ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ ، ئەتىگە تەييارلىق قىلىپ ، ئۆتكەن كۈنىنى «بۈگۈن ياخشى ئۆتتى !» دىيەلەيدىغان بولسا ، مانا ، بۇ كىشى گەرچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلمىسىمۇ ، تۇرمۇش سەھىپىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، ئۇ بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچى . ئەزىز تويدىن كىيىن ، خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشىپ كەتتى ، بەزىدە ، كىچىلەپ ئىشلەپمۇ قالاتتى ، ئۇنىڭ ئىدارىغا كەلگىنىگە ئۇزۇن بولمىسىمۇ ، ئەمما ، ئۇ ئىدارىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ كۈچلۈك قوللىشغا، ئىشەنچىسىگە ئىرىشكەنىدى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ،ھەربىر كۈن بەخت ئاتالغۇسى بويىچە ماڭاتتى . كۆيۈمچان ، تىل تەسۋىرلىگۈسىز ئۇلۇغ ئانىسى ، مۇلايىم ، ئەخلاقلىق ئايالى بار . ئۇنىڭ ئۈچۈن ، تۇرمۇشتا يەنە روھىي مۇھتاجلىق مەۋجۇت ئەمەس ئىدى . G/Lhv^  
ئەزىز ئىشتىن چۈشۈپ ، بازاردىن مىۋە-چىۋە ئالغاچ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى . ئۇ دەرەخ شاخلىرى ئىگىلىپ ، يوپۇرماقلىرى زىچ گىرەلىشىپ كەتكەن ، ھويلىدىكى ئەڭ ھۆسىن قوشۇپ تۇرغۇچى ـ ئۈجمە دەرىخىگە قاراپ قويدى دە ، ئىچكىرىكى ئۆيگە ـ ئانىسىنىڭ قىشىغا كىرىپ كەلدى : c(TT n '  
ـ ئانا ،مەن كەلدىم ، تاماق ئىتىۋاتاملا ؟ ، ـ دىدى ئەزىز تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقان ئانىسىغا قاراپ ، RvU D$K  
ـ كەلدىڭما بالام ، ھەئە ، سەن ئامراق تاماقنى ئىتىۋاتىمە ، رازىيە ھىچ كەلمەيدىغۇ ؟ Q*8|[r\T  
ـ ئۇنىڭمۇ كىلەر چىغى بولدى ، ئۇ كەلگۈچە مەن ساڭا ياردەملىشەيمۇ ؟ X8RUf<_  
ـ بولدى ، ئوغۇل بالا دىگەن قاچا-قومۇشنىڭ قىشىغا كەلمەيدىغان ، سەن بىرىپ كىتىپىڭنى كۆرۈپ تۇر ، مەن ئۆزۈم ئىتىۋىرەي ، aIo`<`u  
ـ ئەمسە ... ،ـ ئەزىز ئۆزىمۇ چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدىغان بىرخىل غەيرى ھېستا بولۇپ ، تۇرۇپ قالدى ، ـ ماقۇل ... hBp?$EaXk+  
     رازىيەمۇ ھايالشىمايلا كەلدى ، ئۇ مەسۈم ئانىغا ياردەملىشىپ تاماق ئەتمەكتە . تاماقتىن كىيىن ، رازىيەنىڭ قول تىلفۇنىغا تىلفۇن كەلدى ، ئۇنىڭغا ئانىسىدىن كەلگەنىدى ، ئۇ تاشقىرىقى ئۆيگە چىقىپ ، بىردەم بوش ئاۋازدا پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئۆيگە كىردى ، a`-z` 
ـ ئانىڭىزمىكەن قىزىم ؟ سالامەت تۇرۇپتىمۇ قۇدام ؟ ، ـ دەپ سورىدى مەسۈم ئانا كىرىپ كىلىۋاتقان كىلىنىگە قاراپ ، `+MGS.  
ـ تىنچلىقكەن ، مەندىن ئەھۋال سوراپ تىلفۇن قىپتۇ ، ـ رازىيەنىڭ چىرايى سەل بىرقىسما ئىدى ، شۇنداقتىمۇ چاندۇرماي ئولتۇردى ، :W V-IDU"  
ـ ھە، پات-پات ئۆيىڭىزگە بىرىپ تۇرۇڭ ، ئۇلارمۇ سىزنى سىغىنىپ كەتكەندۇ بەلكىم ... V~n;TgF  
ـ ماقۇل ئاپا . B(-:OVBH  
      ئەتىسى ، ئەزىز ئىشتىن چۈشۈپ ، ئىدارىسى ئالدىغا چىقىشىغا ، تونۇش بىر ئىسىل ماشىنا ئۇنىڭ ئالدىدا توختىدى ، ماشىنىدىن ئەمەت ھاجى چۈشۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى . ئۇلار ئايرىم پاراڭلىشىش ئۈچۈن بىر مۇھىتى ياخشى تاماقخانىغا قاراپ ماڭدى . }F& QO2  
ـ ئەزىزجان ، سىلىگە گەپنى ئەگىتىپ ئولتۇرمايمەن ، ھەممىمىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ، شۇنداققۇ ؟ ، ـ دىدى ئەمەت ھاجى تاماق ئۈستىدە ئەزىز گە قاراپ ، ـ ھە، سىلەر توي قىلغىلىمۇ بىر ئايدىن ئاشتى ، مەريەم ئىزچىل بىر ئىشنى سىلەرگە دىيىشىگە ئالدىرىتىپ ، مىنى ئارامىمدا قويمىدى ، شۇڭا بۈگۈن سىلىگە دەي دىيىشىم ، t[VpHriw  
ـ قانداق ئىش بولسا دىسىلە دادا، قۇلىقىم سىلىدە ، ـ دىدى ئەزىز قىيناتىسىنىڭ سۆزىگە ئۇلاپ . XO i;@gpF  
ـ ھە، بۇ بۇنداق ئىش ، مەريەم ماڭا تولا دەپ كەتتى، قىزىمىز كوچا مەھەللە ئۆيلىرىگە كۆنەلمەيدۇ ، ئۇلار بىنا ئۆيگە كۆچسۇن دەپ ، مەن ھىچقىسى يوق دەپ ئاغزىمنىڭ تىرىسى چۈشكىچە چۈشەندۈرسەممۇ ،ئۇ زادىلا كۆنمىدى . شۇڭا ،مەنمۇ ئامالسىز بۇنداق قىلىشقا قوشۇلدۇم . بۇ ئىشنى رازىيەگە مەسلىھەت سالغان ، ئۇ پەقەت كۆنمىدى . ھە ، مەن سىلەر ئۈچۈن گىزىتخانىنىڭ يىنىدىكى يىڭى سالغان بىنادىن بىر يۈرۈش ئۆي ئىلىپ قويدۇم ، سىلى ئانىلىرىنى ئىلىپ ، شۇ يەرگە كۆچسىلە . ئەلۋەتتە ، مەنمۇ ئويلاپ باقتىم ، بۇ رازىيە ھەم سىلى ئۈچۈنمۇ قولايلىق ، رازىيەنىڭ خىزمىتى بىرقەدەر ئالدىراش ، شۇڭا ، مەھەللە ئۆيلەردە ئۆي تۇتۇپ قىلىشقا سەل ئەپسىز . شۇڭا ،سىلىمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي ، ئانىلىرىنى ئىلىپ كۆچسىلە ، ئۆينى ئاللىبۇرۇن بىزەپ بولدۇق ، شۇنداق چىرايلىق . سىلەرگە مەسلىھەت سالمىغىنىمىزنى توغرا چۈشىنىڭلار ، بۇمۇ تۇيۇقسىز بولۇپ قالدى ، ھە . كوچا ئۆيلىرىدە ، قىشتا مەشكە ئوت قالاپ ، بەك ئاۋارىچىلىق ، تىخى ھويلا-ئارام تازىلايدىغان ئىشلار بار ، شۇڭا ، لىككىدە كۆچۈپلا چىقساڭلار ،سىلەرگىمۇ كۆپ قولايلىق ، ئەمسە ، مەنچىمۇ شۇنداق بولسۇن ھە . بۇنىڭغا قارشى پىكىردە بولمايدىغانلا ؟ :>bjZj?\  
ـ ھە ...مەن ... ، ـ ئەزىز تۇيۇقسىز قىلىنغان بۇ قاراردىن ھودۇقۇپ كەتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ يادىغا تۇنجى بولۇپ ئانىسى كەلدى، چۈنكى ئانىسنىڭ كۆچۈپ چىقىشقا ئۇنىشى ئۇنىڭچە بولغاندىمۇ تەس ئىدى ، ـ ئۆينىڭ ئىشىدا ، مەن ئۆزۈم كۈچەپ باقساممۇ بولاتتى ، سىلى مالال بولمىسىلىمۇ بولاتتى ، - ئەزىزگە نىسبەتەن ، قىز تەرەپتىن ئىلىپ بىرىلگەن ئۆي ئۇنىڭ مىزانىغا ئۇيغۇن كەلمەيتتى، ئۇنىڭ ھەرگىزمۇ "ئىچكۈيئوغۇل" بولغۇسى يوق ئىدى ، ھەم ، قىيناتىسىنىڭ "جۇۋىسىدا تەرلىنىشنىمۇ خالىمايتتى ، ـ مۇمكىن بولسا ، بىز سەل كىينچىرەك ئاندىن ئۆي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلساق ، بۇ ئىشقا مەن قۇربىتىم يىتىدۇ دەپ ئويلايمەن ، ,r52WW|  
_[uZ:pE9fS  
- ھاھا ، - ئەمەت ھاجى بىشىنى سىلىغىنىچە مەنىلىك كۈلۈپ قويدى ، - سىلىنىڭ مۇشۇنداق دىيىشلىرىنى بىلەتتىم ، بىز ئەپ بەرگەن ئۆي دەپ شۇنداق دەۋاتىلا ، مەن بىلىمەن ، ئەسلىمۇ سىلىنى بۇنداق خىجىل قىلغۇم يوق ، ئەمما ، مەن سىلىنى ھەم ئۆز ئوغلۇم دەپ بىلىمەن ، بۇ بىر تەرەپتىن ئانىلىرىنى ھەم رازىيەنى ئويلىشىپ قىلىنغان ئىش ، ھەرگىزمۇ سىلىنىڭ ئويلىغانلىرىدەك ئەمەس ھە ، شۇڭا ، ئويلىنىش كەتمەيدۇ ، مەن كۆيئوغلۇمنى ئوبدان چۈشىنىمەن ، "1qna  
0<4   
     ئەزىزنىڭ كاللىسىغا شۇ ھامان ئانىسى كەلدى ، ھازىر قارار قىلىنىپ بولغان ئىش ئالدىدا ، ئۇنى ئاۋۋال ئويلىمىسا بولمايتتى، ئۇ ئانىسى ۋە رازىيە ئۈچۈن . ئامالسىز ماقۇللۇق بەردى . w>kA  
ئەزىز بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن ئانىسىغا چىرايلىق چۈشەندۈردى ، مەسۈم ئانا باشتا خاتا ئويلاپ ئۇنىمىغان بولسىمۇ ، كىيىن ئەزىزنى توختىماي چۈشەندۈرۈشلىرى ئارىسىدا كاللىسىدىن ئۆتۈپ ، بۇ ئىشقا قوشۇلدى . شۇنداق قىلىپ ، ئۇلار بىنا ئۆيگە كۆچۈپ چىقتى ، رازىيە باشتا ، قىينانىسىنىڭ قوشۇلماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىشلارنى ئۇلارغا دىمىگەنىدى ، ئۇ ئورۇنسىز ئەندىشە قىلغانلىقىنى سەزدى . *KQ-OwDF  
............... e/A]QDc|]7  
|h p'zQR  
ـ بالام ، ماقۇل دە ، مەن راس كۆنەلمىدىم ، مىنى توغرا چۈشەن ، ـ ئانا بىنا ئۆيگە كۆچۈپ چىقىپ ،ھەپتە بولمىغان مەريەم ئانا ئەزىزگە چۈشەندۈرىۋاتاتتى ، ـ بۇ ئۆي شۇنداق ياخشىكەن ، شۇنداق چىرايلىق ، لىكىن ، داداڭ بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن باشلاپ تۇرغان ئاشۇ ئۆيگە مىھرىم باركەن ، ھەم ئۇ ئۆيدە تۇرسام ، داداڭ يىنىمدىدەك ھىس قىلىپ كۆڭلۈم توق تۇرىدىكەن . ئوبدان بالام ، ماقۇل دەپ مىنى يولغا سەپ قويغىن ھە ، - 
ـ ئانا ، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي ، بۇ ئۆيگە چوقۇم كۆنۈپ قالىسەن ، ئۇ ئۆيگىمۇ پات-پات چىرىپ تۇرساق بولىدۇ ئەمەسما ؟ دادامنىڭ سۈرىتىنىمۇ ئىسىپ قويدۇق ئاينا ، داۋاملىق كۆرەپ تۇرالايسەن ، ئۇنداق قىلمىغىن ھە ، ـ ئەزىزمۇ ھەدەپ ئانىسىغا يالۋۇرماقتا ئىدى ، ئۇنىڭ ئەنسىرەيدىغىنى ، رازىيەنىڭ ئۆيىدىكىلىرىنىڭ يەنە نارازى بولىشى ئىدى ، 6I>$$(+m  
ـ بالام ، مىنىڭ گىپىمگە چىگىن ، مەن يىغلاپ سالىمەن ، ـ ئانىنىڭ ئاۋازى تىترەپ چىقىپ كەتتى ، ئەزىز ئانىسىغا قارىدى ، ئۇنىڭ ئولتۇرۇشقان خۇنۇك ئەمما مىھىرلىك كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قالدى ، S  h)i  
ـ رازىيە ، ـ دىدى ئۇ رازىيەگە بۇرۇلۇپ قاراپ ، ـ ئەتە ئاشۇ ئۆيگە كۆچۈپ چىقىلى ، (Tl%OM&L  
ـ ياق ،ياق ، سىلەر بۇ ئۆيدە تۇرىۋىرىسىلەر ،مەن ئۆزۈم ... R4XsvF  
ـ نىمە ؟ ،ـ ئەزىز ھەيران بولۇپ ئانىسىنىڭ گىپىنى بۆلدى ، ـ ئۆزۈڭ ئاشۇ ئۆيدە يالغۇز تۇرامسەن ؟ نىمىشقا ؟ بۇنداق قىلساق بولمايدۇ ! qWYW(Lbzc  
ـ بالام ، ھىچنىمە بولمايدۇ ، مەن تىخى ئۆزۈمنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمىغۇدەك ماغدۇردىن كەتمىدىم ، پۇت-قولۇمنىڭ كۈچى خېلى بار ، soOzw<~1  
ـ لىكىن ...، سىنى يەنە يالغۇز تاشلاپ قويامدىمە ؟ ئانا ، بۇنداق قىلساق زادى بولمايدۇ ، 6D2UPO-g   
ـ ۋاي ھىچنىمە بولمايدۇ بالام ، مەندىن ئەنسىرىمە ، \G&@(J;Zdl  
ـ ئاپا ، بولدى بىزمۇ كۆچۈپ بارايلى ، ئۆزلىرى قانداقمۇ يالغۇز تۇرالايلا ئۇ ئۆيدە ؟ بولدى رەت قىلمىسىلا ، ـ دىدى رازىيە كۆيۈنگەن ئاھاڭدا ئانىغا قاراپ . gs5 kfyhc  
ـ ياقەي كىلىن قىزىم ، ماڭا ھىچ ئىش بولمايدۇ ، سىلەر مۇشۇ ئۆيدە ئولتۇرىۋىرىڭلار ، مەن ئۆزۈم ھاجىتىمدىن چىقالايمەن ، I\^9H3j  
ـ ئانا ، بۇنداق قىلساق بولمايدۇ ، ئەسلى مۇشۇ ئۆيمۇ بىر ئوبدان ئىدى ...، مەيلى ، بىز سەن بىلەن بىللە كۆچۈپ بارايلى ، ئۇنداق جاھىللىق قىلما ھە ، R#x_"Uj(  
ـ ئەزىز ! ، ـ ئانا تۇنجى قىتىم بالىسىغا ئۈنلۈك ۋاقىرىدى ، بۇنىڭدىن ئەزىزمۇ ، رازىيەمۇ ئەندىكىپ جىمىپ كىتىشتى ، ـ مىنى ئانام دەپ بىلەمسەن يوق ؟ K^2RN E  
ـ ئانا ... ، ئۇنداق دىمىگىن ، مەن ... ZX &6zZ;  
ـ بولدى ، مىنى ئانام دەپ بىلسەڭ مىنى كەتكىلى قوي ، بولمىسا ، سەندەك بالام يوق ! t+ db{KtI  
ـ ئانا ! `e'6RIwrpN  
ـ دىگىنىم دىگەن ! u#RrkbE>  
ـ ................. };Q=$Don  
+N2}p;|}}+  
     شۇنداق قىلىپ ، ئەزىز ئىچىدە چۇڭقۇر ئازابلارنى پۈكۈپ ، ئانىسىنى كۆڭلىدىن خالىمىسىمۇ ، ئاشۇ غىرىبانە ئۆيگە ئاپىرىپ قويدى . ئەزىز رېئاللىقتىن گەڭگىراپلا قالدى ، ئۆزىگە توختىماي سوئال قوياتتى «نىمىشقا ؟ زادى نىمىشقا ؟؟» ... 7AI/GhsWD  
{KEAgU.{+  
      ئانا ، ئوغلىغا يالغان سۆزلىگەنىدى ، ئۇ ئۇ ئۆيگە كۆچۈپ چىقىپ ، قۇدىسىنىڭ خاتا قاراش شەكىللىنىپ قىلىشىدىن ئەنسىرىگەنىدى ،ھەم ، بۇ ياش ئەر-ئايالنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىرىشتۈرۈش مەقسىتىدە شۇنداق قىلغانىدى . ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغرا-ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىدى ... gh;ebc[  
    شۇندىن كىيىن ، ئانا ئۆزى يالغۇز ئاشۇ تاغارچى كوچىسىدىكى ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىدى ، ئەزىز خىزمەتكار ئورۇنلاشتۇرۇپ بىرەي دىگەنلىرىگە ئانا قەتئىي قوشۇلمىدى . ئەزىز ھەركۈنى كەچتە ئانىسىنىڭ قىشىغا بىرىپ ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە تاماق يەيتتى ، ئۇنىڭ بىلەن سىردىشاتتى . بەزى كۈنلىرى ئاشۇ ئۆيدە قونۇپمۇ قالاتتى . رازىيە بۇنداق چاغلاردا بەزىدە ئۇنىڭ بىلەن قونۇشۇپ بەرسە ، بەزىدە ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىتەتتى . ]G$fnVq  
     بۇ ئەھۋال ئىزچىل داۋام قىلىپ ، ئۈچ ئاي شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى ، بىر كۈنى ئەزىز كۈندىلىك ئادىتى بويىچە ئانىسىنىڭ قىشىغا باردى، ئەمما ، ئۇ ئانىسىىڭ تۇيۇقسىزلا مۇئامىلىسىنىڭ ئۆزگىرىپ قالغانلىقىنى سىزىپ ، ئانىسىغا سەپ سىلىپ قارىدى ، ئانا يىغلىغان بولۇپ ، قورۇق باسقان كۆز ئەتراپى قىزىرىپ كەتكەنىدى . PdeqW2+%nP  
ـ ئانا ، بۈگۈن ساڭا نىم بولدى ؟ كۆزلىرىڭ قىزىرىپ كىتىپتىغۇ ؟ زادى نىمىش بولدى ؟ ، ـ دەپ سورىدى ئەزىز ئانىسىدىن . |n*{fPCo%  
ـ بۈگۈن ...، ـ ئانا بوغۇق ئاۋازدا سەل تۇرىۋىلىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى ، ـ شۇ مەرھۇم داداڭ يادىمغا يىتىپ قاپتىكەن ..شۇڭا ... $.9o$' :  
ـ ھە... ، بولدى كۆڭلۈڭنى بۇزما ئانا . c c]7%=2  
كەچلىك تاماقتىن كىيىن ، ئانا ئەزىزگە ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا سۆزلەشكە باشلىدى ، ? %iP-,nb  
ـ بالام ، سەن ھازىر ئۆي- ئوچاقلىق بوپ بولغان ئادەمسەن ، سەن ئۆز ئايالىڭنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىساڭ ، قورسىقىدىكى بالىغا ئوبدان قارىشىپ بەرمىسەڭ بولمايدۇ ، مەن ھەممە ئىشتا ئۆزۈم يىتىشەلەيمەن ، شۇڭا ...، ـ ئانا بالىسىغا مىھىرلىك قاراپ ، كۈلۈمسىرەپ قويدى ، ـ شۇڭا ، سەن بۇندىن كىيىن بۇنداق دائىم كىلىۋالمىساڭمۇ بولىدۇ ، سىنى كۆرگۈم كەلسە ،مەن ئۆزۈم قىشىڭغا باراي ، گىپىمنى ئاڭلىغىن ھە ، nZeL;D9  
ـ ئانا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى توغرا چۈشىنىدۇ ، سەن ، بىز كۆچۈپ كىلەيلى دىسەم ئۇنىمىدىڭ ، ئەمدى ، قىشىڭغا كەلسەممۇ قارشى تۇرساڭ قانداق بولىدۇ ؟ }Nz~?M_+  
ـ سەن چۈشەنمەيسەن بالام ، كىينچە بالاڭ بولغاندا چۈشىنىسەن ، ئايالىڭ ھەرۋاقىت ساڭا مۇھتاج ، سەن بۇنى ھىس قىلالمايسەن ، ئاياللارنىڭ كۆڭلى نازۇك كىلىدۇ ، دىققەت قىلمىساڭ ، ئۇنىڭغا ئازار بىرىپ قويۇشۇڭ مۇمكىن . `;_<"1H{V2  
ـ ئەمسە ... سىنىڭ سالامەتلىكىڭ ياخشى ئەمەس، ئۇ ئۆيگە بارىمەن دەپ قاتراپ يۈرسەڭ بولمايدۇ ، يەنىلا مەن سىنىڭ قىشىڭغا كىلەي ھە ئانا ، T(+^BN  
ـ نىمانداق گەپ چۈشەنمەيدىغان تەرسا بالىسەن ؟ ، ـ ئانا يەنە بىر قىتىم چىچىلدى ، ـ مەن دىگەندىكىن ، ماقۇل دەپ قىل ! بولمىسا مىنى ئانام دەپ تونىما ! l0,sd\*n0  
ـ ئانا ، بۇنداق دىمە ، مەن سىنى قانداقمۇ كۆرمەي تۇرالايمەن ؟ nN#C(V8VmO  
ـ دىگىنىمنى قىلامسەن يوق ؟ BV{.Ra|'YN  
ـ ئانا ! Km{H kJk  
ـ زادى قىلامسەن يوق ؟ قىلمىساڭ مەن سەندىن قاتتىق رەنجىيمەن ! #LRk,QPk  
      ئەزىز يەنە گاڭگىراپ قالدى، ئۇنىڭ تەپەككۇرى قالايمىقانلىشىپ ، نىمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى ، ئانىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدى ، lpc 
ـ ئەمدى تىز ماڭ ! مەن قىشىڭغا كىيىن بارىمەن، تىز ئايالىڭنىڭ قىشىغا كەتكىن ، ـ ئانىنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى يىغىغا ئالمىشىپ قىلىۋاتاتتى ، ئانا چۇڭقۇر بىر تىنىق ئىلىپ ، ئۆزىنى ئازراق ئوڭشىۋالدى ، )neF0A 5E  
ـ ئەمسە خوش بالام ، ـ ئانا ئەزىزنى زورلاپ دىگۈدەك ماڭغۇزدى ، ئەزىز شۇ تاپتا يىغلايلا دەپ قالغانىدى ، ئۇمۇ ئۆزىنى تۇتىۋىلىپ ، خۇددىي ئالىي مەكتەپكە ماڭىدىغان چىغىغا ئوخشاش كۈلۈمسىرەپ ئانىسىغا سالام قىلغاندىن كىيىن «خۇداغا ئامانەت ئانا » دەپ يولغا ماڭدى . ئانا دەرھال ئىشكنى ياپتى . ئەمما ،ئۇ يىپىپلا تامغا يۆلەنگۈنىچە ئاغزىنى چىڭ تۇتىۋىلىپ يىغلاپ تاشلىدى . ئەزىز بىردەم ماڭغاندىن كىيىن ، كوچىدىلا ئۈنلۈك يىغلاپ سالدى ، كوچىدا ئۆتۈپ كىتىپ بارغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ قارىشاتتى . ئەمما، ئۇ ھىچنىمىنى سەزمىدى ... G}!X26m  
ئەسلىدە ، مەريەم ئانا ئاتايىتەن مەسۈم ئانىنى ئىزدەپ كىلىپ ، مۇشۇ توغرىسىدا ئۇنىڭغا بىرمۇنچە ئاچچىق گەپ قىلىپ ، ئەزىزگە گەپ قىلىپ قويۇشنى تاپىلىغانىدى . ئانا ئامالسىز ، كۆڭلى خالىمىسىمۇ ، شۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بولدى . ئەزىز بولسا ھىچ ئىشتىن خەۋەرسىز ئازابلىنىپ يۈرەتتى ... mJKl4\Q  
.................. b(uK,  
    قىش كەلدى ، زىمىننى ئاپئاق لىباس ئورىدى ، شەھەرنىڭ چوڭ يوللىرىدىكى قارلار ماشىنىنىڭ تولا سۈركىلىپ ئۆتىشى نەتىجىسىدە بىردەمدىلا سىلىق مۇزغا ئايلانغانىدى ، ماشىنىلا تورمۇز تۇتقىنىدا خېلى يەرلەرگە بىرىپ توختايتتى . ئىككى ئايدىن بىرى ئەزىز ئۆيگە قايتىش نەقەدەر ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ ، ئانىنىڭ ئاخىرقى قىلغان سۆزلىرى ئۇنىڭ يۈرىكىدە مۇز بولۇپ ، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى چىرمايتتى . نەچچە قىتىملاپ ، ئانىسىغا تىلفۇن قىلىپ ،بىرىشنى ئىيتقان بولسىمۇ ، ئانا قوشۇلمىدى ، ئانا ھەم شۇندىن بىرى بىر قىتىممۇ ئەزىزنىڭ بىنا ئۆيىگە بىرىپ باقمىدى . شۇنداق ، بارسا بولمايدىغاندەك ھىس قىلىپ ، بالىسىغا بولغان سىغىنىشى ئۆرتەپ تۇرسىمۇ ، مەلۇم كۈچ ئۇنى بۇ ھارارەتنى ئاشكارىلاشقا يول قويمايتتى . ئانا يالغۇز قالدى ، ئۇ كۆز ياشلىرىن ئۈنسىز تۆكەتتى ، ئوغلى ھايات تۇرۇپمۇ ، ماتەم ئازابى تارتاتتى . دۇنيانىڭ ئەڭ لەززەتلىك ،ئەڭ ئاددىي سوۋغاتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشقا ئۇ نائىلاج ئىدى . فېۋرالنىڭ سوغۇق ھاۋاسى كىشىنىڭ يەنىلا ئەندۈكتىرەتتى ... JYx5jZ3  
* DgrE8F  
    ئەزىز ئىشخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، چۈشتە ئۆيىدە بولغان ماجىرانى ئەسلىدى ... G8'`r2  
ـ قىينانا ، مەن ئانامنى كۆرمىگىلى ئۇزاق بولۇپ كەتتى ، ئۇنى بۇ ئۆيگە ئەكىلىۋالساق ، سىلىچە قانداق بولار ؟ ، ـ ئەزىز بۈگۈن ئۆيىگە كەلگەن قىينانىسىغا مەسلىھەت سالدى ، ـ ئۇ ئۆيدە پار يوق ، ئانام بەك قىيلىنىپ كەتتىمىكىن دەيمەن ، شۇڭا ... F)R2(]G  
ـ ئانىلىرى ئۇنارمۇ غوجام ؟ ، ـ دىدى مەريەم ئانا ئانچە پىسەنتىگە ئالمىغاندەك قىلىپ ، ـ كەلسىمۇ مەيلى ، بىزنىڭمۇ ئوشۇق پىكرىمىز يوق ، قىزىمنىڭ تۇغىتى يىقىنلاپ قالدى ، بىر ئادەمنىڭ ئىغىرىنى قوشۇپ كۆتۈرمەك ئاسان ئەمەس . )Yp0:V  
ئەزىز قىينائانىسىنىڭ بۇ زەھەر تۈسى ئالغان گەپلىرىدىن غەزەپلىنىپ ، چىشلىرى كىرىشتى ، ئۇ ئۆزىنى ناھايىتى تەستە تۇتىۋىلىپ : `"(*l,}3^  
ـ ئەمسە ، مەن ۋاقتىنچە ئانامنىڭ قىشىدا تۇراي ،ئۇ يالغۇز قالدى ، ئۇنىڭدىن خەۋەر ئىلىش مەجبۇرىيتىم بار ! 1qs6 xh=@  
ـ ۋىيەي ، ما قىزىم تۇغاي دەۋاتسا ، سىلى نەگە بارىلا ؟ ئۇنىڭغا چىم قايلايدا ؟ كاللىلىرىنى سىلكىپ گەپ قىلسىلا ، yU BA-%o  
ـ ئاپا ! بۇنداق گەپ قىلما ، مەسۈم ئانام كەلسە ھىچ ئىش بولمايدۇ ، بىر كىشى كۆپەيگەنگە ئىشلار كۆپىيىپ كەتمەيدۇ ، ـ دىدى بايىدىن بىرى سۈكۈتتە تۇرغان رازىيە ئانىسىغا رەددىيە بىرىپ ، @#[(;07}j  
ـ ئانا ، سىلىنى خەۋەرلەندۈرۈپ قوياي دىگەنلا مەقسىتىم بار ، مەن بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن ئويلاشقان ، سىلى قوشۇلمىسىلا ، مەن ئانامنىڭ قىشىدا تۇراي ، f gJ 
ـ توۋا قىلدىم ،توۋا ، ـ دىدى مەريەم ئانا مەيدىسىنى تۇتقىنىچە ، ـ كاللىرى ساقمۇ يا ؟ ما قىزىم يەڭگىيدۇ مىنىڭ ! ئەگەر بۈگۈن بۇ ئۆيگە كەلمىسلىرى ، دەپ قوياي ، ئاقىۋىتىلىرىگە ئۆزلىرى مەسئۇل ، چىرايلىق بىر ئۆينى پۇل چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ قويغاندىكىن ، ئىززىتىمىزنى بىلىپ يۈرەيلى ، 4Ns\"u d  
ـ ئانا ، بۇ نىمە دىگەنلىرى ؟ ، ـ ئەزىز قىينائانىسىنىڭ بۇ گىپىدىن سەل شۈبىھلىنىپ ، ـ ئەگەر مەن ئانامنىڭ قىشىغا كەتسەمچۇ ؟ بۇ ئۆيگە كەلمىسەمچۇ ؟ mALw7V :Fi  
ـ قىزىمنى سوتقا ئاپىرىپ سىلىدىن ئاجراشتۇرىمەن ، مەن چاقچاق قىلمىدىم ! x^rA:RH=M  
ـ ئانا سەن ! ، ـ رازىيە ئانىسىنىڭ بۇ گىپىگە غەزىپى كەلدى ، S>$"p2r ts  
ـ سەن ئارىلاشما ، سىنىڭ تاپقان ئىرىڭ تايىنلىق بولغاندىكىن ، - دىدى مەريەم ئانا قىزىغا ئاچچىقلىنىپ . XiWY6e=+  
ـ ماڭا ئانا لازىم ، خوتۇنمۇ لازىم ، سىلى تەتۈرلۈك قىلمىسىلا ! ~5d^'1C  
ـ قىنى كۆرىمىز كەچتە ! ،ـ دىدى مەريەم ئانا قاپاقلىرىنى سۈزۈپ ، ـ سىلىگە زادى چىم لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلىمىز شۇ چاغدا ! %0"-/B7W  
ئەزىز تامىقىمۇ يىمەستىن چاپىنىنى كىيىپ سىرتقا ئالدىراپ ماڭدى ، ئۇ كەينىدىن رازىيەنىڭ «ئەزىز !» دەپ چاقىرغىنىنى ئاڭلىماسلىققا سىلىپ ، يولىنى داۋاملاشتۇردى .... 1EXF>LVR  
    ئەزىز ئىشتىن چۈشۈپ ، كوچىغا چىقتى ، فېۋرال ئايلىرىدا ياققان قار يەنىلا شۇنچە ئۇچقۇنلۇق ئىدى ، خۇددى ئەزىزنىڭ پارچىلانغان ھىسىياتلىرىدەك . ئەزىز شۇ تاپتا قاتتىق ئىككىلەنمەكتە ، ئۇ ئايالىنى تاللىسۇنمۇ ياكى ئانىسىنىمۇ ؟ بۈگۈنكى ئىشنى چىرايلىق بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىن بولماسمۇ ؟ U_OLQa4  
    مەريەم ئانىنىڭ تويدىن كىينكى ئۆزگىرىشى ، ئەزىزنى خېلىلا گاڭگىرىتىپ قويغانىدى ،ئىزچىل سوغۇق مۇئامىلە ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىدى . مەريەم ئانا نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىدۇ ؟ ئەسلىدە ، مەريەم ئانا گەرچە ئەزىزنى ياراتقان بولسىمۇ ، ئۇنىڭ تۇل ئانىسىغا قارىتا بىر تەرەپلىمە قارىشى ، ھەم ، ئەمەت ھاجىنىڭ يىنىدىن پۇل چىقىرىپ ، ئەزىز بىلەن رازىيەگە ئۆي ئىلىپ بىرىشى ، ئۇنى قاتتىق ئويلاندۇرغان ، ھەمدە كاللىسىدا مۈجمەل بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشى يۈز بەرگەن ئىدى ، شۇڭا ، ئۇ ئاچچىقىنى ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق چىقىرىۋاتاتتى . H4hC`6)qzm  
     ئەزىز مىڭىپ ماي تىياتىرخانىسىغا كەلدى ، ئۇدۇل ماڭسا رازىيە ، سول تەرەپكە بۇرۇلسا ئانىسى ، ئۇ جايىدا توختىدى ، توختىماي يىغىۋاتقان قار بىر دەمدىلا ئۇنىڭ ئۈستى-بىشىنى ئورىماقتا ئىدى . ئەمما ، ئەزىز بۇنىڭغا پەرۋاسىز . زادى كىمنى تاللاش كىرەك ؟ ياخشى بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇلى يوقمىدۇ ؟ ئەگەر بۈگۈن رازىيەنىڭ قىشىغا قايتسا ، مەريەم ئانا ئۆز كۆڭلىدە ، ئۇنىڭ تومۇرىنى تۇتۇۋالاتتى . ئۇنداقمۇ قىلغىلى بولمىسا ،بۇنداقمۇ قىلغىلى بولمىسا ، زادى قانداق قىلىش كىرەك ... ئۇ بىشنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قارىدى ، لاپىلداپ يىغىۋايقان قار ئۇنى ئىختىيارسىز ئۆتمۈشكە قايتۇردى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ، دادىسى ۋە ئانىسىنىڭ ئۇنى ئەركىلىتىشلىرى نامايەن بولدى ، ئارقىدىن ئانىنىڭ تارتقان جاپالىرى ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرگەن ئەجىرلىرى بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتمەكتە ... K&rhNA?X  
     ئۇ خىيالدىن ئويـغىنىپ ، يولىنى داۋاملاشتۇردى ، ئۇ ئاخىر تاللاش ئويبىكتىنى قارار قىلدى ، ئۇ ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ئانىسىنى تاللىدى ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئويلاپ باقمىغان زور بەدەللەرنى تۆلىشى مۇمكىن ئىدى ،ئەمما ، ئۇ ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغانغا نىسبەتەن يەنىلا ئۇنچىلىك ئازابلىق ئەمەس ئىدى . ئۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىگە كەلدى ، كىچىكىدىن ئويناپ چوڭ بولغان مەھەللە ، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆزىگە شۇنچە ئىللىق ، شۇنچە تونۇش سىزىم بەرمەكتە . ئۇ ئۆيىگە ئاز قالغاندا، ئىشىك ئالدىدا قار سۈپۈرىۋاتقان بىر گەۋدىنى كۆردى ، بۇ گەۋدە ئۇنىڭغا شۇنچە تونۇش ، شۇنچە مىھىرلىك . ئۇ يىقىنلاپ بارغاندا، ئۇ گەۋدىمۇ ئۇنى كۆردى ، ئىككى گەۋدە دەقىقىلىق تىڭىرقاپ تۇرۇپ قالغاندىن كىيىن ،ھەر ئىككىسنىڭ چىرايىدا كۈلكە جەلۋىلەندى ، ئەزىز ئۇ گەۋدىگە قاراپ ئۆزىنى ئاتتى ...  5@y>~=(Wc#  
\ {bM0a  
?k1rLnd.1  
U{n|Xr~*  
n2 vB}  
} +]8xV(  
"fH;h" Y  
Y>Bc6jYx  
                                                      

     
                                                                  خاتىمە ByH6O`o  
pJ@=,hs8  
=.q$bP[]  
      تۇرمۇش ھەقىقەتەن بىر سىرلىق تىپىشماق ، ئۇنى ھەتتاكى تىك چوققۇلارغا ، كەڭ باياۋانلارغا سىمۋول قىلىشقا بولاتتى . ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مەزمۇنلار چەكسىز ئىدى ، ئۇ بىرخىل ئۆلچەم قېلىپى بىلەن داۋاملىشىپ كىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ ئىسسىق- سوغۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈنلۈكى ئۇنى مۇكەممەللىكىگە ئاساس ئىدى . V.]`NM?t  
     ئەزىز ئاخىرىدا پۇشايمان قىلمايدىغان قارار چىقىرىپ ، ئانىسىنى تاللىغانىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانا ھەممىدىن مۇقەددەس ، ھەممىدىن ئۇلۇغ ئىدى ، توغرا ، ئىنسانلار ئارىسىدا ، ئانا ھەممىدىن ئۇلۇغ بولسا كىرەك . ئۇ ئانا ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشكە تەييار ئىدى ، چۈنكى بۇ قۇدرەت ، بۇ كۈچنى ئاتا قىلغۇچى ـ ئانا ! ./,lUvuSr  
     نەچچە ئاي ئۆتۈپ ،يىڭى بىر ھاياتلىق دۇنياغا كەلدى ، ئۇنىڭ يىنىدا دادىسى ، ئانىسىمۇ بار ئىدى . ئالدىنقى ئىشتىن كىيىن ، ئەمەت ھاجى مەريەم ئانىغا قاتتىق خىزمەت ئىشلىشى ، قىزىنىڭ كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا ، مەريەم ئانىنىڭ قارىشى ئۆزگەردى . رازىيە ، تۇغۇتتىن كىيىن ،داۋاملىق تاغارچى كوچىسىدىكى ئاشۇ مىھرى ئىللىق ئۆيدە تۇرىدىغان بولدى . ئەزىز ئاخىرىدا يەنىلا ھىچنىمىدىن قۇرۇق قالمىدى، بەلكى ئالەم خۇشاللىقىنىڭ بىرى بولغان پەرزەنتكە ئىرىشكەنىدى ... 8cTVBE  
     تۇرمۇش داۋاملاشماقتا ، ۋاقىت داۋاملاشماقتا ، مىھىر- مۇھەببەت داۋاملاشماقتا ، بۇ بەلكى تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئاددىي ، ئەمما ئەڭ قىسمەتلىك قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى بولسا كىرەك ... b%=z149  
+ 9Hhw1NX  
W,Pby7 
0f:2gf&C$  
uj+.6p$_  
                                                                                   تامام ! ~mY+?~VtL  
l|Ufcta  
M$>|gVi  
                                                2009-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۈرۈمچىدە تاماملاندى !
                                                         *  مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتا يوللاندى !
g<_]Zg~@^  
1OU2]?   
zk`M#I2  
[ بۇ يازماھېسلىرىمتەرپىدىن2009-03-28 21:38دە قايتا ت ]
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+666(گۈلگۈن) ياخشى تېما! ب ..
  • salkin mtv
    تـــــاڭ ئــاتقانـــنى ؛  تــاڭ ئاتقاندىكى قۇيـــــــاشنـــى ؛  تــــاڭ ئاتقـــاندىكى قـــۇيـــاشنىڭ نۇرىنى تـــولىمۇ كـــۆرگـــۈم بــــــار !
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-28 21:31 |
    مېھرىزات
    مېھرىڭنى ئەلدىن ئايىما، گۈلۈم!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 40646
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1653
    شۆھرەت: 159 كىشىلىك
    پۇل : 99958460 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: -7 نومۇر
    ئالقىش: 119 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كورلا
    توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھېسلىرىم :  
    G]GdYP  
    ئالدى بىلەن سىزنىڭ بۇ ئەسىرىڭىزنىڭ نادىرلانغىنىنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!
    مېنىڭچە بۇ ئەسەرنى مۇنبەرگە قايتا يوللىغىنىڭىز تولىمۇ ئاقىلانىلىق دەپ قارايمەن.مانا قاراڭ، ئەجىر -مېھنەت دىگەن ھامان يەردە قالمايدىكەن ئەمەسمۇ؟!تولىمۇ خۇشال بولدۇم... بۇ نەتىجە سىزنىڭ ئىجادچان روھىڭىز ۋە ئىجادىيەتكە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىڭىزدىن كەلگەن. سىز ئىزچىل تىرىشتىڭىز، كۆپ بەدەللەرنى تۆلىدىڭىز، بېسىم ۋە زەربىلەردىمۇ ناھايىتى تېزلا يەنە ئۆز ئەسلىڭىزنى تېپىپ ، ئىجادىيەت سېپىگە داۋاملىق ئاتلاندىڭىز...مەن گەرچە ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بەرگۈدەك سەۋىيىگە ئىگە بولمىساممۇ ، بۇ يەردە سۆزلىمەسلىككە باھانەم يوق. چۈنكى ئەسىرىڭىزنىڭ مېنى خىيال ۋە تەپەككۇر قايناملىرىدا چۆكتۈرىشى بىلەن سۆزلەپ بېقىشنى لايىق كۆردۈم...
    ................
    مەن بۇ ئەسەرنى بەدىئىي قىممىتى تولىمۇ يۇقىرى بولغان ئەسەر،دەپ قارايمەن. بۇ ئەسەرنىڭ مەزمۇن كۈچى ۋە ئىستېتىك كۈچى كىشى قەلبىنى زىلزىلىگە سالىدۇ.ئەسەر قۇرۇلمىسىغىمۇ سىڭدۈرگەن ئەجىرىڭىز ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس .ئەسەردە خىلمۇخىل ۋەقەلىك راۋاجىدىن شەكىللەنگەن كېسىك لىنىيىلەر بار.بۇلار غول لىنىيە ئىچىگە خۇددى سىمفونىيىنىڭ قىستۇرما كۈيلىرىگە ئوخشاش تەبىئىي كىرگۈزىۋېتىلگەن بولۇپ، كۆپ خىللىق،رەڭدارلىق ۋە كەڭلىكنى شەكىللەندۈرىدۇ. دىمەك،سۇژىتنىڭ غول لىنىيىسى بىلەن كېسىك لىنىيلىرى ئۆز ئارا كېسىشىپ ۋە گىرەلىشىپ ، ئەسەرنى تورسىمان قۇرۇلمىغا ئىگە قىلغان.
    ئەسەردە ئوبرازلىق ۋە بەدىئىي تىل ئارقىلىق پىرسوناژ ، ۋەقە ، شارائىتلارنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى تىپىك ۋە كونكرىت تەسۋىرلىنىپ،ئوبرازنىڭ روھىي دۇنياسى بىلەن ئەسەرنىڭ ئىدىيىۋى مەزمۇنى جانلىق ۋە يارقىن ئېچىپ بېرىلگەن.خىيال ۋە مونولوگ ئارقىلىق پىرسوناژنىڭ ئىچكى توقۇنۇشى بىلەن ئازابلىق ھېس- تۇيغۇلىرى ئېنىق ھەم جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.پىرسوناژنىڭ روھىي دۇنياسى،ئوي -خىياللىرى ئۆزىگە خاس بەدىئىي روشەنلىكنى ئاساس قىلغان.مەنزىرە بىلەن ھېسسىيات، ھەرىكەت بىلەن مۇھاكىمە، تەسۋىر بىلەن كەيپىيات قاتارلىقلار ئۆز ئارا بىرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، پىرسوناژ تۇيغۇسىدىكى ھەممە نازۇكلۇق ۋە مۇرەككەپلىكلەر ئالاھىدە بىر خىل سەنئەتلىك جانلىنىشتا ئايان بولغان، نەتىجىدە پىرسوناژنىڭ ئىدىيىۋى خاراكتېرى يېڭى بىر روشەنلىككە ئېرىشكەن.
    ......................
    مەن ئەسىرىڭىزدىكى پىرسوناژلارنىڭ ھەربىر جۈملە سۆزىدىن شۇ پىرسوناژنىڭ ئۆزىنى ، يەنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى،ھېس-تۇيغۇسىنى ، ئارزۇ ۋە ئىنتىلىشىنى ،قايغۇ ۋە خوشاللىقلىرىنى كۆرگەندەك بولدۇم. پىكىر جەھەتتىكى ئوچۇقلىقىڭىز، ھېس- تۇيغۇغا بولغان سەمىمىيلىكىڭىز،ھايات ئەقىدىسىگە بولغان سادىقلىقىڭىز، خاراكتىر توقۇنۇشى بىلەن مەنىۋى تىركىشىش ھالەتلىرىدىكى قەتئىي مەيدانىڭىز، قىسقىسى ،تۇرمۇشنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش ئۈچۈن ياراتقان ئۇسلۇبىڭىزغا قايىل بولماي تۇرالمايمەن! يۇقىرىدىكى مۇلاھىزە،مۇھاكىمەمدىن شۇنى خۇلاسىلايمەنكى، ئۆز ئىجادىيىتىڭىزدە پىرسوناژ تەسۋىرىنى ماھىرلىق بىلەن قوللىنىپ  ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەرتىپلىرىنى چىن ۋە ھەققانىي يورۇتۇپ بەرگىنىڭىز ئۈچۈن ،سىز ياراتقان ئوبرازلار يېڭى ۋە تىپىك ،مەزمۇن دەلىللىك ۋە بەدىئىي ئېنىقلىق بىلەن ھاياتىي ھېكمەت ۋە پىكىر چوڭقۇرلۇقى بىلەن زېھىن ۋە ئەقىلنى ئاچىدىغان ئىجادىي بەدىئىي پىرسوناژلاردىن بولۇپ قالغان.
    *#0b2~&G  
    ھېسلىرىم!شۇ تاپتىكى ھېسسىياتىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن... نۇرغۇن ئىشلار خىياللىرىمدىن كېچىپ ئۆتتى...
    ئىجادىيەت ھاياتىڭىزدىكى بارلىق ئىجادىيەتلىرىڭىز گىگانت ئەسەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغۇسى!!!
    .............
    كۆرگەچ شۇ سىمانى قەلبىمدە لىق «ھېسلىرىم»، @/D OO)  
    سۆيۈندى بۇ دىلىم مېھرى ئاتەش، «ھېسلىرىم» .
       \{aar'D0f  
    ئاتەشكە پەرۋانە بولغىنىدەك مەھلىيا،    O "8-(}`>#  
    خۇشتارى قەلەمنىڭ تىلى ئۆتكۈر«ھېسلىرىم» .    t9~hrTx  
    6(?63:DBT  
    مېھىرلىك دوقمۇشتا تۇرار ئەنە بىر سىما،    A%lO/ 8  
    قىيالماي يېنىشلاپ باقار كۆزۈم، «ھېسلىرىم» .
      #`BC:wYb  
    نە بولغاچ «ئەزىز»ىم ماڭار شۇنچە پەرىشان، >z\*MBw  
    سەن سەۋەب ۋىساللار تاپتى ئاخىر، «ھېسلىرىم» .   8F!w spU  
      s &M8_&@  
    رەيھانلار پۇرايدۇ مېھىر سىڭگەن شۇ دوقمۇش،
    ماڭغۇم بار شۇ ئىزدا مېھىر ئىزدەپ، «ھېسلىرىم» .
    o 0vy!~.  
    يىگىت ئۇ بولاركەن «ئەزىز »كەبى مەردانە، 5![2*6b  
    سەنمۇ ھەم يىگىتلىك ھەقدارى سەن،«ھېسلىرىم» .
     
    مېھىرنىڭ دوقمۇشى قالماس ئەمدى مۇڭلىنىپ،
    ئاڭا سەن سۆيگۈدىن ئۇرۇق چاچقان «ھېسلىرىم» .
    ئاخىرىدا، سىزگە بىر دەستە گۈل ...
    دوستىڭىز:   مېھرىزاتتىن.
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مېھرىزات ، دوستۇم ،شۇ تاپتا قانچىلىك ھاياجانلىنىۋاتقىنىمنى تىل بىلەن ئىپادىلەش تەسكە توختىماقتا ، چۇڭقۇر پىكىرلىك ئىنكاسلىرىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم . سىزنىڭ مىنى ئىزچىل ھالدا قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كىلىۋاتقىنىڭىزغا ، ماڭا مەدەت ۋە ئىلھام بىرىپ كىلىۋاتقىنىڭىزغا
    [ بۇ يازمامېھرىزاتتەرپىدىن2009-04-01 00:36دە قايتا ت ]
    بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+5(ھىرقىتى) نادىر تېمىغا ..
  • پۇل :+1000(ھېسلىرىم) نادىر ئىنكاس ..
  • سۈمەييە
    بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
    يەرگە بىر چاڭ قوندى،كۆمۈلۈپ كەتتى.
    دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نىمە،
    بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 21:46 |
    erk uzun
    salam2008
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 33932
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 0 كىشىلىك
    پۇل : 280 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 4 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 512(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-11
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز. Wk#m qd  
    سز قايسى ئونۋېرسىتىتتا ئوقۇيسىز؟
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    بۇ مۇھىممۇ دوستۇم ؟ ئەگەر راستلا بىلىشنى خالىسىڭىز ماڭا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىڭ ھە .
    نارسىدە
    ھاياتنى سۆي
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 22:21 |
    ئەسىما1988
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 49857
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 6
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 218 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 19(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-28
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى يېزىپسىز . تەشەككۈر .
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سىزگىمۇ رەھمەت!
    ئاللا كاپىرلارغا مۆئىمىنلەرگ قارشى يول  بەرمەيدۇشۈكرى
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 22:43 |
    بولاق ئۇزۇن
    سۈبھىدىكى ياپراق
    ئىجاتچان ئەزا ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) موللا تاپقاق
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 948
    نادىر تېما : 5
    يازما سانى : 2220
    شۆھرەت: 2766 كىشىلىك
    پۇل : 90009360 سوم
    تۆھپە: 147 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 50 نۇمۇر
    قوللاش: 1561 نومۇر
    ئالقىش: 2280 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ئەدىبلەر
    توردىكى ۋاقتى : 639(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇ قانداق ئىش؟ مەن بۇ پوۋسىتقا ئىنكاس يازغاندەك قىلغانتىم. ھە قايتا يوللاپسىزدە ، ئەمسە مەنمۇ شۇ ئىنكاسىمنى قايتا يوللاپ قوياي تازا. ?luSEkOQ  
    PoNrw4c  
    ھىسلىرىم:- <\)]L  
    پوۋسىتىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. قايسى كۈنى سىزگە پوۋسىتىڭىزدىكى بايقىغان يىتەرسىزلىكلىرىمنى دەپ ئۆتكەن ، تۈزەتكىنىڭىزدىن كىيىن ئوقۇسام خىلىلا مۇكەممەل يىزىلىپتۇ. }J%4 <-5a  
    پوۋسىتىڭىزدا  يۇرتىمىز قەشقەرنىڭ يەرلىك شىۋىسى، ئۆرۈپ-ئادىتى ، مەنزىرسى قاتارلىقلا P;Z/=94tw  
    ئەزىز ،مەسۇم ئانا قاتارلىقلار تەرپىدىن روشەن ئەكىس ئەتتۈرلىپتۇ. b]u /p'ta  
    مۇنبەرگە يانغىن، نەرگىزە، گۈلگۈن  سىز يەنە بىر قانچە ئەزا تىزىملاتقاندىن كىيىن مۇنبەردە ھەجىمىي چوڭ ئەسەرلەر خىلى كۆپلەپ مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ھەممىمىز خۇشال. d=sm(HLJ,  
    سىزدە ئەەبىي پۇراق، قابىلىيەت باركەن ،تىخىمۇ تىرىشسىڭىز تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى مەيدانغا ئىلىپ چىققىدەكسىز. h4<t-n}N  
    سىزگە مەسلىھەتىم ، بۇ ئەسەرنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ مۇلاھىزە قىلىپ ، تۈزىتىپ، مەسۇم بىلەن ئابدىكىرەمىنىڭ بىر-بىرگە كۆڭلى چۈشۈپ قالغان ،مۇھەببەتلەشكەن تەسۋىرلىرىنى تىخىمۇ كۆپەيىتسىڭىز. پوۋسىتىڭىزنى تۈزىتىپ مەتبۇئاتقا ئىۋەرتىڭ. مەزمۇنى بەكلا ياخشىكەن بىسىلىشىدا ئۈمۈد بار. ^84vWQzL  
    مۇنبەردە بۇنداق ھەجىمى كۆپ ئەسەرلەرنى ئوقۇش قىتىم سانى سەل تۆۋەنرەك . يۇمۇر-چاقچاقنىڭ جىقراق، بىسىلىپ قالمىسۇن. RfXfmf4]C`  
    گىپىم تۈگىدى
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قايتا يوللاندى ھەدە ، ئىنكاسىڭىزغا يەنە بىر قىتىم رەھمەت ئىيتىمەن ، مىنى ھەنىم بولسا ئۇنتۇپ قالماپسىز ، ھى ھى .
    salkin mtv
     باغرى قان بولغان كىشىنىڭ دەردىنى دەرىدمەن بىلۇر،
    دەردى يوق بىدەرىد كىشىلەر بەلكى دەرىدمەندىن كۈلۇر.
    كۈلمىگەي ھىچكىم بىراۋدىن، ئۆتنە ئالەم بۇ زامان،
    ياخشىنى يامان دىگەن يامان ئۆزى قالماس ئامان.
    كۆرمەيىن باسما تىكەننى،تارىتما ھەرگىز دەردىنى،
    يۈرمىگىن ئاخىر كىيىپ مەندەك كۇلايۇ جەندىنى.
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 22:54 |
    www.nixan.cn
    زەلىلى
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 49787
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 295 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 40(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-12
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھېسلىرىم سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ناھايىتى ياختۇرۇپ ئوقۇيمەن....    قەلەم كۈچىڭىزگە قايىلمەن..        ئەسەر دېگەن يېزىپ قويىسىز بولمىسا ھە.....            نەدىن كېلىدىغاندۇ تەسەۋۋۇرلار....                  ھازىر ئۇيقۇم بەك كېلىپ كەتتى. ئەتە چوقۇم ئوقۇيمەن.. رەھمەت .. قەلىمىڭىز ھارمىغاي....
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    ئۇقۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . خىلى ئەجىر سىڭدۈردۈم بۇنىڭغا .(ئۆزۈمنى ماختاپ قوياي ، ھى ھى )
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-28 23:59 |
    www.nixan.cn
    ئەزىزيانغىن
    مەڭگۈ يېنىپ تۇرىمەن !!!
    ئالىي ئەزا ئىجاتچان ئەزا سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت ) ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالاھىدە تۆھپە
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 27990
    نادىر تېما : 13
    يازما سانى : 35
    شۆھرەت: 81 كىشىلىك
    پۇل : 502637156 سوم
    تۆھپە: 600 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 7 نۇمۇر
    قوللاش: 444 نومۇر
    ئالقىش: 1448 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دوستلار
    توردىكى ۋاقتى : 484(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-25
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئۇرۇن ئېلىپ تۇراي ...ئىلھامىڭ يېنىپ تۇرسۇن ماڭا ئوخشاش ...   
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    سەن يانساڭ مەن ئۇچىمەن ئاداش ، ھاھا .
    salkin mtv
    كۆڭۈل بوستانىغا جاھان سىغىدۇ ،
    جاھان تۇرماق ھەتتاكى ئاسمان سىغىدۇ .
    ئەگەردە رەشىك ھەسرەت قاپلىسا ئۇنى ،
    تېرىقنىڭ قاسرىقىمۇ ئاران سىغىدۇ .
            __ئا. ئۆتكۈر
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 01:01 |
    www.nixan.cn
    قۇندۇزە
    Snow  White
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 2 كىشىلىك
    پۇل : 3925 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -8 نۇمۇر
    قوللاش: 7 نومۇر
    ئالقىش: -6 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: بەھرام
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ئۇزۇنكەن ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالدىم چۇقۇم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن..ھەممىنى ئوقۇپ بولمىغان بولساممۇ  قەلەم كۈچىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدىم.مەنمۇسۈبھىدىكى ياپراق ئېيتقاندەك سىزنىڭ چۇقۇم مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ماڭا سىز  كەلگۈسىدە داڭلىق بىر يازغۇچى بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتىسىز  ئۇتۇق تىلەيمەن ئەمىسە
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت سىزگە . چوقۇم ئوقۇشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ھە . مەنمۇ ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمەن ، بەلكىم پات ئارىدا بىرەر مەتبۇئاتلاردىن كۆرۈپ قىلىشىڭىز مۇمكىن ، شۇ چاغدا دوستلىرىڭىزغا مىنى ماختاپ بىرىشنى ئۇنتۇماڭ ھە ، ھى ھى .
    [ بۇ يازماقۇندۇزەتەرپىدىن2009-03-29 11:49دە قايتا تە ]
    salkin mtv
    تەقدىردىن ۋايساش ،ئىلگىرلىيەلمەسلىككە باھانە كۆرسىتىش،پەقەت مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ لۇغىتىگىلا خاس سۆزلۈك.غالىبلار ھەرقانداق باھانە -سەۋەبنى رەت قىلغۇچىلاردۇر.
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 03:05 |
    مېھرىزات
    مېھرىڭنى ئەلدىن ئايىما، گۈلۈم!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 40646
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1653
    شۆھرەت: 159 كىشىلىك
    پۇل : 99958460 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: -7 نومۇر
    ئالقىش: 119 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كورلا
    توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون7قەۋەتتىكىقۇندۇزەنىڭ2009-03-29 03:05دە يوللىغان يازمىسى  : dr-qCK6@c  
    بەك ئۇزۇنكەن ئىنكاسىم بىلەن ساقلىۋالدىم چۇقۇم تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىمەن..ھەممىنى ئوقۇپ بولمىغان بولساممۇ  قەلەم كۈچىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل بولماي تۇرالمىدىم.مەنمۇسۈبھىدىكى ياپراق ئېيتقاندەك سىزنىڭ چۇقۇم مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن ماڭا سىز  كەلگۈسىدە داڭلىق بىر يازغۇچى بولۇپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلىۋاتىسىز ئالتىنچى  سەزگۈم جۇمۇ  ئۇتۇق تىلەيمەن ئەمىسە ZN.5 mD1)  
    '15F-C  
    ^#3TaH N8o  
    ئۇ ھازىر كاندىدات يازغۇچى... 46!bd>,  
    پەخىرلىك...!!!
    salkin mtv
    بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
    يەرگە بىر چاڭ قوندى،كۆمۈلۈپ كەتتى.
    دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نىمە،
    بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 03:20 |
    قۇندۇزە
    Snow  White
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 36070
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 2 كىشىلىك
    پۇل : 3925 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -8 نۇمۇر
    قوللاش: 7 نومۇر
    ئالقىش: -6 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: بەھرام
    توردىكى ۋاقتى : 574(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-23
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون8قەۋەتتىكىمېھرىزاتنىڭ2009-03-29 03:20دە يوللىغان يازمىسى  : GSgD7  
    rE3.h50  
    dpZ oo-{  
    ئۇ ھازىر كاندىدات يازغۇچى... Ish)d_1T  
    پەخىرلىك...!!! ~%Y`z2+e9"  
    `: L>b  
    دېمىگەن بىلەن ھېسلىرىمنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يازغۇچى دەپ ئاتىۋەتسەكمۇ ئازلىق قىلمىغۇدەك  تالانت يەنىلا بار يەردە باردە ئاپىرىن
    salkin mtv
    تەقدىردىن ۋايساش ،ئىلگىرلىيەلمەسلىككە باھانە كۆرسىتىش،پەقەت مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ لۇغىتىگىلا خاس سۆزلۈك.غالىبلار ھەرقانداق باھانە -سەۋەبنى رەت قىلغۇچىلاردۇر.
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 04:23 |
    مېھرىزات
    مېھرىڭنى ئەلدىن ئايىما، گۈلۈم!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 40646
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1653
    شۆھرەت: 159 كىشىلىك
    پۇل : 99958460 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: -7 نومۇر
    ئالقىش: 119 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كورلا
    توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    نەقىل
    بۇ مەزمون9قەۋەتتىكىقۇندۇزەنىڭ2009-03-29 04:23دە يوللىغان يازمىسى  : I9M-ek3kn  
    Bung;#4*  
    دېمىگەن بىلەن ھېسلىرىمنى ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ يازغۇچى دەپ ئاتىۋەتسەكمۇ ئازلىق قىلمىغۇدەك  تالانت يەنىلا بار يەردە باردە ئاپىرىن g$ ytZ]  
    bge~%u{R8  
     Pn]AC0  
    سەل تۇرۇپ مېنىڭ ئەڭ ئۈستىگە تەھرىرلىگەن ئىنكاسىمنى كۆزدىن كەچۈرگەيسىز...
    salkin mtv
    بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
    يەرگە بىر چاڭ قوندى،كۆمۈلۈپ كەتتى.
    دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نىمە،
    بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 04:50 |
    مېھرىزات
    مېھرىڭنى ئەلدىن ئايىما، گۈلۈم!
    ئالاھىدە ئىلگىرلەش
    دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


    UID نۇمۇرى : 40646
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 1653
    شۆھرەت: 159 كىشىلىك
    پۇل : 99958460 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 78 نۇمۇر
    قوللاش: -7 نومۇر
    ئالقىش: 119 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: كورلا
    توردىكى ۋاقتى : 840(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ئەڭ ئۈسىتىدىكى ئىنكاس تەھرىرلەندى...
    salkin mtv
    بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى،
    يەرگە بىر چاڭ قوندى،كۆمۈلۈپ كەتتى.
    دۇنياغا كېلىشىڭ كېتىشىڭ نىمە،
    بىر چىۋىن تۇغۇلدى يا ئۆلۈپ كەتتى.
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 06:05 |
    ئالاۋىدىن
    بەختىم ئۇچۇن !
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 26342
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 107 كىشىلىك
    پۇل : 2409 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 49 نۇمۇر
    قوللاش: 45 نومۇر
    ئالقىش: 59 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: ~مۇنقەرىز~
    توردىكى ۋاقتى : 448(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-11-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى چىقىپتۇ . مەنمۇ قەشقەرلىك بولغاچقا بەك قىزىقىپ ئوقۇۋەتتىم .
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت . ئاز-تولا بولسىمۇ قىممەتلىك باھا-تەكلىپلىرىڭىزنى بىرىۋەتكەن بولسىڭىز تىخىمۇ خۇش بولاتتىم جىنىم يۇرتدىشىم !
    salkin mtv
    ئىشەككە ھەسەل بەرسەڭ
    ھەلىپىگە يۇگرەيدۇ .
    ئىشەك ھەسەل دىدى ، يىدى ساماننى .
    پەلەك ئايرىمىدى ، ياخشى ياماننى
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 11:28 |
    كۆمۈلگەن تۇيغۇ
    ئاينىڭ سىردىشى
    سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز)
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 1564
    نادىر تېما : 2
    يازما سانى : 781
    شۆھرەت: 784 كىشىلىك
    پۇل : 502599 سوم
    تۆھپە: 15 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 673 نۇمۇر
    قوللاش: 602 نومۇر
    ئالقىش: 555 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: دۇستلۇق
    توردىكى ۋاقتى : 293(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇنداق ئىسىل ئەسرىڭىزنى قايتا يوللىغىنىڭىزدىن ناھايتى خوش  بولدۇم ئۇكىجان . مۇشۇنداق نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۈلمىگەي . بىرەر تىرىم ئادەملەرنىڭ كۆرەلمەسلىكىدىن چىققان ئۇنداق ئىشلاردىن ۋايمى يىمەي  يەنە مۇشۇنداق ئىشەنچ ۋە  مەغرۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىگەيسىز !! g@^]qGB  
    Z|$M"$p  
    مەكتەپداش  ئاچىڭىز AOjH=c  
    داخاندىن !
    تېما ئىگىسىنىڭ سۆزى :
    رەھمەت سىزگە داخان ھەدە ، مەن ئەپسۇسلىرىڭىزنىڭ تەسىرىدىن مۇشۇنداق ياخشى يازالىدىم ، ھى ھى . چوقۇم تىخىمۇ ياخشى ئەسەرلەرنى يارىتىمەن !
    salkin mtv
    ئىنسان ئۆزىنى تاشلىۋەتمىگۈچىلىك ،رەببىم ئۇنى تاشلىۋەتمەيدۇ !
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 11:40 |
    ھەسەنباي
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 49416
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 1
    شۆھرەت: 6 كىشىلىك
    پۇل : 880 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
    قوللاش: -4 نومۇر
    ئالقىش: -4 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 86(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ۋوججو  ئاران ئوقۇپ  بولدۇم      
    salkin mtv
    چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-29 13:30 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    • «
    • 1
    • 2
    • 3
    • »
    • Pages: 1/3     Go
    سەلكىن مۇنبىرى » ھىكايە - پوۋسىتلار