سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
dernek
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 33869
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 4
شۆھرەت: -59 كىشىلىك
پۇل : 6852 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 96 نۇمۇر
قوللاش: 82 نومۇر
ئالقىش: 75 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 196(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-10
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 قـۇمـۇل تارىخـى ماتىريـاللىرى .

1
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى dernek نادىرلىدى .(2009-03-21)
   IO3' `  
{1'+NhE  
قۇمۇللۇقلار ئەجدادلىرىدىن ئۈچ كىشىنىڭ نەسەبى -$wBqk}  
61$x 
مۇھەممەد يۈسۈپ
6XwhaA.  
pBMM{b  
مەن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غۇلجىدىكى ئاپتورلارنىڭ تەتقىقات ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىن سادىر پالۋان، ھاكىمبەگ خوجا، ئابدۇللا ھاپىز قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشى ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكىدىن ۋاقىپ بولۇپ، ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ « پالۋانلار يۇرتى » بولۇپلا قالماستىن، نۇرغۇن جامائەت ئەربابلىرى، ئالىم، شائىرلارنىڭ چىققانلىقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىپ سۆيۈنگەنىدىم. قۇمۇلدىكى كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىمۇ بۇ يېڭى تەتقىقات ئۇچۇرلىرىدىن خەۋەرلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ماقالىنى يېزىپ كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇم. {;$^kav:e  
       ئىلى دىيارىدىن چىققان سادىر پالۋان قاتارلىق ئۈچ مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ قۇمۇللۇق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىشتىن بۇرۇن، گەپنى ئىلى دىيارىغا قۇمۇللۇقلۇقلارنىڭ قاچان ۋە قانداق كۆچۈپ چىققانلىقىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ. G 
       چىڭ سۇلالىسى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، شىنجاڭنى بىرلىككە كەلتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭدا ھۆكۈمرانلىق ئورگانلىرىنى قۇرغان، چېگرىنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەسكەر تۇرغۇزغانىدى. بۇنداق كۆپ ئەسكەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىچكى ئۆلكىلەردىن كەلگەن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ يېمەك- ئىچمىكىنى شىنجاڭدىكى يەرلىك خەلقتىن ئالۋان – ياساق ئېلىش بىلەن ھەل قىلاتتى. ئۇ چاغدا قاتناش، توشۇش ئىشلىرى راۋاجلانمىغانلىقتىن ئىچكى ئۆلكىلەردىن يۆتكەپ ھەل قىلىش ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا ، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تارىختىكى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش-چېگرىنى قوغداش ئەنئەنىسى بويىچە ھەرخىل شەكىلىدە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ تېرىقچىلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ ھەل قىلىشقا كىرىشتى. شىنجاڭدا « ئەسكەر تۇرغۇزۇپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش »، ئىچكى ئۆلكىلەردىن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان « مەھبۇسلارنى يۆتكەپ كېلىپ ، ئەسكەرلەرنىڭ نازارەتچىلىكىدە يەر تېرىش » ، « شىنجاڭغا كۆچمەن كۆچۈرۈپ، خەلق تېرىقچىلىقىنى يولغا قويۇش » قاتارلىق چارە- ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھەم ئاشلىق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ چىگرانى قوغداپ تۇرغان ئەسكەرلەر بىلەن ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ يېمەك – ئىچىمىكىنى ھەل قىلدى ھەم شىنجاڭغا ئاھالە كۆچۈردى. بۇنىڭدىن باشقا، 1760-يىلدىن 1768-يىلغىچە جەنۇبىي شىنجاڭدىن 6000 ئائىلىكتىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقان دېھقانچىلىق قىلىشقا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى. جۈملىدىن قۇمۇلدىنمۇ 500ئائىلە ئۇيغۇر دېھقان 1766-يىلى 5-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان باشچىلىقىدا غۇلجىغا كۆچۈرۈلدى ( ئىسھاق ۋاڭ ئۈچ يىلدىن كېيىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى ) خەنزۇلار بۇ دېھقانلارنى « ئۇيغۇر تېرىقچىلار» دەپ ئاتىدى. بۇ ئۇيغۇر دېھقانلار ئۆزلىرىنى بولسا «تارانچىلار » دەپ ئاتاپ ، جاللات شېڭ شىسەي دەۋرىدە ئايرىم بىر مىللەت دەپ ئاتىلىپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن « ئۇيغۇر » دېگەن نام ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بۇندىن باشقا، ھەرخىل باھانە- سەۋەبلەر بىلەنمۇ قۇمۇلدىن غۇلجىغا كىچىك كۆلەمدە ئاھالە كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلىشىش بولغان. «1825-يىلى ( داۋگۇاڭنىڭ 5-يىلى ) 12-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدىن چۈشۈرۈلگەن خوتەن، قەشقەر، ئىلى قاتارلىق جايلاردىكى ھېكىمبەگ ( بەزى جايلاردا ھاكىمبەگ دېيىلىدۇ )لەرنىڭ داۋگۇاڭ خاننى تاۋاپ قىلىشقا ئىجازەت بېرىلگەن بۇيرۇق بويىچە ئىلىنىڭ 6- جەرىكىلىك ( دەرىجىلىك) ھاكىمبېگى خالزات ھاكىمبەگ بېيجىڭگە بارغۇچە ۋە قايتقىچە قۇمۇلدىن ئۆتۈپ قىسقا مەزگىل تۇرغان. بۇ چاغدا 7-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى مۇھەممەت بېشىر ۋاڭنىڭ 2- ئايالى بۈۋىھەجەر ( 8- ئەۋلاد ۋاڭ غۇلام مۇھەممەتنىڭ ئانىسى ) ۋاپات بولۇپ كەتكەن بولغاچقا، خالزات ھاكىمبەگ تەيجى تاغىسىنىڭ قىزى مېھرىبانۇنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشقا  مەسلىھەت بەرگەن. توي رەسمىيەتلىرىنى ئەلچىلەر ئىلىغا ئىككى قېتىم بېرىپ بېجىرىپ كەلگەندىن كېيىن قۇمۇلدىن 60ئائىلە ئىلىغا توي قىلىشقا بارغان ۋە ئىلىدىنمۇ 60ئائىلىلىك ئەر – ئاياللار قۇمۇلغا كەلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي، خالزات ھاكىمبەگ تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قۇمۇلدىن ئىلىغا 30ئائىلە ئادەمنى كۆچۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن بۇ 30 ئائىلىلىك قۇمۇللۇقلار خۇدىيار يۈزىدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەھەللە شۇ چاغدىن باشلاپ «قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دەپ ئاتالغان. zs m=tY[(M  
sK$jmm h&e  
,+R&938  
                                سادىر پالۋان jl5wj  
R`Ikw-Hm  
sDgvQ\zCmn  
    18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىلى رايونىدىكى مەنچىڭ خانلىقىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، خەلق قەھرىمانى، خەلق قوشاقچىسى سادىر پالۋاننىڭ بوۋىسىنىڭ بوۋاش ئىسىملىك قۇمۇللۇق ئادەم ئىكەنلىكى يېقىنقى يىللاردىلا ئېنىقلانغان. بۇ ئەھۋالنى ئاتاقلىق تارىخچى ۋە يازغۇچى، مەرھۇم تېيىپچان ھادى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە مۇنداق بايان قىلىدۇ : « سادىرنىڭ بوۋىسى قۇمۇللۇق بولۇپ، ياش چاغلىرىدىلا قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىنىڭ تۈرلۈك ھەشەمەتلىك قۇرۇلۇشىنى ياساشقا قاتناشقان ھەمدە تاشچىلىق ھۈنىرىنى ئۆگىنىۋالغانىدى. ۋاڭ ئوردىسىنى ياساشقا قاشتېشى لازىم بولغانلىقتىن، ئۇ خوتەنگە قاشتېشى ئەكىلىشكە ئەۋەتىلگەن. بۇ چاغدا بوۋاشنىڭ يېشى چوڭ بولغان بولسىمۇ، تېخى توي قىلمىغانىدى. ئۇ كېيىنرەك خوتەندە گۈل دېگەن قىزنى ياخشى كۆرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغانىدى » ، « بوۋاش خوتەندە گۈل دېگەن ئايالدىن ئىككى ئوغۇللۇق بولۇپ، بىرسىنىڭ ئىسمى ھۆسۈيۈن ( كېيىن موزدۇز بولغانلىقتىن ھۆسۈيۈن موزدۇز دەپ ئاتالغان )، يەنە بىرسىنىڭ ئىسمى خۇشئەخمەت »ئىكەن. كېيىن « جەنۇبىي ۋە شەرقىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن 6000دىن ئارتۇق ئۇيغۇر دېھقاننىڭ قاتارىدا سادىر پالۋاننىڭ بوۋىسى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلىمۇ خوتەندىن ئىلىغا كۆچۈرۈلۈپ چىققان، ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلار 100ئائىلە بويىچە بىر كەنت قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بوۋاش ئائىلىسى سادىقيۈزىگە تەقسىم قىلىنغان . كېيىنرەك بوۋاشنىڭ موللا توختىيۈزدە تۇغقانلىرى كۆپ بولغانلىقتىن، ئوغۇللىرى بىلەن بىرگە موللا توختىيۈزگە كۆچۈپ كېلىپ، موللا توختىيۈزىگە قاراشلىق بىر ئون بېشىنىڭ مەھەللىسىدە ( ھازىرقى غۇلجا ناھىيىسىدىكى ئۇگۇڭ دېگەن يەرگە ) ئورۇنلاشقان. بوۋاش ئىلىغا كۆچۈپ كېلىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئىلگىرى- ئاخىرى بولۇپ ئىككى ئوغلىنى ئۆي – ئوچاقلىق قىلغان. چوڭ ئوغلى ھۆسۈيۈن ناسىر ۋە مەلىخان دېگەن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. كىچىك ئوغلى خۇشئەخمەت بولسا روزى ۋە سادىر دېگەن ئىككى ئوغۇللۇق بولغان. سادىر پالۋان تەخمىنەن 1798-يىلى تۇغۇلۇپ، 1871-يىلى كېسەل بولۇپ ئائىلىسىدە ۋاپات بولغان» ، « سادىر پالۋاننىڭ 1- ئايالى موللا توختىيۈزىنىڭ 1-قېتىملىق يۈز بېشى بولغان موللا توختىنىڭ شەرۋانەم ( شەرۋانىخان دەپمۇ ئاتالغان) دېگەن قىزى بولۇپ، ئۈچ ئوغۇللۇق بولغان، چوڭ بالىسىنىڭ ئىسمى تۆرىقۇل، ئىككىنچىسىنىڭ ئۇرەنقۇل، ئۈچىنچىسىنىڭ خۇداقۇل. 3-ئوغلىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادى توختاخۇن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھازىرغىچە موللا توخىتىيۈزدە ئولتۇراقلىشىپ كەلمەكتە». سادىر پالۋاننىڭ 2-ئايالى ھېۋىزىخان بولۇپ، 2ئوغۇل، بىر قىز تۇغقان. چوڭ ئوغلىنىڭ ئىسمى ھېكىمقۇل، 2-ئوغلىنىڭ كېرەمقۇلنىڭ ھاشىر دېگەن ئوغلى 98ياش بولۇپ ، ئۇمۇ موللاتوختىيۈزىدە ئولتۇرۇشلۇق». .l1#2ja$%  
        يازغۇچى، تارىخشۇناس تۇرسۇن ياسىن سادىر پالۋان ھەققىدىكى روماندىن كېيىن نەشىر قىلىنغان « باھادىر ئەزىمەت سادىر پالۋان » دېگەن تەرجىمىھال خاراكتېرلىق ئەسىرىدە سادىر پالۋاننىڭ دادىسىنىڭ ئەسلى ئىسمى ئەخمەت بولۇپ، ئۇ خۇشچاقچاق ،خۇش پېئىل ئادەم بولغانلىقتىن ، كىشىلەر ئۇنى خۇشئەخمەت دەپ ئاتىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدىكى توقماق مەھەللىسى بولۇپ، بۇ مەھەللىدىكىلەر چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تۇنجى قېتىم تاياق- توقماق كۆتۈرۈپ قارشى چىققانلىقتىن، بۇ مەھەللىنىڭ نامى « توقماق» دەپ ئاتالغانلىقىنى ، بۇ مەھەللە كىشىلىرىنىڭ دەسلەپكى سۈرگۈندە ئىلىغا كۆچۈرۈلگەنلىكىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ۋە ئېنىق بايان قىلغان. 41IL?e/pq  
       سادىر پالۋاننىڭ قۇمۇلغا پالىنىپ كەلگەنلىكى ۋە قايتقانلىقىنى مەرھۇم تېيىپجان ھادى مۇنداق بايان قىلغان: «سادىر پالۋان ئۇنى تۇتقىلى كەلگەن ۋاڭ-گۇڭ، بەگلەرنىڭ نەۋكەرلىرى ۋە ئىلى جاڭجۈننىڭ چېرىكلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئېلىشىپ، ئاققۇن- قاچقۇنلۇق ھايات كەچۈردى. ئۇ بىر قېتىم غۇلجا- قورغاس ئارىلىقىدا سەنمازىنىڭ شاللىقىدا تۇتۇلۇپ قالىدۇ. سەنمازى بولسا ئاق مەھەللىسىنىڭ شاڭيۇسى بولۇپ، دەرھال كۈرەدىكى جاڭجۈنگە مەلۇم قىلغان. جياڭجۈن سادىرنى بىر نەچچە كۈن قامىغاندىن كېيىن قۇمۇلغا سۈرگۈن قىلىپ قۇمۇلدىكى ئىش بېجىرگۈچى ئەمەلدارغا تاپشۇرغان » . UutFn:%T;  
       سادىرنىڭ قۇمۇلدىكى ئىش- ھەرىكەتلىرىگە ھەمدە قۇمۇل خەلقىنىڭ 7-ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت بېشىرنىڭ ۋاڭلىقىغا قارشى كۈرەشتىكى باتۇر ئوغلانى گاڭگۇڭباقى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق – دوستلۇقىنى تارىخشۇناس تۇرسۇن ياسىن تېخىمۇ ئېنىق ۋە تەپسىلىي يېڭى ماتېرىيال بىلەن بايان قىلغان. « 1828-يىل قىش، مانجۇ ھۆكۈمىتى سادىرنى خان كۈرە يامۇلىدىن قۇمۇل خان يامۇلىغا يۆتكىدى. سادىر ئىككى قېتىم قەپەسلىك ھارۋىغا سېلىنىپ تەلكە تاغلىرىدىن ئۆتتى. ئۇ قىشنىڭ جاندىن ئۆتىدىغان سوغۇق شىۋىرغانلىرىنى قەپەسلىك ھارۋىدا ئولتۇرۇپ قوشاق قېتىپ ئۆتكۈزدى . O)rqy>lmJ  
'b*f9_?  
9] ]?  
يىلان باغرىدەك يوللار ، "R[p}b  
يۇرتۇمنىڭ ئىزقاشقىسى. 7' c{ rv9  
ماڭا قىلچە بىلىنمەس، qpU.0f a  
ئەل ئىشقىدىن باشقىسى. Kb:at[3S$  
تەلكە تاغلىرى دەيدۇ، b i;q  
تەڭرى تاغلىرى دەيدۇ. vGgGOQgn  
قاراخانغا دەرد تۆكسەڭ، Z1ql4J^c g  
بىردەملىك لەببەي دەيدۇ. ;c_r5br  
مېنى قۇمۇلغا پالايدۇ، a+LGUG]'Y  
ھېۋىزىخان توقاچ ياققىن، V,Lz6WW2  
بەش بالام يېتىم قالدى، o/ Dk"  
تېنەتمەي ئوبدان باققىن. oO)G&H~ita  
ئاققان قانلىرىم قىزىل، ['b`8/\  
تامچىسىغا قۇياش خىجىل . ;\ Iw\5Y[  
بىر ئەمەسمەن ئەل ئىچىدە،  [Vo}7T  
مىڭلاپ چىقار سادىر، بىل . =YOc'9(Z  
                         2G8a7xqt`  
        سادىر 1828-يىلدىن 1830-يىلغىچە ئىككى يىل قۇمۇل خان يامۇلدا ياتتى. بۇ يەردىمۇ ئۇ كۆپلىگەن بىگۇناھ مەھبۇسلار بىلەن ئۇچراشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا سادىرغا ئالاھىدە تەسىر كۆرسەتكەن مەھبۇس گاڭباقى ئىدى ( قۇمۇلدا گاڭگۇڭباقى دەپ ئاتالغان بۇ خەلق قەھرىمانى ھەققىدە ئاتاقلىق يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ۋە ياش تارىخشۇناس سەمەت ئەسرا ماقالىلەر يازغانىدى. –ئا ) گاڭباقى قۇمۇللۇقلار ئىچىدىكى تورپاقلار جەمەتىدىن بولۇپ، ۋاڭنىڭ ئالۋاڭ ياسىقىغا مەڭگۈ  دارخان بولغان قۇل ھەۋەيدۇلنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئوۋچىلىق قىلاتتى. ئۇ 18يېشىدا بىر يولۋاس بىلەن ئېلىشىپ ، پۈتۈن 12تاغ ئارىسىدا داڭق چىقارغانىدى. مانا شۇنداق تاغۇ-تاش ئارىلاپ يۈرگەن بۇ پالۋان يىگىت ئاتىسىنىڭ دارخانلىقتا نېمە كۈنلەرنى كۆرۈۋاتقانلىقى بىلەن ھېسابلاشمايتتى. KHUip1/_  
      بىر كۈنى ، ئۇ تاغدىن چۈشۈپ ئوردا قوۋۇق يېنىغا  كەلگەندە بىر توپ ئادەمنىڭ قەپەستىكى يېڭى كېسىلگەن باشقا قاراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. ئۇ كېلىپلا باشنىڭ ئاتىسىنىڭ بېشى ئىكەنلىكىنى تونۇۋالدى- دە، شۇ يەردە تۇرغان دورغىدىن بىرنى ئۆلتۈرۈپ ، باشقا چېرىكلەرگە ئېتىلدى. شۇغىنىسى، يالغۇز كېلىپ قېلىپ،قولغا چۈشۈپ زىندانغا تاشلاندى. سادىر زىنداندا ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ مۇنداق قوشاق توقىدى: V}{}w'  
       قۇمۇل دېگەن يەردىمۇ ،             ECRG<{ xt*  
   خان دەرۋازىسى ئالدىدا،       6rbW+#Q1  
    قازان قۇلىقى تۆت ئىكەن.             GS wi#W  
كۆردۈم بىگۇناھ بىر باش.   z Oi 
     زالىم تۇڭچىسى بەگلەر ،           [`R|B>]  
   ئوغلى ئۇنىڭ گاڭباقى ،           A nb0B$H  
    زۇلمىدىن ئۆلگەن كۆپ ئىكەن.       "j^L8]6!.#  
    ماڭا بولدى قېرىنداش . RX"Llu&"  
   $/{gwL495  
     سادىر پالۋان قۇمۇلدىن ئىلىغا گاڭگۇڭباقى بىلەن بىرگە قېچىپ چىقىپ، ئىلىدىكى ئازادلىق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىدۇ ۋە باشچىلىق قىلىدۇ. بۇ ئازادلىق قوزغىلىڭى غەلىبە قازىنىپ، ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ، ئەلاخان سۇلتان بولغاندىن كېيىن ، سادىر ئۆز يېزىسى موللا توختىيۈزىگە قايتىپ، ئەڭ ئاخىرقى تۆت يىللىق ھاياتىنى ئائىلىسىدە ئۆتكۈزىدۇ . o_nb FaT  
    سادىر پالۋان زۇلۇمغا، ئىستېبداتلىققا قارشى ئازادلىق كۈرىشىگە ئاتلىنىپ، «پالۋان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغان ئۇلۇغۋار تارىخىي شەخس. شۇڭلاشقا، خەلق ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۇنتۇمايدۇ. ئۇنىڭ قەبرىسى ئىلى دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ يالدامىسى سۈپىتىدە غۇلجا ناھىيىسىنىڭ موللا توختىيۈزى كەنتىدە ھازىرمۇ ساقلىنىپ تۇرماقتا . ~B1F5fW  
+*4UPh} |  
80'f=-1  
                          /X2Au  
ھاكىمبەگ خوجا /Mb wiR"{i  
v#W #bI-\k  
j27{xl  
خەلقپەرۋەر ، تەرەققىپەرۋەر جامائەت ئەربابى ھاكىمبەگ خوجا ( ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خوجىخان ھاكىموپنىڭ بوۋىسى ) نىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئائىلە نەسەبى ھەققىدە ئابدۇۋەلى قادىر ، ئەدىھەم ئابدۇمىجىتلەرنىڭ يازغان ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ھاكىمبەگ خوجا (مىرغىياسبەگ) 1871-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى بەھرەمبەك خوجا (1) قۇمۇل ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. ئانىسى يۈنساخان خېنىم چۇلۇقايدىكى نوپۇزلۇق ئائىلىلەردىن مۆرىدىن شايىبېگىمنىڭ قىزى ئىدى. بەھرەمبەگ خوجا قۇمۇلدىن ئىلىغا كېلىپ، يۈنساخان خېنىم بىلەن نىكاھلانغان. ئۇلار ئۈچ قىز ، بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرگەندىن كېيىن بەھرەمبەگ خوجا ئۆز يۇرتى قۇمۇلغا قايتىپ كېتىپ ، شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى. يالغۇز ئوغۇل مىرغىياسبەگ ئوقۇش يېشىغا توشقاندىن كېيىن ، دادىسى بەھرەمبەگنىڭ ھاۋالىسى بويىچە شۇ ۋاقىتتىكى تەيجى ئىلياسخان تەيجى ( بوۋاق ھېكىم ) نىڭ تەربىيىسىدە بولۇپ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ چۇلۇقاي يېزىسىدا باشلانغۇچ مەلۇماتىنى چىقارغان. كېيىن ئىلياس تەيجىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن ئوردىغا كىرىپ مەخسۇس تەكلىپ قىلىنغان مۇئەللىمدىن دىنىي ۋە پەننىي بىلىملەردىن دەرس ئالغان ھەمدە خەنزۇچە ئوقۇغان. ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن ئوردىدا خىزمەت قىلغان . ئىلياسخان تەيجىنىڭ ئوغۇل پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمنى تەيجىلىك ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى ئۆزى تەربىيىلىگەن تۇغقىنىنىڭ ئوغلى مىرغىياس بەگكە ياتلىق قىلدى. 1892-يىلى ئىلياسخان تەيجى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى نۇرنىسا خېنىمنى « ھېكىم ئاغىچا» ( « ھاكىم ئاغىچا » -- ئا ) قىلىپ تەيىنلىدى ھەمدە ھېكىم ئاغىچا نامىغا يېڭى تامغا ئويدۇرۇپ بەردى. « ھېكىم ئاغچا » يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى يولدىشى مىرغىياس بەگكە ھاۋالە قىلدى . شۇندىن باشلاپ خەلق مىرغىياس بەگنى ھاكىمبەگ خوجا دەپ ئاتىدى  . t2h`6L+ 3  
   شىنجاڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن 1762-يىلى تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىنى باشقۇرىدىغان ئەڭ ئالىي ھەربىي—مەمۇرىي ئورگان – ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدا « ئىلى گۇڭ بەگلىكى»  ( سۇلتانلىقى ) مەھكىمىسىمۇ شۇ يىلى قۇرۇلغانىدى. 1762-يىلدىن 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىغىچە بولغان 150يىل ئىچىدە ئىلى سۇلتانلىقى مەھكىمىسىنىڭ سۇلتانلىقىنى بىر ئەۋلادتىن توققۇز ئەۋلاد (2)ئۆتەپ كەلگەنىدى. « ئىلى سۇلتانلىقى » نىڭ 10-ئەۋلاد سۇلتانى بولغان ھاكىمبەگ خوجا 1911-يىلدىكى شىنخەي ئىنقىلابىدىن تارتىپ ئۆلكە ئازاد بولغۇچە ۋە 1957-يىلى ۋاپات بولغۇچە ھاكىمبەگ خوجا نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلدى. ئۇ مۇشۇ جەريانىدا ياڭ زېڭشىڭ ، جىن شۇرېن ، شېڭ شىسەي، گومىنداڭ ۋە ئۈچ  ۋىلايەت دەۋرلىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزدى. ھاكىمىبەگ خوجا ئىلىدا 86يىل ياشاپ ، كونا دەۋرنى ئۇزاتقان ئەڭ ئاخىرقى بەگ ئەۋلادى ۋە ۋالىي ھەمدە ئازادلىقتىن كېيىنمۇ تۇنجى ۋالىي بولغان كىشى ، ھاكىمبەگ خوجا بىر ئۆمۈر ۋەتەنپەرۋەرلىك ، خەلقپەرۋەرلىك مەيدانىدا تۇرۇپ، مەدەنىيەت، ئادالەت، ھەققانىيەتنى ياقلاپ، نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقى قەلبىدە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇردى. ھاكىمبەگ خوجا 1892-يىلى مەنسەپكە ئولتۇرغاندىن تاكى 1957-يىلى 86يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولغىچە بولغان تارىخىي جەرياندا ۋەتەنگە مۇھەببەت باغلاپ، ۋەتەن ، خەلقنى قەلبىگە پۈكۈپ، پاك- دىيانەتلىك ياشاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى » . cF\F?+wqR  
   ھاكىمبەگ خوجىنىڭ پەرزەنتلىرىدىن خەتتات، رەسسام ، بايازچى، مەرىپەتپەرۋەر چوڭ پاشا خوجا ( خوجىخان ھاكىموپنىڭ دادىسى( 1893-1962 ) ، كىچىك پاشاخوجا، ئەكرەمجان خوجا ۋە قەييۇمبەگ خوجا (1918- 1954 ) ، ئۈچ ۋىلايەت مىللىي ئارمىيىسىدە پىيادە ئەسكەرلەر 2-پولكىنىڭ كوماندىرى، 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى، ئۆلكىلىك سانائەت-كان ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى بولغان. قىزى گۆھەربانۇ خېنىم (قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ داھىيسى مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىنىڭ چوڭ ئوغلى سەيدۇللام بىلەن 1937-يىلى تۇرمۇش قۇرغان ) . TR\E!  
  ھاكىمبەگ خوجىنىڭ يۇقىرىقى مەرھۇم پەرزەنتلىرىمۇ ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپ، خەلقپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر بولۇپ، بىر ئۆمۈر خەلققە پايدا- نەپ يەتكۈزۈپ، ئىلىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئىززەت- ھۆرمەتكە ئېرىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ھايات قالدى. ORN2E?#  
n>aDo  
ئابدۇللا ھاپىز agmjv/UT 8  
C96ZQ -  
y?(8/9j?  
ئابدۇقادىر ئەكبەرنىڭ « شائىر ئابدۇللا ھاپىز ۋە ئۇنىڭ ئىجادىيىتى » دېگەن ماقالىسىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: « ئۆزىگە قەلەم » نى تەخەللۇس قىلغان ئابدۇللا ھاپىز ئابدۇللا ناسىر ئوغلى 1875-يىلى تۇغۇلۇپ ، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ خۇدىيار يۈزى يېزىسى « قۇمۇللۇقلار مەھەللىسى » دە ياشاپ، 1956-يىلى 81يېشىدا ۋاپات بولغان. _$TUW  
شائىرنىڭ بالىلىق ۋە ياشلىق ھاياتى ئىلىم تەھسىل قىلىش بىلەن ئۆتكەن . ئۇ ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا قوشاق توقۇش، شېئىر يېزىش، لەتىپە ئېيتىش ئەمگىكى بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتى ۋە سەمىمىي مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولغان. 8o9KkR^D  
1981-يىلى 6- ئايدا بىز شائىرنىڭ ئۆز قولى بىلەن يېزىپ قالدۇرغان بىر شېئىرلار توپلىمىنى تېپىشقا مۇيەسسەر بولدۇق. ئېنىقلىشىمىزچە ، شائىر بۇ توپلامنى 1944-1948-يىللىرى تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 1930-1948-يىللاردىكى شېئىرلىرىنى رەتلەپ كىرگۈزگەن... t4O8O1s J  
شائىر شېئىرلىرىدا ئۆز زامانىسىدىكى زۇلۇم ، ئادالەتسىزلىك، ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ناھەقچىلىقتىن زارلىنىپ ، ھەرخىل ئىجتىمائىي ئىللەتلەرنى ئاچچىق تىل بىلەن سۆكىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ جاھاندىن ۋاپا كۆرمىگەنلىكى، ھەممە يەردە ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەنلىكى، بۇ دۇنيادىن زېرىككەنلىكىنى ئېيتىپ، كىشىلەرنى ساپ ۋە ئادىل ياشاشقا دەۋەت قىلىدۇ . ئابدۇللا ھاپىز خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان، ئۆزىگە خاس ئەدەبىي تۆھپە قالدۇرۇپ كەتكەن شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپتۇر » . =H,Kas"UZ  
شائىر ئابدۇللا ھاپىز يۇرتى قۇمۇلنى سېغىنىش ھېسسىياتى بىلەن 1940-يىللاردا قۇمۇلغا كېلىپ بىر نەچچە يىل تۇرغان ۋە قۇمۇلدىمۇ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ 75غەزەل يازغان ھەمدە بۇ غەزەللەرنى باشقا ئىجادىي ئەسەرلىرى بىلەن قوشۇپ ، « مەجمۇئۇل ئەدەبىيات » ( « ئەدەبىيات مەجمۇئەسى » ) دېگەن نام بىلەن توپلام قىلىپ ئىشلىگەن. بۇ توپلامنى ئاتاقلىق خەتتات ۋە فولكلورچى ئېلى ئىسمايىل مەمۇرىي مەھكىمىدىن پېنسىيىگە چىققان يەھيا قارى ئابلېلىمدىن سېتىۋالغان ھەمدە مەرھۇم قاسىم ئەپەندى ( تەڭرىتاغ يېزىسى تۆمۈرتىدىكى قاسىم نىياز ) تەمىنلىگەن ماتېرىياللار ئاساسىدا شائىرنىڭ بۇ توپلامدىكى بىر قىسىم غەزەللىرى بىلەن باشقا ئەسەرلىرىنى قوشۇپ ، 80-يىللاردا «بۇلاق»ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بەرگەن بولسىمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر بىلەن ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىغان. ھازىر ئېلى ئىسمايىل « بۇلاق»قا ئەۋەتكەن ماقالىسى ۋە شائىرنىڭ ئەسەرلىرىنى قايتۇرۇۋېلىپ، ۋىلايىتىمىزدىكى گېزىت- ژۇرناللاردا ئېلان قىلىش يولىدا ئىزدەنمەكتە. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتاقلىق شائىرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيىتى ھەققىدە كۆپرەك مەلۇماتقا ئىگە بولۇشىمىزدىن ئۈمىد تۇغۇلدى. ^gt=?B  
يۇقىرىدا بۇ ئۈچ نەپەر مەشھۇر كىشىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىلا توختىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتى، ئىش ئىزلىرى توغرىسىدا ئىلگىرى نۇرغۇن ماقالە، ئەسەرلەر ئېلان قىلىنغان بولغاچقا، بۇ ماقالىمىزدە تەكرارلىمىدۇق. no:].%f  
qmxq69C}  
*:hsxZ|%  
ئىزاھات : 9]C&1?7  
(1) بۇ ماقالىدە نامى تىلغا ئېلىنغان قۇمۇل  ۋاڭ ئەۋلادلىرىدىن بەھرەمبەگ خوجا دېگەن كىشىنىڭ ئەجدادلىرىنى مەرھۇم ھاپىز نىياز تۈزگەن، ئابلىز ئۇرخۇن « شىنجاڭ تەزكىرىسى » ژۇرنىلىدا جەدۋەللەشتۈرۇپ ئېلان قىلغان « قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبنامىسى » بىلەن مەرھۇم ئىبراھىم شاھى كۆچۈرۈپ قالدۇرغان « قۇمۇل ۋاڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نەسەبنامىسى » دىن ئىزدىسەم بەھمەن تەيجى بولسا 2-ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى گۇپا ( ۋاپا)بەگنىڭ 2- ئوغلى يۈنۈسبەگنىڭ ئوغلى سۇلايمان تەيجىنىڭ ئوغلىكەن ياكى گۇپا بەگنىڭ ئەۋرىسى بولىدىكەن. بەھمەنبەگ دېگەن ئىسىم غۇلجىدا بەھرەمبەگ بولۇپ ئۆزگىرىپ قالغانلىقى ئېھتىمال . يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ   (9Lk"wgi  
(2)ئىلى گۇڭبەگلىكى مەھكىمىسىدە ھاكىمبەگ بولغانلار – 1758-يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ – كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باستۇرۇشىدا قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ بىلەن تۇرپان ۋاڭى ئىمىن ئالاھىدە كۈچ چىقارغانلىقتىن ئۇلارنىڭ ئەمەل دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ مۇكاپاتلانغان. يۈسۈپ ۋاڭ قەشقەرنى باشقۇرۇشقا ، ئىمىن ۋاڭ يەكەننى باشقۇرۇشقا تەيىنلەنگەندىن باشقا، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئۇكىسى ئابدۇللا ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە،  ئىمىن ۋاڭنىڭ 2-ئوغلى مۇسا گۇڭ دەرىجىلىك تەيجى ئۇنۋانى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا كۆچۈرۈلگەن دېھقانلارغا باشلىق قىلىنغان. 1762-يىلى ئىلى گۇڭبەگلىگى قۇرۇلغاندا مۇسا 1-ئەۋلاد ھاكىمبەگلىككە تەيىنلەنگەن . مۇسا 1766-يىلى كېسەل بولۇپ ئۆلگەندە ئوغلى ئەۋرەڭزىپ ئۇنىڭ ئورنىغا ھاكىمبەگ بولغان. 10يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكىزات ھاكىمبەگ بولغان . 20يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى خوشنىزات ھاكىمبەگ بولغان ، 20 يىلدىن كېيىن ( 1817-يىلغا كەلگەندە ) ئۇنىڭ ئورنىغا خالزات 1860-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولغان. بۇ جەرياندا يەنە باقى ھېكىم، دۆلەت ھېكىم ، چورۇق ھېكىملارمۇ بىر مەزگىل ھاكىمبەگ بولدى. ئىلى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلىغاندا خالزاتنىڭ ئوغلى مەزەمزات يەتتە يىل ھاكىمبەگ بولدى. 1867-يىلى ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلۇپ ئەلاخان سۇلتان بولدى ۋە ئابدۇروسۇلبەگ، موللا شەۋكەت قاتارلىقلار سۇلتانلىقىنى ئۆز ئارا تالىشىپ ئۇرۇشتى. 1871-يىلى چاررۇسىيە ئىلىنى بېسىۋالدى ۋە چىڭ سۇلالىسى بىلەن بىرلىشىپ ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاغدۇرۋەتتى. 1882-يىلى ئىمىن ۋاڭ نەسلىدىن ئېلىيار ( ئىلياس تەيجى ) 1891-يىلىغىچە ھاكىمبەگ بولدى .  ئۇ 17ياشتىلا ھاكىمبەگ بولغاچقا، « بوۋاق ھاكىمبەگ » دەپ ئاتالدى . 1891-يىلى ۋاپات بولغاندا ئوغۇل پەرزەنت بولمىغاچقا، يالغۇز قىزى نۇرنىسا خېنىمنى مىرغىياس بەگكە ياتلىق قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئىلىنىڭ يۇرت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى مىرغىياس بەگكە ئۆتۈپ ، ھاكىمبەگ خوجا دەپ ئاتالدى. l~_jY~  
پايدىلانمىلار : yp \u  
1.ئابدۇللا ئەخمىدى :  بەييەنخۇ يېغىلىقى ۋە مېھرىبانۇ ۋاڭ «  شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى » 1986-يىل 4-سان . 0#6>eF 
2.« ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى » مەجمۇئەسىنىڭ 92-يىلى 8-سان ( خەنزۇچە نەشرى ) Y[!{FT'M  
3.تۇرسۇن ياسىن: « باھادىر ئەزىمەت – سادىر پالۋان » كىتابچىسى شىنجاڭ ياشلار – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى ، 2001-يىل 6-ئاي 1- نەشرى [\op-brl  
4.«ئىلى گېزىتى » نىڭ 1998-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنىدىكى « ۋەتەنپەرۋەر، تەرەققىيپەرۋەر زات ھاكىمبەگ خوجا » دېگەن ماقالىسى P *hqS   
5. « ئىلى دەرياسى » ژۇرنىلىنىڭ 1982-يىل 4- سانى BB9f,DVU  
6.«شىنجاڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 42-سان 280- ، 283- بەتلىرى 4BloF^}  
&I83W%df  
k i2 m~{  
&a`zK,:  
Ej9_FO-  
Rs<}q  
قۇمۇل بوستانلىقىدىن كۆتۈرۈلگەن ئۈچ چولپان
#wN(9T  
  IfNS8`c  
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
 *3UP  
20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇرتىمىز قۇمۇل بوستانلىقىدا ئاتاقلىق ئالىم، يازغۇچى، شائىر ، ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر؛ ئاتاقلىق تەرجىمان، تىلشۇناس غۇلام غوپۇر؛ ئاتاقلىق شائىر ، ئەدەبىي تەرجىمان،ئېلىمىزنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتىدىكى مۇھىم شەخس ئابدۇكېرەم خوجىلار دۇنياغا كەلگەنىدى. ئۇلار ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇملىدىن يۇرتىمىز قۇمۇلنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت، تىل- تەرجىمە ساھەسىدە چاقنىغان چولپانلار، مەدەنىيەت سېپىدىكى تۆھپىكارلار بولۇپ، دۆلىتىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارادىمۇ داڭقى چىققان مەشھۇر زاتلاردىن بولۇپ قالغانىدى. ئەپسۇسكى، ئۇلار يېقىنقى يىللاردا ئارقا- ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى. خەلقىمىز ئۆزىنىڭ غۇرۇرى- بۇئۈچ چولپان يۇلتۇزنى ھەمىشە ياد ئەتمەكتە. G$;!/6s  
3WX*Qk\$  
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر K_pp}n;H  
2GN`F(%&e4  
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر 1923-يىلى 6-ئايدا قۇمۇلدا سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئاتىسى تىلەشبەگ ئاتۇشلۇق سودىگەر بولۇپ ، قۇمۇلغا سودا قىلىشقا كەلگەن. تىلەشبەگ قۇمۇل، جيۇچۈەن قاتارلىق جايلاردا سودا بىلەن شۇغۇللانغان ۋە جيۇچۈەندە ۋاپات بولغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ئۆزىنىڭ يېقىن دوستى، قۇمۇللۇق سودىگەر، 1931-يىلىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن بىرى ئوسمان ھاجىغا بەش ياشلىق ئوغلى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنى بېقىۋېلىشقا بەرگەن. ئوسمان ھاجى ئۈچتۇرپان تاشقى سودا تاموژنا ئىدارىسىغا باشلىق بولغاندا، 1936-يىلى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئائىلىسى بىلەن ئۈچتۇرپانغا كۆچۈپ بارغان ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمان ھاجى جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. I)+zR[  
ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر باشلانغۇچ، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى قۇمۇل، ئۈچتۇرپان، ئاقسۇ ۋە ئۈرۈمچىدە ئوقۇغان. 1939-يىلى دۇجۇڭيۈەن مەكتەپ مۇدىرلىق ، لىن جىلۇ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان شىنجاڭ ئىنستىتۇتىغا ئوقۇشقا كىرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، 1942-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋە شۇ يىلدىن باشلاپ ئۆلكىلىك قىزلار مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1945-يىلىدىن 1948-يىلىغىچە «شىنجاڭ گېزىتى » ئۇيغۇرچە نەشرىنىڭ باش مۇھەررىرى، «ئالتاي » نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، ئۆلكىلىك 2-دارىلمۇئەللىمىننىڭ مۇدىرى بولغان. 1949-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت كاتىبات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن 1959-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئىلگىرى –كېيىن بولۇپ قەشقەر ج خ باشقارمىسى، شىنجاڭ ج خ كادىرلار مەكتىپى، «شىنجاڭ گېزىتى » ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن. 1963-يىلىدىن 1967-يىلىغىچە شىنجاڭ سىياسىي-قانۇن كادىرلار مەكتىپىدە تىل-يېزىق ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1978-يىلىدىن 1986-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، كاندىدات ئالىي تەتقىقاتچى بولغان. 1987-يىلىدىن كېيىن ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىسىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى بولۇپ ، قوشۇمچە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئۆتكۈر ئەپەندى پۈتۈن زېھنىي قۇۋۋىتىنى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان. ئۇ يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىجادىيەت ھاياتىدا نۇرغۇن قىممەتلىك ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مىراسلارنى قالدۇرۇپ ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان. /@%+# %X  
ئۆتكۈر ئەپەندى ھايات ۋاقتىدا ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تارىخ-مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ پەخرىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى- مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، جۇڭگو قەدىمكى يېزىق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت ئەزاسى، « قۇتادغۇبىلىك » تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇدىرىيەت ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش تارىخ ماتېرىياللىرى تەھرىر ھەيئىتىنىڭ ئەزاسى، « تەرمىلەر »ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى ، «بۇلاق»، « تارىم »، « مىراس» ژۇرناللىرىنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىك مۇتەخەسسىس مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى قاتارلىق نۇرغۇن ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى قۇشۇمچە ئۆتەپ كەلگەن. ئۇ ئۆزلۈكىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىش ئارقىلىق خەنزۇ تىل-يېزىق، قەدىمكى تۈركىي تىل- يېزىقى، تۈرك تىل-يېزىقى، رۇس تىل-يېزىقى ۋە پارس تىل-يېزىقى جەھەتلەردىمۇ چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغان. ئۆتكۈر ئەپەندى مەشھۇر يازغۇچى، شائىر بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يېتۈك ئەدەبىياتشۇناس، تەرجىمىشۇناس، تىلشۇناس، تارىخشۇناس بولۇشقا مۇناسىپ. 7+V s  
ئۆتكۈر ئەپەندى بالىلىق –ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپلا ئۇيغۇر خەلق ئەبىياتى ۋە كلاسسىك ئەدەبىياتىغا قىزىققان ۋە ئۆگىنىشكە باشلىغان. 1939-يىلىدىن باشلاپ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، 1942-يىلىدىن بۇيان « ئۆتكۈر » دېگەن تەخەللۇسنى قوللانغان ھەمدە شېئىر ، ماقالە، تەرجىمە ماقالە ۋە سەھنە ئەسەرلىرى يېزىپ، «شىنجاڭ گېزىتى» ۋە شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنىڭ ئىلمىي ژۇرنىلى «يېڭى نۇر» دا داۋاملىق ئېلان قىلىپ تۇرغان. بۇ ئەسەرلەردە ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش ئاساسىي تېما قىلىنغان بولۇپ، كۈچلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىيات تولۇپ- تاشقان. ئۇنىڭ مۇشۇ دەۋردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئەسەرلىرىدىن «تامچە قاندىن مىليون چېچەكلەر» ناملىق دراما (1941-يىلى )، «يېڭى جۇڭگو گۈلىستانىغا » ناملىق لىرىك داستان ( 1942-يىل ) ۋە ئىنقىلابىي شائىر ل. مۇتەللىپ بىلەن بىرلىكتە يازغان «چىن مودەن»ناملىق چوڭ تىپتىكى دراما (1943-يىل) ھەمدە « ۋەتەن گۈلىستانىغا »، « ئۆركەشلىگەن ھايات » قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى بار. ئۇ 1948-يىلى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن غەلبە قىلىۋاتقانلىقى ۋە شىنجاڭدىكى ئىنقىلاب ۋەزىيىتىنىڭ راۋاجلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىلھاملىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىگە قارشى كۈرىشىنى ئەكس ئەتتۈرگەن « قەشقەر كېچىسى »ناملىق مەشھۇر داستانىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى يېزىپ چىقتى. ئۇ 1979-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە بۇ داستاننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ چىقتى. بۇ ئەسەر 1980-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ ئەسەر 1981-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى باھالاش يىغىنىدا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى ھەمدە خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. ox> O6 S  
ئۆتكۈر ئەپەندى ئازادلىقتىن كېيىن، يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ خەنزۇ مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇنۇتقان ھالدا ئەدەبىي تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، لى بەي، دۇفۇنىڭ بەزى شېئىرلىرىنى ۋە « سەي ۋېنجى » ، «ليۇ خۇلەن»، « لى زىچىڭ » قاتارلىق ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئۆزى مۇستەقىل ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. « قىزىل راۋاقتىكى چۈش »نىڭ كوللېكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشتى. hj+}|%7  
ئۆتكۈر ئەپەندى ھاياتىنىڭ ئالتۇن دەۋرى بولغان ئوتتۇرا ياشلىق مەزگىلىدە ( 1958-يىلىدىن 1978-يىلىغىچە ) «سول» لۇشيەن ۋە « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ »نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ ، ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتتىن مەھرۇم قىلىندى. « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» تارمار قىلىنغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ باھارىدىن بەھرىمەن بولغان ئۆتكۈر ئەپەندى روھىنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىجادىيەت ۋە تەتقىقاتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، بۇ ئىككى ساھەدىلا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئىلىم ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئۇ ئەدەبىياتنىڭ ھەممە ئاساسىي شەكىل، ژانىرلىرى بويىچە ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللاندى. شېئىر، باللادا، داستان، رۇبائىي، نەسر ، دراما، رومان، ئىلمىي ماقالە، ئەدەبىي تەرجىمە قاتارلىق شەكىل-ژانىرلارنىڭ ھەممىسىدە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئۇ 1979-يىلىدىن باشلاپ، يېڭىۋاشتىن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشىپ، يەنە بىر تۈركۈم نادىر ئەسەرلەرنى ياراتتى ھەمدە ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ يۇقىرى سەۋىيىگە ئىگە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. 1979-يىلى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى ئاساسىي تېما قىلىنغان «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك » ناملىق يەنە بىر داستان ئېلان قىلدى. `"p=MI   
ئۆتكۈر ئەپەندى 1979-يىلىدىن 1984-يىلىغا قەدەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تارىخىدىكى ئىككى بۈيۈك ناماياندە - «تۈركىي تىللار دىۋانى »ۋە « قۇتادغۇ بىلىك »نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا كوللېكتىپ تەرجىمە قىلىش ، ئىزاھلاش، ئىزاھلارنى بېكىتىش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى ئورۇنداپ ئىنتايىن زور خىزمەت كۆرسەتتى، بولۇپمۇ « قۇتادغۇ بىلىك » نەزمىى نۇسخىسىنىڭ ئاساسلىق تەرجىمە قىلغۇچىسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «قۇتادغۇبىلىك » تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر قاتار ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. 1986-يىلى ئامېرىكىنىڭ لوس-ئانژېلېس شەھىرىدە ئېچىلغان جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىل-ئەدەبىيات تارىخى توغرىسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، « < قۇتادغۇبىلىك >نىڭ جۇڭگودىكى تەتقىقاتى»دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇپ، يىغىن ئەھلىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى. ^'H[   
ئۆتكۈر ئەپەندى ياشىنىپ قالغىنىغا، سالامەتلىكىنىڭ بارغانسېرى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قارىماي، تەتقىقات ۋە ئىجادىيىتىنى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ھارماي- تالماي داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ئۇ يېقىنقى 10نەچچە يىلدىن بۇيان «ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى ئارۇز ۋەزنى »، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە سۆھبەت »، « ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ رۇبائىي شەكلى ۋە ئۇنىڭ سيۇژىتى »، «تۈركىي تىللار دىۋانى ۋە ئۇنىڭ مۇئەللىپى توغرىسىدا»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، « قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ تارىخىي مەنبەسى ۋە بەزى ئۆزگىچىلىكلىرى» قاتارلىق يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە نەچچە ئون پارچە ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. ئۇ، 1983- يىلى بېيجىڭدە ئېچىلغان «قۇتادغۇ بىلىك» خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ، 1986-، 1989-يىللىرى قەشقەردە ئېچىلغان 1-،2-قېتىملىق مەملىكەتلىك «قۇتادغۇبىلىك » ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا ئۈچ پارچە ئىلمىي ماقالىسى بىلەن قاتنىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ياخشى باھاغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ۋە رومانچىلىقى ھەققىدە تۇرپان ۋە ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېچىلغان يىغىنلاردا بىر نەچچە قېتىم ئىلمىي لېكسىيە سۆزلىدى. ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلىمىز ۋە چەت ئەل ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدا كەڭ تەسىر قوزغىدى ۋە يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئىلمىي لېكسىيە ۋە تەتقىقات ماقالىلىرى ۋاپاتىدىن كېيىن « خەزىنىلەر بوسۇغىسىدا »دېگەن نام بىلەن كىتاب بولۇپ نەشردىن چىقتى. ئىلگىرى ئۇنىڭ «يۈرەك مۇڭلىرى» ( 1946-يىل، لەنجۇ )، « تارىم بويلىرى » (1948-يىل ، ئۈرۈمچى) ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى ۋە 1985-يىلى شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن « ئۆمۈر مەنزىللىرى»دېگەن شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغانىدى. /UYe!6  
ئۆتكۈر ئەپەندى ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا نەسرىي ئەسەر ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، ئوقۇرمەنلەرگە بىر قاتار مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تەقدىم قىلدى. ئۇنىڭ تارىخىي رومانى «ئىز »1985-يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. « ئۇيغانغان زېمىن » ناملىق تارىخىي رومانىنىڭ 1-،2-قىسىملىرىمۇ 1988- ۋە 1993-يىللىرى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىندى. بۇ رومان 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى باھالاشتا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇ نادىر تارىخىي رومانلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئەڭ بازارلىق كىتاب بولۇپ قالدى. @sNoPn@:$  
ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە تەتقىقاتى خەلقچىللىققا ئىگە زور تېمىلارنى ئاساس قىلغانلىقى ، كۈچلۈك رومانتىك روھ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقى، يۇرتىنى، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئىدىيىنى نامايان قىلغانلىقى، شۇنداقلا ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلغانلىقى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ چوڭقۇر ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئېرىشتى ۋە پارتىيە ، ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا، مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە ئىگە بولدى . 1993-يىلى ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ 50يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق سىياسى كېڭەش كومىتىتى ، ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيىسى ،ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى  قاتارلىق ئالتە  ئورۇن داغدۇغىلىق يىغىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنىڭ يېرىم ئەسىردىن بۇيانقى تۆھپىسىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇنىڭ ئىلىم –پەن تەتقىقاتى جەھەتتىكى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، 1984-يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار پەن-تېخنىكا خادىمى بولۇپ باھالاندى. ئۇنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىش-ئىزلىرى « بۈگۈنكى ئاز سانلىق مىللەت مەشھۇر كىشىلىرى قامۇسى»، « جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرى تەرجىمىھالى»، « جۇڭگو ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى ئەسەرلىرىنىڭ كاتالوگى » قاتارلىق چوڭ قامۇسلارغا كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ بىر قىسمى خەنزۇ قاتارلىق قېرىنداش مىللەتلەر تىلىغا، قىسمەنلىرى ئىنگلىز قاتارلىق چەت ئەل تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىندى. J!ABp| -^  
ئۆتكۈر ئەپەندى ئەزىز دىيارىمىز قۇمۇلنىڭ ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىغا ئىزچىل تۈردە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ئۇ تەكلىپ بويىچە « قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى» ، « قۇمۇل مۇقاملىرى » دېگەن چوڭ ھەجىملىك كىتابلارغا كىرىش سۆز يېزىپ بەردى. « قۇمۇل ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلەپ «مۇبارەك » دېگەن شېئىرىنى ئېلان قىلدى. قۇمۇلدا ئېچىلغان قۇمۇل مۇقاملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا « قۇمۇل مۇقاملىرىنىڭ بەزى ئۆزگىچىلىكلىرى توغرىسىدا» دېگەن تېمىدىكى ئىلمىي ماقالىسىنى ئوقۇدى. « قۇمۇل بوستانلىقىدىكى بەزمە» ناملىق تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە قاتناشتى. {$9M8U[  
ئۆتكۈر ئەپەندى ئاشقازان راكى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 1995-يىلى 10-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە 72يېشىدا ۋاپات بولدى. $#j E@eQ2  
ئۆتكۈر ئەپەندى خەلقىمىزگە مول ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات مېۋىسى – غايەت زور مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرىپلا قالماستىن، بەلكى باش چۆكۈرۈپ، جاپاغا چىداپ، قېتىرقىنىپ ئىجادىيەت ۋە تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئىلىم-پەنگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان قەيسەر روھىي پەزىلىتىنى ، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، باشقىلارغا كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، كىشىلەر بىلەن ئىناق –ئىتتىپاق ئۆتىدىغان، ئىجتىھات بىلەن توختىماي ئۆگىنىدىغان، كەمتەر-تىرىشچان بولۇشتەك ئالىيجاناب خىسلەتلىرىنى قالدۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاجايىپ زور تۆھپىسى تارىخ سەھىپىسىدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ ، ئۇنىڭ روھى خەلقنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ ! J!Chd]G1'  
M$ld7"Po  
غۇلام غوپۇر 6{YM>@$KY  
[".#Dz  
غۇلام غوپۇر 1927-يىلى قۇمۇل شەھىرىدە سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ بوۋىسى ھەسەن بالا ھاجى ۋە دادىسى غوپۇر ھاجى ئۆمۈر بويى سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسى غولامنى كىچىك چېغىدىلا قۇمۇل شەھەرلىك 1-باشلانغۇچ مەكتەپكە ئوقۇشقا بەرگەن. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە چىقىپ ئۆلكىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان ، 1943-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن،كېيىن دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملەشكەن. UFN2QW={  
غولام غوپۇر گومىنداڭنىڭ ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى « ئۈچ ۋىلايەت» ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن ، ئىنقىلابنى پائال قوللىدى. كېيىن قومۇلدا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن – ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرەم ئابباسوف قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدى ھەمدە ئۇلارنىڭ يوليورۇقى بويىچە قۇمۇلنىڭ شەھەر –يېزىلىرىدا تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپ، نامايىش- كۈچ كۆرسىتىش تەشكىللەپ، گومىنداڭنىڭ خەلققە قارشى ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ۋە زوراۋانلىقلىرىنى پاش قىلدى. بۇنىڭ بىلەن گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن نەچچە قېتىم قولغا ئېلىنىپ ئازابلاشقا ئۇچرىدى. -t Lv'rb  
غولام غوپۇر يېڭى جۇڭگونىڭ دۇنياغا كېلىشىگە ئىنتىزار بولۇۋاتقان كۈنلەردە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قىسىملىرىنىڭ شىنجاڭ چېگرىسىغا يېتىپ كەلگەنلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئۇ ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا ئازادلىققا تەنتەنە قىلدى. *zcFL[6LK  
غولام غوپۇر 1950-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ، ج ك پ قۇمۇل ناھىيىلىك كومىتېتىدا تەرجىمان بولۇپ ئىشلىدى. ئۇ يۈكسەك قىزغىنلىق بىلەن 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىجارە كېمەيتىش، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتناشتى. ئۇ قۇمۇل ناھىيىلىك پارتكومدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە بىر تەرەپتىن تەرجىمە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن قېتىرقىنىپ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، تەرجىمە ماھارىتى ۋە سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كۆزگە كۆرۈنگەن تەرجىمانلاردىن بولۇپ قالدى. يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ياش غولامنىڭ تەرجىمە جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى بايقاپ، ئۇنى 1956-يىلى گوۋۇيۈەن تەرجىمە ئىدارىسىغا يۆتكىدى. تەرجىمە ئىدارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن، 1958-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ ئىشلىدى ۋە كېيىنرەك ئالىي مۇھەررىلىككە تەكلىپ قىلىندى. بۇ ئورۇندا 1992-يىلى پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر ئىشلىدى. *l=&qo  
غولام غوپۇر بىر ئۆمۈر تەرجىمە ، تەھرىرلىك ۋە تىل تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان تەرجىمەشۇناس ، تىلشۇناس ئىدى. ئۇ ئۆمرىدە نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ، خەلققە مەنىۋى بايلىق يارىتىپ بېرىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.  
غولام غوپۇر گوۋۇيۈەن تەرجىمە ئىدارىسى، مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىدا ئىشلىگەن مەزگىللەردە ماركسىزم -لېنىنىزم كلاسسىك ئەسەرلىرىنى ، ماۋزېدۇڭ، جۇئېنلەي، ليۇ شاۋچى قاتارلىق مەركەز رەھبەرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ھۆججەت-ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىش، تەھرىرلەش خىزمەتلىرىگە قاتناشتى. بۇنىڭدىن باشقا مەركەز ئاچقان تۈرلۈك چوڭ ، مۇھىم يىغىنلارنىڭ ئېغىزچە-يېزىقچە تەرجىمە خىزمەتلىرىنى كۆرۈنەرلىك ئورۇنلىدى. qi'FfKF|  
غولام غوپۇر 20نەچچە ياش ۋاقتىدىلا مەشھۇر تۈرك يازغۇچىسى ئۈستۈنگىلنىڭ « تۈرمىدە ۋە ئەركىنلىكتە » ناملىق داڭلىق رومانىنى يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىپ، تەرجىمە ئەھلى ئارىسىدا نام- ئابرۇيغا ئېرىشكەنىدى. ئۇ باشقىلار بىلەن بىرلىكتە « ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە »، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش » ، « سۇ بويىدا» قاتارلىق جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەدەبىياتىدىكى داڭلىق يىرىك ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى ۋە تەھرىرلەشكە مەسئۇل بولدى. ئۇ لېۋ. تولستوينىڭ « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق »، گوگۇلنىڭ « ئۆلۈك جانلار » ناملىق دۇنياغا داڭلىق رومانلىرىنى ۋە ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق ئەسەرلىرىدىن « گاۋ يۇيباۋ »، « رابىيە – سەئىدىن »، « ئابدۇرەھىم نىزارى شېئىرلىرى»، « شىنجاڭ تارىخى» قاتارلىق 30پارچىدىن ئارتۇق سىياسىي، نەزەرىيىۋى، ئەدەبىي، ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى ۋە تەھرىرلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا 40پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ئەسەرلەرنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىدى ، 30پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدى. يەنە شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر مۇنچە نادىر شېئىرلارنى يېزىپ ئېلان قىلدى. 19B I5|+  
غولام غوپۇر چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە ئالىم بولۇپ، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە تەتقىقاتى قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشتى. ئۇ ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە « ئۇيغۇر تىلى شېۋە لۇغىتى »، « ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى لۇغىتى » قاتارلىق يۇقىرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە چوڭ تىپتىكى قورال كىتاب - لۇغەتلەرنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇردى. FB/UnJU4  
غولام غوپۇر ئانا يۇرتىنى ئىنتايىن قىزغىن سۆيەتتى. ئۇ 70-يىللاردا يۇرتى قۇمۇلغا كەلگەندە « پەرھادنى كۆردۈم » ناملىق نادىر شېئىرنى يېزىپ، ئۆز يۇرتىغا بولغان چەكسىز مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلدى. غولام غوپۇر يۇرتىنىڭ تەرەققىياتىغا، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلگەنىدى. ئۇ ئاپتونوم رايون ۋە قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ رەھبەرلىرىگە نۇرغۇن قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى بەردى. ئۇ ھەر قېتىم تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن قۇمۇلغا كەلگەندە ، دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپمۇ خەلق ئۈچۈن ناھايىتى نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەردى. غولام غوپۇر قۇمۇلدىكى مەشھۇر ئايال يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت توپلاپ نەشىرگە تەييارلىغان « قۇمۇل خەلق قوشاقلىرى » ۋە خەتتات ئېلى ئىسمايىل توپلاپ نەشىرگە تەييارلىغان « قۇمۇل نەزمىلىرى » ناملىق توپلاملارنى تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتناشقانىدى. i8 zIw)m  
غولام غوپۇر 1985-يىلى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى ھەج قىلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سەئۇدى ئەرەبىستانىغا بارغان، تۈركىيىدە ئېچىلغان ئىككى قېتىملىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشقان ھەمدە گېرمانىيە، رۇمىنىيە، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلغان. FL30^ 3+  
غولام غوپۇر 1994-يىلى قۇمۇلغا كېلىپ دەم ئېلىۋاتقاندا، تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 3-كۈنى 67يېشىدا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تىل، تەرجىمە، ئەدەبىيات ساھەسىدىكى بىر گىگانت يۇلتۇز ئۆچتى. )aUBuv@  
 غولام غوپۇر ۋاپات بولغان كۈنى قۇمۇلغا خىزمەت بىلەن كەلگەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يۈسۈپ مۇھەممىدى، ۋىلايەتلىك پارتكوم شۇجىسى خۇاڭ چاڭيۈەن، ۋالىي ئايۇپ قۇربان قاتارلىق رەھبەرلەر ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاپىئاتلىرىدىن ھال سورىدى. دۆلەت رەھبەرلىرىدىن سەيپىدىن ئەزىزى، ئىسمايىل ئەھمەتلەر، ئاپتونوم رايوننىڭ رەھبەرلىرىدىن ھامىدىن نىياز تەزىيە تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ، ئالىي مۇھەررىر، ئاتاقلىق تەرجىمان ئەخمەت پاسار تەزىيە نۇتقى سۆزلىدى. « شىنجاڭ گېزىتى» ، « تىل ۋە تەرجىمە » ژۇرنىلى قاتارلىق ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك گېزىت – ژۇرناللار ئۇنىڭ ۋاپاتى توغرىسىدا ئالاھىدە خەۋەر بەردى ھەمدە ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، خەمىت تۆمۈر، ئىمىن تۇرسۇن قاتارلىق مەشھۇر ئالىم، يازغۇچى، شائىرلارنىڭ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئاتاپ يازغان مەرسىيىلىرىنى ئېلان قىلدى. yJ[f:E`40  
مەرھۇم غولام غوپۇر ئۆزىنىڭ خەلقىمىزگە قالدۇرغان غايەت زور مەنىۋى بايلىق بىلەن ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قەلبىدە  مەڭگۈ ھايات ! d{xq6]hzm  
l iw^ h  
ئابدۇكېرەم خوجا }##=Z  
}J] BR<  
ئابدۇكېرەم خوجا 1928-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇمۇل شەھىرى شەھەر ئىچى يېزىسىنىڭ ئالتۇن كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق دىنىي زات خوجا ھاجى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. GDe2]k  
1931-يىلى كۈزدە جاللات شېڭ شىسەي قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئەسكەر باشلاپ قۇمۇلغا كەلگەندە ، « قاچ-قاچ» بولۇپ نۇرغۇن كىشىلەر چەت-يىراق  جايلارغا قاچقان. خوجاھاجى قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەر گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ جيۇچۈەن شەھىرىگە كېلىپ پاناھلانغان. ئابدۇكېرىم خوجا جيۇچۈەن شەھىرىدە باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى خەنزۇتىلىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن. ئۇ 1946-يىلى ئائىلىسى بىلەن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن. 1947-يىلىنىڭ ئاخىرىدا نەنجىڭ دۆلەتلىك چېگرا مەكتىپىدە ( ھازىرقى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلگىرىكى نامى ) ئوقۇغان ھەمدە نەنجىڭدىكى تەرەققىيپەرۋەر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە قاتناشقان. 1949-يىلى مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن. 1949-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭنىڭ تىنچلىق بىلەن ئازاد بولغانلىقى جاكارلىنىپ، 10-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان قىسىمىلىرى قۇمۇلغا يېتىپ كەلگەندە ، ئۇ ئارمىيە بىلەن بىللە مېڭىپ خىزمەت ئەترىتىنىڭ تەشۋىقاتچىسى بولغان. 1950-يىلىدىن 1953-يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ شۆبە بيۇروسى كادىرلار مەكتىپىدە بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن تەرجىمانلىق قىلغان. 1953-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت باشقارمىسىدا، 1956-يىلىدىن 1976-يىلىغىچە ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە، 1976-يىلىدىن 1980-يىلىغىچە مەركىزىي مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسىدە، 1980-يىلىدىن ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ شىنجاڭ شۆبىسىدە خىزمەت قىلغان. d'&%%r0,C  
ئابدۇكېرەم خوجا ھايات چېغىدا جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى لىشىخۇيىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، « كۆۋرۈك » ( ھازىرقى « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » ) ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ « شىكەن » ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ئەزاسى، « تارىم » ژۇرنىلى تەھرىراتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ~N9yd`h  
ئابدۇكېرەم خوجا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، ئۇ بىر ئاتاقلىق شائىر بولۇپلا قالماي، ئاتاقلىق تەرجىمىشۇناس ئىدى. ئۇنىڭ ھاياتى جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان، سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىسىگە ئاساس سېلىش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ھايات، ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، ھارماي-تالماي ئۆگىنىپ، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىجادىيەت سەۋىيىسىنى ۋە بەدىئىي تىلنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ كەلدى . ئۇ ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ ئەدەبىياتقا ئىشتىياق باغلاپ، شېئىرىيەتنى قىزغىن سۆيەتتى. ئابدۇكېرەم خوجا جيۇچۈەن ۋە نەنجىڭدە ئوقۇغان چاغلاردىلا لى بەي، دۇ فۇ قاتارلىق كلاسسىك شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىنى ئىجتىھات بىلەن ئوقۇغان ۋە يادلىۋالغانىدى. ئۇ يەنە لۇ شۇن، گومورو، ماۋدۇن، باجىن، ئەي جىڭ ، زاڭ كېجيا قاتارلىق مەشھۇر ئەدىبلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيتتى. بولۇپمۇ ئەي چىڭنىڭ «مەشئەل »، زاڭ كېجيانىڭ « قارا قول »قاتارلىق داستانلىرىدىكى ۋەقەلىكلەر ئۇنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ئابدۇكېرەم خوجا يەنە پۇشكىن، لىرمونتوف، ئابدۇللا توقاي، ئۆمەر مۇھەممىدى قاتارلىق يازغۇچى، شائىرلارنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ پىششىق ئوقۇغانىدى. ئۇ كېيىنرەك ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتى ۋە نۇرغۇن كلاسسىك شائىرلارنىڭ مول پەلسەپىۋى پىكىرگە باي، خىلمۇخىل ئەسەرلىرى سېھرىي كۈچىنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى مەدەنىيىتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى ھېس قىلغانىدى. joKkrv  
ئابدۇكېرەم خوجا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمىسىگە ئاساس سالغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ 1950-يىلىدىن باشلاپ خەنزۇ خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا تىل ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى سالدى. ئۇ ئۇيغۇر تەرجىمە ئەدەبىياتىغا ئۆچمەس تۆھپە قوشتى. ئۇ ئەدەبىي تەرجىمە ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغاندىن باشقا، 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە پائال كىرىشىپ، ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ناھايىتى تېزلا مۇنەۋۋەر شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمە شۇناس بولۇپ تونۇلدى. ئۇ يۇقىرى تەرجىمە ماھارىتى بىلەن لى بەي، دۇفۇ، گومورو، ئەي چىڭ، زاڭ كېجيا قاتارلىق شائىرلارنىڭ كلاسسىك شېئىرلىرى بىلەن « لېي فېڭ ناخشىسى » شېئىرلار توپلىمى قاتارلىق ھازىرقى زامان خەنزۇ ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى. ئۇ يەنە خەنزۇچىدىن چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدى . «تيەنئەنمېن شېئىرلىرىدن تاللانما»، « جۇئېنلەينىڭ ياشلىق دەۋرىدىكى شېئىرلىرى توپلىمى »، « ماۋجۇشى شېئىرلىرى » نى تەرجىمە قىلدى ھەمدە «ماۋزېدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرى »، « قىزىل راۋاقتىكى چۈش »، « باھادىر شاھ لى زىچىڭ » قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلەرنىڭ كوللېكتىپ تەرجىمىسىگە قاتناشتى ۋە كونكرېت يېتەكچىلىك قىلدى. w;p&>6&L3  
ئابدۇكېرەم خوجا خەنزۇچە نادىر ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا توغرا تەرجىمە قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇرچە نادىر ئەسەرلەرنىمۇ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلدى. ئۇ ئۇيغۇر تىلىدا شېئىر ئىجاد قىلىپلا قالماي، خەنزۇ تىلىدىمۇ شېئىر يازاتتى. ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل تىلدا شېئىر يازالايدىغانلار ئەدەبىيات ئەھلى ئارىسىدا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. ئۇ 50-يىللارنىڭ باشلىرىدا ۋەتەنپەرۋەر شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ شېئىرلار توپلىمىنى تۇنجى قېتىم خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. 60-يىللاردا ئاتاقلىق شائىر تېيىپجاننىڭ « ۋەتەن ھەققىدە غەزەل » دېگەن داڭلىق شېئىرىنى خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىپ ،«خەلق» گېزىتىدە ئېلان قىلدى. بۇ تەرجىمە ئەسەرلەر ئۇنىڭ يۈكسەك تەرجىمە ماھارىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. ئۇ كېيىنكى يىللاردا نۇرغۇن ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي خەنزۇتىلىغا تەرجىمە قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشنى كۈچەيتتى. ئۇ 60-يىللاردا « ئازاد » قاتارلىق خەنزۇ تىلىدا يازغان شېئىرلىرىنى ئېلان قىلغان. J:k(CMk7  
« مەدەنىيەت ئىنقىلابى » مەزگىلىدە ئابدۇكېرەم خوجا « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ »نىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىدى. بۇ مەزگىلىدە ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى تارتىۋېلىندى. ئۇ پارتىيە 11-نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن ئاقلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن دەرھال قولىغا قەلەم ئېلىپ، تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن «سول» پىكىر ئېقىمىنىڭ قالدۇقلىرىنى قامچىلاپ، پارتىيىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى ۋە تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ۋەتىنىمىزگە يېڭى باھار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى مەدھىيىلىدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى خەلق ئاممىسىنىڭ چوڭقۇر سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىنى باھالاشلاردا كۆپ قېتىم 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى روشەن، ئىدىيە ھېسسىياتى قويۇق، ژانىرى يېڭى بولۇپ ،رېئال تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن ئەكس ئەتتۈرگەن، ئاممىبابلاشقان، دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە . شۇڭا نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىپ، ناھايىتى ياخشى ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى. e:8'Y=R  
ئابدۇكېرەم خوجىنىڭ ئاساسلىق ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە لىرىك شېئىرلىرى رۇبائىي شەكلىدە بولۇپ، شېئىر ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلىپ، خەنزۇچىنى قوشۇمچە قىلدى. ئابدۇكېرەم خوجا بالىلىق چاغلىرىدىلا باھار كۈنلىرىگە ئامراق ئىدى. شۇڭا، ئۇ نۇرغۇن شېئىرلىرىنى باھارنى تېما قىلىپ يېزىپ، باھارنى مەدھىيىلىدى. ئالايلى، « 10-باھار » ، « باھار ناخشىسى »، « تۇپراق »، « باھار ۋە مەن »، « باھار بىلەن كەلگىن شېئىرلار »، « باھار يامغۇرى» قاتارلىق بەش پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىندى ۋە خەنزۇ تىلىدا « ئابدۇكېرەم خوجا ئەسەرلىرىدىن تاللانما » نەشر قىلىندى. C6!E "I  
 ھەر مىللەت خەلقى سۆيگەن ئاتاقلىق شائىر ئابدۇكېرەم خوجا ئۆپكە كېسىلى بىلەن ئاغرىپ، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 1988-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ۋاپات بولدى. ئاپتونوم رايون 1988-يىلى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى زالىدا ئاچقان تەزىيە بىلدۈرۈش يىغىنىغا دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمايىل ئەھمەد، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى سۇڭ خەنلياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى تۆمۈر داۋامەت، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ھامىدىن نىياز قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرى، ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرىدىن بولۇپ 300دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، سىياسىي كېڭەش قاتارلىق ئورۇنلار ۋە سەيپىدىن ئەزىزى، بۇرھان شەھىدى، ۋاڭ مىڭ ( شۇ چاغدىكى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى) قاتارلىق رەھبەرلەر گۈلچەمبىرەك تەقدىم قىلدى . جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ رەئىسى ئابلىز نازىرى تەزىيە سۆزى سۆزلەپ، ئابدۇكېرەم خوجىنىڭ ھاياتىغا يۇقىرى باھا بەردى. 1998-يىلى 4-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئابدۇكېرەم خوجا ۋاپاتىنىڭ 10يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئابدۇكېرەم خوجا ئىجادىيىتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئابدۇكېرەم خوجىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە تەرجىمە ئەمگىكى توغرىسىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ھەم ئەسلىمىلەر ئوقۇپ ئۆتۈلدى ، بۇ ئىلمىىي ماقالە ۋە ئەسلىمىلەر ئۇنىڭ يېقىن دوستى ، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ئابدۇلئەزىز ئىسمايىلنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن « ئابدۇكېرەم خوجا ئىجادىيىتى ۋەتەرجىمە ئەمگىكى توغرىسىدا » دېگەن نام بىلەن كىتاپ بولۇپ نەشىر قىلىندى .  sdq?nTj]IW  
پايدىلانغان ماتېرىياللار: r$6$,5Yq  
1.« يولداش ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ تەرجىمىھالى » . k3SFW;_J?  
2.كېرەمجان ئابدۇرەھىم: « ئەدەبىيات گۈلزارىمىزدىكى توزىماس چېچەكلەر» hhkC<]%  
3.«كۆۋرۈك » ( ھازىرقى « ئەدەبىي تەرجىمىلەر » ) ژۇرنىلىنىڭ 88-يىل 9-سانى yK@7{O q0  
4.« قۇمۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى » ( خەنزۇچە نەشىرى 1423-1433– بەت ) di < dLbr  
  a>in}@zO  
m!{aSmp  
6JJ65eqF  
QcJ'%}-i  
قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئەۋلاتلىرى
C7t8Z 
  kGuzJZ{/M  
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
 
D,mus-C\  
ماقالىمىزدا ئاۋال نىمە ئۈچۈن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى دەپ ئاتاشنى قوللانغانلىق ھەققىدە قىسقا توختۇلۇپ ئۆتەيلى. قۇمۇل ۋىلايىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ – تەزكىرىسىگە نەزەر سالساق ، ئەڭ بۇرۇن     سۇڭ   سۇلالىسى زامانىسىدا خەنزۇلاردىن بولغان  ۋاڭلىقى، يۈەن سۇلالىسى زامانىسىدىكى موڭغۇللاردىن بولغان   ۋاڭلىغى، چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا  1698 – يىلىدىن باشلاپ ، مىنگونىڭ 29 – (1930 - ) يىلىغىچە ئۇيغۇر ۋاڭلىغى ھۆكۈمرانلىق قىلغان، تارىختا دەۋران سۈرگەن بۇ ئۈچ مىللەتتىن بولغان ۋاڭلىقلارنى بىر – بىرىدىن پەرىقلەندۈرۈپ چۈشىنىشكە ئاسان بولۇش ئۈچۈن ماقالىمىزدا بايان قىلماقچى بولغان چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا دەۋران سۈرگەن قۇمۇل ۋاڭلىرىنى ئۇيغۇر ۋاڭلىرى دەپ ئاتاشنى توغرا تاپتۇق s^u8i  
      1698- يىلى چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشىخانى قۇمۇل تارخان بىگى ( قۇل بىگى ) ئەبەيدۇللاغا تارخانبەك دەپ ئوتوغات بەرگەندىن باشلاپ 1- ئەۋلات ۋاڭلىق باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىغى مەركىزى خانلىق – چىڭ سۇلالىسى شىنجاڭدىكى ھەر قايسى جايلاردىكى ھەر مىللەت ۋاڭلىرى ئىچىدە مەركىزى خانلىققا ئەڭ بالدۇر سادىق بولغان ۋە مەركىزى خانلىق ئەڭ بالدۇر ئوتۇغات بەرگەن ۋاڭلىق بولۇپ قالدى. rT7H cdZ  
     قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىغى 1- ئەۋلات ۋاڭ (1- ئەۋلاتتىن 3- ئەۋلاتقىچە مەركىزى خانلىق ۋاڭ دەپ ئوتوغات بەرمەي، 4- ئەۋلاتتىن باشلاپ ۋاڭ دەرىجىسىنى ئوتوغات بەرگەن. لىكىن ئاۋام خەلق 1- ئەۋلاتتىن باشلاپ ھەممىسىنىلا ۋاڭ دەپ ئاتاپ ئادەتلەنگەن) دىن باشلاپ توققۇز ئەۋلات 1930 – يىلى ۋاپات بولغان شامەخسۇت ۋاڭغىچە داۋاملاشقان، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يىزىلغان ھەر خىل كىتاپ ، ئەسەر ۋە ماقالىلاردا بولسا 9 ئەۋلات، 10 ئەۋلات، 11 ئەۋلات داۋاملاشقان دىگەن ئوخشاش بولمىغان قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. mO>|;GK!  
9- ئەۋلات شا مەخسۇت ۋاڭ 1930- يىلى ۋاپات بولۇش بىلەنلا ئۇيغۇر ۋاڭلىغىنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھيىلىك ھۆكىمەت ئۆتكۈزۈۋالغان بولغاچقا شا مەخسۇت ۋاڭنىڭ يالغۇز ئوغلى نەزەرمۇ ۋە نەزەر 1934 – يىلى ۋاپات بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىرمۇ ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىپ 10- ئەۋلات ۋە 11- ئەۋلات ۋاڭ بولۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ئەمىليەتتە ئۇلار ۋاڭ بولالمىدى. شۇڭا بۇ ۋاڭلىق شا مەخسۇت ۋاڭغىچە 9 ئەۋلات ،232 يىل داۋاملاشتى، دىگەن يەكۈننى چىقىرىمىز ۋە يۇقۇرقىدەك 10 ئەۋلات، 11 ئەۋلات داۋاملاشتى دىگەن قاراشلارنى مۇشۇ قاراش بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈش لازىم ، دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز. R_21;41  
قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئەۋلاتلىرى توغرىسىدىمۇ ئوخشاش بولمىغان ھەر خىل قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ بىرلىككە كەلمەيۋاتىدۇ، بۇ مەسىلە ھەققىدە نەشىر قىلىنغان ئىككى نوپۇزلۇق چوڭ ئەسەر « قۇمۇل ۋىلايىتى تەزكىرسى» ۋە « قۇمۇل ناھيىسى تەزكىرىسى» دىمۇ تولۇق جاۋاپ بىرىلمىدى. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ نەسەبى – ئەجداتلارغا دائىر ساقلىنىۋاتقان ئوخشاش بولمىغان قاراشلار خەلق ئىچىدە تارقالغان تۆت خىل رىۋايەتنى ئاساس قىلغان. xSG^c(iB  
بىر خىلى، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ئەرەپلەردىن كەلگەن دىگەن رىۋايەت، ئىككىنچى خىلى يەركەندىن كەلگەن دىگەن رىۋايەت، ئۈچىنچى خىلى چىنگىزخاننىڭ ئەۋلاتلىرى دىگەن رىۋايەت، تۆتىنچى خىلى يەرلىك ئۇيغۇرلار دىگەن رىۋايەت، يۇقارقى قاراشلار ۋە رىۋايەتلەرنى يىغىنچاقلاپ ، بالىدىن ئاتىغا قاراپ ئەجداتقا سۈرسەك، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى توغلۇق تۆمۈرخان بولۇپ ئۇنىڭ ئاتىسى شامەشرەپكە تاقىلىدۇ دىگەن قاراش، يەنە بىرسى چىڭگىزخاننىڭ 7- ئەۋلادى بولغان توغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 2- ئوغلى خىزىرخوجىغا تاقىلىدۇ دىگەن قاراش كىلىپ چىقىدۇ. ئاپتۇر بۇ ئىككى خىل قاراشتىن توغلۇق تۆمۈرخاننىڭ 2- ئوغلى خىزىرخوجىغا تاقاشنى ئىلمى دەلىل – پاكىتلارغا ئۇيغۇن دەپ قارايدۇ. چۈنكى 1657 – يىلى يىلى تۇغۇلۇپ 1711- يىلى ئافغانىستاندا 54 يىشىدا قەتلى قىلىنغان شامەشرەپ قانداق قىلىپ ، شا مەشرەپتىن تەخمىنەن 300 يىلدەك بۇرۇن 1331- يىلى تۇغۇلۇپ 1364 – يىلى 34 يىشىدا ۋاپات بولغان تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئاتىسى بولسۇن؟ ۋاقىت جەھەتتىن شا مەشرەپ بىلەن تۇغلۇق تۆمۈرنىڭ ئاتا – بالىلىق مۇناسىۋىتى ھەرگىز مەۋجۈت بولالمايدۇ. 1890 – يىللاردا شىنجاڭدا باش مۇپەتتىش بولغان تاۋمۇ (1902 – 1834) ئەينى ۋاقتىتا شا مەخسۇتقا خەت يىزىپ، سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلار يەركەندىن كەلگەنمۇ، يوق دەپ سورىغان. شا مەخسۇت ئۇنىڭ خىتىگە يازغان جاۋاپ خىتىدە « ئائىلە جەمەتىمىزدىن ئەبەيدۇللادىن باشلاپ ئوتوغات بىرىش باشلانغان، ئەبەيدۇللانىڭ ئاتىسى مۇھەممەتشاھ غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى يارمۇھەممەت غازى، ئۇنىڭ ئاتىسى باقىغازى، ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم غازى بولۇپ تۆت ئەۋلادىمىزدىن قۇمۇل بەگلىرى ، بىزنى يەركەندىن كۆچۈپ كەلگەن ، دىگەن گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان» دىگەن ، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ بىر نەسەپنامىسى بولۇپ چىڭ سۇلالىسىنىڭ       يىللىرىدا مەركىزى خانلىققا يوللانغان . مەركىزى خانلىققا يوللانغان  بۇ نەسەپنامە ھازىر نەنجىڭدىكى مەركىزى 2- ئارخىپخانىسىدا ساقلانماقتا. ئۇنىڭ يەنە بىر نۇسخىسى 1951 – يىلىدىكى ئىجارە كىمەيتىش ھەركىتىدە قۇمۇلدىن يىغىۋىلىنىپ ، ھازىر ئاپتۇنۇم رايونلۇق مۇزىيدا ساقلانماقتا. ھازىر ۋاڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ قولىدا بۇ نەسەپنامىنىڭ كۆچۈرۈلگەن بىر نۇسخىسى ساقلانغان. مەن يەرلىك تەزكىرىچى ئىلىشا ئىلشىر 1930 – يىلى كۆچۈرگەن نۇسخىسىنى 1968 – يىلى تىپىۋىلىپ ، ۋىلايەتلىك مەدىنيەت ئاسارە – ئەتىقىلەرنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىغى مەرھۇم ئابدۇللا ئەخمەتكە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئىدىم. مەن ھازىرغىچە ساقلاپ كىلىۋاتقىنىم ۋە بۇ ماقالىنى يىزىشتا ئاساس قىلغىنىم پىشقەدەم مۇزىكانىت، مەرھۇم ئىبراھىم شاھنىڭ 1983- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى كۆچۈرگەن نۇسخىسى بولۇپ ، بۇ نۇسخىدا « 1587- يىلى مۇھەممەتشاھ غازىبەگدىن ئاخىرقى ۋاڭ شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپاتىغىچە قۇمۇلدا 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، 9 غوجا ئۆتكەن» دەپ ئىنىق مەلۇمات بىرىلگەن، تۆۋەندە بۇ 11 ۋاڭ، 16 تەيجى، 9 غوجا ۋە ئۇلارنىڭ ئەجداتلىرى ۋە ئەۋلاتلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز. I}]=(m ?  
بىرىنچى، 11 ۋاڭ، قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ھەققىدە ھازىرغىچە يىزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە 1- ئەۋلات ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەكتىن باشلانغان، ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەتشاھغازىبەك بولۇپ ، قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى جوڭغار موڭغۇللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىغىدىن غازات قىلىپ مۇسۇلمان قىلغان، 8- ئەۋلات غولام مۇھەممەتكىچە ۋاڭلىق قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا مىراس قالغان، 9- ئەۋلاد ۋاڭ شا مەخسۇت ئالدىنقى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە پۇشتى بولماي، يىقىن تۇققىنى دىگەن قاراش بىردەك تەكىتلەنگەن. 11 ئەۋلاد ۋاڭ دىگەن قاراشتا 9- ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ ئوغلى نەزەر 10 ئەۋلات ۋە نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بىشىر 11- ئەۋلات دىگەن پىكىر ئاساس قىلىنغان بولسا كىرەك. يۇقۇرىدا بايان قىلغاندەك 9- ئەۋلات ۋاڭ شامەخسۇت ۋاپات بولۇش بىلەنلا ئۆلكىلىك جىن شۇرىن ھۆكىمىتى ۋاڭلىقنىڭ مەمۇرى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈۋالغان بولغاچقا نەزەر ۋە بىشىرلار ئەمىلەتتە ۋاڭ بولالماي ، ئاۋام خەلق ئىچىدە ئاتاققىلا ۋاڭ دەپ ئاتالدى ۋە قىسقا بىر مەزگىل ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئەۋەتكەن مائاشنىلا ئالدى، 9- ئەۋلات ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ ئىلگىرىكى ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولمىسىمۇ، 9- ئەۋلات ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىۋالغانلىقىغا كەلسەك 8- ئەۋلاد ۋاڭ غولام مۇھەممەت تۇغما پالەچ بولغاچقا ئۇنىڭ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى ئەمىليەتتە ئۇنىڭ ئۈگەيئانىسى (7- ئەۋلات مۇھەممەت بىشىرنىڭ 3- ئايالى، ئىلى گوڭ بەگلىگىنىڭ      4  - ئەۋلاد ھاكىمبىگى خالزاتنىڭ سىڭلىسى سۇمانخاننىڭ قىزى) مىھرىبانۇ يۈرگۈزگەن ئىدى. مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنى 1867 – يىلى بەييەنخو قوزغىلاڭچىلىرى قەتلى قىلغاندىن كىيىن چىڭ سۇلالىسى بىر يىلدىن كىيىن مىھرىبانۇغا ۋاڭنىڭ فۇجىڭى دىگەن پەخرى نام – ئاتاق ئوتۇغات قىلغان. 8- ئەۋلات ۋاڭ غولام مۇھەممەت 1882- يىلى ۋاپات بولۇش بىلەن مۇھەممەت بىشىرۋاڭنىڭ ئوغۇل ئەۋلادى قالمىغان. مۇھەممەت بىشىر ۋاڭدىن مىھرىبانۇ تۇققان جەۋھەربانۇ دىگەن بويىغا يەتكەن بىرلا قىزىنى ۋاڭ جەمەتىدىكىلەردىن 4- ئەۋلات يۈسۈپ ۋاڭنىڭ 3- ئوغلى ئەمەت تەيجىنىڭ ئەۋرىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شامەخسۇت 1878 – يىلى 29 يىشىدا ئەمرىگە ئالغان بولۇپ ، مۇھەممەت بىشىرۋاڭنىڭ ئەڭ يىقىن تۇققىنى ۋە كۈيئوغلى بولۇپ قالغان ۋە ئوردىنىڭ موھۇردارلىق ئىشلىرىغا قاتنىشىشقا باشلىغان ئىدى. مىھرىبانۇ فۇجوڭ ( ئاۋام خەلق بەزىدە ۋاڭ، بەزىدە فۇجڭخان دەپ ئاتاپ كەلگەن) ياشىنىپ قالغاچقا چىڭ سۇلالىسىغا كۈيئوغلى شامەخسۇتنى ۋاڭلىق تەختىگە چىقىشنى تەۋسىيە قىلىپ دوكىلات يوللىغاندىن كىيىن بىيجىڭ خانىدىن ( بۇ چاغدا چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشىخانى تەخىتتە ئولتۇرۋاتقان ئىدى) 1882- يىلى 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىن باشلاپ ۋاڭلىق تەختىدە  ئولتۇرۇشقا تەستىقلاپ يارلىق كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن شامەخسۇت 9- ئەۋلات ۋاڭلىق تەختىگە چىققان ( خەلق ئىچىدە چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشىخانغا دوكىلات يوللاشتا مىھرىبانۇ فۇجوڭ، شامەخسۇتنى مۇئاۋىن ۋاڭلىققا كۆرسىتۈپ يوللاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، شا مەخسۇت ھىلە – نەيرەڭ بىلەن ئوردىنىڭ موھۇردارى   تاجىدىن تەيجىنى مىھرىبانۇنى مۇئاۋىن ۋاڭ، ئۆزىنى ۋاڭ دەپ يوللاشقا ماقۇل قىلىپ يوللاتقاندىن كىيىن گۇاڭشىخاندىن شا مەخسۇت ۋاڭ، مىھرىبانۇ مۇئاۋىن ۋاڭ بولسۇن دىگەن يارلىق كەلگەن، دىگەر رىۋايەتمۇ تارقالغان). i#Pb| ;s(  
تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ نەسەبىگە كەلسەك، ئۇ شەرقى چاغاتاي خانلىغىنىڭ 1- قىتىملىق خانى بولغان ۋە چىنگىزخاننىڭ 7- ئەۋلادى بولۇپ، ئاتىدىن بالىغا تۇتاشتۇرغان تەرتىپ بويىچە ئەۋلادى مۇنداق بولىدۇ: تۇغلۇق تۆمۈرخان، ئىلياسخان، مەۋلانەشەيىخخان، ھەسەنغازى، ئىسمايلغازى، ئىبراھىم غازى، باقىغازى، يارمۇھەممەت غازى، مۇھەممەتشاھغازى، ئەبەيدۇللا تارخەنبەك، گۇپابەك، ئىمىنگۇڭ، يۈسۈپ ۋاڭ، ئىسھاق ۋاڭ، ئەدشىر ۋاڭ، مۇھەممەت بىشىرۋاڭ، غولام مۇھەممەت. ئاتا – بالا ئەۋلات تەرتىپى بويىچە بۇ 17 ئەۋلات يۇقۇرقىدەك بولۇپ چىقىدۇ ۋە خىزىرخوجا بولسا توغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئىلياسخانىدىن كىيىنكى 2- ئوغلى بولۇپ بارىكۆلدىكى 18 كۈنلۈك غازات ئۇرۇشىدا  شىھىت بولغان ۋە جەسىدى تۇرپانغا يۆتكىلىپ يەمشى دىگەن جايدا دەپنە قىلىنغان. ( يەنە بەزى رىۋايەتلەردە قۇمۇلنىڭ شەرقىدىكى ئىچكى ئۆلكىدىكى غازات ئۇرۇشىدا شىھىت بولغان دىيىلىدۇ) . تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەجداتلىرىنى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن مىرزا ھەيدەر، مەخمۇت جوراس، موللا مىرسالىھ قەشقەرى قاتارلىقلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن بالىدىن ئاتىغا ( ئەۋلاتتىن ئەجداتقا) باغلاپ تۇتاشتۇرغان نەسەبى مۇنداق : ھەزرىتى ئىسمايىلخان، ئابدۇرىھىمخان، ئابدۇرشىتخان، سۇلتان سەئىدخان، ئەھمەتخان، يۇنۇسخان، ئۇۋەيىسخان، شىرئەلىخان، مۇھەممەتخان، خىزىرخوجا، توغلۇق تۆمۈر، ئىسەن بۇقاخان، داۋاخان، بەراقخان، يىسۇن قاراخان، مۇۋاتوكانخان، چاغاتايخان، چىنگىزخان، يىسۇگايخان، بەرىتاخان، قىبىلخان، تۇنىبۈتەخان، بايسىنقۇر، قايدۇر، دۇتۇم مىننىخان، بۇقاخان، بودەنچىر قائان، ئالانقۇۋا كۆركلۈك».  چىنگىزخاننىڭ 10- ئەۋلات ئەجدادى بولغان ئالانقۇۋا كۆرۈكلۈكتىن ئەجدادىنى يەنىمۇ ئالدىغا ( ئاتىغا تۇتاشتۇرۇپ ) سۈرىۋەرسەك رىۋايەتلەردىكى نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ياپەسكە تۇتىشىدىكەن. &L|Imyj j  
توققۇز ئەۋلات ۋاڭنىڭ ئەۋلاتلىرى: 1- ئەۋلات ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخەنبەكنىڭ گۇپا ( ۋاپا ) بەك، باقىبەك، ئىسلامبەك، دىگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ، گۇپا بەكدىن باشقىلىرىنىڭ ئەۋلادى ئۈزۈلگەن. 1- ئوغۇل گۇپابەكنىڭ ئىمىن گۇڭ دىگەن بىرلا ئوغلى بولۇپ 2- ئەۋلات ۋاڭ گۇپا بەگنىڭ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 3- ئەۋلات ۋاڭ ئىمىن گوڭنىڭ يۈسۈپ ، يۇنۇسبەك، ئۆمەربەك، ئابدۇللا بەك دىگەن تۆت ئوغلى ۋە ھۇمايخىنىم دىگەن قىزى بىلەن بەش پەرزەنتى بولغان، يۈسۈپ ۋاڭ 4- ئەۋلات ۋاڭ بولۇپ ۋارىسلىق قىلغان، يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىبراھىمبەك ، ئىسھاق بەك، ئەھمەت تەيجى دىگەن ئۈچ ئوغلى بولۇپ 1766- يىلى چوڭ ئوغلى ئىبراھىمبەك بىلەن بىيجىڭ خانغا سالامغا بىرىپ قايتىشىدا چىچەك يۇقتۇرۋىلىپ ئاتا – بالا ئىككەيلەن يولدا ۋاپات بولغاچقا 2- ئوغلى ئىسھاق 5- ئەۋلات ۋاڭ بولۇپ ۋارىسلىق قىلغان، ئىسھاق ۋاڭنىڭ ئەدەشىر دىگەن بىرلا ئوغلى بولۇپ 6- ئەۋلات ۋاڭ بولۇپ ۋارىسلىق قىلغان، ئەدەشىر ۋاڭنىڭ مۇھەممەت بىشىر  ۋە مۇھەممەت نەزەر دىگەن ئىككى ئوغلى بولۇپ مۇھەممەت بىشىر 7- ئەۋلات ۋاڭ بولۇپ ۋارىسلىق قىلغان ، مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنىڭ غولام مۇھەممەت دىگەن بىرلا توغما پالەچ ئوغلى 8- ئەۋلات ۋاڭ بولۇپ ۋارىسلىق قىلغان بولسىمۇ ۋاڭلىق ئەمەلى ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئۈگەيئانىسى مىھرىبانۇ فۇجوڭ يۈرگۈزگەن. بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا قانداشلىق مۇناسىۋەت بويىچە داۋاملاشقان ۋاڭلىق مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن بولسىمۇ 8- ئەۋلات ۋاڭ غولام مۇھەممەتنىڭ قەينى ئاكىسى، مىھرىبانۇفۇجوڭنىڭ كۈيئوغلى، مۇھەممەت بىشىر ۋاڭنىڭ تەيجىسى تاجىدىن تەيجىنىڭ يالغۇز ئوغلى شامەخسۇت 9- ئەۋلات ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلغان. '/79W:D  
ئىككىنچى، 16 تەيجى: 1- ئەۋلات ئەبەيدۇللا تارخەنبەكتىن 3- ئەۋلات ۋاڭ ئىمىن گۇڭ زامانىسىغىچە (1697- يىللىدىن 1740- يىلىغىچە ) بولغان 43 يىل جەريانىدا ۋاڭ ئوردىسىدا تەيجى ئەمەل دەرىجىسى تەسىس قىلىنمىغان، مەنسەپ دەرىجىسى ھەر خىل ھاكىمبەكلەر ۋاڭ ئوردىسىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ ئەمەلدارلىرى بولغان، بۇ ئەمەلدارلارنى ئاۋام خەلق شەخىسنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە بەگ ياكى خوجا دىگەن ئىسىمنى قوشۇپ ئاتاپ  كەلگەن. مەسىلەن: ئەبەيدۇللا تارخانبەكنىڭ بالىلىرىنى باقىبەك، ئىسلامبەك ۋە ئىمىن گۇڭنىڭ بالىرىنى يۇنۇسبەك، ئابدۇللا بەك، ئۆمەربەك دەپ ئاتىغان. aM(H 2a 7  
بەگلەرنىڭ مەلۇم ساندا ئۆزىگە قاراشلىق ئادىمى ۋە ئائىلە مۇلازىملىرى بولغان، ھەر دەرىجىلىك بەگلەرنىڭ ۋاڭغا، يۇقۇرى دەرىجىلىك بەگلەرگە ئولپان تاپشۇرۇش مەجبۇريىتى بولغان، 4- ئەۋلات يۈسۈپ ۋاڭدىن ئىلگىرى ۋاڭلارغا قاراشلىق بەگلەرگە مائاش ياكى ئاشلىق بىرىلمەي كەلگەن. 1759 – يىلىدىن كىيىنلا ئاساسلىق بەگلەرگە بىر قىسىم يەر ۋە يانچى سەپلەپ بىرىلگەن. ۋاڭ جەمەتىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دىگىدەك ئۆزىگە بەگ ياكى خوجا دىگەن نامنى مەيلىچە قوشۇۋالغان بولغاچقا بەگلەرنىڭ سانىمۇ ئەۋلادىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھەدەپ ئىشىپ كەتكەن. شا مەخسۇت ۋاڭ زامانىسىدا تۆۋەن ئوردا بولغان ئورداخى مەھەلىسىدە بەگلەرنىڭ سانى 1900 – يىللاردا شۇ مەھەلىدىكى نوپۇسنىڭ يىرىمىدىن ئىشىپ كەتكەن، شامەخسۇت زامانىسىدا ۋاڭ ئوردىسىدا سىياسەت – تەدبىر بەلگىلەيدىغان كىڭەش يىغىنى تەسىس قىلىنىپ چوڭ، كىچىك تەيجى ئىككى ئادەم، مەسلىھەتچى ئىككى ئادەم، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى ئەلەم ئاخۇنۇم بىر ئادەم، خەنزۇ مىرزىبەك بىر ئادەمدىن تەركىپ تاپقان ۋاڭ ئوردىسى يۇقۇرى قاتلام ھۆكۈمرانلىق گۇرۇھى بولۇپ قالغان، چوڭ ، كىچىك ئىككى تەيجى بولسا بۇ كىڭەش يىغىنىنىڭ ئەمەلى ھوقۇقىنى تۇتقان ئەڭ موھىم ئەمەلدار بولغان، 4- ئەۋلات يۈسۈپ ۋاڭ زامانىسىدىن باشلاپ تەيجى ئەمىلى تەسىس قىلىنىپ 9- ئەۋلات شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپات بولغان 1930 – يىلغىچە 170 يىل جەريانىدا جەمئى 16 ئادەم تەيجى بولغان، تەيجى بولغانلارنىڭ ھەممىسى ھەر قايسى ئەۋلات ۋاڭلارنىڭ بىۋاستە تۇققانلىرى ( ئەڭ يىقىن تۇققانلىرى) بولۇپ ئاۋام خەلقتىن تەيجىلىككە ئادەم تەيىنلەشكە رۇخسەت قىلىنمىغان، تەيجىلىككە تەيىنلىنىدىغان ئەمەلدارنى ۋاڭ ئوردىسىدىن كۆرسىتىپ ناھيىلىىك ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئارقىلىق مەركىزى ھۆكۈمەتكە يوللاپ ئەنگە ئالدۇرۇپ كەلگەن . مەسىلەن: مىنگونىڭ 2- يىلى (1913 – يىلى) 1- ئاينىڭ 18- كۈنى قۇمۇل ئۇيغۇرلار يۇرتى خۇشۇن ئىشلىرى ياردەمچى نازارەتچى ئامبىلى ، توسىرا قىچىبەك ھاشىر تەيجى ۋاپات بولغاندا شا مەخسۇت ۋاڭ شۇ يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭنىڭ باش تۇتۇقى ياڭزىڭشىن ئارقىلىق يۇنۇس نوشىرۋاننى ئۇنىڭ ئورنىغا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشقا يوللىغاندىن كىيىن 1914 – يىلى 5- ئاينىڭ 1- كۈنى بۇيۈك زوڭتوڭ يۈەنشىكەينىڭ تەستىق يارلىغى چۈشۈرۈلگەن ئىدى. hZ$}E'  
16 تەيجىنىڭ ئىسىملىكى: ئەمەت تەيجى، سۇلايمان تەيجى، ئابدۇلبەيزى تەيجى، بەھمەن تەيجى، مۇھەممەتنەزەر تەيجى، پەتەنۇش تەيجى، مونۇرتەيجى، پازىلتەيجى، نوشرىۋان تەيجى، تاجىدىن تەيجى، ئۇۋەييىس تەيجى، نەمىتۇللا تەيجى ، ئەبەيدۇللا تەيجى، ھاشىر تەيجى، يۈسۈپ تەيجى، يۇنۇس تەيجى. K 
ئۈچۈنچى، 9 غوجا: قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى 1- ئەۋلات ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخەنبەكتىن باشلاپلا تەيجى، بەگ دىگەن مەمۇرى باشقۇرغۇچى ئەمەلدار ئىكەنلىگىنى بىلدۈرگەن ناملاردىن باشقا ئۆزلىرىنىڭ مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەۋالادى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ۋاڭ جەمەتىدىكىلەر ئىسىم – شەرىپىسىنىڭ كەينىگە خوجا دىگەن نامنىمۇ قوشۇپ ئىشلىتەتتى ، بۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى جەمەتىدىكىلەر قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى باشقۇرۇشتا ھەم مەمۇرى باشلىق ھاكىمبەك بولىدۇ ھەم قۇمۇلنىڭ ئىسلام دىننى ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى خوجا بولۇپ قوش ئەمەللىك ھۆكۈمران بولىۋالىدۇ. ئەمىليەتتە قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەجداتلىرى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەۋلادى بولسۇن ياكى يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن بولسۇن مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى بولۇشى ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. M.^r bS  
9 خوجىنىڭ ئىسىملىكى: شادىبەك، مەمەتشىرىپبەك، يەھيابەك، مىلىكبەك، شامەخسۇت، يۇنۇس نوشىرۋان، يۈسۈپ جۈبەيرىبەك، تۆمۈرخان، تاھىر ھاجىبەك. HQ;VgK;  
  ymMVR$t   
پايدىلانمىلار: tM low&[  
1. ئابلىز ئۇرخۇن: « نەسەپنامە ۋە ئۇيغۇر نەساپنامىچىلىك ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە» ( « شىنجاڭ تەزكىسى» 1995- يىلى 1 سان 8- بىتى jA Wexya  
2. « قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى، 1995- يىلى خەنزۇچە نەشىرى A 8aFi/  
3. « قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ ئەۋلاتلىرى نەسەپنامىسى» قوليازما d*QSsiB?  
 
  s'?C]{cV5  
  oZ45kQ\ZQ  
 تۆمۈر خەلىپە قوزغىلڭى ۋە ساتقىن لى شۇفۇ g/B (rN.  
  qUW7U8eJ  
 
مۇھەممەد يۈسۈپ
r5iZ9[RTrO  
 شىنجاڭنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى _ 1912-يىلى كۆتۈرۈلگەن تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلىرى قوزغىلىڭى توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەر يېزىلدى . مەن بۇ ماقالىدە ئاساسەن بۇ قوزغىلاڭنىڭ پاجىئەلىك باستۇرۇلىشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان، « قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىش » بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ، قانخور ياڭ زېڭشىننىڭ قىلتىقىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن دىنىي مۇناپىق لى شۇفۇنىڭ قىلمىشلىرى ۋە ئۇنىڭ كېيىنكى ھاياتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمەن.   تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ مىللىي، سىنىپىي زۇلۇمغا قارشى ھەققانىيەت بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن قوزغىلاڭ بولۇپ، قوزغىلاڭنىڭ ئوت يالقۇنى قۇمۇل خەلقىنىڭ  قوللاپ- قوللىشىغا ئېرىشپلا قالماستىن، بەلكى تۇرپان خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . قوزغىلاڭچىلار كۈندىن – كۈنگە كۈچىيىپ، زور غەلىبىلەرگە ئېرىشىپ قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇتنىڭ تەختى-بەختىنى تەۋرىتىپ، ياڭ زېڭشىننىڭ فېئودال مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن . ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمىتى قوزغىلاڭنى قوراللىق باستۇرۇش ئۈچۈن بىر نەچچە قېتىم ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ ئېغىر چىقىم تارتقان . قوزغىلاڭنى قاتتىق ۋاسىتە بىلەن باستۇرۇشقا كۆزى يەتمىگەن ياڭ زېڭشىن يۇمشاق ۋاسىتە بىلەن قىلتاققا چۈشۈرۈش چارىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ( ئاتاقلىق ئالىم ، يازغۇچى، شائىر مەرھۇم ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ئەپەندى تارىخىي رومانى « ئىز » دا قوزغىلاڭنىڭ جەريانى ۋە ئۇنىڭ پاجىئەلىك باستۇرۇلغانلىقىنى تارىخىي چىنلىق ئاساسىدا بەدىئىي ۋاسىتە بىلەن يورۇتۇپ بەرگەنىدى) . =n[Sv  
1912-يىلى 9-ئايدا ياڭ زېڭشىن تۆمۈر خەلىپىنى ئىسلام دىنىدىن پايدىلىنىپ ئالداش ئۈچۈن لى شۇفۇنى ئالاھىدە ۋەزىپە بىلەن قۇمۇلغا ئەۋەتگەن . 1913-يىلى 3- ئايدا، لى شۇفۇ ئۆزى باشچىلىق قىلغان بىر نەچچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن باشقا، خۇيزۇ ئاخۇنلاردىن فېن ئاخۇن باشچىلىقىدىكى ئىسلام ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، نۇرغۇن سوۋغات ئېلىپ قۇرئان كۆتەرگەن ھالدا قورايغا چىقىپ، تۆمۈر خەلىپە بىلەن سۆھبەتلەشكەن ( لى شۇفۇ قورايغا چىقىشتىن ئىلگىرى ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدامچىلىق بىلەن تولغان بىر پارچە خېتىنى تۆمۈر خەلىپىنىڭ يېقىنى مۇھەممەتجان ئەبزى (تاتار ) ئارقىلىق ئۇنىڭغا يەتكۈزگەن، لېكىن تۆمۈر خەلىپە تەسلىم بولۇشنى قەتئىي رەت قىلغان ) . لى شۇفۇ تۆمۈر  خەلىپە بىلەن كۆرۈشكەندە ئالدى بىلەن مۇنداق دىگەن: « ياڭ زېڭشىن سىزنى بەك چۈشىنىدۇ، سىز قۇمۇلدا چىقارغان ئىش قۇمۇل ۋاڭنىڭ نامۇۋاپىق تۈزۈملىرىگە قارشى چىقىش بولۇپ، ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرغانلىق ئەمەس . ھازىرقى ھۆكۈمەت گۇناھسىز، پۇقرالارنى ئاسرايدۇ، سىزلەرگە ھەرگىز گۇناھ ئارتمايدۇ. ياڭ زېڭشىن سىزنى بەك ماختايدۇ، سىزنى باتۇر، جەڭ قىلىشقا ئۇستا، دەيدۇ. سىزگە ئوخشاش كىشىلەر دۆلەت ئېھتىياجلىق بولغان ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولۇپ ، سىزنىڭ ئۆلكىگە چىقىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىڭىزنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمىز . » ئۇ يەنە : « ياڭ زېڭشىن سىزگە ۋە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن دېھقانلارغا بەكمۇ ھېسداشلىق قىلىدۇ، ھازىر مىنگو ( پۇقرالار دۆلىتى ) قۇرۇلۇپ، ھەممە ئادەم باراۋەر بولدى. تاغدىكى دېھقانلار ۋاڭنىڭ باشقۇرۇشىغا قاراشنى خالىمىسا، قۇمۇل ناھىيىسى ( قۇمۇل دىۋان ۋازارەت ھۆكۈمىتى )گە قارىسىمۇ بولىۋېرىدۇ. باش تۇتۇق ياڭ زېڭشىن قۇمۇل ۋاڭنىڭ دېھقانلاردىن ئالىدىغان سېلىقىنى كېمەيتىپ ئېلىشغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، قوزغىلاڭغا قاتناشقانلاردىن ئۆتكەن ئىشنى سۈرۈشتە قىلمايدۇ » دىگەن . لى شۇفۇ تۆمۈر خەلىپىنىڭ ئىككىلىنىپ بىر قارارغا كېلەلمەي، دەر گۇمان بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، تۆمۈر خەلىپىنىڭ دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ، تەقۋادار مۇسۇلمان ئىكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا قۇرئان تۇتۇپ قەسەم بېرىپ ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرگەن . ئاخىرىدا 6 ماددىلىق كېلىشىم تۈزۈلگەن . تۆمۈر خەلىپە 130 ئادىمى بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان . ياڭ زېڭشىن ئۇنى ئاتلىق ئەسكەرلەر 3-يىڭنىڭ يىڭجاڭلىقىغا تەيىنلىگەن ، ئۇلار لومەنچېڭ ( ھازىرقى يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئورنىغا توغرا كېلىدۇ ) دا تۇرغان ،كىشىلەر تەرىپىدىن تېتۇڭلىڭ ( باش چېرىك باشلىقى تۆمۈر ) دەپ ئاتالغان. تۆمۈر خەلىپە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن نازارەت قىلىنغان. بىر يىل ئۆتمەيلا تۆمۈر خەلىپە ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي ئالدانغانلىقىنى سېزىپ ، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى مويدىن بىلەن بىرلىشىپ قايتا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، مىللىي مۇناپىق مەمەتقۇلى ( تەرجىمان )نىڭ ساتقىنلىق قىلىشى ئارقىسىدا ئاشكارىلىنىپ قالغان . 1913-يىلى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى ياڭ زېڭشىن باش چېرىك باشلىقى ما فۇشېڭغا باش چېرىك باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىش باھانىسى بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى « ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرماقچى بولدى » دېگەن بەتنام بىلەن قولغا ئالغان ، ئۇنى ياڭ زېڭشىن ئۆزى بىۋاسىتە سوراق قىلغان، سوراققا ما فۇشېڭ ، تەرجىمان مەمەتقۇلىمۇ قاتناشقان . قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ رەھبىرى تۆمۈر شۇ كۈنى ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلگەن، ئۇنى سوراق قىلىشقا خائىن مەمەتقۇلىمۇ بىۋاسىتە قول سالغان ھەمدە ئۆزىمۇ ئۆلتۈرۈلگەن . تۆمۈر خەلىپە بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان قوزغىلاڭچىلار « يۇرتىغا قايتىپ دېھقانچىلىق قىلىدۇ » دېگەن ھىيلە بىلەن قۇمۇلغا يولغا سېلىپ قويۇلغان . ئۇلار مورى ناھىيىسىنىڭ چوڭتاش دېگەن يېرىگە كەلگەندە، يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يوقىتىشقا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ياڭ زېڭشىن ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان . يالغۇز بىر كىشى، قۇمۇلنىڭ ئېدىر يېزىسىلىق ئەنسارى ئېغىر يارىلانغان بولسىمۇ ، ئۆلمەي ھايات قالغان . تۆمۈر خەلىپە ئۈرۈمچىگە ماڭغاندا قۇمۇلدا قالغان، كېيىن دېھقانچىلىق قىلىشقا ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان قوزغىلاڭچىلارمۇ ئامان قالمايدۇ. ئۇلارنى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئەنشى ناھىيىسىگە يۆتكەش باھانىسى بىلەن ئارا يۇلتۇز ( شىڭشىڭشيا ) غا ئېلىپ بېرىپ ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان ياڭ زېڭشىن ئەسكەرلىرى بىلەن گەنسۇنىڭ ئۆلكە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن. تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى مانا مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا باستۇرۇلغان. j(]ej d#  
لى شۇفۇ قانداق ئادەم ؟ ئۇ كېيىنكى ھاياتىدا يەنە قانداق شۇملۇقلارنى قىلغان ؟ 8v"aiq70  
لى شۇفۇ ھازىرقى نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ گۇيۈەن ناھىيىسىدىن بولۇپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ گۇاڭشۈ يىللىرىدا ( 1880- يىلىنىڭ ئالدى _ كەينىدە ) ئاتا- ئانىسى بىلەن بىللە ئۈرۈمچى ناھىيىسى غەربىي شىمال يېزىسىنىڭ شىگۇڭ كەنتى  ( ھازىرقى مىچۈەن شەھىرى گۇمۇدى بازىرىنىڭ شىگۇڭ كەنتى ) گە كەلگەن. ئۇنىڭ ئائىلىسى بەك نامرات بولغاچقا، ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي ، قاراتۈرۈك بولۇپ قالغان  لېكىن ، ئۇنىڭ قولى ئەپچىل ، كىشىلەرگە سىلىق – سىپايە مۇئامىلە قىلىدىغان ، قولۇم – قوشنىلىرىغا خوشاللىق بىلەن ياردەم قىلىدىغان بولغاچقا ،  تېزلا كىشىلەر ئارىسىدا يۈز- ئابرۇي تېپىپ ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. 1890- يىلى بۇ يېزىدا نۇڭيۆ بولۇپ سايلانغان. kZ0w8~&R  
1910- يىلى يۈننەنلىك ما فۇشېڭ جېجياڭدىن شىنجاڭغا پالانغان ھەربىي سالاھىيىتى بىلەن مىچۈەن ناھىيىسىنىڭ ئۈچبۇلاق ( سەنگېچۈەن ) دېگەن يېرىگە كېلىپ، بوز يەر ئېچىشقا باشلىغان. مافۇشېڭ لى شۇفۇنىڭ باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، باشقىلاردىن قەرز ئېلىشتا ئۆزىگە كېپىل بولۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. لى شۇفۇ ما فۇشېڭنىڭ ئىرادىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ماختىغان. لى شۇفۇنىڭ ئانىسى مېھىر –شەپقەتلىك موماي بولۇپ، مافۇشېڭنىڭ ئىلگىرى ئەمەلدار ئىكەنلىكىنى، ھازىر بېشىغا ئېغىرچىلىق چۈشۈپ، قەرز سورىغانلىقىنى ئاڭلاپ ، توخۇ ئۆلتۈرۈپ ئۇنى كۈتۈۋالغان ۋە ئۇنى قوندۇرۇپ قالغان. لى شۇفۇ ئەتىسى ئۆزىنىڭ ئېغىلىدىن بىر ئاق بوز ئاتنى ئېلىپ چىقىپ ، ما فۇشېڭغا : « بۇ ئاتنى سېتىپ ، پۇلنى بوز يەر ئېچىشنىڭ دەسمايىسى قىلغىن » دەپ بەرگەن . مافۇشېڭ بۇ ئاتنى 14 سەر كۈمۈش تەڭگىگە سېتىپ، ئادەم ياللاپ 5-6 مو يەر ئېچىپ ، شال تېرىغان. شۇنىڭدىن كېيىن مافۇشېڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ – كېلىشىدە لى شۇفۇ ئائىلىسىگە كىرىپ تاماق يەپ كېتىدىغان بولغان ۋە مۇناسىۋىتى بارغانسېرى قويۇقلاشقان. !7>^9}x2  
شىنجاڭنىڭ ھەربىي – مەمۇرى ۋالىيسى ياڭ زېڭشىن ما فۇشېڭنىڭ شىنجاڭغا يوللانغان ماتېرىيالىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆزى بىلەن يۈننەنلىك يۇرتداش خۇيزۇ ئىكەنلىكىگە، شۇنداقلا ئەلەم بىلەن شۇغۇللانغان ھەربىي باشلىق بولغاچقا كېيىنرەك ماڭا ئەسقېتىپ قالارمىكىن ، دەپ قىزىقىپ قالغان ۋە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ : « بىز گەرچە يۇرتداش بولساقمۇ، سەن ھازىر ئوردىنىڭ < ھەربىي مەھبۇسى> بولغاچقا، سېنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئامالىم يوق. سەن ھازىرچە ئۈچبۇلاقتا بوز يەر ئېچىپ تېرىقچىلىق قىلىپ، يېمەك – ئىچمىكىڭنى ھەل قىلىپ تۇرغىن ، كېيىن پۇرسەت بولغاندا سېنى ئىزدەيمەن » دەپ، ئۇنىڭغا بىر نەچچە كۈمۈش تەڭگە بەرگەن ۋە ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئۆزىنى يوقلاپ تۇرۇشنى تاپىلىغان. XyZ_Q3V  
1912-يىلى 1- ئايدا، شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرى بىلەن ئىلىدا چىڭ سۇلالىسىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلاپ، ئىلى بۈيۈك تۇتۇق مەھكىمىسى قۇرۇلغان. شىنجاڭنىڭ پاششاپ بېگى يۈەن داخۇا بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈپ، ئىلىغا ئەسكەر ئەۋەتكەن بولسىمۇ ، قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا مادارى يەتمىگەن. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمران بولۇش غەرىزىگە يېتىشتە ھەربىي ھوقۇق تۇتمىسا بولمايدىغانلىقىنى بىلگەچكە، بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، يۈەن داخۇاغا ھەربىي قىسىمنى كېڭەيتىش تەكلىپىنى بەرگەن، يۈەن داخۇا تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئەسكەر ئېلىشقا بۇيرۇغان. ياڭ زېڭشىن ئۆزىنىڭ يۇرتدىشى، ئۈچبۇلاقتا تېرىقچىلىق قىلىۋاتقان مافۇشېڭنى چاقىرىتىپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىكى 24 مەسچىتتىن ياش، ئوتتۇرا ياش خۇيزۇلاردىن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 5 يىڭلىق خۇيزۇ قىسمىنى تەشكىللىگەن ۋە ما فۇشېڭ ، ما فۇمىڭ ، ما جىخې ، لى شۇفۇ، مافۇئېندىن ئىبارەت 5كىشىنى ئايرىم –ئايرىم ھالدا بۇ يىڭلارنىڭ يىڭجاڭلىقىغا تەيىنلىگەن. ياڭ زېڭشىن بۇ قىسىمنىڭ باش چېرىكچىلەر باشلىقى ئەمىلىنى ئۈستىگە ئالغان. يۈەن داخۇا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىلىدىكى ئالدىنقى سەپكە ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇشقا ئەۋەتكەن . ئۈرۈمچى ئەتراپىدا ياڭ زېڭشىننىڭ قولىدىكى 5يىڭلا ئەسكەر قالغان. ھەربىي ھوقۇقنىڭ ئەمەلىيەتتە ياڭ زېڭشىننىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن يۈەن داخۇا ئۆزىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىدىن قورقۇپ، شىنجاڭ خەلقنىڭ قان – تەر بەدىلىگە كەلگەن بايلىقلىرىنى ئېلىپ ئىچكىرىگە قايتىشقا تەييارلانغان. شۇ يىلى 5-ئايدا ياڭ زېڭشىن شىنجاڭنىڭ باش تۇتۇقلىقىغا تەيىنلىنىپ ، شىنجاڭنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان. .0w5#]W  
لى شۇ فۇ ھىيلە –مىكىر بىلەن تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ قىلتاققا چۈشۈرگەندىن كېيىن ، ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ بۇ « تۆھپە »سى ئۈچۈن ئۇنى ئاۋۋال قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن ، ئاندىن ھەربىي ئۇنۋانىنى جۇڭشياۋ (مايۇر )لىققا كۆتۈرگەن. ياڭ زېڭشىن لى شۇفۇنىڭ ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەشكە نۇرغۇن سوۋغا –سالام ئېلىپ، ئالاھىدە ئۇنىڭ شىگۇڭ كەنتىدىكى ئۆيىگە بارغان. ما فۇشېڭنى يىڭجاڭلىقتىن پۈتكۈل خۇيزۇ قىسىمىنىڭ باش چېرىكچىلەر باشلىقىغا، كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تىتەي ( باش بۇغ – ۋالىي ) لىكىگە ئۆستۈرگەن. 4G$Sg?t  
لى شۇفۇ قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىنى بىر يىل ئۆتىگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن. ياڭ زېڭشىن 1919-يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنىڭ زەربىسىدىن قېچىپ شىنجاڭغا كىرگەن قالدۇق چاررۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ماللىمانچىلىق چىقىرىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن لى شۇفۇنى جىڭ ناھىيىسىدە ئاليەنكوف باندىتلىرىدىن چېگرانى مۇداپىئە قىلىشقا ئەۋەتكەن. كېيىن ياڭ زېڭشىن لى شۇفۇنى جىڭ ناھىيىسىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۈرۈمچىدىن ئەسكەر ئېلىپ ئارىلاشما تۇەن قۇرۇشقا بۇيرۇغان ھەمدە ئۇنى تۈەنجاڭلىققا، باش چېرىك باشلىقىغا تەيىنلىگەن، كېيىن فۇكاڭنىڭ مۇداپىئەسىگە قويغان، كېيىنكى مەزگىلىدە جىمسارنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانلىقىغا تەيىنلىگەن. 714edw-|  
1933-يىلىنىڭ باشلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن ما جۇڭيىڭ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان مەزگىلىدە ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى گۇچۇڭنى، خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى جىمسارنى ئالماقچى بولغان. لى شۇفۇ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىغا تەسلىم بولغان، قورال-ياراغلارنى ئەتىسى چايدىن كېيىن تاپشۇرۇش- تاپشۇرۇۋېلىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيۈزلىمىچى لى شۇفۇ تەسلىم بولغان كۈنى كېچىدە گۇچۇڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، قورال-ياراغلارنى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نەتىجىدە ما جۇڭيىڭ ئادەم ئەۋەتىپ، جىمساردىكى قورال- ياراغلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن. ئەتىسى چاي مەزگىلىدە خوجىنىياز ھاجى ئادەملىرىنى باشلاپ قورال-ياراغلارنى تاپشۇرۇۋېلىشقا كېلىپ ، قورال-ياراغ قالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ، گۇچۇڭغا ئادەم ئەۋەتىپ، ماجۇڭيىڭدىن بۇ قورال- ياراغلارنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ماجۇڭيىڭ تەرىپىدىن رەت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى _ ماجۇڭيىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شېڭ شىسەي ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق سوۋېت ئىتتىپاقى كونسۇلىنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مۇرەسسە قىلىشى ئارقىلىق 1933-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ كېلىشىم ھاسىل قىلغان (بۇ كېلىشىمىنى بەزىلەر فۇكاڭ كېلىشىمى دېسە، بەزىلەر جىمىسار كېلىشىمى دەپ ئاتىشىدۇ ) ، خوجىنىياز ھاجى جەنۇبىي شىنجاڭ ئامانلىق ساقلاش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن. شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىنى قورال-ياراغ ۋە ھەربىي تەمىنات بىلەن تەمىنلىمەكچى بولغان. خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىنى باشلاپ تۇرپانغا كېلىپ، كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغان. !7GIAgma  
ماجۇڭيىڭغا تەسلىم بولغان لى شۇفۇ 1933-يىلى 6-ئايدا فۇكاڭدا شېڭ شىسەي بىلەن ماجۇڭيىڭ ئوتتۇرىسىدا بولغان ئۇرۇشتا ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى مەغلۇپ بولغاندا، لى شۇفۇ ما جۇڭيىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىللە تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنىپ، ماجۇڭيىڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە پىچان ،توقسۇنلارغا بارغان. 1934-يىلى ماجۇڭيىڭ قوشۇنلىرى تۇرپاندىن يولغا چىقىپ، داۋانچىڭ ئارقىلىق ئۈرۈمچىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنى ئىككى ئاي قورشىۋالغاندا، شېڭ شىسەي ستالىن ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىنى كىرگۈزۈش بىلەن ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى قوغلاپ، ئۇلارنى جەنۇبىي شىنجاڭغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. ماجۇڭيىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا لى شۇفۇ شېڭ شىسەيگە خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ يەنىلا شېڭ شىسەيگە سادىق ئىكەنلىكىنى ، جىمساردا ماجۇڭيىڭغا تەسلىم بولغانلىقى چىن دىلىدىن بولمىغانلىقىنى، بۇنىڭ جىمساردىكى پۇقرالار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ قىرىلىپ كېتىشدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ، ھازىر ماجۇڭيىڭدىن ئايرىلىپ، شېڭ شىسەينىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇندىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ خەتنى فۇگۈەنى مايەنشيادىن ئەۋەتىپ، شېڭ شىسەيگە يۈز تۇرانە تاپشۇرغۇزغان. T5\dezER  
شېڭ شىسەي لى شۇفۇنىڭ ماجۇڭيىڭدىن ئايرىلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ئۇنى قۇمۇل- بارىكۆل گارنىزون قوماندانلىقىغا تەيىنلەپ، يولۋاسنى ئىسكەنجىگە ئېلىشنى پىلانلىغان، چۈنكى بۇ چاغدا شېڭ شىسەي شەرقىي شىنجاڭدا يولۋاستىن، جەنۇبىي شىىجاڭدا مەھمۇد شىجاڭدىن خاتىرجەم بولالماي،بۇ ئىككى كۈچنى يوقىتىشقا ئورۇنىۋاتقان مەزگىل ئىدى. شېڭ شىسەي لى شۇفۇنىڭ قولىغا بۇيرۇق خېتىنى تۇتقۇزۇپ، مامېڭيۆنى تۇەنجاڭ قىلىپ ئۈچ يىڭ (500دىن ئارتۇق ئەسكەر ) بىلەن قۇمۇلغا ئەۋەتكەن. بۇ چاغدا يولۋاس تۇرپان – توقسۇن ئارىلىقىدا شېڭ شىسەينىڭ تەشۋىقىي بىلەن خوجىنىياز قىسىملىرىدىن ئايرىلىپ، «قۇمۇلنى ئۆزۈم سورايمەن، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە بويسۇنىمەن » دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپ ،ئۆزىنى قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى قىلىپ تەيىنلەپ، قۇمۇلنى باشقۇرۇۋاتقان مەزگىل بولغاچقا، ئۇ شېڭ شىسەينىڭ قۇمۇلغا ئەسكەر ئەۋەتىپ، قۇمۇلنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرىنى تىزگىنلىۋالغاندىن كېيىن ، ئۆزىنى قولغا ئالماي قالمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ،دەرھال قارشى تەدبىر قوللانغان. يولۋاس لى شۇفۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن شېڭ شىسەينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىلىق ھەربىي مەسلىھەتچىسىنى زىياپەت ئۆيىدە قورالسىزلاندۇرغان ھەمدە ئۇلارنى شېڭ شىسەيگە تېلېگرامما بەرگۈزۈپ، قۇمۇلنىڭ مۇداپىئە قوماندانلىقىنى ئۆزىگە بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرۈپ، جاۋاب تېلېگرامما ئالغان. بۇنىڭ بىلەن لى شۇفۇ شېڭ شىسەي تاپشۇرغان يولۋاسنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن قولغا چۈشۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئامالسىز قالغان .  لى شۇفۇنىڭ ئەسكەرلىرى يولۋاسنىڭ قىسىملىرىغا ياكى ئۇنىڭ ئۆزىگە تېگىشكە پېتىنالمىغان. يولۋاس كۈچ جەھەتتە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە تەڭ كېلەلمەي، قولغا چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، 1937-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا قۇمۇلنىڭ بوغاز چۆلى ئارقىلىق ئىچكىرىگە قېچىپ، ئۆزىنى گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئاتقان. >%s_z?~4  
يولۋاسنى شېڭ شىسەيگە تۇتۇپ بېرىپ، «تۆھپە» يارىتىش ئۈچۈن 2-قېتىم قۇمۇلغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىدىن ھارسىنىپ، ئاچچىق يۇتقان لى شۇفۇ قاتتىق ئاغرىپ ، 1937-يىلى دېھقانلار كالېندارى بويىچە 8-ئاينىڭ 8-كۈنى 62يېشىدا ئۆلگەن ، ئۇنىڭ جەسىتى قۇمۇل ئايروپورتى (ھازىرقى بەيگە مەيدانى)دا دەپنە قىلىنغان. _y c=g{-  
پايدىلانمىلار: j x7`I&K^U  
1.ئابلىمىت مەخسۇتۇف :« 1931- ، 1934- يىللىرى شىنجاڭدا بولغان خەلق قوزغىلاڭلىرىدىن قىسقىچە ئەسلىمە » ، « شىنجاڭ تارىخىي ماتېرىياللىرى » 38-سان. .!j$HA  
2.ياڭ جىڭگۇينىڭ بايانىغا ئاساسەن دېڭ يۇ رەتلىگەن « مافۇشېڭ ھەققىدە ئىلگىرى خاتىرىلەنمىگەن ئىشلار » . ~B?L9J  
3.نيۇتيەنلۇڭ: « باش چېرىك باشلىقى لى شۇفۇ »، « مىچۈەن تارىخ ماتېرىياللىرى » 3-سان . Ivd\XW@]  
p@uPPb1gK  
5W/.)2N,  
KY 1F3<!  
2D^!OBxb/  
2poO{_eZj  
-LHPc"7wzQ  
  ھامۇتخان ۋالىينىڭ بۈگۈر-كۇچا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىشى C-MTi  
 
OOB U9Al`  
+#4`0  
مۇھەممەد يۈسۈپ
`yF:O~XY  
      1931-يىلى پارتىلىغان خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسى بىلەن كۇچادىكى «كارۋان بېشى»دەپ نام چىقارغان تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن بۈگۈر-كۇچا قوزغىلىڭى مەزگىلىدە مەرھۇم ھامۇتخان ئەھمەت ھاجى كۇچادا بولۇپ، قوزغىلاڭدا باشلامچىلىق رول ئوينىغان ئىدى. ئۇ قوزغىلاڭغا ئەڭ بالدۇر ئاۋاز قوشۇپ، قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى، باشلىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى جەريانىدا تۆمۈر ئېلى بىلەن باشتىن – ئاخىر بىللە بولغان ۋە قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلغان. خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرى قاراشەھەر ۋە كورلىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلىش  پىلانىنى پائال قوللىغان ھەمدە بۇ چوڭ قوشۇنغا قوشۇلۇپ كەتكەن، مەرھۇم ھامۇتخان  شۇنىڭدىن كېيىن خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى شىنجاڭ دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ مۇھىم رەھبەرلىرىدىن بولۇپ قالغان. 1934-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە كەلگەن ۋە 1976-يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئىزچىل ھۆكۈمەت خىزمىتىگە قاتنىشىپ كەلگەن. بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنىڭ قىسقىچە جەريانى تۆۋەندىكىچە: h_I:aB  
       خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا تەدرىجىي زورىيىپ كۈچەيگەن. گەنسۇدا چىقىش يولى تاپالمايۋاتقان ماجۇڭيىڭ ياردەم بېرىش نىقابى بىلەن شىنجاڭغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار 1933-يىلى ئەتىيازدا ، خوجىنىياز ھاجى ، مەقسۇت مۇھىتى باشچىلىقىدىكى قومۇل ،تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلىشىپ جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى يۈرۈش قىلىپ مورى، گۇچىڭ ، جىمىسار ناھىيلىرىنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن، جىمساردىكى جەڭ ئولجىسىنى خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرىغا بەرمەي ئۆزىلا ئىگىلىۋالغان، بۇنىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجى – ماجۇڭيىڭ ئىتتىپاقى بۇزۇلغان ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي خوجىنىياز ھاجى قىسىملىرى تۇرپان ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلىپ كورلىغا كەلگەن. Az"(|5rE5  
    خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇشقا قۇمۇلغا كەلگەن جاللات شېڭ شىسەي باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى 1933-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا جىڭ شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن پىچانغا يۆتكىلىپ پىچاندىكى ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنى قورشاۋدىن بوشىتىپ، تۇرپانغا ھۇجۇم قىلغان. قۇمۇل- تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىدىن ماشىمىڭ، مەھمۇت مۇھىتلار قوزغىلاڭچى قوشۇننىڭ بىر قىسمىنى باشلاپ توقسۇنغا، ئاندىن قاراشەھەرگە چېكىنگەنىدى، ئۇزۇن ئۆتمەي ماشىمىڭ تۇەنجاڭ مارىننى كورلىغا ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتكەن، توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى توختى ئېلىمۇ توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنى باشلاپ كورلا جېڭىگە قاتناشقان ۋە تېزلا كورلىنى ئازاد قىلغان. Nk>*!Eg:G  
      قاراشەھەر ۋە كورلىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتكەنلىكى بۈگۈر ، كۇچا قاتارلىق جايلاردىكى جىڭ شۇرېنغا قارشى كۈچلەرگە زور ئىلھام بولغان، بۈگۈر ۋە كۇچادا ئارقا- ئارقىدىن كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان تۆمۈر ئېلى توقسۇن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ رەھبىرى توختى ئېلىنىڭ ئاكىسى بولۇپ، كۇچادا خېلى كۆلەمگە ئىگە ھارۋا ترانسپورت سارىيىنى باشقۇرۇپ كەلگەن، بۇ ئىش تۆمۈر ئېلىغا خېلىلا ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بەرگەندىن باشقا، ئۇنىڭ كەڭ ئىجتىمائىي ئىشلىرىغا پۇرسەت ۋە شارائىت ياراتقان، تۆمۈر ئېلىنىڭ داڭقى چىقىشنىڭ يەنە بىر سەۋەبى_ئۇ كۆڭلى –كۆكسى كەڭ ، مەردانە ئادەم بولغاچقا، كۇچادىكى چوڭ بايلاردىن بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئامما ئىچىدىكى نام- ئابرۇيى باشقىلاردىن يۇقىرى بولغان. 1Gk'za  
      تۆمۈر ئېلى ئۇكىسى توختى ئېلى قاتارلىق قوزغىلاڭچىلارنىڭ كورلىنى ئازاد قىلىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ھامۇتخان، ئەخمەتلەر بىلەن كۇچادا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەن، لېكىن كۇچادا تۇرۇشلۇق جىڭ شۇرېن ئەسكەرلىرى كۆپ بولغاچقا ، پىلاننى بۈگۈردە قوزغىلىشقا ئۆزگەرتكەن. مەرھۇم ھامۇتخان بۇ قوزغىلاڭنىڭ تەييارلىقى ، باشلىنىش ھەققىدە ئۆز ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن: 5u8_  .  
1. بۈگۈردە قوزغىلاڭنى باشلاش  SX|w';:5  
      «قۇمۇل يېغىلىقى بولغاندا مەن كۇچادا موزدۇزچىلىق قىلىۋاتاتتىم، يېشىم 30دىن ئاشقان ئىدى. يۇرتۇم قۇمۇلدىكى كىشىلەرنىڭ بۇلاڭ –تالاڭ بولۇپ خانىۋەيران بولۇپ، ئۆز ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ سەرسان بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئىچ ئاغرىقى تارتىپ ھەم جىڭ شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭچىلارنى بۇنداق ۋەھشىيانە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى غەزەپ ئوتۇم  ئۆرلەپ يۈرەتتىم . !WVj?qK  
      شۇ كۈنلەردە تۆمۈر بېگىم دېگەن ئادەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈردۈم، بۇ ئادەم كارۋانچىلىق قىلاتتى. ئۇ مەرد ئادەم بولغىنى ئۈچۈن، جەنۇبىي شىنجاڭ تەۋەسىدە زور ھۆرمەتكە ئىگە ئىدى، شۇ زامانغا نەپرەت بىلەن قارايتتى. بىر كۈنى تۆمۈر بېگىم مېنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىردى. تاماقتىن كېيىن تۆمۈر بېگىم ئۆزىنىڭ يۇرت بۇزۇپ ھاكىمىيەتكە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرمەكچى ئىكەنلىكىنى ۋە مېنىڭ ئۆزى بىلەن قوزغىلىشىمنى ئېيتتى. مەن: قانداق قوزغىلىمىز بېگىم ، بىزدە نە قورال ،نە ئادەم بولمىسا؟> دەپ سورىدىم . تۆمۈر بېگىم : < مەندە ئىككى دانە قورال بار، بىرىنى سەن ئالىسەن ، بىرىنى مەن ئالىمەن. ئادەم مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ئوڭاي ئىش > دەپ جاۋاب بەردى. مۇنداق مۆتىۋەر ئادەم يار –يۆلەكتە بولۇۋاتقاندا مەنمۇ ئارانلا تۇرغاچقا دەرھال رازىلىق بىلدۈردۈم. كېيىنكى جۈمە كۈنى ئاتلانماق بولدۇق. جۈمە كۈنىگىچە دۇكانلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ تەييار بولۇپ تۇردۇم. بېگىم ئوغلى ئارقىلىق مېنى چاقىرتتى، تاماقتىن كېيىن بېگىم ماڭا : < بۈگۈن – خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنى ئاتلىنىمىز، ئاق يول بولسۇن ئۈچۈن خوتۇننىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋالاي > دەپ ئايالىنى چاقىردى. بېگىمنىڭ ئايالى ئاق پىشماق، سېمىزرەك ئايال ئىدى. ئۇلار بىرلىككە كېلىشىپ بولغان ئىكەن . بېگىم ئايالىغا قاراپ : < بىزگە ئاق يول تىلەپ دۇئا قىلىڭلار > دېدى. ئايالى گىلەمنىڭ ئۈستىگە جاينامازنى سالدى – دە، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. دۇئادىن كېيىن : < ھەر ئىككىلىرىنى خۇداغا تاپشۇردۇم ، ئاق يول بولسۇن. ھامۇتخان، سىلى بېگىمگە سەپەرداش بولۇپ قالدىلا، ھەر قانداق ئىش بولۇپ قالسا مېنى خەۋەرلەندۈرۈپ قويارلا، جان خۇدانىڭ ئىلكىدە، خۇدايىم ھەرقايسىلىرىنى ئامان قىلسۇن > دەپ يەنە بىر قېتىم دۇئا قىلدى. 6+I2;by}  
       بىز كېچىدە يولغا چىقتۇق. بۈگۈرگە يېقىن كەلگەندە (1933-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى بۈگۈرنىڭ يېڭىسار يېزىسىدا قۇمۇللۇق نىياز خەلىپە (2) قوزغىغان قوزغىلاڭنىڭ باشلانغان ۋاقتى _ ئاپتور ) ئالدىمىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كېلىۋاتقان توپا – تۇماننى كۆردۇق، ئالدىمىزدا بەش نەپەر ئاتلىق ئادەم كېلىۋاتاتتى. ئۇلار ئاتلىرىدىن چۈشۈپ بىز بىلەن قىزغىن سالاملاشتى. ئۇ بەش ئادەمنىڭ تۆتى ئۇيغۇر ، بىرسى قىرغىز ئىكەن، بەشەيلەن بەش مىلتىق ئاسقان ، ئىككىيلەن بىلىگە قىلىچ ئاسقان ئىدى. بۇلار زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ قۇرباشلىرى ئىكەن. كەينىدىكى سانى نامەلۇم، قولىغا ھەرخىل قوراللارنى كۆتۈرۈۋالغانلار دېھقانلار ئىكەن، ھەممىسى ھەرخىل كىيىنگەن بولۇپ، بەزىلىرى يالاڭ ئاياغ ئىدى. ھېلىقى بەش قۇر بېشىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىيلەن تۆمۈر بېگىمنى تونۇيدىكەن. بىزنىڭ يۇرت بۇزۇشقا چىققانلىقىمىزنى بىلگەندىن كېيىن ، ئۇلار < مانا، بىزگە باش بولىدىغان ئادەملەرنى تاپتۇق > دەپ بىزگە ئېسىلىۋالدى. كېچىچە ئۇخلىماي مەسلىھەتلەشتۇق، تۆمۈر بېگىم ئەڭ چوڭ باشلىق قىلىپ بېكىتىلدى. بېگىمنىڭ تەكلىپى بىلەن مەن ھەربىي باشلىق بولۇپ تەيىنلەندىم ، ئادەملەرنى بەش بۆلەككە بۆلۈپ، ھېلىقى بەش ئاتلىقنى ھەربىر قىسىمنىڭ قۇر بېشىلىقىغا تەيىنلىدۇق. شۇنداق قىلىپ قوزغىلاڭ قوشۇنى بارلىققا كەلدى > hTO&x=+c?  
     تۆمۈر ئېلى – ھامۇتخان باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن بۇ قوزغىلاڭ 200دىن ئارتۇق دېھقاننى قوزغىدى، ئۇلار 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 12-كۈنى يېرىم كېچىدە 36كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ناھىيە بازىرىغا بېرىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنى ئىشغال قىلىپ، ھاكىم ياڭ يىتاڭنى ئۆلتۈرىۋەتكەن ( ناھىيە بازىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا، ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى شەھەرنى تاشلاپ كۇچاغا قېچىپ كەتكەن ). 2-ئاينىڭ 14-كۈنى قوزغىلاڭچىلار دىنىي زات ئابدۇل راخماننى ھاكىملىققا سايلاپ، 200دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەشكىللەنگەن قوغدىنىش ئەترىتى قۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ماجۇڭيىڭ قىسمىنىڭ ئەسكەر باشلىقى ماشىمىڭ تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى كامازى باشچىلىقىدا بىر قىسىم ئەسكەر ئەۋەتكەن، تۆمۈر ئېلى بىلەن كامازى كۇچاغا ھۇجۇم قىلىشنى مەسلىھەتلىشىپ تەييارلانغان، شۇ چاغدا كۇچانى 200دەك ئەسكەر ساقلاۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشلىقى جەن شىكۇي شەھەر دەرۋازىسىنى چىڭ ئېتىۋېلىپ قارشىلاشقان. كۇچانىڭ ئامما ۋەكىللىرى قوزغىلاڭچىلارنى كۈتۈۋالغان. تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار شەھەرگە بېسىپ كىرىپ، جەن شىكۇينى پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرىۋەتكەن، شەھەرنى ساقلاۋاتقان ئۇيغۇر ئەسكەرلەر جەڭ قىلمايلا  تەسلىم بولغان ، باشقا ئەسكەرلەر ئوق- دورا ساندۇقىغا ئولتۇرۇپ ئۆزىنى پارتلىتىپ كوللېكتىپ ئۆلۈۋالغان، كۇچا شەھىرى ئوڭايلا ئازاد بولغان. q1GSLon *  
2. كۇچا ۋە ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلىش  , 
مەرھۇم ھامۇتخان كۇچاغا ھۇجۇم قىلىش ۋە كۇچا بىلەن ئاقسۇنى ئازاد قىلىشنىڭ جەريانى ھەققىدە ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە مۇنداق دېگەن : 6ABN| 
      « قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى بۈگۈرنى ئازاد قىلغاندىن كېيىن كۇچا خانلىقىغا (1) تەگمەكچى بولۇپ ئاتلاندۇق، بىر سايغا كەلگەندە تۇڭگانلار قوشۇنى ئۇچراپ قالدى. ئەسلىدە ئۇلار خوجىنىياز ھاجى قوشۇنى قوغلاپ كېلىۋاتقان باسقۇنچى تۇڭگانلار ئىكەن . ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە ئۇزۇن سەپ بويلاپ ئەزان بىلەن تەڭ ( شۇ چاغدا ئەزان ئېيتىشنى ھۇجۇمغا ئۆتۈش سىگنالى قىلىپ بېكىتكەن ئىدۇق) ھەممە ئادەم بىراقلا ( قىي ... قا ... ش ) دەپ ۋاقىرىغان پېتى تۇڭگانلارغا ئېتىلدى. تۇڭگانلار پىلىموت ۋە مىلتىقلار بىلەن ئوق ياغدۇرغىلى تۇردى. بىزنىڭ ئادەملەرنىڭ ئاۋازى پەسىيىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىر ۋاقىتتا تۇڭگانلارنىڭ پىلىموتى توختىدى، ئوق ئاۋازى ئازايدى، تاڭمۇ ئاتتى. دەل شۇ چاغدا بىر قۇر بېشى يۈگۈرۈپ كېلىپ: < تۇڭگانلار قوراللىرىنى تاشلاپ كەتتى، قېچىپ كەتكەنلەر ئاتلىق ئىكەن، قوغلىمىدۇق، قالغانلىرى قوراللىرىنى كۆتۈرۈشۈپ تۇرىدۇ > دەپ خەۋەر قىلدى. -Ks.+Zlb  
      مەن تۆمۈر بېگىم بىلەن ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە ماڭدۇق، قارىساق بىز تەرەپتىن خېلى ئادەم قۇربان بوپتۇ، بىر قىسىم ئادەم يارىدار بوپتۇ. بىز بارغۇچە قوزغىلاڭچىلار قولىدىكى توقماق بىلەن ئولجا ئېلىنغان پىلىموتتىن بىرنى پاچاقلىۋېتىپتۇ، ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەر 100دىن ئارتۇق ئىكەن، غەنىيمەت ئالغان قورال – ياراقلارمۇ ئاز ئەمەس بولۇپ، كۆپىنچىسى ھارۋىلارغا بېسىلىپتۇ. بىز قوراللارنى ئادەملىرىمىزگە بىردىن تارقىتىپ بەردۇق. ھەربىر ئادەمگە 20پايدىن ئوق بەردۇق، قورال تېگىشمىگەنلەرگە قىلىچ بەردۇق،ئەسىرلەرنىڭ 10نەپىرىنى ئېلىپ قېلىپ (چۈنكى، بىزنىڭ ئەسكەرلەرگە قورال ئېتىشنى ئۆگىتىدىغان ئادەم ئاز ئىدى) ، قالغانلىرىنى ئۆز ئوقىتىڭلارنى قىلىڭلار دەپ قويۇپ بەردۇق، بىر قىسىملىرى كەتكىلى ئۇنىماي < سىلەرنىڭ ئېتىڭلارنى بېقىپ بېرەيلى ، ئاشپەز بولۇپ بېرەيلى ، مالايلىقىڭلارنى قىلايلى، سىلەردىن ئايرىلساق خوجىنىياز ھاجى بىزنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ، يەرلىك خەلقمۇ بىزنى ئازابلايدۇ > دەپ تۇرۇۋالدى، ئامالسىز نېمىلا بولمىسۇن ئىمانى بار ئىكەن، بىز بىلەن  قالسا قالسۇن، كېيىن بىر تەرەپ قىلارمىز، دەپ ئېلىپ قالدۇق، ئەسكەرلىرىمىز قورالنى ئوبدانلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ قالدى. ھەرخىل قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتتۇق، خوتۇن – قىزلارغا چېقىلماسلىق، خەلقنى بۇلاپ –تالىماسلىق، ئۇرۇپ –تىللىماسلىق، ئەسىرلەرنى خورلىماسلىق، كۇچا خانلىقىنى ئېلىشقا ئىلاج بار ئوق چىقارماسلىق ( چۈنكى كۇچا خانلىقى ۋە ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئادەملىرىمىز دېمەكچى _ئاپتور ) دېگەنگە ئوخشاش ھەربىي قائىدە- تۈزۈملەرنى بېكىتتۇق، بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن قاتتىق ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىكى « بۇيرۇققا بويسۇنۇش، ھەرقانداق ئولجىنى ئۆز ئالدىغا بۆلۈشمەسلىك » ئىدى . p0 z\Ou  
      كېلەر پەيشەنبە كۈنى كۇچاغا يۈرۈش قىلماقچى بولدۇق، ئۇرۇشۇپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر نەپەر قۇر بېشى بىلەن بىر نەچچە نەپەر ئادەمنى قوشۇپ ئەلچى قىلىپ كۇچاغا كېلىشىم قىلىشقا ئەۋەتتۇق، ئۇلار 3-كۈنى ناماز دىگەر ۋاقتىدا يېتىپ كېلىپ: < تۆمۈر بېگىم كۇچانى ئېلىشقا نۇرغۇن ئەسكەر تارتىپ كېلىۋېتىپتۇ، يولدا تۇڭگانلارنى بىتچىت قىلىۋېتىپتۇ. كۇچا ۋاڭ شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپتۇ، سېپىلنىڭ ئىچىدە تۇڭگانلار بار ئىكەن>دېگەن خەۋەرنى يەتكۈزدى. بىز كۇچاغا دەرھال كىرىپ تۇڭگانلارنى ئەل قىلماقچى بولدۇق. شەھەرگە تاڭ سەھەردە كىردۇق، شەھەر تىپ-تىنچ، ئەل ئۇيقۇدا ئىكەن، سېپىلنى چۆرىدەپ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردۈم، قىرغىز قۇر بېشى سېپىل دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. v; cr=&a  
كۈن كۆتۈرۈلگەندە كۇچا خەلقى بىزنىڭ شەھەرنى ئىگىلىگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ دەسلەپتە قاراپ قېلىشتى، بىر ئازدىن كېيىن ھەممە ئادەملەر بىزنى ئورۇۋالدى. يۇرت بايلىرى ۋە ئالىم –ئۆلىمالار بىزنى قارشى ئېلىپ خان ئوردىسىغا باشلىدى، بىز ئۇلاردىن خاننى سورىدۇق، ئۇلار : < تۇڭگانلار كۇچاغا بېسىپ كىرىپ خانلىق خەزىنىسىنى بۇلىدى، ئاندىن كېيىن خەلقنىڭ ئۆيلىرىنى تالان-تاراج قىلدى. نۇرغۇن قىز-چوكانلارنى ئېلىپ كەتتى. خان ئامالسىز تۇرغاندا، تۆمۈر بېگىمنىڭ تۇڭگانلارنىڭ ئەدىبىنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ خان بەك  خۇشال بولدى. كۇچاغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ جانابلىرى بىلەن كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىپ قالمىسۇن ، دەپ يېزىغا كەتتى. تۇڭگانلار بۇندىن 3كۈن بۇرۇن سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرىۋېلىپ دەرۋازىنى ئېتىۋالدى> دېگەن جاۋابنى قىلدى. تۇڭگانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئىنتايىن ئاچچىقىمىز كەلدى، بەزىلەر : < بۇ خۇنپەرلەرنى قىيما-چىيما قىلىۋېتەيلى > دېسە، بەزىلەر: < باشلىقلىرىنى ئاتقا سۆرۈتۈپ ئۆلتۈرەيلى ، دارغا ئاسايلى > دېگەنگە ئوخشاش گەپلەرنى قىلدى. ئاخىرى تۇڭگانلار بىلەن سوقۇشمايلى، چۈنكى سېپىلنىڭ ئىچىدە 200-300دەك قىز- چوكانلىرىمىز بار، تۇتۇشۇپ قالساق ئۇلارنىڭ ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدۇ، ئەڭ ياخشىسى ياخشىلىقچە ئەل قىلايلى، بۇنىڭ ئۈچۈن قولىمىزدىكى تۇڭگان ئەسىرلىرىگە خىزمەت ئىشلەپ شۇلاردىن پايدىلىنايلى، دېگەن قارارغا كەلدۇق. يۇرت چوڭلىرى ئۇيغۇرچىغا ئۇستا بىر تۇڭگاننى تېپىپ كەلدى، ئۇنىڭغا مۇنداق خەت يازدۇردۇق: < سىلەر تىنچ يول بىلەن قورال تاشلاپ ئەل بولساڭلار، سىلەرنى خالىغىنىڭلارچە بىر تەرەپ قىلىمىز. نەدە ياشاشنى خالىساڭلار شۇ يەرگە بېرىپ ياشاڭلار، بىزنىڭ قولىمىزدا ئەسىرگە چۈشكەن يۈزدىن ئارتۇق ئەسكىرىڭلار بار ، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلدۇق، ئەگەر خالىساڭلار سېپىلدىن شوتا چۈشۈرۈڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرەيلى، ئەھۋالنى شۇلارنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاڭلار ، جاۋابنى ناماز دىگەرگىچە بېرىڭلار، خەتنى ئوقيا بىلەن ئاتتۇق ، سېپىل ئىچىدىكى تۇڭگان ئەسكەرلىرىنىڭ ئوقيانى ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تۇردۇق، ئۇلار خەتنى ئېلىپ ناماز پېشىن ۋاقتىدىلا بىزگە جاۋاب خەت چىقىرىپتۇ. خەتتە : < قولۇڭلاردىكى ئەسكەرلىرىمىزنى چىقارتىپ بېرىڭلار، ئەھۋال بىلىپ باقايلى> دەپتۇ. بىز قولىمىزدىكى ئەسىرگە چۈشكەن تۇڭگان ئەسكەرلەرگە ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ئۇلارنى سېپىلغا چىقىشقا ئۈندىدۇق، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى بىزگە ئۆگىنىپ قالغانمۇ، سېپىلغا چىقىشقا ئۇنىمىدى، يەنە بىر قانچىسى بىزنى ئېتىۋېتىدۇ، دەپ ئۇنىمىدى. ئەمما كۆپچىلىكى < چىقساق چىقايلى > دەپ رازىلىق بىلدۈردى، بىزنىڭ يېنىمىزدا قالغان 11نەپەردىن باشقىسى سېپىلغا چىقتى ( بەزىلىرى ئارغامچا شوتا بىلەن، بەزىلىرى ئارغامچا بىلەن چىقىپ كەتتى ) تاكى ئەتىسى ناماز پېشىن بولاي دېگۈچە خەۋەر يوق، بىر ۋاخ بولغاندا سېپىلنىڭ ئىچىدىن تۇيۇقسىز گۈمبۈرلىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، بىز تۇرغان يەرلەرمۇ تىترەپ كەتتى. بىر ئىش بولغان ئوخشايدۇ، دەپ سېپىلغا ئادەم چىقاردۇق، 20دەك ئادەم چىقتى، بىر كەم بولغاندا سېپىل دەرۋازىسى ئېچىلدى. كىرىپ قارىساق، تۇڭگانلارنىڭ ئۆلۈكى ھەر تەرەپكە چېچىلىپ كېتىپتۇ، ئېغىر يارىدار بولغانلاردىن تۆت ئادەمنى تاپتۇق. ئۇلارنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە ، تۇڭگانلارنىڭ باشلىقى بىز قويۇۋەتكەن ئەسىرلەردىن ئەھۋالنى تەپسىلىي سوراپتۇ، ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقىمىزنى ئېيتىپتۇ ھەمدە بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىنى ، ھەممىسىنىڭ قوراللىق ئىكەنلىكىنى تونۇشتۇرۇپتۇ، سوقۇشماي ئەل بولغىنىمىز ياخشى، دەپ دەۋەت قىلىپتۇ، ھېلىقى باشلىق مۇنداق قارار قىپتۇ : f{.]{  
(1) سىلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىلغىنى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش كېرەك . k=N!72  
(2) بىز شىنجاڭ خەلقىدىن بۇلىۋالغان ئۈچ ساندۇق ئالتۇن – كۆمۈش، ئۈنچە – مەۋايىتلارنى ئۇلارغا قالدۇرۇش كېرەك. -^i{t$]=  
(3) تەسلىم بولدى دېگەن نومۇسنى كۆتۈرەلمەيمىز، ئۆلۈۋېلىش كېرەك. J:3Ga-~  
 شۇنداق قىلىپ خوتۇن –قىزلارنى بىر نەچچە ئۆيگە سولاپ قويۇپتۇ، ساندۇقلىرىنى يەر ئاستى ئۆيىگە ئەكىرىپ قويۇپتۇ، ئارقىدىنلا بارلىق ئوق –دورا مەيدانغا دۆۋىلىنىپتۇ. ئاندىن ئەسكەرلەر چەمبىرەك بولۇپ تىزىلىپتۇ، دورىغا چۆرىدەپ ئولتۇرۇشىغا ئارقىدىنلا قول بومبىسى ۋە ئوق ساندۇقلىرى پارتلاپتۇ، ئۆزلىرىمۇ نېمە بولغىنىنى بىلەلمەي قاپتۇ. سېپىلغا يانداش تۆت ئۆيدىكى ئۈچ تۆمۈر ساندۇقنى ئولجا ئالدۇق، بىز بۇ ئولجا ئارقىلىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن نۇرغۇن پىلىموت،مىلتىق، ئوق ۋە قەنت، قاراشەھەردىكى قالماقلار ۋە يەرلىك خەلقتىن ئەسكەرلەرگە ئات سېتىۋالدۇق. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا چۈشۈپ بىز توغرىلىق ئاڭلاپتۇ ۋە مۇزاكىرىلىشىپ بىزنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بوپتۇ. تۆمۈر بېگىم بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ خەت يېزىپ ئادەم ئەۋەتىپتۇ. خەتتە دەرھال ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئاقسۇغا كېلىشىمىزنى ۋە بىرلىكتە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىشنى تاپىلاپتۇ. مەن خەتنى تۆمۈر بېگىمگە كۆرسىتىپ مەسلىھەت ئالدىم، تۆمۈر بېگىم ئىنتايىن خۇشخۇيلۇق بىلەن رازىمەنلىكىنى بىلدۈردى، باشقىلارمۇ قوشۇلدى. بىز ئاقسۇغا ئاتلىق ئەسكەر باشلاپ يۈرۈپ كەتتۇق. خوجىنىياز ھاجى بىزنى بەكلا قىزغىن قارشى ئالدى ۋە تۆمۈر بېگىمنى سىلىڭ ، مېنى لۈيجاڭ قىلىپ تەيىنلىدى» .<9AN L  
 تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلاركۇچانى ئازاد قىلىپ شايار ،توقسۇ ، بايلارنى ئالغاندىن كېيىن ئۇدۇل ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان، ئاقسۇنىڭ مەمۇرىي باشلىقى ( ۋالىيسى) شۈيشەن قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ شىجاڭى جېن شۇجى ( ئۆلكە باشلىقى جېن شۇرېننىڭ 4-ئىنىسى – ئاپتور ) غا خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى مەلۇم قىلغان، جېن شۇجى تۇەنجاڭ ياڭ چىڭمىن، شبۇ باشلىقى لى دىڭلۇڭ قاتارلىق كىشىلەرگە ئۈچ يىڭ ئەسكىرىي كۈچ بىلەن ئاقسۇغا ياردەم قىلىشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ، مارالبېشىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. لى دىڭلۇڭ مارالبېشىنىڭ شەرقىدىكى « توققۇز ئۆتەڭ » دېگەن جايدىكى جەڭدە ئۆلگەن. جېن شۇجى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئۈچتۇرپان قاتارلىق باشقا ناھىيلىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن تېزلا ئازاد قىلىنغان. ئاقسۇ ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار ھامۇتخان لۈيجاڭنىڭ 1000دەك ئەسكىرى بىلەن 1933-يىلى 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرى قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ پەيزىۋات ناھىيىسىگە يېتىپ كەلگەن. 6fa;:ks8  
。3قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەر aS`9f@J e  
      قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى كەچۈرمىشلەرنى مەرھۇم ھامۇتخان ئەسلىمىسىدە مۇنداق بايان قىلغان : « بىز پەيزىۋاتقا يېتىپ كېلىپلا قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ تەييارلىقىغا كىرىشتۇق. 5-ئاينىڭ 4-كۈنى قەشقەرگە يېتىپ كىرگىچە ئوسمان قىرغىز ئەسكەرلىرى شەھەرنى ئېلىپ بولغىلى 2-3كۈن بولغان ئىكەن . بىز قەشقەرگە كېلىپ ئىككى ئىشنى قىلدۇق: بىرسى – سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ كەلگەن قىرغىز، ئۆزبېك باندىتلىرىنى تازىلىدۇق، ئۇلارنى قورالسىزلاندۇردۇق ۋە مال –مۈلۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلدۇق. بۇ باندىتلار قەشقەر خەلقىنى ھەددى –ھېسابسىز بۇلاڭ- تالاڭ قىلىپ، خوتۇن- قىزلارنى ھەددى ھېسابسىز ئاياغ ئاستى قىلغان ئىكەن. ئىككىنچى قىلغان ئىشىمىز باسمىچى تۇڭگانلارنى تەسلىم قىلىپ قورالسىزلاندۇردۇق. تۇڭگانلار قېچىپ يېڭى شەھەرگە مۆكۈنۈۋېلىشتى. يېڭى شەھەرنىڭ سېپىل دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا قەشقەر پىدائىيلىرى ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسەتتى. بىزنىڭ يۇقىرىقى ئىككى تۈرلۈك ياخشى ئىشىمىزنى كۆرگەن قەشقەر خەلقى بىزنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلدى، مال- دۇنياسى بار قەشقەر بايلىرى نۇرغۇن مال-دۇنيا ئىئانە قىلدى، ياش بالىلىرىنى توقۇقلۇق ئاتلىرى بىلەن ئەسكەرلىككە بەردى . قەشقەرنى مەركەز قىلىپ تۇردۇق. خوجىنىياز ھاجى نۇرغۇن قانۇن- پەرمانلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن: ئەسكەر باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى ، چېگرالارغا چازا قۇرۇلۇپ چېگرانى ساقلىدى، ئەسكەر ۋە مۈلۈكى ئەمەلدارلارنىڭ خەلقنى بۇلاڭ – تالاڭ، ئاياغ ئاستى قىلىشىنى قەتئىي چەكلىدى. قەشقەر خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە يەم – خەشەك تاپشۇرۇشىدىن باشقا ئالۋاڭ- سېلىق قاتارلىق ئېغىر يۈكلەر ئېلىپ تاشلاندى. بىر كۈنى مېنىڭ ئالدىمغا ئىككى نەپەر سوۋېت ئادىمى كەلدى. ئۇلارنىڭ نېمىشقا كەلگەنلىكىنى سورىسام ئۇلار: < يەتتە نەپەر يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەربىي ئوفىتسېر چېگرادا قالدى. بىز سىلەرنىڭ ئەسكىرىڭلارنى مۇنتىزىملاشتۇرۇپ، ياخشى قوراللارنى بەرسەك، دەپ كەلدۇق > دەپ جاۋاب بەردى ، مەن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ بۇ خەۋەرنى خوجىنىياز ھاجىغا يەتكۈزدۈم . ھاجىم : < ئۇلارنى قىچقار > دېدى، مەن ئۇلارنى ھاجىمنىڭ يېنىغا باشلاپ كىردىم. ھاجىم ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن: مەنزە سىلەردەك قىزىل پاچاقلارنىڭ ياردىمىنى ئالامدىمىنا، كۆزۈمدىن يوقىلىش ، ھۇ، ئىمانسىز مۇرتەتلەر. ھامۇتخان ، سەن ئۇلارنى بۈگۈندىن قالدۇرماي چېگرىدىن چىقىرىۋەت > دەپ بۇيرۇق قىلىپ ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. مېنىڭ كۆڭلۈم پوق يېگەندەك بولۇپ قالدى. ئۇلارنى يولغا سالغاندا < خاپا بولمىساڭلار ھاجىمنىڭ مىجەزى چۈسرەك، كېيىنچە باشقا مەسلىھەتلىشەرمىز ، دەپ ئۆزرىخاھلىق ئېيتىپ قويدۇم، ھاجىمنىڭ شۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن چىقىرىپ قويغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. ئەتىسى ھاجىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمى بىز ئۈچۈن بەك پايدىلىق ئىدى. ئۇلارغا ئادەم ئەۋەتىپ مۇناسىۋەتنى ياخشى تەرەپكە بۇرۇۋالساق قانداق بولاركىن، دېگەن ئاساستا پىكىر قىلدىم. ھاجىم ماڭا ئاچچىقلاپ: < ھوي خوتۇن تالاق < ئۇلارنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ ، دىنىڭنى يوقىتىدۇ، خوتۇنىڭنى ھەممىگە تەئەللۇق قىلىدۇ، داش قازاندا ئاش يېگۈزىدۇ، كامنۇس قىزىل پاچاقلار دېگەن گەپنى ئاڭلىمىغانمىدىڭ > دەپ ئاغزىمنى ئاچتۇرمىدى. Q9yL_1H0'  
      شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىغا 1934-يىلى خەت ئەۋەتتى، خېتىدە خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولۇشنى ئېيتقانىدى، بىر قىسىملار بارماسلىقنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىر مۇنچىلار يۇرتنى ئالغاندىن كېيىن يۇرت سوراپ باققۇلۇق دېيىشتى . ئاخىر ھاجىم ئۈرۈمچىگە بېرىشقا ماقۇل بولدى. ئۈرۈمچىگە كېلىپ مۇئاۋىن رەئىس بولغاندىن كېيىن بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈردى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ يۇرت چوڭلىرى ۋە بايلىرى ئىزدەپ خوجىنىياز گۇڭگۇەنگە توپلىشىشقا باشلىدى. ئارىدا قۇمۇلنىڭ مۆتىۋەرلىرى كۆپرەك ئىدى، ئۇلار ياتاققا ، تاماققا پۇل تۆلىمەيتتى ، بىكارچىلىقتا ھەرخىل ئويۇنلار بىلەن شۇغۇللىناتتى. 7 YOU~{w  
      بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايلار خوجىنىياز ھاجىنى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىلىشقا ئۈندىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىمالىي شىنجاڭ ۋە قۇمۇل ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە سودا تارماقلىرى بار ئىدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ گۇڭگۈەنىگە يۈك باسقان سودا ماشىنىلىرى كىرىپ چىقىدىغان بولدى، سودا قىزىپ كەتتى، پۇل تاپقان ھاجىم تۇرپاندا پاختا زاۋۇتى قۇردى. ھۆكۈمەت ئىشلىرى بىلەن ئانچە چاتىقى بولمىدى. شېڭ شىسەي خالىغانچە ھۆكۈمەت باشقۇرىدىغان بولدى. خوجىنىياز ھاجىنىڭ گۇڭگۇەنىدىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدا قىلچە ھوقۇق قالمىدى، شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شېڭ شىسەيگە ئىدارە، مەھكىمىلىرىگە نۇرغۇن مەسلىھەتچى ئەۋەتتى، خوجىنىياز ھاجىغا مەسلىھەتچى قىلىپ مەنسۇر ئەپەندى (كېيىنكى ۋاقىتلاردا <ۋەتەن ئوغلى > دەپ ئاتالدى ) ئەۋەتىلگەنىدى، بۇ ئادەم ئەسلىدە خوجىنىياز ھاجىغا يار-يۆلەك بولدى. ھۆكۈمەت باشقۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەنىدى، لېكىن ھاجىمنىڭ دىنىي ئىدىيىسى كۈچلۈك بولغاچقا، سوۋېت كىشىلىرىنى ئۆچ كۆرەتتى، بىر كۈنى ھاجىم بىلەن مەنسۇر ئەپەندى ئوتتۇرىسىدا مىللىي مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدا پىكىر ئىختىلاپى تۇغۇلدى. ھاجى مەنسۇر ئەپەندىنى < يوقال ، لومودى> دېگەن گەپ بىلەن تىللاپ قوغلىۋەتتى. بىر كۈنى مەنسۇر ئەپەندىنى چاقىرتىپتۇ، مەن ئاتلىق باردىم .  مەنسۇر ئەپەندى ئاغرىپ قېلىش باھانىسى بىلەن خوجىنىياز گۇڭگۈەنگە بارماي ئۆيىدە قېيىداپ ياتقان ئىكەن. مەنسۇر ئەپەندى ماڭا : < مەن ئەمدى ھاجىمنىڭ قېشىغا بارمايمەن، ئۆزىگە ئۆزى قىلىپ قويدى> دېگەن سۆزنى قىلدى. G`y3UWh1  
      شۇنىڭدىن باشلاپ مەنسۇر ئەپەندى خوجىنىياز گۇڭگۈەنىگە كەلمىدى. ئۇزاق ئۆتمەي خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئەڭ يېقىن، ئەڭ مۇھىم ھەربىي ۋە مۈلۈكى ئەمەلدارلىرىنى ھەرقايسى ۋىلايەت ، ناھىيىلەرگە خىزمەتكە ئەۋەتىۋەتتى، مېنى چۆچەككە ھاكىم قىلىپ ئەۋەتتى. D9+Izs7#  
       بىزنى تارقىتىۋېتىپ بىر يىلدىن كېيىن شېڭ شىسەي خوجىنىياز ھاجىنى قولغا ئالدى، خوجىنىياز ھاجى بىلەن سودىگەرچىلىك قىلغان بايلارنى، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى، خوجىنىياز ھاجىنىڭ جەمەتىدىكىلەرنى ۋە باشقا نۇرغۇن ئاتاقلىق ئادەملەرنى ئارقا- ئارقىدىن قاماققا ئېلىپ مال-دۇنياسىنى مۇسادىرە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈۋەتتى. $Hneo# @  
       سوۋېت – گىرمان ئۇرۇشى پارتلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغانلىقىنى كۆرگەن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرىدى ھەمدە شىنجاڭدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئوقۇپ كەلگەن زىيالىلارنى تۇتۇپ قاماققا تاشلىدى، بىزنىڭ غەلىبە قىلغان ئىنقىلابىمىز ئەنە شۇنداق دەپنە قىلىندى!  
        « خۇلاسە كالام شۇكى، شەھەرنى ئالماق ئوڭاي ئىكەن ، يۇرت سورىماق قىيىن گەپكەن. شۇ چاغلاردا بىزنىڭ بىلىمسىزلىكىمىزدىن ۋە نادانلىقىمىزدىن ھۆكۈمەتنى تۇتۇپ تۇرالمىدۇق . مەن خەلق ئالدىدا ئۆزىمىزنى گۇناھكار ھېسابلايمەن. خەلقنى جاللات شېڭ شىسەينىڭ قولىغا قويغانمۇ بىز ، خەلق بىزنى ھەرنېمە قىلسا ھەقلىق!» . )!\i;rmaV  
     1933-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئوسمان ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار قەشقەر كونىشەھەرنى ، ماجەنساڭ قىسملىرى يېڭىشەھەرنى ئالغان، 2-3 كۈن ئۆتمەيلا تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ پەيزىۋاتتىن قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. تۆمۈر ئېلى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارمۇ قەشقەرگە كىرگەندىن كېيىن تۆمۈر ئېلى ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنى شىجاڭ، قوشۇمچە چېگرا مۇداپىئە قوماندانى ، دەپ جاكارلىغان ھەمدە ئۆزىنىڭ قوماندانلىقىدىكى قىسملارنى بەش لۈي قىلىپ ئوسمان ئېلى ، ھامۇتخان بىلەن ھەمدەمبەگھاجى لۈيلىرىنى قەشقەردە تۇرغۇزغان. يۈنۈسبەگنى ماشاۋۋۇنىڭ ئورنىغا قەشقەر ۋالىيلىقىغا تەيىنلەپ، جېن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ھەربىي، مەمۇرىي ھوقۇقىنى قولىغا ئالغان بولسىمۇ ، ماجەنساڭ تېزلا شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ سابىق مەمۇرىي باشلىقى ( ۋالىيسى) ماشاۋۋۇر ( شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ) بىلەن بىرلىشىۋالغان ھەمدە لۈيجاڭلىق ھەربىي ئەمەل بىلەن تۆمۈر شىجاڭ قىسىملىرىغا قوشۇلغىنىغا رازى بولماي، تۆمۈر شىجاڭدىن شىجاڭلىق ھوقۇقى تالىشىۋاتقان ئوسمان ئېلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كۈچەيتىپ پايدا ئالماقچى بولغان. 1933-يىلى 8- ئاينىڭ 9-كۈنى ئوسمان ئېلى كونىشەھەر ناھىيىسىدىن شەھەر سىرتىغا – تاغقا قاچقاندا ئارقىدىن قوغلاپ چىققان تۆمۈر ئېلى كونىشەھەرگە قايتىپ كېلىۋېتىپ، لەنگەر دېگەن جايغا كەلگەندە ماجەنساڭ ئورۇنلاشتۇرغان بۆكتۈرمە ئەسكەرلەر تۆمۈر شىجاڭنى ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە ھەمراھىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئوسمان ئۆزىنى شىجاڭ ، دەپ ئېلان قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن شېڭ شىسەي قىسىملىرىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى بىلەن ئاقسۇدىن چېكىنىپ قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە ماجەنساڭ قىسىملىرىغا قوشۇلغان. بۇ چاغدا خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇدا بىر مەزگىل تۇرغان ئىدى. قەشقەرگە ھەرخىل سىياسىي كۈچلەر ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي قىسىملىرى توپلانغان ۋە ئىچكى نىزا تۈپەيلىدىن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرۇشتا ھەربىي كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ. بىرلىككە كېلىپ بولالمىغانىدى، ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى، ماشاۋۋۇ قىسمى، تۆمۈر شىجاڭ قىسىملىرى، ئوسمان ئېلى قىسمى، مەمتىمىن بوغرا- سابىت داموللا قىسمى ئىچىدە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ سانى كۆپ، ساپاسى يۇقىرى بولغان . 1933-يىلى 11-ئايدا قەشقەرلىك سابىت داموللا باشچىلىقىدا «شەرقىي تۈركى-ستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى »نىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. بۇ « جۇمھۇرىيەت» قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن، ئاقسۇغا ۋەكىل ئەۋەتىپ خوجىنىياز ھاجىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورۇنغان بولسىمۇ رەت قىلىنغانىدى. خوجىنىياز ھاجى 1934-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قەشقەرگە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ « جۇمھۇرىيەت»نى ئەيىبلىگەن. بۇ «جۇمھۇرىيەت »نى 1934-يىلى 2-ئايدا ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن ماشاۋۋۇ قىسىملىرى ( شېڭ شىسەي قىسىملىرى) بىرلىشىپ يوقاتقاندىن كېيىن، 1934-يىلى ياز ئايلىرىدا خوجىنىياز ھاجى سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرى ۋە كاپالىتى بىلەن شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۈرۈمچىگە مېڭىشتىن بۇرۇن، يەنە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ پىكرىنى ئورۇنداپ « جۇمھۇرىيەت»نىڭ باش مىنىستىرى سابىت داموللا قاتارلىق ئۈچ نەپەر ئاساسلىق ئەمەلدارنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ قولغا ئالغۇزۇپ، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىگە يوللاپ بەرگەن. ئارقىدىن 1934-يىلى 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بىر قىسىم ئەمەلدارلار بىلەن بىرگە ئۈرۈمچىگە بېرىپ، مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان. ( ھامۇتخان 200دىن ئارتۇق مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى باشلاپ، ئىككى كۈندىن كېيىن يېتىپ كەلگەن). مەرھۇم ھامۇتخان ئۈرۈمچىدە 1936-يىلغىچە خوجىنىياز ھاجىنىڭ مۇھاپىزەت ئەترىتىدە باشلىق بولۇپ تۇردى 1936-يىلدىن 1938-يىلغىچە چۆچەك ناھىيىسىگە تەخمىنەن ئىككى يىل ئەتراپىدا ھاكىم بولغان ۋە  چۆچەكتىن ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن 1946-يىلى ئۈرۈمچىدىكى گومىنداڭغا قارشى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بولغان، 1949-يىلى بۇرھان شەھىدى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولغاندا، ئۈرۈمچى ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغان، شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولغاندىن كېيىن 1951-يىلى قۇمۇل ۋىلايەتلىك ۋالىي مەھكىمىسىگە مۇئاۋىن ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەن ھەمدە دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر مۇئاۋىن ۋالىي ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1979-يىلى 82يېشىدا كېسەل بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. eL5sX "  
     مەرھۇم ھامۇتخان ۋالىينىڭ يۇقىرىقى كەچۈرمىشلىرىنى يېزىپ چىقىشقا مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئەخمەت ھامۇت < ئەسلىمە>ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەپ زور ياردەم قىلدى، بۇ كىشىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ,FgT7O-l  
   ئىزاھات : (1) ئازادلىقتىن ئىلگىرى كۇچا ناھىيىسىدىمۇ فېئوداللىق ۋاڭلىق تۈزۈم ئۇزاق يىللار ھۆكۈم سۈرگەن. 1750-يىلى مىرزاھادىبەك چىڭۋاڭدىن باشلانغان كۇچا خانلىقى ( ۋاڭلىقى ) 1950-يىلغىچە 13ئەۋلاد داۋاملاشقان . ( 13- ئەۋلاد ۋاڭ داۋۇت مەقسۇت 1941-يىلى 14يېشىدا تەختكە چىقىپ، 1950-يىلى كۇچا ئازاد بولۇش بىلەن ۋاڭلىقتىن قالغان ۋە كېيىنرەك كۇچا ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان). L:H=-}/  
        (2) نىياز خەلىپە – قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىتاغ يېزا تاراتى كەنتىدىن بولۇپ ، بۈگۈر ئازاد قىلىنىپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كامازىنىڭ تۇڭگان ئەسكەرلىرى يوقىلاڭ بانا بىلەن ئېتىپ تاشلىغان. 8NC@ue  
 سۈرەتتە، مەرھۇم ھامۇتخان ئوغلى ئەخمەت ھامۇت بىلەن بىللە. E3U$E1-cMs  
پايدىلانغان ماتېرىياللار : ?12&GZ~`  
1. سەيپىدىن ئەزىزى  « ئۆمۈر داستانى » n_]` 9tqh  
2. بۇرھان شەھىدى: « شىنجاڭنىڭ 50 يىلى » ^Wh @3  
3. ليۇزىشاۋ « ئۇيغۇر تارىخى» (2-قىسمى ) T$4MPyE  
4. چېن خۇشىڭ، چېن چاۋ «مىڭگو دەۋرىدىكى شىنجاڭ تارىخى» \Dia6e7O6/  
5. « ئاقسۇ تەزكىرىسى » ، « بۈگۈر تەزكىرىسى » $T$f,  
6. «شىنجاڭ تەزكىرىسى» نىڭ 1995-يىللىق 2-ساندىكى ئۆمەر ئابدۇللانىڭ < كۇچادىكى كۆك گۈمبەز مازىرى >دېگەن ماقالىسى }qvY/>p8  
  9:X)M#zK(Y  
YM>Gr{"E  
$2[?SLA  
M3(;SR-B  
  ;v+$88  
قۇمۇلدا ۋاڭلىق تۈزۈمنىڭ بىكار قىلىنىشى
مۇھەممەت يۈسۈپ
}l2wrC&g  
قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقنىڭ ئاخىرقى ۋاڭى 9-ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت 1930-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى . بۇنىڭ بىلەن قۇمۇلدا 1697-يىلى 1-ئەۋلاد ۋاڭ ئەبەيدۇللا تارخانبەگدىن باشلىنىپ ، 233يىل داۋاملاشقان قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقى ئاياغلاشتى. لېكىن ،شامەخسۇتنىڭ 2-ئوغلى نەزەر تەيجى ۋاڭلىق تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنۇپ ، ئۆزى 10- ئەۋلاد ۋاڭ بولۇشقا ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ، جىن شۇرېن ، شېڭ شىسەي ھاكىمىيەتلىرىنىڭ ۋاڭلىقنىڭ ھوقۇقىنى ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىشقا چىڭ تۇرغانلىقى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نەزەرنىڭ ۋاڭلىق تۈزۈمنى ساقلاپ كېلىش تىرىشچانلىقى ئۈزۈل – كېسىل مەغلۇپ بولدى. ilC("!-<-  
شامەخسۇت ۋاڭ ئۆلگەندە ، ئۇنىڭ نەزەردىن ئىبارەت بىرلا ئوغلى بولۇپ ، ئۇ 42ياشتا ئىدى ( شامەخسۇتنىڭ چوڭ ئوغلى كېسەل بىلەن  1892-يىلى 5-ئايدا ئۆلۈپ كەتكەن ) . ۋاڭلىق تۈزۈم بويىچە نەزەر تەيجى ۋاڭلىقنىڭ تەبىئىي ۋارىسى بولغاچقا، ئۇ ۋاڭلىق تەختىگە ئولتۇرۇشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن، شا مەخسۇت 1915-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاخىرقى قېتىم بېيجىڭگە يۈەن شىكەينىڭ ئالدىغا سالامغا بارغاندا نەزەرنىمۇ بىللە ئالغاچ بارغان . شۇ چاغدا يۈەن شىكەي شامەخسۇتقا 1-دەرىجىلىك مۇبارەك ئوردېنى ۋە قوش چىڭۋاڭلىق ئەمەل دەرىجىسىنى بەرگەن، نەزەرنىڭ فۇگوگۇڭ(دۆلەتكە نايىپ ھەزرەت ) دەرىجىسىنى بىزى دەرىجىسىگە ئۆستۈرگەن ( نەزەر 1892-يىلى 5- ئايدا تۆت ياشقا كىرگەندە ، ئۇنىڭ گۇڭ دەرىجىلىك تەيجى، 1902-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنى باش تەيجى بولۇشى تەستىقلانغان، 1911-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى فۇگوگۇڭلىق ئەمەل دەرىجىسى بېرىلگەن ) ھەمدە قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقىغا تەۋە يەر –زېمىن ، ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ۋە ئىمتىيازلىق ھوقۇقى ئېتىراپ قىلىنىپ، قۇمۇل ناھىيىسى ئامبىلىنىڭ ئۇيغۇر ۋاڭلىقىغا تەۋە زېمىنىدىكى بارلىق ئىشلارنى سۈرۈشتە قىلماسلىقى بەلگىلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىقى داۋاملىق يۈكسەك دەرىجىدە ئۆز- ئۆزىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولغان. B:VE7;zU/1  
چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى سۈن جۇڭشەن رەھبەرلىكىدە كۆتۈرۈلگەن 1911-يىلدىكى بۈيۈك شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ بوران- چاپقۇنى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ۋەتەن ساتقۇچ يۈەن شىكەي 1915-يىلى 12-ئايدا  1916-يىلىدىن باشلاپ پادىشاھلىق تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى جاكارلىغان بولسىمۇ ، مەملىكەت بويىچە قوزغالغان يۈەن شىكەيگە قارشى تۇرۇش دولقۇنى ۋە يۈننەندىكى سەي ئېنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى يۈەن شىكەينى جازالاش – جۇمھۇرىيەتنى قوغداش ئۇرۇشى تۈپەيلىدىن ، يۈەن شىكەي 1916-يىلى 3- ئايدا پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، ئۆزىنى بۈيۈك زۇڭتۇڭ دەپ جاكارلاشقا مەجبۇر بولدى. لېكىن، شىنجاڭنىڭ تۇتۇقى ياڭ زېڭشىن ۋە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ جاساق ۋاڭى شامەخسۇت قاتارلىق قىسمەن يەرلىك ئەمەلدارلار مەملىكەت بويىچە كۆتۈرۈلگەن بۇ چوڭ ئېقىمغا قارشى تۇرۇپ، پادىشاھلىق تۈزۈمنى قوغداش تەرىپىدە چىڭ تۇردى. شامەخسۇت « يۈەن شىكەينىڭ خان بولۇشىغا قارشى تۇرغان < ئاسىيلار > نى قەتئىي يوقىتىپ، دۆلەتكە خىزمەت كۆرسىتىدىغانلىقى » نى بىلدۈردى. يۈەن شىكەيمۇ شامەخسۇتنىڭ كۆرسەتكەن « خىزمەت » لىرىگە مۇناسىپ ھالدا ئۇنىڭغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنىڭغا قوش مائاش ئالىدىغان، قۇمۇلنى باشقۇرىدىغان موڭغۇل قىزىل جىيەكلىك ئۇيغۇر خوشۇننىڭ  چىڭۋاڭى ئۇنۋانى بەردى ( شىنجاڭدىكى يەرلىك ۋاڭ – گۇڭلاردىن ھېچكىم قوش چىڭۋاڭلىق ئۇنۋانغا ئېرىشكەن ئەمەس ) . R=a "C  
1912-يىلى جۇڭخۇا مىنگو قۇرۇلغان بولسىمۇ، شۇ چاغدىكى مەركىزى ھۆكۈمەت بايانات ئېلان قىلىپ جايلاردىكى ۋاڭ – گۇڭلارنىڭ « ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالىدۇ » غانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. شامەخسۇت ئۆلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ( 1930-يىلى 6- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ) ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى جىن شۇرېن نەزەرگە « ۋاڭلىقنىڭ مۆھۈردارلىق ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇپ تۇرۇش ۋە ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش » نى تاپشۇردى. جىن شۇرېننىڭ بۇ « بۇيرۇقى »نى ئاتىسىنىڭ ۋاڭلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش تەلىپىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قوللىغانلىقى دەپ بىلگەن نەزەر  تەيجى ۋاڭلىق تەختكە چىقىشقا ئالدىراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئەمەلىيەتتە، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى شامەخسۇتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، قۇمۇل ۋاڭنىڭ ھەممە باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ناھىيىلىك  ھۆكۈمەتنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش تەييارلىقىغا كىرىشىپ كەتتى. WyA3rVaQ  
قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قىسىمنىڭ شىجاڭى ليۇشىزېڭ ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى قۇمۇللۇق ئەمەلدار ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېنغا مەكتۇپ يوللاپ « پۇرسەتنى غەنىيمەت  بىلىپ، ۋاڭلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يەر –زېمىن ، پۇقرالارنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىش »تەكلىپىنى بەردى . 1930-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان ئۆلكىلىك مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئۆزگەرتىش كومىتېتى 11-ئايدا ئۆزگەرتىش لاھىيىسىنى ئېلان قىلىپ، ۋاڭنىڭ ئەمەل نامى، مائاشىلا ساقلىنىپ، ئادەم باشقۇرۇش ، باج ئېلىش ۋە سوراق قىلىش قاتارلىق ئالاھىدە  ھوقۇقلىرىنى  ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ بىلەن  ئۆلكىلىك ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتلەر ئەسكەر كۆپەيتىش تۈپەيلىدىن يۈز بەرگەن جىددىي مالىيە قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلدى. قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر ئاممىسىمۇ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ قاتمۇ – قات ئېكسپىلاتاتسىيىسى ۋە زۇلۇمىغا ئۇچراپ ، ۋاڭلىق تۈزۈمدىن جاق تويغاچقا ، ئۈستىمىزدىكى زۇلۇم يېنىكلەرمىكىن ، دېگەن ئارزۇدا قۇمۇل ۋاڭلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈشنى تەلەپ قىلىشتى. نەزەر ئاتىسىنىڭ قىرىقى نەزىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، نەچچە ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرى خەلقنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىپ توپلىغان مال – دۇنيادىن بىر قىسمىنى جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە « سوۋغا » قىلىپ بېرىش ئارقىلىق « ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىش » قا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن 55 كىشىلىك ئۆمەكنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە چىقتى. نەزەر جىن شۇرېنغا پارا بېرىشكە ئېلىپ چىققان نەرسىلەر ئىچىدە گۇاڭدۇڭنىڭ چوكا ئالتۇنى 70تال ( بىر تېلى 12سەر دىن جەمئىي 840 سەر ) ، كاللەك ئاق كۈمۈش 100 پارچە ( بىر پارچىسى 80سەردىن جەمئىي 8000سەر ) ، يامبۇ 4دانە، بۇغا مۈڭگۈزى 50دانە، خوتەن گىلىمى 10پارچە، ئاسما يىپەك گىلەم 10 پارچە  ( بەزى ماتېرىياللاردا ھەرخىل گىلەم 100پارچە دېيىلگەن )، تۈلكە، بۆرە تېرىسى كۆرپىسىدىن 5 پارچە، نەسىللىك يورغا ئات ۋە ئالماشتۇرۇپ مىنىدىغان ئاتتىن 20تۇياق، بىر نەچچە  ھارۋا قوغۇن قېقى ، چىلان جىگدە قاتارلىق قۇرۇق يەل- يېمىشلەر بار ئىدى. نەزەر بىلەن ئۈرۈمچىگە چىققان كىشىلەردىن مەۋۇپبەگ ( نەزەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ ئېرى )، زوردۇنبەگ ، تۇرسۇن مىراپ ، ئاقموللا باي، قۇربانشا دورغا، ئىسمايىل قېزى ، سوپا توغۇچى، ئىساق قارى، ياقۇپ خېتىپ، مەمەتنىياز پاششاپ، غوجىنياز ساۋۇت، يۈنۈس ئەئلەم ئاخۇنۇم ، ئەلەمبەگ ، يۈسۈپبەگ قاتارلىق ئوردا بەگلىرى، كاتىپ، تەرجىمان ، بوغالتىر، خىزمەتكار ، ياساۋۇل، ئاشپەزدىن باشقا يەنە 20 نەچچە يىلقىچى، 12ھارۋاكەشمۇ بار ئىدى. ~G{/czkw  
نەزەر تەيجى ئۈرۈمچىگە چىقىپلا نەچچە كۈندە بىر قېتىم جىن شۇرېن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئالغاچ چىققان پارسى بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىن ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىشنى سېتىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ ، جىن شۇرېن ئۇنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، ئۇنىڭغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتۈش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان. جىن شۇرېن دەسلەپ نەزەرنى مورى ناھىيىسىنىڭ ھاكىملىقىغا تەيىنلىگەن ، لېكىن نەزەر ئۇ ۋەزىپىنى قوبۇل قىلمىغان .   جىن شۇرېن نەزەرگە: « مەن قۇمۇلدا 200ئائىلىنى سېنىڭ باشقۇرۇشىڭغا ئايرىپ بېرەي »، دېگەندە، نەزەر: «بۇنىڭ قانچىلىك رولى بولسۇن، بولدىلا، مەن ۋاڭ بولمايلا قوياي »، دەپ نارازى بولغان . ئاخىرى جىن شۇرېن نەزەرگە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، مەركەزنىڭ تەپتىش ھەيئىتى دېگەن قۇرۇق قالپاقنى كىيگۈزۈپ ، ئۇنى ئۈرۈمچىدە تۇتۇپ قالغان . نەزەر ئۈرۈمچىگە چىققاندا ھازىرقى مائارىپ نازارىتىنىڭ ئەتراپىدىكى تاتار سودىگەر زىيا ھاجىنىڭ قورۇسىدا تۇرغان . قۇمۇلدا جىن شۇرېن ھاكىمىيىتىگە قارشى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلغاندا ، جىن شۇرېن « قوزغىلاڭنى نەزەر قۇتراتقانمىدۇ » دېگەن گۇمان بىلەن نەزەرنى شەھەر سىرتىدىكى لومەنچىڭ ھەربىي گازارمىغا يۆتكەپ نەزەربەند قىلىپ ، مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قورال- ياراغلىرىنى تارتىۋالغان ، ئۈرۈمچىدىن ئۆز مەيلىچە ئايرىلىشىنى چەكلەپ قويغان . نەزەر جىن شۇرېننىڭ «نەزەر مەۋۇپبەگ ئارقىلىق قۇمۇلدىكى قوزغىلاڭچىلارنى كۈشكۈرتكەن »دېگەن گۇماننى تۈگىتىش ئۈچۈن ، ئۇ 1931-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى ئوغلى بېشىرگە«ھۆكۈمەتكە قارشى قوزغىلاڭغا قاتناشماسلىق ، خوجىنىياز، ماجۇڭىيڭدەك يۇرت بۇزغانلارغا ئەگەشمەسلىك» توغرىسىدا نەسىھەت خېتى يازغان (مەۋۇپبەگ نەزەردىن بۇرۇنراق قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن، ئۇ ئەمەلىيەتتە قوزغىلاڭغا ئارىلاشمىغان بولسىمۇ، لېكىن 1937-يىلى تۇرپان قارا غوجىدا جاللات شېڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەن ) ، بېشىرنىڭ ئۆز كۆڭلىگە پۈككەن مۇددىئاسى بولغاچقا، ئۇ ئاتىسىنىڭ نەسھەتلىرىگە پىسەنت قىلماي، بەزىدە ئاشكارا، بەزىدە يوشۇرۇن ھالدا دېھقانلار قوزغىلىڭىنى قوللىغان ۋە قاتناشقان . `K3Xb)  
نەزەر ئۈرۈمچىدە نەزەر بەند قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۈرۈمچىگە چىققانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئالدىغا ئوقەت قىلىپ جان باققان ( نەزەرگە خىزمەتكار بولۇپ ئۈرۈمچىگە چىققان مەرھۇم دادام يۈسۈپ زاكىرمۇ بىر نەچچەيلەن بىلەن ئەنەنچۈي رايونىغا بېرىپ، بىر يىل دېھقانچىلىق قىلىپ ئاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن ). بىر يىل  ئۆتكەندىن كېيىن نەزەر نەزەربەندتىن قۇتۇلۇپ، ھەربىي گازارمىدىن يەنە زىيا ھاجىنىڭ قورۇسىغا كۆچۈپ كەلگەن  ۋە شېڭ شىسەي 1933-يىلى «12-ئاپرېل» سىياسىي ئۆزگىرىشى ئارقىلىق ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئۆلكىلىك « تەرتىپ ساقلاش كومىتېتى » نىڭ ئەزاسى بولغان . لېكىن، نەزەر ئۈرۈمچىدە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى، تەرتىپ ساقلاش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەزنىڭ تەپتىش ھەيئىتى قاتارلىق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان قۇرۇق ئەمەل قالپاقلىرى بىلەن كۈن ئۆتكۈزۈشتىن زېرىككەن . ئۇ ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش تەلىپىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدىن ئۈمىدسىزلەنگەن بولغاچقا، ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىش باھانىسىدا شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن رۇخسەت سوراپ، 1933-يىلى 5-ئايدا ئىككى ھەمراھى بىلەن بىللە قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن . ئۇ دەسلەپتە بازاردا ھەسەن بالا ھاجىنىڭ قورۇسىدا ئولتۇرغان ، كېيىنرەك ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆيدۈرۈپ ۋەيران قىلىنغان ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئۇدۇل شەرق تەرىپىدىكى قوبۇلخانا ئۆيلىرىنى رېمونت قىلدۇرۇپ كۆچۈپ كىرگەن . ئۇزۇن ئۆتمەي ھازىرقى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ تۆرۈك كەنتىگە چىقىپ داۋالىنىپ دەم ئېلىپ قايتىپ كەلگەن . 1933-يىلى 9-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭغا خىزمەت بىلەن چىققان گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لوۋېنگەن قۇمۇلدىن ئۆتكەندە نەزەر يەنىلا ۋاڭلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ۋاڭ بولۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئېيتقان . لوۋېنگەن نەزەرنىڭ بۇ تەلىپىنى مەركەزگە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ، ئۇ خارابلىققا ئايلانغان ۋاڭ ئوردىسىنى كۆرۈپ، نەزەرگە ھېسداشلىق قىلىپ 1000يۈەن پۇل بەرگەن . -+Oa1  
 جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى «ئەمەل ۋارىسلىقىنى بىكار قىلىپ، ئالمىشىپ تۇرىدىغان ئەمەلدار قويۇش »تىن ئىبارەت مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى 1931-يىلى 1-ئايدا ئېلان قىلغاندا ، نەزەر ۋاڭلىقنىڭ «ئوردا يەرلىرىنى ئېنىقلاشنى كەچۈرۈم قىلىش، يەر-زېمىن ، پۇقرالار تاپشۇرىدىغان ئاشلىق بېجى، دەۋا ئىشلىرى ، ئەمەلدارلارنى تەيىنلەش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار »نى ئىسلاھ قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىپ جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە خەت يازغان بولسىمۇ، لېكىن جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى ۋاڭلىقنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا چىڭ تۇرغان . @Vm'`2q  
جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرى توغرا ۋە ئادىل بولمىغانلىقى، ھۆكۈمەتنىڭ  يېڭىدىن يولغا قويغان ھەر خىل باج – سېلىقلىرى شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئالۋان – سېلىقلىرىدىن ئېغىر بولۇپ، مىللىي كەمسىتىش ، مىللىي زۇلۇمى چېكىدىن ئاشقانلىقتىن ، مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مەغلۇپ بولۇپلا قالماي، بەلكى كەڭ ئۇيغۇرلار ئاممىسىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغاپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگە قارشى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەبچى بولغان . بۇنىڭ بىلەن مەمۇرىي باشقۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئۇرۇش تۈپەيلىدىن بىر نەچچە يىل توختىتىپ قويۇلغان . قۇمۇلدا ئۇرۇش ماللىمانچىلىقى پەسەيگەندىن كېيىن، شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى 1933-يىلى 10-ئايدا قۇمۇل ناھىيىسىنى ئۈچ ناھىيە قىلىپ ئايرىش، ۋاڭلىقنىڭ يەرلىرىنى ھەر كىمنىڭ ئىختىيارىي تېرىشىغا يول قويۇش، باجنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇش، نەزەرگە شامەخسۇتنىڭ قوش چىڭۋاڭلىق مائاشىنى بېرىپ تۇرۇش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۇرۇشكە كىرىشگەن ھەمدە 1934-يىلنىڭ باشلىرىغىچە مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى ئورۇنداپ بولغان . YG :f2-?A  
 شامەخسۇت ئۆلگەندىن كېيىن ، 1930-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى، قوشۇمچە باش قوماندانى جىن شۇرېن قۇمۇلدا تۇرۇشلۇق قۇرۇقلۇق ئارمىيە 1-شىسىنىڭ شىجاڭى ليۇشىزېڭ بىلەن ھاكىم شۈشۇگوغا « قۇمۇلنىڭ ئىلگىرىكى ۋاڭى شامەخسۇت ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلى ۋاڭنىڭ قوش چىڭۋاڭلىق تۆرە ئەمىلىگە ۋارىسلىق قىلسۇن، قائىدە بويىچە مائاش بېرىپ، ئەھۋالغا قاراپ كۈمۈش تەڭگە قوشۇپ بېرىپ، ئېتىبار بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇڭلار، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ دورغاپ دەرىجىسىدىن تۆۋەن ئەمەللىرى بۇرۇنقىدەك تەسىس قىلىنىۋەرسۇن ... » ، دەپ يارلىق چۈشۈرىدۇ. جىن شۇرېن يەنە 1930-يىلى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېگرامما ئارقىلىق يۇقىرىقى ئىككى نەپەر ھەربىي، مۈلۈكىي ئەمەلدارغا ئەۋەتكەن يارلىقىدا «مەرھۇم شامەخسۇت چىڭۋاڭنىڭ 2-ئوغلى نەزەرنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ، مەرھۇم شامەخسۇت چىڭۋاڭنىڭ 2-ئوغلى نەزەرنىڭ ئەجدادىنىڭ ۋەزىپىسىگە ۋارىسلىق قىلىشغا ئىجازەت بېرىش كېرەك ... » ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن . نەزەر تەيجى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر ۋاڭلىق ئورنىغا ۋارىسلىق قىلدى. شۇڭا، بېشىر 1935-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىدىن بىر يىللىق قوش چىڭۋاڭلىق مائاش بېرىشنى تەلەپ قىلغاندا، شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى شېڭ شىسەي تېلېگرامما ئارقىلىق بېشىرگە بوۋىسى شامەخسۇت، دادىسى نەزەرگە ئوخشاش قوش چىڭۋاڭلىق مائاش بويىچە يىلىغا 4مىڭ سەر كۈمۈش پۇل ئاساسىدا، «مىنگونىڭ 23-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تامغىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن باشلاپ، 24-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە جەمئىي بىر يىل 15كۈن ئۈچۈن پۇلغا سۇندۇرغاندا 694مىڭ 78سەر 84فۇڭ 8لى پۇل بېرىلسۇن »، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن . 3=q5X)X  
يۇقىرىقى پاكىتلاردىن شۇنى ئوچۇق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئاخىرقى ۋاڭ شامەخسۇت ئۆلگەندىن كېيىن، نەزەر تەيجى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى بېشىرنىڭ ۋاڭلىق مەنسىپىگە ۋارىسلىق قىلىشىنى جىن شۇرېن ۋە شېڭ شىسەي ھۆكۈمەتلىرى مەمۇرىي تۈزۈم جەھەتتە ئېتىراپ قىلىپ كەلگەن. لېكىن، بۇنداق ئېتىراپ قىلىش يەنىلا ۋاڭلىقنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن قوللانغان بىر خىل تەدبىرى بولۇپ،ۋاڭلىقنىڭ ئەمەلىي باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈۋېلىش ھېسابىغا «قوش چىڭۋاڭلىق مائاش »بېرىش بىلەن قۇرۇق جازىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش مەقسەت قىلىنغان. جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى كۆرۈنۈشتە ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىشنى قوللىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەمۇرىي تۈزۈم بويىچە باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىشنى يولغا قويغان. (-C:966  
مەمۇرىي باشقۇرۇش تۈزۈمى ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ، نەزەر «ۋاڭ »ياكى بېشىر «ۋاڭ » بولسۇن، ھەر ئىككىسىلا ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمىغان ، ھۆكۈمەتتىن مائاش ئالىدىغان، يەر- زېمىنگىلا ئىگە بولغان « ۋاڭ ۋارىسلىرى»دىن بولۇپ قالغان . ھۆكۈمەتتىن بېرىلگەن قوش چىڭۋاڭلىق مائاشنى ۋاڭلىقنىڭ نەچچە يۈز يىلدىن بۇيان قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قۇل قىلىپ توپلىغان 60مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر، 100مىڭ تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا، خەزىنىدىكى 1توننا ئالتۇن، 5توننا كۈمۈش (شامەخسۇت ئۆلۈشتىن ئىلگىرىكى مەلۇمات )قاتارلىق مال- دۇنيا بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئون مىڭدەن بىر ئۈلۈشىگە يەتمەيدىغان بولسىمۇ، نەزەر بىلەن بېشىر يەنىلا بۇ مائاشنى ئېلىپ تۇرغان. A~r^$y%X-  
نەزەر ياش چاغلىرىدا ئەيش –ئىشرەتلىك ياشاپ ، ھاراق-شاراب ئىچىش ، زىنا قىلىش، ئەپيۈن چېكىش ، قىمار ئويناش قاتارلىق يامان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ، خەلقنىڭ غەزەپ – نەپرىتىگە ئۇچرىغان . ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان كىشىلەر ھەتتا جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىگىمۇ ئەرز قىلغان . بىر قېتىم شەھەر ئىچى سېپىلنىڭ شىمالدىكى گۈمبەزنىڭ ئۈستىدىكى تاختايغا نارازىلىق خېتى چاپلىنىپ ، ئۇنىڭغا «نەزەر ھەر كۈنى ھاراق –شاراب ئىچىپ ، ئەيش –ئىشرەت بىلەن تاماشا قىلىۋاتىدۇ. بىز شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئۇنى چەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز . ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، بىز نەزەر ۋە باشقا ئەيش- ئىشرەت قىلىۋاتقان بەگلەرنى پىچاق بىلەن جايلىۋېتىمىز »، دەپ يېزىلغان. شامەخسۇت ۋاڭ ئەھۋالدىن ۋاقىپ بولغاندىن كېيىن ، مەگەش ئېرىق بويىدا «مەگەش ئوردا»دەپ ئاتالغان باغۋارانلىق قەسىر سالدۇرۇپ ، ئۇنى كۆچۈرۈپ قويغان بولسىمۇ ، لېكىن نەزەردە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان. نەزەر ئۆمرىدە 10قېتىم ئۆيلىنىپ 2 ئوغۇل (بېشىر ۋە ئابدۇللا )، 2قىز (ھەمراخان ۋە روشەنخان ) پەرزەنتلىك بولغان. R-E\r3 1  
نەزەر ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپلا زەھەرلىك چېكىملىككە تېخىمۇ بېرىلىپ كەتكەن . ئۇ بىر قېتىم ئەپيۈن سۈيىنى كۆپ ئىچىۋالغانلىقتىن ئىچى سۈرۈش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ، 1933-يىلى 10-ئايدا ئۆلگەن. ئۇنى كىچىك ئوغلى ئابدۇللا غوجا، قىيىنئاتىسى ئاخۇنبەگ (يۈنۈسبەگ ھاجى )، يارىبەگ ھاجى، شېرىپ ھاجى قاتارلىق كىشىلەر باش بولۇپ ئالتۇنلۇقتىكى ۋاڭلار قەبرىستانلىقىدا ئاتىسى شامەخسۇتنىڭ يېنىغا دەپنە قىلغان (بۇ چاغدا نەزەرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر تۇرپاندا ماجۇڭيىڭ قوشۇنىنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بولۇپ تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇنى دەپنە قىلىشقا قاتنىشالمىغان ) . $Hzj.~j  
نەزەر ئۆلگەندىن كېيىن، بېشىر ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋارىسى بولغان. بېشىر 1931-يىلدىكى قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان، كېيىن ئۇ تۇرپاندا ماجۇڭيىڭنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بولغان، قوزغىلاڭچىلار جەنۇبىي شىنجاڭغا يۈرۈش قىلغاندا، يولۋاس قومۇلغا قايتىپ كېلىپ ، ئارقىدىنلا بىشىرمۇ قۇمۇلغا قايتىپ، قۇمۇلنىڭ شەھەر مۇداپىئە قوماندانى بولغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بېشىر پەزۇل شاڭيۇ ۋە يىدايىبەگنى ئۇرغۇزۇپ ئۆلتۈرۈپ قويۇش جاۋابكارلىقى بىلەن ئەينى چاغدىكى قۇمۇلنىڭ مەمۇرىيەت باشلىقى، ئامانلىق ساقلاش قوماندانى يولۋاس تەرىپىدىن قامالغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ خۇن ھەققى ئۈچۈن 260سەر ئالتۇن ، يەر –زېمىن، مال-مۈلۈك تۆلەشكە ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا نارازى بولۇپ، پىچاننىڭ سۇ بېشى دېگەن يېرىگە كۆچۈپ كەتكەن . شۇنىڭ بىلەن بېشىرنىڭ ھۆكۈمەتتىن ئېلىۋاتقان 11-ئەۋلاد ۋاڭلىق مائاشىمۇ توختىتىپ قويۇلغان، بىر قانچە يىل ئۆتكەندىن كېيىن بېشىر پىچاندىن قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەن . كېيىن ئاتالمىش ھاكىم سايلىمىدا ھاكىملىققا سايلىنىپ، 1948-يىلىنىڭ بېشىغىچە قۇمۇل ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى بولغان. بېشىر ئازادلىقتىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئىجارە كېمەيتىش ، زومىگەرلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە قولغا ئېلىپ ، 1952-يىلى 8-ئايدا تۈرمىدە كېسەل بولۇپ ئۆلگەن. A0^C/!l-  
        u=X_HPGH  
       پايدىلانغان ماتېرىياللار : n'q<.[oo  
1.«قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى » خەنزۇچە نەشرى ۋە ئورىگىنال نۇسخىسى s:s%jmN  
2.ليۇزىشاۋ: «ئۇيغۇر تارىخى »، خەنزۇچە نەشرى 2-قىسىم cd/g>0jl  
3.«قۇمۇل ئاسار ئەتىقە تەزكىرىسى»خەنزۇچە نەشرى Z boXqSNg  
4.«قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى » ئۇيغۇرچە نەشرى _aRW[mk  
5.«شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى »، ئۇيغۇرچە نەشرى  e|}Ft=  
P($xl  
  hp FVGEq  
T)^ni\0  
Qzdd[`=2]  
قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسى خەزىنىسىنىڭ بۇلىنىش جەريانى
?Ie^,,2  
   >=k| M7i  
 
مۇھەممەت يۈسۈپ
+js Vdvgnm  
qlb*AS  
 مەن چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدىكى قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرىنىڭ تارىخ – تەزكىرىسى ۋە ۋىلايىتىمىز قۇمۇلنىڭ يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر ماتېرىياللارنى تەتقىق قىلىش جەريانىدا ، ئۇيغۇر ۋاڭلاردىن كەنجى ۋاڭ شامەخسۇتنىڭ زور مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ قانداق بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىپ يوقالغانلىقىغا دىققەت قىلدىم، ھەم ماتېرىيال كۆرۈش ، ئىزدىنىش نەتىجىسىدە بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى تۆۋەندىكىچە رەتلەپ چىقتىم . كەم قالغان ياكى خاتا بولۇپ قالغان ئەھۋاللار بولسا، بىلگۈچىلەرنىڭ تۈزىتىپ، تولۇقلاپ قويۇشىنى سورايمەن. pa =Ik '  
ئاۋۋال كەنجى ئۇيغۇر ۋاڭ شامەخسۇت ئوردىسىنىڭ خەزىنىسىدە قانچىلىك ۋە قانداق بايلىق ، مال-مۈلۈكنىڭ توپلانغانلىقى ھەققىدە توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ. قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى شامەخسۇتقىچە داۋاملىشىپ، توققۇز ئەۋلاد، 233يىل جەريانىدا ۋاڭلىق خەزىنىسىگە ناھايىتى زور ئالتۇن- كۈمۈش ۋە باشقا زور مىقداردا مال- دۇنيا توپلانغان. گەرچە توققۇز ئەۋلاد داۋاملاشقان قۇمۇل ئۇيغۇر ۋاڭلىرى مەھكىمىسىنىڭ بۇ ئالتۇن- كۈمۈش خەزىنىسى ۋە باشقا مال- دۇنياسى ۋاڭلىق تۈزۈم قائىدىسى بويىچە سۇيۇرغال بولۇپ، ئەۋلادتىن- ئەۋلاد مىراس قېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، 7-ئەۋلاد ۋاڭ مۇھەممەت بشىرنىڭ زامانىسىدا، 8-ئەۋلاد ۋاڭ غولام مۇھەممەت (تۇغما پالەچ بولغاچقا، ۋاڭلىق ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئۇنىڭ ئۆگەي ئانىسى مېھرىبانۇ يۈرگۈزگەن)زامانىسىدىكى دايۈەنشۈەي يېغىلىقى ۋە بەييەنخۇ يېغىلىقىدا ۋاڭ ئوردىسى ۋە خەزىنىسى ئىككى قېتىم بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىپ، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇقداپ قويۇلغان. 9-ئەۋلاد ۋاڭ شامەخسۇت زامانىسىدا، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىگە كېلىپ تەرەققىي قىلغانلىقى ، شامەخسۇتقا قاراشلىق نوپۇس، يەر-زېمىن، چارۋا كۆپەيگەنلىكى ، شامەخسۇت ۋاڭ سودا- سېتىق ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش قاتارلىق بىر قاتار ئىجابىي تەدبىرلەرنى قوللىنىپلا قالماي، خەلقنى ئېزىش- ئېكسپېلاتاتسىيە قىلىشنى ھەدەپ كۈچەيتكەنلىكى ئۈچۈن ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ كىرىم دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيگەن ۋە كۆپەيگەن. شۇڭا، خەزىنىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش ھەم باشقا مال-دۇنيا ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئاشقان. شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى قۇمۇلغا نىسبەتەن « ھۆكۈمەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت » ( ناھىيىلىك ھۆكۈمەت بىلەن تەڭ دەرىجىلىك ھۆكۈمەت) بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى بولسا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭكىدىن تەخمىنەن نەچچە ئون ھەسسە ئېشىپ كەتكەن . ھەتتا، شىنجاڭ بويىچە باشقا ۋىلايەت، ناھىيىلەردىكى مىنگو دەۋرىگىچە داۋاملاشقان ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل قاتارلىق يەرلىك ۋاڭلاردىن ھېچكىممۇ شامەخسۇت ۋاڭنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە تەڭلىشەلمەيدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكەن. v <B  
شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى خەزىنىسىدە زادى قانچىلىك ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا مال-دۇنيانىڭ بارلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھۆكۈمەت ئارخىپ ماتېرىياللىرىدا ياكى ئەھۋال بىلگۈچىلەرنىڭ تەمىنلىگەن ماتېرىياللىرىدا ئېنىق مەلۇمات يوق . مەرھۇم ئەزىز نىيازنىڭ ئەسلىمىسىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىنىڭ چوڭ تەيجىسى، خەزىنىنىڭ باش غوجىدارى يۈسۈپ جۈبەيرىنىڭ ئوغلى مەۋۇپبەگنىڭ ئېيتىشىچە، «تۇلۇم ھەم كومزەكلەر ۋە پولات ساندۇقلاردا ساقلانغان ئالتۇن تەخمىنەن بىرەر توننا بار. ئېسىل گۆھەر، مەرۋايىت، ياقۇتلار، شۇنىڭدەك تاختىلانغان كۈمۈش مىقدارى 10توننىدىن ئارتۇق » دېگەن مۇھىم ئۇچۇردىن باشقا مەلۇمات يوق (1) . شامەخسۇت ۋاڭ خەزىنىسىدە تەخمىنەن بىر توننا ئالتۇن، 10توننىدىن ئارتۇق كۈمۈشتىن باشقا، يەنە ئىنتايىن كۆپ مىقدارداباشقا مال-مۈلۈك بولغان. 1920-يىللارنىڭ باشلىرىدا «32مىڭ 250مو تېرىلغۇ يەر، 25ئورۇندا كارىز، 150مىڭ قوي، 18مىڭ 900كالا-تۆگە، 16ئورۇندا باغ،18ئورۇندا تۈگمەن –موپاڭ ،بىر ئورۇندا كۆمۈركان بولغان، سودا مەبلىغى بىر مىليون 640مىڭ سەر كۈمۈش پۇلغا يەتكەن » (2) . شامەخسۇت ۋاڭنىڭ بۇلاردىن باشقا، ئۈرۈمچىدە سېتىۋالغان 150مو يېرى ۋە تۇرپان، پىچاندىنمۇ 3000مو تېرىلغۇ يېرى ۋە كارىزى بولغان. يۇقىرىقى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا ئىنتايىن كۆپ مال-دۇنيانىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى كەنجى ئۇيغۇر ۋاڭ شامەخسۇت دەۋرىدە توپلانغان. v{pn @xqU  
تۆۋەندە شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ بۇلىنىش- يوقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەيلى : a Rm;qB  
شامەخسۇت 1930-يىلى 6-ئايدا ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئوغلى نەزەر شامەخسۇتنىڭ قىرقى نەزىرىنى ئۆتكۈزۈپ بولۇپلا، 7-ئاينىڭ ئاخىرلىرى ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىدىن « ۋاڭلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىش ئۆمىكى » نى باشلاپ ئۈرۈمچىگە چىقتى ھەمدە ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېنغا زور مىقداردىكى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە باشقا قىممەت باھالىق ماددىي نەرسە –كېرەكلەرنى سوۋغا قىلىپمۇ، ۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىدىن ئېتىراپ قىلدۇرالماي ۋە تەستىقلىتالماي، 1934-يىلى قۇرۇق قول قايتىپ كېلىپ، 10-ئايدا ئەپيۈننى كۆپ مىقداردا چېكىۋېلىپ ، زەھەرلىنىپ ئۆلدى. ئۇنىڭ جىن شۇرېنغا سوۋغا قىلغان ئالتۇن « ( گۇاڭدۇڭ زىقچە ئالتۇنى ) 70زىق بولۇپ ، بىر زىخچىسى 12سەردىن جەمئىي 840سەر ، كۈمۈش ( تاختىلانغان كۈمۈش ) 100دانە بولۇپ، بىر تاختىسى 80سەردىن 8000سەر » (3) . {M6*Yq1]1Z  
بۇ شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ، خەزىنىدىن بىرىنچى قېتىم چىقىم قىلىنغان ئالتۇن-كۈمۈش بولغان. بۇندىن باشقا خەزىنىدىن ھېچقانداق چىقىم قىلىنماي، شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن . T*2_- 2h  
شامەخسۇت ۋاڭ ۋاپات بولۇپ ، بىر يىل بولماي، 1931-يىلى 4- ئايدا قۇمۇل ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي ۋە سىنىپىي زۇلۇمىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلىدى. بۇ قوزغىلاڭنى قۇمۇلدىكى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت باستۇرۇشتا دەسلەپتە مەغلۇپ بولدى. ئۆلكىلىك جىن شۇرېن  ھۆكۈمىتى دەسلەپتە جۇرۇيچى شىجاڭ، شيۇڭ فايۇ تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا قوشۇن ئەۋەتتى. شيۇڭ فايۇ  تۈەنجاڭلىقىدىكى قوشۇن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت جايلاشقان كونا شەھەردە ئۈچ ئاي قورشاۋدا قالغاندا، ئۈرۈمچىدىن ئىلىدىكى بوز يەر ئۆزلەشتۇرۇش ئەمەلدارى جاڭ پىييۈەن باشچىلىقىدىكى قوشۇن قۇمۇل شەھەر ئەتراپىغا 10-ئاينىڭ 19-كۈنى يېتىپ كېلىشتىن 2-1كۈن بۇرۇن ، لياۋدۇڭ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ يارىلانغان ماجۇڭيىڭ ئەنشىگە كەتكەن ۋە خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلارنىڭمۇ لياۋدۇڭدىن چېكىنگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان قۇمۇلنىڭ بارلىق يېزا-كەنتىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تاغقا قېچىپ چىققان. دەل مۇشۇ چاغدا جاڭ پېيۈەن باشچىلىقىدىكى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت قوشۇنى قۇمۇلغا يېتىپ كېلىپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى قۇمۇلغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كېلىپ ، كونا شەھەردە قامىلىپ ياتقان شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرىگە مەدەت بولغان. &^aOdimw  
 كونا شەھەردە تۇرۇۋاتقان شيۇڭ فايۇ تۇەنجاڭ بولغان ئۆلكە قوشۇنى ئادەمسىز قۇرۇق قالغان شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ  ئوردىسىغا ئاچ كۆزلۈك بىلەن بېسىپ كىرگەن. K 'Xsh:z"  
شامەخسۇت ۋاڭنىڭ خەزىنىسىدىن نۇرغۇن ئالتۇن-كۈمۈش ۋە باشقا مال- دۇنيانىڭ توپلانغانلىقىنىڭ داڭقى پۈتۈن شىنجاڭغا پۇر كەتكەن. جىن شۇرېن ئۆلكە رەئىسى بولۇپلا ھەدەپ ھەربىي چىقىمنى ئاشۇرغانلىقتىن، ئۆلكە مالىيسىمۇ قۇرۇقدىلىنىپ قالغاچقا، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ مال-دۇنياسىغا ئۆلكە رەئىسى جىن شۇرېننىڭ كۆزى چۈشكەن . قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن شيۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ ئوردېنى بۇلاش جەريانىنى ۋىلايىتىمىزدىكى پېشقەدەم ئاخباراتچى، تارىخ- تەزكىرىچى فەن چېڭچۈ مۇنداق بايان قىلىدۇ: ئۆلكىلىك جىن شۇرېن ھۆكۈمىتى شيۇڭ فايۇ قوشۇنى قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا قۇمۇلغا كېلىشتىن بۇرۇنلا ئۇنىڭغا « پۇرسەت تېپىپ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ < ئالتۇن قۇدۇقى > نى تېپىڭلار ، دەپ مەخپىي بۇيرۇق بەرگەن. لېكىن، شيۇڭ فايۇ قوشۇنى ئوردىغا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنىڭ ئورنى ، كىرىش ئېغىزى ۋە يوشۇرۇن ئېتىلگەن بەلگىسىنى بىلمىگەن بولغاچقا، ئەسكەرلەر ئوردېنىڭ ئىچىدىن قالايمىقان ئۇ يەر – بۇيەرنى 1-2مېتىر كولاپ ، ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا تاپالماي جىن شۇرېننىڭ بۇ مەخپىي بۇيرۇقىنى ئورۇنداشقا ئامالسىز قالغان. ئۇلار نۇرغۇن ئامال-چارە قىلىپ، ۋاڭ ئوردىسنىڭ ئەھۋالىنى بىلىدىغان بىر ئادەمنى تېپىپ، ئۇنى ئالداش ۋە قورقۇتۇش ، تەھدىت سېلىش ۋە نۇرغۇن پۇل ۋە سوۋغا بېرىش ئارقىلىق خەزىنىگە كىرىش ئېغىزىنى ئېيتقۇزغان. بۇ خەزىنە ئوردىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى بەش مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى يەر ئاستىدا بولۇپ، خەزىنىنىڭ چىقىش ئېغىزى نەزەرنىڭ بىر ئېغىز ئۆيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى يەر ئاستىغا توغرىلىنىپ، يوشۇرۇن قاراڭغۇ يول بىلەن بۇ خەزىنىگە كىرگىلى بولىدىكەن. شيۇڭ فايۇنىڭ ئەسكەرلىرى خەزىنىگە كىرىپ، ئىككى قەۋەتلىك خەزىنىدىكى ئىنتايىن كۆپ زىقچە ئالتۇن، پارچە ئالتۇن، ئالتۇن يامبۇ ، تىللا، ئالتۇن زىبۇ- زىننەتلەرنى كۆرۈپ ھاڭ –تاڭ بولۇپ قېتىپلا قالغان. گۇاڭدۇڭدا قۇيۇلغان ، بىر دانىسى 12سەردىن زىقچە ئالتۇن، چوڭ بىر پارچىسىنىڭ ئېغىرلىقى 400سەر دەپ بەلگە قويۇلغان رۇسىيە ، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ كېسەك ئالتۇنى، بېيجىڭ ، ئىچكى موڭغۇل ۋە خېشى ئەتراپلىرىدا قۇيۇلغان ئالتۇن يامبۇ ۋە ئىران ، رۇسىيىدە ئىشلىگەن نۇرغۇن تىللا بار ئىكەن . يەنە ئالتاي ۋە قەشقەردىن چىققان ، سېرىق ۋە قىزغۇچ ئىككى خىل رەڭلىك قۇم ئالتۇن بىر رەخت خالتىغا سېلىنغانىكەن » . شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىگە كىرىپ، بۇ بايلىقلارنى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئوردېنىڭ غەرب تەرىپىدىكى كۈمۈش خەزىنىسى ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت خەزىنىسىنىمۇ تاپقان. كۈمۈش خەزىنىسىدە قەۋەت- قەۋەت ياغاچ جاھازىلارغا كۈمۈش يامبۇ ، نومۇر قويۇلۇپ تاختىلانغان (كېسەك شەكىلدە تاختىلانغان ) كۈمۈش يامبۇ، كۈمۈش تەڭگە، كومزەك قاتارلىقلار بار ئىكەن. ئۈنچە –مەرۋايىت خەزىنىسى تار كارىدور شەكىللىك يەر ئاستى ئۆيى بولۇپ، نۇرغۇن ساپال ئىدىش، كۆزا قاتارلىقلارغا ھەرخىل ئالماس، گۆھەر ۋە قاشتېشى بۇيۇملىرى قويۇلغانىكەن. ئۆلكە ئەسكەرلىرى خەزىنىدىكى بۇنداق كۆپ ئالتۇن، كۈمۈش ، ئۈنچە – مەرۋايىت قاتارلىق مال-دۇنيانى ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ، ئاچ كۆز جىن شۇرېن بۇ بايلىقلارنى ئۈرۈمچىگە يۆتكەشكە بۇيرۇق قىلغان ھەمدە يۆتكەپ كەلگەندە، مەخپىي بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇرغان. جىن شۇرېن ئۆزىگە ئىشەنچلىك بىر سودا كارۋان ئەترىتىگە گۇچۇڭ- بارىكۆل يولى ئارقىلىق ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئېچىنا- باۋتۇ شىمالىي چوڭ يولى بىلەن ئىچكى ئۆلكىلەرگە يۆتكەشنى تاپشۇرغان بولسىمۇ، بۇ تۆگە كارۋان ئەترىتى شىنجاڭ چېگرىسىدىن چىقمايلا، باندىتلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ھەممە نەرسە بۇلاپ كېتىلگەن ۋە ئىز –دېرىكى بولماي يوقالغان. كېيىنرەك بۇ سودا كارۋان ئەترىتىنى قارالاما دەنبىڭ باندىتلىرىنىڭ بۇلاپ كەتكەن خەۋىرى تارقالغان . قارالاما دەپ ئاتالغان كەسپىي بۇلاڭچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان دەنبىڭ دېگەن موڭغۇل باشچىلىقىدىكى بۇلاڭچىلار 1920-يىللاردا پەيدا بولغان. بۇلاڭچىلار مىڭشۈي ( شىنجاڭ بىلەن گەنسۇنىڭ شەرقىي شىمالىي چېگرىسىدىكى كىچىك ئۆتەڭ بولۇپ، جۇڭگو – موڭغۇلىيە  غەربىي جەنۇبىي چېگرىسىغىمۇ يېقىن كېلىدۇ ) ئەتراپىدا بۇ ئالتۇن-كۈمۈش كارۋان ئەترىتىنى بۇلاپ كەتكەن . ئىچكىرىگە ئېلىپ ماڭغان زادى قانچىلىك مىقداردىكى ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقى تارىخنىڭ بوران- چاپقۇنلۇق تۇمانلىرىدا يېشىلمىگەن بىر سىر بولۇپ قالغان. ۋاڭ ئوردىسى خەزىنىسىنى بۇلاشقا بۇيرۇق قىلغان شيۇڭ فايۇ تۈەنجاڭنىڭ ئاقىۋىتىگە كەلسەك ، ئۇزاق ئۆتمەي ؛(1933-يىلى 1-ئايدا ) ، جىن شۇرېننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قۇمۇلغا قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا كەلگەن ئۆلكە قوشۇنى بۇيرۇق بىلەن پىچان، تۇرپان، گۇچۇڭغا يۆتكەلدى. شيۇڭ فايۇ پىچاندا باستۇرۇش بىلەن بولۇۋاتقاندا ، تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرى تۇرپان شەھىرىنى ئازاد قىلىپلا، شيۇڭ فايۇنى تۇرپانغا كېلىشكە خۇيزۇ ھاكىم ئارقىلىق خەت ئەۋەتىپ ئالداپ كەلگەن، يولدا قوزغىلاڭچىلارنىڭ پىستىرما ھۇجۇمىدا شيۇڭ فايۇ ئېتىپ تاشلانغان. Vj \ ,:i=  
ئايرىم كىشىلەرنىڭ ماقالىلىرىدىكى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى ماجۇڭيىڭ ۋە يولۋاس بۇلىدى ، دېگەن گەپلەرنىڭ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك دەلىل – پاكىتى يوق . =H-2=L[e  
شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى شامەخسۇت ۋاڭ ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ ۋە ئوت قويۇپ ، خارابە قىلىپ قويغاندىن كېيىن ، شەھەر ئىچىدە قىسقا بىر مەزگىل ( 1931-يىلى قىشتا ) تۇرغان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگىمۇ ( يېزا بويىچە 10نەچچە ئائىلىلىك قېرى- چۈرى كېسەلمەن كىشىلەرلا تاغقا قاچماي قالغان ) قىسمەن ئەسكەرلەر بۇلاڭچىلىققا كىرىپ، نەرسە –كېرەك بۇلاپ چىققان . مەسىلەن: شەھەر ئىچىدىكى دېھقانلاردىن ئورداخي مەھەللىسىدىكى كىچىكبەگ دېگەن ئادەم ئايالى يېنىكلەپ قويغانلىقتىن تاغقا چىقماي قالغانىكەن. بىر ئەسكەر ئۆيگە باستۇرۇپ كىرىپ، مال – دۇنيايىڭنى چىقار ، دەپ زورلۇق قىلغاندا، كىچىكبەگ نارازىلىق بىلدۈرگەندە ئۇ ئەسكەر بۇ ئادەمنى ئېتىۋەتكەن. جەسەت بىر نەچچە كۈن ئۆيدە تۇرۇپ قالغاندىن كېيىن ، ئورداخىي مەسچىتىنىڭ كەينىدىكى بوش يەرگە دەپنە قىلىنغان . يەنە بىر نەچچە ئەسكەر تاغقا قاچماي قالغان جىگدە قۇدۇق مەھەللىسىدىكى نامرات جانارخان دېگەن موماينىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ ، بۇلاپ ئالىدىغان نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن، يېزىللاخۇن دېگەن ئوغلىنى داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ئۆيىگە باشلاپ بارىسەن، دەپ تەھدىت سالغان، باشلاپ بارسا، داتۇ ئىسمايىلباينىڭ ھويلىسىغا بۇلاڭچىلىققا كىرگەن ئەسكەرلەر توشۇپ كەتكەنىكەن. ( ۋىلايەتلىك سىياسىي مەكتەپنىڭ سابىق مۇدىرى مەرھۇم سالى سېلىمنىڭ يولدىشى مەرھۇمە ئاقايلانىڭ ئاغزاكى ئەسلىمىسىگە ئاساسەن ئوغلى ئابلىمىت سالى يازغان خاتىرىدىن ) . 4aNvD1u*  
شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى ۋاڭ ئوردىسىنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش خەزىنىسىنى بۇلاپ قۇرۇقداپ ۋە ئوت قويغاندىن باشقا، شامەخسۇت ۋاڭ ئائىلىسىگە – نەزەر ۋە ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىرنىڭ قولىغا ھەرخىل باھانە- سەۋەب ، ئامال قىلىپ ئاز بىر قىسىم ئالتۇن-كۈمۈش قالغانلىقى مەلۇم . نەزەرنىڭ ئوغلى بېشىر ۋە ئابدۇللا، نەزەرنىڭ سىڭلىسىنىڭ بالىلىرى ئۇۋەيس ھاجى ، ئىمىنھاجى قاتارلىق شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىلىرى شەھەر ئىچى يېزىسىدىكى باشقىلار بىلەن بىرگە باغداش تېغىغا قېچىپ چىققان. بېشىر دادىسى نەزەرنىڭ « قوزغىلاڭغا قاتناشماسلىق ، خوجىنىياز، ماجۇڭيىڭ قاتارلىق يۇرت بۇزغانلارغا ئەگەشمەسلىك » توغرىسىدا ئۈرۈمچىدىن يازغان نەسىھەت خېتىگە پىسەنت قىلماي، قوزغىلاڭنى ھىمايە قىلغان ۋە ماددىي ياردەم قىلىپ « 200سەر ئالتۇن بەرگەن » . شامەخسۇت ۋاڭنىڭ بالا- چاقىلىرىغا بىر ئاز ئالتۇن-كۈمۈش قالمىغان بولسا، شيۇڭ فايۇ ئەسكەرلىرى شامەخسۇت ۋاڭ خەزىنىسىنى بۇلاپ بولۇپ ،بىر نەچچە ئاي ئۆتمەيلا، شامەخسۇت ۋاڭنىڭ نەۋرىسى بېشىر دېھقانلار قوزغىلىڭى رەھبەرلىرىگە نەدىكى 200سەر ئالتۇن بېرەلىسۇن ، دەپ سوئال قويۇشقا توغرا كېلىدۇ . بېشىر قاتارلىقلار باغداش تېغىغا قېچىپ چىقىپ بىر نەچچە كۈن بولمايلا، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ۋاڭ ئوردىسى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بىرسى 3-4تىن كۈمۈش يامبۇ ئېلىپ چىقىپ، بېشىرگە تاپشۇرغانلىقى ھەققىدە مەرھۇم ئابدامەت دېھقان ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى ئەسلەپ مۇنداق دېگەن : « ۋاڭ ئوردىسى ياساۋۇللار ئەترىتىنىڭ ئەزالىرىدىن بىر ئادەم 3-4تىن كۈمۈش يامبۇنى بىز باغداشقا بېشىر بىلەن بىللە يېتىپ چىقىپ ، بىر نەچچە كۈن بولمايلا ئېلىپ چىقتى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا باغداشتىن ئاراتۈرۈكنىڭ ئاداققا ۋە ئاداقتىن نومغا يۆتكەلدۇق. ياساۋۇللار ئېلىپ چىققان كۈمۈش يامبۇلارنى تېرىگە يۆگەپ 39 دۈگىلەك قىلىپ، بىر دۈگىلەككە 20يامبۇ سېلىپ، بىر نەچچە تۆگىگە ئارتىپ نومغا كەلدۇق. بېشىر بۇ جەرياندا بىر تۆگىگە ئارتىلغان بىر دۈگىلەك كۈمۈش يامبۇ يوقاپ كەتكەندە ، ئىمىن بوشقىدىن گۇمان قىلىپ، بۇ ئادەمنى يولسىزلىق بىلەن قىيىن –قىستاق قىلدى. ئىمىن بوشقا قىيىن-قىستاققا چىدىماي، يالغاندىن مەن ئالدىم ، يۇلغۇن تۈۋىگە كۆمدۈم دەپ «ئىقرار » قىلىپ، پىيادە ماڭالماس بولۇپ قالسىمۇ ئۆمىلەپ، خالىي –چەت يەردىكى يۇلغۇن تۈۋىگە بارغاندا بوينىغا پىچاق سېلىپ ئۆلۈۋالماقچى بولدى. بوينىنى چالا كېسىۋالغاندا بېشىرنىڭ فۇگۈەنلىرىدىن غوجى ئابدۇل ليەنجاڭ پىچاقنى تارتىۋالدى. ئاندىن كېيىن سۇلايمان كۆنچى ۋە مەندىن گۇمان قىلىپ پالتىنى قىزىتىپ بەدىنىمىزگە ياقتى .... ئاخىر، بۇ يىتكەن بىر دۈگىلەك كۈمۈش يامبۇ تېپىلمىدى . بېشىر موڭغۇلىيىنىڭ مىنگان دېگەن يېرىدىمۇ ئۇزۇن تۇرالماي نومغا قايتىپ چىقتى. ئاندىن ئاداق، ئاراتۈرۈك، تۈركۆل، بۆلۆداۋان، تۆمۈرتى بىلەن قۇمۇلغا قايتىپ كەلدى. ئازادلىقتىن كېيىن ئىجارە كېمەيتىش- زومىگەرلەرنى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىدە بېشىرنىڭ ئۆيىدىن بىر خالتىدا سوم ئالتۇن ، غەرەك ئالتۇن، كېپەك ئالتۇن، تىللا ۋە شامەخسۇت ۋاڭنىڭ تۆتبۇرجەكلىك تامغىسى قاتارلىق نەرسىلەرنى تاپتۇق » (4) . ئىجارە كېمەيتىش – زومىگەرلەرنى كۈرەش قىلىش ھەرىكىتىدە مۇسادىرە قىلىنغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر دېھقانلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلمەي دۆلەت خەزىنىسىگە تاپشۇرۇلغانلىقى مەلۇم. بۇ مىقدارى ئانچە كۆپ بولمىغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن كېيىن، بېشىر ئۆزىنىڭ شامەخسۇت ۋاڭدىن مىراس قالغان 5000مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر قاتارلىق مال-مۈلۈكىدىن كىرىم قىلىپ توپلىغان بولۇشىمۇ ئېھتىمال. CCHXPFz[n  
كەنجى ۋاڭ شامەخسۇت خەزىنىسىدىكى بۇ بىر توننا ئالتۇن، 10توننا كۈمۈش ئاساس قىلىنغان زور مىقداردىكى بايلىقىنى شامەخسۇتمۇ، ئوغلى نەزەرمۇ ، نەۋرىسى بېشىرمۇ ئاساسەن چىقىم قىلىپ خەجلىيەلمىگەن. شامەخسۇت تەقۋادار مۇسۇلمان بولسىمۇ ، ئۆمرىدە ھەجگىمۇ بارمىغان ۋە چىڭ سۇلالىسى خانلىرىغا – بېيجىڭغا سەككىز قېتىم سالامغا بارغاندىن باشقا، چوڭ چىقىم قىلمىغان. لېكىن ، بۇ زور بايلىق جىن شۇرېن ئەسكەرلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالىڭى ۋە ئوغرىنى قاراقچى ئۇرغاندەك دەنبىڭ باندىتلىرىنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغان ماللىمانىدا ئىز –دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، دېگەن يەكۈننى چىقىرىمىز . w\V5lAj  
S}$W7N0  
پايدىلانمىلار : k1 YyRe&  
(1)ئەزىز نىيازى : «قۇمۇلدا ئۆتكەن كۈنلەر »، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇمۇل شەھەرلىك كومىتېتىنىڭ « قۇمۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى » نىڭ 6-سانى، 42-بەت . Ou{@W:$?w  
(2)فەن چېڭچۈ:« كەنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ۋاڭى شامەخسۇت » خەنزۇچە « تەقدىرداش»ژۇرنىلىنىڭ 1995-يىلى 2-سانىدىكى ماقالىسى. T$1cBxyw.  
(3)فەن چېڭچۈ : « نەچچە يۈز يىللىق قۇمۇل ۋاڭلىرى ھەققىدە ھېكايە »ناملىق كىتابنىڭ 149-بېتى. j<\e!/=g  
(4)« ئابدۇللا تۆمۈرنىڭ < مەرھۇم ئابدامەت دېھقاننىڭ بېشىر توغرىسىدىكى ئەسلىمە بايانلىرى > دىن خاتىرە » قوليازما .  z3 sP" )o  
  rfM.##~  
aUS ~M,m  
gWZv4~m&  
 
بۇ يازمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش ئەھۋالى :
  • پۇل :+10(ئاقگۈل914)
  • پۇل :+999(پاڭزا) رەھمەت !
  • salkin mtv
    چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-20 19:20 |
    duel
    كۆڭلۈڭنى يېرىم قىلما ...
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 35025
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: -32 كىشىلىك
    پۇل : 5114 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -26 نۇمۇر
    قوللاش: -25 نومۇر
    ئالقىش: -27 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 439(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-17
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    سىز بەك قىممەتلىك يازمىلارنى يوللايدىكەنسز ھە  ..
    سۈمەييە
    ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن ئامانەتلىرىنى ياخشى ساقلايلى ...
    چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 20:29 |
    erk uzun
    t5149
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 43705
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 278 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 70(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    يوللىغىنىڭىزغا رەخمەت 8^E@>=  
          
    نارسىدە
    چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-20 21:59 |
    ئىللىق
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2289
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 21
    شۆھرەت: 22 كىشىلىك
    پۇل : 4137 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 27 نۇمۇر
    قوللاش: 23 نومۇر
    ئالقىش: 27 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 405(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-04
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بۇگۈن بىر مۇنچىلا تىمىلارنى يوللاپسىز  .چىكىپسىز  .
    چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 00:13 |
    بولاق ئۇزۇن
    سودىگەر0902
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 46064
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 8 كىشىلىك
    پۇل : 225 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: -2 نۇمۇر
    قوللاش: -2 نومۇر
    ئالقىش: -2 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 16(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-14
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-10
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى تېمىلارنى  يوللاپسىز  .رەخمەت سىزگە ،     مەن قومۇللۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن .                            
    salkin mtv
    سودىگەر0902
    چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 00:19 |
    www.nixan.cn
    پاڭزا
    ئالىي ئەزا
    دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


    UID نۇمۇرى : 13466
    نادىر تېما : 3
    يازما سانى : 26
    شۆھرەت: 308 كىشىلىك
    پۇل : 69610 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 444 نۇمۇر
    قوللاش: 233 نومۇر
    ئالقىش: 289 كىشلىك
    دوستلۇق توپى: پال كۆز
    توردىكى ۋاقتى : 1296(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    9 خوجىنىڭ ئىسىملىكى: شادىبەك، مەمەتشىرىپبەك، يەھيابەك، مىلىكبەك، شامەخسۇت، يۇنۇس نوشىرۋان، يۈسۈپ جۈبەيرىبەك، تۆمۈرخان، تاھىر ھاجىبەك. p,zjcJP  
    تاھىر ھاجىبەگ باللىرى _ تېيىپبەگ، مەرەجبەگ ،قادىربەگ }} i8j3  
    تېيىبەگ _ قىزى : ئايتىللاخېنىم ، ئوغلى مۇھەممەت ئىمىن . p!Lxsw@O  
    ئايتىللاخېنىم ئوغلى ئابلىتىپ ئىمىن (كىچىك خان ) يېنە مېنىڭ دادام ! rp{ /LA/$l  
    ئىبىھراھىم شاھى بوۋامنىڭ قالدۇرغان جورۇڭقايىنىڭ ئەسلى نۇسخسىنى مەن كىچىك ۋاقتىمدا كۆرىگەنتىم ! 'TDYFn"z  
    رەھمەت سىزگە ! جىق ماتىرىياللارنى بىلىۋالدىم !
    salkin mtv
    چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-21 16:33 |
    www.nixan.cn
    ئانا-يۇرت
    دەرىجىسى : سەلكىنداش


    UID نۇمۇرى : 395
    نادىر تېما : 1
    يازما سانى : 295
    شۆھرەت: 274 كىشىلىك
    پۇل : 2030 سوم
    تۆھپە: 26 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 360 نۇمۇر
    قوللاش: 331 نومۇر
    ئالقىش: 107 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 865(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-13
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-13
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قومۇلدىن قەھرىمان جىق چىقىدىغان جاي،،،،،،
    salkin mtv
    يىغلايمۇ،كۈلەيمۇ
    چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 10:36 |
    www.nixan.cn
    جەۋاھىر
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 48850
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 103 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-24
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-24
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    قومۇلدىن قەھرىمان كۆپ چىقىشنىڭ سەۋەبى،خەلقىنىڭ ئادىمىلىككە ھەۋەس قىلغانلىقىدىن،بارلىق قەھرىمانلىق غۇرۇردىن سۇ ئىچىدۇ ئەمەسمۇ.
    salkin mtv
    ئەھەت ئىسمايىل
    چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-24 18:49 |
    رۇخسار212
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 49496
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 109 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 0(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-26
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-26
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن قومۇللۇق بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن .......
    salkin mtv
    چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 20:06 |
    سەرۋەڭ
    دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


    UID نۇمۇرى : 2766
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 19
    شۆھرەت: 48 كىشىلىك
    پۇل : 1193 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 139 نۇمۇر
    قوللاش: 85 نومۇر
    ئالقىش: 242 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 617(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەن ئۇدا 4 قېتىم ئىنكاس يازدىم ... تېما يوللىغۇچى باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن ئۆچۈرۈلدى ، قانداق ئىش بۇ ؟ سەلكىن ئەپەندىم ! Bq9jzn  
    %57ub5 @  
    تېمىنىڭ ئەسلى مەنبەسى قەيەر ؟  (`ZKTQh  
    بۇ يەردىن ئەسەر ئاپتورى مۇھەممەت يۈسۈپ بىلەن بولغان نەق مەيدان زىيارەتنى كۆرۈڭلەر ، http://bbs.bagdax.com/read.php?tid=5139 jvpKV p1x  
    A x(elL"2  
    مۇھەممەت يۈسۈپنىڭ باشقا ماقالىلىرىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ : http://bbs.bagdax.com/thread.php?fid=61 :C5]rTO  
    e`/_W .h  
    ھۆرمەتلىك دېرنەك باشقۇرغۇچى . ماۋۇ ئىنكاسىم يەنە ئۆچۈرۈلسە  قاملاشماس ھە !   قىززىق ئىشلار بولدىكىن دىسە بۇ جاھاندا
    salkin mtv
    چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-26 20:57 |
    abduwelly
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 49764
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 106 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 4(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-03-27
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-08
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مۇمكىن بولسا pdfشەكلىگە ئايلاندۇرۇلسا،چۇشۇرۇۋالساق،    ناھايىتى ياخشى .ئش بولغان بولاتتى.
    salkin mtv
    چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-27 21:46 |
    قۇربانجان..
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 32918
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 58 كىشىلىك
    پۇل : 322 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 12 نۇمۇر
    قوللاش: 8 نومۇر
    ئالقىش: 22 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 10(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-01-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    مەنمۇ ئاڭلىغان   ND]|k  
      بۇ تىمىا بەك ياخشى بوپتۇ
    salkin mtv
    جاپا تاق   بەخت جۈپ
    چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-31 18:56 |
    ئاقلىم
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 51079
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 0
    شۆھرەت: 10 كىشىلىك
    پۇل : 127 سوم
    تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    قوللاش: 0 نومۇر
    ئالقىش: 0 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 20(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-04-02
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-04
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    بەك ياخشى تېما يوللاپلا  رەھمەت ئوزلەگە
    salkin mtv
    چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-02 14:54 |
    ئاقگۈل914
    دەرىجىسى : يېڭى ئەزا


    UID نۇمۇرى : 31288
    نادىر تېما : 0
    يازما سانى : 5
    شۆھرەت: 37 كىشىلىك
    پۇل : 1566 سوم
    تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
    ياخشى باھا: 64 نۇمۇر
    قوللاش: 41 نومۇر
    ئالقىش: 124 كىشلىك
    توردىكى ۋاقتى : 87(سائەت)
    تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
    ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
    خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

     

    ھەربىر ئىنسان ئۆز تارىخىنى بىلىش كېرەك.
    salkin mtv
    ئىنسان سۆزنى تىلى بىلەن سۆزلەيدۇ،سۆزى ياخشى بولسا،يۈزى يورۇق بولىدۇ.
    چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-04-06 21:05 |
    كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
    سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇر شەخسلىرى