http://www.wwenglish.com/medle0606/yssw/wwenglish.com_12.mp3The Cobbler and the Banker
La Fontaine
A cobbler passed his time in singing from morning till night;it was wonderful to see,wonderful to hear him;he was more contented in shoes,than was any of the seven sages.his neighbor,on the contrary,who was rolling in wealth,sung but little and slept less.he was a banker;when by chance he fell into a doze at day-break,the cobbler awoke him with his song.the banker complained sadly that providence had not made sleep a saleable commodity,like edibles or drinkables.having at length sent for the songster,he said to him,"how much a year do you earn,master gregory?" "how much a year,sir?"said the merry cobbler laughing,"i have reckon in that way,living as i do from one day to another;somehow i manage to reach the end of the year;each day brings its meal." "well then!how much a day do you earn,my friend?""sometimes more,sometimes less;but the worst of it is,-and,without that our earnings would be very tolerable,-a number of days occur in the year on which we are forbidden to work;and the curate,moreover,is constantly adding some new saint to the list." the banker,laughing at his simplicity,said,"in the future i shall place you above want.take this hundred crowns,preserve them carefully,and make use of them in time of need."the cobbler fancied he beheld all the wealth which the earth had produced in the past century for the use of mankind.returning home,he buried his money and his happiness at the same time,no more singin;he lost his voice,the moment he acquired that which is the source of so much grief.sleep quitted his dwelling;and cares,suspicions,and false alarms took its place,all day,his eye wandered in the direction of his treasure;and at night,if some stray cat made a noise,the cat was robbing him.at length the poor man ran to the house of his rich neighbor;"give me back." said he,"sleep and my voice,and take your hundred crowns
." موزدوز بىلەن بانكىر
لا فونتايىن
ئىلگىرى بىر موزدوز بولغان ئىكەن،ئۇنىڭ كۈنلىرى خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتىدىكەن.باشقىلار ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا ۋە ناخشىلىرىغا ھەۋەس قىلىدىكەن.ئۇ ئۆزىنىڭ موزدوزلۇق ھۆنىرىدىن گىرىتسىيىنىڭ پادىشاسى بولغاندىنمۇ ئارتۇقراق قانائەت ھاسىل قىلىدىكەن.ئۇنىڭ بىر خوشنىسى بانكىر بولۇپ،بانكىرنىڭ ئەھۋالى ئۇنىڭ ئەھۋالى بىلەن قارىمۇ-قارشى ئىكەن.ناھايىتى نۇرغۇن بايلىقى بولسىمۇ،ناخشىا ئېيتمايدىكەن،كىچىلىرىمۇ ياخشى ئۇخلىيالمايدىكەن.بەزى كۈنلىرى تاڭ ئاتاي دىگەندىلا ئاندىن ئاران ئۇخلىشىغا ،موزدوزنىڭ ناخشا ئاۋازى ئۇنى ئويغىتىۋىتىدىكەن.ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئۇيقۇنىمۇ يىمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرگە ئوخشاش سېتىۋالغىلى بولىدىغان قىلىپ ياراتمىغىنىدىن ئاغرىنىدىكەن.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ خوشنىسىنى چاقىرىپ سوراپتۇ:
-گرىگورىي ئۇستام،سىز بىر يىلدا قانچە پۇل تاپالايسىز؟
-ئەپەندىم،مېنىڭ يىللىق كىرىمىمنى دىمەكچىمۇ سىز؟-دەپتۇ موزدوز.ئۇ يەنە كۈلۈپ تۇرۇپ:
-مەن ئەزەلدىن بۇنداق ھىساۋاتنى قىلىپ باقماپتىمەن،كۈنۈم ئۆتسىلا بولدى،يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا،يىلنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىشالىساملا،كۈندە قوسىقىم ئۈچ ۋاق تويسىلا بولدى-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
-ھە،دوستۇم،ئۇنداقتا سىز كۈندە قانچە پۇل تاپىسىز؟-دەپ سوراپتۇ بانكىر.
-بەزىدە كۆپرەك،بەزىدە ئازىراق،ئەمما ئەڭ چاتاق بولغىنى بىر يىل ئىچىدە بەزى كۈنلەردە مەن چوقۇم سودا قىلالمايمەن،چۈنكى پوپ ئىخلاسمەن مۇخلىسلارنىڭ تىزىملىكىگە دائىم يېڭى ئىسىم قوشمىسا بولمايدىكەن(شۇ جاينىڭ دىنىدا يىلدا نەچچە كۈن ئىشلەشكە بولمايدىكەن)،بولمىغان بولسا مېنىڭ كىرىمىممۇ خېلى يامان ئەمەس ئىدى-دەپتۇ موزدوز.بانكىر موزدوزنىڭ تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن بەرگەن جاۋابىدىن كۈلۈپ كىتىپتۇ-دە:
-مەن سىزنىڭ پۇل توغرىلىق ئەندىشىڭىزنى خالاس قىلاي،بۇ يۈز تەڭگىنى ئېلىڭ،بۇنى ئوبدان ساقلاڭ،لازىم بولغاندا ئىشلىتەرسىز-دەپتۇ.
موزدوز خۇددى ئۆتكەن نەچچە يۈز يىلدا يەر يۈزىدە ئىنسانىيەت ئۈچۈن يارالغان بارلىق بايلىقلارنى كۆرگەندەك بوپتۇ-دە،ئۆيگە قايتىقاندىن كىيىن تەڭگىلەرنى بىر جايغا يۇشۇرۇپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنىمۇ يوقىتىپتۇ.ئۇنىڭ ناخشىسى يوقاپتۇ،ئۇ بۇ ئازاپنىڭ مەنبەسىگە ئېرىشكەن شۇ مىنوتلاردىن باشلاپلا،ئۇنىڭ ئاۋازى تۇتۇلۇپتۇ،تاتلىق ئۇيقۇسىمۇ يوقۇلۇپتۇ.بۇرۇنقى خوشاللىقلىرىنىڭ ئورنىنى ئەنسىزلىك،گۇمان،ۋە قورقۇنچ قاپلاپتۇ.كۈندۈزلىرى ئۇنىڭ نەزەرى ئۆزى پۇلنى يۇشۇرغان جايدىن كىلەلمەيدىكەن،كىچىلىرى بەزى مۈشۈكلەر تىۋىش چىقىرىپ قويسىمۇ،ئۇ بەزىلەرنى پۇلنى ئوغرىلىغىلى كەلدى دەپ ئەنسىرەپ كىتىدىكەن،ئاخىرىدا بىچارە موزدوز ھىلىقى باي خوشنىسىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ:
-يۈز تەڭگىڭىزنى قايتۇرۇپ بېرەي،مېنىڭ تاتلىق ئۇيقۇم بىلەن ناخشامنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ-دەپتۇ.