)pM(v
\e uZiOe.q[1 ;b]O5F- -&eMW=
K !Le1 O?p M'z} Rov1 تاغ تەرەپتىن گۈكىرەپ سوقىۋاتقان سوغۇق شامال قەبرىستانلىقتىكى تۇغ_ئەلەملەرنى ئېچىنىشلىق تىتىرتەتتى.بۇ يەرگە كېلىپ قالغان ئادەمنى ئىختىيارسىز قورقۇنۇچ بېسىپ يۈرىكىمۇ ئاشۇ تۇغ_ئەلەملەردەك تىترەپ كېتەتتى.ئاشۇ قەبرىستانلىقتىكى توپا يۆلەپ قويۇلغان قەبرە ئالدىدا بىر ئانا بۇقۇلداپ يىغلىماقتا.يۈرىكىدىكى ھەسرەتلىرىنى ئاشۇ قەبرىگە سىڭدۈرمەكتە.قەبرە ئاستىدا ئۈن_تىنسىز ياتقان ئوغلىغا قەلبىدىكى بارلىق ھىسىياتىنى ئۆكسىگىنىچە بايان قىلماقتا.شامال گۈكىرمەكتە،قاياقتىندۇر لالما ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا...ئانىنىڭ يىغىسى بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى،ئۇ گويا يۈرىكىنى بېسىپ ياتقان پۇشايمېنىنى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك ئۆكسۈپ_ئۆكسۈپ يىغلايتتى.يىراقتىن بالا كۆتىرۋالغان بىر ياش چوكان ئانىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى يۆلەشتۈرگىنىچە قەبرىلەر ئارىسىدىكى تار چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى.يول ياقىسىدىكى دەل_دەرەخلەرمۇ ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىۋاتقاندەك ئاستا لىڭشىپ تۇراتتى.ئۇلارنىڭ سىماسى بارا_بارا كۆزدىن غايىپ بولدى.
BHQR.Sq!
y
#HF$y
_!-
the=8
=lki)UY 93YNg:_y
ئاۋغۇسىتنىڭ مەلۇم بىر كۈنى شەرىقتىن بالقىغان قۇياش كائىناتقا ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىنى سېخىلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى.ئۇنۋېرسىتتىكى كۆل بويىدا بىر قىز جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى.كەينىگە تاشلاپ بىرلا يەردىن بوغۇلغان ئۇزۇن چېچى ۋە ھالرەڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى ئۇنى بەئەينى كېپىنەككە ئوخشىتىپ قويغاندى.چىرايى خۇددى قاشتېشىدەك سۈزۈك،قاپقارا كۆزلىرىدىن نۇرلار ياغاتتى.چاقناپ تۇرغان كۆز قارچۇقلىرى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ،كاماندەك قاشلىرى جانلارنى مەھلىيا قىلاتتى.ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىز ئوقۇۋاتقان كىتابىنى قاتلاپ ئورۇندۇق ئۈستىگە قويدى_دە چىرايلىق بېشىنى سەل قىڭغايتىپ ئۇزاقتىن_ئۇزاق خىيالغا چۆمدى.دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئىككى قۇشقاچ تىنماي ۋىچىرلاشماقتا ئىدى.بىر چاغدا قىز ئورنىدىن تۇردى ۋە دەرەخلىك ئارىسىدىكى خىش ياتقۇزۇلغان تار يولدا رېتىملىق مۇزىكا پەيدا قىلىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى. i,pc
__ سىزنىڭ...كىتابىڭىز ئۇنتۇلۇپ قالدى! WGy|q{DM3
قىسقا،ئەندىككەندەك ئاۋاز قىزنى توختاتتى.ئۇ نازاكەت بىلەن قايرىلدى،چىرايىغا قىزىللىق تەپتى. X,
IDqp
__ رەھمەت سىزگە! __ قىز شۇنداق دىگىنىچە يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىرىدىيۇ يىگىتنى نەدىدۇر كۆرگەندەك ھىس قىلدى.يىگىتنىڭ گەدىنىنى يېپىپ تۇرغان قارا چېچى،چېكىلگەن يارىشىملىق بۇرۇتى،چاچراپ تۇرىدىغان قوڭۇر كۆزى،ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سانى ئەسلىتىدىغان ئەگمەچ قاشلىرى قىزغا شۇنچىلىك تونۇش بىلىنىۋاتاتتى. J#aavXl
__ سىز قانۇن فاكولتېتىدا ئوقۇيسىز ھە؟ __ دەپ سورىدى يىگىت خۇددى قىزنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەك. 2w^'SB4
__ ھەئە،سىز مېنى تونامسىز؟ ?ORHIQS59
__ شۇنداق،مېنىڭ بىر يېقىن ئاغىنەم سىلەرنىڭ سىنىپتا ئوقۇيدۇ،شۇنى ئىزلەپ سىنىپىڭلارغا نەچچە قېتىم بارغان،شۇ چاغدا سىزنىمۇ كۆرگەن. 4p?!a f.
ھە...ئەسلىدە يىگىتنىڭ تونۇش چىراي كۆرۈنگېنى بىكار ئەمەسكەندە __ دەپ پىچىرلىدى قىز كۆڭلىدە. YiMsDD(E?
__ ئىسمىڭىزنى بىلسەم بولامدۇ؟ __ دەپ سورىدى يىگىت. gY:z=c_~
__ مېھراي __ دىدى قىز چېچىنى ئۇياتچان قىزلارغا خاس بىر ناز بىلەن تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇپ. 8UbEb6&4
__ مېنىڭ ئىسمىم ئادىل،چەتئەل تىللىرى فاكولتىېتىدا ئوقۇيمەن،سىز بىلەن تونۇشقىنىمغا خوشالمەن.__ يىگىت سۆزلىگەچ قىزغا قولىنى ئۇزاتتى،قىزمۇ تارتىنىپقىنە قولىنى سۇندى،ئاشۇ دەقىقىدە قىزنىڭ يۇمشاق ئالقىنىدىن ئاجايىپ بىر ھارارەت تاراپ يىگىتنىڭ يۈرىكىنى جىغىلداتتى.ئۇلار ئەنە شۇنداق تونۇشۇپ قالدى.شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇلار پات_پات كۆرۈشۈپ تۇردى.بۇ ھەر ئىككىسىنىڭ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈردىغان ئاخىرقى يىلى بولغاچقا ئۇلار ۋاقتىنى ئاساسەن كۈتۈپخانىدا بىرگە دەرىس تەكرارلاش بىلەن ئۆتكۈزۈشتى.شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتتى.ئادىل مېھراينى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى.ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشقا پۇرسەت ئىزدەيتتى.شۇنچە پىنھانلىقتا ساقلاپ كەلگەن،يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىقىدا تۇرۇۋاتقان تۇنجى سۆيگۈسىنى چىچەكلىتىشنى،ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىشنى ئىستەيتتى.مېھراينىڭنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قانداق ھىسىياتتا بولىۋاتقىننى بىلمەكچى بولاتتى،بىراق ئۇنىڭ پەرۋاسىز،سېھرىگەر كۆزلىرىدىن ھىچنىمىنى ھىس قىلالماي قىينىلاتتى.ھەر قېتىم ئېغىز ئاچاي دىگەندە ئۇنىڭ مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن ئىشەنچىسىنى يوقىتاتتى. !W=0gH
بۈگۈن ئۇلار مۇزاكىرىنى بالدۇرلا تۈگۈتۈپ ئىككىسى تۇنجى رەت تونۇشقان كۆل بويىغا كەلدى.ئاي قاراڭغۇسى،لېكىن يۇلتۇزلۇق كېچە ئىدى.مەيىن شامال يەلپۈپ تۇراتتى.كۆلمۇ جىمجىت ئۇيقۇغا چۆمگەن ئىدى.ئۇلار كۆل بويىدىكى ئۇزۇن تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى.خېلى ۋاقىتقىچە ئۈن_تىن چىقارماي كۆلگە قارىشىپ تۇرۇشتى.ئاخىرى ئادىل غەيرەتكە كېلىپ گەپ باشلىدى: VMWRqXJ
__ مېھراي،سىز ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟ ]JJEz De@,
__ سىزچۇ ئادىل؟ __ قىز يىگىتنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاپ قايتۇردى. s71E p
__ شۇنداق ياخشى كۆرۈپ باققان. ] _B3W{
__ ئارزۇيىڭىزغا يېتەلىدىڭىزمۇ؟ b3u 7wjJ%
__ ياق،تېخى ئۇ قىزغا ئاشكارلاپ باقمىدىم. p
0u
__ مەن تونۇيمەنمۇ؟نىمە ئۈچۈن قىزغا مۇھابىبتىڭىزنى ئىزھار قىلمىدىڭىز؟ fjj`8!
__ تونۇيسىز مېھراي،ئۇ قىز مېنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىغىمنى بىلەمدۇ يوق،ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم.ئەمما خېلى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ قىزنى غايىۋانە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. sr
T5U0
__ ئۇ قىزغا كۆڭلىڭىزنى ئاشكارلاشقا جۈرئىتىڭىز يوقكەندە؟ v(.
__ ئۇنداقمۇ ئەمەس،پۇرسەت كۈتتۈم شۇ.ئۇنى قايىل قىلىپ مايىللىقنى قولغا كەلتۈرگەندە ئاندىن ئېغىز ئېچىشنى ئويلاشقانتىم. >&24
DyO+
__ قىزنىڭ مايىللىقىنى سۈكۈتتە تۇرۇپ قولغا كەلتۈرمەن دىسىڭىز ئۇ قىزنى ئۈمۈتسىزلەندۈرۈپ قويىسىز ئادىل،ئوغۇلبالا دىگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلىش كېرەكدە. ._&O
مېھراينىڭ سۆزلىرى ئادىلنىڭ ئەسلىدىنلا تىترەپ تۇرغان يۈرىكىنى تېخىمۇ قوزغىتىۋەتتى.بۇ سۆزلەر خۇددى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى. قانداق قىلىپ مېھراينىڭ قولىنڭ تۇتۇۋالغىنىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالدى. p96Mp[IR
__ بىلسىڭىز ئۇ قىز دەل سىز،سىزنى كۆرگەندىن كۈندىن باشلاپ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم،بارغانسېرى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن،مۇھابىتىمگە جاۋاپ بېرىڭ مېھراي،مېنى سۆيگۈ قاينىمىدا يالغۇز تاشلىۋەتمەڭ،مەن سىزگە چىن دىلىمدىن شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە بىر سىزنىلا سۆيىمەن...__ ئادىل ھاياجانلانغېنىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. pG\gG&
__ مەن...مەن... __ مېھراي دۇدۇقلىغىنىچە گەپ قىلالماي قالدى.بىراق ئۇ ئادىلنىڭ ئالقىندا تۇرغان قوللىرىنى تارتىۋالمىدى.مېھراي ئەسلىدە"مەنمۇ سىزنىڭ پاك_سەمىمى قەلبىڭىزنى،ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان قەيسەر ئىرادىڭىزنى،ئۆزگىچە خاراكتىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن" دىمەكچىدى،بىراق قىزلىق غۇرۇرى بۇلارنى دىيىشكە يول قويمىدى.ئۇ پەقەت جاۋاپ تەرىقىسىدە ئادىلغا قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىردى.ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى چاقناۋاتقان ئۇچقۇندىن قەلىب نىداسى ئايان بولدى. E
zq1
n
__ رەھمەت مېھراي،رەھمەت!مەن سىزنى چوقۇم بەخىتلىك قىلىمەن! $BmUr*9rvj
ئادىل شۇنداق دىگىنىچە مېھراينى باغرىغا چىڭ باستى.ئۇنىڭ يۈرىكى مېھراينىڭ يۈرىكى ئۈستىدە سوقاتتى.مەڭزىدىكى ئاتەش يۈزلىرىنى ئۆرتەيتتى.دىماقلىرىغا يۈرەكنى مەھلىيا قىلغۇچى خۇش پۇراقلار ئۇرۇلاتتى.مېھراينىڭمۇ يۇمران ۋە ئىللىق ۋۇجۇدى ئادىلنىڭ باغرىدا شىددەتلىك ۋولقان بولۇپ ياناتتى...ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن تۇرۇشتى.بىر ھازادىن كېيىن مېھراي ئۇيقۇدىن چۈشەكىگەندەك: 7
^Pj<
__ قايتايلى ئادىل،ياتاقنى تاقايدىغانغا ئازلا قالدى __ دىدى. Skq"|z>z
__ يۇلتۇزلۇق كېچە نەقەدەر گۈزەل ھە!ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بولىدۇ.__ دىدى ئادىل ئاستاغىنە پىچىرلاپ. $A*q\Z
__ ئاللاھ بەختىمىزنى بېرەر ئادىل...__ مېھراي يەنە نىمىلەرنىدۇ دىمەكچىدى،بىراق ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بارغىنىنى ئويلاپ گېپىنىڭ داۋامىنى يۇتۈۋەتتى. ^6P:zwh=
__ چاققان ئادىل،ياتاقنى تاقاشقا ئازلا قاپتۇ،چاپسان قايتايلى.__ دىدى ئۇ نازۇك بىلىكىدىكى سائىتىگە قاراپ.ئۇلار بىر_بىرنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ كۈمۈشرەڭ ئايدىڭلىققا چۆمگەن يولدا گويا بىرى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك يۈگۈرۈشكىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى... 1b[1sho
B"yq/AF& !
GYN)9,Z~[
T.>lt8D|-e
. hTItT4:hb
قاينام_تاشقىنلىق سىتودېنىتلىق ھاياتىغا يېڭى مەنا قوشۇلۇپ بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھاببتى تېخىمۇ قويۇقلىشىپ بارماقتا ئىدى.ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مەكتەپ پۈتتۈرۈش ئىمتاھانىغا تەييارلىق قىلۋاتاتتى.ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن دەرىسخانا،كۈتۈپخانا،ياتاق ئارلىقىدا ئالدىراشچىلىقتا ئۆتۈپ كېتۋاتاتتى.ئۇنۋېرسىتىت ھاياتى ئۇلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇردى.كىمكى زامان ئەگلىكىدىن راۋان ئۆتىمەن،ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەن داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىشى،توسقۇنلۇقلاردىن،جەبىر_مۇشاقەتلەردىن دادىللىق بىلەن ئۆتىشى كېرەك.ھەش_پەش دىگۈچە ھەر ئىككىسى ئوقۇشنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.ئوقۇغان كەسپىگە ئاساسەن مېھراي ئوتتۇرا سوتقا،ئادىل ساياھەت ئىدارىسغا تەقسىم قىلىندى.ئادىل ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆزىنىڭ تەشكىللەش جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىستىقباللىق ياشقا ئايلاندى.بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئانا_بالا ئىككىيلەن پاراڭلىشىشقا تۇتۇش قىلدى. <@Ym-%
__ ئوغلۇم__ دەپ گەپ باشلىدى ئانا __يۈرۈۋاتقان قىزىڭ بارمۇ؟ =Eq`9,ng
تۇيۇقسىز سورالغان سوئالدىن ئادىل تەمتىرەپ قالدى.ئۇ مۇشۇ كۈنگىچە ئانىسى بىلەن مۇنداق نازۇك مەسىلىلەرنى دىيىشىپ باقمىغاندى.ئادىلنىڭ دادىسى ئۇ تولۇق 2_يىللىققا قەدەم قويغاندىلا تۈگەپ كەتكەندى.ھالا بۈگۈنگىچە ئانىسى ئۇنى ھىچنىمىدىن قىسماي كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ كېلۋاتاتتى.ھازىرقى جەمىيەت شارائىتىدا بىر يالغۇز جاننىڭ مائاشى بىلەن ئىككى ئادەمنى باقماق،يەنە كېلىپ ئالى مەكتەپتە ئوقۇتماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس_دە،شۇ سەۋەپتىنمىكىن ئادىل ئانىسىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيتتى،ھەر قانداق ئىشتا ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى.بۈگۈن ئانىسى بىلەن ھىسىيات جەھەتتە پاراڭلىشىش ئۇنى تولىمۇ خىجىل قىلدى.ئانا ئوغلىنىڭ ھولۇقۇپ قاراشلىرىدىن،ئوت يانغان كۆزلىرىدىن ھەممىنى چۈشەندى. dm/WIzf4
__ ئۇنداقتا كېلەر شەنبە كۈنى لايىغىڭنى باشلاپ كەل،مەنمۇ كېلىنىم بىلەن بالدۇرراق تونۇشىۋالاي.__ دىدى ئانا ئادىلنىڭ چاچلىرىنى مېھرىبانلىق بىلەن سىلاپ تۇرۇپ.ئانىسىنىڭ سۆزىدىن ئادىل تولىمۇ خوشال بولدى،ھەتتا كۆز ئالدىغا مېھراينىڭ ئاپپاق تويلۇق كۆينىگىنى كىيىپ ئۆزىنى قولتۇقلاپ تۇرغان ھالىتىنى كەلتۈرۈپمۇ ئۈلگۈردى دە ئۆز خىيالىدىن شادلىنىپ كۈلۈپ قويدى. #C!,KrnV
شەنبە كۈنى مېھراي ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن ئىدى،ئۇ ئىشتىن يېنىپ ئۇدۇللا ئادىلنىڭ ئۆيىگە كەلدى.سالام_سائەتتىن كېيىن ئانا چاي دەملەش ئۈچۈن ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى.قىز بىر قاراشتىلا ئانىغا ياخشى تەسىر بەردى.قىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرىدىغان مۇلايىم چىرايى،گۈزەللىكتە ھىچكىمدىن قېلىشمايدىغان نازۇك بوي_بەستى،گەپ قىلىشتىكى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئۆزگىچە سۆلىتى ئۇنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىگىنى نامايەن قىلىپ تۇراتتى."ئوغلۇمنىڭ تەلىيى چىققاندەك تۇرىدۇ،خۇدايىم ئوغلۇمنىڭ تەغدىر_پىشانىسىنى ئوڭ قىلغاي"دەپ ئويلىدى ئانا ئىچىدە.شۇ قېتىملىق تونۇشۇشتىن كېيىن مېھراي بۇ ئۆينىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى.ئادىلنىڭ ئانىسىمۇ بۇ قىزنى بارغانچە ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتى.ئۆيدە ياخشى تاماق ئېتىلگەن كۈنى ئۇ مېھراينى چاقىرتاتتى.ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ئانا_بالا ئىككىيلەنلا تۇرىدىغان بۇ ئۆي قىزغىنلىققا تولاتتى.مېھرايمۇ تۇرمۇشنىڭ دەردىنى ئوبدانلا تارىتقان بۇ جاپاكەش ئانىغا قىزى بولۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى.ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار مېھراينىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ ئاتا_ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشىنى پۈتۈشۈشتى.كىممۇ ئويلىغان،ئىككى ياشنىڭ بەخىتسىزلىكى دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى.ئادىلنىڭ ئانىسى بولغۇسى قۇدىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن تۇنجى قېتىم ياخشىراق ئاتلاش ئۈچۈن سوۋغا_سالاملارغا خېلىلا بەك ھەرەج تارتتى.مېھراينىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ مېھمانلار ئۈچۈن تۈجۈپلەپ تەييارلىق قىلدى.ئىشىك چېكىلدى.مېھراي ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن يۈگۈردى.ئانىسىمۇ ئۇن يوقى قوللىرىنى پەرتۇقىغا سۈرىتكېنىچە ئالدىراپ_تېنەپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتىيۇ مېھمانلارنى كۆرۈپ تۇرغان جايىدا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى. I9@&,50
__ سىز... %K0
@o>
__ ئەسلىدە سىز... Q4`0pG"
ئىككى ئانا خۇددى يادىلىۋالغاندەك مۇشۇ سۆزلەرنى تەكرارلىدى.شۇ چاغدا مېھراينىڭ دادىسىمۇ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى _ دە چىرايىنى ھەيرانلىق ئۇچقۇنلىرى قاپلاپ،ئۆسكىلەڭ قاشلىرى لىپىلداپ كەتتى. c]K!=k
__ توۋا...مەن خۇدايىمنىڭ ئالدىدا نىمە يامانلىق قىلغان بولغىيدىم؟!رەقىبلەر تار يەردە ئۇچىرشىپتۇ دىگەن مۇشۇ ئىكەندە،جۈر كېتىمىز! __ئانا شۇلارنى دىگىنىچە ئادىلنىڭ قولىنى تۇتۇپ سىرىتقا سۆرىدى. |:,":S4^
__ نىمە ئىش بولدى ئانا؟نىمە گەپ بولسا چىرايلىق دىمەمسىز،بۇ...بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ __ ئادىل ھەيرانلىق ئىلكىدە گاڭگىراپلا قالغاندى.مېھرايمۇ نىمە ئىش يۈز بەرگىنىنى بىلىپ بولالماي ھەيران بولاتتى. j$,$65\BkZ
__ بۇلار چىرايلىق گەپنىڭ نىمىلىگىنى بىلمەيدۇ،داداڭنىڭ نىمە سەۋەپتىن تۈگەپ كەتكىننى بىلەمسەن؟كۆز ئالدىڭدا تۇرغان ئاشۇ ۋىجدانسىز،يەنى سېنىڭ بولغۇسى"قېينىئاتاڭ" داداڭنىڭ بېشىغا چىقتى.ئۇ ئىپلاس ئىدارە باشلىقى ۋاقتىدا ئۆزى خىيانەت قىلغان پۇلنى داداڭغا دۆڭگەپ قويغاچقا داداڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن توختىتىلىپ قويۇلدى.بىلسەڭ داداڭ بىر ئۆمۈر پاك_دىيانەت بىلەن ياشىغان ئادەم ئىدى.بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى.ئۇ مۇشۇ ئىشتا ئۆزىنى ئاقلىيالماي ئاچچىق يۈتۈپ تۈگەپ كەتتى... __ ئانا شۇلارنى ئارانلا دىيەلىدى ۋە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگۈدەك ئاۋازدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. t FDB:t
__ قالايمىقان گەپ قىلىپ ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلماڭ،ئۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قانۇن ئورگىنىدىكىلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان،ھەر كىم ئۆز خاتالىقىغا لايىق جازا تارتىدۇ.__ دىدى مېھراينىڭ دادىسى. Z[(O|c'-
__ مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن،ئەينى چاغدا سەن سوتتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاقنى قارا قىلۋەتتىڭ،بىزنىڭ ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنپ ئۇنى ئورىغا ئىتتەردىڭ،قاراپ تۇر،بۇ ئىشنىڭ تېخى قىيامەتتە سورىقى بار!__ئانا غەزەپتىن دىر_دىر تىتىرگىنىچە شۇلارنى ئارانلا دىيەلىدى دە ئادىلنىڭ قولىدىن تارىتقىنىچە ئىشىكنى زەرىپ بىلەن يېپىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى. lLwS2 j%K`
__ ئانا،ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋېلىپ بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ماڭا تەپسىلىرەك سۆزلەپ بېرىڭە؟ئۆز ۋاقتىدا دادامنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ تۈگەپ كەتتى دىگەنغۇ؟بۇ قانداقسىگە... bv)Sx+$
__ داداڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا شۇنداق نەسىھەت قىلغان__دىدى ئانا تىترەڭگۈ ئاۋازى بىلەن ئادىلنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ،__ئۇ سېنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭنى،ئامراق ئوغلىنىڭ ئۆزىنى خىيانەتچى دىيىشىنى خالىمايتتى،بىچارە داداڭ،ناھەقچىلىقنىڭ قۇربانى بوپ كەتتى. bCmcm:cBXz
__ لېكىن ئانا مەن مېھراينى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن،مەن ئۇنى چوقۇم بەخىتلىق قىلىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارنىڭ خاتالىقىنى بىزگە چېتۋالسىڭىز توغرا بولمايدۇدە،بەلكىم ئۇ ئىشلارنى سىز خاتا چۈشىنىپ قالغانسىز. vUSS$%3
"چاڭ"قىلىپ تەككەن شاپىلاقتىن ئادىل بىر نەچچە قەدەم سەنتۈرلۈپ كەتتى.ئۇ يۈزىنى سىلىغانچە ئانىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى.مۇشۇ كەمگىچە ئانىسى ئۇنىڭغا قاتتىقراق ئاۋازدا ۋاقىراپمۇ باقمىغان،دادىسىدىن كېيىن قېلىپ ھەر قانچە قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلگەندىمۇ ئۇنى مېھىر_مۇھاببەتتىن،ئىقدىسادتىن قىسىپ باقمىغان،ھەر ۋاقىت ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىققاننى قىلىپ بېرەتتى.مېھرىبان،مۇلايىم ئانىسىى بۈگۈن ئۇنى ئۇردى.ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىغا لىققىدە ياش تولدى. XS G{h
a
__ ئېسىڭدە بولسۇن،ئەگەر مېنى ئانام دەپ ئويلىساڭ ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئالاقەڭنى ئۈز،يەنە ئۇنى ئىزدەيدىكەنسەن مەن سەن بىلەن ئانا_بالىلقتىن كېچىپ كېتىمەن،بەرگەن ئاق سۈتۈمگىمۇ رازى بولمايمەن،داداڭمۇ گۆرىدە تىك ئولتۇرىدۇ.__ ئانا شۇلارنى دىدى دە پۇت_قوللىرى تىترەپ يول ياقىسىدا ئولتۇرۇپ قالدى.شۇ تاپتا مېھراينىڭ ئۆيىدىمۇ جەڭگە_جېدەل ئەۋجىگە چىققان ئىدى. )U}T,EFN
__ دادا،ماڭا راسچىللىق بىلەن جاۋاپ بېرىڭە،بايا ئاڭلىغانلىرىم راسمۇ؟سىز نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز؟__ دىدى مېھراي دادىسىنىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ تۇرۇپ. ~;i3:/f
__ نىمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ دادىسىغا ئىشەنمەيسەن قىزىم؟!ئۇ خوتۇن ئۆز ۋاقتىدىمۇ ئاشۇنداق جىدەل قىلىپ مەركەزگىچە ئەرىز قىپ بارغان،ئۇ يەردىن تەكشۈرۈش ئۆمىگى كېلىپ ھەممە ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ كەتكەن،ئۇلار ماڭا قارا چاپلىدى قىزىم،ئۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ھىچقانداق ئالاقىسى يوق.ئۇ ئادەم يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.بۇنى شۇ چاغدا دوختۇرلارمۇ ئېنىقلاپ ئىسپات بەرگەن،ماڭا ئىشەن جېنىم قىزىم،ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار تارقاتقان ئۆسەك سۆز. lx[;~0y0=
دادىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ مېھراينىڭ كاللىسىنى گادىرماچ خىياللار قاپلىدى،زادى كىمنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش كېرەك؟... ]=ByOK.=
__ لېكىن مەنمۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دەپ قوياي،مەن ئادىل بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان،ئوتتۇراڭلاردا نىمە ئىش يۈز بەرگەن بولۇشى بىلەن كارىم يوق.__ دىدى مېھراي كەسكىنلىك بىلەن. M 1Q
G
__ شۇنچە يىل ئالى مەكتەپتە ئوقۇغېنىڭ قۇرىسۇن!ئەمدى ئادەم تېپىلمىغاندەك ئاشۇ خەقنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولمىساڭ نىمە بوپتۇ؟!ئۇ خوتۇننىڭ مېنى ھاقارەت قىلغىنى ئاز ئەمەس،ئەڭ ياخشىسى بۇ خىيالىڭنى ھازىرلا يىغىشتۇرۋال!بېشىڭنى تاشقا ئۇرۇپ ئۆلىۋالساڭمۇ بۇ توي ئىشىغا مەن قوشۇلمايمەن.__ دىدى مېھراينىڭ دادىسى زەردە بىلەن. ]6
rJ
__ سەن بىزنىڭ يالغۇز پەرزەنتىمىز،كىچىگىڭدىن سېنى كۆزۈڭگە قاراپ چوڭ قىلدۇق،سېنى تەربىيلەپ چوڭ قىلغۇچە ئاز جاپا تاتمىدۇق،توي ئىشى دىگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس.ئۆمۈرلۈك ئىشىڭدە بولسىمۇ بىزنىڭ رايىمىزغا باق قىزىم.__ دىدى ئانىسى ئۇلاپلا. >/]Y>M~
__ ئىشقىلىپ نىمە دىسەڭلار دەڭلار،مەن ئادىلدىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلمايمەن،ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى كېيىن بىلىپ قالىسىلەر،ئۆز قىزىڭلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەغدىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىززەت_ئابرويى تۈپەيلى نابۇت قىلماڭلار،سىلەردىن ئۆتۈنەي...__ ئىچ_ئىچىدىن يوپۇرلۇپ كېلىۋاتقان يىغا تۈپەيلى مېھراي سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى. fq$L-v^
__ ئەقلىڭ بارمۇ سېنىڭ؟باياتىنقى گەپ_سۆزلەرنى ئاڭلىدڭغۇ؟بىز قوشۇلغان تەغدىردىمۇ ئۇ خوتۇننىڭ ئەمدى سېنى كېلىن قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،ئۆزۈڭنى تولا پەسلەشتۈرمە.__ دىدى ئانىسى تەئەددى بىلەن. E9^tXb{ A
__ ياق،مەن چوقۇم ئادىلنىڭ ئانىسىنى قايىل قىلىمەن! 1OTWqZ4c
__ ئۇخلاپ چۈشۈڭ!بىزلا ھايات بولىدىكەنمىز بۇ تويدىن ئېغىز ئېچىش ئەمدى مۇمكىن ئەمەس.بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىڭگە رۇخسەت يوق! ++LgI3)
ئانىسى شۇنداق دىدى دە گەپ تۈگىدى دىگەندەك قىلىپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مېھراينىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچەيدى...
ZE:{S!w
^gdKj;v#1
mjvC&@Gb
$P~b@^c
'4\6