سۈرەتلىك ناخشىلار يۈكلەن http://www.oymuluk.com كىچىك
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
ئابدۇرەھىم ئابلەتخان
دەرىجىسى : ئالاھىدە تەكلىپ


UID نۇمۇرى : 13670
نادىر تېما : 6
يازما سانى : 0
شۆھرەت: 336 كىشىلىك
پۇل : 9334 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 748 نۇمۇر
قوللاش: 141 نومۇر
ئالقىش: 383 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 138(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-11
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشغا ياردەملىشىشىدىكى ھەمرا

0
باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى :
بۇ يازمىنى ئاناقۇشئۇۋىسى نادىرلىدى .(2009-03-12)
ئۇيغۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشغا ياردەملىشىشىدىكى ھەمرا
-^0L4P,  
@_BBc^`T  
`CQ`Mw"  
[b]توردىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىنىڭ ئۇيغۇر دۇنياسىدا ئوموملىشىشىغا ئەگىشىپ بىزنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزدىن تەپەككۈر قۇرۇلمىمىزغا قەدەر زور ماددى ۋە مەنىۋى ئىمكانىيەت ئېلىپ كەلدى. UKHq1 
بىز باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن كۈنسېرى بىزار بولىۋاتقاندا نىمە ئۈچۈن توردىن ئىبارەت بۇ تەشۋىقات قورالىغا بۇنداق يۇقۇرى باھانى بېرىمىز ؟ I*3v8GA^  
1-. پۇقرالارنىڭ تور ئارقىلىق ھۆكۈمەت ئىشىنى نازارەت قىلىشى شۇنداقلا ئىجرا باسقۇچىدا ھەمكارلىشىشى . U)>1 
دۆلىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى قايسىلا تەرەپتىن ئېلىپ ئېيتمايلى ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ ئىجابى تەرىپىنى ئاساس قىلىپ ئۇنىڭ فۇنكىسيىلىك رولىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرىشىغا ئاساس يارىتىپ بېرىدۇ.بۇ ئەلۋەتتە توردەك ھەقسىز ئەمەس بەلكى ھۆكۈمەت مەبلىغى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدۇ. مەيلى تېلىۋىزور،رادىئو ياكى گېزىت-ژورنال بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئۇلاردا چوقۇمكى مەلۇم پارتىيىۋىلىككە ئىگە بولغان ئورۇن ياكى شەخسنىڭ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادى كاپالىتى ئاستىدىلامەۋجۇت بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەتكە تەۋە بولغان ئاپاراتلاردىن ئىبارەت. {H']SaR  
ئەمما توردا بۇ خىل مونوپول خاراكتىرلىك نازارەت يۇقۇرقىلاردەك سېستىما دەرىجىسىگە ئىگە بولمايدۇ.ئۇنىڭ خىزمەت خاراكتىرى نوقۇل بىر تەرەپلىمىلىكنى ئاساس قىلماي ھۆكۈمەت ۋە خەلىققە ئورتاق ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ ئەھمىيەت بېرىش قانداقتۇ مەلۇم ئورگاننىڭ تەستىقى بىلەن ئېلىپ بېرىلمايدۇ.ھۆكۈمەت خىراجەت سەرپ قىلماي ئەمىر پەرمانلىرىنى يەتكۈزەلىسە پۇقرامۇ قانۇنىي ھوقوقى بىلەن مەلۇم ئورۇننىڭ تەستىقىسىز بىۋاستە جەمىيەت بىلەن ئۇچىرشالايدۇ. دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىق ئۇنى خەلىققە تەۋە بولغان خەلىقچىل ئاپارات خۇسۇسىيىتىگە ئىگە قىلغان. QQb]7-77W  
ئەلۋەتتە ھەرقانداق بىر دۆلەتتە يۈرگۈزىلىۋاتقان قانۇن-سىياسەت شۇنداقلا بەزى ئىجرا تارماقلىرىدا خىزمەت داۋامىدا بايقىلىدىغان يېتەرسىزلىكلەر بولىدۇ. خەلق بىلەن ھۆكۈمەت ئوتتۇرىسىدا چۈشىنىش ۋە كېڭىشىش خىزمىتى بەزىدە ئۇزۇن مۇساپىدە ئورۇنلانسا يەنە بەزىدە ۋاقىتچانلىقى بەكمۇ قىسقا ،تېز سۈرئەتتە تەدبىر كۆرۈشنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇنداق ئۆزگۈرۈشچان تەشۋىقات مۇھىتىدا پەقەت تور ئۆزىنىڭ ئاممىباپلىقى،قولايلىقلىقى شۇنداقلا ھەقىقى خەلىقچىللىقى بىلەن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. بەزى تەرەپتىن ئېيتقاندا ئۇنىڭ خەلىقچىللىقى خەلق قۇرۇلتاي ئەزالىرىنىڭ رولى بىلەن بىردەكلىككە ئىگە . ئارتۇقچىلىقى بولسا ئۇلاردەك ۋاقىت چەكلىمىسىگە ئىگە ئەمەس. خەلق قۇرۇلتىيى مۇددەت بىلەن ئېچىلىپ تۇرىدۇ.ئەمما تور بولسا ھەركۈن ھەر سائەتتە ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەتنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرالايدۇ.   e\1K2/CB  
ئۇ ئاۋام بىلەن ھۆكۈمەتنى ئەڭ بىۋاستە ۋە قىسقا ئارىلىق بىلەن تۇتاشتۇرغىچى . باشقا نەشىر ۋاستىلىرى ياكى ئەرزىيەت ئىشخانىلىرى ئورۇنلاشقا تېگىشلىك بولغان خىزمىتىنى ،بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك قاتلاملارنىڭ كۆپلىكىدىن قاتماللىق بىلەن ئورۇنلاۋاتقان ئەھۋالدا تور ئۆزىنىڭ ئىخچام شۇنداقلا ئەركىن پائالىيەت سورۇنى بىلەن بۇ خىزمەتنى ئەڭ ياخشى ئورۇنلىيالايدۇ. d`YyxNL>  
ئەسلىدە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىكى بۇ جانلىق ۋاستىگە ئالاھىدە كۆز بىلەن قاراپ ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىش ھۆكۈمەتنىڭ شۇنداقلا ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى ئىدى. ئەمما بىزدىكى ئەنئەنىۋى تەپەككۈر قاتماللىقى. ئاسمانغا تۈكۈرۈشتىن ئامال بار ساقلىنىش دەيدىغان فېئوداللىق ئىدىيەنىڭ كاساپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى تارماقلار شۇنداقلا شەخىسلەر تەرىپىدىن بۇ يېڭى شەيئىنىڭ ئالاھىدىلىكى پاسسىپ مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ يەنىلا پارتىيە-ھۆكۈمەت تورنىڭ بىز ئېيتقاندەك مۇھىم ئورنىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرمەكتە. L0g"m Sp#  
مەيلى زوڭلىنىڭ توردا ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىش ياكى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ دوكلات بېرىشى بولسۇن ياكى تورداشلارنىڭ تور ۋاستىسى بىلەن نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە ئاكتىپ پىكىر قاتناشتۇرىشى بولسۇن ئۇنىڭ يەنىلا ئىجابى قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرمەكتە. s@4mc'H*  
2-. تور مەۋھۈم نەرسە بولسىمۇ بىراق بىز رىئاللىقتىكى ئادەم . Vo hzSTi  
ئەمەلىيەتتە تورمۇ باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئوخشاشلا بىزنىڭ رىئاللىقىمىزدىكى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلىدىغان رىئالنى نەرسە. ئۇنىڭدىكى مەۋھۇملۇق ئۇقۇمىنى كۈچەيتىۋەتكىنى بولسا دەل تور دۇنياسىنى مەۋھۇم ئىسىم بىلەن زىيارەت قىلىشتۇر. ئەسلىدىكى خوشنا مىللەتلەردە مەۋھۇم ئىسىم بىلەن تورغا كىرىش ئەنئەنىسى بىزدىمۇ مۇشۇ شەكىلدە داۋاملاشقان.ئەمەلىيەتتە توردا مەۋجۇت بولىدىغان دىمكىراتىيە ئەركىنلىكى، بىزنى ئىلگىرى ھېس قىلىپ باقمىغان پىكىر بوشلىقى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ تەمىنلەش تەبىئىلا بىزنىڭ ئىلگىركى ئاشكارا پىكىر قىلىپ كۆنمىگەن روھىيىتىمىزدە ئەنسىرەش تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەنسىرەش تورداشلارنى بالا-قازادىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بولغان، مەخپى نام قوللىنىشقا ئۈندەيدۇ. Z5&P{} &G  
بۇ خىل ناچار پىسخىكا تورنىڭ رىئاللىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئاساسلىق توسالغۇ.   بىز توردىكى مەۋھۇم ئوبرازىمىزنى ئاشكارىلىققا يۈزلەندۈرۈپ رىئاللىقتىكى مەۋجۇت ئادەم ۋە ئۇقۇمغا ئايلاندۇرساق بىزدىكى خەلىقچىللىق تەشۋىقاتى ئىلمى ۋە رىئالنى قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. ھازىر مەيلى دۆلەت سىرتى ياكى ئىچىدە بولسۇن بەزى زاتلار تور ئارقىلىق ،جەمىيەتكە رىئالنى بولغان پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنىڭ ئالدىن قەدىمىنى باستى. ئۇلار ئېنىق ئوبراز ۋە سالاھىيەت بىلەن تورغا مۇئامىلە قىلماقتا. مانا شۇندىلا تورنىڭ باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرى بىلەن بولغان پەرقى يوقۇلۇپ ئۇنىڭ ھەقىقى قىممىتى تېخىمۇ نامايەن بولىدۇ. ~ s_;|[ u  
مەۋھۇم ئوبرازنىڭ دىگىنى توغرا سۆز بولسىمۇ ئۇنىڭ قانۇنى ئاساسى بولمىغاندەك ئىجابى تەسىرىمۇ ئوخشاشلا چوڭ بولمايدۇ. {% =u2  
مۇنبەردىكى نۇرغۇن ئاپتورلار ئەمەلىيەتتە رىئاللىقىمىزدىكى ئاپتورلاردىن ئىقتىدار ۋە ئىجتىھاتتا كەم ئەمەس.شۇڭا مۇنبەر يۈزىدىكى قانداقلا ئەسەر بولسۇن كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەقىقى سالاھىيەت بىلەن ئېلان قىلساق. ئۇيغۇر تورلىرىنى ئۇيغۇرنىڭ رىئاللىقىدىكى مۇھىم قانۇنى ئاساس بىلەن تەمىنلىسەك. مەيلى چوڭ ھەجىمدىكى ماقالە ياكى قىسقا شېئىر ۋە ياكى ئاددى خەۋەر بولسۇن  ئۆزىنىڭ رىئاللىقتىكى ئېنىق ئاپتورى بىلەن بىزگە تېخىمۇ رىئالنى زوق ئاتا قىلىدۇ. g&w(T]+e  
بەلكىم نۇرغۇن ئاپتورلار باشقىلارنىڭ يامان غەرەزلىك ئىنكاسلىرىدىن قورقۇپ مەۋھۇم ئىسىمنى قوللىنىشى مۈمكىن.بىراق بۇ خىل پاسسىپ مۇداپىئە بىزنى ئۆزىمىزنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىمىزدىن ئايرىپ قويىدۇ.قانداقلا ئىنكاس بولسۇن ئىنكاس بولمىغاندىن ياخشى .باشقىلار ئىنكاسقا قاراپلا سىزنىڭ ئوبرازىڭىزغا ھۆكۈم قىلىۋەرمەيدۇ. ئەلۋەتتە ئىلمى بولغان ئىنكاس سىزگە ئويلىنىش پۇرسىتى ئاتا قىلسا ھاقارەت مەزمۇنىدىكى ئىنكاس ئىنكاسچىنىڭ قىممىتىنى باھالاپ بېرىدۇ. r<!Hv;  
قىسقىسى بىز كۆرۈشۈپ باقمىغان بولساقمۇ رىئاللىقتىكى پىكىرداشقا مۇشۇنداق ئېرىشىمىز. hX*Sl!M9  
3-. مۇنبەردە دىنىي تېمىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىش. eJ'C +N!9  
مۇنبەرلەرنىڭ دەسلەپكى تەرەقىياتى ئەلۋەتتە دىنىي ئەسەرلەرنى چەكلىمىسىز يوللاش ئىمكانىيىتى بىلەنمۇ ئەمەلگە ئاشقان. yBIa-lW  
ھازىرقى ئەھۋالدا بەزى مۇنبەرلىرىمىز دىنىي تېمىلارغا چەك قويۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى تەكلىپ قىلىۋاتىدۇ. LYk>m&x2a  
ئەمەلىيەتتە بۇ خالقارا ۋەزىيەتتىكى ئىسلام كاتىگورىيىسى بىلەن خىرىستىئان دىنىنى مەزمۇنىدىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ زىدىيەت كەچۈرمىشلىرى جەريانىدىكى ئىختىلاپى مەسىلىلەرنىڭ ئايىقى چىقماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلۋەتتە بۇ زىدىيەتلەرگە ھەركىمنىڭ ئوخشىمىغان كۆز قارىشى بولىدۇ.بىزگە بۇ ئوخشىمىغان قاراشلارنى يىغىشتۇرۇپ، ئوخشاش قاراشنى تېڭىش بەسى مۈشكۈل. Sm"$yh&v  
ھەممىمىزگە ئايانكى رايونىمىز دۇنيادىكى دىنىي ھاۋاسى قويۇق شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق دىنىي زىدىيەتلەر مەۋجۇت بولغان رايونلارنىڭ بىرى.بۇ خىل تارىخىي جەريان بۇ رايوندىكى كىشىلەردە دىنىي ئېتىقادقا نېسبەتەن رەت قىلغۇسىز مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرگەن.سىز مەيلى كوچىدا يىقىلپ قالغان بىر ھاراقكەشكىمۇ ئىسلام دىنى ياكى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام(سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم)توغرىلىق ھاقارەت مەزمۇنىدا گەپ قىلسىڭىز ئۇنىڭ مەسلىكى شۇ ھامان يېشىلىپ ياقىڭىزدىن ئالىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ تەقۋادار بولمىسىمۇ بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ يۈزىڭىزگە تۈكۈرۈشتىن يانمايدۇ. Y_?N={}  
تارىختىن بۇيان نۇرغۇنلىغان مىسسىئونېر ۋە ئىستىلاچىلارنىڭ نۇرغۇن كۈچ سەرپ قىلىشى بىلەنمۇ بۇ رايوننىڭ ئىسلامىي ئاڭغا ۋە مۇھىتقا ئىگە ھالىتى ئۆزگەرگەن ئەمەس. بۇ رايوندىكى قاششاق ھەم نامرات بولسىمۇ ساددا ۋە جاھىل ئېتىقاد ئۆزىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاسانلىقچە يوقىتىپ قويمايدۇ. a2a<;Fi  
ئومومى دۇنيا ۋەزىيىتىدە باشقا مەدەنىيەت تىپلىرى ئىسلام مەدەنىيەت تەسىرىنى يوقۇتىش پىلانىنىڭ ئەسلا مۈمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى. تارىختىكى كونىستانتىنپول يەنىلا ھازىرقى ئىستانبول .ئۇ ھەرگىزمۇ يەنە ئەسلىگە قايتىپ كونىستانتىنپول بولۇپ قالمايدۇ.ئۇنى ئۆزگەرتىش پۈتۈن تۈرك خەلقىنىڭمۇ قولىدىن كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇ سىمۋول بىر نەچچە ئادەمنىڭ ياكى مەلۇم رايون كىشىلىرىنىڭ قولىدىكى مۈلۈك ئەمەس. ^E4jb{I&1  
شۇ سەۋەپتىن ماددى دۇنيانىڭ ئاۋانگارتلىرى،ئاقىللىرى بۇ خىل ئەخمىقانە خىيالنىڭ ئورنىغا نۇرغۇن ئىمكانىيەتلەرنى قوينىدا ساقلاۋاتقان بۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە مەدەنىيەتكە قۇچاق ئېچىش ۋە ماسلىشىش يولىنى تاللىۋالدى. h|6MZE'.  
شۇنداق ئەھۋالدا بىزنىڭ مېڭىش يولىمىزنى ئۆزگەرتىش مۈمكىنمۇ ؟! uHD8d;&  
مۈمكىن ئەمەس .بۇ پەقەت سەپەردە ئازراق پۇتلىكاشاڭ بولۇشتىن باشقا ئومومى نىشانغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ. +O?6p$  
شۇڭا تۇرمۇشنىڭ ئەڭ كىچىك ھالقىلىرىدىن ئومومى ھەركەتلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەن ئېتىقاد قارىشىنى مەسخىرە قىلىش سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قىلىقىمىز ئەمەس. sz[D1;  
ھازىر مىللىتىمىز ئالدىنقى ئەسىرگە ئوخشاش بۇ ئەسىردىكى تەغدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق قەدەمنى بېسىۋاتىدۇ. دۆلەتنىڭ ئىچى ۋە سىرتىغا نىسبەتەن ئىمكانىيەتلىك پوزىتسىيىمىز ئەمەليەتتە دەل بىزنىڭ تەغدىرىمىز. شۇڭا ئومومىلىققا ۋە ئىتىپاقلىققا ئەشەددى رەقىپ بولۇشقا ئۇرۇنۇش پەقەت مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلىشىدۇ. &(%P&e_/[  
قىسقىسى مۇنبەرلىرىمىز بىزنىڭ ئاۋازىمىز ۋە پوزىتسىيىمىز. قانداقتۇ بىر ئىككى ئادەمنىڭ ئوي-خىيالى بىلەن ھەممىمىز بىراقلا ئىشتاننى سېلىۋېتىشكە ياكى ھەممىنى رەت قىلىشقا قوشۇلمايمىز.مۇنبەر قۇرغۇچىلارنىڭ ھوقوقى ھەرگىزمۇ مۇنبەر مەزمۇنى كونتۇرۇل قىلىش دەرىجىسىدە چوڭ ئەمەس. ئۇنىڭ مەزمۇنى خەلىقنىڭ مەزمۇنى. [~ 
ئىلمى تەرەقىيات كۆز قارىشى بىزنىڭ نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىگە تۇتىدىغان ئەڭ توغرا ئۇسۇلىمىز. ئەتراپتىكى رىئاللىق ئىچكى قىسىمدىكى مەدەنىيەت ھاۋاسى ۋە ئىنكاسى چوقۇمكى ماسلىشىشقا ۋە  ساقلاپ قېلىشقا مۇھتاج. مۇنبەر ئۈستىدە كۆرۈلدىغان زىدىيەتنى ئىلمى ۋە توغرا بولغان مۇنازىرە ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىشقا يېتەكلەشكە بولىدۇكى ، ھەرگىزمۇ بىراقلا چەكلەش پوزىتسىيىسى بىلەن ئومومى خەلىققە قارشى چىقىشقا بولمايدۇ. Zh|XP1!o  
4-. تور دۇنياسى ئۇيغۇر جەمىيىتىگە نىمىلەرنى بېرەلەيدۇ ؟ ]@b7OaxOJn  
يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ئىلگىرى ئېرىشىپ باقمىغان كەڭرى پىكىر بوشلۇقىنى بېرەلەيدۇ. #il%x0:  
تور ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى ئەنئەنىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرىنىڭ مونوپوللىقىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ. ئۇ ئىلگىركى مونوپوللۇقتىن ھالقىپ جەمىيىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت-سەنئەت ۋە سىياسەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلىرىنى ۋاستىلىق ھالدا تەشۋىق قىلسا ئۇيغۇرنىڭ پىكىر-تەلەپلىرىنى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك يۇقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئەركىن پائالىيەت سورۇنى بىزنى دۆلەتنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش ۋە تەكلىپ بېرىش شۇنداقلا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ھوقوقلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. ) >qL03  
ئەمەلىيەتتە بۇ دەل تور باشقۇرۇش قانۇنىدىكى، تورداشلارغا بېرىلگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىنى نازارەت قىلىش ھوقوقى. 0;OFPJ  
بىز ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئارقىلىق مەيلى دۆلەت ئىچى-سىرتىدا بولسۇن نۇرغۇن يۈز كۆرۈشمىگەن پىكىرداش،تەغدىرداش دوستلارغا ئېرىشتۇق. ئەتراپىمىزدىكى كۈندە كۆرۈشۈپ تۇرساقمۇ كۆڭۈل سۇ ئىچكىدەك بىر جۈملە سۆز ئاڭلىيالمايدىغان دوستلىرىمىزغا قارىغاندا نۇرغۇن مۇنبەرداشلىرىمىزدىن ئالەمچە تەسەللى ۋە يېڭىلىقلارغا مۇيەسسەر بولدۇق.بۇ جەرياندا ئۇلار بىلەن بولغان پىكىر ئورتاقلىقى بىزنى تەغدىرداشلىق ئىچىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى. `2E^ %XfW  
مەيلى يىراق چەت مەملىكەتلەردىكى ياكى ۋەتىنىمىزنىڭ نۇرغۇن شەھەر يېزىلىرىدىكى تورداشلىرىمىز بولسۇن ئەمەلىيەتتە بىزگە دەل تورنىڭ ئىمكانىيىتى ئاتا قىلغان سوۋغىتىدۇر. ko8gQ1  
دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنچىلىق ۋە ئىنسانىي ھوقوق قۇرۇلىشىنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەقىياتى ئەلۋەتتە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ۋە مۇنبەرلىرىمىزنىڭ ماس قەدەمدە ماسلىشىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. قانداقتۇ يەككە قۇتۇپلۇق خىزمەت ئۇسۇلى بۇ پىلاننىڭ يولغا قويۇلىشىدا ئۈنۈملۈك رول ئوينىيالمايدۇ. ھۆكۈمەت ۋە خەلىقنىڭ ماسلىشىشى ئارقىسىدىلا دۆلەتنىڭ مۇددەتلىك يولغا قويغان يۇقۇرقى پىلانلىرى ئۈنۈملۈك رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. v2m6%0P  
شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى مەيلى بۇ خىزمەتنى ئۈستىگە ئالسۇن ياكى ئالمىسۇن دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانى يەنىلا ئىزىدا توختاپ قالمايدۇ. شۇڭا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئىككىلا تەرەپ چوقۇمكى دۆلەتكە ۋە پۇخرىغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيىسى بىلەن بۇ ئۇلۇغ قۇرۇلۇشتا دادىللىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. ~`17g<O  
5-. مۇنبەردە زىيارەت قىلىنغۇچى چوقۇم مەشھۇر ئادەم بولىشى كېرەكمۇ ؟ qK+^!P9^X  
مۇنبەرلەردە يازغۇچى-شائىرلار ، سەنئەتكار مۇقامچىلارنى نۇقتىلىق تۇتۇپ تەشۋىقات ئورۇنلاشتۇرۇش بىزنىڭ ئەنئەنىۋى تەپەككۈرىمىزدىن ھالقىپ كېتەلمەيۋاتقان تەشۋىقات پائالىيىتى. qIS~.qkz  
ئۇ ئەزەلدىنلا بىر خىل مۇقامغا چۈشۈپ قالغاچقا بىز ئۇلاردىن ئالىدىغان مەنىۋى زوق ۋە ئۈنۈم يەنىلا چەكلىك. nub'udk  
ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن زور قىممەتكە ئىگە مەشھۇرلىرىمىزدىن باشقىمۇ يەنە نۇرغۇنلىغان بىباھا قىممەتتىكى ئادەملىرىمىز جەمىيىتىمىزدە نۇرغۇن ساندا مەۋجۇت. مەيلى ئىشى ئىلگىرى كەلمەيۋاتقان تىجارەتچى ، ئۆمۈر بويى تېرىقچىلىق قىلغان دېھقان ۋە ياكى ئىش ئورنى تاپالماي يۈرگەن ئوقۇغۇچى ۋە ياكى نامەلۇم سەۋەپلەر بىلەن سىرتتا يۈرگەن مۇساپىر بولسۇن بۇلار ھەر بىر ئۇيغۇرغا ھەقىقى ۋەكىللىك قىلالايدىغان شەخىسلەردۇر. نىمە ئۈچۈن بىز ئومومى خەللىققە تېخىمۇ يېقىن بولغان بۇ توپنى نەزەردىن چەتتە قالدۇرىمىز ؟ $YEdvl  
ئۈلگە كۆرسۈتۈش ياخشى ئىش ئەمما تېخىمۇ كەڭرى مەنادىكى تەغدىرداشلارغا ۋەكىل بولىدىغان ئادەمنى تەشۋىق قىلىش جەمىيىتىمىزدىكى زور سالماققا ئىگە ئادەملەر توپىغا مەلۇم تەرەپتىن بولسىمۇ جاۋاپ ئىزدەش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. ?0i=x+  
بىز ئادەتلەنگەن "كېكەچ بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن" دىگەن تەمسىلدەك يالغۇز تاغنىڭ ئىگىزلىكىگە مەپتۇن بولۇپ ئەتراپتىكى سانسىزلىغان چوققىلارنى ئۇنتۇپ قالىمىز.تاغ ئەلۋەتتە ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ. چوققىلار تاغ بولالمىغان بىلەن ئۇلار تاغدىنمۇ كەڭرى زىمىننى ئىگەللەيدۇ ۋە تاغنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ قوغدايدۇ.  ناۋادا بىز ئەشۇ نەزەرگە ئېلىنمايۋاتقان مەلۇم توپنىڭ ئەزاسى توغرىلىق ياخشىراق بىر زىيارەت خاتىرىسى ئورۇنلاشتۇرساق بەلكىم ئىلگىركى مەشھۇرلار توغرىسىدىكى زىيارەتتىمۇ جىق ئۈنۈمگە شۇنداقلا كۆرۈرمەنلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارغا تەغدىرداش مىليونلىغان ھەمسەپەرلىرى ئەتراپىمىزدا ياشاۋاتىدۇ. DRG<)t]  
شۇڭا ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئىلگىركى تەشۋىقات ۋاستىلىرى قوللانغاندەك خىزمەت ئۇسۇلىنى داۋاملاشتۇرماسلىقى كېرەك. ئۇيغۇرنىڭ ھەقىقى ۋەكىللىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى مۇۋاپىقىيەت قازانغان ئەمەس. ئۇلار يەنىلا نامراتلىق ياكى خىزمىتى ئىلگىرى كەلمەسلىك ۋە باشقا تۇرمۇش بېسىملىرى ئىچىدە ئۈن-تىنسىزلىق بىلەن ئاددى ياشاۋاتىدۇ. (b 5[Ha  
قىسقىسى بىز چولپانلارغا پەقەت كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىدا قارايمىز ئەمما ئۆزىمىزنىڭ رىئاللىقتىكى ۋەكىللىرىمىزگە بولسا تەغدىرداشلىق تۇيغۇسى بىلەن مۇھەببەتلىك نەزەر سالىمىز. +^pqD!xi  
6-. ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ساھەلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىق ئاستىدا ئېچىۋېتىشى. ()/"(Hz6S  
بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك قانۇنچىلىق ، يېزا-ئىگىلىك ، ئىقتىساد ۋە باشقا ساھەلەر بىلەن ھەمكارلىق خىزمىتىنى ئىشلەش باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭمۇ بۇرچىدۇر.سەنئەتكار يازغۇچىلىرىمىز بىزنىڭ ھەقىقەتەن يەنە بىر بايلىقىمىز. ئۇيغۇر جەمىيىتى نۇرغۇن سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇشۇنداق بايلىقلارنى ئەتراپلىق ،دېمكىراتىك ئۇسۇلدا قېزىپ چىقىشنى نۇقتىلىق ھەركەتكە ئايلاندۇرالمىدى. [2=hmmo  
مەسىلەن قانۇنچىلىق ساھەسىدە ئۇيغۇر تورلىرى چوقۇمكى مەلۇم قانۇنىي ئاپارات ياكى ئورۇن بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشى زۆرۆر . | $tg5  
بۇ ئۆزىنىڭ قانۇنىي ھوقوقىنى قوغداش جەھەتتىلا ئەمەس قانۇني بۇرچىنىمۇ ئادا قىلىش جەھەتتىمۇ پايدىلىق ھەركەتتۇر. جەمىيىتىمىزدە شەخىسنىڭمۇ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى سەپلىنىۋاتقان ئەھۋالدا ئۇيغۇر تورلىرىنىڭ بۇنىڭغا پاسسىپ مۇئامىلە قىلىپ زىيان تارتىشىغا بولمايدۇ. سىزگە كەلگەن مەلۇم تېلىفۇن ياكى مەلۇم شەخىسنىڭ بۇيرىقىنى سىز ئەمەس بەلكى سىز تەكلىپ قىلغان قانۇنىي ئورۇن قوبۇل قىلىدۇ. ۋە قانۇن دائىرىسىدە مۇناسىپ تەدبىر كۆرىدۇ. شۇنداقلا سىزنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق بولغان ئەسەر ياكى فىلىمنى يوللاپ قېلىشىڭىزنىڭمۇ ئالدىنى ئېلىشقا ياردەملىشىدۇ. vF8QSVIT  
بۇ خىل نازارەتنى قانداقتۇ ھۆكۈمەتكە تەۋە ئورگان ئەمەس بەلكى مۇستەقىل قانۇنىي ئاپاراتلار ياكى شەخىسلەر ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.شۇندىلا تورنىڭ خەلىقچىللىق خاراكتىرىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. ^k_1lyS m#  
مۇنبەر يۈزىدە مەيلى قانۇنىي بىلىملەر توغرىلىق مەسلىھەت سوراش ياكى يېڭى يولغا قويۇلغان قانۇنلارنى ئېلان قىلىش جەھەتلەردە بولسۇن نۇرغۇن ئىجابى بولغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. مۇنبەر بىر تەرەپتىن ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاستىدا رەڭدارلاشسا، ئۇلار مۇنبەر يۈزى ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ تەشۋىقات پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.مانا بۇ خىل ئورتاق باشقۇرۇش ئۇسۇلى ئىككىلا تەرەپنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. xy)JXtp,D  
^ f t8n~  
يەنە يېزا-ئىگىلىكىنى مىسالغا ئالساقمۇ ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسىسلەر ۋە تۆۋەندىكى شۇغۇللانغۇچىلار ئاساسى مەنپەئەتلەنگۈچى بولىدۇ. بۇ توغرىسىدا مەيلى تېرىقچىلىق-باقمىچىلىق بىلىملىرى ياكى يېزا-ئىگىلىكىدە كەلگۈسىدە كۆرۈلدىغان قۇرغاقچىلىق ياكى ھۆلچىلىك  ،ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەلگۈسى بازاردىكى باھاسى ، باشقا دىخانچىلىق ئەشيالىرىنىڭ باھا يۈزلىنىشى ۋاھاكازالار، قاتارلىق ئۇنۋېرسال بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇنازىرە ئۇيۇشتۇرۇش ئاساسى توپىنى دىخانلار ئىگەللەيدىغان بۇ مىللەت مۇنبەرلىرىنىڭ خىزمىتى.بۇ خىزمەت باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىدەك "قۇرغاقچىلىقتىمۇ مول-ھوسول ئالدى،خەلقارا بازارنىڭ كاساپىتىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتتى "دىگەندەك پەقەت ئاغرىق پەسەيتىش ئوكولىلا ئۇرىدىغان تەدبىرسىز دوختۇرنىڭ خىزمىتى بولۇپ قالسا بولمايدۇ.ئۇنىڭغا مۇنبەرنىڭ خاراكتىرىمۇ يول قويمايدۇ. o@hv-VJ  
شۇڭا بۇ ساھەدىكى نوپۇزلۇقلارنى ۋە تەسىرگە ئۇچرىغۇچى دىخانلارنى تەكلىپ ۋە رىغبەت بىلەن مۇنبەر يۈزىگە تەكلىپ قىلىش ۋە باشقۇرۇشقا ھەمكارلاشتۇرۇش تور بەتلىرىمىزنىڭ تەشۋىقات ئۈنىمىنى ئاشۇرۇشتىكى يەنە بىر كۆزۇرى. -MwQZGn  
قىسقىسى بىزنىڭ جانىجان مەنپەئەتىمىزگە ھازىرچە ئۇيغۇر مۇنبەرلىرى ئەڭ يېقىن ئورۇندا تۇرۇپ دىئاگىنوز قويالايدۇ دەپ ئويلايمەن. ئۇلار باشقا تەشۋىقات ۋاستىلىرىگە قارىغاندا تېخى گودەك يېشىدا بولسىمۇ ئەمما بىز كۈتىدىغان ئۈمۈت ھەممىسىدىن چوڭ. JlAbfL}  
مۇنبەرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى يېقىنقى ئىككى يىللىق تەرەقىياتى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. %g8`{nJ&b  
تورنىڭ يېقىن كەلگۈسى بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزنىڭ تېخىمۇ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. (VrpsuMM  
ئاخىرىدا ئۇيغۇر جەمىيىتى ئۈچۈن ھەقسىز تۆھپە قوشۇۋاتقان بارلىق تورداشلارغا سەمىمى ئېھتىرام بىلدۈرۈپ
. /m`E7"1  
l.{$b)Fz%  
قومۇل شەھەر شەھەر ئىچى يېزا جىگدە قۇدۇق كەنت. 0 Sn,W  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخان. @je.X_  
Abdurehim ablathan #(@n_(Dy,  
2009-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى.
$^R!o(_u,  
?t7Bw  
ئابدۇرېھىم ئابلەتخاننىڭ بىلوگى. aNXRt94e  
http://ablathan.blogbus.com
[ بۇ يازمائابدۇرەھىم ئابلەتخانتەرپىدىن2009-04-09 15: ]
تېما تەستىقلىغۇچى : مۇنقەرىز
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2009-03-12, 07:05
salkin mtv
جوڭگونىڭ ئىنسانىي ھوقوق ھەركەت پىلانى يولغا قويۇلدى !
بۇ مېنىڭ ، سىزنىڭ شۇنداقلا ھەممىمىزنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج .
بۇ بىزدىن ئاشكارىلىقنى ۋە سەمىمىلىكنى تەلەپ قىلىدۇ.
شۇڭا ئىدىيىدىكى ئەنئەنىۋى قاتماللىقنى بۇزۇپ تاشلاپ يېڭى پىكىر ۋە يېڭى  روھ بىلەن ھەمكارلىشايلى.
چوققا [باش يازما] ۋاقتى : 2009-03-12 14:46 |
شەرىقلىق
كۆكخان
ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : ئوت يۈرەك


UID نۇمۇرى : 7865
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 3455 كىشىلىك
پۇل : 1876 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1745 نۇمۇر
قوللاش: 1431 نومۇر
ئالقىش: 2989 كىشلىك
دوستلۇق توپى: ئىسيانكار
توردىكى ۋاقتى : 3565(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-12-18
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىسى بەك ئېسىل ئەپەندىمدە بۇ .
سۈمەييە
ئۆتمۇشى غۇۋا مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ غۇۋا بولىدۇ
قۇمۇللۇق سەلكىنداشلار مەرھەمەت . 83205861   . ھەممىمىز قېرىنداش
چوققا [1 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:23 |
erk uzun
ئالىپتىكىن
كۆكيال
ئۆمۈرلۈك شەرەپ ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 3545
نادىر تېما : 4
يازما سانى : 342
شۆھرەت: 3107 كىشىلىك
پۇل : 2147482568 سوم
تۆھپە: 1180 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 3632 نۇمۇر
قوللاش: 3459 نومۇر
ئالقىش: 4130 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 865(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئابدۇرەھىم  ئەپەندىنىڭ  تىمىلىرى  بىزگە روھىي  ئۇزۇق  بولۇپ كىلىۋاتىدۇ ...ئۇنىڭغا سائادەتلەر  يار  بولسۇن .
نارسىدە
بىز  ئاتالدۇق بەزمىدە يىگىت
ئاھ جان ئاتىلار جەڭلەردە شىھىد
80خالتا ئۇيغۇر تېبابەت تورى
http://www.80halta.com
چوققا [2 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 15:24 |
پارتىيە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 8265
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 0
شۆھرەت: 1354 كىشىلىك
پۇل : 1002200 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1183 نۇمۇر
قوللاش: 944 نومۇر
ئالقىش: 1289 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 619(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-01-03
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-29
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ساقلىۋىلىپ ئالدىرماي ئۇقاي
چوققا [3 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 16:37 |
بولاق ئۇزۇن
ئاناقۇشئۇۋىسى
نەتىجە ئىتىبارى بىلەن گۈزەل..
ئالاھىدە ئىلگىرلەش ئالىي ئەزا ئۆمۈرلۈك شەرەپ
دەرىجىسى : باشقۇرغۇچى


UID نۇمۇرى : 10208
نادىر تېما : 12
يازما سانى : 9
شۆھرەت: 645 كىشىلىك
پۇل : 357774 سوم
تۆھپە: 3182 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2932 نۇمۇر
قوللاش: 2289 نومۇر
ئالقىش: 4766 كىشلىك
دوستلۇق توپى: مۇسۇلمان
توردىكى ۋاقتى : 1700(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-02-28
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-02-28
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە ئېلىپ كىلىدىغان ئىجابىي ئۈنۈمى ۋە ئاكتىپ پايدىلىنىش قىممىتى ھەم تورچىلىقتىكى ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك بەزى بىر تەرەپلەر ھەققىدە ئەستايىدىل توختالغان تىمىكەن ،ئەمىلىي  پايدىلىنىش قىممىتى بولغان مۇشۇ خىلدىكى مەنپەئەتلىك تەكلىپلەردىن ھەقىقىي پايدىلىنىپ قالساق بولاتتى؟؟!.....
[ بۇ يازمائاناقۇشئۇۋىسىتەرپىدىن2009-03-13 04:51دە قا ]
salkin mtv
ئويلايدىغىنىم -------ھەر-بىر نەپەس ئۈچۈن سوراق بىرىمىز!
....................................
:"مېھىر-شەپقەتنى غەپلەت بۆشۈكىگە ئەمەس،ئېتىقاد،ئىلىم ئىستىراتىگىيىسىگە ئايلاندۇرالايدىغان" ئانىلارلا   "ئانا"ئاتىلىشقا مۇناسىپ ئانىلاردۇر.
چوققا [4 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 19:30 |
www.nixan.cn
كۆك-ئەتىرگۈل
Action is better then words
سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى (قىز) ئالىي ئەزا
دەرىجىسى : ئالىي ئەزا


UID نۇمۇرى : 11587
نادىر تېما : 3
يازما سانى : 4
شۆھرەت: 3461 كىشىلىك
پۇل : 335 سوم
تۆھپە: 156 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 2113 نۇمۇر
قوللاش: 1741 نومۇر
ئالقىش: 2394 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 1287(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-03-26
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى ئۇيغۇر روھىغا قانداق بىر ئۆزگەرتىش ئىلىپ كىلەلەيدىغانلىقى -بۇ چوڭ مەسىلە. U4TO"=  
ھالبۇكى، قۇدۇقنىڭ ئىچىدىكى پاقىدەك ياشاۋاتقان بىر خەلققە تور ئارقىلىق دۇنيانى، ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىئەتنى چۈشىنىش ھەم پاجىئەنى كۆرسىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلىش شەرت بولغان تورنىڭ تۈرلۈك چەكلىملەرگە ئۇچىرىشى ،دېيىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى دىيەلمەسلىك ..ئاقىۋەتتە،ئادەمنى « ئۇيغۇر تورچىلىقى بىلەن ھەپىلەشكەنلىك -ۋاقىت ئىسراپچىلىقى » دىگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.. 5rI~1M#  
توردىمۇ رىئاللىقتىكى ئۆزى قىياپىتىدە پىكىر قىلىش دىگەن پىكىرىڭىزنى ئويلىنىپ قالدىم... *KH7}a  
ئاخىرىدا شۇنى دىمەكچىمەن: FFNe6"  
ئابدۇرېھىمكا، سىزنىڭ ھەر بىر چوڭقۇر تەپەككۇرغا  تويۇنغان  تىمىلىرىڭىزنى كۆرسەم، « بەلكىم، تورچىلىقمۇ ئۇنچىلىك ۋاقىت ئىسراپچىلىقى بولمىسا كىرەك ..» دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.. Z~XbR32K  
تىمىڭىزغا تەشەككۇرلەر بولسۇن!
salkin mtv
ۋاقىت ئسىراپچىلىقى!
چوققا [5 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 20:23 |
www.nixan.cn
ئـۇيغۇر
ئۈمىدۋار بولۇش يېرىم ئۇتۇق
ئالىي ئەزا يازما يوللاش ئۇستىسى ئالاھىدە تۆھپە
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 2416
نادىر تېما : 2
يازما سانى : 471
شۆھرەت: 754 كىشىلىك
پۇل : 769 سوم
تۆھپە: 99 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 350 نۇمۇر
قوللاش: 159 نومۇر
ئالقىش: 1422 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 60(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-03-25
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

تېمىنى ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقۇي
salkin mtv
ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍپلىقى ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ، ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ مېھرﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ،  ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﮭﺮﯨﺒﺎﻥ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدسىزﻟﯩﻘﻰ ، ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﯩﻚ ، ﺟﺎﭘﺎ-ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺕ ، ﻛﯜﭼﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺳﻪﯞﻩﭖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ  .  .  .    ~~~ !!!
____ ئابدۇشۈكۈر موھەممەدئىمىن
__________________
سـۇلـتـان بـولـۇپ خـان ئـۆتـكـەن ،  ئـۇيـغـۇرۇمـسـەن جـاھـانـدا .   ئـالـەم شـاھـىـت بـولـغـانـتى ،  ســەن تـارىـخـنى يـازغـانـدا ،   . . . . .
چوققا [6 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 22:29 |
www.nixan.cn
hakanboy
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 14111
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 0
شۆھرەت: 1 كىشىلىك
پۇل : 444 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
قوللاش: 3 نومۇر
ئالقىش: 10 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 772(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-05-24
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەنمۇ ساقلىۋېلىپ كىيىن ئوقۇي .
salkin mtv
ياغلاقار قاغان تاڭغۇتلارغا بۇيسۇنغۇسى ۋە ئۇلارنىڭ قولىغا تىرىك چۈشكىسى كەلمەي ، ئۆزىنىڭ پايتەخت شەھرىنىڭ مەركىزىدە خالايىق ئالدىدا ئۆزىگە ئوت يىقىپ ئۆلىۋالدى.....
چوققا [7 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 22:35 |
بابىر
ئىتتىپاقلىشايلى ئەي ئۇيغۇرۇم
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 39934
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 6
شۆھرەت: 6 كىشىلىك
پۇل : 1736 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -4 نۇمۇر
قوللاش: -4 نومۇر
ئالقىش: -4 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 446(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-13
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مەن ساقلىۋالاي دىگەن  لىكىن ساقلىيالمىدىم  قانداق قىلسام  ساقلىغىلى بۇلىدۇ دەپ بەر سەڭلار  تورداشلار  
salkin mtv
چوققا [8 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 23:03 |
زىناق..
http://video.google.com/videos
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 38661
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 0
شۆھرەت: -68 كىشىلىك
پۇل : 78464 سوم
تۆھپە: 14 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: -30 نۇمۇر
قوللاش: -12 نومۇر
ئالقىش: -33 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 553(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-06
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-08
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

مىنىڭچە بارلىق مۇنبەر باشلىقلىرى بۇتىمىنى ياخشى ئوقۇپ باقسا .
salkin mtv
كۆكلەي دىسەڭ ئۇيغۇرۇم ،سۇ بۇلايمۇ يىلتىزمۇ..

http://video.google.com/videosearch?q=alif++ba++ta&hl=zh-CN&emb=0#

تىمىلىرىم مانا:./search.php?authorid-38661.html
چوققا [9 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 23:11 |
dilhux003
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 31262
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 100 كىشىلىك
پۇل : 10552250 سوم
تۆھپە: 5 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 99 نۇمۇر
قوللاش: 99 نومۇر
ئالقىش: 128 كىشلىك
دوستلۇق توپى: *ئۇيغۇرشاھ*
توردىكى ۋاقتى : 140(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-21
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئار قىسىنى كىيىن كىرىپ ئوقۇي .
salkin mtv
بىلوگىمنى سەيلەقىلىڭ :http://dilhux003.salkin.cn

دىلخۇش ئويغاق ئېچىىۋەتكەن كۆزىنى ،
ئۇ تاپىدۇ چوقۇم يولنىڭ تۈزىنى .
دىلخۇش غالىپ تونىتىدۇ ئۆزىنى ،
دىلخۇش قەيسەر كۆتىردۇ يۈزىنى .

               <دىلخۇش>


                              دىلخۇش
چوققا [10 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-12 23:56 |
كۆنچىلىك
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 40701
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 3
شۆھرەت: 10 كىشىلىك
پۇل : 213 سوم
تۆھپە: 10 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
قوللاش: 0 نومۇر
ئالقىش: 0 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 100(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2009-02-17
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-16
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ھەقىقەتەن  چوڭقۇر  پىكىرلەكەنبۇ ،مەن بۇئەپەندىمگە  ۋە  ئەجرىگە ئاپرىن ئېيتىمەن ، توردا  ساپاسىز ،پۇچەك  مەزمۇنلار  ئازئەمەس  ،يەنە بەزى بىكارچىلىقتا  ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش  ئۈچۈن قالايمىقان  ھېچقانداق  ئىلمىيلىكى  بولمىغان گۆدەكلەرچەچاخچاقلارمۇ بار ئدى،ئۆزەم  ئىنكاس  يازاي دىسەم بىلەلمەي ئىچىم  سىقىلاتتى.پەقەت ئويۇن  ئويناش ئۈچۈنلا تورغا چىقاتتىم راست گەپنى قىلغاندا،يېقىندا  ئۈگىنىۋاتىمەن،ھەمدە  ناھايىتى مول مەنىۋى ئوزۇقلارغا  ئېرىشىۋاتىمەن.ئاپرىن! مانا  مۇشۇنداق  مىللەتنىڭ مەنىۋىيىتىگە  پايدىلىق  يازمىلارنىڭ  كۆپرەك  بولۇشىنى ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن  ئۈمۈت  قىلىمىز .
salkin mtv
چوققا [11 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 00:23 |
مەھكۇم
دەرىجىسى : قىزىققۇچى


UID نۇمۇرى : 29140
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 0
شۆھرەت: 37 كىشىلىك
پۇل : 341 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 37 نۇمۇر
قوللاش: 37 نومۇر
ئالقىش: 37 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 210(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2008-12-05
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

ئاللا  رەھمەت  قىلسۇن! ھەقىقەتەن  زور  مەسئۇلىيەتچانلىق  بىلەن  يېزىلغان  تېمىكەن.ھەرقايسى  تور   بېكەتلىرىدىكى  باشقۇرغۇچىلار   ئوبدان   ئوقۇسا  بولغىدەك.     
salkin mtv
چوققا [12 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 00:50 |
دەۋر
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 4361
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 2
شۆھرەت: 141 كىشىلىك
پۇل : 1869 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 149 نۇمۇر
قوللاش: 109 نومۇر
ئالقىش: 129 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 450(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-08-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-15
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

قىممىتى يوقىرى تېمىكەن ، ساقلىۋالاي .
salkin mtv
ئەلھەمدۇلىللا شۈكرى
چوققا [13 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 11:44 |
خىيالچان
نىشانىم ئۈچۈن.........
يازما يوللاش ئۇستىسى سەلكىننىڭ سادىق ئەزاسى ( يىگىت )
دەرىجىسى : كۆنگەن ئەزا


UID نۇمۇرى : 2798
نادىر تېما : 0
يازما سانى : 28
شۆھرەت: 272 كىشىلىك
پۇل : 20297656 سوم
تۆھپە: 0 ھەسسىلىك
ياخشى باھا: 1082 نۇمۇر
قوللاش: 752 نومۇر
ئالقىش: 496 كىشلىك
توردىكى ۋاقتى : 770(سائەت)
تىزىملاتقان ۋاقىت:2007-07-09
ئاخىرقى كىرگىنى:2009-04-14
خەت چوڭلىقى : كىچىك نورمال چوڭ

 

بۇرىتىڭىز گىتلىرنىڭكىگە  ئوخشامدۇ  قانداق   ... 8\NME4+G  
H*]?l RY-  
تىمىغا  مۇناسىۋەتسىز  گەپ  قىلىپ  سالدىم  ،  سىزنىڭ  ھەممە  تىمىلىرىڭىزنى چالا قويماي ئوقۇيمەن  ،.
[ بۇ يازماخىيالچانتەرپىدىن2009-03-13 16:07دە قايتا ت ]
salkin mtv
روھىنى  پاكلىغان  ئادەم  نىجات  تاپتى  ،.......
چوققا [14 - قەۋەت] ۋاقتى : 2009-03-13 15:48 |
كۆرۈلگەن تېما خاتىرىسى كۆرۈلگەن سەھىپە خاتىرىسى
  • «
  • 1
  • 2
  • »
  • Pages: 1/2     Go
سەلكىن مۇنبىرى » ئۇيغۇرلار