UID نۇمۇرى : 75
دەرىجە:
ئالىي ئەزا
تور دەرىجىسى :
نادىر تېما:
1
يازما سانى: 439
ئۇنۋان:
6 دەرىجە
شۆھرەت: 414 نۇمۇر
پۇل: 633 سوم
تۆھپە: 2 نۇمۇر
ياخشى باھا: 566 نۇمۇر
قوللاش: 504 نومۇر
ئالقىش: 306 كىشلىك
دوستلۇق توپى:
پەرىشتە
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-06-12
ئاخىرقى كىرگىنى :2007-10-10
ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺧﯩﻞ ﺩﻭﺳﯩﺖ
بۇ يازما چايان-شاھ تەرپىدىن نادىرلاندى(2007-09-14)
ﺋﯩﭻ ﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ:ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻳﯘﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ،ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﺎﺭﻻﺷﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ،ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺗﯜﺯﻩﺗﻤﻪﻳﺪﯗ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ،ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﻪﺧﺴﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ : ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ،ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺧﺸﯩﭽﺎﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻏﻪﺭﯨﺰﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
ﭘﺎﻳﺪﺍ-ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ: ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﺩﯗﺷﻘﺎﻗﺘﻪﻙ ﭼﺎﭘﻠﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﯞﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﺗﺴﻪ ،ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺪﯗ،ﭘﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻟﻼ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﺸﯩﺪﯗ.
ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭﻻﺭ : ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﻗﺎﺑﯩﻠﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻕ ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﯧﻘﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ،ﺋﯚﺳﻪﻙ ﺳﯚﺯ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ،ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜﻙ ﺋﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ.ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﯘﺯﯗﻟﯩﺪﯗ.
ﺗﯧﻠﻰ ﺷﯩﻜﻪﺭ،ﺩﯨﻠﻰ ﺯﻩﮬﻪﺭﻟﻪﺭ : ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭﻻﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﺩﻭﺳﺘﺎﻧﻪ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻼ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﺴﻪ ،ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ .
ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ : ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯩﺶ ،ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﮬﯧﭻ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ،ﻟﻪﯞﺯﯨﺪﻩ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﺗﯘﺗﯘﺭﯗﻗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ : ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭ ﺯﻭﻕ-ﺷﻮﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﻣﻪﻣﻪﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ-ﺑﺎﻏﺪﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ،ﺗﯘﺗﯘﺭﯗﻗﺴﯩﺰ ﮔﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ.ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﺯﺭﺍﻗﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﻳﯘﻗﻤﺎﻳﺪﯗ.
ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﭖ،ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺗﯘﻧﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ : ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﮬﻮﻗﻮﻗﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎﺭ ﭼﺎﻏﺪﺍ ،ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘﻟﯘﺷﯩﭽﻪ ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ،ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺩﻩﺭﮬﺎﻝ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛﭖ ،ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻙ ﺋﯩﺰﺩﻩﻳﺪﯗ.
ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ : ﺑﻪﺯﻯ ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻕ ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﯖﻨﯩﺴﯩﮕﯩﭽﻪ ﺳﻮﺭﺍﻳﺪﯗ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﺴﺎ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﮬﺎﺭﺩﯗﺭﯞﯦﺘﯩﺪﯗ.
ﻣﯩﺠﻪﺯﻯ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺋﯧﻐﯩﺮﻻﺭ : ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﯘﻏﯘﻟﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﺟﯩﻤﻐﯘﺭ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ.ﺳﯩﺰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ،ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻭﺳﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﻻﺷﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯜﺯﯛﻙ.
ﻣﻪﻧﺒﻪ: تەرمىلەر ژورنىلى(2007-ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 9-ﺳﺎن)
[ بۇ يازما مەرھابا505 تەرپىدىن 2007-09-14 21:21 دە ق ]
|
[url=http://www.91cool.net/][img]http://ip.91cool.net/sign/1.gif[/img][/url] مانا بۇ سىزنىڭ IP ئادرىسىڭىز.
| |
يېزىلغان ۋاقتى : 2007-09-14 16:51
|